جاھىلىيەت ئەھلى قەدەرچى ئىدى

 قەدەر رىسالىسى قەلەمگە ئېلىنغان ۋاقىتتا، « سۈننەت » ئۇقۇمى كېيىنكى زامانلاردا ئىگە بولغان مەنىنى ئىپادىلىمەيدىغان بولسا كېرەككى، ئەلبەسرى رىسالىسىدە « ئەل – كىتاپ ۋەسسۈننە ( كىتاپ ۋە سۈننەت) » ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىغا « ئەل – كىتاپ ۋەررەسۇل ( كىتاپ ۋە رەسۇللار ) » ئاتالغۇسىنى ئىشلەتكەن. بۇ ناھايىتى مۇۋاپىق بولغان. چۈنكى ھىجىريە 93 – يىلى دۇنياغا كېلىپ، 179- يىلى ۋاپات بولغان ئىمام مالىكمۇ « سۈننە » سۆزىنى ئايرىم ھالدا ئەمەس، « مەدىنە ئەھلىنىڭ سۈننىتى »، « نەبىنىڭ سۈننىتى » دېگەندەك بىرىكمە سۆزلەر ئىچىدە ئىشلەتكەن. كۈنىمىزدىكى مەنىسى كېيىنچە ئىمام شافىئى تەرىپىدىن ئىستىلاھ ( كەسپى ئاتالغۇ )لاشتۇرۇلغان.

ئەلبەسرى، ئەمەۋىلەرنىڭ يۆلىشى بىلەن دۆلەت ئىدىئولگىيىسىگە ئايلاندۇرۇلغان قەدەر چۈشەنچىسىنىڭ يىلتىزنىڭ جاھىلىيەتكە ئائىت ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلەتتى. ئۇنىڭ رىسالىسىدە تۆۋەندىكى ئايەتنى تىلغا ئېلىشى بۇنىڭ دەلىلى:

ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) بىرەر يامان ئىشنى قىلغان چاغلىرىدا: « ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدۇق، ئاللاھ بىزنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان » دەيدۇ (ئەئراف، 28).

ئايەتتىكى ئۇستى يېپىق ئىشارەتنى ئايەت ئۈستىدە تەپەككۇر قىلماي تۇرۇپ چۈشەنگىلى بولمايدۇ. « ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدۇق » جۈملىسى بىلەن، « ئاللاھ بىزنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان » جۈملىسى ئوتتۇرسىدىكى  « و ( ۋاۋ ) » ئىزاھلىغۇچى سۈپىتىدە ئوقۇلىشى كېرەك. بىز ئۇ « و »نى « دېمەككى » دېگەن مەنىدە ئالدۇق. ئايەتكە ئاساسەن مۇشىرىكلار شېرىكلىرىنى مۇنداق ھىمايە قىلماقتا ئىدى: « ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ ياشاش شەكلى / تۇرمۇش ئادىتى ئاللاھ نىڭ قازايى – قەدەرىدۇر، دېمەك بۇنىڭ ئاللاھ نىڭ ئەمرى ئىكەنلىكىگە قارىغاندا، بىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىشىمىز ناھايىتى نورمال بىر ئەھۋال ».

تۇنجى قەدەرچى « سېنىڭ مېنى ئازدۇرغانلىقىڭدىن ئۇلار ( ئادەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا ۋەسۋەسە قىلىش ) ئۈچۈن چوقۇم سېنىڭ توغرا يولۇڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن » ( ئەئراف، 16 ) دېگۈچى دەل ئىبلىس ئىدى. چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ئاللاھ نىڭ ئازدۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئۇ مۇشۇنداق قىلىش بىلەن شەيتانلاشقان بولسا، ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۆز خاتالىقىنىڭ مەسئۇليىتىنى ئېتىراپ قىلىپ تەۋبە قىلدى ۋە « ئادەم » بولدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تاللىشىنىڭ مەسئۇليىتىنى رەت قىلغان شەيتان، گۇناھىنىڭ بويۇنتۇرىقىدىن قۇتۇلالمىدى؛ تاللىشىنىڭ مەسئۇليىتىنى ئېتىراپ قىلغان ئادەم ئەلەيھىسسالام تەۋبە قىلىپ گۇناھىنى تىزگىنلىدى.

شەيتاننىڭ قەدەرچىلىكى جاھىلىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. قۇرئان بەرگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، جاھىلىيەت مۇشرىكلىرى مۇنداق دېيەلىگۈدەك دەرىجىدە قەدەرچى ئىدى:

مۇشرىكلار: « ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى بىز ۋە ئاتا بوۋىلىرىمىز شېرىك كەلتۈرمەيتتۇق » ( ئەنئام، 148؛ نەھىل، 35 ).

جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ئەرەپ بەدەۋىلىكى بىلەن قەدەر ئەقىدىسى ئوتتۇرسىدا زىچ مۇناسىۋەت بار. چۆل ھاياتى سىزنى بىردەمدىن كېيىنلا قايسى خەتەرنىڭ سىزنى كۈتۈپ تۇرۋاتقانلىغىنى بىلگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە خېيىم – خەتەر ۋە قېيىنچىلىق بىلەن تولغان بىر ھاياتتۇر. تۇيۇقسىزلا بىر يىلان چېقىشى، توساتتىن بوران چىقىپ ئۈستى بېشىڭىزنى قۇم بارخانلىرى بىلەن كۆمۈۋېتىشى ۋەياكى گۈلدۈرماما ۋە چاقماق بىپايان چۆلدە تىكەندەك يالغۇز تۇرغان سىزنى سوقۇۋېتىشى مۇمكىن. ئەسلىدە قەدەرچىلىكنىڭ، ھاياتى جاپا – مۇشاقەت ئىچىدە ئۆتىدىغان ۋە مەجھۇللۇق بىلەن تولغان بىر بەدەۋى ئۈچۈن تەسەللى بېرىدىغان بىر ئالاھىدىلىگىمۇ بار ئىدى. بۇ سەۋەپتىن بىر كىشىنىڭ ئۆزىدىن نېمە ئۈچۈن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى، بەدەۋىلەر « پۈتۈك – كىتاپ (پىشانىسىگە يېزىلغان) » دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئىزاھلاپ تەسەللى تاپاتتى ( « ئىقدۇل فەرىد »، II، 377 ). بۇ جەھەتتە، ئىبن ئابدىراببىھ مۇنداق جەمىئىيەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن مۇنداق دەيدۇ: « ئەرەپلەر ئىچىدە قەدەرنى قوبۇل قىلمايدىغان ھېچكىم چىقىپ باقمىغان »  ( « ئىقدۇل فەرىد »، II، 280 ).

ئەسلىدە، « قازا ۋە قەدەر »دىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم، قۇرئاندا ھېچبىر يەردە بۇ شەكىل ۋە مەنىدە ئىشلىتىلمەيلا قالماستىن، ئۇقۇم سۈپىتىدىمۇ قۇرئاندا بۇ شەكىلدە تىلغا ئېلىنمايدۇ. بىراق جاھىلىيەت دەۋرىدە كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلەتتى. « قازا ۋە قەدەر »نىڭ جاھىلىيەتتىكى مەنىسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنۈش ئۈچۈن، جاھىلىيەت شېئىرلىرىغا قاراپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئانتەرە بىن شەدداد ( 525 – 615 ) بىر شېئىرىدا مۇنداق دەيدۇ:

أدافع الحادثات فيك / ولا أطيق دفع القضاء و القدر

تەرجىمىسى:

بېشىڭغا كېلىدىغان ھادىسىلەردىن قوغدايمەن سېنى،

بىراق دەپئى قىلالمايمەن سەندىن قازا ۋە قەدەرنى.

يەنە ئانتەرە، بەنى زۇبەيد دىيارىغا كېتىۋېتىپ مەشۇقى ئەبلەگە مۇنداق نىدا قىلغان:

يا عبل يهنئك ما يأتيك من نعم / إذا رماني على أعدائك القدر

تەرجىمىسى:

ئى ئەبلە ھالال بولسۇن ساڭا نىسىپ بولغان نېئمەتلەر،

قاچانكى دۈشمەنلىرىڭ ئۈستىگە سالسا مېنى قەدەر.

قەدەر كەلىمىسىنىڭ قۇرئاندىكى بارلىق ئىشلىتىلىش شەكلى ۋە مەنىسىنى « ھەقسىزلىق ۋە زۇلۇم ئاللاھ نىڭ قازائى – قەدەرى ئەمەس » ماۋزۇسىدا بايان قىلغان ۋە بۇ كەلىمىنىڭ قۇرئاندا ئىنسانغا نىسبەت قىلىنمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتكەنىدۇق.

جاھىلىيەتتە قەدەر « قىسمەت، تەلەي، نىسىپ » مەنىسىدە ئىشلىتىلەتتى. « قەدەر » كەلىمىسى قۇرئاندا ھېچقانداق بىر جايدا بۇ مەنىلەردە ئىشلىتىلمەيدۇ. « قەدەر »نىڭ كۈنىمىزدە ئاۋام ئېڭىدىكى مەنىسىمۇ « قىسمەت، تەلەي، بەخت » بولۇپ، بۇ مەنىلەر قۇرئاندا « تىيارە / تاير ۋە دەھر » كەلىمىلىرى بىلەن ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن، ياسن سۈرىسىدە ئازغۇن قەۋم بىلەن ئەلچىلەرنىڭ « قەدەر » چۈشەنچىسىدىكى زىتلىقىنى « قىسمەت، تەلەي، بەخت » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « تاير » كەلىمىسى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. ئازغۇن قەۋم ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغۇچىلارغا « بىزگە شۇملۇق ئېلىپ كەلدىڭلار » دەيدۇ ( 18 ). ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغۇچىلار « شۇملۇقۇڭلار ئۆزەڭلاردا » دەپ جاۋاپ بەرمەيدۇ. نېمە دەيدۇ؟ « بەختىڭلار / تەلىيىڭلار / قەدەرىڭلار تاللىشىڭلارغا باغلىقتۇر » دەپ جاۋاپ بېرىدۇ:

قَالُوا طَآئِرُكُمْ مَعَكُمْۜ اَئِنْ ذُكِّرْتُمْۜ بَلْ اَنْتُمْ قَوْمٌ مُسْرِفُونَ

( ئەلچىلەر ) ئېيىتتىكى: « شۇملۇقۇڭلار / تەلەيسىزلىكىڭلار سىلەرنىڭ تاللىشىڭلارغا مۇناسىۋەتلىكتۇر. سىلەرگە ۋەز – نەسىھەت قىلىنغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق ( بېشىمىزغا مۇسىبەت كەلدى ) بولدى ( دەپ قارامسىلەر )؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئەسلىدە سىلەر ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر » ( ياسن، 19 ).

قۇرئاندا « ئىلاھىي ئۆلچەم، قىممەت، مىقدار، مۇددەت، قانۇن – مىزان ۋە كۈچ » مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن « قەدەر » كەلىمىسىنى، جاھىلىيەت چۈشەنچىسى ئۇنى قۇرئانى مەنىسىدىن ئايرىپ، قايتىدىن جاھىلىيەت مەنىسىگە باغلىغان. شۇنىڭ بىلەن قۇرئان « قەدەر » ئۇقۇمىغا بەرگەن مەنىنىڭ ئورنىنى جاھىلىيەتتىكى مەنىسى ئالغان. بۇ جاھىلىيەتتىكى مەنىنىڭ مۇسۇلمانلار ئېڭىدا ئورۇن ئېلىشى ئۈچۈن، رىۋايەت مەدەنىيىتىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلۈپ ئىسلام چۈشەنچىسى ئىچىگە ئېلىپ كىرىلگەن. قەدەر ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىققان رىۋايەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى، قۇرئاننىڭ بۇ ھەقتىكى بايانىغا زىت كېلىدۇ. بۇ خىل رىۋايەتلەر قۇرئان بىلەن بەسىلىشىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئاۋامنىڭ چۈشەنچىسىنى شەكىللەندۈرۈشتە، توقۇپ چىقىلغان رىۋايەتلەرنىڭ قۇرئان ئايەتلىرىگە قارىغاندا، تەسىرىنىڭ چوڭ بولغانلىقى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئاچچىق بىر ھەقىقەت. بۇنىڭ پىسخىك – ئىجتىمائىي سەۋەپلىرى تەتقىق قىلىنىشقا تېگىشلىك ئايرىم بىر تېما.

« قازا » ئۇقۇمىنىڭ جاھىلىيەتتىكى مەنىسىنى قۇرئان بىكار قىلغان بولۇپ، بۇ كەلىمىنى ئاتالغۇ بولۇشتىن چىقىرىپ بىر سۆزلىك ھالىغا كەلتۈرگەنىدى. قازا  – « مۇھاتابىنى مەجبۇر قىلغان ھۆكۈم، بىر نەرسىگە مەھكۇم قىلىش » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىبنۇل مۇرتەزانىڭ « ئەل مۇنيە » ناملىق ئەسىرىدە نەقىل قىلىنغان بىر ۋەقە، قۇرئاننىڭ « قازا » كەلىمىسىگە بەرگەن مەنىسنى ئەڭ يارقىن شەكىلدە كۆرسىتىپ بەرمەكتە:

« ھەزرىتى ئەلىگە ياشىنىپ قالغان بىر كىشى كېلىپ مۇنداق دېگەن:

  • ئۇنداقتا، بىزنى مەجبۇر قىلغان قازا ۋە قەدەر نېمە؟ ھەزرىتى ئەلى:
  • ئۇ، ئاللاھ نىڭ ئەمرى ۋە بۇيرىقىدۇر، دەپ جاۋاپ بەرگەن ۋە تۆۋەندىكى ئايەتنى ئوقۇغان:

وَقَضَى رَبُّكَ أَلاَّ تَعْبُدُواْ إِلاَّ إِيَّاهُ –  رەببىڭلار پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى بۇيرىدى / ھۆكۈم قىلدى » ( ئىسرا، 23 ).

ھەسەن ئەلبەسرىمۇ ھەزرىتى ئەلى بىلەن ئوخشاش چۈشەنچىدە ئىدى. ھەر ئىككىسى « قازا ۋە قەدەر »نى « ئاللاھ نىڭ ئەمرى ۋە نەھيى ( چەكلىمىسى )، ئارزۇ ۋە تەلىپى » دەپ ئىزاھلىغانىدى.

جاھىلىيەت قەدەر چۈشەنچىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە، مىسىردىن ئىرانغا، ھىندىستاندىن مىسىپوتامىيە دېلتىسىغىچە بولغان كەڭ رايۇنغا تەسىر كۆرسەتكەن گنوستىك ئېقىملارنىڭ مۇئەييەن رولى بولغانلىقىدا شۈبھە يوق. ۋاسىل بىن ئاتا ھەدىس سۈپىتىدە نەقىل قىلغان شۇ شۈبھىلىك رىۋايەت، جاھىلىيەت قەدەر چۈشەنچىسىنىڭ بىر مەنبەسىنىڭ پارس مەدەنىيىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ:

پارس دىيارىدىن بىر كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە مۇنداق دېدى:

  • ئانىسى بىلەن، ھەمشىرىسى بىلەن ۋە قىزلىرى بىلەن توي قىلغان كىشىلەرنى كۆردۈم. بۇلاردىن: « نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىسىلەر؟ » دەپ سورىدۇم. ئۇلار: « بۇ ئاللاھ نىڭ قازا ۋە قەدەرىدۇر » دەپ جاۋاپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇ كىشىگە مۇنداق دېدى:
  • مېنىڭ ئۈممىتىمدىنمۇ مۇشۇنداق دەيدىغان قەدەرچىلەر چىقىدۇ. ئۇلار ئۈممىتىمنىڭ مەجۇسىلىرىدۇر ( « ئەل – مۇنيە »، 8 – 10 – بەت ).

بۇنىڭ ۋە رايۇندىكى باشقا ئېتىقاد ئېقىملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئوخشاش بىر تەرىپى بار ئىدى. بۇ، قۇرئان شىددەت بىلەن رەت قىلغان كاھانەت ( ئالدىن ئېيتىپ بېرىش ) – ئرافە ۋە « يۇلتۇز پالچىلىقى » ئىدى. كاھانەت ۋە يۇلتۇز پالچىلىقى ئۆزىگە ئاساس قىلغان چۈشەنچە، جاھىلىيەتنىڭ « قازا ۋە قەدەر » ئەقىدىسى ئىدى. چۈنكى كاھىن، مۇنەججىم ۋە پالچىلار، بىر كىشىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە بىر نەرسە دېيىشى ئۈچۈن، ئۇ ئىنساننىڭ كېلەچىكى يېزىلغان بىر يەر بولىشى كېرەك ئىدى. جاھىلىيەت كاھىن ۋە مۇنەججىملەرنىڭ قىلغان بۇ ئىشلىرى، ئاللاھ نىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز ۋە « غەيبنى بىلىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، بۇنى « مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەر بولسۇن، ھەممىسى بىر ئىلاھىي مىزان بىلەن لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلغان » ( ئەنئام، 59 ) ھەقىقىتى بىلەن ئارىلاشتۇرىۋەتمەسلىك كېرەك.

خۇلاسىلىگەندە، جاھىلىيەت قەدەر چۈشەنچىسى بىر ئاز ئۆزگەرتىلىپ، يۇمشىتىلىپ ئەمەۋىلەرنىڭ يۆلىشى بىلەن قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقتى.