1. باب

قۇرئان ۋە يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى

ئا. « يەھۇدىيلىشىش » ئۇقۇمى ھەققىدە

  1. سۆزلىك تەھلىلى

بىزنىڭچە ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ قۇرئاندا بايان قىلىنغان « يولدىن ئادىشىپ كېتىش جەريانى »نى ئىپادىلەيدىغان ئەڭ مۇۋاپىق ئىسىم « يەھۇدىيلىشىش »تۇر.

ئەلۋەتتە بۇ ئۇقۇم ئاساسلانغان تارىخى سەۋەپلەر بار بولۇپ، بۇ سەۋەپلەرنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن « يەھۇدى » ئۇقۇمىنىڭ مەنبەسىگە قاراپ چىقىش كېرەك.

بۇ ئۇقۇمنىڭ مەنبەسى ۋە سۆز يىلتىزى ھەققىدىكى پەرقلىق قاراشلار تۆۋەندىكىچە:

1) يەھۇدى ئۇقۇمىنىڭ مەنبەسىنىڭ ئارامچە ياكى ئىبرانىچە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىككى خىل قاراش بار. بۇ سۆز ئىبرانىچە ۋە ئەرەپچىدىكى « ئەھمەد »نىڭ مەنىسى بولغان « ماختالغان، مەدھىيلەنگەن » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ[1]. بۇ سۆز ئارامى تىلىدا « ساختا »، « ساختىپەزلىك »، « ھىيلىگەرلىك » دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.  

2) يەھۇدا ئىسمى، لەقىمى « ئىسرائىل » بولغان ھەزرىتى ياقۇبنىڭ رەپىقىسى راھەلدىن تۇغۇلغان تۆتىنچى ئوغلىغا قويۇلغان ئىسىم بولۇپ، دەسلەپتە ئۇنىڭ نەسلىدىن بولغانلارغا بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان، كېيىن پۈتۈن ئىسرائىل ئوغۇللىرى ئۈچۈن بۇ ئىسىم ئىشلىتىلگەن[2].

3) بۇ ھەزرىتى ياقۇبنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى ئەمەس، بەلكى لەقىمىدۇر. بۇ لەقەم ئۇنىڭ يۈسۈپنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن بېرىلگەن[3].

بۇ قاراشنىڭ داۋامى مۇنداق بولۇپ، ئۇنىڭ نەسلىدىن كەلگەن يەھۇدا ئايمىقى 12 ئىسرائىل ئايمىقى ئىچىدە ھەممىدىن بەك دىندىن يېنىۋالغان، ئەڭ كۆپ خىيانەت قىلغان، ھەممىدىن بەك ئادىشىپ كەتكەن ۋە ئازدۇرغان، پەيغەمبەرلەرنى ئەڭ كۆپ ئۆلتۈرگەن ئايماقتۇر. ھەزرىتى سۇلايمان قۇرغان ئادالەت دۆلىتىنى، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 931 – يىلىدا پارچىلىۋەتكەنلەر يەھۇدا ئايمىقىدۇر. بەزى تارىخچىلار ھەزرىتى ئىسانى رىملىقلارغا چىقىپ قويغان ھاۋارىسى ئىسكاريوتنىڭ « يەھۇدا » دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئۇنىڭ ھەم بۇ ئايماقتىن بولۇشى، ھەم ھەزرىتى ئىساغا خىيانەت قىلىشى دەپ ئىزاھلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىسرائىل ئوغۇللىرى ئىچىدە مەيلى شەخس ياكى جامائەت شەكلىدە كىم خىيانەت قىلسا، ئۇ « يەھۇداغا ئوخشاش خائىن » مەنىسىدە « يەھۇدى » دەپ ئاتالغان. مەشھۇر «Redhouse» لوغىتىدە « يەھۇدى »نىڭ مەنىسى « ھەمراھلىرىغا خىيانەت قىلغان كىشى »[4] دەپ ئىزاھلانغان.

4) بەزىلەر بۇ سۆزنى ئەرەپچە دەپ قاراپ « تەۋبە قىلىش، ھىدايەتكە ئېرىشىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ھ ۋ د » سۆز يىلتىزىدىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇنى يەھۇدىلارنىڭ پىرئەۋىندىن قۇتۇلغاندىن كېيىن ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا خىيانەت قىلىپ موزايغا چوقۇنۇشى ۋە بۇنىڭدىن سەۋەبىدىن بېرىلگەن قاتتىق جازانى كۆرۈپ « تەۋبە قىلىپ، توغرا يولغا ئېرىشىكەنلىكى » بىلەن ئىزاھلىغان.

2. ئىستىلاھى تەھلىل

مۇسەۋىلەرنىڭ « يەھۇدىلىشىش جەريانى »، ئەلۋەتتە ئەقىدىنى بۇزۇش ۋە خىيانەت قىلىش جەريانى بولۇپ، بىز « يەھۇدىلىشىش ۋە خىرىستىيانلىشىش » شەكلىدە ئىپادىلىگەن بۇ ئۇقۇم، قۇرئانى ئىستىلاھلاردىن بىرىدۇر. قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى بۇنى روشەن ھالدا كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن:

  « يەھۇدىلىشىڭلار ياكى خىرىستىيانلىشىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ھىدايەت تاپىسىلەر.

ئېيتقىنكى: ياق، ئۇنداق ئەمەس. بىز ئىبراھىمنىڭ ھەنىف دىنىغا ئەگىشىمىز. ئۇ مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى »[5].

بۇ ئايەتتىن بىز چۈشەنگەن ھەقىقەت مۇنداق:

بۇ ئايەتتە بىز « يەھۇدىلىشىش » ياكى « خىرىستىيانلىشىش » دەپ تەرجىمە قىلغان سۆزلەرنى « يەھۇدى بولۇڭلار »، « خىرىستىيان بولۇڭلار » شەكلىدە تەرجىمە قىلىش مۇمكىن. لېكىن بۇ تەرجىمە ئايەتنىڭ مەقسىتىگە ئانچە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. چۈنكى:

1) بۇ ئايەتتە ئەھلى كىتاپ مۇسۇلمانلارنى تەۋراتقا ياكى ئىنجىلغا ئىمان ئېيتىشقا دەۋەت قىلمايۋاتىدۇ. چۈنكى تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا ئىمان ئېيتىش مۇسۇلمان بولۇشنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى. كىتاپلارغا ئىمان، ئىمان ئاساسلىرىدىن بىرى بولۇپ، قۇرئان قايتا – قايتا بۇنىڭغا دەۋەت قىلغان.

2) بۇ ئايەتتە يەھۇدىلار ۋە خىرىستىيانلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا چاقىرىقى ھەزرىتى مۇسا ياكى ئىساغا ئىمان ئېيتىش ئەمەس. چۈنكى ھەزرىتى مۇسا ۋە ئىسا قۇرئان تەستىقلىغان ۋە مۇسۇلمانلار ئىمان ئېيتقان ئىككى پەيغەمبەردۇر. ئۇلاردىن بىرسىنى ئىنكار قىلغۇچى مۇسۇلمان بولالمايدۇ. بۇ ھەقىقەتنى يەھۇدىلار ۋە خىرىستىيانلار بىلىدۇ.

3) ئەھلى كىتاپ مەزكۇر چاقىرىقنى ھەزرىتى مۇسا ياكى ھەزرىتى ئىساغا « ئەگىشىش » ئۈچۈن قىلمىغان. چۈنكى قۇرئان ھەزرىتى مۇھەممەدنى « ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگىشىش »كە بۇيرىغان. يۇقىرىدىكى ئايەتتىن كېيىنكى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان 18 پەيغەمبەر ئىچىدە ياقۇب، داۋۇد، سۇلايمان، يۇسۇپ، مۇسا، ھارۇن، زەكەرىييا، يەھيا، ئىسادىن ئىبارەت 9 نەپەر بەنى ئىسرائىل پەيغەمبىرىگە ئورۇن بەرگەن قۇرئان، باشقا بىر ئايەتتە ئاللاھ رەسۇلىغا مۇنداق خىتاپ قىلماقتا:

« مانا بۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەش »[6].

ئاللاھ رەسۇلى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئەلچىلىك ئەنئەنىسىنىڭ ئاخىرقى ۋەكىلى بولغانلىقى ئۈچۈن جىمى ئىنسانىيەتكە نەبى قىلىپ ئەۋەتىلگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەڭ باشتا يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلار، ئۇنىڭدىن قالسا بارلىق ئىنسانلارغا تۆۋەندىكى چاقىرىقنى قىلىشقا بۇيرۇلغان:

« ئېيتقىنكى: ئەي ئىنسانلار، مەن سىلەرگە ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچى »[7].

مەلۇم بولغىنىدەك، ئىسلام، بارلىق زامان ۋە ماكانلارنىڭ « توغرا يولى »غا قۇرئان تەرىپىدىن بېرىلگەن ئىسىمدۇر. مۇسۇلمان، بارلىق زامان ۋە ماكانلاردا بۇ يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئېرىق، شەرىئەت، پەيغەمبەر، جۇغراپىيلىك ئورۇن پەرقى نەزەرگە ئېلىنماستىن بېرىلگەن ئورتاق ئىسىمدۇر. ئىسلام، ئۇزۇن يىللىق ئىنسانىيەت داستانىنىڭ « بىردىنبىر ۋە ئورتاق ئۆزگەرمەس قەدىر – قىممەت سىستېمىسى »نىڭ ئورتاق ئىسمىدۇر. بۇ ھەقىقەتنى ئەڭ يارقىن شەكىلدە بايان قىلىنغان يەر قۇرئاندىكى « يەھۇدىلىشىش جەريانى » بىلەن ۋاستىلىك مۇناسىۋىتى بولغان نەمل سۈرىسىدۇر.

بۇ سۈرىدە ئالدى بىلەن قۇرئاننىڭ مەنبەسىنىڭ ۋەھىي ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ، ئاندىن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ ئەنە شۇ مەنبەدىن ئوزۇق ئالغانلىقى تەكىتلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ۋەھىي ئەنئەنىسىنىڭ يەنە بىر ئەزاسى بولغان سۇلايمان ئەلەيھىسسالام تىلغا ئېلىنىپ، سەبە مەلىكىسىگە « مۇسۇلمان » بولدۇق دېگۈزۈلىدۇ[8].

قۇرئان مۇسۇلمان بولۇشنى « ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە ئۆزىنى تاپشۇرۇش » دەپ ئىزاھلايدۇ[9]. يەنە قۇرئان تەۋراتنىڭ « ھىدايەت ۋە رەھمەت سۈپتىدە »[10] ھەزرىتى مۇساغا بېرىلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا ئىسرائىل ئوغۇللىرى يەھۇدىيلەشكەنسېرى تەۋراتتىن ۋە ھەزرىتى مۇسادىن، يەنى ھىدايەت ۋە رەھمەتتىن، خۇلاسە، « مۇسۇلمانلىق »تىن يىراقلاشقانىدى.

ئەگەر يەھۇدىلار ۋە خىرىستىيانلار تەۋرات ۋە ئىنجىلغا، ھەزرىتى مۇسا ۋە ئىساغا ئىمان ئېيتىشقا، ھەزرىتى مۇسا ۋە ئىسانىڭ يولىغا ئەگىشىشكە چاقىرمىغان بولسا، – بۇلارغا ئىمان ئېيتماستىن مۇسۇلمان بولغىلى بولمايدۇ – ئۇنداقتا ئۇلار نېمىگە چاقىرماقتا؟ نېمە ئۈچۈن قۇرئان ئۇنى رەت قىلىپ، ھەزرىتى ئىبراھىم ئۈچۈن « ئۇ مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى » دېيىش ئارقىلىق، ئۇلار چاقىرغان نەرسىنى « شېرىك » دەپ تەرىپلىمەكتە؟

بۇ ئەھۋالدا ئۇلار دەۋەت قىلغان نەرسە شۈبھىسىز « ئىسلام »، « ئىمان » ۋە « شەرىئەت » ئەمەس.

مانا بۇ سەۋەپتىن ئۇلار دەۋەت قىلغان نەرسىنى بىز « يەھۇدىلىشىش » ۋە « خىرىستىيانلىشىش » دەپ تەرىپلەيمىز. ئۇلار مۇسۇلمانلارنى « غەزەپكە ئۇچرىغانلارنىڭ » ۋە « ئېزىپ كەتكەنلەرنىڭ »يولىغا چاقىرماقتا ئىدى. ئاللاھ فاتىھەدە مۇئمىنلەرنى « غەزەپكە ئۇچرىغان ۋە ئىزىپ كەتكەنلەرنىڭ يولىغا ئەمەس، توغرا يولغا، سەن نېمەت بەرگەنلەرنىڭ يولىغا » چاقىردى.

بۇ مىسالغا ئاساسەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئايەتتە « يەھۇدىلىشىش » ۋە « خىرىستىيانلىشىش » دەپ ئاتىغان ئۇقۇملارنىڭ، قۇرئاندا بېرىلمەكچى بولغان ساۋاقنى يارقىن شەكىلدە ئىپادىلىگەنلىكى روشەن ئايان بولماقتا. بۇ ئەھۋالدا قۇرئان تەرجىمىلىرىدە « يەھۇدىلار » ۋە « خىرىستىيانلار » دەپ تەرجىمە قىلىنغان بەزى ئايەتلەرنىڭ توغرا ۋە مۇۋاپىق تەرجىمىسىنى گرامماتىكىلىق قائىدىگە ماس كېلىدىغان شەكىلدە « يەھۇدىلىشىش » ۋە « خىرىستىيانلىشىش » دەپ ئىپادىلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئايەتلەر ئىچىدە تېكىست پۈتۈنلىكى نەزەردە تۇتۇلغان ھالدا پېئىل بولغان « الَّذِينَ هَادُواْ » شەكلىدىكى ئايەتلەر ئەڭ باشتا كەلمەكتە[11].

قۇرئاندا يەھۇدىلار يۇقىرىدىكى پېئىل بىلەن ئىپادىلەنگەندەك ئىسىم شەكلى بىلەنمۇ ئىپادىلىنىدۇ. ئىسىم بولۇپ« الْيَهُودُ » ۋە « يَهُودِيًّا »[12] شەكلىدە كەلگەندە بۇنى « يەھۇدىلەر » دەپ تەرجىمە قىلىش كېرەك. لېكىن يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەندەك پېئىل شەكلىدە كەلگەن بەزى ئايەتلەردە « يەھۇدىلار » دەپ ئىپادىلەشنىڭ ئورنىغا « يەھۇدىلەشكەنلەر » دەپ ئىپادىلەش ھەم تىل ھەم مەقسەت جەھەتتىن مۇۋاپىق بولىدۇ. مەسىلەن: نىسا سۈرىسى 46 – ئايەتتىكى « الَّذِينَ هَادُواْ » ئىبارىسىنى « يەھۇدىلار » شەكلىدە ئەمەس، « يەھۇدىلەشكەنلەر » دەپ تەرجىمە قىلىش، يەھۇدىلارنىڭ دەسلەپتە مۇسۇلمان ئىكەنلىكى، كېيىن بۇزۇلۇپ « يەھۇدىلەشكەنلىكى »دىن ئىبارەت ھەقىقەتنى تەكىتلەش[13] نۇقتىسىدىن توغرا ۋە مۇۋاپىق بولغان تەرجىمىدۇر[14].    

تارىخى تەھلىل

يەھۇدىلىشىش ئۇقۇمى تارىخى ۋەقەلەرگە ماس كەلمەكتە. بۇنى ھەم ئىسرائىل ئوغۇللىرى تارىخىدىن، ھەم سائادەت ئەسرىدىكى يەھۇدىلاردىن مىساللار كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىسپاتلاش مۇمكىن. ئالدى بىلەن قەدىم ئىسرائىل ئوغۇللىرى تارىخىغا قاراپ باقايلى:

تەۋراتنىڭ ھۆكمى بىلەن ئېنىقكى، باشتا كالا قاتارلىق تۇياقلىق ھايۋانلارنىڭ گۆشى ھالال ئىدى[15]. قۇرئاندىكى بايانلاردىن كېيىنكى مەزگىللەردە كالا قاتارلىق تۇياقلىق ھايۋانلارنىڭ ھارام قىلىنغانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇق[16]. ئىسرائىل ئوغۇللىرى مۇسۇلمان ۋاقتىدا ھالال بولۇپ، كېيىن ھارام قىلىنغانلىقنىڭ ئۇلارنىڭ « يەھۇدىلەشكەنلىكى » سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى يەنە قۇرئاندىن بىلدۇق:

« يەھۇدىلەشكەنلەرگىمۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ساڭا بىلدۈرگەنلىرىمىزنى ھارام قىلغانىدۇق ( بۇلارنى ھارام قىلىش بىلەن ) بىز ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق. لېكىن ئۇلار ( يەھۇدىلىشىپ ) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى »[17].

ئەسرى سائادەت دەۋرىدىكى يەھۇدىلارغا كەلسەك:

مەدىنىدىكى يەھۇدىلارنىڭ مىللىي مەنبەسى ھەققىدە تارىخچىلار ئارىسىدا كۆپ دەتالاش بولغان. گەرچە بەزى تارىخچىلار مەدىنىدىكى يەھۇدىلارنىڭ ئىسرائىل ئوغۇللىرىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ قاچان، نېمە سەۋەپتىن بۇ يەرگە كەلگەنلىكى ھەققىدە ئىنىق بىر نەرسە دېيەلمىگەن.

بۇ ھەقتىكى باشقا بىر قاراش بولسا مەدىنە يەھۇدىلىرىنىڭ « يەھۇدىلەشكەن ئەرەپلەر » ئىكەنلىكىدۇر. بۇنىڭ بىرىنچى دەلىلى ئاز ساندىكىدىن باشقا بارلىق يەھۇدى قەبىلىلىرىنىڭ ئىسمى ئىبرانىچە ئەمەس، بەلكى ئەرەپچە سۆزلەردىن تەركىپ تاپقانلىقىدۇر.

مەدىنىدىكى يەھۇدى ئىسىملىرى ئىچىدە لەفتيون، شاس، شايا، شەموئىل، رافىئى، ئەدا، فىنھاس، ئەشىيا… دېگەندەك ئىبرانىچە ئىسىملار بولسىمۇ، لېكىن بۇلار ناھايىتى ئاز ساننى ئىگىلەيدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن كەڭ دائىرىدە ئىشىلىتىلگەن ئىسىملار ۋە ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئىسىملىرى كۆپ ئۇچرىمايدۇ. بۇ دەۋردىكى يەھۇدى ئىسىملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى ئەرەپچە ئىسملاردۇر.  

ئەرەبىستان يەھۇدىلىرى، ئىسرائىل ئوغۇللىرىدىن كەلگەن يەھۇدىلارنىڭ ئەكسىچە يەھۇدىلىقنىڭ پەقەت بەلگىلىك بىر قەۋمگە خاس ( ئىسرائىل ئوغۇللىرى ) دىن سۈپتىدە قارىمايدىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە يەھۇدى ئەقىدىنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتلىرىنى رەت قىلىدۇ. ئەرەبىستان يەھۇدىلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن مەزكۇر رايۇندىكى كىشىلەرنى يەھۇدى قىلىشقا تىرىشماقتا ئىدى[18]. ئەرەبىستان بىلەن يەمەن ئارىسىغا جايلاشقان نەجراندىكى زۇ-نۇۋاس ئىسىملىك ئەرەپ پادىشاھنىڭ مەزكۇر رايۇندا يەھۇدىلىقنى تۇنجى بولۇپ دىن سۈپتىدە قوبۇل قىلغان ئەرەپ ئىكەنلىكى ئېيتىلماقتا.  

يەھۇدىلەشكەن ئەرەپلەرنىڭ بارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر دەلىل بولسا، ئۇ دەۋردىكى ئەرەپ ئادىتى بولۇپ، پەرزەنت كۆرەلمىگەن مەدىنىلىكلەر ئەگەر ئاللاھ ئۆزىگە پەرزەنت ئاتا قىلسا، بۇ بالىنى يەھۇدىلارغا ئاپىرىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم قىلاتتى. مەدىنىدە بۇ شەكىلدە يەھۇدىلىشىپ كەتكەن بىر تۈركۈم ئەرەپ ئۆسمۈرلىرى بار ئىدى. ھەتتا بەنۇن-نادىر يەھۇدىلىرى مەدىنىدىن چىقىپ كېتىدىغان ۋاقىتتا بۇ بالىلارنى ئېلىپ كەتمەكچى بولغان بولۇپ، بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىسى رەسۇلۇللاھقا مۇراجەت قىلغان ۋاقىتتا، رەسۇلۇللاھ « دىندا مەجبۇرلاش يوق » دېگەن قۇرئانى ھۆكۈم سەۋەبىدىن تەرەپ تۇتۇشنى رەت قىلغان، بالىلار بولسا يەھۇدى ئائىلىلەر بىلەن بىرگە كەتكەنىدى[19]. ھامىدۇللاھ، تەيماننىڭ مەشھۇر پادىشاھى ساماۋەل ب. ئادىيانىڭمۇ يەھۇدىلەشكەن ئەرەپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتماقتا[20].


[1]  « يەنە ھامىلدار بولۇپ قالدى ۋە بىر ئوغۇل تۇغدى. بۇ قېتىم مۇنداق دېدى: رەببىم، ھەمد ئېيتىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھۇدا ( مەدھىيلەنگەن ) قويدى » تەۋرات، تەكۋىن، 29 / 35.

[2]  تەكۋىن، 29 / 31 – 35.

[3]  تەۋراتتا بۇ ئىما قىلىنغان بۆلۈمگە مۇراجەت قىلىڭ، 38/26-27.

[4]  Redhouse, Judas md. P 311.

[5]  بەقەرە سۈرىسى، 135 – ئايەت.

[6]  ئەنئام سۈرىسى، 90 – ئايەت.

[7]  ئەئراف سۈرىسى، 158 – ئايەت.

[8]   نەمل سۈرىسى، 1 – 42 – ئايەتلەر.

[9]   ھەج سۈرىسى، 78 – ئايەت.

[10]  قەسەس سۈرىسى، 43 – ئايەت.

[11]  ئەنئام سۈرىسى 146، نەھل سۈرىسى 118، بەقەرە سۈرىسى 62، نىسا سۈرىسى 46، 160؛ مائىدە سۈرىسى 41،44، 69 – ئايەتلىرىدە پېئىل شەكلىدە كەلگەن ۋە تولۇق تەرجىمىسى « يەھۇدى بولغان ياكى يەھۇدىلەشكەن كىشىلەر » شەكلىدە ئىپادىلىنىشى مۇۋاپىق بولغان ئايەتلەردۇر.

بۇ شەكىلدە كەلگەن سۆزلەرنى تۈركچىگە « يەھۇدىلار » دەپ تەرجىمە قىلىش كۆپىنچە ۋاقىتتا گرامماتىكا جەھەتتىن مۇۋاپىق ئەمەس. مەسىلەن تەپسىرشۇناسلار « الَّذِينَ هَادُواْ » شەكلىدە كەلگەن جۈملىلەرنى تەپسىر قىلغاندا « هَادُواْ » دېگەنلىك « يەھۇدىلەشكەنلەر دېمەكتۇر » شەكلىدە تەپسىر قىلغان ( رازى، مەفاتىھۇل غەيب، 30 /7، جۈمە سۈرىسى 6 – ئايەتنىڭ تەپسىرىگە قاراڭ ). ئۇنىڭدىن باشقا  « ھەر بالا فىترەت ئۈستىدە تۇغۇلىدۇ، ئۇنى ئاتا – ئانىسى يەھۇدىيلەشتۈرىدۇ » دېگەن ھەدىستىكى «يھودانە» پېئىلى بۇنىڭغا دەلىل بولالايدۇ. «يھودانە» يەھۇدىيلىشىش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇخارى ( جەنائىز، 80،93؛ قەدەر، 3 )، مۇسلىم ( قەدەر، 22 – 25 )، تىرمىزى ( قەدەر، 5 )، مۇۋەتتا ( جەنائىز، 52 )دا تىلغا ئېلىنغان تېكىستتە مۇشۇنداق يېزىلغان.   

[12]  بۇ شەكلى ئۈچۈن بەقەرە سۈرىسى 113، 120؛ ئالىئىمران سۈرىسى 67؛ مائىدە سۈرىسى 18، 51، 64، 82؛ تەۋبە سۈرىسى 30 – ئايەت.

[13]  مەۋدۇدى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە بۇ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. تەفھىمۇل قۇرئان، 1 / 325.

[14]  قۇرئاندا 9 ئورۇندا « الْيَهُودُ » ۋە « يَهُودِيًّا » شەكلىدە كەلگەن بولۇپ، 1) يەھۇدىيلار: « خىرىستىيانلار توغرا يولدا ئەمەس » دېيىشتى ( بەقەرە، 113 ). 2) خىرىستىيانلارمۇ: « يەھۇدىيلار توغرا يولدا ئەمەس » دېيىشتى ( بەقەرە، 113 ). 3) « سەن ئۇلارنىڭ دىنىغا كىرمىگىچە يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلار سەندىن ھەرگىز رازى بولمايدۇ » ( بەقەرە، 120 ). 4) يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلار « بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دوستلىرىدۇرمىز » دېيىشتى ( مائىدە، 18 ). 5) « ئى ئىمان ئېيتقانلار! يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلارنى دوست تۇتماڭلار » ( مائىدە، 51 ). يەھۇدىيلار: « ئاللاھنىڭ قولى باغلاقتۇر » دېيىشتى. ئۆزلىرىنىڭ قولى باغلاندى ۋە بۇ سۆزلىرى سەۋەپلىك لەنەتلەندى ( مائىدە، 64 ). 7) ئىنسانلار ئىچىدە يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ ئىمان ئېيتقانلارغا ھەممىدىن بەك دۈشمەن ئىكەنلىكىنى كۆرىسەن ( مائىدە، 82 ). 8) يەھۇدىيلار: « ئۈزەيىر ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر » دېيىشتى ( تەۋبە، 30 ). 9) « ئىبراھىم يەھۇدىي ياكى خىرىستىيان ئەمەس ئىدى » ( ئالىئىمران، 67 ). قۇرئاندا پېئىل شەكلىدە ئون ئورۇندا تىلغا ئېلىنىدۇ.

[15]  لەۋىلىلەر، 29 – 30 / 22.

[16]  ئەنئام سۈرىسى، 146 – ئايەت.

[17]  نەھل سۈرىسى، 118 – ئايەت.

[18]  ھامىدۇللاھ، « ئىسلام پەيغەمبىرى »، 559/1.

[19]  « دائىم ئۆلۈك بوۋاق تۇغىدىغان بىر ئايال بار ئىدى. ئۇ، ئەگەر بالىسى ھايات قالسا ئۇنى يەھۇدىي قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆز ئۆزىگە ۋەدە بەردى. نادىر ئوغۇللىرى سۈرگۈن قىلىنغاندا ئەنسارنىڭ ئوغۇللىرىدىن بەزىلىرى مانا بۇ يول بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەنىدى. ئۇلار « بالىلىرىمىزنى تاشلىۋەتمەيمىز » دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ: « دىندا مەجبۇرلاش يوق… » دېگەن ئايەتنى نازىل قىلدى ( ئەبۇ داۋۇد، جىھاد، 116، نۇمۇرى:2682. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىبن كەسىر، 310/1؛ ئىبنۇل-ئارابى، ئەھكام، 333/1.  

[20]  ھامىدۇللاھ، « ئىسلام پەيغەمبىرى »، 559/1.