بۇ سۈرە بىرىنچى ئايەتتىكى « تەرىنى تۈردى » مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان « ئەبەسە » پېئىلى بىلەن ئاتالغان.

«يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن تەرىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرۈۋالدى » ( 1 – 2 ).

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. سۈرىنىڭ ئالدىنقى بۆلۈمىدە باش قەھرىمانى ئەما ئىبن ئۇممى مەكتۇم بولغان ۋەقە بىزگە سۈرىنىڭ نازىل بولۇش ۋاقتى ھەققىدە يىپ ئۇچى بېرىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، رەسۇلۇللاھ  مۇشرىكلارنىڭ كاتتىلىرىنى دەۋەت قىلىش ئۈچۈن بىر يەردە جەم بولغان. بارلىق نازىل بولۇش تەرتىپلىرىدە نەجم سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلغان بولۇپ، مەككىلىك مۇشرىكلار بىلەن مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلۈش ھارپىىسدا نازىل بولغان بولسا كېرەك. چۈنكى، نەجم سۈرىسى نازىل بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەستىن مۇشرىكلار بىلەن بولغان بارلىق دىئالوگلار توختايدۇ. بۇلارغا ئاساسلانغاندا، ئەبەسە سۈرىسى شەخسلەر نىشان قىلىنغان دەۋەت بىلەن ھەبەشىستانغا ھىجرەتنىڭ باشلىنىشى ئارىسىدىكى بىر مەزگىلدە، يەنى پەيغەمبەرلىكنىڭ 4 – يىلىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك.

سۈرە ئالدىنقى بۆلىكىدە ۋاستىلىق، قالغان بۆلىكىدە بىۋاستە ھالدا ئىنسانلارغا ( ئەل – ئىنسان ) خىتاپ قىلىدۇ. ئىگىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكى نامەلۇم بولغان دەسلەپكى ئىككى ئايەتنى نەزەرگە ئالمىساق، سۈرە رەسۇلۇللاھنى ئاگاھلاندۇرغان بىر تىل بىلەن باشلىنىدۇ.

« ( ئى پەيغەمبەر! ) ئۇ ( مۇشرىكنىڭ گۇناھلىرىدىن) پاكلىنىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ياكى نەسىھەتنىڭ ئۇنىڭغا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى سەن نەدىن بىلىسەن؟ ئۆزىنى ( ئىماندىن ) بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىسەن ( كۆڭۈل بۆلىسەن ). ئۇ ( كۇفرىدىن، گۇناھلاردىن ) پاكلانمىسا، بۇنىڭغا سەن جاۋاپكار ئەمەس. ئەمما، ساڭا ئىشتىياق بىلەن كەلگەن كىشى،  ھەقىقەتەن ئاللاھ تىن ئەيمىنىدۇ، ئۇنى ھۆرمەتلەيدۇ. سەن ئۇنىڭغا قارىماي قويىسەن » ( 3 – 10 ).

بۇ ئاگاھلاندۇرۇش، مەسئۇلىيەت ئەخلاقى ۋە مۇئامىلە قىلىش ئەخلاقى ئارىسىدىكى ساقلىنىشى كېرەك بولغان مۇۋازىنەتنى نەزەردە تۇتماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىجتىمائىي جەمىئىيەتتە مېيىپلارغا ئىتىۋار بېرىشتىن ئىبارەت بىر گۈزەل ئەخلاقنى ئىما قىلماقتا.

مەزكۇر سۈرىنىڭ ئالدىنقى بۆلىكىدە، ئىجتىمائىي ئورۇننىڭ كىشىنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن. بۇ ھەقىقەت ھۇمەزە ۋە ھۇجرات سۈرىلىرىدىمۇ تەكىتلىنىدۇ. بۇ نوقتىدا، رەسۇلۇللاھنى ئاگاھلاندۇرغان ئايەتلەر بۇ سۈرىنىڭ ئالدىنقى بۆلىكى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. تەۋبە سۈرىىسى 43 – ئايىتىدە بىۋاستە ھالدا، نىسا سۈرىسى 105 – 107 – ئايەتلىرىدە ۋاستىلىق ھالدا رەسۇلۇللاھ ئاگاھلاندۇرۇلغان.

سۈرىنىڭ ئىككىنجى بۆلىكىدە، سۆز ئىنسانغا قارىتىلىدۇ. چۈنكى، سۆزلەر تاجى ۋەھىيدۇر، ئۇنىڭ نىشانى ئىنسان ( 11 – 16 )؛ دۇنيا ھاياتىنىڭ مەزكىزىدە ئىنسان ئورۇن ئالماقتا( 17 – 24 ).

سۈرىنىڭ رەسۇلۇللاھنى ئاگاھلاندۇرغان بۆلىكىنىڭمۇ مەقسىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەت بۇ بۆلەكتە تىلغا ئېلىنماقتا:

« ( ھېچقانداق  بىر ئىنسان ) ئۇنىڭ ئەمرىنى تولۇق ئادا قىلالمىغان » ( 23 ).

ئىنساننى بىر جۈملىدە چۈشەندۈرگەن بۇ بالاغەت ۋە پاساھەت ئۆرنىكى بولغان بۇ ئايەت، « بەندە نۇقسانسىز بولمايدۇ » نىڭ قۇرئانى ئىپادىسىدۇر.

ئاخىرقى سۆزلەر قايتا تىرىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بولۇپمۇ ئەڭ يېقىن ئۇرۇق – تۇققانلارنىڭمۇ بىر – بىرىدىن يۈز ئۆرۈيدىغان ھېساپ كۈنى تەكرار ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن:

« ئۇ كۈندە بەزى يۈزلەردىن نۇر، تەبەسسۇم ۋە شاد – خوراملىق يېغىپ تۇرىدۇ. بەزى يۈزلەرنى چاڭ – توزان بېسىپ كەتكەن، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ » ( 38 – 41 ).

رەببىم! يۈزىمىزنى نۇرلۇق، ئۆزىمىزنى پاك، سۆزىمىزنى ھەق ئەيلىگىن!

« قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى » ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى