بىزدە ئەڭ كەمچىل بولىۋاتقان نەرسە ئىلىم بىلەن بىرلەشكەن ئەمەلىيەتچانلىق.
ھاياجان بار، جاسارەت بار، ئەمما ئىلىمدىن يىراق.
ئىلىمدىن يىراق ھاياجان ۋە جاسارەت تەلۋىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئۇ شۇ كىشىگە ۋە ئەتراپىدىكىلەرگە زىياندىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلمەيدۇ.
ئىلىم بار، ئۇنى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلايدىغان جاسارەت يوق.
ياخشىلار كۆپ، ئاكتىپ ياخشىلار ئاز.
ياخشىلار ياتقان جەمئىيەت ئۆزلىكىدىن تۈزۈلۈپ قالمايدۇ.
ياخشىلارنىڭ يېتىشى يامانلىققا يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس.
شۇڭلاشقا بىز « ھەج رىسالىسى » دىن كېيىن 2- بولۇپ ئۇستاز مۇستافا ئىسلامئوغلىنىڭ
« پاسسىپ ياخشىدىن ئاكتىپ ياخشىغا » ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلدۇق.
كىتاپنى ئوقۇشنى خالايدىغانلار بىز بىلەن ئالاقە قىلىڭلار.
ئالاقىلاشقۇچى: ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق 05378112235
ھايات كىتابىم تورى www.hayatkitabim.com

IMG_2064.PNG

IMG_2062.PNG