1. پاراگراف

ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئۇستازلىرى ۋە تالىپلىرى ھەققىدە

ھەسەن ئەلبەسرى ھەققىدە سۆز  ئېچىلغاندا، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇستازىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش قېيىن بولمىسا كېرەك. ئۇ  ئۇستاز قۇرئاندۇر. ھەممىدىن ئاۋۋال ئۇ قۇرئاننىڭ تالىپى ئىدى. قايسى ئۇستازغا تالىپ بولۇپ ئالدىدا ئولتۇرغان بولسا، قۇرئاننى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ تالىپى بولغانىدى.

ئۇستازلىرى ئۇممۇ سەلەمە، ئىبن ئابباس، ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى، ئىبن ئۆمەر، ئەنەس بىن مالىك، سەمۇرە بىن جۇندەپ، ئابدۇراھمان بىن سەمۇرە، ئەبۇ بەكرا، ئىياد بىن ھىمار، ماقىل بىن يەسار، ئەسۋەد بىن سەرى قاتارلىقلار ئىدى. ئىبن سادنىڭ نەقىل قىلىشىچە، ھەسەن ئەلبەسرى ئىلىمدە ساھابى ئۇستازى ھەزرىتى ئەنەس رەزىياللاھۇ ئەنھۇنى بېسىپ چۈشكىدەك دەرىجىدە ۋايىغا يەتكەن بولۇپ، ئەنەس بىن مالىكتىن بىرەر پەتىۋا سورالغان ۋاقىتتا مۇنداق دېگەن ئىكەن: « ئازاد قىلىۋېتىلگەن ھەسەندىن سوراڭلار. ئۇمۇ ئاڭلىدى، بىزمۇ ئاڭلىدۇق. لېكىن، ئۇ يادا ئالدى، بىز بولساق ئۇنۇتتۇق » (تاباقات 7,177). ئەنەس، سەمۇرە ۋە ئابدۇراھمانلار ئەمەۋى ۋالىسى زىيادنىڭ قول ئاستىدا مەمۇرى ئىشلارغا مەسئۇل بولغان ساھابىلەردىن بولۇپ، زىياد ھەزرىتى ئەلى دەۋرىدە بەسىرەدە دۆلەت خەزىنىسىگە مەسئۇل بولغان.

يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان كىشىلەردىن ئالدىنقى تۆت كىشى، قۇرئاننى يېزىۋالغان 15 ساھابە قاتارىدىن بولۇپ، بۇ ھەسەننىڭ قۇرئانغا بولغان ئىشتىياقىنىڭ بىر نامايەندىسى. جاھىزنىڭ نەقىلگە قارىغاندا، ئەلبەسرى بەسىرەدە تۇنجى تەپسىر ( تەئۋىل ) دەرسى بەرگەن كىشىنىڭ ھەزرىتى ئەلىنىڭ بەسىرە ۋالىيسى ئىبن ئابباس ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. دېمەككى، ئۇ 16 – 20 ياش ئارىسىدىكى مەزگىلىدە، ئىبن ئابباس ۋالىيلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ مەككىگە قايتىپ كەتكىچە ( ھىجرى 40 ) ئۇنىڭغا تالىپ بولغان.

ئۇنى بەزىلەر ھەزرىتى ئوسمان ۋە ھەزرىتى ئەلىنىڭ تالىپى دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۇلارغا بىۋاستە ھالدا تالىپ بولمىغانلىقى مۇقەررەر. چۈنكى، ئۇ ھەزرىتى ئوسمان ( رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ) قەتلى قىلىنغان ۋاقىتتا ئەمدىلا 14ياشتا ئىدى. ئۇنى ھەزرىتى ئەلىنىڭ تالىپى دېگىلىمۇ بولمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولغان بولسا ئىدى، ھىجرىتىنى بەسىرەگە ئەمەس، ھەزرىتى ئەلىنىڭ قارارگاھى بولغان كۇفەگە قىلغان بولاتتى.

ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ساھابە بولمىغان ئۇستازلىرىمۇ بار ئىدى. بۇلارنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئامىر بىن ئابدىقەيىس ئەلبەسرى ۋە ماقىل بىن يەسارلار ئورۇن ئالماقتا. ئامىر بىن ئابدىقەيىس ھەسەن ئەلبەسرىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى. تاباقات ۋە تەزھىپ قاتارلىق مەنبەلەردە بۇ زات بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاجايىپ مەلۇماتلار يەر ئالغان. بۇ زات تەركىدۇنيالىقنى تاللىغان بولۇپ، توي قىلمىغانلىقى، گۆش ۋە ياغ ئىستىمال قىلمىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان. ھەسەن ئەلبەسرى ئۇنىڭغا قاتتىق ئەقىدە قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىدۇنيالىقنى تاللىۋالغانلىقىغا ئىچىنغان ۋە بۇ ئەھۋالنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بىۋاستە ئېيتقان ئىدى. لېكىن، ھەسەن ئەلبەسرىمۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئۇستازى ئامىر بىن ئابدىقەيسكە ئوخشاش يالغۇز ياشاپ ئالەمدىن ئۆتكەن.

ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئىلىم – ئىرپانى دوستلىرىغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئالدىدا مابەد ئەلجۇھەنى كېلىدۇ. بەسىرە ئاقساقاللىرىدىن ئەھمەد بىن قەيىس بىلەنمۇ يېقىن ئۆتكەنلىكى، شۇنداقلا بەزىدە ئۇنىڭ بىلەن ھەرىكەت پىلانى توغرىسىدا مەسلىھەتلەشكەنلىكى تەرجىمىھالىدىن مەلۇم بولماقتا.

ئەلبەسرىنىڭ تالىپلىرى كۆپ ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى، بەزىلەر تەرىپىدىن مۇتەزىلەر مەزھىبىنىڭ قۇرغۇچىسى دەپ قارالغان ۋاسىل بىن ئاتادۇر. ئۆزىمۇ بىر دەۋىرلەردە پىشىۋا بولغان قەتادە بىن دىئامە، رىۋايەت ئەھلىدىن بولغان ئەييۇپ ساختىيانى، دىرايەت ( تەپەككۇر ئىلىمى )نى سىستىمېلىق ھالغا كەلتۈرگەن ۋە بەزىلەرنىڭ قارىشىچە مۇتەزىلەر مەزھىبىنىڭ قۇرغۇچىسى دەپ قارالغان ئامىر بىن ئۇبەيدمۇ ئۇنىڭ تالىپلىرىدىن ئىدى. ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان يۇقىرىدىكى تۆت كىشىنىڭ ئۆزىلا، ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ نەقەدەر مول ۋە چوڭقۇر تەپەككۇر مەنبەسى ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە يېتەرلىك.

ھەسەن ئەلبەسرى ھەردائىم خارىجىلاردىن ئۇزاق تۇرغان بولۇپ، ھەتتا ئەمەۋى زۇلۇمىغا قارشى قانداق پوزىتسىيىدە بولغان بولسا، خارىجىلارنىڭ تەكفىرچىلىكىگە قارىتا ئوخشاش مۇئامىلىدە بولغان. ئۇ خارىجىلار ۋە ئەمەۋىيلەردىن ئالدىنقىسىغا خېلى يىراق تۇرغان.