قۇرئاننى قانداق ئوقۇيمىز؟

wpid-wp-1420875498677.jpegئاپتورى: دوكتۇر ھۈسەيىن يىلماز


تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆزئۇيغۇر

. 
تەتقىقاتلار ۋە كۆزىتىشلەردىن مەلۇم بولدىكى، كۈنىمىزدە «قۇرئان كەرىم» خەلقىمىزنىڭ ئەڭ كۆپ ئوقۇيدىغان، ئەمما ئەڭ ئاز چۈشەنگەن كىتاپ بولۇپ قالماقتا. مۇسۇلمان تۈرك جەمىيىتىدە ئۆيىدە قۇرئان تېپىلمايدىغان ھېچكىم قالمىغانلىقىغا باقماي، قۇرئاننى چۈشۈنۈپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ نىسبىتى خېلىلا تۆۋەن دەرىجە بولماقتا.
قۇرئاننىڭ نازىل بولۇش مەقسىتى ۋە ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش مۇددىئاسى بىلەن جەمئىيىتىمىزنىڭ ئىچىدىكى مەۋجۇت ئەھۋال ئارىسىدا بىر سېلىشتۇرما ئېلىپ بېرىلسا، قۇرئاننىڭ ئانچە كۆپ چۈشۈنىلمەي ئوقۇلغىنىنى ۋە ئۇنىڭ بىزگە سۇنغان كىشىلىك ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىلىملەردىن يېتەرلىك پايدىلىنالماىغانلىقىمىزنى ئاسانلا چۈشۈنىۋالالايمىز.
نازىل قىلىنغان تۇنجى ئايەتلىرىدىن باشلاپ ئوقۇش-ئۆگىنىشنىڭ، بىلىمنىڭ، تىنچلىقنىڭ، ياخشى كۆرۈشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختالغان قۇرئان كەرىم، پۈتۈن مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن تەلەپ بويىچە ئوقۇلۇپ، يېتەرلىك چۈشۈنىلگەن بولسا، بۈگۈن جەمىيىتىمىزدە كېڭىيىۋاتقان ئىشەنچسىزلىك، خاتىرجەمسىزلىك، سۆيگۈ ۋە سۆھبەت كەملىكى، ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكىدىكى ۋەزىيىتىمىز بۇ ھالدا بولماس ئىدى. ئىسلام دۆلەتلىرى دىگەن چۈشەنچە زوراۋانلىق ۋە تېرورلۇق چۈشەنچىسى بىلەن بىرلىشىپ قالماس ئىدى. قۇرئان تەلەپكە لايىق چۈشۈنىلگەن بولسا ئىسلام دۇنياسى دەپ ئاتالغان جەمئىيەتلەردە ئايرىمچىلىق، قانۇن بۇزۇغۇنچىلىقلىرى، مەدىنىيەتسىزلىك ھوسۇلى بولغان قان دەۋالىرى، ئەخلاقسىزلىق جىنايەتلىرى، زۇلۇم، پاھىشە، بولاڭچىلىق، پارىخورلۇق،يولسىزلىق،ئالدامچىلىق قاتارلىق جىنايەتلەر بۇنچىلىك كەڭ تارقالمىغان بولاتتى. چۈنكى يۇقىردا تىلغا ئالغان بۇ ئىشلار قۇرئان نازىل بولىۋاتقان مەزگىلدە مەككە جەمئىيىتىدىمۇ يايغىن ئىدى.
پەقەت، ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇ بۇزۇلغان، چىرىشكە يۈز تۇتقان جەمئىيەت، قۇرئاننىڭ نۇرلاندۇرۇشى بىلەن ئۇزۇن ئۆتمەي مەدەنىي بىر جەمئىيەت ھالىتىگە قايتالىغان ئىدى.
اللە (ج.ج) بىزگە «قۇرئان كەرىم» دەك بىر گۆھەر ئەۋەتكەن، ئەپسۇس بىز ئۇنى يېتەرلىك تونۇيالمىدۇق ۋە ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىنغاندەك پايدىلىنالمىدۇق. بۇ مۇلاھىزىدىن كىيىن، «قۇرئان كەرىم» نىڭ نىمە ئۈچۈن نازىل قىلىنغىنى، كۈنىمىزدە قايسى مەقسەتتە ئوقۇلغانلىقى، قانداق ئوقۇش كېرەكلىكى ئۈستىدە توختالماق زۆرۈر.
بىرىنچى، «قۇرئان كەرىم» نىمە ئۈچۈن نازىل قىلىندى.
بۇ سوئالغا بېرىلىدىغان ئەڭ توغرا جاۋاپ، قۇرئان تەرىپىدىن مۇنداق شەرھىلەنگەن:
«بۇ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ھېچ شەك يوق، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر» بەقەر /2
«رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر» بەقەر / 185
«… سىلەرگە ﷲ تەرىپىدىن نۇر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) كەلدى (15) ﷲ شۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى سالامەتلىك يوللىرى (ﷲ نىڭ شەرىئىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى) غا يېتەكلەيدۇ، ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفرى) قاراڭغۇلۇقىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ(16)» مائىدە /15،16
«(بۇ) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۈر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز-نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر» ساد /29
«بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ» ئىسرا / 9
ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزمۇ ۋاپاتىغا يېقىن ۋىدالىشىش نۇتىقىدا: «مەن سىلەرگە ئىككى نەرسە قالدۇرۇپ قويدۇم. ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسلساڭلار توغرا يولدىن ئازمايسىلەر. ئۇلار ﷲ نىڭ كالامى ۋە مېنىڭ سۈننىتىمدۇر» (ئىمامى مالىك،مۇۋەتتا، قەدەر 3،) دەپ، مۇسۇلمانلارغا قۇرئان ۋە سۈننەتنى چۈشۈنۈپ ياشاشقا ئىشارەت قىلغان.
كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىش مەقسىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆزلىرىدە تەكىتلەنگەن ئورتاق نوقتا، ھىدايەت يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەت بەختىدۇر، ئازاپتىن قۇتۇلۇپ راھەتكە ئېرىشىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن «قۇرئان كەرىم» نى ئىنسانلارغا يارىتىلىش غايىلىرىگە ئۇيغۇن ياشاشىنىڭ يولىنى كۆرسەتكەن بىر كىتاپ دەپ تونۇيمىز.
قۇرئان، توغرا ئىمان كەلتۈرۈش، ئەخلاقىمىزنى گۈزەللەشتۈرۈش، بىزنى ياراتقۇچىنىڭ دەرگاھىدا ھۆرمەتلىك قىلغان ئىبادەتلىرىمىزنى ئۇسۇلىغا ئۇيغۇن ۋە تەلەپكە لايىق قىلىشىمىزنى بايان قىلىش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ساغلام داۋاملاشتۇرۇش قائىدىلىرىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان بىر كىتاپتۇر.
قۇرئان كەرىم تەتقىق قىلىنغاندا، توغرا ئىمان كەلتۈرۈشنى ئۆگەتكەن تەۋھىد ئاساسلىرى، ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ، ئەقىلنى ئىشلىتىپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى، ئىبادەتلەر، ئەخلاق، ئائىلىدىن باشلاپ ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىدە يولۇققان كىشىلەرگە بولغان مۇھەببەت، ھۆرمەت، سۆھبەتلەرنىڭ تەرزى، كۆك، يەر ۋە بۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى مەۋجۇداتلارنىڭ يارىتىلىشىغا دائىر ئىلمىي بايانلار، ئۆتكەن قەۋم- مىللەتلەرنىڭ ئىبرەتلىك ھېكايىلىرى، ئۆلۈم ۋە ئۇندىن كېيىنكى ھايات، ۋە تېخىمۇ كۆپ مەۋزۇلاردا بىزلەرنىڭ كۆزلىرىمىزنى يورۇتقۇچى بىلىملەرنىڭ يەر ئالغانلىقىنى كۆرىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىش مەقسىتى دۇنيا دىگەن مۇشۇ سەييارىدا بىزگە بېرىلگە ئۆمۈر ئىچىدە راھەت ۋە بەختلىك ھايات كەچۈرىشىمىزنى، مەڭگۈلۈك ھايات دىگەن ئاخىرەتتە ھەم بەختكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.
ئىككىنچى، قۇرئان كۈنىمىزدە نىمە مەقسەتتە ئوقۇلماقتا؟
كۆزىتىش ۋە تەتقىقاتلىرىمىزغا قارىغاندا قۇرئان كەرىمنىڭ ئومۇمەن مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن تۆۋەندىكى مەقسەت ۋە نىيەتلەردە ئوقۇلىۋاتقانلىكى مەلۇم.
(1) سىھىر ۋە كۆز تېگىشتىن ساقلىنىش، سىھىر قىلىش، پال بېقىش ئۈچۈن ئوقۇش.
قۇرئاننىڭ بۇ شەكىلدە ئوقۇلىشى جەمئىيىتىمىزدە بەكمۇ يايغىندۇر.
سىھىر قىلىش، ياكى پال بېقىش ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇش، بەزى ئايەتلىرىنى يېزىش ئۇنىڭ نازىل قىلىنىش مەقسىتىگە قەتئىي ماس كەلمەيدۇ. سىھىر ياكى پال باققانلار يەنە بىر مەنىدىن قۇرئاننى بىلىمىسىز كىشىلەرنى ئۆزىگە قارىتىش قورالى قىلىپ پايدىلانماقتا. بۇ ھال قۇرئان ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ھەقسىزلىكتۇر.
(2) شىپا نىيىتىدە كېسەللەگە ئوقۇش.
ئىسلامنىڭ ئاغرىقلار ئۈچۈن كۆرسەتمىسى، دوختۇرغا كۆرۈنۈش، دورا ئىشلىتىش، تىبابەت ئامالسىز قالغان ئاغرىقلارغا ﷲدىن شىپالىق تىلەپ دۇئا قىلىشتۇر. بۇ كېسەللەر ئۈچۈنمۇ پىسخىك راھەتلىك بېرىدۇ. ئەمما شىپا بولىدۇ دەپ قۇرئان ئايەتلىرىنى ھەر خىل شەكىلدە يېزىش، قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىش مەقسىتىن تاشقىرى خاتا مەقسەتلەر ئۈچۈن ۋاستە قىلىش قەتئىي ئۇيغۇن بولمايدۇ.
(3) مەرھۇملارنىڭ روھىنى شادلاندۇرۇش ئۈچۈن ئوقۇش.
بالىلىرىغا قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگەتمەكچى بولغان ئاتا- ئانىلارنىڭ كۆپىنچىسى، ئۆزلىرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ روھلىرىغا قۇرئان ئوقۇيدىغان بىرەرسىنىڭ بولۇشىنى مەقسەت قىلغان. ئۆلۈپ كەتسەك ھىچ بولمىسا روھىناتىمىزغا فاتىھە ئوقۇيدۇ دىگەن قاراش جەمئىيىتىمىزدە كەڭ تارقالغان. ئەمەلىيەتتە تەربىيىلىگەن بالىمىزدىن بالدۇر كېيىن ئۆلۈپ كېتىشىمىزنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. بۇ خىل چۈشەنچە قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىش مەقسىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇنىڭ ئورنىغا بالام ئوقۇسۇن، دىنىنى ئۆگەنسۇن،ﷲنىڭ قۇللىرىغا چۈشۈرگەن ئۇلۇغ كىتاپنى چۈشەنسۇن، ئۇنىڭ تەلەپ قىلغانلىرىنى ئادا قىلىپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەت بەختىگە ئېرىشسۇن، بىزگىمۇ دۇئا قىلسۇن دەپ چۈشەنسە ئەڭ توغرا ۋە مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولىدۇ.
ئۆلۈكلەرگە قۇرئان ئوقۇش توغرىسىدا ﷲ شۇنداق دىگەن: «سەن ئۆلۈكلەرگە ۋە يۈز ئۆرۈگەن گاسلارغا دەۋەتنى ئاڭلىتالمايسەن»
ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز ۋە ساھابىلەردىن ئۆلۈكلەرنىڭ ئارقىسىدىن قۇرئان ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلغان سەھىھ بىر رىۋايەت يوق. بۇ ئادەتلەرنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىمالى مۇنداق بولۇشى مۈمكىن: ئوقۇلغان قۇرئاندىن ئوقۇغۇچى ۋە تىڭشىغۇچى بىرنەرسە ئۆگىنىپ، چۈشۈنۈپ، پايدىلانسا، بۇنىڭغا سەۋەپ بولغان مەرھۇم ۋۇجۇتقا كەلگەن ساۋاپتىن پايدىلىنىدۇ. يەنى ئەسلى مەقسەت تېرىكلەرنىڭ قۇرئاننى چۈشۈنىشىدۇر. بولۇپمۇ،جىنازا نامىزى ۋە دەپنىلەردە كىشى بەك ھاياجانلىنىدۇ. ئۆلگەنلەرگە قاراپ دۇنيا ھەلەكچىلىگىدىن سوۋۇغان بىر ئىنسان تەبىئىي ھالدا ئۆزىدىن ھىساپ ئېلىشقا باشلايدۇ. تازا تەسىرلىنىپ تۇرغاندا ئوقۇلغان ۋە يەتكۈزۈلگەن قۇرئان مەزمۇنلىرى ئىنساننىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇرىدۇ. بۇمۇ كىشىنىڭ قۇرئاننى چۈشۈنىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋال. ئەمما بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا ئۆلگەنلەردىن ئىبرەت ئېلىۋاتقان ساق كىشىلەرنىڭ قۇرئان مەزمۇنلىرىدىن تەسىرلىنىشىدۇر. مەسىلەن، مازاردا ئوقۇلغان ناماز، روزا، زاكات، ۋە سەدىقەگە دائىر ئەمىرلەر بىلەن، ياكى زۇلۇم، زىنا، ئوغرىلق، ئەخلاقسىزلىق، يولسۇزلۇق، كىشى ھەقلىرى قاتارلىق ئايەتلەر ئوقۇغۇچىغا ۋە تىڭشىغۇچىغا شۇ مەنىنى بېرىدۇ: شۇ ئۆلگەن كىشىنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىل ۋە ھاياتىڭنىڭ قالغان قىسمىنى قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان شۇ نەتىجىنى چۈشۈنۈپ ياشاشقا تىرىش. ئەكسىچە، ئۆلۈكلەر ئۈچۈن قۇرئان سۆزلەيدىغان ھىچنەرسە قالمايدۇ. چۈنكى قۇرئان تېرىكلەرگە چۈشۈرۈلگەن ۋە ئۇلارغا بەلگىلىك مەسئۇلىيەت يۈكلىگەن بىر كىتاپ.
دۇنيادىن كەتكەن تۇققانلىرىنىڭ روھىنى خوشال قىلىش ئۈچۈن ھەق بىرىپ ئادەم ياللاپ خەتمە قۇرئان قىلىشنىڭ قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىش مەقسىتى بىلەن ھىچبىر ئالاقىسى يوق. ناتوغرا نىيەت بىلەن قۇرئان ئوقۇشنى چەكلىگەن رەسۇلىللاھ ئەلەيھىسسالام شۇنداق دەيدۇكى:«ئۇ قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈمەڭلار، خاتا چۈشەنچە بىلەن ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار، ئۇنى قۇساق تويغۇزۇش ۋە تىجارەتتە قورال قىلىپ باي بولۇشقا ئورۇنماڭلار»
ئۆلۈپ كەتكەن يېقىنىغا ساۋاپ بېغىشلىماقچى بولۇپ، بۇنىڭ دۇرۇسلىقىغا ئىشەنگەندە باشقىلارغا ھەق بېرىپ قۇرئان ئوقۇتقاننىڭ ئورنىغا، شۇ كىشىنىڭ ئۆزى قۇرئان ئايەتلىرىدىن ئوقۇپ ساۋابىنى بېغىشلىشى ياكى ئىچىدىن كەلتۈرۈپ دۇئا قىلىشى تېخىمۇ توغرا بولىدۇ.
(4) ئىبادەتلەردە ئوقۇش زۈرۈر بولغاچقا ئوقۇش.
ھەممىمىزگە ئايانكى، قۇرئاننى ئوقۇشنىڭ ئۆزى بىر ئىبادەتتۇر. بولۇپمۇ ناماز قاتارلىق بەزى ئىبادەتلەردە قۇرئان ئوقۇش شەرت. قۇرئانسىز ناماز ناماز بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ناماز ئوقۇيالىغىدەك دەرىجىدە قۇرئان سۈرە، ئايەتلىرىنى يادلىشى پەرز ھېساپلىنىدۇ.
(5) ساۋاپ تېپىش ئۈچۈن ئوقۇش.
ئىبادەتلەردىن سىرت قۇرئان ئوقۇش ساۋاپلىق بىر ئىش. ھەمدە ئوقۇلغان ھەر جۈملىسىگە، ھەر سۆزگە ھەتتا ھەر بىر ھەرپكە ساۋاپ يېزىلىدۇ. ساۋاپنىڭ مىقدارى ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇغىنىنى چۈشۈنىشىگە بېقىپ ئارتىدۇ. قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي پەقەت ساۋاپ تېپىش ئۈچۈنلا ئوقۇش بىرتەەپلىمىلىك بولىدۇ. قۇرئان كەرىم ساۋاپ دەپتىرىمىزنى توشقۇزۇش ئۈچۈنلا چۈشۈرۈلمىگەن. ئۇ بىزگە مەسئۇلىيەت يۈكلىمەكتە. ساۋاپ تېپىش ئۈچۈنلا قۇرئان ئوقۇش، ئۇنىڭ بىزگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئۇنۇتتۇرىدۇ. شۇنداقلا، قۇرئان ئوقۇپ تاپىدىغان ساۋاپنىڭ ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنۈش دەرىجىمىزگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك.
(6) ئوقۇپ ياكى تىڭشاپ ھوزۇر ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇش.
قۇرئان باشقا كىتاپلاردىن پەرقلىق ھالدا، ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىسىمۇ ئوقۇغۇچىغا ۋە تىڭشىغۇچىغا مەنىۋى ھوزۇر بېرىدۇ، ناھايىتى ئۇلۇغ تۇيغۇلارنى ھىس قىلدۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بىئاراملىقلارغا قارىتا كىشىلەرگە پىسخولوگىيەلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا دائىم قۇرئاننى ئاۋازلىق ئوقۇش ۋە تىڭشاش ھەم ئىبادەت ھەم مۇسۇلمانلارغا ھوزۇر بېرىدىغان شاتلىق ۋاستىسى.
(7) ھەقىيقى مەنىسىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ئوقۇش.
بۇ قۇرئاننىڭ روھىغا ۋە نازىل قىلىنىش مەقسىتىگە ئۇيغۇن بولغان ئوقۇشتۇر. خۇسۇسەن يېقىنقى ۋاقىتلاردا قۇرئاننى بۇ مەقسەتتە ئوقۇش نىسبىتى ئاشماقتا. بەزى ياشلىرىمىز يانچۇققا پاتىدىغان قۇرئان تەرجىمىلىرىنى يانلىرىدىن ئايرىمايدىغان بولۇشتى. رەسۇلىللاھ بىزگە «قۇرئان ئوقۇڭلار، ئۇنىڭ پىرىنسىپلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇڭلار» دەپ تەۋسىيە قىلغان. شۇنداق بولسىمۇ بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ ياشلارغا سىلەر قۇرئاننى چۈشۈنەلمەيسىلەر،شۇڭا ئۇستازنىڭ كۆرسەتمىسىسىز قۇرئان ئوقۇش توغرا ئەمەس دىگەن تەنبىھلىرى دىنىىي ۋە مەنتىقە ئىتىبارى بىلەن توغرا ئەمەس. ئەلۋەتتە، ھەر بىر شەخسنىڭ قۇرئاننىڭ ھەممىسىنى ئەرەپچىسى ياكى تەرجىمىسدىن تولۇق ۋە توغرا چۈشۈنىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ، ھەر مۇسۇلماننىڭ ئۆز بىلىمى،ئەقلى تەپەككۈرىگە لايىق قۇرئاننىڭ مەنىلىرىنى ئۆگۈنۈپ ۋە چۈشۈنىشى بەك مۇھىم.
قۇرئان كەرىم اللە نىڭ سۆزى بولغاچقا ئۇنىڭغا ھۆرمەت كۆرسىتىش مۇھىم بولغان بىر كىتاپ. ئەمما، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمىز ئۇنى چۈشۈنىشىمىزگە توسالغۇ بولماسلىقى كېرەك.
ئۈچىنچى، قۇرئاننى قانداق ئوقۇش كېرەك؟
(1) اللە نىڭ سۆزى دىگەن چۈشەنچە بىلەن ئوقۇش:
قۇرئان ئوقۇغان كىشى يەنە بىر مەنىدىن ئالغاندا اللە بىلەن سۆزلىشىۋاتىدۇ دىگەنلىك بولىدۇ. بۇ خىل تۇيغۇغا كېلىش، قۇرئان مەزمۇنلىرىنىڭ كىشىنى ئاگاھلاندۇرىشى جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم.
(2) مەنىسىنى چۈشۈنۈش نىيىتى بىلەن ئوقۇش:
قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشۈنىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە غەيرەت قىلساق ئۇنىڭ مەمۇنلىرىنى ياخشى چۈشۈنەلىشىمىزگە چوقۇم ئىشىنىشىمىز كېرەك. ئەر ۋە ئايال ھەممەيلەننىڭ قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنشى بىر مەسئۇلىيەتتۇر.
(3) قۇرئان ئوقۇۋاتقاندا تىل، دىل، ۋە ئەقىل بىرلىككە كەلگەن بولۇشى لازىم.
قۇرئان ئوقۇۋاتقاندا تىلنىڭ ئوقۇغىنىنى كۆڭۈلدە ئەكس ئېتىشى ۋە ئەقىل بىلەن مۇلاھىزە قىلىپ چۈشەنچە، تونۇش ھاسىل قىلىش لازىم.
(4) قۇرئاننى دانە-دانە ئوقۇش كېرەك.
اللە قۇرئاننىڭ ئوقۇلۇش تەرزى ھەققىدە رەسۇلىللاھ قا خىتاپ قىلىپ شۇنداق دىگەن:«قۇرئاننى كىشىلەرگە دانە – دانە ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئۇنى بۆلۈپ – بۆلۈپ نازىل قىلدۇق، ئۇنى تەدرىجىي نازىل قىلدۇق». (ئىسرا /106).
قۇرئاننى ھەقىقى مەنىسى بىلەن ئوقۇش، ئايەتلەرنىڭ لەبزىنى ئوقۇپلا ئۆتۈپ كېتىش ئەمەس، ئايەتلەر ھەققىدە ئويلىنىپ، مەزمۇنىنى چۈشۈنىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن ئىبارەتتۇر. مۇزەممىل سۈرىسىدە «قۇرئاننى تەرتىل بىلەن ئوقۇغىن» دىيلگەن. تەرتىل ئالدىرىماي،توختاپ توختاپ، ئۇسۇلىغا ئۇيغۇن ۋە چۈشەنگەن ھالدا ئوقۇش دىمەكتۇر. تىز ئوقۇلغاندا مەزمۇنلىرىنى ياخشى چۈشۈنۈپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇڭا رەسۇلىللاھ قۇرئاننىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشتن ئاخىر تامام قىلىنىشى ئۇيغۇن كۆرمىگەن. ( تىرمىزى، قىرائەت بابى،12؛ ئەبۇ داۋۇد، رامازان،8-9). مەنبەلەردە رەسۇلىللاھنىڭ بىر ئايەتنى ئوقۇپ تاڭ ئاتقۇزغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ( ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 149). ئۇ ئايەتلەرنى دانە دانە، توختىلىپ، ئويلىنىپ، بەزىدە يىغلاپ تۇرۇپ ئوقۇيتتى. رەھمەت ئايەتلىرىگە كەلگەندە اللەدىن رەھمەت تىلەيتتى، ئازاپ ئايەتلىرىدە اللە غا سىغىناتتى. رەسۇلىللاھنىڭ تەربىيىسىدە يېتىشكەن ساھابىلارمۇ ئاۋال ئاۋال ئون ئايەت ئۆگۈنۈپ، ياخشى چۈشۈنۈپ بولغاندىن كىيىن قالغان ئايەتلەرنى ئۆگۈنەتتى.( مۇھەممەد بىن ئەبۇبەكىر ئىنبى قەييۇم ئەل جەۋزىييە. زادۇئى مەئاد، بېيرۇت، 1987،1،338)5
(5)ئۆگىنىلگەن قۇرئان بىلىملىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش لازىم.
مۇسۇلمان بىر كىشىنىڭ ئۆگەنگەن قۇرئان بىلىملىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشى بىر خىل مەسئۇلىيەتتۇر.
(6) باشقىلار قۇرئان ئوقۇۋاتقان بولسا ئۇنى تىڭشاش لازىم.
اللە قۇرئاندا «قۇرئان ئوقۇلغاندا ئۇنى تىڭشاڭلار» دىگەن. رەسۇلىللاھمۇ بەزى ساھابىلەرنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنى تەلەپ قىلاتتى ۋە ھوزۇر بىلەن تىڭشايتتى. ئۇنىڭ كۆپرەك ئىبنى مەسئۇددىن قۇرئان تىڭشىغىنى رىۋايەت قىلىنغان.
(7) قۇرئاندىن ئۆگىنىلگەن مەزمۇنلارنى ئەمەلىي تۇرمۇشقا تەدبىقلاش لازىم.
قۇرئان مەزمۇنلىرىنى تۇرمۇشىمىزغا تەدبىقلىمىساق ئۇنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ ۋە بارا بارا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ.
(8) قۇرئان ۋە تەرجىمە – تەپسىرلىرىنى ئوقۇشتا ئىزچىلىققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكتۇر.
ھەر بىر مۇسۇلمان ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن ھەر كۈنى قۇرئان ئوقۇشقا ئادەتلىنىشى، ئەرەپچىسىنى بىلمىسە تەرجىمە – تەپسىرىنى بولسىمۇ ئوقۇشى لازىم. شۇنداقلا ئۆيدە قۇرئان ۋە تەرجىمە – تەپسىر ساقلاش لازىم. يېڭى توي قىلغانلارغا، دوستلارغا، بالىلارغا، يېڭى مۇسۇلمان بولغانلارغا، قۇرئان ھەدىيە قىلىشنى بىر ئەنئەنىگە ئايلاندۇرۇش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ۋە ساۋاپلىق ئىش.
دوكتۇر ھۈسەيىن يىلماز
تۈركىيە جۇمھۇرىيەت ئۇنۋېرستىتى ئىلاھىيەت فاكولتىتى
تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆزئۇيغۇر