ھەشەمەتلىك ئۆيلەردىن ھەسرەتلىك ئويلارغا

نەزىرە مۇھەممەد سالىھ

 

كۆكتە نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياش، ھەممىگە شاھىد ئاسمان – زېمىن ئۆزگەرگىنى يوق، ئەمما تەرەققىيات چۆچەكلەردىكى «جاھاننەما ئەينەك»، «ئۇچار گىلەم» دەك نۇرغۇن ئاجايىباتنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. توپىدىن ئۈنۈپ چىققان ئىنسان ئۆز قىياسىدىكى سائادەتنىڭ زېمىندا چاقنىغان شولىلىرىغا قاراپ يول ئالدى. بۇ شولىلار بەزىلەر ئۈچۈن ئالغاندا ئېتىقاد ۋە مەرىپەت ئىدى؛ بەزىلەر ئۈچۈن مال – دۇنيا ۋە مەئىشەت ئىدى؛ يەنە بەزىلەر ئۈچۈن خۇددى كۆلەڭگىگە ئوخشاپ كېتىدىغان مەنسەپ ۋە شان – شۆھرەت ئىدى. كرىزىس ۋە خىرىس چۇقانلىرىغا تولغان يەر شارىنىڭ روھىمىزدەك تىمتاس بۇ بۇلۇڭىدا بىز بۈگۈن قاياققا قاراپ كېتىۋاتىمىز؟

تېلېۋىزورنى ئاچتىم. مەدەنىيەت نامىدىكى ئايرىمخانىلاردا ئىچىملىك، چېكىملىك كەيپىدىن ئېگىز – پەس سەكرىشىۋاتقان قارا كۆز، قارا چاچلار بىردىنلا ماڭا ئوت ئىچىدىكى يالىڭاچ ئەر – ئاياللار توپىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى. يۈإرىكىم ئاغقان ھالدا دەرىزىنى ئاچتىم. كېچە ئاسمىنىدا جىمىرلاۋاتقان يۇلتۇزلار ماڭا سانسىز كۆزلەردەك بىلىنىپ كەتتى. ئىنسان نەدىن كەلدى؟ نەگە كېتىدۇ؟ بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق تەڭ بولامدۇ؟ ئاقىۋىتى ھامان خۇلاسىلىنىدىغان ئىلاھىي يېشىم ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن يېتەرلىك نەسىھەت ۋە ئىبرەت ئەمەسمۇ؟ شۇ تاپتا بىز ئىنسانىيەتنىڭ ماددىي پادىشاھلىقى دەۋرىدە تۇرۇۋاتىمىز. ئېرىشكەنلىرىمىز قارشىسىغا قاراپ باقساق، ماددا بىلەن روھ ئوتتۇرىسىدىكى، ئىنسان بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ كەتتى. بىنالار قانچە ئېگىز سېلىنغانسېرى بىزنىڭ ئادىمىيلىكىمىز شۇنچە تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ. ئۆيلەرنى قانچە ھەشەمەتلىك بېزىگەنسېرى ئىچىمىز قۇرۇقدىلىپ قېلىۋاتىدۇ. ئېسىل كىيىنىش، ئوبدان يېييىش، قانغۇچە ئويناپ – كۈلۈپ راھەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش كىشىلەرنىڭ دىققەت مەركىزى بولغانسېرى ھاياتنىڭ يۈإكسەك مەنىلىرى يوقىلىۋاتىدۇ. گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتلەر مەرۋايىتتەك چۆكۈپ، كۆپۈكتەك ئادەملەر ئاۋۇپ كېتىۋاتىدۇ. ھەشەمخور شۆھرەتپەرەسلەر، ساختا شۆھرەتنىڭ قەغەز قانىتىدا ئۇچۇۋاتقانلار، پۇچۇق تىيىنغا ئەرزىمەس پايدا – مەنپەئەت، ھارامخور ئەمەل – مەنسەپ كويىدا قاتراپ دۇنياغا تويماي ئۆتىۋاتقانلار ھاياتنىڭ يەنە بىر يۈزىدە ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىگۈچى ماغزاپلاردۇر.

ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرىدا دۇنيانى تىترەتكەن مەشھۇر ئىمپېراتور ئىسكەندەر ماكدونىسكىي ئۆلۈم ئالدىدا ۋەزىرلىرىگە شۇنداق نەسىھەت قىپتۇ:

كۆزۈم يۇمۇلۇپ، جىنازامنى ئېلىپ ماڭغان چېغىڭلاردا ئىككى قولۇمنى تاۋۇتتىن چىقىرىپ قويۇڭلار.

ھەيران قالغان ۋەزىرلىرى سوراپتۇ:

– نېمىشقا؟
ئىسكەندەر ئېيتىپتۇكى:
–  كىشىلەر مەندەك شان – شۆھرىتى دۇنياغا تارالغان، ھېسابسىز بايلىققا ئىگە مەشھۇر ئىمپېراتورنىڭ بۇ دۇنيادىن قۇرۇق قول كېتىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ، ئىبرەت ئالسۇن.
بۈگۈن ماددىي جەھەتتە توققۇزى تەل بولغان ئادەم راھەتنىڭ پەيزىنى سۈرىۋېتىپ، بىردىنلا بەختنىڭ ئۆزىدىن بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدى. چۈنكى روھىي نېمەتلەر بىلەن ھايۋاندىن پەرقلىق ھالدىكى ئادىمىيلىك شەرىپىگە نائىل بولغان ئىنساندا ماددىي تەلپۈنۈش ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. تېخىمۇ توغرىسىنى ئېيتقاندا، ماددىي ئېھتىياجغا بولغان ئېتىبار ۋە بېرىلگەن قىممەت مەنىۋىي زۆرۈرىيەتتىن ئېشىپ كەتتى. مانا بۇ بۈگۈنكى ئىنسانىيەتنىڭ «يارا ئېغىزى». ئادىمىيلىك قىممەت ۋە ھاياتنىڭ مەنىسىنى پۇل مالدىن، يەپ – ئىچىش، ئويناپ كۈلۈشتىن قانغۇچە بەھرىمەن بولۇشتىن ئىزدەش، شۆھرەتپەرەسلىك، ھەشەمخورلۇق، ئىسراپخورلۇق، شەكىلۋازلىق ئەنە ئاشۇ «يارا ئېغىزى» دىن سىرغىپ چىققان ئىللەتلەردۇر. راھەتكە ئىنتىلىش – ئىنساننىڭ تۇغما تەبىئىتى. «ئادەم بالىسىنىڭ ئىككى جىلغا ئالتۇنى بولسا، ئۈچ جىلغا ئالتۇنۇم بولسىكەن، دەيدۇ. ئادەم بالىسىنىڭ كۆزىنى توپىدىن باشقا نەرسە تولدۇرالمايدۇ». ئىنساننىڭ ئىنسانلىقى ئۆز روھىنى ئەسلىي تەبىئىتى بويىچە مەيلىگە قويۇۋېتىشتە ئەمەس، ئېتىقاد ۋە ئالىي پەزىلەتلەر بىلەن يېتەكلەشتە، چېنىقتۇرۇشتا.

ھېسسىياتنى ئەمەس غالىبلارچە رىقابەتنى، ئىچ ئاغرىتىشنى ئەمەس رەھىمسىز شاللاشنى ھاياتىي شەرت قىلغان 21 – ئەسىر بىزنىڭ روھىمىزدا قاتتىق سىلكىنىش ۋە ئازابلىق ئويلىنىش پەيدا قىلدى. ئەمما بۇ سىلكىنىش ۋە ئويلىنىش شامال سۇ يۈزىنى سىيپاپ ئۆتكەندەك يېنىك دولقۇن ھاسىل قىلدى – يۇ، سەۋەب ۋە يېشىمگە ھامىل يىلتىز تارتالمىدى. پۇل – مەنپەئەت بورىنى ئۇچۇرۇپ، كەمتۈكلىشىپ، يىگىلەپ كېتىۋاتقان ئېتىقاد، ئەخلاق ۋە قىممەت قاراشلىرىمىز بىزدە يېڭىدىن يېڭى كرىزىسلەرنى پەيدا قىلدى. ماھىيەتكە ئەمەس، ھادىسىگە، تاشقى شەكىللەرگە ھەددىدىن ئارتۇق ئەھمىيەت بېرىش خاھىشى بىزنى ئۆزىمىز ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە شۇ ئاساستىكى تەرەققىيات پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىۋاتقان كرىزىس. ئۆز ئېھتىياجىدىن ئۆزگىلەرنىڭ باھاسىنى ئارتۇق بىلىدىغان ئەخمىقانىلىق شەخسنىڭ ئەقلىي كەمتۈإكلۈكى ۋە روھىي پۈچەكلىكىدىن دېرەك بەرسە، جاۋاھىراتتىن غەپلەتتە قېلىپ، كۆپۈك ئۈچۈن تىرمىشىپ داغدا قېلىۋاتقان ئىجتىمائىي توپنىڭ چوڭقۇر يىلتىزىدىكى ئىللەتنى كۆرسىتىپ بەردى.

يېقىندا بىر ماتېرىيالدا، مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مودا كىيىم – كېچەك ئىستېمال نىسبىتىنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم. مېنى ھەيران قىلغىنى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە شەخسىي كىرىم جەھەتتە مەملىكەت بويىچە كەينىدە تۇرىدىغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 1 – دەرىجىگە تىزىلغانلىقى، شاڭخەي، بېيجىڭدەك يۇقىرى تەرەققىياتقا ئىگە چوڭ شەھەرلەرنىڭ خېلىلا كەينىدە تۇرىدىغانلىقى بولدى. كىيىم – كېچەكتىكى بۇ خىل ھاماقەتلەرچە ئىستېمالنى قويۇپ تۇرايلى، ئەمەلىي ئىقتىسادىي ئەھۋالى بىلەن ھېسابلاشماي 20 – 30 يىللىق يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز ھېسابىغا چوڭ ئۆي سېتىۋېلىش، ھەممىدە يۇقىرى ئىستېمال قوغلىشىش، ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى بولمىغان تۈرلۈك نام – ئاتاقلاردىكى يىغىلىش – چاي ۋە ئۇلاردىكى ئىسراپچىلىق، چىقىمى بارغانسېرى ئېشىپ، قائىدە – يوسۇنلىرى كۆپىيىپ، كۆلەم جەھەتتىن يوغىناپ كېتىۋاتقان مەرىكىلەر… ئۆزىمىزنىڭ تايىنلىق ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز ئۆزىمىزگە ئايان، بۇلار بىزنىڭ زېھنىمىزنى، ۋاقتىمىزنى، ئىقتىساد ۋە ھاياتىي كۈچىمىزنى خوراتماقتا. سوراش ھاجەتسىز، مۇشۇنچىۋالا ئىسراپچىلىقنىڭ ئاخىرقى مەقسىدى ۋە نىشانى نېمە؟ دېگەن سۇئالغا شان – شۆھرەت ۋە بەخت ئۈچۈن دەپ جاۋاب بېرىلىدىغانلىقى ماڭا ئايان. ئەمما رېئاللىقىمىزغا قارايدىغان بولساق، بۇ ھەشەمخورلۇق – ئىسراپچىلىقلارنىڭ بىزگە ئەكەلگىنى ئابرۇي، بەخت ئەمەس، ئەر – ئايال ئوتتۇرىسىدىكى تۈإگىمەس جەڭگى – جېدەل، ئازارچىلىق، ئۆچ – ئاداۋەت، شەخسىيەتچىلىك ۋە تاشتىن قاتتىق مۇھتاجلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي ئامالىمىز يوق. يەنە شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئەنە شۇ مۇھتاجلىق جىنايەت – رەزىللىك ۋە زور ئاپەتكە ئايلانغان زەھەرلىك چېكىملىك، ئەيدىز كېسىلىدەك ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ تاشقى مەنبەسى بوپقالماقتا. ئادەم بۇ دۇنيادا يەۋالغىنى، ئوينىۋالغىنى بىلەنلا بەختلىك بولامدۇ؟ ھەشەمەتلىك، ياسىداق ئۆيى ۋە ئالىي دەرىجىلىك كىيىم – كېچەكلىرى بولغانلىقى بىلەن ئابرۇيلۇق ھېسابلىنامدۇ؟ ھەممە نەرسە ئاۋۋال ئىدىيىدىن باشلىنىدۇ، قارىغاندا، بەخت ۋە شان – شۆھرەتكە توغرا تەبىر بېرىش، خىرەلەشكەن، مۈجمەل ئۇقۇملاردىن قايمۇققان كاللىمىزنى سەگىتىپ، ئىللەتلىرىمىزنى تۈزەشتىكى مۇھىم ھالقىدەك تۇرىدۇ. ھەقىقەت شۇنداق، ساناقسىز پادىشاھ، باي – غوجاملارنىڭ ھېسابسىز ئالتۇن – كۆمۈشلىرى تارىخنىڭ قۇم – بورانلىرىدا غايىپ بولدى. ئۇلارنىڭ شان – شەرىپىمۇ بايلىقىغا ئوخشاش نام – نىشانسىز ئۇچۇپ كەتتى. ئارىدىن بىر ئەسىر ئۆتكەن بولسىمۇ، ئاكا – ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ ئاتۇش دىيارىدا ياندۇرغان مائارىپ مەشئىلى ئۇلارنىڭ نامىنى تارىخ بەتلىرىدە چاقنىتىپ كەلدى. ئابدۇقادىر داموللا، مەمتىلى ئەپەندى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىيدەك ئۆلىما – ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەل ئۈچۈن ئوت بولۇپ كۆيگەن يۈرىكى ۋە ئەجىر – مېھنىتى خەلق قەلبىگە چېكىلدى. جىسمى قارا تۇپراققا كۆمۈلگەن ئاشۇ ئولۇغلىرىمىز يەۋالغىنى، كىيىۋالغىنى، ئوينىۋالغىنى ياكى توپلىغان ئالتۇن – كۈمۈشلىرى سەۋەبىدىن ئەمەس، باغرىدا ئۆستۈرگەن ئانا زېمىننىڭ، تۇزىنى يېگەن ئانا خەلقنىڭ ھەققىنى ئالىي ھىممەت بىلەن ئادا قىلغىنى ئۈچۈن، نامى ئۆچمەس ھۆرمەت، شۆھرەت ساھىبقىرانلىرىغا ئايلاندى. مانا بۇ ھەقىقىي بەخت ۋە شان – شۆھرەتتۇر.

بىز بۈگۈن باشقا ھېچقانداق بىر دەۋرگە ئوخشىمايدىغان دەۋردە ياشاۋاتىمىز. ئارزۇ – ئارمانلىرىمىز، غەم – قايغۇمىز، كرىزىس ۋە ۋەھىمىلىرىمىز بىلەن مۆلچەرلىگۈسىز رىقابەتكە يۈزلىنىۋاتىمىز. بىزنىڭ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىك بىلىم – ساپايىمىز، ئەڭ ئەۋزەل مائارىپ تەربىيىسىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھەقلىق بالىلىرىمىز، نامراتلىق – موھتاجلىقتىن بويۇن قىسىپ قالغان قېرىنداشلىرىمىز، دۇنيانىڭ قايسى تەرەپكە كېتىۋاتقىنىدىن بىخەۋەر نۇرغۇن كىشىمىز… مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىقتىساد كېرەك. ساناپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدىغان بۇ مۇھتاجلىقلار ئالدىدا ئۆزىنى ئەقىل ئىگىسى ھېسابلايدىغان ھەر بىر ئادەمنىڭ بىر تىيىننىمۇ ئورۇنسىز بۇزۇپ – چېچىشى راۋا ئەمەس. چۈنكى ئادەم ئاخىرقى ھېسابتا ئەمەللىرى، ۋاقتى، پۇل – مېلى ھەتتا ھەر بىر تىنىقى ئۈچۈنمۇ ھېساب بەرگۈچىدۇر. بىزدە يېتەرلىك ئىقتىساد بولمىغاچقا، ئېچىلىش ۋە تەرەققىيات پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقان مائارىپ، مېدىتسىنا، مۇھىت ئاسراش، تەبىئىي پەنلەردەك نۇرغۇن ساھە بار. ھەر يىلى تۈرلۈك ھېيىت – بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلىنىۋاتقان سەنئەت كېچىلىكى، سەنئەت پروگراممىلىرى ئۈچۈن نەچچە يۈز مىڭ يۈەن سەرپ ئېتىلىۋاتقانلىقى ئەقلى – ھوشى جايىدا ھەر قانداق ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ. ئۇلار بۇنىڭغا بىر خەلقتە چوقۇم بىر سەنئەت بولۇشى كېرەك، دېيىشى مۇمكىن. ئەمما شۇنى ئۇنتۇپ قالمايلىكى، سەنئەت ھەممە نەرسە ئەمەس، بولۇپمۇ بىزگە نىسبەتەن سەنئەت نۆۋەتتىكى زۆررىيەتلەر كۈنتەرتىپىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تۇرىدۇ. بىز تېخىچە سەنئەتنىڭ بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئىجابىي تەرەپكە سىلجىتىپ، ھاياتىي كۈإچ ۋە غالىبلارچە ئورۇنغا ئىگە قىلغىنىنى كۆرۈإپ باقمىدۇق. خۇددى مۇتەپەككۇرىمىز ئابدۇشكۇر مۇھەممەتئىمىن ئېيتقاندەك: «خەلقىمىز بۈگۈنكى دۇنياۋى رىقابەتتە ناخشا – ئۇسسۇل مۇسابىقىسىغا دۇچ كەلگىنى يوق!» (مەسئۇل مۇھەررىردىن). ناۋادا شۇنچىۋالا مەبلەغ يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ساھەلەر ئۈچۈن سەرپ قىلىنسا، بىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن كۆپ مەنپەئەتلىك ئىش بولار ئىدى.

خەلقىمىز ئەزەلدىن ئۆز تارىخىنى شاكىلىنى ئەمەس مېغىزىنى، ھادىسىنى ئەمەس ماھىيەتنى تارازىغا سالىدىغان مۇكەممەل ھايات مىزانلىرى بىلەن بېزەپ كەلگەن. ئاددىي – ساددىيلىق، ئىنساپ – دىيانەت، شەرم – ھايا، سەمىمىيلىك، باتۇرلۇق، ئىقتىسادچىللىق، ۋاپادارلىق، ئۆزئارا مېھىر – مۇھەببەت مانا بۇ خەزىنىدىن تامچىلار. ئەنە ئاشۇ تامچىلاردىن پۈتكەن مۇكەممەل كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، ئەخلاق، قىممەت ئۆلچەملىرى ئۇيغۇرنى ئۇزۇن تارىختىن بۇيان ئەۋلادتىن ئەۋلادقا، ئەسىردىن ئەسىرگە ئۇلىغان، زامانلار كۈلپىتىدىن، دۈشمەن ئوقلىرىدىن ئامان قىلغان. ئىقتىسادنىڭ بىر شەخس، بىر مىللەت، بىر دۆلەت ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتى ئىسپاتلاپ كۆرسەتمەكتە.

ئۇنىڭسىزمۇ ئەڭ ئالىي غايىمىزدىن ئەڭ ئالىي ئېھتىياجىمىز ئۈچۈن تىرمىشىش مۇساپىسىدە ھەر قەدەمدە ئۈسۈۋاتقان مىخ، دۇچ كېلىۋاتقان دوقاللار بىزگە ئىقتىسادنىڭ كۈچ – قۇدرىتىنى ھېس قىلدۇرماقتا. قاياققىلا قارىساق، پۇل تېپىش قىزغىنلىقىدا پىتىراپ يۈرگەن ئادەملەر، دوپپىمىزنى ئالدىمىزغا قويۇپ ئويلاپ باقساق، بىزگە تېخىمۇ كېرىكى، قانداق قىلىپ پۇل تېپىشقا قارىغاندا، تاپقان پۇلنى قانداق قىلىپ جايىدا، دۇرۇس خەجلەش. چۈنكى ئىلكىمىزدىكى چەكلىك ئىقتىسادنى قەيەرگە، قانداق خەجلەش ئۆزىمىز بىلەن ئۆزگىلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى چوڭايتىدۇ، ياكى كىچىكلىتىدۇ.

پەيغەمبەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن: «ھەربىر ئۈممەتنىڭ تۈرلۈك سىنىلىدىغان نەرسىلىرى بولىدۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ سىنىلىدىغان نەرسىسى كەڭتاشا بېرىلگەن مال – دۇنيادۇر. مەن سىلەرنىڭ ئېزىپ كېتىشىڭلاردىن ئەمەس، دۇنيانىڭ راھەت – پاراغەتلىرىگە بېرىلىپ كېتىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن». بۇ دانالارچە بېرىلگەن بىشارەت ماددىي ھەشەمەتچىلىككە چۆكۈپ، قەلب بوشلۇقلىرىنى نۇر بىلەن تولدۇرۇشتىن غەپلەتتە قېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بۈگۈنى ئەمەسمۇ؟ مەن شۇنداق تىلەيمەن: دۇنيانى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ غېمىمىز ۋە بىلىمىمىزنىڭ چېكى قىلمىغىن. (ئامىين!!!)

«شىنجاڭ مەدەنىيتى» ژورنىلىنىڭ 2005 – يىللىق 5 – سانىدىن ئېلىندى.

http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MzA3MzAzOTk3OA%3D%3D&mid=202306459&idx=3&sn=b9f13cfc5412e053f6caa1ad1840a84d&scene=2&from=timeline&isappinstalled=0#rd