ئىككىنجى باب
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە
1.تارىخ ۋە بىز
تارىخقا ئايلانغان ئەقىدە ۋە ئەقىدىگە ئايلانغان تارىخ
تارىخچىلارنىڭ مۇنداق بىر ھۆكمى بار: تارىخ ئىلىملەرنىڭ ئانىسىدۇر. بىز مۇسۇلمانلار بىلىم، كۈلتۈر ۋە سىياسەتنىڭمۇ دىنامىكى بولغان تارىخقا قارىتا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلەلىدۇق دېيەلمەيمىز. بۈگۈنىمىزنى ياشايلى، مەۋجۇت ئەھۋالىمىزدىن ياخشى پايدىلىنايلى دەيمىز. بۇلار ئۆتمىشىمىزدىن بىخەۋەر يۈرىشىمىزگە سەۋەپ بولالمايدۇ. ئۆتمۈشكە كۆڭۈل بۆلۈش، تېخىمۇ تېزرەك ئىلگىرىلەش ئۈچۈن ئارقىمىزغا بىر قەدەم چېكىنىش دېگەنلىكتۇر. مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر، ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسىنى مۇھىم دەپ بىلگەن ئىنسانلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ئۆتمىشىمىز ۋە كېلەچىكىمىز، ھايات دەپ ئاتالغان « سىرات »نىڭ بىر پارچىسىدۇر. ئەستايىدىل ئىنسانلار يىلتىزى يوق ۋە ئاساسسىز بىلىملەر بىلەن ئەمەس، ساغلام مەنبەلەرگە تايانغان ساغلام بىلىملەر بىلەن يېتىشىپ چىقىدۇ.
تارىخ بەزىلەر ئۈچۈن سېغىنىش تۇيغۇلىرى تەسەللى تاپىدىغان خۇشاللىق نەسەپ شەجەرىسىدۇر. بۇ قاراش بىلەن قارىغاندا، ئۇ دائىما « شان – شەرەپلىك » تارىختۇر. ئويغاق تۇرۇپ تاتلىق چۈش كۆرۈشنى خالىغانلار، ھازىر ئۆزى تۇرۇۋاتقان زاماننىڭ مۇۋاپىق بىر يېرىدىن، ئاتنىڭ كىشنەشلىرى ۋە تۇياقلىرىنىڭ ئاۋازلىرى بېزەلگەن بۇ شانلىق زامان تونىلىغا كىرىپ كېتىدۇ. ئەۋج ئالغان سېغىنىشلىرىنى، ئاچ قالغان تۇيغۇلىرىنى مۇشۇنداق بىر ئۇسۇلدا تەسەللىي تاپقۇزىدۇ. « ئەقىدىگە ئايلانغان تارىخ » ئۇقۇمى، بىر ئۇچى تارىخپەرەستلىككە تۇتۇشىدىغان بۇ پوزىتسىيەنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسىدۇر.
بۇ چۈشەنچىدە، شانلىق تارىخنى بىلىشلا يېتەرلىك ئەمەس؛ ئۇنىڭغا ئىشىنىش كېرەك. ئۇنى ئىلغاش، تەنقىتلەش، تاسقاش، تەھلىل قىلىش جائىز ئەمەس. كۆڭلىمىزنى غەش قىلىدىغان سەھنىلەرنى جىلۋەئىي رەببانىي دەپ قاراش، پەقەت بولمىسا تەئۋىل قىلىش بۇلارنىڭ ئۇسلۇبىدۇر. بۇ چۈشەنچىدىكىلەرنىڭ مەقسىدى « تارىخنى ھاياتنىڭ ئىچىدە ئوقۇش » ئەمەس، ھاياتنى تارىخقا ئايلاندۇرۇش، ئۇنىڭغا چېقىلغىلى بولمايدىغان مۇقەددەسلىك تونى كەيگۈزۈشتۇر.
بۇنىڭ ئەكسىچە بولغان بىر قاراشمۇ ئەڭ ئاز بۇ چۈشەنچىگە ئوخشاش مەجرۇھتۇر. بۇ قاراش – تارىخقا ئايلانغان ئەقىدە… ئىمانىنى ھاياتقا ھاكىم قىلىدىغان تىرىشچانلىقنى كۆرسىتەلمىگەنلەر، ئۇنى موزېيخانىغا قويۇلىدىغان بىر بويۇمغا ئوخشاش تارىخقا ئايلاندۇرۇپ قويۇش يولىنى تۇتماقتا. ھاياتنى تارىخقا ئايلاندۇرۇپ قويغان بىرسىگە تارىختىن ئىبارەت قەدىمى جانلىق نېمە بېرەلەيدۇ دەيسىز؟ بۇنداق بىرسىنىڭ، ۋەقەلەرگە ۋە شەخىسلەرگە نەزەر سالغان ۋاقىتتىكى تۇرقى، رەھمەتلىك دادىسىدىن قالغان تەۋەرۈككە قاراپ ئىچى سىيرىلغان ئادەمدىن پەرقسىز.
بىر مۇسۇلمان تارىخقا يۇقۇرىدىكىلەردىن پەرقلىق نوقتئىينەزەر بىلەن قارايدۇ. ئۇ بەزىدە ئىلىم ۋە ئىبرەتلەر كۆرگەزمىسى بولۇشتىن ھالقىپ، بىر ئەقىدىگە ئايلىنىدۇ. تارىخ باغرىدىن قۇرئانى كەرىم ۋە رەسۇلۇللاھنى چىقىرىپ سىزگە ئۇزاتسا، ئۇنىڭ ئىمانىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يېتىسىز. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ « ئەساتىرۇن ئەۋۋەلىن ( ئاۋالقىلارنىڭ ھېكايىلىرى ) » ئەمەس، بىر ئېتىقاد تېمىسىغا ئايلىنىدۇ.
جاھىلىيەت دەۋرى ئەجداتپەرەستلىرى بىلەن زامانىمىزدىكى ئەجداتپەرەستلەرنىڭ ئورتاق بىر ھۇجۇم ئۇسلۇبى بار: ئىسلامى قىممەت – قاراشلارنى زاماننىڭ مۇداخىلىسىگە ئوچۇق تارىخىي بىر ۋەقە سۈپىتىدە كۆرسىتىش. زامان چەكلىمىسىدىن خالىي ئىلاھىي سۆزنى مەلۇم بىر دەۋرگە مەھكۇم قىلىپ قويۇش؛ يەنى ھەر دۋەرگە خىتاپ بولغان ئىلاھىي سۆز – ئىسلامنى ئۆز دەۋردىن چەتكە قېقىش. تارىخ ئېڭىدىن يوقسۇن مۇسۇلمانلار، بىرىنچىسى، ئۆتمۈشكە كۆڭۈل بۆلمەسلىك؛ ئىككىنجىسى، ئىسلامنىڭ ئەسرى سائادەت دەۋرىنى شۇ دەۋر ئىنسانلىرىغا خاس ئالاھىدە، پەۋقۇلئاددە بىر ئەھۋال دەپ قاراپ، ئۇنى يۈكسەلتىپ مۇقەددەسلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىلدە ئۇلارنىڭ بۇ جىنايەتلىرىگە شېرىك بولماقتا.