Ikki tesewwur bir hekiket & 3 Muhemmed ( Mustafa …:http://youtu.be/YiN1PX08aKo

Ikki tesewwur bir hekiket & 3 Muhemmed ( Mustafa …:http://youtu.be/YiN1PX08aKo
قېرىنداشلار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ھەرگىزمۇ چىڭ ئېسىلىڭلار دەپ « ساقىلى شەرىپى »« چىش شەرىپى » نى قويۇپ كەتكىنى يوق، بەلكى« قۇرئانى كەرىم » نى ۋە ئۈزىنىڭ « كانە خۇلقۇھۇ قۇرئان – خۇلقى قۇرئان ئىدى » بولغان ئۆرنەك قۇرئانى ھاياتىنى قويۇپ كەتتى.
  پەيغەمبىرىمىز بىر ئۆمۈر شېرىك بىلەن مۇجادېلە / كۈرەش قىلدى. ئۇنى جاھىلىييەدىكى مۇشرىك ئەرەپلەر ۋە ئەتراپىدىكى ساھابىلەرگە بىر ئۆمۈر ۋەھىي يەنى قۇرئان بىلەن چۈشەندۈردى ۋە ئۈزىمۇ چۈشۈنۈپ ئەمەل قىلىپ، ھاياتىنى« سىزلەرگە يەتكۈزدۈممۇ؟ يەتكۈزدۈممۇ؟ » دەپ ساھابىلىرىگە رەسۇل يەنى ئاللاھنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، گۇۋاھلىقىنى ئېلىپ، ھاياتىنى قۇرئانغا شاھىت قىلىپ ۋاپات بولۇپ، قۇرئاننى ۋە قۇرئانغا چۈشكەن ھاياتى ئۆرنەكلىرى بولغان ھەدىس ۋە سۈننەتلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. ھەمدە كېتىشتىن بۇرۇن « مەندىن بىرتال ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار » دەپ، ھەتتا« بەلكىم سىلەر يەتكۈزگەنلەر سىلەردىنمۇ ياخشى چۈشىنىشى مۇمكىن » دېگەن بىشارەتنىمۇ بېرىپ، يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتىنى بىزگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ كەتتى…
  ئەپسۇس، نۇرغۇن كىشىلەر يا پەيغەمبىرىمىزنى كۆككە كۈتۈرۈپ، ئەيسانى خۇدا دەپ ئازغان خىرىستىيانلارغا ئوخشاش خىرىستىيانلاشسا، يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن رىسالىسى « قۇرئانى كەرىم » نىڭ ئورنىغا ساقىلىنى ۋەيا چىشىنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭ يەتكۈزمەكچى بولغان ئۇچۇرلىرىنى ئۆلتەرمەكچى بولدۇق. يەنى يەھۇدىلەشكەن ئىسرائىل ئوغۇللىرىدەك بىزمۇ پەيغەمبەرنىڭ رىسالىسى بولغان ھايات كىتابىمىز قۇرئاننى يا« چۈشەنگىلى بولمايدىغان كىتاپ » ياكى تاھارەتسىز « تۇتقىلى بولمايدىغان قۇتسال كىتاپ » قىلىپ ئېگىز، قوليەتمەس يەرلەرگە ئېلىپ قويۇپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئامانىتىگە خىيانەت قىلىپ، قىيامەتتە پەيغەمبىرىمىز ئۈستىمىزدىن كىرىش قىلىدىغان « قۇرئاننى تاشلاپ قويغان »لاردىن بولۇشقا تىرىشتۇق. ئۇنى توغرا چۈشۈنەلمىدۇق…
  خاپا بولماي، مۇنۇ بىر سائەتلىك دەرسنى چىداپ، باشتىن-ئاياق بىر تىڭشاپ چىقىڭ، بەلكىم ھاياتىڭىزنىڭ « بۇرۇلۇش نوختىسى » بوپقالغۇسى! شۇنداقمۇ باتۇر قېرىندىشىم؟! Ender Karahanlı