تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: باتۇر قاراخانلې

بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىم

1. بۇ كىتاپ (بېتىم) رەسۇلۇللاھ مۇھەممەد (ئە س) تەرىپىدىن قۇرەيشلىك، يەسرىبلىك مۇئمىنلەر ۋە مۇسۇلمانلار ۋە بۇلارغا تەۋە بولغانلار ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە جىھات قىلغانلار ئۈچۈندۇر.

2. مانا بۇلار باشقا كىشىلەردىن ئايرىم ھالدا بىر ئۈممەت ھاسىل قىلىدۇ.

3. قۇرەيشتىن ھىجرەت قىلغانلار، ئادىتىگە بىنائەن خۇن ھەققىنى ئۆز ئىچىدە يىغىپ تۆلەيدۇ ۋە ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مۇئمىنلەر ئۆز ئىچىدە مەلۇم بولغان ئەڭ توغرا ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تۆلەيدۇ.

4. بەنۇ ئاۋفلارمۇ ئادىتىگە بىنائەن خۇن ھەققىنى ئۆز ئىچىدە يىغىپ تۆلەيدۇ ۋە ھەر تائىپە ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىنى مۇئمىنلەر ئۆز ئىچىدە بىلىدىغان ئەڭ توغرا ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تۆلەيدۇ.

5. بەنۇ ھارىسلەرمۇ ئوخشاش شەكىلدە ئادىتىگە بىنائەن خۇن ھەققىنى ئۆز ئىچىدە يىغىپ تۆلەيدۇ ۋە ھەر تائىپە ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىنى مۇئمىنلەر ئۆز ئىچىدە بىلىدىغان ئەڭ توغرا ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تۆلەيدۇ.

6. يەنە بەنۇ سائىدەلەرمۇ ئادىتىگە بىنائەن خۇن ھەققىنى ئۆز ئىچىدە يىغىپ تۆلەيدۇ ۋە ھەر تائىپە ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىنى مۇئمىنلەر ئۆز ئىچىدە بىلىدىغان ئەڭ توغرا ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تۆلەيدۇ.

7. بەنۇ جۇشەملەرمۇ ئادىتىگە بىنائەن خۇن ھەققىنى ئۆز ئىچىدە يىغىپ تۆلەيدۇ ۋە ھەر تائىپە ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىنى مۇئمىنلەر ئۆز ئىچىدە بىلىدىغان ئەڭ توغرا ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تۆلەيدۇ.

8. بەنۇ نەججارلارمۇ ئادىتىگە بىنائەن خۇن ھەققىنى ئۆز ئىچىدە يىغىپ تۆلەيدۇ ۋە ھەر تائىپە ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىنى مۇئمىنلەر ئۆز ئىچىدە بىلىدىغان ئەڭ توغرا ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تۆلەيدۇ.

9. بەنۇ ئامر ئىبن ئاۋفلارمۇ ئوخشاش شەكىلدە ئادىتىگە بىنائەن خۇن ھەققىنى ئۆز ئىچىدە يىغىپ تۆلەيدۇ ۋە ھەر تائىپە ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىنى مۇئمىنلەر ئۆز ئىچىدە بىلىدىغان ئەڭ توغرا ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تۆلەيدۇ.

10. بەنۇن نەبىتلەرمۇ ئادىتىگە بىنائەن خۇن ھەققىنى ئۆز ئىچىدە يىغىپ تۆلەيدۇ ۋە ھەر تائىپە ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىنى مۇئمىنلەر ئۆز ئىچىدە بىلىدىغان ئەڭ توغرا ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تۆلەيدۇ.

11. بەنۇل ئەۋسلەرمۇ ئادىتىگە بىنائەن خۇن ھەققىنى ئۆز ئىچىدە يىغىپ تۆلەيدۇ ۋە ھەر تائىپە ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىنى مۇئمىنلەر ئۆز ئىچىدە بىلىدىغان ئەڭ توغرا ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تۆلەيدۇ.

12. ئا. مۇئمىنلەر ئۆز ئىچىدە ھېچكىمنى ئېغىر ئىقتىسادىي يۈكنىڭ ئاستىغا يالغۇز تاشلاپ قويمايدۇ. مەيلى خۇن ھەققى بولسۇن ياكى ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇشتا بولسۇن، مۇئمىنلەر ئۆز ئىچىدە بىلىدىغان ئەڭ توغرا ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تۆلەيدۇ.

12. ب. ھەر قانداق بىر مۇئمىن باشقا بىر مۇئمىننىڭ مەۋلاسى ( قېرىندىشى ) زىيىنىغا ئىش قىلمايدۇ.

13. ئاللاھتىن ھەقىقىي يۇسۇندا قورققان مۇئمىنلەر ئۆزئارا ئىچكى نىزاغا ۋە ھەقسىزلىقكە سەۋەپ بولىدىغان گۇناھقا ياكى بىراۋنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلمىشىغا ۋەياكى مۇئمىنلەر ئارىسىدا مالىمانچىلىق پەيدا قىلىشنى نىيەت قىلغۇچىغا قارشى تۇرىدۇ ۋە بۇ كىشى ئۇلاردىن بىرسىنىڭ بالىسى بولغان تەقدىردىمۇ، بىردەك ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ.

14. ھەرقانداق مۇئمىن بىر كاپىر سەۋەبىدىن باشقا بىر مۇئمىننى ئۆلتۈرەلمەيدۇ ۋە بىر مۇئمىننىڭ زىيىنىغا كاپىرغا ياردەم قىلمايدۇ.

15. ئاللاھنىڭ زىممىتى (ھىمايىسى ۋە كاپالىتى) تەك بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇئمىنلەر ئارىسىدا ئەڭ ئاددى كىشىنىڭ باشقا بىرسىنى ھىمايىسىگە ئېلىشى باشقىلارنىڭ نەزرىدە ئىتىبارغا ئېلىنىدۇ. چۈنكى مۇئمىنلەر باشقا كىشىلەردىن ئايرىم ھالدا بىر – بىرىنىڭ مەۋلاسىدۇر (قېرىندىشىدۇر).

16. يەھۇدىيلاردىن بىزگە تەۋە بولغانلار زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ ۋە ئۇلارغا دۈشمەن بولغانلار بىلەن ئۆزئارا ياردەملەشمىسە بىزنىڭ ياردەم ۋە قوللىشىمىزغا ئېرىشىدۇ.

17. سۈلھى مۇئمىنلەر ئارىسىدا تەك بولۇپ، ھەرقانداق مۇئمىن ئاللاھ يولىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشتا، باشقا مۇئمىنلەرنىڭ خەۋرى بولماستىن ۋە ئۇلارنى چەتكە قاقىدىغان شەكىلدە سۈلھى قىلالمايدۇ. بۇ سۈلھى مۇئمىنلەر ئىچىدە باراۋەرلىك ۋە ئادالەت پىرىنسىپى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

18. بىز بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىدىغان بارلىق قوشۇنلار ئۆزئارا نۆۋەتلىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ.

19. مۇئمىنلەر ئاللاھ يولىدا ئېقتىلغان قانلىرىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدۇ.

20. ئا. ئاللاھتىن لايىقىدا قورقىدىغان مۇئمىنلەر ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ توغرا بولىدۇ.

20. ب. ھەرقانداق مۇشرىك، بىر قۇرەيشلىكنىڭ مېلى ۋە جېنىنى ھىمايىسىگە ئالالمايدۇ، ھەرقانداق مۇئمىنگە بۇ ھەقتە توسالغۇ بولالمايدۇ.

21. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ بىر مۇئمىننىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپ بولغانلىقى قەتئىي دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانسا ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرى رازى بولمىسا، قىساس ھۆكمى ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇ ئەھۋالدا مۇئمىنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا (قاتىلغا) قارشى تۇرىدۇ. بۇلارغا بۇ ھۆكۈمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ھالال بولىدۇ.

22. بۇ بېتىمنى قوبۇل قىلغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن بىر مۇئمىننىڭ قاتىلغا ياردەم قىلىشى ۋە قانات ئاستىغا ئېلىشى ھارامدۇر. كىمكى ئۇنىڭغا ياردەم قىلسا ۋە قانات ئاستىغا ئالسا قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ لەنىتى ۋە غەزىپىگە ئۇچرايدۇ ۋە ئۇ كۈندە ئۇنىڭدىن فىدىيە ياكى يول قويۇش قوبۇل قىلىنمايدۇ.

23. ئىختىلاپ قىلىنغان ھەرقانداق ئىشتا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەتكە مۇراجەت قىلىنىدۇ.

24. ئۇرۇش توختىغىچە يەھۇدىيلارمۇ مۇئمىنلەرگە ئوخشاش ئۇرۇش چىقىملىرىنى كۆتۈرىدۇ.

25. ئا. بەنۇ ئاۋف يەھۇدىيلىرى مۇئمىنلەر بىر ئۈممەت تەشكىل قىلىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ دىنى ئۆزلىرىگە، مۇئمىنلەرنىڭ دىنى ئۆزلىرىگىدۇر. بۇنىڭغا مەۋلالىرى (قېرىنداشلىرى ياكى ئىتتىپاقداشلىرى)مۇ كىرىدۇ.

25. ب. كىمكى بىر ھەقسىزلىق ياكى جىنايەت سادىر قىلسا، ئۇ پەقەت ئۆزى ۋە ئائىلە ئەزالىرىغا زىيانكەشلىك قىلغان بولىدۇ.

26. بەنۇن نەججار يەھۇدىيلىرى بەنۇ ئاۋف يەھۇدىيلىرى بىلەن ئوخشاش ھەقلەرگە ئىگە بولىدۇ.

27. بەنۇل ھارىس يەھۇدىيلىرى بەنۇ ئاۋف يەھۇدىيلىرى بىلەن ئوخشاش ھەقلەرگە ئىگە بولىدۇ.

28. بەنۇ سائىدە يەھۇدىيلىرى بەنۇ ئاۋف يەھۇدىيلىرى بىلەن ئوخشاش ھەقلەرگە ئىگە بولىدۇ.

29. بەنۇ جۇشەم يەھۇدىيلىرى بەنۇ ئاۋف يەھۇدىيلىرى بىلەن ئوخشاش ھەقلەرگە ئىگە بولىدۇ.

30. بەنۇل ئەۋس يەھۇدىيلىرى بەنۇ ئاۋف يەھۇدىيلىرى بىلەن ئوخشاش ھەقلەرگە ئىگە بولىدۇ.

31. بەنۇل سالەبە يەھۇدىيلىرى بەنۇ ئاۋف يەھۇدىيلىرى بىلەن ئوخشاش ھەقلەرگە ئىگە بولىدۇ. كىمكى باشقا بىرسىگە ھەقسىزلىق قىلسا ياكى بىر جىنايەت سادىر قىلسا، ئۇ پەقەت ئۆزى ۋە ئائىلە ئەزالىرىغا زىيانكەشلىك قىلغان بولىدۇ.

32. جەۋفنە ئائىلىسى سالەبەنىڭ بىر غولىدۇر. بۇ سەۋەپتىن سالەبەلەر ئۈچۈن ئىناۋەتكە ئىگە بولغان نەرسىلەر ئۇلارنىڭ ئايماقلىرى ئۈچۈنمۇ ئىناۋەتكە ئىگىدۇر.

33. بەنۇش شۇتەيبەمۇ بەنۇ ئاۋف يەھۇدىيلىرى بىلەن ئوخشاش ھەقلەرگە ئىگە بولىدۇ. بەلگىلىمىلەرگە مۇتلەق ئىتائەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلمايدۇ.

34. سالەبەلەرنىڭ (يەھۇدىيلارنىڭ) مەۋلالىرى ئۇلارغا ئوخشاش مۇئامىلە كۆرىدۇ.

35. يەھۇدىيلار ئىچىدە ياشايدىغانلار يەھۇدىيلار قاتارىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

36. ئا. بۇلار (يەھۇدىيلار) دىن ھېچكىم مۇھەممەدنىڭ رۇخسىتى بولماستىن، مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە ھەربىي يۈرۈشكە چىقالمايدۇ.

36. ب. يارىلانغۇچىنىڭ ئېنتىقامنى ئېلىش چەكلەنمەيدۇ. بىراۋ بىر كىشىنى ئۆلتۈرسە، ئاقىۋەتتە ئۆزى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنى جاۋاپكارلىققا مەھكۇم قىلغان بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا بۇ ھەقسىزلىق بولىدۇ. ئاللاھ بۇ بېتىمغا ئەڭ ياخشى رىئايە قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.

37. ئا. ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە يەھۇدىيلارنىڭ چىقىملىرى ئۆزىگە، مۇسۇلمانلارنىڭ چىقىملىرىمۇ ئۆزىگە ئائىت بولىدۇ. بۇ كېلىشىمگە تەرەپ بولغۇچىلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلغانلارغا قارشى ئۆزئارا ياريۆلەكتە بولىدۇ. بەلگىلىمىلەرگە تولۇق رىئايە قىلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلىنمايدۇ.

37. ب. ھېچكىم ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ زىيىنغا ئىش قىلىشقا ئۇرۇنمايدۇ. زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا قەتئىي ياردەم قىلىنىدۇ.

38. يەھۇدىيلار مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش قىلغاندا ئۇرۇش چىقىملىرىنى بىرلىكتە كۆتۈرىدۇ.

39. بۇ بېتىمغا تەرەپ بولغانلار ئۈچۈن يەسرىپ ۋە ۋادىسى(جەۋف) ھەرەم (مۇقەددەس زېمىن) بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

40. ھىمايە قىلىنغۇچى ھىمايە قىلغۇچى بىلەن ئوخشاش ھەقلەرگە ئىگە بولۇپ، زۇلۇم قىلىنمايدۇ، زۇلۇم قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

41. ھىمايە ھەققى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھىمايە قىلىنغۇچى باشقا بىر كىشىنى ھىمايىسىگە ئالالمايدۇ.

42. بۇ بېتىمغا تەرەپ بولغۇچىلار ئارىسىدا يۈز بېرىشتىن ئەندىشە قىلىنغان ھەر تۈرلۈك ئۆلتۈرۈش ۋە دەتالاشلاردا ئاللاھ ۋە رەسۇلى مۇھەممەتكە مۇراجەت قىلىنىدۇ. ئاللاھ بۇ بېتىمغا ئەڭ ياخشى شەكىلدە رىئايە قىلغانلار بىلەن بىللىدۇر.

43. قۇرەيشلىكلەر ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلغۇچىلار ھىمايە قىلىنمايدۇ.

44. ئۇلار (مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىيلار) ئارىسىدا يەسرىبكە تاجاۋۇز قىلغۇچىلارغا قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىلىدۇ.

45. ئا. ئەگەر (يەھۇدىيلار مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن) بىر سۈلھىگە دەۋەت قىلىنسا ياكى مۇشۇنداق بىر سۈلھىگە قېتىلىشقا تەكلىپ قىلىنسا، بۇنى ئادا قىلىدۇ ياكى قاتنىشىدۇ. ئەگەر (مۇسۇلمانلار) ئوخشاش نەرسىگە چاقىرىلسا، مۇئمىنلەرمۇ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. لېكىن دىن ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش بۇنىڭدىن مۇستەسنا.

45. ب. ھەر جامائەت ئۆزىگە ئائىت رايۇنغا مەسئۇل بولىدۇ.

46. بۇ بېتىمدە تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر ئۈچۈن بەلگىلەنگەن شەرتلەر، ئوخشاش شەكىلدە ئەۋس يەھۇدىيلىرى، يەنى ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا ۋە ئۆزلىرىگە، بېتىمدىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلاردا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەرگە قەتئىي ۋە تولۇق يۈرگۈزۈلىدۇ. بەلگىلىمىلەرگە مۇتلەق رىئايە قىلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلىنمايدۇ. ھەقسىز يوللار بىلەن مەنپەئەتكە ئېرىشكۈچىلەر پەقەت ئۆزلىرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئاللاھ بۇ بېتىمدا بەلگىلەنگەن ماددىلارغا ئەڭ توغرا ۋە مۇكەممەل ھالدا رىئايە قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.

47. بۇ بېتىم ئۇۋال قىلغۇچى ياكى جىنايەت سادىر قىلغۇچىغا جازا بېرىشنى توسۇپ قالمايدۇ. جەڭگە ئاتلانغان ياكى يەسرىب شەھرىدە قالغان كىشى ئامانلىق ئىچىدە بولىدۇ. بىرەر ئۇۋالچىلىق قىلىش ياكى جىنايەت سادىر قىلىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا.

ئاللاھ ۋە رەسۇلى مۇھەممەدنىڭ ھىمايىسى بۇ بېتىمدە بەلگىلەنگەن ماددىلارغا سادىق بولغان ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلغۇچىلارنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ.

مەنبە:

İbn Hişam, s.341-344; İbn İshâk, (Sîrenin Farsçası), v. 101/a-b;

Ebu Ubeyd, Emval, no: 517; İbn Zenceveyh, Kitabu’l-Emvâl (Türkiye/Burdur yazması), v. 70/b-71/b (Zührî’den);

Ömer el-Mavsılî, Vesüetu’l-Mute’abbidln, c.8, v. 32 b; İbn Seyydinnâs, Sîret, (İbn İshâk ve İbn Ebi Hayse-me’den), 1/198;

İbn Kesîr, Bidaye, 3/224-6;

Abdulmun’im Han, no:79.

Bkz:Niyazi Kahveci, İnsan Hakları ve İslam, Ankara: TDV Yayını, 1995. S.45-49. Medine sözleşmesinin bir ölçüde farklı bir başka Türkçe tercümesi için bkz: Ahmet Gürkan, İslam Kültürünün Garbı Medenileştirilmesi, Ankara:3, b. (Tarihsiz), s. 74-80.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تورى

http://www.akademiye.org/ug/?p=9615