قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ كىملىكى

كىرىش سۆز

بارلىق كىتاپلار بىر كىتاپنىڭ تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنىلىشى ئۈچۈن يېزىلىدۇ. ئۇ كىتاپ ئاللاھ نىڭ كىتابى قۇرئاندۇر. قولىڭىزدىكى « قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ كىملىكى ( قىسقىچە مەزمۇنى ) » نامىلىق بۇ كىتاپنىڭ يېزىلىش مەقسىتىمۇ يەنىلا قۇرئاننى تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنۈش ئۈچۈندۇر.

قۇرئاننى چۈشۈنۈش ئاللاھ نى چۈشۈنۈشتۇر. چۈنكى قۇرئان ئىلاھىي رەھبەرلىكتۇر. بىر كىشىنىڭ ئاللاھ نى قانچىلىك ياخشى كۆرگەنلىكى، ئۇنىڭ ئاللاھ نىڭ كىتابىغا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىدىن مەلۇم بولىدۇ.

قۇرئاننى چۈشۈنۈش، ئىنساننى چۈشۈنۈشتۇر. چۈنكى قۇرئاننى ئەۋەتكۈچى بىلەن ئىنساننى ياراتقۇچى ئوخشاش بىر زاتتۇر. قۇرئاننى چۈشۈنۈش، ھاياتنى چۈشۈنۈشتۇر. چۈنكى قۇرئان بىر « ھايات كىتابى »دۇر. ۋەھىينىڭ ئەۋەتىلىش مەقسىتى « بەشەر »نى بەرپا قىلىپ، ئۇنىڭغا روھ پۈۋلەپ « ئىنسان » قىلىشتۇر. ئىنسان ئۆزىگە ئامانەت قىلىنغان ھاياتنىڭ ئۇستىسىدۇر. لېكىن بۇ ئۇستا، ئالدى بىلەن شاگىرت بولىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئۇ ئۇستا بولالايدۇ. ئىنسان قۇرئاننىڭ شاگىرتى بولغاندا، ھاياتنىڭ ئۇستىسى بولۇشقا لايىق بولىدۇ. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قۇرئاننى چۈشۈنىشى شەرت.

تەپسىر ۋە مەنا تەرجىمىلەر بۇ مەقسەت ئۈچۈن يېزىلغان. قولىڭىزدىكى ئەسەر گەرچە كامىل تەپسىر بولمىسىمۇ، « ئىجمالى تەپسىر » تۈرىگە كىرىدىغان بىر ئەسەردۇر. بۇ ئەسەر « قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ كىملىكى » ھەققىدە ئومۇمىي ۋە نوقتىلىق مەلۇماتلارنى سۇنماقتا. بۇنىڭدىكى مەقسەت، قۇرئاننى ئۆزىنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسى ئىچىدە تونۇشتۇر. قۇرئاننى تونۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسلۇبلىرىدىن بىرسى، ئۇنى تەشكىل قىلغان سۈرىلەرنى تونۇشتۇر.

قۇرئان 114 سۈرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەر سۈرە قۇرئان ساماسىنىڭ بىر بۇرچىدۇر. بۇ بۇرچلارنى تەشكىل قىلغان ئايەتلەرنىڭ ئۆز ئىچىدە پاراللىل ۋە يانتۇ كېسىشمە مۇناسىۋەتلىرى بولغاندەك، سۈرىلەرنىڭمۇ ئۆزئارا پاراللىل ۋە يانتۇ كېسىشمە مۇناسىۋەتلىرى بار. بۇ ئەسەر مانا بۇ مۇناسىۋەتلەرگە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرىدۇ ۋە قۇرئان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىغا سۈرىلەرنىڭ كىملىكىنى چىقىرىپ بېرىدۇ.

قۇرئاننى چۈشۈنۈشكە كىرىشكەن بىر يېڭى قۇرئان تالىپىنىڭ قولىغا، ئالدى بىلەن مۇقەددىمە شەكلىدىكى ئەسەرلەرنى بېرىش توغرا بولغان ئۇسلۇبتۇر. بۇ ئەسەر قۇرئاننىڭ ئومۇمىي مەقسىتى ۋە نىشانىنى، پۈتۈننى نەزەردىن ساقىت قىلماستىن چۈشەنمەكچى بولغانلار ئۈچۈن قەلەمگە ئېلىندى. چۈنكى ئۇنىڭغا پەقەت بىر پۈتۈن گەۋدە شەكىلدە نەزەر تاشلانغاندىلا، ۋەھىينىڭ مەقسىتىنى توغرا چۈشەنگىلى بولىدۇ. پۈتۈننى نەزەردىن ساقىت قىلغاندا، پارچىنى توغرا ھالدا چۈشۈنۈش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ.

سۈرىلەرنىڭ بىر كىملىكى بارمۇ؟

ئەلۋەتتە بار. بۇ كائىناتتا قايسى بىر نەرسىنىڭ كىملىكى يوقكى، سۈرىلەر كىملىكسىز بولسۇن؟ تاش، تۇپراق، دەرەخ، سۇ … خۇلاسەكالام ھەر نەرسىنىڭ بىر كىملىكى بار. سۈرىلەر قۇرئان مەملىكىتىنىڭ شەھەرلىرىدۇر. بىر شەھەر ھەققىدە توختالغاندا « ئۇ شەھەرنىڭ نېمىسى مەشھۇر؟ » دەپ سورايمىز. قۇرئان سۈرىلىرىمۇ مانا مۇشۇنداق. ھەر سۈرە ئەڭ ئاز بىر تېمىسى بىلەن مەشھۇردۇر. ئۇ سۈرىنى باشقا سۈرىلەردىن ئايرىپ تۇرغان ئۆزگىچىلىك ۋە ئالاھىدىلىكلىرى باردۇر. بۇ ئەسەر  مانا بۇلار ھەققىدە مەلۇمات بەرمەكتە.

بۇ ئەسەرنىڭ يېزىلىش غايىسىدىن بىرسىمۇ، قۇرئان ھالقىلىرىنىڭ دەرسلىك ئېھتىياجىنى قامداش بولۇپ، خۇددى رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرگە ئوخشاش قۇرئاننى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرىۋاتقانلارنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. بىر ئەسەرنىڭ دەرس ھالقىلىرىدا ئوقۇلىشى ئۈچۈن، مانا بۇ مەقسەت نەزەردە تۇتۇلغان ھالدا قەلەمگە ئېلىنغان بولىشى كېرەك. بۇ ئەسەر تەييارلانغاندا، مانا بۇ غايىمۇ نەزەردە تۇتۇلدى.

قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ كىملىكى، 114 سۈرىنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن ئايرىلغان 114 بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ھەر بۆلۈم سۈرىنىڭ ئىسمى تېمىسى ئاستىدا، مەزكۇر سۈرىنىڭ ئىسم ۋە ئىسملىرى، ئۇنىڭ مەنىسى، ئىسىمنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى قاتارلىق مەزمۇنلار بايان قىلىندى.

ئۇنىڭدىن كېيىن سۈرە نازىل بولغان ئورۇن ۋە ۋاقتى تېمىسى ئاستىدا، سۈرىنىڭ قەيەردە، قاچان، قانداق شارائىتتا، قانداق دەۋر ئارقا كۆرنىشى ئاستىدا نازىل بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلدى. بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ، سۈرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە تىزىلغان نازىل بولۇش تەرتىۋى ۋە تەرتىپتىكى ئورنى ھەققىدىكى مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنىپ، بۇ ھەقتە توغرىغا ئەڭ يېقىن بولغان ئورنىنى بەلگىلەش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى.

ئۈچىنچى تېما سۈپىتىدە، سۈرىنىڭ تېمىسى ھەققىدە توختالدۇق. بۇ بۆلەكتە سۈرىنىڭ كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغان ئايەتلەر نوقتىلىق ھالدا تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇلار تىلغا ئېلىنغان بۆلەكلەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بولۇپمۇ سۈرىنىڭ جان تومۇرى ۋەياكى ئانا پىكرى دېيىشكە بولىدىغان خۇسۇسلار ھەققىدە نوقتىلىق ھالدا توختالدۇق.

بۇ ئۈچ نوقتىنى ئاساس قىلغان ھالدا زۆرۈر تېپىلغان جايلاردا سۈرىنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارمۇ بېرىپ ئۆتۈلدى. ئەگەر قۇرئاننىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسى ئىچىدە، ئۇ سۈرىنى باشقا سۈرىلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئۆزگىچىلىكى بولسا، بۇ خاسلىق ئۈستىدە نوقتىلىق ھالدا توختالدۇق.

« قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ كىملىكى »دە يەر ئالغان بارلىق ئايەتلەرنىڭ مەنا تەرجىمىلىرى كەمىنە قەلەمگە ئالغان « ھايات كىتابى قۇرئان » ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى. بېرىلگەن مەنانىڭ ئىزاھاتى بۇ ئەسەردە تىلغا ئېلىنمىدى. چۈنكى بۇ ئەسەرنىڭ ھەجمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋېتىدىغان بولغاچقا، ئىزاھات ئۈستىدە توختالمىدۇق. بېرىلگەن مەنانىڭ لوغەت ۋە ئىلمىي ئىزاھاتىغا قىزىققۇچىلارنىڭ « ھايات كىتابى قۇرئان » ناملىق ئەسەرگە مۇراجەت قىلىشىنى سورايمىز.

بۇ ئەسەر قەلەمگە ئېلىنغاندا مۇھىم كەمچىللىكنى ھېس قىلدىم. قۇرئاننىڭ ئىنساننى بەرپا قىلىپ چىقىش باسقۇچىنى تۆۋەندىكىدەك تۆت نوقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. قۇرئان:

  1. ئۇقۇملار بىلەن تەسەۋۋۇر / چۈشەنچىنى
  2. تەۋسىيەلەر بىلەن ئەقىلنى
  3. ئۆرنەكلەر بىلەن شەخسىيەتنى
  4. بىر پۈتۈن گەۋدىسى بىلەن ھايات شەكلىنى بەرپا قىلىپ چىقىدۇ.

بۇ تۆت نوقتىنىڭ ئالدىنقى ئۈچىنى بۇ ئەسەردە بىرمۇ – بىر كۆرسىتىپ ئۆتۈش مۇمكىن ئىدى. بىراق بۇنداق بولغاندا، ئەسەرنىڭ ھەجمى ھازىرقى ھالىتىدىن قاتمۇ – قات كېڭىيىپ كېتەتتى. مانا بۇ سەۋەپتىن بۇ ئەسەر تاماملىنىشقا ئاز قالغاندا، بۇ ئەسەرنى تولۇقلايدىغان ماھىيەتتىكى بىر ئەسەرنىڭ يېزىلىشى ھەققىدىكى بىر پىكىر زېھنىمدە پەيدا بولدى: قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ ئىنشا خەرىتىسى. ئۆمرىم بولۇپ، نەپىسىم يەتسە، مۇشۇنداق بىر ئەسەرنى ئۈممەتنىڭ قۇرئان كىتاپلىقىغا ھەدىيە قىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن.

قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ كىملىكى، باشتىلا « ۋەقىپ ئەسەر » نىيىتى بىلەن قەلەمگە ئېلىندى. نىيىتىمىز، بۇ ئەسەرنىڭ بارلىق كىرىمنى ۋەقىپنىڭ پائالىيەتلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىش ئىدى. ئەلھەمدۇلىللاھ، بۇ نىيىتىمىزنى ئاللاھ قوبۇل قىلدى، ئاقابە ۋەقپىدە روياپقا چىقتى. ۋەقىپ ئىدارى ھەيئىتى، ئاقابە ۋەقپى نەشرىياتى نامى بىلەن بۇ ئەسەرنى نەشىر قىلدۇرۇپ، بىزگە ئاتىقىمىزنى ئادا قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى…

رەببىم سەييىئاتىمىزنى ھەسەناتقا، ھەسەناتىمىزنى سالىھاتقا ئايلاندۇرغاي. سالىھ ئەمەللىرىمىزنى دەرگاھىدا ئەھسەنى قوبۇل بىلەن مەقبۇل ئەيلىگەي، ئامىن!

مۇستاپا ئىسلامئوغلى

ھىجرى 1432 – يىلى 6 – شابان

ئىستانبۇل