مۇھەممەد ۋە ئىبراھىم بىن ئابدۇللاھ

 

ئاللاھنىڭ سۈننىتى ئۆزگەرمىدى. ئاللاھ ئەمەۋى زالىملىرىنى ئابباسىلارنىڭ قولى بىلەن، ھەمدە تارىخىي بىر ئىبرەت بولىدىغان شەكىلدە جازالاندۇردى. ئەمەۋىلەر، تۆككەن قانلىرى ئىچىدە بوغۇلدى. ئۇلارنىڭ ئورنىنى مەزلۇملارنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىش ۋە ئادالەتنى بەرپا قىلىش غايىسى بىلەن سەھنىگە چىققان ئابباسىلار ئالدى.

سەلتەنەتكە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن زۇلۇمغا ئۇچرىغان ۋە زۇلۇمغا قارشى چىشىنى بىلەپ تۇرغان بۇ كىشىلەر، سەلتەنەت تەختىگە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۆزلىرى ئۇچرىغان زۇلۇملارنى ئۇنتۇپ، زۇلۇم قىلىشقا باشلىدى. بەلكىم سىستېمىنىڭ، يەنى سەلتەنەت قۇرۇلمىسى ئۇنى تەقەززا قىلسا كېرەك. بۇنداق بىر سىستېمىدا ئادالەتنى بەرپا قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. يا سىز سىستېمىنى ئۆزگەرتىسىز ياكى سىستېما سىزنى ئۆزگەرتىدۇ. ئادەتتە ئىككىنجىسى روياپقا چىقاتتى.

ئابباسىلار، يېقىتتۇق دەپ ئويلىغان ئەمەۋى سۇلتەنەتىنىڭ بارلىق زەھەرلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان ئىدى. گەرچە ئۇلار بۇ ماقامغا ئەھلى بەيتنىڭ نامىنى قوللىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەستىن، ئەھلى بەيتنىڭ ئەزەلى دۈشمىنىگە ئايلاندى.

مۇھەممەد بىن ھەسەن ( نەفسۇز زەكىييە )، ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن تەقۋا ساھىپى بىر شەخس ئىدى. ئۆزى ھەزرىتى ھەسەننىڭ نەۋرىسى ۋە ئىمام ئەزەمنىڭمۇ ئۇستازلىرىدىن بولغان ھەسەنۇل مۇسەننانىڭ ئوغلى ئىدى.

ئىنىسى ئىبراھىم بىلەن بىرلىكتە ئابباسىلاردىن ئەبۇ جافەر مەنسۇرغا قارشى مەدىنىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ۋاقتىدا، كىشىلەر توپ – توپ بولۇپ كېلىپ بەيئەت قىلىشقا باشلىغان ئىدى. بۇ ھەقتە، ئادەتتە « قوزغىلاڭ » چۈشەنچىسنى توغرا دەپ قارىمىغان ئىمام مالىكنىڭ « مەنسۇرغا بېرىلگەن بەيئەتلەر مەجبۇرىي ھالدا بولغانلىقى ئۈچۈن باتىلدۇر » دېگەن پەتىۋاسىنىڭ تەسىرىمۇ چوڭ بولغانىدى. بۇ پەتىۋاسى سەۋەپلىك ئىمام مالىك قېيىن – قىستاققا ئېلىنىپ، قولى سۇندۇرۇۋېتىلگەنىدى.

نەفسۇز زەكىييە مۇھەممەدكە بەيئەت قىلغانلار ئارىسىدا ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر، ھەزرىتى زۇبەير ۋە تېخىمۇ كۆپ مەشھۇر ساھابىلەرنىڭ نەۋرىلىرى بار ئىدى. ھەتتا، تېخى ئەمەۋىلەر زامانىدا ئابباسىلارنىڭ قۇرغۇچىسى ئەبۇل ئابباس سەففاھ ۋە ئىمام ئەزەمنىڭ قاتىلى ئەبۇ جافەر مەنسۇرمۇ ئۇنىڭغا بەيئەت قىلغانلار ئارىسىدا ئىدى. ئابباسىلار ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، نەفسۇز زەكىييەنىڭ بۇ قەدەر كەڭ كۆلەمدە قوللاشقا ئېرىشىپ كېتىشىنى ياخشى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى دەپ قارىغانىدى.

ھىجرى 145 – يىلىدا باشلانغان قوزغىلاڭ، ئىلگىرىكى قوزغىلاڭلارغا ئوخشاشلا تەييارلىقسىز ھالەتتە كۆتۈرۈلگەن ئىدى. قوزغىلاڭنىڭ بالدۇر باشلىنىپ كېتىشىدە ھاكىمىيەتنىڭمۇ قولى بار ئىدى. مەنسۇر، نەفسۇز زەكىييە مۇھەممەدنىڭ تېخىمۇ پۇختا تەييارلىق قىلىۋېلىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن، زىندانغا تاشلانغان دادىسىنى قىيناپ ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەھلى بەيت مەنسۇپلىرىنىمۇ قىيىن – قىستاققا ئالىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقىتىپ، بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئىمام مۇھەممەدنىڭ تاغىسىنى قەتلى قىلىدۇ.

نەفسۇز زەكىييە مۇھەممەد مەدىنە خەلقىنىڭ « مەھدى » چوقانلىرى ئارىسىدا قوزغىلاڭنى باشلىغان دەسلەپكى ۋاقىتتا، قوزغىلاڭغا ئاۋاز قوشقانلارنىڭ سانى خېلى كۆپ ئىدى. سەلتەنەت قوشۇنى مەدىنىنى مۇھاسىرىگە ئالغاندىن كېيىن، ئىمام مۇھەممەد ئۆزىگە قىلىنغان بەيئىتىنى بۇزۇش ياكى بۇزماسلىقتا ھەممەيلەننىڭ ئەركىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەر تارىلىپ كېتىدۇ. زالىملارغا قارشى ھەقنى جاكارلاشنىڭ بەدىلىنى جېنى بىلەن ئۆتىگەن بۇ مۇتتەقىي ئىنسان، بىر رامىزان كۈنى ئارزۇ قىلغان شېھىتلىككە ئېرىشىدۇ.

ئۇنىڭ كاللىسى ئېلىنىپ، نەيزە – مىرزاقلارنىڭ ئۇچىغا قادىلىپ سازايى قىلىنغان ئىدى. ئىمام مۇھەممەد ۋە دوستلىرىنىڭ جەسەتلىرىنىڭ كۆمۈلىشىگىمۇ رۇخسەت قىلمىغان ھاكىمىيەت، ئەمەۋى ۋالىيسى ھەججاجنىڭ ئىبنى زۇبەيرگە قىلغانلىرىنىڭ ئوخشىشىنى ئۇلارغا قىلغانىدى.

ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىراقتا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن قېرىندىشى ئىبراھىممۇ ئوخشاش غايە ئۈچۈن شېھىت بولغانىدى. ئىبراھىمغا بەيئەت قىلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىمام ئەزەم ئۇنىڭ قوزغىلىڭىدا مۇنداق دېگەن ئىدى:

« بوينىمىزغا دار ئارغامچىسىنى ئۆتكۈزگەن تەقدىردىمۇ بەرگەن ۋەدىمىزدىن يانمايمىز! ».

ئىمام ئىبراھىمنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقى خەۋرىنى ئالغان ئىمام ئەزەمنىڭ، نەچچە كۈن ئۆيىدىن چىقماي كۆز يېشى قىلغانلىقىنى مەككى ۋە قەردەرى قەيت قىلغان.

****

ئىماملار ۋە سۇلتانلار كۆرىشىدە ئىككى نەرسىنى، يەنى ئىسلام دۆلىتى بىلەن كاپىر دۆلىتىنى بىر – بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋەتمەسلىكىمىز كېرەك.. سەلتەنەتكە قارشى كۆرەشنى ئاللاھ رەسۇلى ۋە راشىد خەلىپىلەردىن ئۆتكۈزىۋالغان ئىماملار قارشى چىققان دۆلەت، قانۇن ۋە نىزاملىرى، پىرىنسىپ ۋە تۈزۈملىرى ۋە ئىجرائات نوقتىسىدا بۇرمىلىنىشلار بولغان تەقدىردىمۇ – ئۇ بىر « ئىسلام دۆلىتى »دۇر. بۇ، فىقھى ۋە ھۆكمىي نوقتىدىن شۇنداق. ھۆكۈمدارلاردىن سادىر بولغان خاتالار ۋە ھەتتا خائىنلىقلارمۇ بۇ ھەقىقەتنى ئۆزگەرتەلمىسە كېرەك.

ئىماملار توغرىسىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئۈممەتنىڭ سەر خىل ئىسىملىرى، قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ۋاقىتتا، دۆلەت تايانغان بىردىنبىر قانۇن بولغان « شەرىئەت »كە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرمىگەن ئىدى، ئەلۋەتتە. ئەكسىچە، ھۆكۈمدارلارنى قۇرئانغا، يەنى سستېمىنىڭ يوللۇق بولىشى ئۈچۈن، سستېما ئاساسلانغان « ئىسلام قانۇنى / شەرئىتى »گە ئەمەل قىلىشقا چاقىرغانىدى. ئۇلارنى « قانۇنسىز »، يەنى شەرىئەتكە خىلاپ ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن جىنايەتكار دەيتتى ۋە سەلتەنەتچىلەرمۇ خەلقنىڭ ئالدىغا ھەر قېتىم چىققان ۋاقتىدا قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئەمەل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرەتتى.

تەبىئىي ھالدا، ئۇلار كۆرەش قىلغان دۆلەت تۈزۈلمىسى بىلەن، ھازىرقى كۈنىمىزدىكى ئىلمانىي ۋە دېموكراتىك تۈزۈم ئارىسىدا كىچىككىنە بولسىمۇ ئوخشاشلىق يوق ئىدى. بۇ ئىككى دۆلەت تۈزۈمىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈش مەنبەلىرى، قانۇنلىرى ۋە مەنپەئەت نوقتىسى جەھەتتىن ئالدىنقىسىنىڭ مەنبەسى ئىلاھىي، قالغانلىرىنىڭ بەشەرى / ئىنسانىدۇر. بۇلار ئۆزئارا بىر يەردە مەۋجۇت بولىشى مۇمكىن بولمايدىغان تۈزۈملەردۇر.

يەنى ئارىلاشتۇرەتمەسلىككە تېگىشلىك بولغان ئىككى نەرسە، « زۇلۇم دۆلىتى » بىلەن « كۇپۇر دۆلىتى »دۇر. « زۇلۇم » بىلەن « كۇپۇر »، ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشاش بولمىغان ئىككى نەرسىنى ئىپادىلەيدۇ. گەرچە بۇ ئىككى ئۇقۇم قۇرئاندا ئوخشاش مەنىدە ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان مەسىلە ئەمەلى ئەمەس، ئەقىدىۋىدۇر. بۇ ئۇقۇملارنى « ئەمەل » نوقتىسىدىن چۈشىنىدىغان بولساق، مۇئمىننىڭ زۇلۇم قىلىش ئېھتىمالى بولغاندەك،  كاپىرنىڭمۇ ئادىل بولۇش ئېھتىمالى بار. بېراۋنىڭ  ئەمەلدىكى زۇلمى، ئۇنىڭ كاپىر بولغانلىقىغا دالالەت قىلمىغاندەك، كاپىرنىڭ « ئادالىتى » ئۇنىڭ ئىمانىغا دەلالەت قىلالمايدۇ. ھەم كۇپۇر « ئەڭ بۈيۈك زۇلۇم » ئەمەسمىدى؟