فاتىھە سۈرىسى ( 7 – 1 )

ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان، رەببى ئىكەنلىكىنى ئىنسانغا نازىل قىلغان  ۋەھىي بىلەن ئىسپاتلىغان، شەپقەت ۋە مەرھەممىتىنىڭ بىر ئىپادىسى سۈپتىدە ئىنسانغا تەربىيە قىلغان ئاللاھ قا ھەمد بولسۇن!

ئۇنىڭدىن ئالغان ۋەھىينى ئالغان پېتى، ئۆزگەرتمەي، قوشۇپ قويماي، ئېلىۋەتمەي، نازىل بولغان ھالىتىدە ئىنسانىيەتكە يەتكۈزگەن،  ئۇ ۋەھىينىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان، ئۇ ۋەھىينى تەبلىغ ۋە بايان قىلغان سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزگە ( س ئە ۋ ) سالات بولسۇن!

ئۇ ئېلىپ كەلگەن ۋەھىينى ھاياتىغا تەدبىقلاشقا، ھاياتىنىڭ كىتابى سۈپتىدە، ئۇ ۋەھىينى بىر ھايات مىزانىغا ئايلاندۇرغان سىز قەدىرلىك مۆئمىنلەرگە سالام بولسۇن، بەرىكەت بولسۇن، ھىدايەت بولسۇن!

بۈگۈن قۇرئان دەرسىمىزنىڭ تۇنجى قېتىمىدا، فاتىھە سۈرىسىنىڭ تەپسىرىنى توختىلىمىز.

فاتىھە سۈرىسىنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئاۋۋال ھەر بىر سۈرىنىڭ باشلانغۇچى بولغان، ئېچىلىشى بولغان ۋە قۇرئان ئوقۇشقا باشلاشتىن بۇرۇن دېيىشكە بۇيرۇلغان « ئەئۇزۇ بىسمىللاھ » نىڭ تەپسىرى بىلەن سۆزۈمنى باشلايمەن.

ئالدى بىلەن « ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىم » نېمە دېگەنلىك، بۇ ھەقتە بىر ئاز توختىلىمەن.

« تاشلانغان شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھ قا سېغىنىمەن » دېگەن پانالىق سۆزى، يەنى « ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىم »، قۇرئاننىڭ بىزگە قىلغان بىر ئەمرى. قۇرئان نەھل سۈرىسى ( 98 – ئايەت ) بىلەن « قۇرئان ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوغلاندى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن ئاللاھ قا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن » دەپ بۇيرۇق قىلماقتا. يەنە بىر باشقا ئايەتى كەرىمدە ئەئراف سۈرىسىنىڭ 200 – ئايىتىدە « ئەگەر شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا، كۆڭلۈڭنى باشقا ياققا بۇيرىسا، دىققىتىڭنى چېچىشقا ئۇرۇنسا، ئاللاھ قا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن. ئۇ بېرىدىغان ھەر تۈرلۈك ۋەسۋەسىدىن، قەلبىڭگە سالىدىغان ھەر خىل ۋەسۋەسىدىن ۋە زېھنىڭغا بېرىدىغان ھەر تۈرلىك كۆلەڭگۈدىن ئاللاھ قا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن » دەيدۇ.

تەبىئىكى، بۇ كىتاپ كۆرۈنۈشتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ( س ئە ۋ )غا، ماھىيەتتە ھەممىمىزگە ئەۋەتىلگەن. چۈنكى، ھېچبىرىمىزنىڭ قەلبى ۋە ئەقلى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن، شەيتاننىڭ ئالدىشىدىن، شەيتاننىڭ ئازدۇرىشىدىن ۋە سايىسىدىن خالىي ئەمەس. بۇ نوقتىدا ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىم جۈملىسىنىڭ، « قۇرئان ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوغلاندى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن ئاللاھ قا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن » ئىپادىسىنىڭ بىزدە ئويغاتماقچى روھ ھالى ھەققىدە بىر ئاز توختالماقچىمەن.

ئىستىئازە (ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىم ) بىر پاناھلىق تىلەشتۇر، بىر روھ كەيپىياتنى ئويغۇتۇش ھەرىكىتىدۇر. يەنى  بىر ئاڭ بەرپا قىلىشتۇر، ئىنساندا بىر ئاڭ شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن( شەيتان ۋەسۋەسىسىدىن ) ئاللاھ قا سېغىنىشقا بۇيرۇلغان.

بىر « ئاڭ شەكىللەندۈرۈش»، نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئاڭسىز بىر شەكىلدە ئاللاھ نىڭ، ۋەھىينىڭ خىتاپ قىلىنغۇچىسى بولىشىمىزنى خالىمىغانلىقىدىن. چۈنكى، ئاللاھ نىڭ ۋەھىينى ئىنساننىڭ، بۇ ئوخشىتىش سەۋەبىدىن ئەپۇ قىلىڭلار، بىر كالىغا، بىر قۇشقا، بىر چىۋىنگە، بىر سازاڭغا ئوخشاش جانلىقلارغا ئەمەس؛ ئەقىل نېمىتى ئىھسان قىلغان بىر مەۋجۇدىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاڭلىق ھالدا ۋە ئەقىل بىلەن ئاڭلىشىنى، چۈشۈنۈشىنى خالىماقتا. شۇڭا « ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىم » بىزدە ۋەھىيگە تەييار بولسۇن دېگەن بىر ئاڭنى شەكىللەندۈرۈش ھەرىكىتىدۇر. بۇ ئاڭ، پۈتۈنلەي ئاللاھ قا تەسلىمىيەت ۋە ھەر خىل مەنئى قىلىنغان ھېسسىيات ۋە ئوي – خىيالغا قارىتا، قەلب ۋە مېڭە دەرىزىمىزنى يېپىش دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ مەنىدە، « ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىم » دېگەن كىشى، « ۋەھىينىڭ تىرىلدۈرگۈچى نەپىسىگە تەسلىم بولدۇم » دېگەن بولىدۇ. چۈنكى، ۋەھىي، ئالدىدا تىرىك بىر ئاڭ، تىرىك بىر ئىنسان، تىرىك بىر ئەقىل، تىرىك بىر يۈرەك بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنى قۇرئاندىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ ( سۈرە ياسىن، 69 – 70 – ئايەت ).

« ئۇ بىر ئاگاھلاندۇرۇشتۇر، ئىنسانغا ئۆزىنى، يارىتىلىشىنى ، تەبىئىيتىنى ئەسلىتىشتۇر ۋە رۇشەن بىر قۇرئاندۇر ».

ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ياسىن سۈرىسىدە ئۆتكەن بۇ ئايەت مۇنداق دەيدۇ، « قۇرئاننىڭ نازىل بولىشى تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر ».

دېمەككى، ئاللاھ كىتابىنىڭ ئالدىدا، ۋەھىينىڭ ئالدىدا ئۆلۈك روھلارنى خالىمايدۇ، ئۆلۈك بەدەنلەرنى خالىمايدۇ، ئاڭسىز كىشىلەرنىڭ بولىشىنى خالىمايدۇ . بۇ يەردىكى تىرىكلىك، ئەلۋەتتە ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغاندەك جىسمى بىر تىرىكلىك ئەمەس، ئەكسىچە زېھنى، قەلبى تىرىكلىكتۇر. شۇڭا، ۋەھىي تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئالدىدا تىرىك بىر روھ، تىرىك بىر قەلب، تىرىك بىر ئاڭ تەلەپ قىلىدۇ.

يەنە بىر باشقا ئايەتى كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

« ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى دەۋەت قىلغاندا، نېمىگە دەۋەت قىلغاندا؟ تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن دەۋەت قىلغاندا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار » ( سۈرە ئەنفال، 24 – ئايەت ).

دېمەككى ئاللاھنىڭ چاقىرىقى ( دەۋىتى )، رەسۇلى ( س ئە ۋ ) نىڭ چاقىرىقى بىر تىرىلىش چاقىرىقىدۇر.

كىملەر ئۈچۈن بىرى تىرىلىش چاقىرىقى؟

ئەلۋەتتە، يۈرىكىنى ۋە زېھنىنى تىرىك تۇتقانلارغا بىر تىرىلىش چاقىرىقى، بۇ تىرىلىش ئەبەدىيەت ( ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان )كە چاقىرىق، بۇ تىرىلىش ئۆلۈمسىزلىشىش چاقىرىقىدۇر.

شۇڭا، ئىستىئازە، « ئەئۇزۇ بىللاھ مىنەش شەيتەنىر رەجىم » بىر تىرىلىشتۇر، تىرىلىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر. سىز بۇ سۆزنى دېيىش بىلەن « مەن، ئى ئاللاھ، سېنىڭ كىتابىڭغا تىرىك بىر يۈرەك، تىرىك بىر ئاڭ ۋە تىرىك بىر ئەقىل بىلەن لەببەيك دەيمەن، تەييارمەن دەيمەن. قېنى، يا رەب قەلبىمگە خىتابىڭ بىلەن مەرھەمەت قىلغىن، خىتابىڭنى، سۆزۈڭنى تۆرگە باشلىغىن ۋە مەن سېنىڭ ئەمرىڭگە بۇ شەكىلدە تەييار بولغانلىقىمنى جاكارلايمەن » دېگەنلىكتۇر.

پاناھ تىلەش، بىر نەرسە دېيىش ئەمەس، بىر پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتۇر. « قۇرئان ئوقۇشقا باشلىغىنىڭدا، قوغلاندى شەيتاندىن ئاللاھ قا سېغىن » ( سۈرە نەھل 98 – ئايەت ) مەنا بۇنى ئىپادىلەيدۇ.

يەنى، « سېغىنىمەن دېگىن » ئەمەس، « سېغىن! » بىر نەرسە دېگىن دەپ بۇيرۇق قىلمىدى، بىر نەرسە قىل دەپ بۇيرۇق قىلىۋاتىدۇ.

نېمە قىلىمىز؟ پاناھ تىلەشنى قانداق شەكىلدە قىلىمىز؟

ئاڭلىق رەۋىشتە قىلىمىز؛

نېمىشقا قىلىمىز؟

چۈنكى، قۇرئان، ئالدىدا تىرىك بىر ئىنسان بولىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا پاناھ تىلەش، « ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىم »، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئان ئوقۇشقا، ناماز ئوقۇشقا باشلىغاندا دائىم دەيدىغان بىر جۈملە ئىدى.

ئەمدى، پاناھ تىلىگەندىن كېيىن بىسمىللاھ قا كېلەيلى،

« بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىم ».

قۇرئاننى بىر چوڭ قوراغا ، ھەشەمەتلىك بىر قورا – جايغا ئوخشاتسىڭىز، « فاتىھە سۈرىسى »نى بۇ قورانىڭ دەرۋازىسى، كىرىش ئىشكى دېسەك بولىدۇ. قورانىڭ، ئۆينىڭ، داچىلارنىڭ، سارايلارنىڭ دەرۋازىسى ئىنساننىڭ يۈزىگە ئوخشايدۇ. ئىنساننىڭ پۈتۈن مۇئامىلىسىنى، ئىنساننىڭ قورقۇسىنى، قايغۇسىنى، دەرد – ئەلىمىنى يۈزىدىن بىلەلەيسىز. دەل مۇشۇنداق، بىر داچىنىڭ، بىر ساراينىڭ، بىر قورانىڭ ئىچىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى دەرۋازىسىغا قاراپ بىلەلەيسىز. شۇڭا، قۇرئاننىڭمۇ پۈتۈن ئالاھىدىلىكلىرىنى فاتىھە سۈرىسىگە قاراپ بىلەلەيسىز.

ئەگەر، « فاتىھە سۈرىسى » قۇرئان قوراسىنىڭ دەرۋازىسى بولسا، بۇ دەرۋازىنىڭ ئاچقۇچى « بىسمىللاھتۇر »، بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىم ئاچقۇچى بىلەن بۇ دەرۋازىنى ئاچىسىز .

ئەمدى «راھمان ۋە رەھىم ( ناھايىتى مېھرى – شەپقەتلىك ) ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن » مەنىسىدىكى بىسمىللاھ نىڭ مەنىسى ھەققىدە بىرئاز توختىلىمەن.

بىسمىللاھ نىڭ مەنىسى «راھمان ۋە رەھىم ( ناھايىتى مېھرى – شەپقەتلىك ) ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن » ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، باشتىكى « ب » ھەرىپى ئىسلاق ئۈچۈن، يەنى ئەرەپچىدە بىر نەرسىنى باشقا بىر نەرسىگە باغلاش، ئىككى نەرسە ئوتتۇرىسىدا كۆرۈك بولۇش، ئىككى نەرسە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزگۈچ بولۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، بىسمىللاھنىڭ بېشىدىكى « ب » ھەرىپى بۇ مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇنداقتا، بىسمىللاھ نېمىنى نېمىگە باغلايدۇ؟ بۇ باغلاش نېمە ئۈچۈن؟

بىسمىللاھنىڭ سىرىمۇ دەل مانا بۇ نوقتىغا يوشۇرۇنغان بولۇپ، بىسمىللاھنىڭ پۈتۈن ھېكىمىتىنى ئۇ « ب » ھەرىپى بەرمەكتە. چۈنكى، ئۇ ھاياتنى ئاللاھ قا باغلىغان بىر كۆرۈكتۇر، بىسمىللاھ شەيئىنى مۇقەددەسكە باغلىغان بىر باغدۇر. بىسمىللاھ، يۈرەكنى رەببىگە باغلىغان بىر ئۆتكۈزگۈچتۇر. بىسمىللاھ، بۇ دۇنيانى ئۇ دۇنياغا باغلىغان، ئۆتكۈنچىنى ئەبەدىيەتكە تۇتاشتۇرغان، شەيئىنى ياراتقۇچىغا باغلىغان، مەخلۇقنى خالىقىغا تۇتاشتۇرغان غايەت چوڭ بىر باغدۇر. بىسمىللاھ بۇ مەنىسى بىلەن بىر ھايات پەلسەپىسىدۇر. بىسمىللاھ دېگەن كىشى ئاللاھ نى تونۇغان كىشىدۇر. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ ( س ئە ۋ ) بىر ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن بىسمىللاھ دەيتتى ۋە بىزگىمۇ بىسمىللاھ دېيىشىنى تەۋسىيە قىلغان.

نېمە ئۈچۈن؟

چۈنكى، بىسمىللاھ بىر ھايات پەلسەپىسى دېدىم، بىسمىللاھ بىلەن باشلىغان بىر ئىش ئاللاھ قا ھاۋالە قىلىنغان بىر ئىشتۇر. بىر ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن بىسمىللاھ دېيىشىڭىز بىلەن، بىرىنجى، ئاللاھ قا ئىشەنگەن ھالدا قىلىمەن، ئاللاھ تىن خالىي ھالدا ئويلىمايمەن بۇ ئىشنى، مەن بۇ ئىشىمغا رەببىمنى شېرىك قىلىمەن. ئىككىنچى، مەن بۇ ئىشىمنى ئاللاھ نىڭ ياردىمى بىلەن قىلىمەن، ئۇ بەرگەن كۈچ، ئەقىل، نېمەت ۋە ۋۇجۇد سايىسىدا قىلىمەن، دېگەن بولىسىز. يەنى، ئەگەر ئۇ ماڭا رەھمەت قىلمىغان بولسا، بۇ ئىشىمنى قىلغاندا ئىشلەتكەن قول، پۇت، كۆز، قۇلاق، تىل. لەۋ، زېھىن، ماددا، پۇل … نېمە بولسا، ئىشلەتكەن ھەر بىر نەرسىنى ئەگەر ئۇ بەرمىگەن بولسا ئىدى، مەن قىلالمايتتىم دېگەنلىك بولىدۇ.

شۇڭا، بىسمىللاھ بىر مەنىدە بىر رەھمەت ئېيتىشتۇر، ئاللاھ قا تەشەككۈردۈر.

بىسمىللاھ، بىر باشقا مەنىسى بىلەن رەببىم، سېنىڭ ياردىمىڭنى تىلەيمەن دۇئاسىدۇر.

يا رەببى، مەن بۇ ئىشنى قىلىمەن ۋە قىلغىنىمنى ساڭا مەلۇم قىلىۋاتىمەن، سەن ياردەم قىلغايسەن، سەن ئاسانلىق بەرگەيسەن، سەن بۇ ئىشقا يار – يۆلەك بولغايسەن، دېگەنلىكتۇر.

بىسمىللاھنىڭ قانداق بىر ھايات پەلسەپىسى، بىر دۇنيا قاراش مەنىسىگە كەلگەنلىكىنى كۆرىۋاتىسىز. شۇڭا، بۇ مەنىسى بىلەن بىسمىللاھ، دىنسىزلىكنى رەت قىلماقتا، يەنى، بۇ ئاللاھ ئارىلاشمىغان ھېچقانداق بىر ئىش يوق دېگەنلىكتۇر.

گۇناھقا بىسمىللاھ دېيىلمەيدۇ، نېمىشقا؟ ئاللاھ رازى بولمايدىغان ئىش ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلانمايدۇ ۋە ھاياتى بىسمىللاھ بىلەن ئۆتكەن بىر كىشى ھېساب بېرىدىغان بىر ھايات كەچۈردى دېگەنلىكتۇر.

« بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم » نىڭ « ب » ھەرىپىدىن كېيىن كەلگەن « ئسم » بىر قاراشقا كۆرە، « سۇمۇۇ » يەنى « ئۇلۇغ »لىقتىن، يەنە بىر قاراشقا كۆرە « ئالامەت، ئىشارەت » مەنىسىنى بىلدۈرگەن « ۋەسم » سۆزىدىن تۈرلىنىپ كەلگەن. بۇ، ئىككى ئايرىم ئېقىمنىڭ شەرھىيلىرىدۇ، ئەمما مەن تەپسىلاتىغا كىرمەي ئۆتۈپ كېتىمەن.

ئەگەر « سۇمۇۇ » سۆزىدىن كەلگەن بولسا، سۇمۇۇ ئۇلۇغلىق دېگەنلىكتۇر، سۇمۇۇ شەرەپ دېگەنلىكتۇر. « شەيئىنىڭ، ئىسىم ئىگىسى بولغان ھەر بىر نەرسىنىڭ بىر ئۇلۇغلىقى باردۇر » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى، ئىسىم ئىگىسى بولۇش، ئۆز ئالدىغا بىر شەرەپتۇر، يەنى مەۋجۇد بولۇش شەرىپىگە ئىگە بولۇش دېگەنلىكتۇر. يوقلۇققا قارشى، مەۋجۇدلىق بىر شەرەپتۇر.

ئەگەر « ۋەسم » سۆزىدىن كەلگەن بولسا، « ئىشارەت، ئالامەت » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ؛ يەنى، بىر شەيئىنىڭ ئىسمى ئۇ شەيئىنىڭ ئالامىتىدۇر، ئۇ شەيئىنىڭ بەلگىسىدۇر؛ بىر شەيئىنىڭ ئىسمى ئۇنىڭ خاراكتېرىنى كۆرسىتىدىغان بىر بەلگە دېگەنلىك بولىدۇ.

ئاللاھ ئىسمى ئالاھىدە بىر ئىسىمدۇر. فاتىھە سۈرىسى ئىچىدە تىلغا ئېلىنغان ئاللاھ لەۋزىنى مەن بىسمىللاھتا تەپسىر قىلماقچى. فاتىھەنىڭ تەپسىرىدە يەنە تەكرار تەپسىر قىلمايمەن، شۇڭا ئاللاھ لەۋزى ئۈستىدە بىر ئاز توختىلاي.

ئاللاھ سۆزى ئالاھىدە بىر ئىسىمدۇر، قۇرئانى كەرىمدە ئىككى مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق تىلغا ئېلىنغان ئىسم. بۇ ئاللاھ نىڭ ۋە بۇ ئىسىم ئاللاھ نىڭ ئالاھىدە ئىسمى بولىشى سەۋەبىدىن، ئاللاھ نىڭ پۈتۈن گۈزەل ئىسىملىرىنىمۇ ئۆزىگە بىر سۈپەت قىلغان بىر خاس ئىسىمدۇر. شۇڭا، ئاللاھۇ كەرىمۇن، ئاللاھۇ خالىقۇن، ئاللاھۇ ئەزىزۇن، ئاللاھۇ ئەلىيمۇن… دېيەلەيسىز، يەنى ئاللاھ نىڭ پۈتۈن باشقا ئىسىملىرىنى بۇ ئىسىمگە سۈپەت قىلىپ ئىشلىتەلەيسىز. شۇڭا، ئاللاھ نىڭ يىگانە بىر ئىسمى باردۇر، ئۇ بولسىمۇ ئۇلۇغ ئاللاھ لەۋزى، پۈتۈن باشقا ئىسىملىرىغا سۈپەت بولالايدۇ. بۇ سەۋەپتىن، ئاللاھ ئىسمى ئۇلۇغ ئاللاھ تىن غەيرى ئۈچۈن ھېچىقانداق شەكىلدە ئىشلىتىلمەيدۇ. بۇ ئىسىم ياساپ چىقىلمىغان، باشقا قاراشلار بولسىمۇ، ئاساسىي قاراش ھېچقانداق بىر سۆزدىن ياساپ چىقىلمىغانلىقى، تۈرلەنمىگەنلىكى ھەققىدە.

بۇ ئىسىمنىڭ كۆپلىك شەكلى يوقتۇر، ئاللاھ لار دېيىلمەيدۇ، بۇنى دېگەن كىشى قارا قوساقلىقىنى ئىپادىلىگەن بولىدۇ. يەنە، ئاللاھ كەلىمىسىنىڭ ئۇلۇغلىقىنىڭ ئورنىنى ھېچقانداق بىر ئىسىم تولدۇرالمايدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا بىر باشقا ئىسمنى قويغىلى بولمايدۇ؛ مەسىلەن: تەڭرى، ئىلاھ دېگەن كەلىمىلەر،  ئاللاھ كەلىمىسىنىڭ ئورنىنى قەتئىي ئالالمايدۇ.

ئاللاھ نىڭ باشقا ئىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە، ئاللاھ كەلىمىسىنى ئىشلەتكىلى بولغاندەك، ئاللاھ ئىسمىدىن باشقا ئىسىملارمۇ ۋە سۈپەتلەرنىمۇ ئۆز ئالدىغا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

ئەر رەھمان؛ رەھمان، ئوخشىتىش سۈپىتى بولۇپ، ئەرەپ تىلىدا، بۇ بىر نەرسىنىڭ ئۆزىنى ئىپادە قىلىدۇ، يەنى « بۇ كىم؟ » سۇئالىغا بېرىلگەن جاۋاپتۇر.

« ئاللاھ كىم؟ » دەپ سورىسىڭىز ئەگەر، جانابىي ھەق ئۆزىنى بىزگە « رەھمان »دۇر دەپ تونۇشتۇرىدۇ، شۇڭا، ئەر رەھمان ئىسمىمۇ ئاللاھ قا خاستۇر، ئىنسانغا بېرىلمەيدۇ. بۇ سەۋەپتىن، ئالىملار، مۇپەسسىرلەر ئىسىم سۈپتىدە خاس، پىئېل سۈپتىدە ئومۇمىي دېگەن؛ يەنى ئەر رەھمان ئاللاھ قا خاس ئىسىمدۇر، لېكىن تەجەللىسى پۈتۈن ئالامنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاللاھ « رەھمان » ئىسمى بىلەن يەرلەرگە ئاسمانلارغا ئىلتىپات قىلىدۇ، رەھمان ئىسمىنىڭ دائىرىسىدە پەقەت مۆئمىنلەرلا ئەمەس ، كاپىرلارمۇ بار؛ پەقەت جانلىقلارلا ئەمەس، جانىسىزلارمۇ بار، پەقەت ئاڭلىقلار ئەمەس، ئاڭسىزلارمۇ بار. يەنى، ئاللاھ « رەھمان » ئىسمى سايىسىدە ئاسمانلارنى تۇتۇپ تۇرماقتا، ھايۋانلارنى ياشاتماقتا، دەل – دەرەخلەرنى، ئوتلارنى ۋە پۈتۈن ئالەمنى، مەۋجۇدىيەتنى تۇتۇپ تۇرماقتا، مانا بۇ رەھمان ئسىمىنىڭ بىر تەجەللىسىدۇر.

« رەھىم » ئىسمى؛ ئۇ بولسا ئاللاھ نىڭ، كەلىمە ئالاھىدىلىكى سۈپتىدە، ئىسمى ئىگىدۇر، مۇبالىغا بىلەن ئىگە، ئاللاھ نىڭ پىئېلى سۈپتىگە دالالەت قىلىدۇ.

رەھمان ئىسمى، زاتىغا دالالەت قىلىدۇ، يەنى « ئى ئاللاھىم سەن كىم؟ » سۇئالىغا «ئۇ رەھماندۇر » جاۋابىنى بەرسىڭىز بولىدۇ. ئۇنداقتا « رەھىمدۇر » جاۋابى قايسى سۇئالغا بېرىلىدۇ؟ « ئي ئاللاھىم، سەن قىلغان ئىشىڭنى قانداق قىلىسەن؟ » سۇئالنىڭ جاۋابىدۇر.

يەنى « رەھمىتىم بىلەن قىلىمەن ( ئىشنى )، مەن رەھماندۇرمەن، مەرھەمەت قىلغۇچى، رەھمەت قىلغۇچىمەن، مەن مەرھەمەتلىكمەن، شەپقەتلىكمەن، سۆيگۈچىمەن، قىلغان ئىشىمنى رەھمەت بىلەن قىلىمەن، مۇئامىلەمنى رەھمەت بىلەن قىلىمەن ».

شۇڭا، « رەھىم  » ئىسمى بىر پىئېلدۇر، « رەھمان » ئىسمى زاتىدۇر، ئۆز بارلىقىغا قارىتا بىر سۈپەتتۇر، بىر تەرەپتۇر رەھمەت؛ ئەمما، «رەھىم » ئاللاھ نىڭ ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر، قىلغان ھەر بىر ئىشنى رەھمەت بىلەن قىلغۇچى دېگەنلىكتۇر.

شۇڭا، ئاللاھ زاتىدا رەھمەتلىك ۋە ئىشىدىمۇ مەرھەمەتلىكتۇر.

بىز بىسمىللاھنى بۇ مەنىدە مۇنداق تەرجىمە قىلساق بولىدۇ؛ « رەھمان سۈپتى بىلەن پۈتۈن مەخلۇقلىرىغا، مەرھەمەت بىلەن مۇئامىلە قىلغۇچى ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن ».

« رەھمان سۈپتىنى بىلەن پۈتۈن مەخلۇقلىرىغا شەپقەتلىك مۇئامىلە قىلغان ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن ».

بىسمىللاھ ھۆكۈم جەھەتتىن فاتىھەدىن بىر ئايەتمۇ ئەمەسمۇ تالاش – تارتىشىغا قېتىلغۇم يوق، بۇ تېمىدا بىزدىن بۇرۇنمۇ كۆپ مۇنازىرە بولغان، لېكىن بىسمىللاھنىڭ قۇرئاندىن بىر ئايەت ئىكەنلىكى ھېچكىم ئىختىلاپ قىلمايدىغان بىر مەسىلە.

مەلۇم بولغىنىدەك، نەمل سۈرىسىدىن بىر ئايەتتۇر « بىسمىللاھ » ( 27 – سۈرە، 30 – ئايەت ). سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ بەلقىسقا، يەنى سەبە مەلىكىسى بەلقىسقا يازغان مەكتۇبى بۇ جۈملە بىلەن باشلانغان، قۇرئان بىزگە بەرگەن مەلۇماتقا كۆرە، « بىسمىللاھ » پەقەت بىزگە، يەنى مۇھەممەد ئۈممىتىگە خاس بىر جۈملە، بىر ئاچقۇچ ئەمەس؛ « بىسمىللاھ » مۇھەممەد ( س ئە ۋ ) ئۈممىتىدىن بۇرۇنقى ئىسلام پەيغەمبەرلىرىمۇ ئىشلەتكەن ئاچقۇچتۇر. بۇ قارىشىمىزنى قۇرئاندىكى باشقا بىر ئايەتمۇ توغرىلايدۇ؛ نۇھ ئەلەيھىسسالام ( سۈرە ھۇد، 41 – ئايەت ) كېمىگە چىققاندا ۋە كىشىلەرنى كېمىگە ئالغاندا، كېمىنى بۇ جۈملە بىلەن ھەرىكەت قىلدۇرىدۇ. مانا بۇ يەردىن بىلەلەيمىزكى، ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە پۈتۈن ئىسلام پەيغەمبەرلىرى « بىسمىللاھ » بىر ئاچقۇچ قىلىپ ئىشلەتكەن

بۇ بىزگە نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بۇ شۇنى بىلدۈرىدۇ: ئىنسانىيەتكە خاس ئۆزگەرمەس قىممەتلەرنىڭ يەنە بىر ئىسمى بولغان ئىسلامنىڭ ئۆزگەرمەس قىممەت – قاراشلىرىدىن بىرى، بىسمىللاھ بەرگەن چۈشۈنۈش ئۇسۇلىدۇر. يەنى، ئاللاھ ئىنساننىڭ پۈتۈن ئىشىغا ئارىلىشىدۇ؛ ئىككىنچى، ئەگەر ئىنسان ئاللاھ نىڭ ياردىمىنى تىلىسە، ئاللاھ بىلەن باشلىشى كېرەك ھەر ئىشنى؛ ئۈچىنجى، ئىنسان قىلغان ھەر ئىشتا ئاللاھ قا بولغان قەرزىنى ئەسلىشى ۋە ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىشى كېرەك.

مانا بۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزگەرمەس قىممەت – قاراشلىرىدىن بىرسىنىڭ ئۆزگەرمەس بىر ئىپادىسىدۇر.

بۇ مەنىدە، بىسمىللاھنىڭ قۇرئاندىن بىر ئايەت ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچكىمنىڭ بىر شۈبھىسى يوق. لېكىن، سۈرىلەرنىڭ بېشىدا بىر ئايەتمۇ سۇئالى سورالغان ۋە بۇنىڭغا باشقىچە جاۋاپ بېرىلگەن بولسىمۇ، كەمىنە، بۇ ھەقتە بىسمىللاھنىڭ سۈرىلەرنىڭ بېشىدا، پەقەت سۈرىلەرنى بىر – بىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن قويۇلغان بىر ئايرىغۇچى، ئايەتتىن بىر ئايرىغۇچى دەپ قارايمەن.

فاتىھەدىكى بىسمىللاھنىمۇ شۇنداق دەپ قارايمەن. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى نازىل بولغان ئايەتى كەرىم مۇنداق باشلىغان، بىسمىللاھنى ئەمر قىلىپ باشلىغانىدى

« رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن، ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن »( ئەلەق سۈرىسى، 1 – ئايەت ).

دېمەككى، پەيغەمبەر ( س ئە ۋ )گە نازىل قىلىنغان ئايەت « بىسمىللاھ »  بىلەن باشلاشنى بۇيرىيدۇ، يەنى « بىسمىللاھ » بىلەن باشلىمايدۇ، ئەمما « بىسمىللاھ » قا بۇيرىيدۇ. شۇڭا، پەيغەمبەر ( س ئە ۋ ) مانا بۇ ئەمىرگە ئاساسەن قۇرئان ئوقۇشقا « بىسمىللاھ »  بىلەن باشلىغان.

ئەمدى فاتىھەگە ئۆتسەك بولىدۇ؛ فاتىھە ئىسمىدىن مەلۇم بولغاندەك « ئېچىش » دېگەنلىكتۇر، « ئېچىلىش » دېگەنلىكتۇر

بىر باشقا ئىسمى ئۇممۇل كىتاپتۇر، يەنى كىتاپنىڭ ئانىسى.

نېمە ئۈچۈن كىتاپنىڭ ئانىسى؟

چۈنكى، فاتىھە خۇددى باياتىن بىسمىللاھ ئۈچۈن ئېيتقان ھەقىقەتتە كۆرسىتىلگەندەك، فاتىھەمۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزگەرمەس قىممەتلىرى بولغان ئىسلامنىڭ ئۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە فاتىھەمۇ پۈتۈن ئىنسانىيەت قىممەت – قاراشلىرىنى ئۆز ئىچىگە مۇجەسسەم قىلغان بىر ۋەھىي پارچىسىدۇر. بۇ جەھەتتىن فاتىھە پەقەت ئۈممەتكە ئەمەس، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ( س ئە ۋ )نىڭ بىر ھەدىسىگە كۆرە، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۈممەتلەرگىمۇ نازىل قىلىنغان كىتاپلاردا يەر ئالغان، يەنى مەنىسى ئىپادىلەنگەن بىر قىممەت – قاراشلار ھالقىسىدۇر. شۇڭا، فاتىھەمۇ، بەئەينى « بىسمىللاھ »قا ئوخشاش زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ئىسلامنىڭ ئۆزگەرمەس قىممەت – قاراشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

فاتىھە سۈرىسى مەككىدە نازىل بولغان. توغرا بولغان قاراشقا كۆرە، فاتىھە تولۇق نازىل بولغان تۇنجى سۈرە.

تۇنجى نازىل بولغان ئايەتلەر سۈرە ئەمەس ئىدى، يەنى تۇنجى نازىل بولغان ئايەتلەر ( ئەلەق سۈرىسى، 1 – 5 – ئايەتلەر ) بىلەن باشلانغان بەش ئايەت ئىدى، ئەلەق سۈرىسىنىڭ دەسلەپكى بەش ياكى يەتتە ئايىتى نازىل بولغان. سۈرە ھالىتىدە تولۇق نازىل بولمىغان بولۇپ، سۈرىنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئايەتلىرى پەيدىنپەي نازىل بولغانىدى.

قۇرئاندا سۈرە ھالىتىدە تۇنجى قېتىم تولۇق نازىل بولغان سۈرە « فاتىھە سۈرىسى ». بۇ سەۋەپتىن فاتىھە ئۇممۇل كىتاپتۇر.

فاتىھەنىڭ ناماز بىلەن ئوقۇلۇشقا باشلىنىشىمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن بىر باشقا دەلىلدۇر. ۋە يەنە مەلۇمكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ( س ئە ۋ )دىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن نەقىللەردە ( ھەدىس: فاتىھەسىز ناماز ناماز بولمايدۇ ) ياكى بۇنىڭغا ئوخشاش شەكىللەردە كەلگەن « فاتىھەسىز ناماز ناماز بولمايدۇ » ھەدىسى شېرىپتە ئىپادىلەنگەندەك، دەسلەپكى مەزگىلدىن ئىتىبارەن مۆئمىنلەر ھەم ناماز قىلاتتى ھەم نامازلىرىدا فاتىھەنى ئوقۇيىتتى.

« جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ غا خاستۇر »

قۇرئاندا 38 قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ، يەنى « ئەلھەمدۇ » شەكلىدە، 38 يەردە ئوخشاش مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. « ئەلھەمدۇلىللاھ » قۇرئاننىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە بۇ سۆز باشقا بىر مەنىدە كەلمەيدۇ، مۇستەھكەم بىر سۆز. شۇڭا ئۇنىڭ ئىككىنچى بىر مەنىسى يوق ۋە مۇكەممەللىك ئىما قىلىدۇ،  يەنى بىر نەرسىگە مۇكەممەللىك بېرىش دېگەنلىكتۇر.

ماختاشلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى، سۆيگۈلەرنىڭ مۇكەممىلى جىمى سانالارنىڭ مۇكەممىلى، پۈتۈن ئۇلۇغلاشلارنىڭ مۇكەممىلى كىم ئۈچۈن؟ ئاللاھ ئۈچۈن

يەنى بۇ مۇنداق دېگەنلىك بولىدۇ: مۇكەممەللىك ئاللاھ تىن غەيرىگە ئائىت ئەمەس، نېمىنى، قانچىلىك گۈزەللىك بولسا، كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى مۇكەممەل بىر شەكىلدە ئاللاھ تىن بىلىمىز،

باشتىكى « ئەل » ئالاھىتەن ئايرىش، يەنى پۈتۈن ماختاشلار، جىمى سانالار، پۈتۈن سۆيگۈلەر، جىمى ئۇلۇغلاشلار بارلىق مۇكەممەلىكلەر دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

« لىللاھى »، ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئاللاھ كەلىمىسىنى يۇقىرىدا بىسمىللاھنى تەپسىر قىلغاندا چۈشەندۈرگەنلىكىم ئۈچۈن توختالمايمەن.

« رەببىل ئەلەمىين »

قانداق بىر ئاللاھ؟ ئالدى بىلەن بۇ سۇئالنى سورىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ قۇرئان ۋە جاۋابىدىمۇ « ئالەملەرنىڭ رەببى ( پەرۋەردىگارى ) ئاللاھ ئۈچۈن » دەيدۇ.

دېمەككى، ئالاھىدە بىر تاللاش، ئالەملەرنىڭ رەببى بولۇش ئاللاھ نىڭ بىزگە تۇنجى بىلدۈرمەكچى بولغان ئالاھىدىلىكى.

ئاللاھىم، سەن كىم؟

يۇقىرىدا بىسمىللاھتا بىز مۇشۇنداق بىر سۇئال سورىدۇق، ئۇ دېدىكى: « رەھمانمەن». شۇڭا، « مېھرى – شەپقىتىم بىلەن مۇئامىلە قىلىمەن ». ئۇنى يۇقىرىدا « بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم »دە ئۆگەنگەنىدۇق.

ئۇنداقتا بۇ نېمىشقا پەرقلىق شەكىلدە كەلدى؟

رەھمان بولغانلىقىم ئۈچۈن مەرھەمىتىم بىلەن مۇئامىلە قىلدىم، تەربىيلىدىم ئالەملەرنى ۋە ئۇ تەربىينىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە مانا بۇ ۋەھىينى ئەۋەتتىم.

ئىنسان بىلەن سۆزلەشتىم، ئىنسانغا خىتاپ قىلدىم، ئىنساننى خىتاپ قىلىنغۇچى قاتارىدا سانىدىم، ئىنساننى قوبۇل قىلدىم مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

شۇڭا، رەببىل ئەلەمىين، ئەلھەمدۇلىللاھى رەببىل ئالەمىيىن، ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ قا ھەمد بولسۇن، ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئاللاھ قا ھەمد بولسۇن.

بۇ ئەسلىدە « يا رەببى، نېمە ئۈچۈن رەھمانسەن، نېمە ئۈچۈن رەھىيمسەن؟» ياكى « يا رەببى، رەھمان ۋە رەھىيم ئىكەنلىكىڭنىڭ ئىپادىسى نېمە؟» دەپ سورىسىڭىز، يۇقىرىدىكىلەر مانا بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى .

ئەگەر مېنىڭ رەھمىتىمگە، سىلەرگە بولغان شەپقەت ۋە رەھىم قىلىشىمنى كۆرمەكچى بولساڭلار، قاراڭلار سىلەرنى خىتاپ قىلىنغۇچى قىلىپ قوبۇل قىلدىم. سىلەرگە ھىدايەت ئەۋەتتىم، رەھبەر ئەۋەتتىم، پەيغەمبەر ئەۋەتتىم، كىتاپ ئەۋەتتىم. مانا بۇ سىلەرنى تەربىيلەش ئۈچۈندۇر، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

يەنى سىلەرگە كۆڭۈل بۆلىمەن، سىلەرنى يارىتىپ كوچىغا تاشلىۋەتمىدىم، سىلەرنى يارىتىپ ئۆز مەيلىڭلارغا قويىۋەتمىدىم

بەئەينى قۇرئاندا دېيىلگەندەك ( سۈرە قىيامەت، 34،35،36- ئايەت )، يەنى ئىنسان ئۆزىنى بىكار قويۇپ بېرىلىدۇ، ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلىدۇ دەپ ئويلامدۇ؟

ئاللاھ نىڭ رەب بولىشى مۇشۇنداق بىر قاراشنى ئىنكار قىلىدۇ.

« رەب » كەلىمىسى بىر قانچە مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئالدى بىلەن تەربىيلىگەن، قەدەممۇ قەدەم بىر نەرسىنى ئۆز دائىرىسىدە يۇقىرى كۆتۈرگەن، بىر نەرسىنى كامالەتكە يەتكۈزگەن، بىر نەرسىنى ياراتقان، ياراتقاندىن كېيىن كۆزەتكەن، يار – يۆلەك بولغان، ئۇنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرىشى ئۈچۈن كېرەكلىك شارائىتنى ياراتقان، ئۇنىڭ مەۋجۇد بولىشى، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى، ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بىر شارائىتنىمۇ ياراتقان، دېگەنلىكتۇر . پەقەت بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ياراتقان بۇ نەرسىنى كامالەتكە يەتكۈزگەن، ئۆزىگە لايىق قىلغان؛ يەنە مەخلۇقلىرىغا ھۆكۈم قىلغۇچى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ « رەب »؛ ، شۇڭا، « رەب » ئىسمى قائىدە – تۈزۈملەر بەلگىلىگەن، تەۋە بولىدىغان قانۇنلار بەلگىلىگەن، ھۆكۈم قىلغۇچى دېگەن مەنىلىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

« رەب » ئاللاھ نىڭ بىر سۈپىتى شەكلىدە قۇرئاندا بىر قانچە يەردە كېلىدۇ. لېكىن بۇ ھەقتە ناھايىتى دىققەت تارتىدىغان بىر مەلۇماتنى بېرەي؛ قۇرئاندا دەسلەپ نازىل بولغان 30 سۈرىدە ئاللاھ ئىسمى 20 قېتىم تىلغا ئېلىنغان، ئەمما « رەب » سۈپىتى 80 قېتىم تىلغا ئېلىنغان

رەھمان سۈرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۆلۈمدە 30 سۈرە، دەسلەپ نازىل بولغان 30 سۈرە، يەنى نازىل بولۇش تەرتىۋىدە، چۈشۈش تەرتىۋىدە باشتا نازىل بولغان 30 سۈرىدە « رەب » ئىسىم – سۈپىتى، ئاللاھ ئىسمىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ

بۇ ئەلۋەتتە تاسادىپىيلىق ئەمەس، بۇنىڭغا تاسادىپىيلىق دېگىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا بۇنىڭ ھېكمىتى نېمە دەپ سورالسا، ھېكمىتى مۇنداق:

« رەب » ئىسىم – سۈپىتى مۇشرىكلەر ئىنكار قىلغان بىر سۈپەتتۇر، مۇشرىكلەرنىڭ ئاللاھ قا ئىمانى بار ئىدى، لېكىن ئاللاھ نىڭ « رەب » ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلاتتى. بۇ ئىنكار ئەمەلىي ئىدى، شۇڭا بۇتلارنىڭ تەرىپىنى تۇتقانىدى، شۇڭا بۇتلارغا چوقۇنغانىدى. چۈنكى، ئۇلار « نىداسىنى ئاڭلاشتىن، دىلىدىكىنى بىلىشتىن يىراق بولغان ئاللاھ »قا ئىشىنەتتى. ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئاللاھ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغان، ھاياتلىرىغا ئارىلاشمايدىغان، ئۆزلىرىنى ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان، ناھايىتى يىراق، ئۆزلىرىگە قول ئۇزاتمايدىغان بىر ئاللاھ ئىدى. بۇ سەۋەپتىن، بۇتلارنى ۋاستە قىلىپ تاللىغان ۋە دەيدىكى، قۇرئان ئىپادىسى بىلەن ( سۈرە زۈمەر، 3 – ئايەت )، يەنى « بۇ بۇتلار ئاللاھ بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ۋاستىدۇر ( بىزنى ئاللاھ قا يېقىنلاشتۇرىدۇ) » دەيدۇ.

شۇڭا، دەسلەپ نازىل بولغان 30 سۈرىدە « رەب » سۈپىتى ئاللاھ ئىسمىنىڭ دەل تۆت ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ. ئەسلىدە بۇ يەردىكى مەسىلە شۇ ئىدى: مەسىلە ئاللاھ قا ئىشەنمەسلىك ئەمەس، ئاللاھ نىڭ رەب ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەسلىك ئىدى. بۇ سەۋەپتىن قۇرئان ئاللاھ نى ئىسپاتلىمايدۇ،  ئاللاھ نىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاشقا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق بىر ئايەت نازىل قىلىنمىغان، لېكىن

لېكىن، ئاللاھ نىڭ « رەب » ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، ئاللاھ نىڭ كائىناتنى، ئىنساننى، بارلىق نەرسىلەرنى ياراتقانلىقىنى ۋە تەربىيلىگەنلىكىنى، شۇڭا بەلگىلىمە ۋە قانۇن بېكىتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر نوقتا.

« ئالەمىين »؛ ئالەمىين، سۆزنىڭ مەنبەسى جەھەتتىن بەزى تىلشۇناسلار بۇ سۆزنىڭ ئەرەپچە ئەمەس، ئەرەپچىگە ئۆزلەشكەن بىر سۆز ئىكەنلىكىنى دېيىشىدۇ ۋە كېلىپ چىقىشى جەھەتتىن يەنە سامى تىللىرى ئەرەپچە بىلەن ئوخشاش بىر مەنبەگە ئىگە بولغان ئىبرانىچىدىن كەلگەنلىكىنى دېيىشىدۇ، بۇنى قوبۇل قىلماسلىققا بىر سەۋەبىمىز يوق. چۈنكى، ئىبرانى تىلىمۇ، ئەرەب تىلىمۇ، سۈرىيانى تىلىمۇ، ئارامىچىمۇ ئوخشاش بىر مەنبەدىن كەلگەن، سام تىل ئائىلىسىگە تەۋە بولۇپ، يىلتىزى بىر، بۇ تىللارنىڭ سىستېمىسىمۇ ئوخشاش ۋە سۆزلەرنى تەتقىق قىلغاندا، تىلشۇناسلارنىڭ بىردەك كۆز قارىشى، بۇ تىللارنىڭ ئوخشاش بىر مەنبەدىن، ئوخشاش بىر تىلدىن ئايرىلىپ چىققانلىقى توغرىسىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، قايسىسىنىڭ قايسىسىدىن ئېلىنغانلىقىنى تاللاش  ۋە بىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس.

بۇ نوقتىدا « ئالەمىين » ئىپادىسى، ئالەملەر يەنى مەۋجۇدىيەت كاتىگورىيسى مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

بۇ يەردىكى « ئالەمىين »دىن مەقسەت ئاڭلىق مەجۇدىيەتلەردۇر، بارلىق بىز بىلگەن ۋە بىلمىگەن ئاڭلىق مەجۇدىيەتلەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ قا ھەمدلەرنىڭ ۋە ماختاشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا بولسۇن دېگەنلىكتۇر. لېكىن، قۇرئاننىڭ باشقا ئايەتلىرىدە « ئالەمىين » ئىپادىسىدىن بىز تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى مەنىلەرنى بىلىمىز. يەنى بىر باشقا ئايەتتە « ئالەمىين » پۈتۈن مەۋجۇدىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مەنىسى بىلەن كېلىدۇ. باشقا بىر ئايەتتە جانسىزلارنىمۇ ئىچىگە ئالغان مەنىدە كېلىدۇ، يەنە باشقا بىر ئايەتتە پەرىشتىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مەنىدە كېلىدۇ. ئەمما فاتىھەدىكى « ئالەمىين » پەقەت ئاڭلىق جانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئىپادىدۇر.

« ئەررەھمانىر رەھىيم »، يەنە يۇقىرىدا تەپسىر قىلغان بىسمىللاھ تەپسىرىدە چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈلگەن ئاللاھ نىڭ ئىككى ئىسىم – سۈپىتى« ئەر – رەھمان » ۋە « ئەر – رەھىيم ». يەنى، پۈتۈن ماختاشلار ئۆزىدە رەھىم – شەپقەت بولغان ۋە بۇ رەھىم – شەپقەت سۈپىتى بىلەن مەۋجۇدىيەتكە مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان، رەھمەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان ئاللاھ قا خاستۇر مەنىسىنى بىلدۈرىدىغانلىقى، تەپسىلاتىنى يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەنلىكىم ئۈچۈن كۆپ توختالمايمەن.

« مالىكى يەۋمىددىين »، يەنە فاتىھەدە، ئاللاھ نىڭ كىملىكى – مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاللاھ نىڭ كىملىكى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش داۋام قىلىۋاتىدۇ، يەنى « دىن كۈنى »نىڭ ئىگىسى.

« دىن كۈنى »دىن كۆزدە تۇتۇلغان مەقسەت نېمە؟ شۈبھىسىزكى ھېساپ كۈنىدۇر.

ئەرەب تىلىدا مەشھۇر بولغان بىر سۆز بار، ھەدىس دەپ نەقىل قىلنىدۇ: قانداق مۇئامىلە قىلسىڭىز  شۇنداق شۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرايسىز. سىز باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلسىڭىز، باشقىلارمۇ سىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ، نېمە تېرىسڭىز شۇنى ئالىسىز، مۇشۇ مەنىنى ئىپادىلەيدىغان بۇ سۆز مەشھۇردۇر.

يەنى بۇ يەردە « دىين » پۈتۈنلەي ھېساپ كۈنى مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ، دىنى كۈنى، شۇڭا  « مالىك » يەنە بىر خىل ئوقۇشتا  « مەلىك » دەپ ئوقۇلىدۇ،  « دىن كۈنىنىڭ قازىسى. بىر يەردە ھېساپ كۈنى بولسا، ئۇ ھېساپ كۈنىنىڭمۇ بىر قازىسى بولىشى لازىم؛ بىر مەھكىمە بولسا، ئۇ مەھكىمىنىڭ قازىسى بولىشى لازىم. مالىكى يەۋمىددىين، ھېساپ كۈنىنىڭ قازىسى بولغان ئاللاھ قا دالالەت قىلىدۇ، ئىما قىلىدۇ.

يۇقىرىدا رەھمان، رەھىيم ئىسىملىرى ئۆتتى، سۈپەتلىرى ئۆتتى يەنى سۆيۇندۇق، ئاللاھ نىڭ رەھمىتىنى بەرىكىتىنى ئاللاھ نىڭ رەھىم – شەپقىتىنى، مەرھەمىتىنى ئىپادىلىگەن سۈپەتلىرى بىلەن رەببىمىز بىزگە تونۇشتۇردى.

لېكىن نېمىشقا ئارقىسىدىنلا بىر ھېساپ كۈنى ۋە ھېساپ كۈنىنىڭمۇ قازىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى؟ بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر نوقتا.

مانا بۇ قۇرئاننىڭ ئۇسلۇبىدىن بىرسى. قۇرئاننىڭ ئاساسلىق ئۇسلۇبى ئاساس قىلغان قائىدىلەر بار، ئۇ قائىدىلەردىن بىرسى ۋە ئەڭ باشتا كەلگەنلەردىن بىرسى بۇ. نېمە؟ ئىنساننى باشتا ئۈمىتكە، ئاندىن قورقۇغا يۈزلەندۈرىدۇ. ئىنسانغا بىردەم جەننەتنى كۆرسىتىدۇ، بىردەم جەھەننەمنى كۆرسىتىدۇ ۋە ئىككى ھالەتنى ساڭا كۆرسىتىدۇ. يەنى، ئىككى رىئاللىقنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇپ قويىدۇ، دائىم مۇشۇنداق قىلىدۇ قۇرئان.

قۇرئان، يەنە ئىنسانغا ئۈچ زامانغا مۇناسىۋەتلىك ئۇپۇقلار كۆرسىتىدۇ. سېنى ئالدى بىلەن ھازىرقى ھالىتىڭ بىلەن ئاگاھلاندۇرىدۇ، سېنى ساڭا قايتۇرىدۇ، ساڭا ئۆزەڭنى ئەسلىتىدۇ ۋە ياشاۋاتقان مۇھىتقا، كائىناتقا، ئەتراپىڭغا، يەرگە – ئاسمانغا قارىشىڭىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالماستىن، يەنە ئۆتمۇشكە قايتۇرىدۇ، ئۆتمۈشنىڭ قىسسەلىرىنى ساڭا بايان قىلىدۇ، ئۆتمۈشكە قايتۇرىدۇ، شۇنداق بىر قايتۇرىدىكى روھىڭ ئۆتمۈشكە قايتىدۇ. ئاندىن كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرىدۇ، ئىستىقبالغا، ئىستىقبال يەنى ئەبەدىي ئىستىقبال، ئاخىرەت ھەتتا بەزىدە جەننەت، بەزىلەرنىڭ ئىستىقبالى بولغان جەھەننەم، بەزىلەرنىڭ ئىستىقبالى بولغان جەننەت. ئەمما دائىم ھېساپ، دائىم ھېساپ كۈنى،  قىيامەت. مانا مۇشۇنداق ئۈچ زامان ھالىتىدە بولىدۇ قۇرئان. بۇ ئۈچ زاماننىمۇ ئىنساننىڭ ئالدىدا دائىم بىر پەردىگە ئوخشاش، بىر فىلىم كارتېنىسىغا ئوخشاش تىزىدۇ.

نېمىشقا؟ چۈنكى. ئىنسان بۇ ئۈچ زاماننى دائىم ئىسىدە تۇتقان ھالدا ياشىسا، ئۇ ۋاقىتتا تىرىك ھالدا ياشىغان بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ھېسابىنى بېرەلەيدىغان بىر ھاياتنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ھەر نەپىسىنىڭ ھېسابىنى بېرىش ئۈچۈن ئەستائىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ؛ ئۇ ۋاقىتتا مەھكىمىسىگە چىقىدىغان ئاللاھ قا ھېسابىنى بېرەلمەيدىغان بىر مۇئامىلىدە بولمايدۇ. ھېسابىنى بېرەلمەيدىغان بىر ئىشقا قەدەم باسمايدۇ، مەسئۇلىيىتىنى بىلىدۇ، مانا بۇ تەقۋالىقتۇر. ئىنساندا بۇ روھنى، بۇ ئاڭنى ئويغۇتۇش ئۈچۈن قۇرئان دائىم ئىنساننى ئۆتمۇشكە ۋە ئەبەدىي ئىستىقبالغا ئېلىپ بارىدۇ.

مالىكى يەۋمىددىينمۇ بۇدۇر، دىن كۈنىنىڭ ئىگىسى، جىمى ھەمدلەر، ماختاشلار ھېساپ كۈنىنىڭ قازىسى بولغان ئاللاھ قا بولسۇن

ۋە ئەمدى قۇرئان زامان جەھەتتىن، ( گرامماتىكىلىق ) زامان جەھەتتىن پەرقلىق بىر زامانغا ئۆتىدۇ، يەنى ئۇ ئاللاھ دىن سۆز قىلغاندا ئەمدى سەمىمى بىر زامان شەكلىگە يەنى « سەن »گە ئۆتىمىز. ئاللاھ بەندىسى بىلەن بۇ نوقتىدىن ئىتىبارەن سەمىمىي بىر مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ ۋە « ئىياكەنەئبۇدۇ ۋە ئىيياكەنەستەئين » دېگۈزىدۇ.

ئەمدى مۇشۇنداق ئىسىم – سۈپەتلىرى بىلەن، خاسلىقلىرى بىلەن تونىغا ئاللاھ قا قانداق مۇئامىلە قىلىسىز ئى ئىنسان؟ قانداق مۇئامىلە قىلىشىڭىز كېرەك؟ ۋەياكى خۇددى ئىنسان، ئى رەببى، شۇنداق، سېنى ئەمدى تونۇدۇم، سەن ئاللاھ سەن، سەن رەب سەن، سەن رەببىل ئالەمىين سەن، سەن راھمان سەن، سەن رەھىيم سەن. سەن دىن كۈنىنىڭ، ھېساپ كۈنىنىڭ بىردىنبىر قازىسى، نېمە قىلاي ئى رەببىم؟ دەپ سورىغاندەك، شۇنى دېگىن بەندەم: « ئىياكەنەئبۇدۇ ۋە ئىيياكەنەستەئين » دەيدۇ. « پەقەت ساڭىلا ئىبادە قىلىمىز، پەقەت ساڭىلا قۇلچىلىق قىلىمىز، پەقەت سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز ».

بۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئايەتلەرنىڭ خۇلاسىسى، بۇ بىر ھۆكۈم جۈملىسى بولۇپ، يۇقىرىدىكى ئايەتلەر پەقەت بۇ سۆزنى ئېيتقۇزۇشقا تەييارلاش ئۈچۈن ئىدى. فاتىھەنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئايەتلىرى پەقەت بىزگە بۇ بىر جۈملىنى ئېيتقۇزۇش ئۈچۈن ئىدى.

ئەگەر بىز زات، ئۇ ئاللاھ بولسا، رەب بولسا، ئالەملەرنىڭ رەببى بولسا ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇنىڭ بىلەنلا قالماي راھمان بولسا، مەرھەمەت ئىگىسى بولسا، شەپقەتلىك بولسا ۋە ئىنسانلارغا مۇئامىلىسىدە مەرھەمەتلىك بولسا؛ يەنە ئەبەدىي مەھكىمىنىڭ قازىسى بولسا؛ ئى ئىنسان، سەن ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىڭ كېرەك؟ مۇنداق مۇئامىلە قىلىشىڭ كېرەك: « ئىياكەنەئبۇدۇ ۋە ئىيياكەنەستەئين، پەقەت ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشىك ۋە پەقەت ئۇنىڭدىنلار ياردەم تىلىشىڭ كېرەك ».

مۇشۇنداق بىر ئاللاھ نى تاشلاپ باشقا بىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىنامدۇ؟ بۇ خاسلىقلارغا ئىگە بولغان رەب تاشلىنىپ باشقا بىرىگە قۇلچىلىق قىلىنامدۇ؟

دېمەككى، قۇرئان بىزگە بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى « ئىياكەنەئبۇدۇ ۋە ئىيياكەنەستەئين » بىلەن بېرىدۇ ۋە بىزگە يول كۆرسىتىدۇ.

بۇ « ئىياكەنەئبۇدۇ ۋە ئىيياكەنەستەئين » تەۋھىدنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلىگەن بىر ئايەت، يەنى « لا ئىلاھە ئىللەللاھ »كەلىمى تەۋھىدنىڭ تەپسىرىگە ئوخشايدۇ.

تەۋھىد كەلىمىسى ئەسلىدە بۇ ئايەتنىڭ بىر داۋامى شەكلىدە ئېيتىلىشى كېرەك، پەقەت ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، ساڭىلا قۇلچىلىق قىلىمىز، پەقەت سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز. چۈنكى، لا ئىلاھە ئىللەللاھ، ئاللاھ تىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر. بۇ جۈملىلەر بىر – بىرىنى تولۇقلايدۇ. شۇڭا، بۇ ئايەت تەۋھىدنىڭ ئۆزىنى چۈشەندۈرگەن تەپسىردۇر، شەرھىدۇر. شېرىكنى ھەر تۈرىنى، ھەر تۈرىنى ئىنكار قىلىش دېگەنلىكتۇر بۇ ئايەتنى ئوقۇش. چۈنكى، گرامماتىكا جەھەتتىن ئىيياكە تولدۇرغۇچىدۇر. ئەرەپ تىلىدا ئەرەپ تىل قۇرۇلمىسىغا كۆرە، جۈملە قائىدىسىدە تولدۇرغۇچىلار كېيىن كېلىدۇ، بۇ ئايەتتە تولدۇرغۇچى خەۋەر ۋە ئىگىدىن كېيىن كېلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن خەۋەر ۋە ئىگىدىن بۇرۇن بۇرۇن كەلگەن. نېمىشقا؟

بۇ شېرىكنىڭ ھەر تۈرىنى رەت قىلغانلىق.

شېرىك پەقەت بۇتلارغىلا ئىبادەت قىلىش مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ، ئاللاھ قا بەرگەن ئەھمىيەت، ئاللاھ ئالدىدا جاۋاپكار بولغان، ئاللاھ

ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئىشنى ئۇنىڭدىن غەيرىگە قىلسىڭىز، ئۇنى بۇ ئىشتا ئاللاھ قا شېرىك قىلغان بولىسىز.

ئاللاھ نىڭ ھەر ئىسىم – سۈپتىدە بۇ تەۋھىدنى ئىنسان ھەم پىكرى، ھەم ئەمەلىي ھەم تەپەككۇر ھەم قەلبى جەھەتتىن ياشىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندا بىر مۇۋاھىد مۇسۇلمان بولىدۇ.

مۇۋاھھىد بىر مۇسۇلمان تەۋھىدنى پەقەت قەلبىدىلا ئەمەس، ھاياتىدا ئەمەلىي ھەرىكىتىدە ۋە ھەر ئىشىدا، تەپەككۇرىدا، ھېس – تۇيغۇسىدا ئىپادىلىگەن بىر ئىنساندۇر، ھاياتىغا تەدبىقلىغان بىر ئىنساندۇر. شۇڭا، تەھىد پۈتۈنلەي بىر ھايات شەكلىدۇر، بىر تۇرمۇش ئادىتىدۇر، بىر تۇرمۇش ئۆلچىمىدۇر.

شۇڭا، تەۋھىدنى پەقەت لا ئىلاھە ئىللەللاھ دەپلا قاراش، خۇددى شېرىكنى پەقەت بۇتلارغىلا ئىبادەت قىلىش دەپ قارىغاندەك خاتا چۈشەنچىدۇر.

شېرىك پەقەت بۇتلارغىلا ئىبادەت قىلىش ئەمەس، تەۋھىدمۇ پەقەت لا ئىلاھە ئىللەللاھ جۈملىسىنى تەلەپپۇز قىلىش ئەمەستۇر.

بۇ جۈملە تەۋھىدنىڭ ئۇزۇن بىر تىزىملىكى ئاستىغا قول قويغانلىقتۇر.

شېرىك، ئەڭ قاراڭغۇ كېچىدە بىر قارا چۈمىلىنىڭ قارا بىر تاش ئۈستىدە ماڭغان ئىزىغا، ئاياق تىۋىشىغا ئوخشاش بىر شەكىلدە

ئەڭ يوشۇرۇن، مۇشۇنداق ئايرىغىلى بولمىغىدەك، مۇشۇنداق پەرق ئەتكىلى بولمىغىدەك تۈرلىرى بولغان بىر نەرسىدۇر. شۇڭا، شېرىك دېگەندە ئەقلىمىزگە، كۆزىمىزنىڭ ئالدىغا پەقەت تاشتىن ياسالغان نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلىش كەلمەسلىكى كېرەك، بۇنىڭ تۈرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئەڭ يوشۇرۇن بولغىنىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ( س ئە ۋ ) نىڭ ھەدىسىدە بىزگە ئېيتىپ بەرگىنىدەك، ئەڭ قاراڭغۇ كېچىدە بىر قارا بىر تاش ئۈستىدە ماڭغان قارا چۈمىلىنىڭ ئىزىغا ئوخشاش پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بولىدىغان بەزى تۈرلىرىنىڭ بارلىقىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك.

بۇ نوقتىدا ئىنسان، ئىمان ئېيتقان بىر ئىنسان ئاللاھ تىن غەيرىگە ئەلۋەتتە ئىبادەت قىلمايدۇ. لېكىن، قۇرئاندا باشقا ئايەتلەردىن كۆرەلەيمىزكى، « شەيتانغا چوقۇنماڭلار » ( سۈرە ياسىن، 60 – ئايەت ) دەيدۇ.

بۇ ئايەتنىڭ ئىپادىسىدىن، باغلىنىشىدىن شۇنى بىلەلەيمىزكى، ئەسلىدە ئايەتتە شەيتانغا چوقۇنماڭلار دېيىلگەن كىشىلەر، شەيتانغا چوقۇنغان يەزىدىلەر ئەمەس، بۇلار پۈتۈنلەي ئاللاھ قا ئىمان ئېيتقانلار، ھەتتا مۆئمىنلەر.

نېمە سەۋەپتىن مۆئمىنلەرگە « شەيتانغا قۇلچىلىق قىلماڭلار، شەيتانغا چوقۇنماڭلار » دېيىلىدۇ؟ شەيتانغا ئىتائەت قىلىش، ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلىشنى شەيتانغا قۇلچىلىق قىلىش دەپ ئاتايدۇ ئايەتتە. شۇڭا، بىر نەرسىگە شەرتسىز بويسۇنۇش، ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلىش دەپ ئاتىلىدۇ ( چۈشەندۈرۈلىدۇ ). بۇ نوقتىنى چىقىش قىلغان ھالدا شۇنداق دېيەلەيمىزكى، شەرتسىز ئىتائەت قىلىنىدىغان بىردىنبىر ھاكىمىيەت ئاللاھ تۇر، بىز مۇشۇنداق چۈشىنىمىز.

يەنە قۇلچىلىق قىلىشنىڭ باشقا بىر شەكلىنى ئەسرى سائادەتتە ( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ) يۈز بەرگەن بىر ۋەقەدىن بىلەلەيمىز:

ئادىي بىن ھاتەم ( ر ئە ) بىر خىرىستىيان پوپ بولۇپ، مۇسۇلمان بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ( س ئە ۋ )نىڭ يېنىغا بىر قېتىم بارغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ( س ئە ۋ ) شۇ ئايەتنى ئوقۇيدۇ ( سۈرە تەۋبە، 31 – ئايەت ) مەزمۇنىنىمۇ ئوقۇي

« ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھىبرىلىرىنى، راھىبلىرىنى ( يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالارنىڭ دىنىي باشلىقلىرىنى، ئۆلىمالىرىنى ) ئاللاھ نىڭ سىرتىدا رەب (مەبۇد) قىلىۋالدى، رەببىلەر قىلىۋالدى ».

ئادىي بىن ھاتەم ( ر ئە ) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ( س ئە ۋ )غا دەيدىكى: ئى رەسۇلۇللاھ، بىز ئۇلارغا سەجدە قىلمايتتۇق، بىز ئۇلارغا رۇكۇ قىلمايتتۇق، بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا ناماز قىلمايتتۇق.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ( س ئە ۋ ) چۈشەندۈرۈپ: ياق، بۇ ئۇ خىل چوقۇنۇش دېگەنلىك ئەمەس. بۇ ئايەت خاتا بولغان چوقۇنۇش قارىشىنى تۈزىتىدۇ، يەنى چوقۇنۇش پەقەت ئۇنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇش ئەمەس. ئۇنداقتا قانداق بولىدۇ؟

 

ئۇلار سىلەرگە بىر نەرسىنى ھارام قىلىدۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدىڭلار. ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان بىر نەرسىنى سىلەرگە ھالال قىلىدۇ، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا بويسۇندۇڭلار. ئاللاھ ھالال قىلغان بىر نەرسىنى سىلەرگە ھارام قىلىدۇ، سىلەر ئۇنىڭغا بويسۇندۇڭلار. يەنى ئۇلارنى ئەمىر ۋە نەھىي ( ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشتا ) ھاكىم دەپ كۆرەتتىڭلار، ئۇلارنى سىلەرنىڭ تۇرمۇشىڭلاردىكى شەرىئەتنى بەلگىلەشتە ھوقۇقلۇق دەپ بىلدىڭلار، مانا بۇ ئۇلارنى رەب ( مەبۇد ) قىلىۋېلىشتۇر » دېدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ( س ئە ۋ ) قىلغان بۇ تەپسىر بىزگە شۇنى كۆرسىتىدۇ: يەنى باشقا بىرسىگە قۇلچىلىق قىلىش، باشقا بىرسىنى « رەب » دەپ كۆرۈش ئۈچۈن، پەقەت فرئەۋىن ۋە نەمرۇدنىڭ قىلغىنىدەك « ئەڭ چوڭ تەڭرى مەن » دېيىشىنىڭ ھاجىتى يوق. ياكى ئۇنىڭ ئالدىدا ئىنسانلارنىڭ سەجدىگە بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت ئاللاھ قىلا خاس بولغان ھاكىمىيەتنى ئۇنىڭغا بېرىش، ئۇنى ئۇ ھاكىمىيەتكە شېرىك قىلىش، ئۇنىڭغا چوقۇنۇش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. مانا بۇ جەھەتتىن « ئىياكەنەئبۇدۇ ۋە ئىياكەنەستەئىين »، ئەسلىدە، قەدىرلىك دوستلار، فاتىھە سۈرىسىنىڭ ھەر نامازنىڭ ھەر رەكەتىدە ئوقۇشنىڭ شەرت بولىشى بىزگە شۇ ئاڭنى تىكلەش ئۈچۈندۇر:

ئى ئىنسانلار، فاتىھە ئىپادىلىگەن رىئاللىقنى ھەر كۈنى شۇنداق كۆپ دەپسەندە قىلىۋاتىسىلەركى، بۇ رىئاللىقلارنى كۈنىدە بۇنچە كۆپ قېتىم  ئەسلىتىشكە مۇھتاجسىلەر، چۈنكى شۇنداق ئاسان ئۇنتۇپ قالىسىلەر. بۇ سەۋەپتىن ھاياتىڭلارنىڭ ھەر سېكۇنتىدا، سىلەر ئاللاھ قا قۇلچىلىق قىلىشنى ئۇنتۇپ قالىسىلەر، ھاياتىڭلارنىڭ ھەر سېكۇنتىدا سىلەر بۇ رىئاللىقنى ئۇنتۇپ قالىسىلەر.

شۇڭا بىر كۈندە، ناماز قىلغان بىر مۇسۇلمان ئەڭ ئاز 17 قېتىم، ئەڭ ئاز، پەرزلەردە، ئەگەر نەپلە نامازلار بىلەن قوسۇپ ھېساپلىساق 40 نەچچە قېتىم فاتىھەنى ئوقۇيدۇ ۋە بۇنىڭغا بىلەن رەببىگە بولغان ئىمانىنى يېڭىلايدۇ.

ئەسلىدە، « فاتىھە » بىر ئاڭ ( روھ )نى ئويغۇتۇش ئۈچۈندۇر، بىكاردىن – بىكارغا بىر تەكرارلىنىش ئەمەس.

ئەمما، بۈگۈن ئاللاھ نىڭ نېمە دېگەنلىكىنى چۈشەنمىگەن ئىنسانلار بىر ئۆمۈر بويىنچە، كۈندە 40 نەچچە قېتىم ئەمەس، بىر ئۆمۈرى بويىچە نەچچە مىڭ قېتىم ئوقۇغان فاتىھەدىن بىخەۋەر ياشىماقتا ۋە نامازدا فاتىھەنى ئوقۇغان بولسىمۇ، نامازدىن پاراغەت بولۇپلا فاتىھەنى ئىنكار قىلىدىغان نۇرغۇن ئىش قىلىدۇ.

بۇنىڭ سەۋەبى، ئالدى بىلەن فاتىھەنىڭ روھىنى چۈشەنمىگەنلىكى، ئاۋۋال سۆزنىڭ مەنىسنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا ئاللاھ نىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ، بۇ بىرىنجىسى؛ ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ نىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمايدۇ. يەنى ھەم دېگىنىنى چۈشەنمەيدۇ ھەم نېمە دېمەكچى بولغىنىنى چۈشەنمەيدۇ؛ ھەم سۆزنىڭ مەنىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئاستىدا ياتقان مەنىنى بىلمەيدۇ. بۇ سەۋەپتىن قىلغان نامازلىرى ھاياتىدا بىر نەرسىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. بولمىسا، ئۇ نامازلار بىر زامانلاردا بىر نەسىلنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتكەنىدى، ئۇ زامانلار بىر نەسىلنىلا ئەمەس،  بىر دۇنيانى ئۆزگەرتكەنىدى.

ئەسلەڭلار، چۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بارماق بىلەن سانىغىلى بولغىدەك بىر قانچە يىگىت كىشىلەر، مانا بۇ فاتىھە بىلەن يەر يۈزىگە قوياش بولۇپ تۇغۇلغان ئىسلامنىڭ پاراۋۇزى بولغانىدى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ھاياتىدا بىر ئۆزگۈرۈش ئېلىپ كەلگەن فاتىھە، نېمە سەۋەپتىن بىزنىڭ ھاياتىمىزنى ئۆزگەرتمىدى؟ بۇ سۇئالىنى ھەر مۇسۇلمان سورىشى كېرەك.

« ئىھدىنەسسراتالمۇستەقىيم »

ئەمدى دۇئاغا ئۆتىمىز، ئەسلىدە فاتىھە ئۆز ئالدىغا بىر دۇئا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، دۇئا قىلىپ ئوقۇغىلىمۇ بولىدۇ.

بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بىزگە ئايەتلەر ئاللاھ قا نىدا قىلىشنىڭ، ئاللاھ قا يالۋۇرۇشنىڭ ئەدەبىنى ئۆگىتىدۇ: ئاللاھ قا يالۋۇرغان، ئاللاھ تىن بىر نەرسە تىلىگەن ۋاقىتتا، ئى ئىنسانلار، ئالدى بىلەن ئاللاھ قا ھەمد ئېيتىڭلار، ئالدى بىلەن ئاللاھ بىلەن باشلاڭلار، بىسمىللاھ دەڭلار. ئۇنىڭدىن كېيىن، ھەمد ئېيتىڭلار، ئاندىن ئاللاھ نى ئۇلۇغلاڭلار ۋە ئۇنىڭ رەھمان، رەھىيم ئىسىملىرىنى تىلغا ئېلىڭلار، ئۇ سۈپەتلىرىنى ئەسلەڭلار، ئاللاھ نىڭ رەھىم قىلىشىنى، ئەپۇ قىلىشىنى ئەسلەڭلار. ئاندىن ئاللاھ نىڭ ئۇلۇغلىقىنى ئەسلەڭلار، مەھكىمىنىڭ، ئەڭ چوڭ مەھكىمىنىڭ قازىسى ئىكەنلىكىنى ئەسلەڭلار ۋە شۇ ئىككى ئىشنى قىلىڭلار، يەنى پەقەت ئاللاھ قىلا قۇلچقىلىق قىلىڭلار ۋە پەقەت ئۇنىڭدىنلا تىلەڭلار. ئۇنىڭدىن كېيىن قولىڭىزىنى ئېچىپ تىلىكىڭىزنى تىلەڭ، ئەمما بۇ تىلىكىڭىزنىڭ بىرىنجىسى ۋە تۇنجىسى شۇ بولىشى كېرەك، يەنى « ئاللاھتىن پەقەت بىرلا نەرسە تىلە » دېيىلگەندە، سىز شۇنى تىلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى، سىز نېمە تىلەش كېرەكلىكىنى بەزىدە ئۇنتۇپ قالىسىز، بەزىدە ئاللاھ تىن چوڭ نەرسىلەر تىلەيدىغان يەردە كىچىك نەرسە تىلەيسىز، لېكىن ئاللاھ ناھايىتى ئۇلۇغدۇر، ئۇلۇغ ئاللاھ تىن ناھايىتى چوڭ نەرسە تىلەڭ، تىلەيدىغان نەرسىڭىز نېمە بولسۇن؟

« ئىھدىنەسسىراتالمۇستەقىيم »، يەنى ھىدايەت تىلەڭ. چۈنكى، ھىدايەت ئەڭ چوڭ مۇكاپاتتۇر، ھەر قانداق بىر بايلىق ھىدايەتنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. ھەر قانداق بىر بايلىق ھىدايەتتەك بولالمايدۇ. ھىدايەتكە ئېرىشكەن، يەر يۈزىنىڭ پۈتۈن غەزىنىلىرىدىنمۇ قىممەتلىك بىر بايلىققا ئىگە بولغان بولىدۇ.

ئاللاھ بىر ئىنسانغا ھىدايەت بەرمىگەن بولسا، يەر يۈزى سېنىڭ ( ئۇنىڭ ) بولسا، يەر شارىنى بەرسە نېمە بولىدۇ؟ ھىدايەت ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق بىر نەرسە بەرمىسە، نېمىدىن ئايرىلغان بولىسەن؟ چۈنكى، بۇ ئۇ ساڭا ئەبەدىي سائادەتنىڭ ئاچقۇچىنى بەردى دېگەنلىك بولىدۇ.

شۇڭا، ھىدايەت تىلەڭ ئاللاھ تىن، ئاللاھ تىن تىلەشنىڭ ئەدەب – ئەخلاقى بۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا نەرسىلەرنى تىلەڭ، ئەمما ئەڭ باشتا ھىدايەت تىلەڭ.

ئىھدىنەسسىراتالمۇستەقىيم، بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن

قەدىرلىك دوستلار، ھىدايەت نېمە دېگەنلىك بولىدۇ؟ ئالدى بىلەن بۇنى چۈشەندۈرشۈم لازىم.

قاراڭلار، ئاللاھ نىڭ ھىدايىتى بىزگە پەقەت ۋەھىي بىلەنلا كەلمىدى، ئاللاھ بىزگە ۋەھىيدىن بۇرۇنمۇ ھىدايەت قىلدى، تارىختىن بۇرۇنمۇ ھىدايەت قىلدى، مانا ھۆججەت بۇ ھىدايەتتۇر، يەنى تەبىئىيتىمىزگە ھىدايەتنى يەرلەشتۈردى.

ھەر ئىنساننىڭ ساپ فىترىتى، ئاللاھ ئىنسانغا بەرگەن خۇلۇق بىر ھىدايەتتۇر، بۇزۇلمىغان، ئۇ ساپتۇر، شۇڭا ئۇ بىر ئەمەلىي ھىدايەتتۇر، نەق بىر ھىدايەتتۇر.

رەببىمىز بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىدى ، بىر ئالىيجاناپلىق قىلىپ بىر ئەقىل بەردى، مانا بۇ ئىككىنچى ھىدايەت.

بۇنىڭ بىلەنمۇ بولدى قىلماي، يەنە بىر ئىلتىپات بىلەن ۋىجدان بەردى، ۋىجداننىڭ ئۆزىمۇ بىر ھىدايەتتۇر. ئەگەر ئۇ ( ۋىجدان ) كىرلەنمىگەن بولسا، بۇزۇلمىغان بولسا ۋىجدانىغا بويسۇنىدىغان كىشىنى ۋىجدانى توغرا يولغا ئېلىپ بارىدۇ.

بۇلار بىلەن كۇپايىلىنىپ قالمىدى. پۈتۈن بۇلارغا قوشۇپ، ئەقىل، فىترەت ۋە ۋىجدان ھىدايەتلىرىنىڭ ئۈستىگە تۆتىنچى بىر ھىدايەت قىلىپ كىتاپلارنى ئەۋەتتى. مانا « ئىھدىنەسسىراتالمۇستەقىيم » دېگەن بىر ئىنسان « بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن » دېگەن كىشى، شۇ ۋاقىتتا مۇنداق دېگەن بولىدۇ: « مېنى ئۆزەمگە قايتۇرغىن، مېنى فىترىتىمگە قايتۇرغىن ».

مېنى ۋىجدانىمغا قايتۇرغىن، يەنى ۋىجدانىمنى كىرلەتمىگىن ۋە ۋىجدان بىلەن بولغان ھېسابىمدا، مېنى ۋىجدانىم چاقىرغان يولغا قايتۇرغىن. چۈنكى، ۋىجدان ئىنساننى دائىم ياخشىلىققا چاقىرىدۇ.

يەنە « مېنى بۇلغانمىغان ئەقلىمنىڭ كۆرسەتكەن يېرىگە قايتۇرغىن، ئەقلى – ھۇشى جايىدا كىشىنىڭ يولىغا، توغرا يولغا قايتۇرغىن» ۋە يەنە بۇنىڭ بىلەن بىر ئىنسان « مېنى كىتاپ چاقىرغان، ۋەھىي چاقىرغان، ( ئاللاھ تىن كەلگەن ) خەۋەر كۆرسەتكەن يولغا قايتۇرغىن » دېگەن بولىدۇ

ئىھدىنەسسىراتالمۇستەقىيم دېگەن، ئەسلىدە ئۈچى ئۆزىدە بولغان ( فىترەت، ئەقىل ۋە ۋىجدان )، بىرى تاشقىرىدا ( كىتاپ ) بولغان بۇ تۆت ھىدايەتنى تىلىگەن بولىدۇ.

تەبىئىي بۇ بىر ئارزۇ، بۇ بىر ئىستەكتۇر. جانابى ئاللاھ بۇ ئارزۇ – ئىستەككە دەرھال قۇرئاننىڭ يەنە بىر بېتىدە، فاتىھەنىڭ ئارقىسىدىكى ( يېنىدىكى ) بېتىدە جاۋاپ بېرىدۇ:

« ئەلىف، لام، مىم. زالىكەل كىتاب: بۇ كىتاپ بارغۇ؛ لا رەيبە فىھ: شۈبھە يوق، بۇ كىتاپتا شۈبھە يوق، گۇمانلىنىش يوق بۇ كىتاپتا؛ ھۇدەللىلمۇتتەقىين: ئاللاھ ئالدىدا مەسئۇلىيىتىنى بىلگەنلەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر، يەنى بۇ كىتاپ ھىدايەتتۇر. سەن يەنە نېمە ئىزدەۋاتىسەن؟ ».

ئەمما، ئالدى بىلەن فىترەت، ۋىجدان ۋە ئەقىل ھىدايىتىگە تەۋە بولمىغانلارغا بۇ كىتاب نېمە دېسۇن؟

قاراڭ، ئاللاھ بۇ كىتابنى ئىنسانىيەتكە ئۇزاتقىنىغا 1400 يىل بولدى ۋە بىز بۇ كىتاب بىلەن يىللاردۇر ئىچ قويۇن – تاشقويۇن بولۇپ كەلدۇق. ئېيتىپ بېقىڭە، نېمە سەۋەپتىن بىزگە ھىدايەت قىلمايدۇ؟

چۈنكى، فىترەت، ۋىجدان، ئەقىل ھىدايەتلىرىگە چىڭ ئېسىلمىدۇق، شۇڭا بۇ ھىدايەت، يەنى يازما ھىدايەتمۇ بىزگە بىر نەرسە دېمەيدىغان بولدى.

سىراتالمۇستەقىيم، توغرا يول؛ سىرات – يول، مۇستەقىيم « ئىستىقامەت ( نىشان ) » بۇ يەردىن كەلگەن. توپتوغرا، تۈپتۈز بىر يول.

ئەسلىدە سىراتالمۇستەقىيم نېمە؟ دەپ سورالسا، مۇپەسسىرلەردىن تەپسىر قىلىپ « قۇرئان » دۇر دېگەنلەرمۇ بولغان، « ئىسلام » دېگەنلەرمۇ بولغان. تېرمىزىدا بايان قىلىنغان بىر ھەدىس نەۋۋاس بىن سەمئان ( ر ئە )دىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىسكە كۆرە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (س ئە ۋ )مۇ سىراتالمۇستەقىيمنى ئىسلام دەپ تەپسىر قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (س ئە ۋ ) تېرمىزىدىكى ھەدىسىدەمۇنداق دېگەن:

« ئاللاھ ئىنساننىڭ ئالدىغا توپتوغرا بىر يولنى كۆرسەتتى، بىر يول بەردى، بۇ سىراتالمۇستەقىيمدۇر. بۇ يولنىڭ ئىككى چىتىگە تام ياسىدى، بۇلار ئاللاھ نىڭ ھۇدۇدى ( چېگرا )دۇر. بۇ تامدا ئىشىكلەر ئاچتى، بۇلار شەيتان ۋە نەفىسنىڭ ئۇ يەردىن ئىنساننى ئېمتىھان ئۈچۈن، ئاللاھ نىڭ ئىنساننى سېنىشى ئۈچۈن ھۇجۇم قىلىدىغان ئىشىكلەر؛ بۇ ئىشىكلەرگە بىردىن پەردە ئاستى دەيدۇ، مانا ئۇلار ئاللاھ مەنئى قىلغانلىرىدۇر. بۇ يولنىڭ ئىچىدە بىر دەۋەتچى توغرا يولغا چاقىرىدۇ، يولنى كۆرسىتىدۇ. يولنىڭ بېشىدا بىر دەۋەتچى چاقىرىدۇ، يولنىڭ بېشىدا چاقىرغان دەۋەتچى قۇرئاندۇر، دەيدۇ. يولنىڭ ئىچىدە چاقىرغان دەۋەتچى بولسا، ئىسلامدۇر ».

يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (س ئە ۋ ) يولنى كىشىلەرگە، مانا يولنىڭ ئىچىدە چاقىرغان يەنى ئىنساننىڭ ئالدىنى يورۇتقان دەۋەتچى سۈپتىدە، سىراتالمۇستەقىيمنى « ئىسلام » دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇ گۈزەل ئوخشىتىشتا ئىپادىلەنگەندەك « سىراتالمۇستەقىيم » ئىسلامنىڭ توپتوغرا يولى.

يەنە بىر ھەدىس ئىسىمدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (س ئە ۋ ) تۇپراققا ( يەرگە ) دەيدۇ رىۋايەت قىلغۇچى، بىر سىزىق سىزدى، بۇ سىزىقنىڭ سىرتىغىمۇ سىزىق سىزدى، ئۇ سىزىققا تىك قىلىپ سىزقىلار سىزدى ۋە بۇ سىزىقلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ كۆرسەتكەن يولنىڭ سىرتىدىكى يوللاردۇر؛ بۇ يول بولسا، بۇ تەك يول بولسا، ئاللاھ كۆرسەتكەن يولدۇر، بۇ يولدا ماڭغان نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ، دېدى دەيدۇ.

بىزمۇ دەل بۇ ئايەتتىن بۇنى چۈشىنىمىز.

« سىراتاللەزىينە ئەنئەمتەئالەيھىم »

بۇ يولنىڭ قانداق بىر يول ئىكەنلىكىنى بىلشىمىز ئۈچۈن، بۇ ئايەتنى يەنە فاتىھەنى تەپسىر قىلىشقا داۋام قىلىدۇ: « ئۆزلىرىگە نېمەت ئاتا قىلىنغانلارنىڭ يولىغا، ئۆزلىرىگە نېمەت بېرىلگەنلەرنىڭ، بەرگەنلىرىڭنىڭ يولىغا ».

ئەمدى بۇلار كىم؟ ئۆزلىرىگە نېمەت بېرىلگەنلەر ( كىم )؟ كەمىنە مۇنداق ئويلايمەن: فاتىھەنى رەسۇلۇللاھ ( س ئە ۋ ) ئوقۇيدۇ، پەيغەمبەر ( س ئە ۋ ) ئۇقۇغاندا نېمىنى كۆزدە تۇتقانىدى؟

پەيغەمبەر ( س ئە ۋ ) بۇ سۈرىنى نامازدا ئوقۇغاندا، « ئي رەببىم، مېنى توغرا يولغا باشلىغىن، ئۆزلىرىگە نېمەت بېرىلگەنلەرنىڭ يولىغا؛ شۈبھسىز، پەيغەمبەر ( س ئە ۋ ) بۇ سۈرىنى ئوقۇغاندا قەتئىيلىك بىلەن شۇنى نەزەردە تۇتقان بولىشى لازىم: ئۆزىدىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىغا ».

قۇرئاندىمۇ بۇ رىئاللىقنى تەكىتلىگەن ئايەتلەر كۆرىمىز، بۇ ئايەتلەردىن بىرىدە « ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەش » دېيىلىدۇ. 14 پەيغەمبەر ئارقىمۇ – ئارقا ساناپ ئۆتىلىدۇ ۋە ئارقىسىدىن دېيىلىدۇكى، « ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەش، ئىتائەت قىل، تابى بول ».

دېمەككى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ( س ئە ۋ ) فاتىھەنى ئوقۇغاندا ئۆزى ئۆزىدىن بۇرۇنقىلارنىڭ يولىغا ئەگىشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ، ئى رەببى، ئۇلارنىڭ يولىغا مېنى يۈزلەندۈرگىن، دەيدۇ.

بۇ نېمىنى كۆسىتىدۇ؟ ئىسلامنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە خاسلىقىنى، زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىدىن ھالقىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئىسلام مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن باشلىمىدى. ئىسلام، ئاللاھ ئىنسان بىلەن سۆزلىشىشكە باشلىغاندا باشلىغانىدى.

ئىسلام ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزگەرمەس قىممەت – قاراشلىرى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ( س ئە ۋ ) بولسا، بۇ يولنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى رەھبىرى ۋە يولباشلىغۇچىسى، قۇرئان بۇ يولدا ئىنسانغا بېرىلگەن ئاخىرىقى خەرىتە. شۇڭا، بىز فاتىھەنى ھەر قېتىم ئوقۇغاندا، ئەسلىدە ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۆتكەن بارلىق سالىھ ئىنسانلارنىڭ يولىدا كېتىۋاتقانلىقىمىزنى ئەسلەيمىز ۋە فاتىھە بىلەن شۇنى دەيمىز: ئى رەببىم، ئىنسانىيەت دېڭىزىدا بىر يول بار، مەن ئۇ يولنى بويلاپ كېتىپ بارىمەن، مەن ئىنسانىيەتكە خاس توغرا يولنىڭ كويىدا مەن ئى رەببىم، مۇشۇنداق دېگەن بولىمىز.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ( س ئە ۋ ) بۇنى فاتىھەنى ئوقۇغاندا، ئۆزىدىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكەن بولاتتى.

ساھابە ئوقۇغاندا، ئۇلارمۇ ئۆزىدىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكەن، پەيغەمبەرلەرنىڭ ساھابىلىرىگە يەنى ھاۋارىيلىرىگە ئەگەشكەن بولاتتى. ئۇلاردا شۇنى دەيتتى: ئى رەببىم، سەن بىزنى بىزدىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاۋارىيلىرى پەيغەمبەرگە قانداق ئەگەشكەن بولسا، بىزنىمۇ بۇ پەيغەمبەرگە ئۇلارغا ئوخشاش ئارقىسىدىن ئەگەشتۈرگىن.

بىز نېمە دەيمىز؟ بىزمۇ يۇقىرىدىكىلەرگە قاراپ: ئى رەببىم، ساھابە ۋە پەيغەمبەرلەر ئىچىدە بولۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ سادىق ئۈممەتلىرى قايسى يولدىن ماڭغان بولسا، بىزنىمۇ شۇ يولغا باشلىغىن.

ھەر كىشى ئۆزى تەۋە بولغان كاتىگورىيدە ئۆزىدىن بۇرۇنقى سالىھلەرنى، بۇرۇن سائادەتكە ئېرىشكەنلەرنى، بۇرۇن نېمەت بېرىلگەنلەرنى ياد ئەتكەن بولىدۇ ۋە شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا بىر رەھمەت ئېيتقان بولىدۇ. يەنى ئەبەدىي يولنىڭ يولچىلىرىغا ئەبەدىي بىر رەھمەت ( تەشەككۈر ) دۇر فاتىھە.

بۇ شۇنىمۇ كۆرسىتىدۇ: سىراتاللەزىينە ئەنئەمتە ئەلەيھىم، نېمەت بېرىلگەنلەرنىڭ يولىغا، بۇ نېمە شۈبھىسىز نېمە؟ دەپ سورىسىڭىز، ئالدى بىلەن بۇ نېمەتنىڭ ئىسلام ئىكەنلىكىنى يۇقىرىدا سىراتالمۇستەقىيمدە چۈشەندۈرگەنىدۇق.

ھىدايەتتۇر بۇ نېمەت، ئىبادەتتۇر بۇ نېمەت، ئىھسان مانا بۇ. يەنى ئىيياكەنەئبۇدۇ، بۇ نېمەتنىڭ تەلەپ قىلنىشىدۇر.

پەقەت ئۇنىڭدىنلا تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىمانغا ئىگە بولۇش ئەڭ چوڭ نېمەتتۇر. مانا بۇ نېمەت ئاتا قىلىنغانلارنىڭ يولىغا باشلىشىنى تىلەيمىز رەببىمىزدىن.

بۇ ئايەت بەرگەن يەنە بىر چوڭقۇر مەنىلىك نوقتا بار، ئۇ بولسىمۇ شۇ: ئى رەببىم، مەن بۇ يولدا يالغۇز ئەمەس، مەندىن بۇرۇن ماڭغانلارنىڭ ئارقىسىدىن كېتىپ بارىمەن؛ ئى رەببىم، مەن سېنىڭ يولۇڭغا سېنىڭ يولۇڭدىكى كىشىلەرنىڭ ئارقىسىدىن ماڭماقچىمەن. مەن سېنىڭ يولۇڭدا يالغۇز ئىكەنلىكىمنى دەۋاتمايمەن، سېنىڭ يولۇڭدا نۇرغۇن كىشىلەر بار ۋە ئۇ كىشىلەر ۋاستىسى بىلەن مېنى مەنزىلى مەقسۇد ( نىشان )قا قاراپ ماڭدۇرغىن، مېنى رازىلىقىڭغا قاراپ ماڭدۇرغىن. مېنى يولۇڭدا دائىم قىلغىن، مېنى يولۇڭدا دائىم قىلغاندا سېنىڭ يولۇڭدا بولغانلار بىلەن بىرگە قىل، ئۇلار بىلەن بىرگە بولۇشقا نىسىپ قىلغىن، دېگەن بولىدۇ.

چۈنكى، بۇ يەردە ئوخشاش زاماندا « نا » ئالمىشى، يەنى « بىز » ئالمىشى بىر ئۈممەتكە دالالەت قىلىدۇ. يەنى ھەر نامازدا فاتىھە ئوقۇغاندا ئىنسان ئۈممەتنى ئەسكە ئالىدۇ، پەقەت ئۆزىگە دۇئا قىلمايدۇ، پۈتۈن ئۈممەتكە دۇئا قىلىدۇ.

مېنى دېمەيدۇ، « ئىھدىنىي ( مېنى ) » دېمەيدۇ، « ئىھدىنى » دېسە نامازنى قايتىدىن ئوقۇشى كېرەك. چۈنكى مەنىسىنى بۇزغان بولىدۇ، « ئىھدىنا ( بىزنى ) » دەيدۇ، يەنى « مېنى ھىدايەتكە يەتكۈزگىن » ئەمەس، « بىزنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرگىن » دەيدۇ. بۇ يەردە بىر « بىز » ئېڭى تۇرغۇزۇلىدۇ.

كىم ئۇ بىز؟ بىزنىڭ پىرقە؟ بىزنىڭ پارتىيە؟ بىزنىڭ جامائەت؟ بىزنىڭ تەرىقەت؟ بىزنىڭ مەزھەپ؟ بىزنىڭ مەشرەپمۇ؟ ھېچقايسىسى ئەمەس.

ئۇ « بىز » كىم؟ بىزنىڭ ئۈممەت، شۇنداق، مۇھەممەد ئەلەيھسىسسالام ( س ئە ۋ )غا ئۈممەت بولغان ھەر بىر شەخس. ئەگەر ئۆتمۈشتىكىلەرنىمۇ قوشىدىغان بولساق، ئىسلامنىڭ ئەبەدىي يولىدا ماڭغان ۋە پۈتۈن ئىسلام پەيغەمبەرلىرىگە ئەگەشكەن سالىھ كىشىلەر

ئۇ « بىز » شۇنداق كەڭكى، مانا ئۇ بىزگە سالام بېرىسىز نامازنى تۈگەتكەندە، ئەسسالامۇئەلەيكۇم رەھمەتۇللاھ دەپ، سىز ئۇ مىليونلىغان ھەتتا مىلياردلىغان بىزگە، ئۇ قارا، ئۇ ئاق، ئۇ سېرىق تەنلىك بولغان، ئۇ ياۋروپالىق، ئۇ ئافرىقىلىق، ئۇ ئاسيالىق قېرىنداشلىرىڭىزغا سالام بېرىسىز.

ئۇ « بىز » ئېڭىنى تەرك قىلغان كىشى، ئەسلىدە فاتىھەنى تەرك قىلغان بولىدۇ؛ ئۇ « بىز » ئېڭىنى يالغانغا چىقىرىدىغان ئىشلارنى قىلغان، ئۈممەتنى پارچىلىغان، ئۈممەتنى بۆلگەنلەر مەيلى قانداق سەۋەپنى ئاساس قىلسا – قىلسۇن، فاتىھەنى يالغانغا چىقارغان بولىدۇ؛ نامازدا ئوقۇغان فاتىھەنى نامازدىن كېيىن ئىنكار قىلغان ھېسابلىنىدۇ، نامىزىمۇ ئۇنىڭغا پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ.

غەيرىلمەغدۇبى ئەلەيھىم

يۇقىرىدىكى ئىسپاتى ئىدى، بۇ يەردە نەفى ( ئەكسى ) بار، غەزەپ قىلىنغانلارنىڭ يولىغا باشلىمىغىن؛ ۋەلەدداللىين: ۋە ئازغانلارنىڭمۇ يولىغا باشلىمىغىن.

يەنى يۇقىرىدا ئىسپات بار ئىدى، بۇ يەردە ئەكسى بار، چىقىرىش بار، ئىنكار بار. ئىككى تانە « ئەمەس » بار، كىم بۇ ئىككى « ئەمەس » لەردىن كۆزدە تۇتۇلغان؟ يەنى غەزەبكە ئۇچرىغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، يەنە بىرى ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس

ئەسلىدە غەزەپكە ئۇچرىغانلار ئازغانلار ئەمەسمىكىن ئايرىم بىر ۋەلەدداللىين كېلىدۇ؟ غەزەپكە ئۇچراش ئازغۇنلىقتۇر، ئازغۇنلىق غەزەپكە ئۇچراشتۇر. چۈنكى ئازغۇنلىقتىنمۇ چوڭ بىر بالا بولامدۇ؟

ئەسلىدە بۇنىڭ ئىككىسى ئوخشاش ئەمەسمۇ، نېمىشقا ئايرىم – ئايرىم كېلىدۇ؟ مانا بۇ سۇئالغا جاۋاپ سۈپىتىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ( س ئە ۋ )نىڭ فاتىھەنىڭ بۇ ئاخىرىقى ئايىتىنى تېرمىزىدا بايان قىلىنغان بىر ھەدىستە ۋە بىر قانچە مەنبەدە ئوخشاش بولمىغان ۋارىيانتلىرى بىلەن كېلىدۇ بۇ ھەدىس، مۇنداق تەپسىر قىلىدۇ:

غەزەپكە ئۇچرىغانلار ئارىسىدا يەھۇدىيلەرمۇ بار، يەنى يەھۇدىيلار غەزەپكە ئۇچرىغانلاردۇر.

ھەدىسنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتىدا، شەكىل جەھەتتىن غەزەپكە ئۇچرىغانلار يەھۇدىيلاردۇر شەكلىدە. بۇ شەكىل مۇنازىرە قىلىنغان بولۇپ، سەھىھ ( راست ) بولۇپ – بولمىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن گەپلەر بولغان.

ئەمما باشقا بىر شەكلىدە، بۇ سەھىھ مەنبەدىن كەلگەن، سەنەت ( رىۋايەت قىلغۇچى ) بىلەن كەلگەن، ئۇ شەكلى مۇنداق: يەھۇدىيلار غەزەپكە ئۇچىرىغانلاردىن بىرىدۇر، يەنى غەزەپكە ئۇچراش پەقەت يەھۇدىيلارغا خاس ئەمەس، ئەمما ئۇلار غەزەپكە ئۇچرىغانلار قاتارىدا. ئازغانلاردىن خىرىستىيانلار، يەنى خىرىستىيانلارمۇ ئازغانلارنىڭ  بىر قىسمى.

بۇ ئەسلىدە بىزگە شۇ رىئاللىقنى ئېيتىدۇ: بىز ھەر فاتىھەدە ئى رەببىم بىزنى يەھۇدىيلىشىشتىن، بىزنى خىرىستىيانلىشىشتىن ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغىن، دەيمىز.

بۇنىڭ بىلەن شۇنىمۇ دېگەن بولىمىز: ئى رەببىم، يەھۇدىيلارغا ئوخشاش دىنىمىزنى مۇراسىملاشتۇرۇشتىن بىزنى ساقلىغىن؛ ئى رەببىم، خىرىستىيانلارغا ئوخشاش دىنىمىزنى ۋىجدانىلاشتۇرۇشتىن، دىنىمىزنى دۇنيالىشىش (دىننىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى دائىرىسىنى تارلاشتۇرۇپ، ئىبادەتخانىغىلا مەركەزلەشتۈرۈپ قويۇش )تىن بىزنى ساقلىغىن.

يەنە باشقا بىر تەرەپتىن شۇنى دەيمىز، پەيغەمبەرگە مۇئامىلە قىلىش جەھەتتىن: ئى رەببىم، يەھۇدىيلارنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە قىلغىنىدەك، بىزنى پەيغەمبىرىمىزگە ھاقارەت قىلشتىن ساقلىغىن، پەيغەمبىرىمىزنى خارلاشتىن ۋە كۆزگە ئىلماسلىقتىن ساقلىغىن.

يەنە بىر تەرەپتىنمۇ، ئى رەببىم، خىرىستىيانلارنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە قىلغىنىدەك پەيغەمبىرىمىزنى ئىلاھ قىلىۋېلىشىمىزدىن ساقلىغىن.

كۆرۈپ تۇرۇپسىز، ئەسلىدە تارىخ يولىدىكى ئىككى ئېزىشنى، ئىككى ئاساسلىق ئازغۇنلۇقنى بىر مەيل دەپ قارايدۇ قۇرئان ۋە بىزنى بۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ، يەنى يەھۇدىيلىشىش بىر مەيلىدۇر، بىر رايدۇر.

غەزەپكە ئۇچرىغان مىللەت بولمايدۇ. ئاللاھ ھېچقانداق بىر قەۋمنى غەزەپكە ئۇچراتمايدۇ، بىر قەۋىمدىن بولۇش غەزەپكە ئۇچراشنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ، بۇ ئاللاھ قا ھاقارەت قىلغانلىق بولىدۇ، ھېچكىم ئۆزى تەۋە بولىدىغان قەۋمنى ئۆزى تاللىمايدۇ. لېكىن غەزەپكە ئۇچراش بىر مەنتىقتۇر، يەھۇدىيلىشىش مەنتىقىدۇر؛ خىرىستىيانلىشىش مەنتىقى ئېزىشتۇر، مانا بۇ مەنىدە يەھۇدىيلىشىش مەنتىقى دىننى مۇراسمىغا ئايلاندۇرۋېلىش، دىننى شەكىلگە ئايلاندۇرىدۇ.

خىرىستىيانلىشىش مەنتىقى، ئازغۇن مەنتىق بولۇپ دىننى ۋىجدانىغا قاماپ قويىدۇ، دىننى ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىغا قاماپ قويىدۇ، يۈرىكىگە سولاپ قويىدۇ، ھەر ئىككىسى ئازغۇنلىقتۇر، ھەر ئىككىسى ھەقنىڭ سىرتىدىكى بىر ئۇسلۇپتۇر.

مانا بۇ ئىككى خىل ئەھۋالدىن ئۆزىمىزنى تارتىشىمىزنى ۋە بۇ ئىككى يولدىن يىراق تۇرىشىمىز ئۈچۈن، ھەر كۈنى ھەر نامازدا ھەر رەكەتتە « غەيرىلمەغدۇبى ئەلەيھىم ۋەلەدداللىين ۋەلەدداللىين » دەيمىز.

ۋەھىي بىزگە ئۆگەتكەن بۇ دۇئاغا چىن يۈرەكتىن ئامىن دەيمەن، رەببىمىزدىن فاتىھەلىك بىر ئۆمۈر، فاتىھە بىزگە بەرگەن، بىزگە ئۇزاتقان ھايات شەكىلگە مۇۋاپىق بىر ھايات نىسىپ قىلىشىنى ئاللاھ تىن تىلەيمەن.

سۆزىمىزنىڭ بېشىدا ھەمد بىلەن كىرگىنىمىزدەك سۆزگە، سۆزىمىزنىڭ ئاخىرىنىمۇ يەنە قۇرئاندىن باشقا بىر ئايەتنى ئەسلىگەن ( يۇنۇس سۈرىسى 10 – ئايەت: جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ قا خاستۇر ) ھالدا، داۋامىزنىڭ، ئۆمرىمىزنىڭ پۈتۈن ھاسىلاتى ۋە ئاخىرىقى سۆزىمىز رەببىمىزگە ھەمد بولسۇن دەيمىز.

ئەسسالامۇئەلەيكۇم

مۇستاپا ئىسلام ئوغلى

تەرجىمە قىلغۇچى: باتۇر قاراخانلې