سوئاللار ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلىغان ئىدى: بۇنىڭغا ئوخشاش چوڭ گۇناھلارنى ( گۇناھى كەبىرە ) قىلغانلار مۇسۇلمان ھېساپلىنامدۇ؟ مۇسۇلمان بولسا قانداق بولىدۇ، ئۇنداق بولمىسا ئاخىرەتتە قانداق مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ؟… سوئاللارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.

بۇ سوئاللارغا جاۋاپ بېرىش تەشۋىشى ئىككى نەرسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كىردى. يەنى، ئىمان – ئەمەل مۇناسىۋەتلىرى ۋە قەدەر مەسىلىسى.

بۇ ھەقتە قاتتىق مۇنازىرىلەر باشلىنىپ، نەتىجىدە ھىزىپلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغانىدى. بەزىلەر « ئەمەل ئىماندىن » دېسە، يەنە بەزىلەر « ئەمەل بىلەن ئىماننىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق » دەيتتى. خارىجىلەر ئەمەلنى ئىماندىن دەپ ھېساپلاپ « كەبىرە » (چوڭ گۇناھ ) سادىر قىلغۇچى تۆۋبە قىلمىغۇچە « كاپىر – مۇرتەد بولىدۇ » دەپ ئېلان قىلدى. مۇتەزىلەر بۇ ھەقتە خارىجىلەردەك بەك چەكتىن ئاشمىغان بولۇپ، ئەمەل ئىماندىندۇر، مۇرتەكىبى كەبىرە ( چوڭ گۇناھ قىلغۇچىلار ) تەۋبە قىلمىغۇچە نە جەننەتكە نە جەھەننەمگە كىرىدۇ دەپ قارايتتى. شىئەمۇ بۇ ھەقتە ئۇلار بىلەن ئوخشاش چۈشەنچىگە ئىگە ئىدى.

يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بار بولۇپ، ئۇلار ئەمەلنىڭ، ئىمان بىلەن نە زاتى نە سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ تۇرۇۋالاتتى. كىشى مەيلى قانداق گۇناھ ئۆتكۈزۈشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ئۇنىڭغا ئىمانىغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمەيدۇ دەيتتى. بۇلار كېيىنچە مۇرجىئە دەپ ئاتالدى.

مۇرجىئەلەر « بەندىنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ پايدىسى يوق، شۇڭا گۇناھلارنىڭمۇ زىيىنى يوق » دەيتتى. « ھېچكىم ئۈچۈن دۇنيادا ھۆكۈم بېرىلمەيدۇ » دېگەن ئىدىيە بىلەن، باشتا ئەسرى سائادەت دەۋرىدىكى مۇناپىقلارنىمۇ مۇئمىن دەپ قارايتتى. زۇلۇم قىلغۇچىنى « زالىم »، فىسقى – فۇجۇر ئىچىدە يۈرگۈچىلەرنى « پاسىق – پاجىر » دېيىشنى، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە ئارلاشقانلىق دەپ قاراپ، « دۇنيادا ھۆكۈم بولمايدۇ، ھۆكۈم ئاخىرەتتە » دېگەن ئىددىيەنى ياقىلايتتى. بۇ پىكىردە بولغانلارنىڭ بەزىلىرى ئىماننى پەقەت ئاللاھنى تونۇش دەپلا ئىزاھلايتتى. مانا بۇ ئەھۋال ئاستىدا، « كۇپۇر » ئاللاھنى بىلمەسلىك بولاتتى. بۇنداق بولغاندا، ئاللاھ نىڭ بارلىقىنى بىلگەن ھەم ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلىكىنى قۇرئاندىكى ئايەتلەر بايان قىلغان ( لوقمان، 25؛ زۇھرۇف، 8؛ مۇئمىنۇن 84-89 ) مۇشرىكلارمۇ مۇئمىنلەر قاتارىدىن بولىشى كېرەك ئىدى.

يەنە بۇ ئازغۇن ئەقىدە، مۇنازىرە تەقەززا قىلمايدىغان « ئەمرى بىلمەئرۇف ۋە نەھىي ئەنىلمۇنكەر »نى پىتنە، ھۆكۈمدارلارغا ھەقىقەتنى ئېيتىشنى « پىتنە چىقارغانلىق » دەپ قارايتتى. زۇلۇمغا قارشى تۇرغان ساھابە، تابىئىن ۋە ئىماملارنى « پىتنىچى » دەپ سۈپەتلەيتتى.

ئىبادەتلەرنىڭ ئاممىۋى تەرىپىنى بىكار قىلىپ، جۈمە، ھەج، ھېيىت نامازىغا ئوخشاش ئىبادەتلەرنى بۇزۇش ۋە ئۆزگەرتىۋېتىش ئۈچۈن ۋاقتى كەلگەندە ھەدىس توقۇپ چىقىراتتى. زالىم ۋە پاسق ھاكىمىيەتكە قارشى قىلىنغان جىھادنى ھارام ھېساپلايتتى. پىتنە، سەبىر، غەيۋەتكە ئوخشاش ئىسلامى ئۇقۇملارنى ھۆكۈمدارلارنىڭ پايدىسىغا بۇرمىلايتتى.

مۇرجىئەنىڭ سىنىپلىرىنى ۋە ئەقىدىلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلغان « ئەلمىنەل ۋەلنىھال ۋە ئەلفەرق بەينەل فىراق »قا ئوخشاش مەنبەلەردە ئۇزۇن – ئۇزۇن بايان قىلىنغان تەپسىلاتلارنى بۇ يەرگە يېزىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدۇق. بىزگە ئەسلى لازىم بولغىنى مۇرجىيەنىڭ بۇ ئېتىقادلىرىنىڭ سۇلتان تەرىپىدىن قانداق پايدىلانغانلىقىدۇر. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن مەنبەلەر ۋە ئۇنىڭدىن  باشقا مەنبەلەردە، مۇرجىيە ھەققىدە بېرىلگەن ئۇچۇرلاردا قالايمىقانلىق ۋە مەۋھۇملۇق بار. بۇ مەلۇماتلاردىن يولغا چىقىپ مۇرجىئە ھەققىدە بىر نەرسە دېيىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ھىزىپ ھەققىدە توختالغان مەنبەلەر، بەزەن بىر – بىرىگە پۈتۈنلەي زىت مەلۇماتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىراق بۇ خىل ئېنىقسىزلىقنىڭ ھەممىسى تارىخچىلاردىن كېلىپ چىقمىغان بولۇپ، مۇرجىئە پىرقىسىنىڭ پۇرسەتپەرەست بولىشىدىنمۇ كېلىپ چىققان. ناھايىتى ئۆزگۈرۈشچان ۋە شامالغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان بۇ خىل ئەقىدە، تارىختىن بۇيان ھەر زامان ئۆزىگە يانتاياق تاپالىغان ۋە بۈگۈنمۇ ھاكمىيەتتىكىلەرنىڭ تەشۋىق ۋە ياردىمى بىلەن مەۋجۇدلىقىنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

مۇرجىيە ئەقىدىسىنىڭ ھەم قەدرىيە ھەم جەبرىيە، ھەم خارىجىيە، ھەم مۇتەزىلەردىن باغلىنىشى تېپىلغانلىق ھەقىقىتى، بۇ ھەقتىكى مەنبەلەرنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق نوقتىدۇر.

توغرا. بۇ قەدەر تۇترۇقسىز بىر ئەقىدىنىڭ، بارلىق ئېقىملاردىكى سۈيئىستىمالچىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىشىدىنمۇ تەبئىيرەك نېمە بار دەيسىز؟ بۈگۈنمۇ مەۋجۇت بولغان بارلىق ئىسلام مەزھەپلىرىدە مۇرجىئەدىنمۇ ئېشىپ چۈشكىدەك كىشىلەر كۆپلەپ چىقىۋاتىدۇ. ھەممىگە تاتلىق كۆرۈنۈشنى ئويلاۋاتقان بۇ تۈر كىشىلەر ئۆزلىرىنى قايسى مەزھەپتىن كۆرسەتسە كۆرسەتسۇن، ئۇلارنىڭ مەزھىپى بىردۇر: پۇرسەتپەرەسلىك. پۇرسەتپەرەسلىك بولسا، مۇرجىيەنىڭ شۇئارىدۇر. بۇ تۈر كىشىلەر، مەيلى ئۆتمۈشتە بولسۇن ۋەياكى كۈنىمىزدە بولسۇن زالىم ۋە پاسىق ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان كىشىلەر ئىدى.

قانداق دەمسىز؟ خۇددى ئۇمەييە دەۋرىدە بولغاندەك، ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ قانداق بۇرمىلانغانلىقىغا ئۆرنەك بېرىپ، كۈنىمىز مۇسۇلمانلىرىنى كۈتىۋاتقان ئەڭ چوڭ خەتەر بولغان « مۇرجىئە » ئەقىدىسىنىڭ ئاساسلىق شەكلىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە تىرىشايلى.

ھەزرىتى ھۈسەيىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 18 ئەھلى بەيتنىڭ كاللىسى يەزىدنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ تىزغان ۋە تېخىمۇ ئازاپلاش ئۈچۈن ھوزۇرىغا چاقىرىلغان ھەزرىتى زەينەپنىڭ، خۇددى ھېساپ سورىغاندەك نەزەر تاشلىشىغا يەزىد مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ:

« ئاللاھ نىڭ سېنىڭ ئەھلى بەيتىڭنى قايسى ھالغا كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنى كۆرگەنسەن؟ »، « ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە قانداقمۇ پېتىندىڭ؟ » دېگەن سوئالغا « ئۇلارنى ئاللاھ ئۆلتۈردى » شەكلىدە جاۋاپ بېرىدۇ[1] .

ئاللاھ قا تۆھمەت قىلىشنىڭ پېشىۋاسى بولغان بۇ ئەقىدە، دۆلەتنىڭ رەسمىي دىنى ( مەزھەپ ) ھالىغا كەلگەن ئىدى. بۇنىڭ كېڭىيىشى ئۈچۈن زىندىقلار توقۇپ چىققان ھەدىسلەر دەلىل قىلىپ قوللىناتتى. جالالىددىن سۇيۇتى « ئەل – لەئالە »سىدە، بۇ دەۋردە سۇلتانلارغا ياخشىچاق بولۇش ۋە تەخسىكەشلىك قىلىش ئۈچۈن ھەدىس توقۇيدىغانلارنىڭ ھەددى ھېسابى يوقلۇقىنى قەيت قىلىپ، سۇلتانلارنىڭ پىسقى – پۇجۇرلىرىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە دەلىل تاپالمىغان « ساراي ئالىملىرى »نىڭ، ئۇنى ئىجاد قىىشتىن باشقا چارە تاپالمىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتىدۇ.

ئەمەۋى خەلىپىسىگە « ئۇلارنى ئاللاھ ئۆلتۈردى » دېگۈزگەن ئەقىدە مانا بۇ ئىدى. « لا ئىلاھە ئىللەللاھ »قا « لا فائىلە ئىللەللاھ  – ئاللاھ تىن باشقا فائىل ( ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى ) يوقتۇر » شەكلىدە تەبىر بېرىپ، ھاشىم ئوغۇللىرىدىن بەدىرنىڭ ئىنتىقامىنى ئالغانلىقىنى ئېيتقانلارنى، قۇرئاننى ئوققا تۇتقانلارنى، مۇسۇلمانلارنىڭ مېلىنى، ھۆرمىتىنى ئاياق – ئاستى قىلغانلارنى مۇشۇ شەكىلدە ئاقلايتتى. ئاللاھ دىن باشقا فائىل ( ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى ) بولمىغانلىقىغا قارىغاندا، يۈز بەرگەن بارلىق ۋەقەلەردە ھېچكىمنىڭ گۇناھى يوق ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ قىلغان ئىدى ( ئاللاھ بۇنداق تۆھمەتتىن پاكتۇر ). مەسخىرە قىلغانلار ئاللاھ نى مەسخىرە قىلغان، بۇنىڭغا قارشى چىققانلار يەنە ئاللاھ نىڭ تەقدىرىگە ئىسيان قىلغان بولاتتى. ھاكىمىيەتتىكىلەر، پەقەت ئاللاھ تاللاپ ئەۋەتكەن بىرەر بىگۇناھ قىلىچ، بىرەر ۋاستە ئىدى. ئاللاھ قەدىمقى ئۈممەتلەرگە پەرىشتىلەر ئارقىلىق قانداق ئازاپ ئەۋەتكەن بولسا، ھازىرقىلاردىن ئازاپقا تېگىشلىك بولغانلارغىمۇ ھاكىمىيەتتىكىلەرنىڭ قولى ئارقىلىق ئازاپ قىلاتتى. شۇڭا ھاكىمىيەتتىكىلەرگە « توختا! قولۇڭنى تارت! » دېيىش، ئاللاھ نىڭ تەقدىرىگە قارشى چىققانلىق ھېساپلىناتتى. بۇ زالىملار خۇددى « بىر ئازاپ پەرىشتىسى »گە گۇناھسىز ئىدى. بەندىنىڭ شامال ئالدىدىكى ياپراق كەبى مەسئۇلىيىتى يوق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن « جەبىر » ئەقىدىسى مانا مۇشۇنداق ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە ھاكىمىيەتتىكىلەرنىڭ قوللىشى ئارقىلىق كېڭەيدى.

بۇ ئەقىدىلەر بىر « بىخۇدلاشتۇرغۇچى »، بىر « ناركوز »غا ئوخشاش ئىشلىتىلىپ، كىشىلەر بىخۇدلاشتۇرۇلۇپ پادىغا ئايلاندۇرۇلاتتى، ئاندىن پۈتۈن ئۈممەتنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى، دىنى ۋە دۇنياۋى بارلىق قەدىر – قىممەتلىرى تالان – تاراج قىلىناتتى. سەلتەنەت بۇ تالان – تاراجنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا، بەزىلەر خانىقالاردا بۇ تالان – تاراجنى يوللۇق كۆرسىتىشنىڭ پەلسەپىسىنى يېزىۋاتاتتى: « فائىلمۇ ھەق، مەفئۇلمۇ ھەق، بەدەن ئىتىبارىدۇر ( ۋۇجۇدقا چىقارغۇچىمۇ ئاللاھ، ۋۇجۇدقا چىققانمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن، بەدەن پەقەت ۋاستە )… ».

ئەمەل – ئىمان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلىنىشى مانا بۇ سەۋەپتىن ئىدى. بۇنچە زۇلۇم، ئەخلاقسىزلىقنى ۋە ئازغۇنلۇقنى قىلغان ھاكىمىيەتتىكىلەرنى بۇنىڭدىن باشقا يول بىلەن ئاقلاش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇلار پەقەت مانا مۇشۇنداق شەكىلدە ئاقىلىنىشى مۇمكىن ئىدى. « دۇنيادا ھۆكۈم كېسىشكە بولمايدۇ » دېگەن ئەقىدىمۇ بۇ مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلاتتى. ئەمرى بىلمەئرۇپنى « پىتنە »، زالىم ھاكىمىيەتكە قارشى چىققانلارنى « پىتنىچى » دەپ قارايدىغانلار، زالىم ھاكىمىيەتتىن بۇنىڭ ئۈچۈن زىيادىسى بىلەن تارتۇق ئالاتتى.

ھەتتا ھاكىمىيەتنىڭ ئىجرائاتلىرىدىن نارازى بولۇشنىمۇ « ئاللاھ نىڭ تەقدىرىگە قارشى چىقىش » دەپ قارىغان بۇ ئازغۇن ئەقىدە، ھۆكۈمدارلارنىڭ ئىلتىپاتىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشەتتى.

بۇلارنىڭ سىرتىدىكى باشقا بىر قىسىم كىشىلەر، ئاۋاز ئۆتمەيدىغان قېلىن تاملارنىڭ ئارقىسىدىن « بىر ماقام بىر دوست » شۇئارى بىلەن، يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى « جىلۋەئىي راببانى ( راببانىنىڭ جىلۋىسى ) » ۋە « تەجەللىياتى ئىلاھى  ( ئاللاھ نىڭ تەجەللىسى ) » دەپ ھېساپلايتتى. بۇ كىشىلەرنىڭ « ماقامى ھەيرەت ( ھەيرەت ماقامى ) »غا ئۇلىشىشى ئۈچۈن بۇنچە قاننىڭ تۆكۈلىشى، بۇنچە فىسقى – پۇجۇرنىڭ سادىر قىلىنىشى زۆرۈردەك، ئۇلارمۇ ھاكىمىيەتتىكىلەردەك بۇلارنىڭ ھەممىسى « مەراتىپ ( مەرتىۋە ) ئاتلاش » ئۈچۈن بىر ۋەسىلە دەپ قارايتتى.

مۇرجىئە ئەقىدىسىدىكىلەرنىڭ، مەزلۇملارنى پىتنە چىقىرىش بىلەن ئەيىپلىشى، ئەسلىدە زالىم ھۆكۈمدارلارنى ئاقلاشقا تىرىشقانلىقى ئىدى. بۇ جەھەتتە داڭلىق ئەمەۋى ۋالىيسى ھەججاجنىڭ قانداق تەقۋادار، ئابىد ۋە زائىد كىشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن رىۋايەتلەر ئويدۇرۇپ، خىيالىي ھېكايىلەرنى تارقىتاتتى. بۇ كىشى ھەققىدە داڭلىق قىرائەت ئالىمى ئاسىم مۇنداق دەيدۇ:

« ئاللاھ ھارام قىلغانلار ئىشلار ئىچىدە، بۇ كىشى قىلىپ باقمىغان ھېچقانداق بىر ئىش قالمىدى ».

ئابدۇللاھ بىن مەسئۇدنىڭ، ئۆزى ئۈچۈن « مۇناپىقلارنىڭ كاتىۋېشى » دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھەججاج، « ئۇنىڭ قىرائىتى بىلەن قۇرئان ئوقۇغانلارنىڭ كاللىسى ئېلىنىدۇ. بۇ قىرائەتنى چوشقا تېرىسىگە يازغانلارغا تون كەيگۈزىمەن » دېگەن ئىدى. ھەزرىتى ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىزمۇ ھەججاج ھەققىدە مۇنداق دېگەن ئىدى: « دۇنيادىكى بارلىق پاسىقلار بىر يەرگە توپلىنىپ، يامانلىقلارنى ئىجرا قىلسىمۇ، ئۇنىڭ قىلغان يامانلىقى ھەممىسىنى بېسىپ چۈشىدۇ ».

مانا شۇنداق بىر كىشىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قىلمىغان قىلىقى قالمايتتى. قۇرئانغا ئىئراپ ( زىر – زىۋەر ) قويغۇزۇشى، بەزى زېمىنلارنى قولغا كىرگۈزىشى، ئۇنىڭ قىلغان زۇلۇملىرىنى ھەقلىق قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. ھازىرقى زامان ئەرەپ مىللەتچى يازغۇچىلىرىنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش شەخسلەرنى، ئەرەپ داھىيلىرى دەپ كۆككە كۆتۈرۈپ ھەججاجنى ئاقلاشقا چۈشۈپ كېتىشلىرىنى چۈشۈنۈشكە بولسىمۇ، ئەمما بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەججاجنى ئاقلىشى ۋە ھىمايە قىلىشىنى ھازىرغىچە چۈشۈنۈپ يېتەلىگىنىمىز يوق.

مانا مۇرجىئە مۇشۇنداق ئەقىدىلىرى بىلەن ھاكىمىيەتتىكىلەرنىڭ زۇلمىغا ياردەم قىلغان بولسا، بۇنىڭ قارشى سەپ بولۇپ مۇتەزىلە ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

بەزىلەر ئىمام ئەزەمگە، ئەمەل – ئىمان مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئىجتىھادى تۈپەيلى « مۇرجىئە » قاپلىقىنى كەيگۈزسىمۇ، ھاياتىنى مەزلۇملارغا ياردەم قىلىش ۋە زالىملارغا قارشى تۇرۇش يولىدا ئۆتكۈزگەن بىر زاتنىڭ، بۇنداق تۇترۇقسىز ۋە مەنپەئەتچى بىر ئېقىمغا مەنسۇپ بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنى « مۇرجىئە » دېگەنلەرنىڭ قانداق ياشىغانلىقىنى بىلىمىز. زۇلۇم ۋە سۇلتانىلىقىنى رەت قىلىشتا ئىمامنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدىغانلارنىڭ، ئۇنى « مۇرجىئە » دەپ ئېلان قىلىشىنىڭ تېگىدە، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا بىۋاستە ئەمەس، ئەكسىچە « دېدى – دېگەنمىش » دېگەندەك ئەپقاچتى ئۆسەك سۆزلەرنى چىقىش نوقتىسى قىلىپ قاراش ياتماقتا. ھەنەپى مەزھىپىنىڭ داڭلىق ئالىملىرىدىن جەسساس، ئىمان بىلەن سادىر قىلىنغان ھەر قانداق گۇناھنىڭ ئىگىسىگە زىيىنى يوق دېگەن ئەقىدە بىلەن، ھاكىمىيەتتىكىلەرنىڭ زۇلمى ۋە فىسقى – فۇجۇرىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىش ھەلەكچىلىدە يۈرگەن مۇرجىئەنىڭ، بۇ ئەقىدىسى سەۋەبىدىن ئۈممەتكە سالغان زىيىنىنى تىلغا ئالغان. ئۇلارنىڭ بۇنداق تەسلىمىيەتچى پوزىتسىيەلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنى ئاخىرىدا قانداق بىر خارلىققا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن جەسساس، ئۆز زامانىدىكى بۇ ۋەيرانە كۆرۈنۈشنىڭ تەكتىدە بۇ ئازغۇن ئەقىدىنىڭ ياتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى[2].

بۇ يەرگىچە چۈشەندۈرگەن مۇرجىئە، بۈگۈنكى كۈندىمۇ مەۋجۇتلىقىنى ھەر خىل ئىسىملار بىلەن داۋام قىلىۋاتقان ۋە تارىخ بويىنچە ھاكىمىيەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن « مەنپەئەتچى » مۇرجىئەلەردۇر. بۇ ئېقىمنىڭ ھۆكۈمدارلار ۋە ھاكىمىيەتنى خوش كۆرسىتىدىغان ئۇسۇللىرى بىر – بىرىدىن پەرقلىق ئىدى. ئىلگىرىمۇ بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇلار ئىسلامى ئۇقۇملارنى تەئۋىل ۋە تەھرىپ ( بوزۇش ) قىلىش بىلەن ئىشىنى باشلايدۇ. « جىھاد » ئۇقۇمىنى قۇرئانى مەنىسىدىن يىراقلاشتۇرۇش، ئۇلار قىلغان ئىشلارنىڭ تۇنجىسى ئىدى. زامانىمىزدىكى مۇرجىئە، سېكولارىزىمنىڭ مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى پايلاقچىسىدەك خىزمەت قىلماقتا. تارىختا ۋە كۈنىمىزدەك ئوتتۇرىغا چىققان بەزى ئېقىملارنى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچلىرىگە / دىنامىكلىرىغا ۋە ئەقىدە كۆرۈنۈشلىرىگە قاراپ مۇرجىئەنىڭ بەك ئاشقۇنلىرى ( غۇلاتى مۇرجىئە ) دەپ ھېساپلاش مۇمكىن. ئىسلامى جىھاد ئۇقۇمىنى بوزۇپ تاشلاپ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى ئىنكار قىلغان، ھاكىمىيەتتىكىلەرگە قارشى چىقىشنى گۇناھ سانايدىغان، دىندا سىياسەت يوق دەيدىغان، كاپىرلىقى ئوپ – ئوچۇق تۇرغان ھاكىمىيەتتىكىلەرنىمۇ ھەتتا « مۇسۇلمان » قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان زامانىمىزدىكى مۇرجىئەلەرنىڭ، بۇ ھەقتىكى ئەڭ ئاشقۇن ئىككى ئۆرنىكى، ئىنگىلىز مۇستەھكەملىكىسىنىڭ بالا ياتقۇسىدا يېتىلگەن باھائىلىك ۋە قادىيانىلىقتۇر.

ئۇندىن باشقا، تارىختا ئوخشاش ئىسىم بىلەن شۆھرەت قازانغان باشقا بىر مۇرجىئە ئېقىمىمۇ بار بولۇپ، بۇلار زۇلۇم ۋە زالىمنى يوللۇق قىلىپ پەدازلاپ كۆرسەتكەن « مەنپەئەتپەرەست مۇرجىئەلەر » دىن پۈتۈنلەي پەرقلىقتۇر.

*********************************

[1]  ئەمەۋى ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ ئېتىقادىنى مۇنۇ ۋەقەدە تېخىمۇ ئېنىق كۆرەلەيمىز: يەزىدنىڭ خوتۇنى ھىند بىنتى ئابدىللاھ، يەزىد قولىدىكى ھەزرىتى ھۈسەيىننىڭ بېشىنى كۆرۈپ مۇنداق سورىدى: « بۇ ئاللاھ رەسۇلىنىڭ قىزى فاتىمەنىڭ ئوغلى ھۈسەيىننىڭ بېشى ئەمەسمۇ؟ » يەزىد مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى: « شۇنداق. ئۇنىڭ ئۈچۈن قارىلىق تۇت. ئىبنى زىياد ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى. ئاللاھمۇ ھۈسەيىننى ئۆلتۈردى » تابەرى، تارىخ، V/465

[2]  جەسساس، ئەھكامۇل قۇرئان، II/320