Awazlik Kitap app01

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار
ئاندرويىد يانفون قوللانغۇچىلار ئۈچۈن تەييارلىنىپ تارقىتىلغان ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىتاپ Awazliq Kitap دېتالىدىكى ئۇيغۇرچىنى نورمال تۇنۇماسلىق مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ قايتىدىن تارقىتىلدى. بۇرۇن چۈشۈرگەن قېرىنداشلارنىڭ يېڭىلىۋېلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.

ەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم!
Awazliq Kıtap – ئاۋازلىق كىتاپ ناملىق دېتال تارقىتىلدى.

https://play.google.com/store/apps/details?id=com.awazliqkitap

بۇ ئاۋازلىق كىتاپ دېتالىنى چۈشۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

بۇ دېتال ئارقىلىق تۆۋەندىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىنى توردىن بىۋاسىتە ئاڭلىيالايسىز. خالىسىڭىز تور بارجايدا يانفونىڭىزغا ساقلىۋېلىپ خالىغان ۋاقىتتا ئاڭلىيالايسىز:
– ياشلار ئۈچۈن 101 ھېكمەت،
– 1002- كېچە،
– يېڭى مائارىپ بايراقدارى ئابدۇقادىر داموللام،
– ئەلىشىر ناۋايى،
– ئامەت ۋە ئاپەت،
– ئەمدى ئاق چەكمەيمەن،
– ئانايۇرت رومانى،
– باھادىرنامە (1- 2)،
– ئەۋلاد تەبىيىسى ھەققىدە لىكسىيەلەر،
– بالام قانداق ئىشتا پەملىك؟،
– بالدۇر ئويغانغان ئادەم،
– بوۋام ئېيتقان ھېكايىلەر،
– بوۋاي ۋە جاڭگال،
– بوۋام شۇنداق ئۆگەتكەن،
– ئەرەپ چۆچەكلىرى،
– فارابى،
– ھاياتلىق زەنجىرى،
– ھەمشىرىلەر رىسالىسى،
– ئىدىقۇت يۇلتۇزى،
– ئىلى دولقۇنلىرى،
– ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى،
– ئىز رومانى،
– كەچمىش،
– كەلىلە ۋە دېمنە،
– كۆمۈرچى بالا،
– مەھمۇد قەشقەرى،
– موللا مۇسا سايرامىي،
– موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە،
– ناتىۋانلار،
– نۇزۇگۇم،
– ئورخۇن شەجەرىسى،
– ئويغانغان زېمىن،
– قارا ھىجران (ئۆتكۈر شېئىرلىرى)،
– قۇم باسقان شەھەر،
– قۇتادغۇ بىلىك،
– سالچىلار،
– سەرسان روھ،
– سەئىدخان،
– سىرلىك ئۆڭگۈر،
– سىرلىق مىراس،
– سۇتۇق بۇغراخان رومانى،
– مەرىپەت مەشئىلى مەمتىلى ئەپەندى،
– تەقدىر،
– يىگانە ئارال،
– يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالام،
– يۈسۈف خاس ھاجىپ،
– زامانداشلار،
– زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز.

ئەسكەرتىش:
– مەزكۇر دېتال ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئوقۇيالمىغان كىتاپلارنى ئاڭلاش ئارقىلىق پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەييارلىنىپ ھەقسىز تارقىتىلدى.
– بۇ دېتالدىكى ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى توردىن چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، نەشىر ھوقۇقى نەشىر قىلغان ئورۇنغا ئائىت.
– بۇ دېتالدىكى ئەسەرلەرنى چۈشۈرۈپ جۇغلاپ تىجارىي مەخسەت بىلەن تارقىتىشتىن ساقلىنىڭ.
– بىر ئەسەرنىڭ بۇ دېتالغا كىرگۈزۈلگەن بولۇشى ئۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا تولۇق قوشۇلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ.
– دېتالغا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرگە ئالاقىدار پىكرى بار قېرىنداشلارنىڭ شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىغا تىلەكداشمىز؛
– ئا- پىكرىڭىز ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا ئالاقىدار بولسا، ئاپتۇرى بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
– ب- ئەگەر سىز ئەسەرنىڭ نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، ئەسەرنىڭ بۇ دېتالدا تارقىتىلىشىنى خالىمىسىڭىز بۇنى awazliqkitap@gmail.com مەلۇم قىلسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەزكۇر ئەسەرنى دېتالدىن چىقىرىۋېتىشكە تىرىشىمىز.
– دېتالغا ئالاقىدار تەكلىپ – پىكرىڭىز بولسا يەنە awazliqkitap@gmail.com ئىلخەت ئادرېسى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
– ناۋادا قولىڭىزدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا پايدىلىق ئىلمىي، سۈپەتلىك ئاۋازلىق ئەسەر بولسا يۇقىرىدىكى ئىلخەت ئادرېسى ئارقىلىق بىزگە يوللاپ بېرىڭ، خەلقىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن دېتالغا قوشۇپ قويايلى.
– ئاخىرىدا تىنىڭىزگە سالامەتچىلىك، كۆڭلىڭىزگە خاتىرجەملىك، ئائىلىڭىزگە بەخت – سائادەت، ئەۋلادلىرىڭىزغا ئىمان – ۋىجدان ۋە گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەت بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر ھايات، خەلقىمىزگە شانلىق كىلەچەك تىلەيمىز. ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇر ئاۋازلىق كىتاپ دېتالىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسى.

ئاۋازلىق كىتاپ فېيسبۇك بېتىدىن ئېلىندى

www.facebook.com/100008736907627