سۈرىدە ھاراق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىككىنجى بىر بۆلەك يەر ئالىدۇ ( 43 ). ناماز ھۆكۈملىرى ۋە تازلىق ئەھكامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرمۇ « تازلىق » نىشانىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن كىتاپ ئەھلىنىڭ ئېزىپ كېتىشى تىلغا ئېلىنىدۇ ( 44 – 57 ). تۆۋەندىكى ئايەت بۇ سۈرىنىڭ سەرخىل ئايەتلىرىدىن بىرسىدۇر:

إِنَّ اللَّهَ لَا يَغْفِرُ أَنْ يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَلِكَ لِمَنْ يَشَاءُ وَمَنْ يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَقَدِ افْتَرَى إِثْمًا عَظِيمًا

« اﷲ ھەقىقەتەن اﷲ قا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى اﷲ قا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ » ( 48 ).

بۇ سۈرىدىمۇ يەھۇدىيلىشىش خەۋىپىگە كىشىنىڭ دىققەت نەزرىنى يەنە بىر قېتىم ئاغدۇرلغان. چۈنكى ۋەھىيگە شاھىت بولغان ۋە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان بىر قەۋممۇ ئەسلى نىشاندىن يىراقلىشىپ كېتىشى، بۇزۇلىشى مۇمكىن. زېھىندە پەيدا بولغان « ۋەھىيدىن يىراقلىشىپ ئاداشقاندا قەۋم كىملەرگە ئوخشاپ قالىدۇ؟ » دېگەن سوئالغا، ۋەھىي « يەھۇدىيلەشكەن بەنى ئىسرائىل قەۋمىگە ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ » دەپ جاۋاپ بەرمەكتە.

سۈرىدە پاك بولغان ئىنسانلار جەمىئىيىتىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بەلگىلىمىلەر بەلگىلەنگەن. بۇلار خىلمۇ – خىل بوران – چاپقۇنلار بىلەن تولغان ھايات ئۈچۈن چەكلىك ئۆرنەكلەردۇر. لېكىن قۇرئان بىزگە بۇ ئۆرنەكلەرنى ئاساس قىلىپ، يېتىپ بارماقچى بولغان نىشان ئۈچۈن بويلاپ مېڭىشىمىز كېرەك بولغان يولنى كۆرسىتىپ قويىدۇ، فورمىلا بېرىدۇ. بىر فورمىلا بىلەن مىڭ مەسىلىنى يەشكىلى بولىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم بىر ھەقىقەتتۇر.

پاك بولغان ئىنسانلار جەمىئىيىتىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن ياخشىلاردىن بولۇش كۇپايە قىلمايدۇ، ئاكتىپ ياخشىلاردىن بولۇش شەرت. قۇرئان پاسسىپ ياخشىلارنى ئاكىتپ ياخشىلاردىن بولۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دەيدۇ:

الَّذِينَ آَمَنُوا يُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَالَّذِينَ كَفَرُوا يُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ الطَّاغُوتِ فَقَاتِلُوا أَوْلِيَاءَ الشَّيْطَانِ إِنَّ كَيْدَ الشَّيْطَانِ كَانَ ضَعِيفًا

« مۇئمىنلەر اﷲ يولىدا جىھاد / پۈتۈن كۈچى بىلەن كۆرەش قىلىدۇ، كاپىرلار شەيتاننىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىدۇ؛ شەيتاننىڭ دوستلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار. ئۇنتۇماڭلاركى، شەيتاننىڭ تەدبىرى ھەقىقەتەن ئاجىزدۇر » ( 76 ).

ۋەھىي، « ئاكتىپ ياخشىلارنىڭ ئاكتىپ يامانلىقنىڭ يامراپ كېتىشىنى توسىشى،  ھايات بويىنچە داۋام قىلىدىغان كۆرەشنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرسى » دەيدۇ ( 84 – 85 ). سۆز بۇ نوقتىغا كەلگەندە، ۋەھىي ياخشى ۋە يامانلار ھەققىدىكى قىڭغىر چۈشەنچىگە قارىتا تۈزۈتۈش بېرىدۇ:

مَا أَصَابَكَ مِنْ حَسَنَةٍ فَمِنَ اللَّهِ وَمَا أَصَابَكَ مِنْ سَيِّئَةٍ فَمِنْ نَفْسِكَ وَأَرْسَلْنَاكَ لِلنَّاسِ رَسُولًا وَكَفَى بِاللَّهِ شَهِيدًا

« (ئى ئىنسان!) ساڭا يەتكەن ياخشىلىق (مەرھەمەت قىلىش يۈزىسىدىن) اﷲ تەرىپىدىندۇر، ساڭا يەتكەن يامانلىق (قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن) ئۆزۈڭدىندۇر.

(ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز (پۈتۈن) ئىنسانلارغا رەسۇل / ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، (بۇنىڭغا بىر شاھىت كېرەك بولسا) شاھىتىلىققا اﷲ يېتەرلىكتۇر » ( 79 ).

ھەق – ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك بۆلەكلەرنىڭ ئاخىرقىسى، شەرتسىز جىنايەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىملەر بولۇپ، 92 – 93 – ئايەتلەردە بۇ مەسىلە تىلغا ئېلىنغان. بۇ يەردە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئىختىلاپ ھەققىدىكى مەسلىلەر تەرتىپ بىلەن بايان قىلىنغان.

ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن ئايەتلەر ئۇرۇش ئەخلاقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاندىن يەنە پاسسىپ ياخشىلارنى ئاكتىپ ياخشىلاردىن بولۇشقا دەۋەت قىلغان ئايەتلەر كەلمەكتە. بۇلارنىڭ ئىچىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغان ئايەت، ئاللاھ نىڭ ھەرگىزمۇ پاسسىپ ياخشىلارنى ئاكتىپ ياخشىلار بىلەن بىر ئورۇنغا قويمايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئايەتتۇر:

لَا يَسْتَوِي الْقَاعِدُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ غَيْرُ أُولِي الضَّرَرِ وَالْمُجَاهِدُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ فَضَّلَ اللَّهُ الْمُجَاهِدِينَ بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ عَلَى الْقَاعِدِينَ دَرَجَةً وَكُلًّا وَعَدَ اللَّهُ الْحُسْنَى وَفَضَّلَ اللَّهُ الْمُجَاهِدِينَ عَلَى الْقَاعِدِينَ أَجْرًا عَظِيمًا

« مۇئمىنلەردىن ئۆزرىسىز (ئەما، توكۇر، كېسەلگە ئوخشاش ئۆزرىسى بارلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا) جىھاد قىلمىغانلار اﷲ يولىدا ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلار بىلەن باراۋەر بولمايدۇ. اﷲ ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلارنى جىھاد قىلمىغانلاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن قىلدى. بۇ ئىككى خىل كىشىلەر ( يەنى ئۆزرىسى بولۇپ جىھاد قىلالمىغانلار ۋە جىھاد قىلغۇچىلار ) نىڭ ھەممىسىگە اﷲ جەننەتنى ۋەدە قىلدى. اﷲ جىھاد قىلغۇچىلارغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى (ئۆزرىسىز تۇرۇپ جىھاد قىلمىغانلاردىن ئارتۇق) قىلدى » ( 95 ).

بەزىدە ئۇرۇش شۇنداق مەجبۇرىي بىر ھالغا كېلىپ قالىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا نامازنىڭمۇ يېرىمىنى ئۇرۇشقا بېرىشىكە توغرا كېلىدۇ. ئاكتىپ يامانلارنىڭ يامانلىقىنى توختۇتۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇرۇش نامازنىڭ بىر قىسمى بولىدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. سۈرىنىڭ 101 ۋە  102 – ئايەتلىرى بۇ ھەقىقىنى بايان قىلماقتا.

105 – ئايەت بىلەن باشلانغان بۆلەك، رەسۇلۇللاھقا قارىتىلغان بەزىدە قاتتىق، بەزىدە يۇمشاق ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن تولغان. رەسۇلۇللاھقا قارىتىلغان « خائىنلار تەرەپتە تۇرما! » ئاگاھلاندۇرۇشىغا سەۋەپ بولغان ۋەقە، بىزگە رەسۇلۇللاھنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كەلگەن بىر داۋادا ھەقسىز بولغان تەرەپنىڭ پايدىسىغا ھۆكۈم قىلىشقا تاس قالغان بولۇپ، يۇقىرىدىكى ئايەت نازىل بولۇپ رەسۇلۇللاھ ئاگاھلاندۇرۇلغان. ئۇبەيرىك جەمەتىدىن ئەبۇ تىئمە لەقەملىك بىر كىشى، بىر ساۋۇتنى ئوغۇرلايدۇ ۋە بىر يەھۇدىي گۆرۈچىگە گۆرۈگە قويىدۇ. ساۋۇت تېپىلغاندىن كېيىن ئەبۇ تىئمە رىئاللىقنى ئىنكار قىلىپ، گۇناھىنى گۆرۈچى يەھۇدىيغا ئارتىپ قويىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئالدىغا كەلگەن بۇ داۋادا، ئەبۇ تىئمە ئۆزى بۆھتان چاپلىغان يەھۇدىيغا قارشى، مۇسۇلمان جامائىتىگە مەنسۇپ بولۇشنىڭ بارلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ. داۋانىڭ قازىسى بولغان رەسۇلۇللاھقا « مەن مۇسۇلمان تۇرسام ماڭا ئىشەنمەي، بىر يەھۇدىيغا ئىشىنەمسەن؟ » دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ داۋادا ئەبۇ تىئمەنىڭ پايدىسىغا ھۆكۈم بەرمەكچى بولغاندا تۆۋەندىكى ئايەت نازىل بولغان:

إِنَّا أَنْزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ لِتَحْكُمَ بَيْنَ النَّاسِ بِمَا أَرَاكَ اللَّهُ وَلَا تَكُنْ لِلْخَائِنِينَ خَصِيمًا (105) وَاسْتَغْفِرِ اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ كَانَ غَفُورًا رَحِيمًا (106)

« سېنى كىشىلەر ئارىسىدا اﷲ نىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن دەپ، ساڭا ھەقىقەتەن ھەق كىتابنى نازىل قىلدۇق. خائىنلارنىڭ تەرىپىنى ئالمىغىن. اﷲ تىن مەغپىرەت تىلىگىن. اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر » ( 105 – 106 ).

رەسۇلۇللاھقا بىۋاستە خىتاپ قىلغان بۇ ئايەتتىن كېيىن، رەسۇلۇللاھنىڭ مۇھاتابلىرىغا قارىتىلغان ۋە ئۇلارنىڭ چۈشەنچىلىرىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئايەتلەر كېلىدۇ ( 114 – 115 ).

سۈرىدە يەھۇدىيلەشكەن مۇسا ئۈممىتى تىلغا ئېلىنغاندا، خىرىستىيانلاشقان ئىسا ئۈممىتىمۇ زىكىر قىلىنغان. 171 – ئايەتتە خىتاپ بىۋاستە ئۇلارغا قارىتىلغان. بىراق « قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم سەن ئاڭلا » ئۇسلۇبى بىلەن مۇھەممەت ئۈممىتىنىڭ مۇئمىنلىرى ئاگاھلاندۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارغا: « سىلەرمۇ ئۇلارغا ئوخشاش رەسۇلىڭلارنى ئۇلۇغلاش شۇئارى ئاستىدا خىرىستىيانلىشىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار! » دېيىلمەكتە. بۇ بۆلەكنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى، « ئى ئىنسانلار! دىن – ئىمان مۇستەسنا بىر ئەھۋالنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ئاللاھ ھېچكىمگە ئىلتىماس قىلمايدۇ. سىلەر تەۋەلىك تۇيغۇلىرىڭلارنى ئاراڭلاردا بازارغا سېلىپ كۆككە كۆتىرەلىشىڭلار ۋە بۇ ئارقىلىق ھەر خىل ماددىي ۋە مەنىۋىي مەنپەئەتكە ئېرىشىشىڭلار مۇمكىن. ئەمما ئاللاھ قا، تەۋەلىك تۇيغۇلىرىڭلارنى ساتىمەن دېگۈچى بولماڭلار! »دىن ئىبارەت.

بۇ يەردە ئورۇن ئالغان بىر ئايەت، نىجادلىقنىڭ بەلگىلىك جامائەتكە مەنسۇپ بولۇش بىلەن ئەمەس، ھەقىقەتكە مەنسۇپ بولۇش بىلەن قولغا كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلماقتا:

لَيْسَ بِأَمَانِيِّكُمْ وَلَا أَمَانِيِّ أَهْلِ الْكِتَابِ مَنْ يَعْمَلْ سُوءًا يُجْزَ بِهِ وَلَا يَجِدْ لَهُ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلِيًّا وَلَا نَصِيرًا

« نىجادلىق، سىلەرنىڭ قۇرۇق ئارزۇيۇڭلار ۋە ئەھلى كىتابنىڭ قۇرۇق ئارزۇسى بىلەن قولغا كەلمەيدۇ، كىمكى بىر يامانلىق قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن (دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە) جازالىنىدۇ، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن اﷲ تىن باشقا (اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ » ( 123 ).

بۇ ئارىغا قىستۇرۇلغان بۆلەكتىن كېيىن، سۈرە يەنە ئەسلى تېمىسى بولغان ئاياللارنىڭ ھەق – ھوقۇقى مەسىلىسىگە قايتىدۇ. ۋەھىي، بولۇپمۇ ئەر كىشى ھاكىم ئورۇندا تۇرىدىغان بىر جەمىئىيەتتە ئاجرىشىشنىڭ، ئەھۋالنىڭ پۈتۈنلەي ئايال كىشىنىڭ زىيىنىغا بولغان تەرەپلىرى ھەققىدە توختىلىدۇ ۋە ئاجراشقان ئايالنىڭ ھەققىنى ھىمايە قىلىدىغان تەلىماتلارنى بايان قىلىپ ئۆتىدۇ ( 127 – 134 ).

ئىنسان زېھنىدىكى « شەرەپ ۋە ئىززەتنى كىمنىڭ يېنىدىن ئىزدەش كېرەك؟ » دېگەن سوئالغا ۋەھىي تۆۋەندىكىدەك جاۋاپ بېرىدۇ:

الَّذِينَ يَتَّخِذُونَ الْكَافِرِينَ أَوْلِيَاءَ مِنْ دُونِ الْمُؤْمِنِينَ أَيَبْتَغُونَ عِنْدَهُمُ الْعِزَّةَ فَإِنَّ الْعِزَّةَ لِلَّهِ جَمِيعًا

« مۇئمىنلەرنى قويۇپ، كاپىرلارنىڭ دوستلىقىدىن ( شەرەپ ) ھېس قىلغانلار، شەرەپ ۋە ئىززەتنى كاپىرلارنىڭ يېنىدىن ئىزدەمدۇ؟ شۇنى ئوبدان بىلىڭلاركى، شەرەپ ۋە ئىززەتنىڭ ھەممىسى اﷲ قا خاستۇر » ( 139 ).

ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن ئايەتتە ۋەھىينى مەسخىرە قىلغان ۋە ۋەھىيگە سەل قارىغانلار ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن:

وَقَدْ نَزَّلَ عَلَيْكُمْ فِي الْكِتَابِ أَنْ إِذَا سَمِعْتُمْ آَيَاتِ اللَّهِ يُكْفَرُ بِهَا وَيُسْتَهْزَأُ بِهَا فَلَا تَقْعُدُوا مَعَهُمْ حَتَّى يَخُوضُوا فِي حَدِيثٍ غَيْرِهِ إِنَّكُمْ إِذًا مِثْلُهُمْ إِنَّ اللَّهَ جَامِعُ الْمُنَافِقِينَ وَالْكَافِرِينَ فِي جَهَنَّمَ جَمِيعًا

« اﷲ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) سىلەرگە مۇنداق تەلىمات بېرىدۇ:

سىلەر اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقان ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئۇلار (يەنى اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىۋاتقان كاپىرلار) باشقا پاراڭغا كىرىشمىگىچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار، بولمىسا (گۇناھتا) ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر. اﷲ ھەقىقەتەن مۇناپىقلارنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ ھەممىسىنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە توپلايدۇ » ( 140 ).

« قۇرئاندىن، كاپىرلار ۋە مۇناپىقلارنى سېلىشتۇرۇشىنى سورىغان بولساق نېمە دەر بولغىيتى؟ » دېگەن سوئالغا، قۇرئان تۆۋەندىكى ئايەتتە مۇناپىقلارنىڭ كاپىرلاردىنمۇ بەتەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق جاۋاپ بېرىدۇ. بۇ نىفاڭنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە يوشۇرۇن ۋە خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يېتىشكە يېتىپ ئاشىدۇ:

إِنَّ الْمُنَافِقِينَ فِي الدَّرْكِ الْأَسْفَلِ مِنَ النَّارِ وَلَنْ تَجِدَ لَهُمْ نَصِيرًا

« مۇناپىقلار چوقۇم دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە (يەنى قەئرىگە) تاشلىنىدۇ، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ (ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) مەدەتكار تاپالمايسەن » ( 145 ).

ئاللاھ نىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى داۋا قىلىپ، ئاللاھ ئەۋەتكەن ئەلچىلەر ۋە ئۇ ئەلچىلەر ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن سۆزلەرگە ئىشەنمەيدىغانلار، ئەمىلىيەتتە ئاللاھ قا ئىشەنگۈچىلەر قاتارىدىن سانالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئاللاھ بىلەن ئەلچىلەرنى ئارىسىنى ئايرىۋەتكەنلىكتۇر:

إِنَّ الَّذِينَ يَكْفُرُونَ بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ وَيُرِيدُونَ أَنْ يُفَرِّقُوا بَيْنَ اللَّهِ وَرُسُلِهِ وَيَقُولُونَ نُؤْمِنُ بِبَعْضٍ وَنَكْفُرُ بِبَعْضٍ وَيُرِيدُونَ أَنْ يَتَّخِذُوا بَيْنَ ذَلِكَ سَبِيلًا (150) أُولَئِكَ هُمُ الْكَافِرُونَ حَقًّا وَأَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ عَذَابًا مُهِينًا (151)

« شۈبھىسىزكى، اﷲ نى ۋە ئۇنىڭ ئەلچىلىرىنى ئىنكار قىلغانلار، اﷲ بىلەن ئۇنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ئارىسىنى (اﷲ قا ئىشىنىپ ئەلچىلىرىگە ئىشەنمەيمىز دېيىش بىلەن) ئاجرىتىۋەتمەكچى بولغانلار، (ئەلچىلەرنىڭ) بەزىسىگە ئىشىنىمىز، بەزىسىگە ئىشەنمەيمىز دېگۈچىلەر ـ ئەنە شۇلار (ئىماننى دەۋا قىلغان تەقدىردىمۇ) راستىنلا كاپىرلاردۇر. بىز كاپىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق » ( 150 – 151 ).

سۈرە 153 – ئايىتى بىلەن يەھۇدىيلىشىش خەۋپىگە مۇئمىنلەرنىڭ دىققەت نەزرىنى ئاغدۇرۇش مەقىسىتىدە، بەنى ئىسرائىلنىڭ يەھۇدىيلىشىش تارىخىدىن ئىبرەتلەر سۇنىدۇ. ئۇلارنىڭ رەسۇلۇللاھقا قىلغانلىرى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇلار بۇنىڭغا ئوخشاش ئەزىيەتلەرنى ئىلگىرى ئۆز ئىچىدىن چىققان ھەزرىتى ئىساغىمۇ يەتكۈزگەنىدى ( 156 – 162 ). سۈرىنىڭ داۋامىدىكى ئايەتلەردە رىسالەتنىڭ ئەبەدىي ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ ۋە بۇ نوقتا نەزەردە تۇتۇلغان ھالدا ئۆتمۈشتىكى بىر قىسىم پەيغەمبەرلەر تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلىدۇ ( 163 ). بۇ بۆلەكتىن كېيىن خىتاپ پۈتۈن ئىنسانلارغا قارىتىلىدۇ:

يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَكُمُ الرَّسُولُ بِالْحَقِّ مِنْ رَبِّكُمْ فَآَمِنُوا خَيْرًا لَكُمْ وَإِنْ تَكْفُرُوا فَإِنَّ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا

« ئى ئىنسانلار! مانا رەسۇل (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) سىلەرگە رەببىڭلاردىن ھەق (دىن) ئېلىپ كەلدى، ئىمان ئېيتىڭلاركى، (بۇ) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىق، ئەگەر ئىنكار قىلساڭلار (يەنى كۇفرىنى داۋاملاشتۇرساڭلار) (اﷲ سىلەردىن بىھاجەت). چۈنكى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭدۇر (يەنى اﷲ نىڭ مەخلۇقاتىدۇر، مۈلكىدۇر). اﷲ (بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر » ( 170 ).

باشتىن ئاخىر ئاللاھ، ئىنسان، ئايال، مىراس، مال – مۈلك، ئۇرۇش ۋە ئاجرىشىشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەر بايان قىلىنغان نىسا سۈرىسى، ئەڭ ئاخىرىدا خىتابىنى پۈتۈن ئىنسانىيەت قارىتىدۇ. ئەڭ يۇقىرى نوقتىدىن قىلىنغان بۇ خىتاپنى پەقەت ئاللاھ لا قىلىدۇ:

يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَكُمْ بُرْهَانٌ مِنْ رَبِّكُمْ وَأَنْزَلْنَا إِلَيْكُمْ نُورًا مُبِينًا (174) فَأَمَّا الَّذِينَ آَمَنُوا بِاللَّهِ وَاعْتَصَمُوا بِهِ فَسَيُدْخِلُهُمْ فِي رَحْمَةٍ مِنْهُ وَفَضْلٍ وَيَهْدِيهِمْ إِلَيْهِ صِرَاطًا مُسْتَقِيمًا (175)

« ئى ئىنسانلار! سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن ئوچۇق دەلىل كەلدى، سىلەرگە روشەن نۇرنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدۇق. اﷲ قا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭغا (يەنى قۇرئانغا) چىڭ يېپىشقانلارغا كەلسەك، اﷲ ئۇلارنى ئۆز رەھمىتىگە ۋە نېمىتىگە (يەنى جەننىتىگە) داخىل قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلايدۇ » ( 174 – 175 ).

يىغىنچاقلىغاندا، نىسا سۈرىسى ھەر پۇرسەتتە ئەخلاق ۋە ئەقىدە ئارىسىدىكى ئايرىلماس مۇناسىۋەتكە كىشىنىڭ دىققەت نەزرىنى ئاغدۇرىدۇ. بىراۋنىڭ ھەققىنى يېيىشنىڭ رەزىل قىلمىش ئىكەنلىكىنى ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مۇھەببەتنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەيدۇ. سۈرە، مىراسقا مۇناسىۋەتلىك قەلالە ئايىتى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

سوئال: قۇرئاننىڭ مىراس ھەققىدە بۇنچە ئەستايىدىللىق بىلەن توختىلىشىنىڭ ھېكمىتى نېمە؟

ئەلجاۋاپ: ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئىنسانغا تاپشۇرۇلغان ئىلاھىي ئامانەت بولغان مالنى ئامانەتچىسىز قويماسلىق. چۈنكى ئىگىسى بولمىغان بىر ئامانەت، خىيانەتكە يول ئاچىدۇ.