بوھراندىن كېيىنكى ھەرىكەتلەردىن كېيىن

 خەلقئارا سىستېما ھازىر ئېغىر دەرىجىدا تەڭپۇڭلىقىنى يوقاتتى. ئا ق ش شۇنداق كۈچلۈككى، دۇنيانىڭ ئامېرىكا پائالىيەتلىرىنى چەكلىشى ئىمكانسىز. خەلقئارا سىستېمىنىڭ تەبىئىيىتى بىتەرەپلىك بولۇپ، تەڭپۇڭلىقىنى يوقاتقان بىر دۇنيا، كىچىكلەر چوڭلارنىڭ، باشباشتاقلارنىڭ خەۋپى ئاستىدا. بۇ سەۋەپتىن، چوڭ كۈچلەرنىڭ كۈچىگە تەڭ كېلىش، ئۇلارنى چەكلەش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلار تۈزۈلمەكتە. ئا ق ش،  ۋېتنامدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، خېلى كۈچلىنىۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى جوڭگو بىلەن ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلدى.

21 – ئەسىردە ئا ق ش نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىتتىپاق شەكىللەندۈرۈش ئاسانغا توختىمايدۇ. ئاجىز دۆلەتلەر ئامېرىكىغا قارشى بىر ئىتتىپاققا قاتناشقاندىن كۆرە، ئامېرىكىغا يېقىنلىشىشنى ئاسان كۆرىدۇ. چۈنكى، ناۋادا ئىتتىپاق بۇزۇلسا، ئا ق ش ئەپۇسى يوق بىر دىۋىگە ئايلىنىشى مۇمكىن.

نەتىجە ئىتىبارى بىلەن بىر تەرەپتىن ئا ق ش ناھايىتى بىئارام بولغان ۋە ئەندىشە قىلغان؛ يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەتلەر ئا ق ش بىلەن يارىشىشنىڭ يولىنى ئىزدەۋاتقان بىر – بىرىگە زىت ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىمىز. بۇ تەڭپۇڭسىزلىق 21 – ئەسىردە چوڭ ئىز قالدۇرىدۇ. بولۇپمۇ دۇنيانىڭ قالغان قىسمى ئۈچۈن خەتەرلىك بىر دەۋر بولىدۇ.

جۇغراپىيۋى سىياسەت نوقتىسىدىن بۇ يەردە « خاتالىشىش نىسبىتى » دەپ ئاتالغان ھەل قىلغۇچ بىر ئۆلچەم بار. بۇ بىر دۆلەتنىڭ خاتالىشىشغا يول قويۇلغان نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ.  دۇچ كەلگەن خەۋپنىڭ تۈرى ۋە ئىگە بولغان كۈچنىڭ ھەجمىگە ئاساسەن خاتالىشىش نىسبىتى ئىككىگە بۆلىنىدۇ. بەزى دۆلەتلەرنىڭ ناھايىتى ئاز خاتالىشىش نىسبىتى بار. ئەڭ كىچىك سىياسىي نوقتىدا تۇرۇپ قالىدۇ ۋە بۇ سەۋەپتىن خاتا بېسىلغان بىر قەدەم پالاكەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ. كىچىكلىكى ۋە جۇغراپىيلىك ئورنى ئىتىبارى بىلەن ئىسرائىل ۋە پەلەستىننىڭ خاتالىشىشى نىسبىتى بەك ئاز. ئىزلاندانىڭ خاتالىشىش نسبىتى ناھايىتى چوڭ. كىچىك بولىشىغا قارىماي كەڭ بىر رايونغا جايلاشقان.

ئا ق ش نىڭ خاتالىشىش نىسبىتى كەڭ بولۇپ، شىمالىي ئامېرىكىدا خاتىرجەم ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچى بار. بۇ سەۋەپتىن كۈچىنى ئىشلەتكەندە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ. بۇ پاراسەتسىزلىكتىن ئەمەس. ئۇنىڭ دىققەت قىلىشى ھاجەتسىز، بەزىدە ئىھتىياتچان بولۇش تەسىر كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئۇزۇن مەزگىلدە ئوبدان پۇل تاپىدىغانلىقى ئۈمىدى بىلەن قەرز ئېلىشقا تىرىشىۋاتقان بانكىرغا ئوخشاش، ئا ق ش نىڭ باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىھتىياتسىز ھالدا ئېلىپ بېرىلغان دەپ قارىلىدىغان ھەرىكەت سىياسىتى بار. ئا ق ش پائالىيىتىنى ئاكتىپ داۋاملاشتۇرغانسېرى تەرەققىي قىلىدۇ.

بۇنى ۋېتنامدا كۆردۇق ۋە ئىراقتا كۆرىۋاتىمىز. ۋېتنام ۋە ئىراقتىن باشقا بۇ زىتلىقلار، ئا ق ش تارىخىدا ئانچە ئەھمىيىتى يوق ۋەقەلەر بولۇپ، ئا ق ش ياش ۋە ياۋايى بىر دۆلەت. ناھايىتى ئاسان ھاياجانلىنىدۇ، تارىخى نوقتىنەزىرى كەم. بۇ رەڭگا – رەڭلىكنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ھېسسى مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ ئا ق ش كۈچىگە كۈچ قاتىدۇ. بىر مەزگىل ئۈچۈن پالاكەت دەپ قارالغان نەرسە ئامېرىكىنى مەسلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىرادىلىك بولۇشقا تۈرتكىلىك قىلىدۇ. ئېشىۋاتقان بىر كۈچ ھەددىدىن زىيادە ئىنكاس قايتۇرىدۇ. پىشىپ يېتىلگەن بىر كۈچ تەڭپۇڭلىق ئىزدەيدۇ. ئاجىزلىغان بىر كۈچ تەڭپۇڭلىقنى ساقلاش قابىلىيىتىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ.

ئا ق ش ياش بىر مىللەت بولۇپ، يەر شارىۋى ھاكىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن تېخى خام. ياش ۋە كۈچلۈك بىر يىگىتكە ئوخشاش، بىر قانچە يىلدىن كېيىن ئەسلىنىدىغان ئىشلار ھەققىدە ھەددىدىن زىيادە ھىسىياتچان. لۈبنان، پاناما، كۇۋەيت، سۇمالى، ھايتى، بوسنا ۋە كوسوۋا قاتارلىقلار ھەممىسى دېگۈدەك شۇنداق مۇھىم ھەتتا بەلگۈلىگۈچى خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ كۆرۈنگەنىدى. بۇ رىئاللىق ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر ئەسلەيدىغان بىر ئىش بولۇپ، يادىغا ئالغاندا، ئا ق ش نى بۇ توقۇنۇشقا مەجبۇرلىغان نەرسىنى ئېنىق تىلغا ئېلىشمايدۇ. ئەسلەشنىڭ ھىس – تۇيغۇلىرى ئۆزىنى تىزلىك بىلەن ئىرىتىپ تۈگىتىدۇ.

بۇ ۋەقەنىڭ ھالقىلىق نوقتىسى لۇبنالىقلارنىڭ، پانامالىقلارنىڭ، كۇۋەتلىكلەرنىڭ، سۇمالىلىقلارنىڭ، ھايتىلىقلارنىڭ، بوسنالىقلارنىڭ ۋە كوسوۋالىقلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئوتتۇرىسىدا بولغان تىركىشىشلەرنى ئۇزۇن بىر مەزگىل ئەستە تۇتىشى بولۇپ، ئا ق ش ئۈچۈن ئۆتكۈنچى دەپ قارالغان بىر ۋەقە، باشقا بىر دۆلەت تارىخىدا ھالقىلىق بىر ئامىل سۈپتىدە يەر ئالىدۇ. 21 – ئەسىرنىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ مۇھىم ئاسمېترىسىنى بايقايسىز. ئا ق ش نىڭ يەرشارىۋى مەنپەئەتى بولۇپ، ئۆزىنى بەك كۆپ يەرشارىۋى توقۇنۇشلارغا ئاتماقتا. ئامېرىكا مەنپەئەتىنىڭ بىر پارچىسى بولغان دۆلەتلەر ئۈچۈن، ھەر بىر ئارىلىشىش ھەل قىلغۇچ بىر ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  كۆپىنچە ئەھۋالدا بۇ دۆلەت ئامېرىكا پائالىيەتلىرى ئالدىدا چارىسىز ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ، چارىسىزلىك تۇيغۇسى ئەڭ ياخشى ۋەزىيەتتىمۇ نەپرەت پەيدا قىلىدۇ. بۇ نەپرەت، ئامېرىكا مۇستەھكەم ۋە پەرۋاسىز كۆرۈنگەندە تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. 21 – ئەسىر، ئۆز پائالىيەتلىرىگە قارىتا ئا ق ش نىڭ بىپەرۋا قارىشى ۋە ئامېرىكىغا قارشى پەيدا بولىدىغان نەپرەت ۋە قارشىلىققا شاھىد بولىدۇ.

 خۇلاسە

 ئا ق ش – جىھادچىلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش ئاخىرلىشىشقا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ، مۇسۇلمان دۆلەتلەر رادىكال ئىسلامچىلارغا قارشى مۇداپىئەنىڭ ئالدىنقى سېپى بولىدۇ. بۇلار ئەل قائىدىنىڭ نىشانلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىسلام ياكى غەربكە قارىتا قانداق قاراشتا بولىشىدىن قەتىئىينەزەر، مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئەل قائىدىگە سىياسى كۈچىنى بەرمەيدۇ. دەل ئەكسىچە، ئەل قائىدىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن مىللى ( جاسۇسلۇق – ئاخبارات، بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي ) كۈچىنى ئىشقا سالىدۇ.

ئەل قائىدە مەغلۇپ بولغانسېرى ئا ق ش غەلىبە قىلىدۇ. مالمانچىلىق ئىچىدىكى ئىسلام دۇنياسى ئا ق ش نىڭ ستىراتېگىيلىك مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئا ق ش نىڭ 2001 – يىلىدىن تارتىپ قىلىۋاتقان ئىشى ئىسلام دۇنياسىدا مالىمانچىلىق پەيدا قىلىش ۋە ئامېرىكىغا قارشى دۈشمەن پەيدا قىلىش، بەلكىم كەلگۈسىدە ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىدىغان تېرورىست پەيدا قىلىش بولۇپ، بۇنى مۇنازىرە قىلشنىڭ ھاجىتى يوق. ھازىر بۇ رايون بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك پارچىلاندى. ئىراق ۋە ئافغانىستاندا ئا ق ش نىڭ مەغلۇپ بولىشى ۋە بۇ پاتقاقتىن چىقالماسلىقى شۈبھىسىز بولۇپ، بۇ ئىككى ئۇرۇش ئا ق ش ئۈچۈن پايدىسىز بىر شەكىلدە ئاخىرلىشىدۇ. ئىراقتىكى ئۇرۇشتا ئا ق ش نىڭ ئارىلىشىشىنىڭ تەمتەكلىك، ناچار بولغانلىقى ۋە نۇرغۇن جەھەتتىن تەجرىبىسىز ئىكەنلىكىدە ھېچ شۈبھە يوق. ئا ق ش نىڭ كۈچىنى ئىشلىتىشتە ۋە مەسىلىلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇشتا تەجرىبىسى يوق. لېكىن، كەڭ دائىرىدىن ۋە ستىراتېگىيلىك نوقتىدىن  قارىغاندا، بۇنىڭ ئەھمىيىتى يوق. مۇسۇلمانلار بىر – بىرى بىلەن ئۇرۇشقانسېرى، ئا ق ش ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان بولىدۇ.

بۇ ئىسلام دۇنياسىدا بىر دۆلەتنىڭ كۈچلىنىپ رايون خاراكتېرلىق بىر كۈچ سۈپتىدە ئامېرىكىغا خىرىس قىلىشى مۇمكىن ئەمەس دېگەنلىك ئەمەس. تۈركىيە مۇسۇلمان دۇنياسىدا تارىخى بىر كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ، كېيىنكى بابتا كۆرىدىغىنىڭىزدەك تۈركىيە قايتىدىن كۈچلىنىۋاتىدۇ. تۈركىيىنىڭ كۆتۈرۈلىشى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن قالايمىغانچىلىقنىڭ نەتىجىسى ئەمەس، بۇ قېتىم بىردىن ئارتۇق دىنامك بار. غەزەپ تارىخ ياراتمايدۇ، كۈچ تارىخ يازىدۇ. كۈچنى غەزەپ بىلەن كۈچەيتكىلى بولىدۇ. لېكىن، كۈچ ئاساسىي رىئاللىقتىن يەنى جۇغراپىيە، نوپۇس، تېخنىكا ۋە مەدەنىيەتتىن كۈچ ئالىدۇ. بۇلار ئامېرىكا كۈچىنى بەلگىلەيدۇ ۋە ئامېرىكا كۈچى 21 – ئەسىر تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ.