سالامەتلىك ۋە پاكىزلىق

 

  1. سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ. ئاللاھ سىزگە ئامانەت قىلىپ بەرگەن ۋە ئايەتلىرىدىن بىر ئايەت بولغان بەندىنىڭىزنى ئاسراڭ.
  2. بەدىنىڭىز ئۇلىقىڭىز بولۇپ، ئۇنى خارلاپ بەندىلىك ماراتونىدا يېرىم يولدا قالماڭ. شۇنى ئۇنتۇماڭكى، سالامەتلىك ھەممە ئىشنىڭ ئاساسى. سالامەتلىك دېگەندە ئەقلىڭىزگە گۆش ۋە سۆڭەكنىڭ ساغلاملىقى كېلىپ قالمىسۇن. بۇلارمۇ مۇھىم، ئەمما بۇلاردىنمۇ بەكرەك مۇھىم بولغىنى ئەقىل ۋە روھى ساغلاملىقى. بۇ ئىككىسىنىڭ سالامەتلىكىگە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈڭ. مېڭە ۋە قەلبنىڭ ھەر خىل كېسەللىكى بار. بۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق داۋالاش ئۇسۇلى ۋە دورىلىرى بار، ئەلۋەتتە. سەلبىي ۋە پايدىسىز ئۇچۇرلار تەپەككۇر ۋىرۇسلىرى بولۇپ، ھەر خىل گۇناھ ۋە مەنئى قىلىنغان ھېس – تۇيغۇلار قەلىبنىڭ ۋىرۇسى. ئەقىلنىڭ غىزاسى ئىلىم ۋە تەپەككۇر، قەلبنىڭ غىزاسى ئىمان ۋە تەزەككۇر ( نەپسىنى پاكلاش ).
  3. پاكىز ۋە تەرتىپلىك بولۇڭ. پاكىزلىقنىڭ ئىمان جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭ. ئۆيىڭىزدە، ئىش ئورنىڭىزدا، بەدىنىڭىزدە، ئەقلىڭىزدە، مېڭىڭىزدە، قەلبىڭىزدە، ئېغىزىڭىزدا، غىزالىرىڭىزدا پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىڭ، كىشىلەر سىزدىن سەسكەنمىسۇن.
  4. پاكىزلىق گۈزەللىكنىڭ بىر پارچىسى. مۇسۇلمان گۈزەللىكنىڭ ھەر خىلىنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىكى ۋەكىلى ۋە نامايەندىسى.
  5. نىجاسەتتىن ۋە بەدبۇي پۇراقتىن پاكلىنىشنى ئەنئەنىۋىي دىنى ئىلىملەردە كۆرسىتىلگەندەك تار بىر مەنىدە چۈشىنىۋالماڭ. كىشىنى بىئارام قىلىدىغان بەدبۇي پۇراقلاردىن پاكلىنىشنىمۇ نىجاسەتتىن پاكلىنىش دەپ بىلىڭ. بولۇپمۇ، ھېس – تۇيغۇ ۋە تەپەككۇر نىجاسەتلىرىدىن پاكلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. كىيىمىڭىز ۋە جاينامىزىڭىز پاكىز تۇرۇپمۇ، يەنە خۇشۇ ئىچىدە بىر ۋاقىت ناماز قىلالمىغان، بۇ سەۋەپتىن كۆڭلىڭىز يېرىم بولىۋاتقان بولسا، بۇنىڭ سەۋەبىنى ھېس – تۇيغۇ ۋە تەپەككۇردىكى نىجاسەتلەردىن پاكلىنالمىغانلىقىڭىزدىن دەپ بىلىڭ.
  6. تازلىقنىڭ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان قىسمى دىندا « تاھارەت »، كۆز بىلەن كۆرۈنمەس قىسمى « تەزكىيە » دەپ ئاتىلىدۇ. پاكلىقنى پەقەت تاشقى ياكى ئىچكى تەرەپلىك بولىدۇ دەپ ئويلاپ قالغانلار ھەقىقىي پاكلىققا ئېرىشەلمەيدۇ. ئىستىنجا، ئىستىبرا، تاھارەت، غۇسۇل، مىسۋاك، خۇشپۇراق، چاچ پاكىزلىقى، تىرناق ئېلىش، ئارتۇقچە تۈكلەرنى ئېلىۋېتىش، سۈننەت قىلىش، تاماقتىن بۇرۇن ۋە كېيىن قول يۇيۇش… قاتارلىقلار فىترەت تەقەززا قىلغان پاكىزلىققا ئۇلىشىش ئۈچۈن « دىنى » ئاساسقا ئىگە بولغان پاكىزلىق ئامىللىرى.
  7. بىر جەمىئىيەتنىڭ سانائەت تەرەققىيات ئۆلچىمى ئېلېكتېرىك سەرپىياتى بىلەن ئۆلچەنگەندەك، ئىجتىمائىي پاكىزلىق ئۆلچىمىمۇ پاكىزلىق ئۈچۈن قانچىلىك سۇ ئىشلەتكەنلىك بىلەن ئۆلچىنىدۇ. رەسۇلۇللاھ دۇنيانىڭ ئەڭ ئاز سۇ ئىشلىتىدىغان قەۋمىنى، پاكىزلىق ئۈچۈن دۇنيانىڭ ئەڭ كۆپ سۇ ئىشىلىتىدىغان قەۋمى ھالىغا كەلتۈرۈپ، ئىجىمائىي ۋە مەدەنىي ئىسلاھاتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەنىدى.
  8. « تاھارەت مۇئمىننىڭ قورالى ». سىزگە قەدەممۇ قەدەم ئەگىشىپ يۈرگەن بىر دۈشمەن بار بولغانلىقتىن، قورالسىز يۈرمەڭ. بۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ. تاھارەت بىلەن يۈرۈشنىڭ روھىڭىزغا بېرىدىغان ئىجابىي ۋە ھوزۇر ھېس قىلدۇرغۇچى تەسىرىنى بايقايسىز. ئورۇنسىز ئەندىشە، غەم – قايغۇ، قورقۇ، كۈندىلىك ئالدىراشچىلىق ۋە تۇرمۇش بېسىمىدىن سىزنى يىراق تۇتقانلىقىغا شاھىت بولىسىز.
  9. سۇ ۋە تۇپراق ئىنساننىڭ ئەسلى ماددىلىرى بولۇپ، ئىنسان بىلەن تۇپراق، ئىنسان بىلەن سۇ، قىسقىسى ئىنسان بىلەن تەبىئەتنىڭ ئاساسلىق ئېلېمېنېتلىرىنى پات – پات ئۇچرىشىپ تۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان فىترەت دىنى « ئىسلام »نىڭ ھەر ئەمرىدە، تېخى بىز تېگىگە يېتەلمىگەن نۇرغۇن سىرنىڭ بارلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.