ئىمان ھاكىمىيىتى

 

ئىنسان بىلەن شەيتان ئوتتۇرىسىدىكى ئەبەدىي رىقابەت، خەلىپىلىك ئامانىتىنى ئىنساننىڭ ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى بىلەن باشلاندى ۋە ئۇ كۈندىن تارتىپ داۋام قىلماقتا.

شەيتان ئىنسانغا قۇرغان تۇنجى توزاق « مۇكەممەل ۋە ئەبەدىي بولۇش » ئىدى. ئىنساننى ئەڭ ئاجىز نوقتىسدىن ئۇرغان شەيتان، ئىنساننىڭ بۇ ئاجىز نوقتىسىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلاندى:

« شەيتان: < رەببىڭلارنىڭ سىلەرگە بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيشنى مەنئى قىلغانلىقى پەقەت سىلەرنىڭ پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى ( جەننەتتە ) مەڭگۈ تۇرۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر > دېدى ۋە ئۇلارغا: < مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن سادىقلاردىنمەن >  دەپ قەسەم ئىچتى » ( ئەئراف، 20 – 21 ).

شەيتان، ئادەم ۋە ئايالىنى چۈشۈرگەن مۇكەممەل بولۇش ۋە ئەبەدىيلىك قىلتىقىغا ئۇلارنىڭ ئەۋلادىنىمۇ چۈشۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەرىكەت قىلدى ۋە چوڭ ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى.

بۈگۈن ئىمان ئېيتقان ۋە سالىھ ئەمەل قىلغان ئىنسانلارنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان توزاقلارنىڭ ئەڭ بېشىدا « مۇكەممەل بولۇش » كەلمەكتە. ھەر نەرسىنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى، ئۆز ياكى باشقىلار قىلغان ئىشلاردا مۇكەممەللىك تەلەپ قىلغان، تەلەپ قىلىدىغان ئىنسانلارنىڭ، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغاندا ( بۇ ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس )، مەزكۇر ئىشنى تاشلىۋەتكەنلىكى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.

ئىمان ۋە شەيتاننىڭ ھاكىمىيەت تالىشىش كۆرىشىدە، جەڭ مەيدانى ئىنساننىڭ دەل ئۆزىدۇر، يەنى « بەدەن مەملىكىتى »دۇر. ئىمان ۋە شەيتان ئارىسىدىكى بۇ كۆرەش ئەڭ قاتتىق ئېلىپ بېرىلغان جاي، مەزكۇر مەملىكەتنىڭ پايتەختى بولغان « قەلىب ( دىل ) »تۇر. ئەگەر بۇ كۆرەشتە ئىمان غەلىبە قازىنىپ، شەيتاننىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ تەختتە ئولتۇرسا، بەدەن مەملىكىتىنىڭ غوللۇق ئاپپاراتلىرى بولغان كۆز، قۇلاق، تىل، لەۋ، قول – پۇت قاتارلىقلار دائىم بۇ ھاكىمىيەتنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولىدۇ. ئۇلار ئىمانغا بويۇن ئىگىپ، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى كۈچلەندۈرىدۇ. بۇ مەملىكەتنىڭ ئەڭ چەت نوقتىلىرىغىچە ئىمان مۇتلەق ھاكىمىيىتىنى تىكلەپ، ھېس – تۇيغۇ، چۈشەنچە ۋە ھەرىكەتلەرنى باشقۇرۇشقا باشلايدۇ.

بۇ باسقۇچتىن كېيىن، ھاكىمىيەت كۆرىشى شەخستىن ھالقىپ ئىجتىمائى ساھەگە ئۆتىدۇ ۋە ئىماننىڭ ئىجتىمائى جەمئىيەتتە ھۆكۈمران بولىشى ئۈچۈن، كۆرەش تاشقى مۇھىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئەگەر بەدەن مەلىكىتىنىڭ پايتەختىدىكى كۆرەشتە شەيتان غالىپ كەلسە، ئىش يۇقىرىدىكىنىڭ دەل ئەكسىچە بولىدۇ. بارلىق ئورگانلار ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلى بولغان ھېس – تۇيغۇ، چۈشەنچە ۋە ھەرىكەت شەيتان ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھالغا كېلىدۇ.

ئىمان بىلەن شەيتان ئوتتۇرىسىدىكى ھاكىمىيەت كۆرىشىدە، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەم ئىچكى ھەم تاشقى ياردەمچىلىرى، ئاساسلىق ۋە زاپاس كۈچلىرى بولىدۇ. بۇ كۆرەشنىڭ نەتىجىسىنى كۆپىنچە بۇ ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەر بەلگىلەيدۇ. ئىلىم، پاراسەت، يىراقنى كۆرۈش، ۋىجدان، پىكىرغا ئوخشاش ئىچكى ئىجابىي ئامىللار بۇ كۆرەشتە ئىمانغا بىۋاستە ياردەم قىلىدۇ، غەلبە قازانغاندا ھاكىمىيەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولىشى ئۈچۈنمۇ ئىزچىل يار – يۆلەكتە بولىدۇ. جاھالەت، ھاماقەتلىك، پىكىر گادايلىقى، ۋەسۋەسە، يامان گۇمان، نەپرەت، ئاداۋەتكە ئوخشايدىغان ئىچكى سەلبىي ئامىللارمۇ شەيتانغا تاكتىك ۋە باشقا جەھەتتىن ياردەم قىلىدۇ.

مەزكۇر كۆرەشنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تاشقى كۈچلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمىلىرى بەش سەزگۈ ئەزا، ھەرىكەت ۋە مۇھىت ( ئىجتىمائى مۇھىت )تۇر. بۇلار خاراكتېرىغا قاراپ ھەم ئىماننىڭ ھەم شەيتاننىڭ يېنىدا سەپ تۇتىدۇ. ئاللاھنىڭ ھىدايىتىنىڭ ياردىمى بىلەن قەلىبتە ۋۇجۇدقا چىققان « تەستىق »، ئىماننىڭ بەندە مەملىكىتىدە روياپقا چىقارغان ئىنقىلابىدۇر. « شېرىك »، شەيتان بۇ كۆرەشتە پايدىلىنىدىغان ۋاستىلاردىن بىرسىدۇر.

بەزىدە بۇ مەملىكەتتە ھاكىمىيەت بوشلىقى مەۋجۇت بولىدۇ ياكى بەدەن مەملىكىتى ھەر خىل كۈچلەر تەرىپىدىن پارچىلىنىدۇ. بۇ ئەھۋالدا « نىفاق » پەيدا بولۇپ، زىددىيەت ۋە تىراگىدىيىلەر باشلىنىدۇ. مەسىلەن، ھېس – تۇيغۇنى ئىمان، ئەقىلنى شەيتان باشقۇرىدۇ ۋە بۇ ئىككىسى ئارىسىدا قاتتىق جەڭ باشلىنىدۇ. بۇ كۆرەشتە ئىمان ياكى شەيتاندىن بىرسى غەلىبە قىلىشى مۇمكىن.

بەندەن مەملىكىتىدىكى ھاكىمىيەت بوشلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سەلىبىي نەتىجە ئۈچۈن يەنە بىر مىسال، ئېتىقاد – ھەرىكەت توقۇنۇشىدۇر. بەدەن مەملىكىتىنىڭ پايتەختى بولغان قەلىب ئىماننىڭ ئىلكىدە بولسىمۇ، ئىمان بۇ مەملىكەتنى تەشكىل قىلغان پارچىلارنى باشقۇرۇشقا ئاجىز كېلىپ قالىدىغان ئەھۋال بولىدۇ. بۇ ئىمان ھاكىمىيىتىنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئىمان بەدەن مەملىكىتىنىڭ سۇلتانى ئەمەس. شۇڭا بۇ مەملىكەتتىكى ئىمان كۆزگە نۇر، تىزغا كۈچ، تىلغا پەرمان بولۇپ ئۆزىنى نامايەن قىلالمايدۇ، كىشىنىڭ سۆز – ھەرىكىتىنى بەلگىلىگۈچى ئامىل بولالمايدۇ. بۇ سەۋەپتىن قول – پۇت، كۆز – قۇلاق قاتارلىق ئەزالار مەركەزدىكى ئىمانغا ئاسىي ۋە شەقىي بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا مەركىزى ھاكىمىيەت بولغان ئىمان يا شەيتانغا مايىل بولغان بۇ ئەزالارنى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرگۈزۈپ، ھۆكمىنى ئۇ ئەزالاردا نامايەن قىلىدۇ ۋە ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەيدۇ ياكى شەيتاننىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرگەن ئۇ ئەزالارنىڭ سەلبىي ھەرىكەتلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، ھاكىمىيىتىنى شەيتانغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.

ئىجتىمائى مۇھىتنىڭ ناچار بولىشى، زۇلۇم، ناھەقچىلىق، ناچار ئەخلاق ۋە ئاللاھقا ئىسياننىڭ ھەر تۈرى شەيتاننىڭ ھاكىمىيىتىگە ئۇل سالىدۇ ياكى مەۋجۇت شەيتان ھاكىمىيىتىنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئىبادەت، ئىتائەت، جىھاد، ساداقەت، سەبىر، سابات ( مۇستەھكەم تۇرۇش )، تەپەككۇر، زىكىر، شۈكۈر، غەيرەت، شىجائەت ۋە ھەر خىل پەزىلەت ئىماننىڭ ھاكىمىيىتىگە ئۇل سالىدۇ ياكى مەۋجۇت ئىمان ھاكىمىيىتىنى كۈچلەندۈرىدۇ.

بۇ كۆرەش بەدەندە باشلىنىدۇ. لېكىن بەدەن ۋە شەخس بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئىجتىمائى جەمئىيەت ۋە مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئىمان ۋە شەيتان، ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىش ئۈچۈن خۇددى بەدەندىكىگە ئوخشاش تاشقى دۇنيادىمۇ تەشكىللىك ھەرىكەت قىلىدۇ. قۇرئان، ئىمان شەكىللەندۈرگەن تەشكىلاتنى ھىزبۇللاھ ( ئاللاھ تەرەپتارلىرى )، شەيتان ئۇيۇشتۇرغان تەشكىلاتنى ھىزبۇششەيتان ( شەيتاننىڭ تەرەپتارلىرى ) دەپ ئاتايدۇ[1].

شەيتاننىڭ، ئادەم بالىلىرى ئىچىدىن ئۆزىگە تاپقان تۇنجى تەرەپتارىنىڭ قىسسىسى قۇرئاندا بايان قىلىنغان. يەنى، قابىل شەيتاننىڭ تۇنجى تەرەپتارىدۇر.

قابىل ئاللاھ يولىدا بېرىش، يەنى ئىنفاق قىلىش بىلەن ئېمتىھان قىلىنغانىدى. ئۇ، بۇ ئېمتىھاندىن ئۆتەلمىدى. ھابىل « مال – مۈلك » ئېمتىھاندىن غەلبىلىك ھالدا ئۆتتى ۋە ئىككىنچى باسقۇچ بولغان « جان » ئېمتىھانغا كىرىشكە مۇۋەپپەق بولغانىدى. قابىل ئېمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن ھەر زالىمغا ئوخشاش كۈچكە، تېرورغا مۇراجەت قىلدى.

ئىماننىڭ، نەپىسنىڭ شۇنچە قايمۇقتۇرۇشى ۋە ئازدۇرۇشىغا قارىماستىن قولغان كەلتۈرگەن بۇ ئۇتۇقى شەيتاننى بىئارام قىلغانىدى. بۇ سەۋەپتىن ئۆز تەرەپتارى بولغان قابىلنى، ئاللاھ تەرەپتارى بولغان ھابىلنى ئۆلتۈرۈشكە كۈشكۈرتتى ۋە نەتىجىدە قابىل ھابىلنى ئۆلتۈردى.

ھىزبۇللاھ تۇنجى شېھىتىنى بەرگەنىدى. ھابىل غەلبىلىك ھالدا بەرگەن « مال – مۈلك » ئېمتىھانىدىن كېيىن، كىرگەن « جان » ئېمتىھانىنىمۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا بېرىپ، شاھادەتنامىسىنى قولىغا ئالغانىدى. ئۇ، ھايات مەكتىپىنى ئەڭ ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ مۇكاپاتلانغان بىر شېھىت ئىدى.

ئۇ كۈندىن تارتىپ شەيتان ۋە تەرەپتارلىرى ئۆتەلمىگەن ھەر ئىنسانلىق ئېمتىھانىدا، بۇ ئېمتىھاندىن غەلبىلىك ھالدا ئۆتكەن پەزىلەتلىك كىشلەر قوشۇنىنىڭ جەسۇر يىگىتلىرىگە قارشى كۈچ ئىشلىتىشتىن بىر مىنۇت بولسىمۇ توختاپ قالمىدى. ھىزبۇششەيتان ئۆلتۈرۈشكە، ھىزبۇللاھ ئۆلۈشكە قانمىدى.

ھاكىمىيەت بۇ ئىككى كۈچ ئارىسىدا ئىزچىل ئالمىشىپ كەلدى. ئىچىدىكى ھاكىمىيەتنى شەيتانغا تارتقۇزۇپ قويغان كىشىلەر كۆپەيگەنسىرى، ئۇلار ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالىنىمۇ ئاللاھ ئۆزگەرتىپ، ئۇ جەمئىيەت شەيتان ھاكىمىيەت تىكلىگەن بىر جەمئىيەتكە ئايلانغانىدى. مانا بۇ ئىجتىمائى ئۆزگۈرۈشنىڭ ئۆزگەرمەس پىرىنسىپى:

« بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بىر قەۋم ئۆزلىرىنىڭ نەپسىدە بولغاننى ئۆزگەرتمىگىچە، ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمىتىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ ( ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ( قىلمىشلىرىنى ) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر » ( ئەنفال، 53 ).

شەيتان، ئىجتىمائى جەمئىيەتنى پۈتۈنلەي ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالغاندا، شەيتاننىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىمان ھاكىمىيىتىنى قايتىدىن تىكلەش ۋە ئىنساننى ئەسلى ئۆزلىكىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھ ئەلچىسى ھەزرىتى نۇھنى رەسۇل قىلىپ ئەۋەتتى. شەيتان تەرەپتارى بولۇشنى ئاللاھ تەرەپتارى بولۇشتىن ئەۋزەل كۆرۈپ، ئاخىرىغىچە قارشىلىق كۆرسەتكەن نۇھ قەۋمى، ئىنسان سائادىتىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بىر توساققا ئايلانغان بولۇپ، بۇ توساق ئېلىپ تاشلىنىپ، ئىمان ئىسىملىك سائادەت ئىنسانلارغا يەتكۈزۈلىشى كېرەك ئىدى.

ئاقىۋەت بۇ توسالغۇ ئىلاھى ئەمىر بىلەن كائىنات مەخلۇقلىرى تەرىپىدىن يوقۇتۇپ تاشلىنىپ، ئىنسان بىلەن ئىمان ئارىسىدا بىر تام قالمىدى. ئىنسانغا كۆڭۈل بۆلگەن ئاللاھ، ئىنساننىڭ بەخت – سائادەت يولىنى توسىدىغان ھەر قانداق نەرسىنى، بەزىدە بۇ ئىنسان بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى يامان كۆرىدۇ.

« قاچانىكى ئۇلار بىزنى دەرغەزەپ قىلغاندا، ئۇلارنى بىز جازالىدۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى غەرق قىلدۇق » ( زۇخرۇف، 55 ).

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ھىزبۇللاھنىڭ، نەمرۇت بولسا ھىزبۇششەيتاننىڭ ئۆز دەۋرىدىكى يېتەكچىلىرى ئىدى. بىرسى ئىماننىڭ، يەنە بىرسى شەيتاننىڭ ھاكىمىيىتى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتاتتى. ھىزبۇششەيتان يەنە ھەر دائىمقىدەك ئۇنىڭغا قارشى دۆلەت تېرورىنى ئىشقا سالدى.

نەمرۇت گۇلخانغا تاشلىغان ئىبراھىم ئەمەس، ئىمان ئىدى. لېكىن نەمرۇت ئىماننىڭ ئوتتا كۆيمەيدىغانلىقىنى قانداقمۇ بىلسۇن؟ شۇنداق، ئىمان ھەر دائىمقىدەك بۇ قېتىممۇ ئوت بىلەن ئېمتىھان قىلىنغان ۋە غەلىبە قازانغان ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئىماننى ئوتقا تاشلاش بىلەن يوقاتقىلى بولمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىغانىدى.

ئىمان ۋە شەيتان ئوتتۇرىسىدىكى ھاكىمىيەت كۆرىشىدە بىر مىنۇت بولسىمۇ بوش قالمىغان تارىخ سەھنىسىدە، بۇ قېتىم مۇسانى كۆرمەكتىمىز. ئۇ، نەپسىلىرىدىكىنى ئۆزگەرتىپ خەلىپىلىككە نامزات ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بەنى ئىسرائىلغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھىزبۇششەيتاننىڭ ئۆز دەۋرىدىكى يېتەكچىسى پىرئەۋىنگە قارشى كۆرىشىنى، ئىسلامى ھەرىكەتنىڭ جانسىز ئەزالىرى بولغان دېڭىز، دەريا ۋە دەرەخلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئوڭۇشلۇق ھالدا ئېلىپ بارغان ئىدى.

ئىماننى يەر يۈزىدە ھاكىم قىلىش ۋەزىپىسى بەنى ئىسرائىلغا بېرىلگەن ئىدى[2]. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەستىن، بەنى ئىسرائىلدا يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇلار ئۇنىڭغا يۈزلەندى. ئۇلار رەسۇللىرى بىلەن مۇنازىرلىشەتتى، كىتاپلىرى ھەققىدە ئىختىلاپ قىلىشاتتى[3]، گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسى بېرىلگەن يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پىتنە چىقىراتتى[4]، ھەقنى باتىلغا ئارلاشتۇرۇپ ھەقىقەتنى قەستەن يوشۇراتتى[5]. ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئىلاھى رىزققا شۈكۈر قىلماي « پىياز، سامساق » تەلەپ قىلغان[6]؛ رەسۇللىرىغا « سەن ۋە رەببىڭ بىللە بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەردە ساقلاپ تۇرىمىز »[7] دېگەن؛ كىتابنىڭ ئايەتلىرىنىڭ بەزىلىرىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىلىرىنى ئىنكار قىلغان[8]؛ ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشقا بۇيرۇلغان تۇرۇپ، يامانلىقتىن توسمىغان[9]؛ رەسۇللىرىنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئۆلتۈرگەن[10]؛ ماددىنى بۇتلاشتۇرغان ( ئىلاھ قىلىۋالغان )[11]؛ ئاللاھ بەلگىلىمىگەن ھالال ۋە ھاراملارنى ئۆزى قويىۋالغان[12]؛ دىنى ۋە سىياسىي يېتەكچىلىرىنى ئۇلۇغلاپ ئىلاھ قىلىۋالغان[13]؛ مىللەتچىلىك ئىللىتىگە گىرىپتار بولۇپ، ئىسرائىل ئەۋلادنىڭ باشقا مىللەتلەردىن ئۈستۈن ئىكەنلىكى سەپسەتىسىنى داۋا قىلغان[14]؛ ئىلاھ ۋەھىينى ئەزان باھادا سېتىپ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەرزىمەس نەرسىلەرگە تېگەشكەن[15] ۋە ھەممىدىن يامىنى كىتابىنى ئۆزگەرتىۋېتىپ، ئىمانىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانىدى[16].

***************************

[1]  مائىدە، 56؛ مۇجادىلە، 19.

[2]  « ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ۋە سىلەرنى تامام جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ياد ئېتىڭلار » ( بەقەرە، 47 ). چۈنكى ئىسرائىل ئەۋلادى ئاللاھقا ۋەدە بەرگەنىدى: « ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ياد ئېتىڭلار، ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قىلغان ۋەدەمگە ۋاپا قىلىمەن، مەندىنلا قورقۇڭلار » ( بەقەرە، 40 ).

[3]  ھۇد، 110.

[4]  بەقەرە، 60 – 61.

[5]  بەقەرە، 42.

[6]  بەقەرە، 61.

[7]  مائىدە، 24.

[8]  بەقەرە، 85.

[9]  ئالىئىمران، 114.

[10]  ئالىئىمران، 112.

[11]  تاھا، 87 – 88.

[12]  ئالىئىمران، 93.

[13]  تەۋبە، 31.

[14]  بەقەرە، 80.

[15]  تەۋبە،9.

[16]  ئالىئىمران، 78.