QR كودنى ئوقۇتۇپ توركىتاپنى چۈشۈرۈڭئىسلام ۋە ئايال توركىتاپ مۇقاۋىسى

يېڭى توركىتاپ: «ئىسلام ۋە ئايال» – پېروف.در. بايراقتار بايراقلى  Yeni Uygurca Kitap ´İslam ve Kadın´ – Prof.Dr. Bayraktar BAYRAKLI

 

QR كودنى ئوقۇتۇپ توركىتاپنى چۈشۈرۈڭ
ئىسلام ۋە ئايال توركىتاپ مۇقاۋىسى

چۈشۈرۈش ئادرېسى:  Islam_ve_Ayal

  بايراقتار بايراقلې 1947 – يىلى رىزە ۋىلايىتىنىڭ گۈنەيجە ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپنى ۋە قارىلىقنى يېزىسىدا تۈگەتكەن. 1968 – يىلى ئىستانبۇل ئىمام – خاتىپ مەكتىۋىنى، 1969 – يىلى ئىستانبۇل ئەيۇپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىۋىنى، 1972 – يىلى ئىستانبۇل ئالىي ئىسلام ئېنىستىتوتىنى، 1977 – يىلى ئىستانبۇل ئۈنىۋېرسىتىتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى جەمىئىيەتشۇناسلىق بۆلۈمىنى پۈتكۈزگەن.
1972 – 1977 – يىللىرى ئارىسىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1977 – يىلى ئىستانبۇل ئالىي ئىسلام ئېنىستىتوتىنى پىداگوگىكا دەرسلىرى ياردەمچىسى بولغان. 1980 – يىلى « ئىسلامدا تەلىم – تەربىيە » تېمىلىق دېسىرتاسىيىسى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان. 1982 – يىلى « فارابىدا دۆلەت پەلسەپىسى » ماۋزۇلۇق دېسىرتاسىيىسى بىلەن ئىستانبۇل ئۈنىۋېرسىتىتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى جەمىئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە دوكتۇرلىق ئۇنىۋانىنى ئالغان. 1983 – يىلى ياردەمچى دوتسىنت، 1986 – يىلى دوتسىنت، 1993 – يىلى پىروفېسسور بولغان.
جەمىئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە 1984 – 1985 – يىللىرىدا ئەنگىلىيىدە بىر مەزگىل تۇرغان. 1985 – يىلى « خەلقئارالىق زىيارەتچى » سۈپىتىدە ئامېرىكىدا بىر مەزگىل تۇرغان ۋە ئالىي مەكتەپلەردە لېكسىيەلەر سۆزلىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەنگىلىيە، گىرمانىيە، گوللاندىيە ۋە بىلگىيەدە ئولتۇراقلاشقان تۈرك ئىشچىلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان.
پروفېسسور بايراقتار بايراقلېنىڭ « ئىسلامدا تەلىم – تەربىيە » ناملىق ئەسەرى تۈركىيە مىللىي مەدەنىيەت ۋەقپى تەرىپىدىن مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن.
پروفېسسور بايراقتار بايراقلېنىڭ 21 توملۇق « يېڭى بىر چۈشەنچە ئاساسىدا قۇرئان تەپسىرى »، « يېڭى بىر چۈشەنچە ئاساسىدا قۇرئان مەنا تەرجىمىسى »،
داۋامىنى https://yuzlen.net/?p=3287 دىن ئوقۇڭ.