فىتنە ( پىتنە )

لوغەتتە « سىناش، ئىمتىھان قىلىش، زارلىنىش، بىر نەرسىنى ياقتۇرۇش، پىكىر ئوخشاشماسلىقى، قالايمىقانچىلىق، ساراڭلىق، زالالەت، ئازغۇنلۇق، ئالداش، زوراۋانلىق، قېيىن – قىستاق، ئادەم ئۆلتۈرۈش، بالا – قازا، مۇسىبەت، يامانلىق، مىننەت » دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. « فىتەن » بۇ كەلىمىنىڭ كۆپلىك شەكلى.

بۇ سۆز تۈركچىدە « ئازدۇرۇش، يولدىن چىقىرىۋېتىش، پاسات، ئارىسىنى بۇزۇش، ئىختىلاپ، ئاپەت، مۇسىبەت، قېيىنچىلىق، بالا – قازا، جازا، ساراڭلىق، دىنسىزلىق، ۋەھشىيلىك، قالايمىقانچىلىق » دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

بۇ كەلىمە قۇرئاندا 30 ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، كۆپ مەنىلىك ئۇقۇملاردىن بىرى. بۇ كەلىمە قۇرئاندا ئېمتىھان ( سىناق ) ( بەقەرە، 102 )؛ بالا ( مۇسىبەت ) ( ھەج، 11 )؛ ئازدۇرۇش ( مائىدە، 41 )؛ ئالداش ( ساففات، 162 )؛ قايمۇقتۇرۇش، ئېزىقتۇرۇش ( ئەئراف، 27 )؛ ساراڭ ( قەلەم، 6 )؛ ئازاپ ( ئوتقا تاشلىنىش ) ( ئەنفال، 25؛ زارىيات، 13 – 14 )؛ سەۋەپ ۋە چارە ( ئەنئام، 23 )؛ گۇناھ ( تەۋبە، 40 )؛ ئۇرۇش قىلىش ( ئۆلتۈرۈش ) ( نىسا، 91؛ ئەزاپ، 14 )؛ قالايمىقانچىلىق، بۇزغۇنچىلىق ( ئالئىمران، 7؛ تەۋبە، 47- 48 ) ۋە بېسىم ( زۇلۇم، ئەزىيەت، يامانلىق ) ( بەقەرە، 191،193، 217؛ نىسا، 101؛ ئەنفال، 39 ) مەنىلىرىدە ئىشلىتىلگەن.

مال – مۈلۈك ۋە بالىلارنىڭ ئىنسان ئۈچۈن بىر ئېمتىھان ئىكەنلىكى ( ئەنفال، 28 )؛ ئىنسانلارغا زۇلۇم، بېسىم، قېيىن – قىستاق، ئەزىيەت ۋە يامانلىق قىلىشنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ چوڭ ۋە ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكى ( بەقەرە، 191، 217 ) پىتنە ئاتالغۇسى بىلەن ئىپادىلەنگەن؛ ئېتىقادقا قارىتىلغان بېسىم ( پىتنە ) تۈگىتىلگىچە ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇغان ( بەقەرە، 193 ).

« دىنى ئاتالغۇلار لوغىتى » تۈرك دىيانەت ئىشلىرى ئىدارىسى نەشرىياتى