فاتىھە سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ (1)

الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ (2) الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ (3) مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ (4) إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ (5) اهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ (6) صِرَاطَ الَّذِينَ أَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ غَيْرِ الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلَا الضَّالِّينَ (7)

« ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ﷲ قا خاستۇر. ﷲ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر. قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر. (رەببىمىز) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز. بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن. غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن) » ( 1 – 7 ).

فاتىھە قۇرئاننىڭ ھەم كىرىش سۆزى، ھەم قىسقىچە مەزمۇنىدۇر.

قۇرئاندىن ئىبارەت مىسلىسىز بىر قوراغا، فاتىھەدىن ئىبارەت بىر ئىشكى ئارقىلىق كىرىمىز. فاتىھەنىڭ زىت سۆزى خاتىمە بولۇپ « ئاخىرقى سۆزى » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. فاتىھە قۇرئاننىڭ قىسقىچە مەزمۇنىدۇر، چۈنكى فاتىھە قۇرئاننىڭ ئۆزىدۇر. قۇرئان فاتىھەنىڭ تەپسىرىدۇر. فاتىھە كالام جەننىتى بولغان قۇرئاننىڭ كىرىش ئىشىكىدۇر، « بىسمىللاھ » بۇ ئىشىنىڭ ئاچقۇچىدۇر.

« ئۆزىنى ئاچقان » ياكى « باشقا بىر نەرسىنى ئاچقان » دېگەن مەنىدىكى ئىسمى، رەسۇلۇللاھنىڭ « فاتىھەتۇل كىتاب – كىتابنى ئاچقان، كىتابنىڭ كىرىشى » دەپ قويغان ئىسمىغا ئاساسلىنىدۇ. بۇمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ فاتىھەنى قۇرئاننىڭ كىرىش سۆزى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

سۈرىنىڭ فاتىھەدىن باشقا يەنە، سەھىھ رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغان ھالدا بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئۈچ ئىسمى بار. يەنى، « ئەس سەب ئۇل مەسانى – تەكرارلانغان يەتتە »، « ئۇممۇل قۇرئان – قۇرئاننىڭ ئانىسى » ۋە « ئۇممۇل كىتاب – كىتابنىڭ ئانىسى ». بىرىنچى ئىسىم، رەسۇلۇللاھنىڭ تەپسىرىدۇر ۋە قۇرئاندىن ئىلھام ئالغان ھالدا قويۇلغان ( ھىجر، 87 ). قالغان ئىككى ئىسىم، فاتىھەنىڭ قۇرئاننىڭ ئەڭ يارقىن قىسقىچە مەزمۇنى ئىكەنلىكىنى ئىشارەت قىلىدۇ.

فىرۇزئابادى فاتىھە ئۈچۈن 30 ئىسىمنى ساناپ ئۆتكەن. بۇلار ئارىسىدا كىشىنىڭ ئەقلىگە ئەڭ باشتا كېلىدىغانلىرى « ئەل ئەساس، ئەل ھەمىد، ئەششۇكۇر، ئەد دۇئا، ئەس سافىييە، ئەل – كەنز، ئەل ۋافىيە، ئەل قافىيە » قاتارلىقلاردۇر. بۇلاردىن باشقا ئىسىملارمۇ تىلغا ئېلىنغان. رەسۇلۇللاھتىن كەلگەن سەھىھ رىۋايەتلەر ئىپادىلىگەن يۇقىرىدىكى ئۈچ ئىسىمدىن باشقا، مەزكۇر سۈرىنىڭ ئىسىم سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن ئىسىملار ئىشەنچلىك بىر ئاساسقا ئىگە ئەمەس. بۇلار ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ پەيدا بولغان، ئەڭ باشتا كىمنىڭ ئىشلەتكەنلىكى نامەلۇم بولغان ئىسىملاردۇر. بۇ ئىسىملاردىن ھەر بىرى، فاتىھەنىڭ بىر ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. فاتىھەنىڭ ئىسىملىرىنىڭ كۆپ بولىشى، ئەنئەنىۋى چۈشەنچىنىڭ نامايەندىسىدۇر. چۈنكى ئەنئەنىۋى چۈشەنچىدە، ئىسىملارنىڭ كۆپ بولىشى ئۇنىڭ شەرىپىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن بىر نەرسىنىڭ شەرىپىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىسمىنى كۆپەيتىش ئادەتكە ئايلانغان. بۇ چۈشەنچە بىلەن بەزى كىشىلەر ياخشى كۆرگەن كىشى ياكى نەرسىسىنىڭ شەرىپىگە شەرەپ قوشۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بىر ئىسىمنى ئۆزى قويۇپ كەلگەن.

سۈرىلەرنىڭ، بولۇپمۇ سەھىھ رىۋايەتلەر بىلەن كەلگەن ئىسىملاردىن باشقا كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلمەيدىغان ئىسىملار مەسىلىسى ئىزاھلىنىشقا تېگىشلىك. چۈنكى بۇ ئىسىملار كىملەر تەرىپىدىن قايسى زامان ۋە ماكانلاردا ئىشلىتىلگەنلىكى نامەلۇم. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە فىرۇزئابادىنىڭ ( ۋاپات، ھىجرى 817 ) « بەشائىرى زەۋىت تەميىز فى لەتائفىل كىتابىل ئەزىز » ناملىق ئەسىرى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئەسەردە قۇرئان سۈرىلىرى ھەجىم ۋە مەزمۇن جەھەتتىكى تەرەپلىرى ئۈستىدە نوقتىلىق توختالغان بولۇپ، تەپسىلىي سانلىق مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە، سۈرىلەرنىڭ بىر – بىرى بىلەن بولغان ئوخشاشلىقى ۋە پەرقلىق تەرەپلىرىمۇ بىرمۇ – بىر بايان قىلىنغان. ئەسەردە سۈرىلەر ھەققىدە بېرىلگەن سانلىق مەلۇماتلار شۇنداق تەپسىلىي بولۇپ، سۈرىدىكى ھەرپ سانىمۇ بېرىپ ئۆتۈلگەن. مۇشۇنداق تەپسىلاتلىق ئەسەردىمۇ سۈرىلەرنىڭ باشقا ئىسىملىرىنىڭ مەنبەسى، قويۇلغان زامان ۋە ماكان ھەققىدە ھېچقانداق بىر مەلۇمات يوق. بۇ ئەھۋالدا قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ تۇنجى نەسىل تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەنلىكى ھەققىدە يىپ ئۇچى بولمىغان باشقا ئىسىملارنىڭ، مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەردە پەقەت ئەمەلىي ھاياتتا ئاساسىي بولمىغان بىرەر مەلۇمات سۈپىتىدە بايان قىلىنغانلىقىنى ئېيتىش خاتا بولمىسا كېرەك.

فاتىھە 23 يىللىق ۋەھىي جەريانىنىڭ تۇنجى يىلىنىڭ باشلىرىدا نازىل بولغان. مەزكۇر يىل مىلادى كالېندارىدا 610 – يىلىغا توغرا كەلمەكتە. بۇ سەۋەپتىن فاتىھە سۈرىسى مەككىدە نازىل بولغان سۈرىدۇر. مۇئمىنلەرنىڭ باشتىن ئاخىر فاتىھەسىز ناماز ئوقۇمىغانلىقى بۇنىڭ دەلىلىدۇر. ناماز، تۇنجى قېتىم نازىل بولغان « ئەلەق » سۈرىسىنىڭ 10 – ئايىتدە تىلغا ئېلىنماقتا. گەرچە ئەلەق سۈرىسىنىڭ دەسلەپتە نازىل بولغان بەش ئايىتى بىلەن، ئۇنىڭ داۋامىدىكى ئايەتلەرنىڭ نازىل بولۇش مەزگىلى ئارىسىدا بەلگىلىك زامان تىلىمى مەۋجۇت بولسىمۇ، ئىككى بۆلەك ئارىىسدا ئۇزۇن بىر مەزگىل بار دەپ قارىمايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، مەككىدە نازىل بولغانلىقى ئېنىق بولغان ھىجر سۈرىسىنىڭ 87 – ئايىتىدە يەر ئالغان « سەب ئەن مىنەل مەسانى » ئارقىلىق فاتىھە ئىشارەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ نەبەۋىي بىر تەپسىر سۈپتىدە رىۋايەت قىلىنغان.

بەزىلەر فاتىھەنىڭ بىر قېتىم مەككىدە، يەنە بىر قېتىم قىبلىنىڭ قۇددۇستىن مەككىگە ئۆزگەرتىلىشىدىن كېيىن مەدىنىدە بولۇپ ئىككى قېتىم نازىل بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ قاراش بىر – بىرىگە زىت كەلگەن نازىل بولۇش سەۋەبىگە مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەرگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. رىۋايەتلەر ئارىسىدىكى زىتلىق بىر تەرەپ قىلىنالمىغانلىقتىن، بەزىلەر سۈرىنىڭ ھەم مەككىدە، ھەم مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى قاراشنى مۇۋاپىق دەپ قاراپ، بۇ ئۇسلۇب بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغان. لېكىن بۇنىڭ قايىل قىلارلىق ئىزاھاتى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان. نەتىجىدە بۇ ئارقىلىق ھەقىقەت قۇربان قىلىش بەدىلىگە، رىۋايەتلەر ئۈستۈن تۇتۇلماقچى بولغان.

بىر – بىرىگە زىت بولغان بۇنداق سەۋەبى نۇزۇل رىۋايەتلىرىنىڭ ھېچبىرىنى زايا قىلىۋەتمەستىن، مۇۋاپىق ھالدا ئىزاھلىغىلى بولىدىغان مېتودلىرى بار. مەسىلەن، بەزىلەرنى فاتىھەنىڭ مەدىنىدە ئىككىنچى قېتىم قايتا نازىل بولغان دېگەن قاراشقا ئېلىپ بارغان سەۋەبى نۇزۇل رىۋايەتلىرى، ساھابىنىڭ قۇرئانغا « نازىل بولغان، ئىشى تۈگىگەن » بىر خىتاپ ئەمەس، ھاياتقا ھەر ۋاقىت نازىل بولۇپ تۇرىۋاتقان بىر خىتاپ دەپ قارىغانلىقىدىن ئىبارەت دەپ قاراش مۇۋاپىق. چۈنكى ساھابە بۇرۇن نازىل بولغان ئايەت ۋە سۈرىلەر بىلەن، ئۇنىڭدىن يىللار كېيىن يۈزبەرگەن ۋەقەلەر ئارىسىدا سەۋەپ – نەتىجە مۇناسىۋىتى قۇرۇپ چىقالايتتى. « شۇ، شۇ ئايەتلەر پالانچىنىڭ شۇ ۋەقەسىدىن كېيىن نازىل بولغان » دېگەندەك قاراشلار، رىۋايەتلەر ئايەتنىڭ نازىل بولۇش ۋاقتى بىلەن ۋەقەنىڭ يۈزبەرگەن ۋاقتى ئارىسىدىكى ۋاقىت خاراكتېرلىق سەۋەپكە دالالەت قىلمايدۇ. بۇلار پەقەت باشتىن ئۆتكۈزىۋاتقان ھايات بىلەن ۋەھىينى ئوخشاش بىر نوقتىدا ئۇچراشتۇرۇشنىڭ بىر ئۇسلۇبى ئىدى. بۇ، ساھابىنىڭ ۋەھىيگە ھەر ۋاقىت نازىل بولغان، ھاياتنىڭ ئىچىدە، ئاكتىپ ۋە جانلىق بىر خىتاپ نەزىرى بىلەن قارىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

يىغىنچاقلىغاندا، فاتىھە سۈرىسى مەككىدە نازىل بولغان.

فاتىھە سۈرىسىنىڭ نازىل بولۇش تەرتىۋىدىكى ئورنى، خۇددى مۇسھاب تەرتىۋىدىكىگە ئوخشاش بىرىنچىلىك بولۇپ، فاتىھە تۇنجى قېتىم تولۇق نازىل بولغان سۈرىدۇر، بىر قېتىمدىلا نازىل بولغان. فاتىھەدىن بۇرۇن نازىل بولغان ئايەتلەر بار، لېكىن بىر قېتىمدىلا تولۇق نازىل بولغان سۈرە ياكى سۈرىلەر يوق. « ئەلەق، مۇززەممىل ۋە مۇددەسسىر » سۈرىلىرىنىڭ بىرىنچى بۆلەكلىرى فاتىھە سۈرىسىدىن بۇرۇن نازىل بولغان، لېكىن بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە نازىل بولمىغان. « ئەلەق » سۈرىسىدىن ئالدىنقى بەش ئايەت؛ مۇززممىل سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئايىتىدىن باشقا ئايەتلىرى؛ مۇددەسسىر سۈرىسىنىڭ ئالدىنقى ئون ئايىتى بىر قېتىمدا، قالغان ئايەتلەر كېيىن نازىل بولغان. لېكىن فاتىھە سۈرىسى بىر قېتىمدىلا نازىل بولغان تۇنجى سۈرىدۇر. بۇ سەۋەپتىن فاتىھە، ھەزرىتى ئائىشەنىڭ ئىپادىسى بىلەن « قۇرئاننىڭ تۇنجى سۈرىسى » بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

رەسۇلۇللاھ فاتىھە سۈرىسىنى « كىتابنىڭ كىرىش سۆزى – فاتىھاتۇل كىتاب » دەپ ئاتىغان ۋە قۇرئاننىڭ بېشىغا تىزىشقا بۇيرىغان. نامازلىرىدا باشتىن ئاياغ فاتىھەنى ئوقۇغان. بۇ سەۋەپتىن فاتىھە مۇسھابنىڭ ئەڭ بېشىدىن ئورۇن ئالغان. بۇ پەقەت مۇسھاب تەرتىۋىدىلا ئەمەس، نۇزۇل تەرتىۋىدىمۇ شۇنداق.