تەۋھىد

By

دېكابىر 23, 2014

Tavsiyeler1

تەۋھىد

 

  1. ئەقىدىڭىزنى رۇس قىلىڭ. تەۋھىد ۋە شېرىكنى ناھايىتى ئوبدان ئۆگىنىڭ. چۈنكى، ئەقىدە ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. دىنىڭىزنى مۇز ئۈستىگە بىنا قىلماڭ. ئاتا – بوۋىڭىزدىن قالغان، ئاڭلىغان شەكىلدە ئەمەس، ئاللاھ ئارزۇ قىلغان شەكىلدە ئىمان ئېيتىڭ، ئىشىنىڭ. ئەقىدىدە ئاللاھ قا ئىمان، تاغۇتنى ئىنكار قىلىشنى ئاساسلىق ئۆلچەم قىلىڭ. بۇ، بىر قۇرئانى ئۆلچەمدۇر.
  2. ئىمانغا مۇناسىۋەتسىز مەسلىلەرنى ئىمان تېمىسىغا ئايلاندۇرىۋالماڭكى. ئەقىدىڭىز سۈيىلىپ كەتمىسۇن. ئەگەر سىز ئەقىدىڭىزنىڭ چېگراسى ئەتراپىدا توختىماي چارلاپ تۇرمىسىڭىز، كۆرۈنىدىغان ۋە كۆرۈنمەيدىغان دۈشمەنلىرىڭىز ئەقىدىڭىزنى ئاستىن – ئۈستىن قىلىۋېتىدۇ ۋە چەك – چېگرانى بىلگىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
  3. مۇۋاھھىتلاردىن بولۇڭ. تەۋھىد مەۋجۇدىيەتنىڭ ھەم سەۋەبى ھەم غايىسى. ھەر نەرسە ئاللاھ تىن كەلگەن ۋە ھەر نەرسە ئۇنىڭغا قايتىدۇ. كۆپنىڭ ئىچىدە تەكنى كۆرۈڭ، كەسرەتتە بىرلىكنى قولغا كەلتۈرۈڭ. « لا ئىلاھە ئىللەللاھ » تەۋھىدنىڭ ئەڭ ئىخچام ۋە مېغىزلىق ئىپادىسى. كائىناتقا تەۋھىد نەزىرى بىلەن قاراڭ.
  4. تەۋھىد ئەقىدىڭىزدۇر. ئاللاھ قا ئىمان، يالغان ئىلاھلارنى ئىنكار بىلەن پۈتۈنلىنىدۇ. ئىمانىڭىزنى شېرىك ئۈستىگە بىنا قىلماڭ.
  5. شۇنى ئوبدان بىلىڭكى، شېرىك مۇتلەق باتىل ئەمەس، بەلكى ئىچىگە ھەق ئارىلاشقان باتىلدۇر. يەنى شېرىك، بىر ھەق – باتىل ھىسسىدار بولغان شىركەت. شېرىكنىڭ ئىچىدە ھەقتىن بىر پارچىنىڭ بولىشى ئۇنى توغرا كۆرسىتەلمەيدۇ. بىر قازان ھەسەلگە بىر ئىستاكان نىجاسەت تۆكۈلسە، ئۇنىڭ نىسبىتىگە قارىماستىن بۇ بىر قازان ھەسەل تۆكۈۋېتىلىدۇ.
  6. پەقەت ئاللاھ تىنلا قورقۇڭ، ئۇنىڭدىن غەيرىدىن ھەرگىز قورقماڭ. بۇ، قورقۇدا تەۋھىدتۇر ۋە تەۋھىدنىڭ بىر پارچىسى. ئاللاھ تىن غەيرىدىن قورقسىڭىز، سىز قورققان نەرسە بېشىڭىزغا مۇسەللەت بولىدۇ.
  7. دائىم قورقۇ بىلەن ئۈمىد ئارىسىدا تۇرۇڭ. قورقۇشتا، ياخشى كۆرۈشتە ۋە ئۈمىدتە تەۋھىددىن ئايرىلماڭ. شۇنى ياخشى بىلىڭكى، ئاللاھ تىن غەيرىدىن قورققۇچى ئىككى قېتىم جازاغا تارتىلىدۇ. يەنى، 1) قورقۇنىڭ ئۆزى بىر جازا. 2) قورققان نەرسە بېشىڭىزغا كېلىدۇ. قورقۇ، ياخشى كۆرۈش ۋە ئۈمىد بۇ ئۈچىنى بىرلا ۋاقىتتا ئاللاھ تىن باشقا بىر مەخلۇقنىڭ ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلىش، ئۇ مەخلۇقنى ئاللاھ قا شېرىك قىلىش بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ شېرىكتۇر.
  8. ھەممىدىن بەك ئاللاھ نى ياخشى كۆرۈڭ. بۇ ياخشى كۆرۈشتە تەۋھىدتۇر. ھەر قانداق نەرسىنى ئاللاھ نى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرمەڭ، بولمىسا ياخشى كۆرۈشتە ئاللاھ قا شېرىك كەلتۈرگەن بولىسىز. بۇ پەقەت ئىمانىڭىزغا زۇلۇم قىلىپلا قالماي، ياخشى كۆرگەن نەرسىڭىزدىنمۇ ئايرىلىپ قالىسىز. چۈنكى ئاللاھ ئايۇت دۇر. ئاللاھ بەندىنىڭ ئۆزىگە ( ئاللاھ قا ) مەخسۇس بولغان ھەققىنى باشقىلارغا ئايرىشىڭىزغا رازى بولمايدۇ.