IMG_2936.PNGقەدەر ۋە ئەركىن ئىرادە مۇنازىرىسىنىڭ تارىخى يىلتىزى

قەدەر توغرىسىدا ئىنسانلارنىڭ ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلىشىنىڭ تارىخى، قەدىمكى زامانلارغا، ھەتتا ئىنساننىڭ يارىتىلىش دەۋرىگە سوزۇلىدۇ.

 تارىختا « ئەركىن ئىرادىگە قارشى قەدەر ( تەقدىر پىشانە )چىلىكنى تۇنجى بولۇپ كىم كۆتۈرۈپ چىققان؟ » دېگەن سۇئالغا، قۇرئان كەرىم « شەيتان » جاۋابىنى بېرىدۇ. ئۇنىڭ بىلەنلا قالماي، شەيتان قەدەرچىلىك چۈشەنچىسىنى ئاللاھ قا قارشى ياقىلىغانىدى. يەنى:

ئىبلىس ئېيتتى: « رەببىم! مېنى ئازدۇردۇڭ. شۇڭا مەنمۇ ئۇلار ( يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ۋەسۋەسە قىلىش ) ئۈچۈن سېنىڭ توغرا يولۇڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن » ( سۈرە ئەئراف، 16- ئايەت ).

ئىبلىس ئېيتتى: « رەببىم! سەن مېنى گۇمراھ قىلدىڭ. مەنمۇ يەر يۈزىدە ئادەم باللىرىغا ( گۇناھلارنى ) ئەلۋەتتە چىرايلىق كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەلۋەتتە ئازدۇرىمەن » ( سۈرە ھىجر، 39 ئايەت ).

ئاللاھ قا « سەن مېنى ئازدۇردۇڭ » دەپ بۆھتان چاپلىغان شەيتان، كۆرۈنۈشتە ئىرادە ئەركىنلىكىنى رەت قىلغان بولسا، ماھىيەتتە تاللاش ئىختىيارلىقى ۋە قىلمىشلىرىنىڭ ئەخلاقى جاۋاپكارلىقىنى رەت قىلغانىدى. بۇ ئايەتلەردىنمۇ كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدۇكى، قۇرئان، جەبىرچى قەدەرچىلىكنىڭ قارشى قۇتۇبىغا « ئىرادە ئەركىنلىكى »نى ئەمەس، بەلكى « ئەخلاقى مەسئۇلىيەتچانلىق »نى، يەنى « مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى(تەقۋا) »نى قويغان ۋە بۇ ئارقىلىق جەبىرچى قەدەرچىلىكنى بىر نوقتىدا « مەسئۇليەتسىزلىك » دەپ تەسۋىرلىگەن.

مانا بۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى شەيتاندىن ئايرىپ تۇرغان نىگىزلىك پەرق ئىدى. ھالبۇكى، ھەر ئىككىلىسى گۇناھ ئۆتكۈزگەن ۋە ئاللاھ قا ئاسىي بولغان بولسىمۇ، ئادەم سادىر قىلغان خاتالىقىنىڭ ئەخلاقى جاۋاپكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋە ئىسمى جىسمىغا لايىق « ئادەم » بولغان؛ ئىبلىس قىلمىشىنىڭ ئەخلاقى جاۋاپكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، گۇناھنى ئاللاھ قا ئارتىپ، خاتالىقىنى تەن ئالماي شەيتان بولغانىدى. ئادەم، ئەركىن ئىرادىسى بىلەن قىلغان خاتالىقىنىڭ ئەخلاقى مەسئۇلىيتىنى قۇبۇل قىلىپ ئۆز ئۈستىگە ئالغاچقا تەۋبە قىلغان؛ ئىبلىس تاللاش ئىختىيارلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئاللاھ قا ئىتتىرىپ قويۇپ، ئاللاھ نى ئەيىبلىگەن ۋە بۇ سەۋەپتىن تەۋەبە قىلمىغانىدى. رىسالىنىڭ شەرھىسىگە قايتىدىغان بولغاچقا بۇ تېمىنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرايلى.

قەدىمقى يۇناندا، قەدەرچىلىك بىلەن ئەركىن ئىرادىچىلىك ئوتتۇرىسىدىكى باردى كەلدىلەر، ھېسسىيات بىلەن ئىلمىيات ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ماس ھالدا تەرەققىي قىلدى. ئىيۇنيالىق قوشاقچى ھومىر (مىلاددىن بۇرۇنقى 8 ئەسىر ) بىر شېئىرىدا ئىنساننىڭ « ئۇلۇغ زەئوس تەرىپىدىن باشقۇرلۇپ تۇرىدىغانلىقىنى » ئېيتقان.

سوقرات ۋە ئوقۇغۇچىلىرى ئىنساننىڭ مەسئۇلىيتى ۋە ئەركىن ئىرادىسىنى ياقىلىدى، سىتۇئاچىلار قەدەرچىلىككە يېپىشتى. سىتۇئاچىلارغا قارشى ئەركىن ئىرادە پىكرىدە چىڭ تۇرۇش ۋە قوغداش ماركوس توللىئوس سىكوروغا ( مىلاددىن بۇرۇنقى 43 106 ) نىسىپ بولغان ئىدى. سىكورو « ئىلاھلارنىڭ تەبىئىتىگە دائىر » سەرلەۋھىلىك ئەسىردە مۇنەججىملارنىڭ قەدەرنى بىلىش داۋاسىنى غەلبىلىك ھالدا ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئىدى. بىراق « ئىلاھى ئىلىم »نى ئىنكار قىلىپ قارشى قۇتۇپقا دۇمۇلىدى.

رىمدىمۇ ئوخشاش تالاش – تارتىشلار داۋاملاشتى. سىتۇئاچى ئەخلاق چۈشەنچىسىنىڭ رىمدا كۆپ سانلىقىنى ئىگەللىگەن پىكرى ئېقىمغا ئايلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان، لىكئوس ئاننەئوس سەنەكا ( مىلادىيەدىن 4 مىلاددىن كېيىن 65 ) « قەدەر ئىنساننى مەجبۇرى باشقۇرىدۇ ۋە ئىتتىرىدۇ » دېگۈدەك دەرىجىدە قەدەرچى ئىدى.

ئىجات قىلىنغان خىرىستىئانلىق ئوپئوچۇق قەدەرچى بولۇپ، خىرىستىئان قەدەرچىلىكىنىڭ پەردە ئارقىسىدا، ئىنساننىڭ تۇغۇلۇشتىن ناچار ئىكەنلىكى ھەققىدىكى چۈشەنچە ياتىدۇ. بۇ چۈشەنچە ئادەمنىڭ چەكلەنگەن دەرەخ مېۋىسىنى يېگەنلىكى ئۇلىغا بىنا قىلىنغان. خىرىستىيانلىق بۇ ئۇلنى ئاساس قىلىپ ناچارلىقنى كىشىلىكنىڭ مەركىزىگە، يەنى ئىرادىسىگە جايلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن گۇناھ، ئىنسان ئۈچۈن باش تارتىپ بولمايدىغان نەرسە، گۇناھنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا ئېتىقاد قىلىنغان ئىرادە بولسا باش جىنايەتچى ئىدى. بۇ ئارقىلىق ئىرادە « شەيتانلاشتۇرۇلغان » ئىدى.

پاۋلوس ( تارسۇسلۇق تالۇت )، ئىنجىلنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇلغان « رىملىقلارغا مەكتۇپ »ىدا، بەئەينى بەزى ئەمەۋى ھۆكۈمرانلىرىغا ئوخشاش « ھۆكۈمدارىغا ( باشلىقىغا ) قارشى چىقىش، ئاللاھ نىڭ تەقدىرگە قارشى چىققانلىق بولىدۇ » دېگەن ئىدى( 13، 1 -2 ). شۇنداقتىمۇ رىم ھۆكۈمرانلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرلۈشتىن قۇتۇلالمىدى. پاۋلوسنىڭ قەدەرچى ئىددىيسى رىمغا ماس كېلەتتى. چۈنكى، رىم ئېمپېراتۇرلىرى ئۆزلىرىنى « رىم خەلقىنىڭ قەدەرى » دەپ قارايتتى. لېكىن، بۇ نەزىرىيىگە قارشى چىققان ئىسەۋى سايىنت جوستىن مارتىر ( 103 165 ) ئەركىن ئىرادىنى ياقىلىغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلدى.

25 يېشىدا خىرىستىئانلىقنى قوبۇل قىلغان قانۇنشۇناس ۋە خەتىپ تەرتۇللىئانۇس (155 يىلى تۇغۇلغان )، « ھېچكىمنىڭ مۇقەددەس روھنىڭ تەلىماتىغا مۇخالىپ ھالدا، پەلسەپە ۋە بىھۇدە يالغانلار بىلەن كاللاڭلارنى قايمۇقتۇرىشىغا، سىلەرنى ئالداپ يولدىن چىقىرىشىغا يول قويماڭلار » دېيەلىگۇدەك دەرىجىدە پەلسەپىگە قارشى چىققان ئىدى. ئۇ، بۇ پوزىتسىيىسى ئارقىلىق ماھىيەتتە ئىسەۋى ئىسلامنى يۇنان پاگانىزىمى بىلەن يۇغۇرۇپ خىرىستىئانلىقنى بەرپا قىلىپ چىققان پاۋلوسنىڭ قەدەرچى يولىنى بويلاپ ماڭدى.

خىرىستىيانلىقنىڭ كىندىسى دېيىشكە لايىق ئاتاقلىق ئىلاھىيەتشۇناس ئاۋرەلىئوس ئاۋگوستىن، چىركاۋ ئىزچىل ھالدا تاقاپ كەلگەن ساھەنىڭ يۈگۈنىنى قولىغا ئېلىپ، ئۇنى يۇنان پەلسەپىسىگە ئاچتى. « تەڭرىنىڭ شەھرى » ناملىق مەشھۇر كىتاۋىدا قەدەر ۋە ئەركىن ئىرادە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشتى. ئۇ سىكەرونىڭ ئەركىن ئىرادىسىنى قوللايمەن دەپ، ئىلاھىي ئىلىمنى ئىنكار قىلغان خەتەرلىك تەرىپىنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئەركىن ئىرادە ھەققىدە توغرا باھا بەردى. ئۇ ئىلاھى ئىرادە بىلەن ئىنساننىڭ ئىرادىسى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ « ھەر تۈرلۈك كۈچنى بەخش ئەتكەن تەڭرىدۇر، تاللاشتىكى خاتالىق ئۇنىڭغا خاس ئەمەس » دېگەنىدى. « (…) ئاللاھ نىڭ بىلىشى ئەركىن ئىرادىگە ئىگە بولمىغانلىقىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ ». يەنە بىر يەردە مۇنداق دەيدۇ: « سادىر قىلىنغان گۇناھنىڭ جاۋاپكارى قەدەر، پىشانە ۋەھاكازالار ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ دەل ئۆزىدۇر. گۇناھ قىلىش ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر ».

چىركاۋ پىشىۋاسى ئاۋگوستنىڭ بۇ كۆز قارشىنى، ھەسەن ھەلبەسرىنىڭ كۆز قارشىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئەپسۇسكى، خىرىستىيانلىقنىڭ قەدەر چۈشەنچىسىنى، ھەر تۈرلۈك ئىچكى ئېتىرازلارغا قارىماي، 529 – يىلدىكى ئورىنج قۇرۇلتىيىدا تەقدىرى ئىلاھى بىلەن ئەركىن ئىرادە ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلىقنى ئاساس قىلغان ئاۋگوستنىڭ كۆز قارشى ئەمەس، پىلاگېئوسچى كۆز قاراش بەلگىلىدى. چۈنكى، پاۋلوسپەرەست خىرىستىيانلىقنىڭ ئۆزگەرمەس شۇئارى « چىركاۋ نىجاتلىقتۇر » ئىدى. بۇ « نىجاتلىق ئىنساننىڭ ئىلكىدە ئەمەس » دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيتتى. نىجاتلىق تەڭرىنىڭ ئىنايىتىدە، « ئىنايەت » بولسا چىركاۋنىڭ مونۇپوللىقىدا ئىدى. شۇنداقتىمۇ، رىم چىركاۋىنىڭ بېسىمىغا قارىماي، قەدەر توغرىسىدىكى تالاش – تارتىشلار ھېچ توختىمىدى. خىرىستىيانلىقنىڭ بىر مەزھىبىنى تەشكىل قىلغان ياقۇبىلەر جەبىرچى قەدەرچىلىكنى ياقىلىدى، ناستۇرىلەر ئەركىن ئىرادىنى ياقىلاشنى داۋاملاشتۇردى.

يەھۇدىي ئىلاھىيىتىدە، رەببانىيلەر ( رەببانىييۇن ) قەدەرچىلىك / جەبرى ۋە تەقلىدنى ياقىلاشتا چىڭ تۇرغان بولسا، ئانان بىن داۋۇد ( 715 795 ) بۇنىڭغا رەددىيە سۈپىتىدە شەكىللەندۈرگەن سادۇقىلەرنىڭ ۋارىسى بولغان قارائىم پىرقىسى ئەركىن ئىرادە ۋە ئەقىلنى ياقىلىدى.