ئۈچ نەسىلنىڭ بېغىشلاش جەريانى: ھاننە – مەريەم – ئىسا
سۈرىنىڭ 33 – 58 – ئايەتلىرى ئارىسىدا، « يېتەكچىلىك ۋە رەھبەرلىك مەسىلىسىگە قارىتا قۇرئان ئوتتۇرىغا قويغان ھەل قىلىش تەدبىرى نېمە؟ » ياكى « ئادەم ( غوللۇق خادىم ) ئازلىق مەسىلىسى قانداق ھەل قىلىنىدۇ؟ » دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى يەر ئالىدۇ. بۇ بۆلەكتە ھاننە – مەريەم – ئىسادىن ئىبارەت ئۈچ نەسىلنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش جەريانى بايان قىلىنغان. بۇ بۆلەك رەھبەرلىك مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئۆرنەكتۇر. بۇ ئۆرنەكتە ھاننە – مەريەم – ئىسادىن ئىبارەت ئۈچ نەسىل يەر ئالماقتا. بۇ ئۈچ نەسىل ئەتراپىدا ئاتا – ئوغۇل رەسۇللاردىن ھەزرىتى زەكەرىيا ۋە يەھيا يەر ئالىدۇ. سۈرىدە ھەزرىتى مەريەم ۋە ھەزرىتى ئىسانىڭ تۇغۇلىشى بايان قىلىنىدۇ. ھەزرىتى ئىسانىڭ تۇغۇلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەپسىلى بايانلار، بۇ سۈرىدىن خېلىلا بۇرۇن نازىل بولغان مەريەم سۈرىسىدە تىلغا ئېلىنغانىدى. بۇ يەردە تۇغۇلۇشنىڭ تەكىتلىنىشى، مەريەم ئوغلى ئىسا ۋە باشقا بارلىق رەسۇللارنىڭ، تۇغۇلغان ۋە ئۆلىدىغان بىرەر بەشەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشنى مەقسەت قىلماقتا.
سۈرىدە ھەزرىتى ئىسانىڭ ئانىسى « مەريەم » بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىشى چوڭقۇر مەنىگە ئىگە بولۇپ، ئىسا « مەريەم »نىڭ ئوغلى، « ئاللاھ »نىڭ ئوغلى ئەمەس دېيىلمەكتە. « مەريەم ئوغلى ئىسا » ئىپادىسى بىلەن ئۈچ نەرسە رەت قىلىنىدۇ:
- خىرىستىيانلارنىڭ ھەزرىتى ئىسانى ئىلاھلاشتۇرۇشى. « مەريەم ئوغلى ئىسا » ئىپادىسى ئارقىلىق رەسۇلنى ئىلاھلاشتۇرغان خىرىستىيانلارغا « ئۇ ئاللاھ نىڭ ئوغلى ئەمەس، مەريەمنىڭ ئوغلى » دېيىلمەكتە.
- يەھۇدىيلارنىڭ ھەزرىتى مەريەمگە قىلغان تۆھمەتلىرى. مەريەم ئۇلار تۆھمەت قىلغاندەك بىر كىشى ئەمەس، ئەكسىچە ئىپپەت ئابىدىسى بىر ئەلچىنىڭ ئانىسى. « مەريەم ئوغلى ئىسا » ئىپادىسى تەكىتلىگەن يەنە بىر نوقتا « رەسۇل ئانىسى مەريەم »دۇر.
- رىمنىڭ ئەر كىشى ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان چۈشەنچىسى. بۇ رىمغا ئۇرۇلغان بىر تەستەك بولۇپ، دادىسىز تۇغۇلغان ئىسا ئارقىلىق: ئى ئەر كىشىنى ئۇلۇغلاپ، ئايال كىشىنى كەمسىتىدىغان، كۈچكە چوقۇنىدىغان ھاكاۋۇر رىم! سېنىڭ بۇ ساختا ھاكاۋۇرلىقىنىڭ ئارقىسىدا « كۈچ »كە چوقۇنۇش چۈشەنچىسى ياتىدۇ. ئەر كىشىنى كۈچنىڭ سىمۋولى دەپ قارىغانلىقىڭ ئۈچۈن، ئەر كىشىنى ئۇلۇغلايسەن. مەريەم ئوغلى ئىسا، ئاللاھ ساڭا بەرگەن ئېنىق بىر جاۋاپ دېمەكتە. ئاللاھ ئىنسانىيەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدىغان رەسۇللىرىدىن بىرسىنى دادىسىز ياراتتى. ئاللاھ ئىسانى ئانىسىغا نىسبەت بەرگەن ھالدا تىلغا ئالغان. بۇ ئىككى خۇسۇس، رىمنىڭ ئىككى كاچىتىغا ئۇرۇلغان ئىلاھىي تەستەكتۇر.
سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى « خىرىستىيانلاشماڭلار! » ئاگاھلاندۇرۇشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدۇق. بۇ مەسىلە ئايدىڭلىشىشى ئۈچۈن تارىخىي ئېغىپ كېتىش ئىبرەت سۈپىتىدە بايان قىلىنىشى كېرەك ئىدى. مانا بۇ ئىسەۋى مۇئمىنلەرنىڭ ئورنىنى، ئىسانى تەڭرىلەشتۈرگەن خىرىستىيانلارغا تەرك ئېتىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئاقىۋەتنىڭ، ئارقا پەردىسىدە ياتقان چۈشەنچىنى بۇ سۈرىدە كۆرۈپ يېتىمىز. سۈرىدە سۆز مەريەم ئوغلى ئىسانىڭ ئىلاھلاشتۇرۇلىشىغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، نەجرانلىقلارنىڭ كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، ۋەھىي رەسۇل چۈشەنچىسىدىكى ئېغىپ كېتىشنىڭ سەۋەپ ۋە نەتىجىلىرىنى بايان قىلغان. ئەسلىدە بۇ ئارقىلىق مۇئمىنلەرگە « سىلەرمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ئىش قىلماڭلار! » دېمەكتە.
مۇشرىكلار ئۆزلىرىنى ھەزرىتى ئىبراھىمغا نىسبەت قىلىشنى ياقتۇراتتى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئەجدادى ئىدى. ئۇنىڭ مۇبارەك يادىكارى بولغان كەبىگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بەسلىشەتتى. بۇ سەۋەپتىن ھەزرىتى ئىبراھىم ئاياق باسقان تاش دەپ قوبۇل قىلىنغان تاشنىمۇ مۇقەددەس بىر ئامانەت سۈپىتىدە ساقلاپ كەلگەنىدى. بىراق مۇشرىكلارنىڭ بۇ ھۆرمىتى ساختا بىر ھۆرمەت بولۇپ، ئەسلىدە ھۆرمەتتەك كۆرۈنگەن ھۆرمەتسىزلىك ئىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئىبراھىمدىن يادىكار دەپ بىلگەن تاشنى ھۆرمەت قىلشتا بەسلەشكەن، لېكىن ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ئەسلى ئېتىقادىنى تونۇغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇشقانىدى. ئاندىن ھەزرىتى ئىبراھمىغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلار بىلەن « سۆز » مۇسابىقىسىگە چۈشكەنىدى. تۆۋەندىكى ئايەت ھەزرىتى ئىبراھىم ئۈستىدىن بارلىق تەرەپبازلىق ئەسەبىيىتىنى رەت قىلماقتا:
مَا كَانَ إِبْرَاهِيمُ يَهُودِيًّا وَلَا نَصْرَانِيًّا وَلَكِنْ كَانَ حَنِيفًا مُسْلِمًا وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
« ئىبراھىم يەھۇدىيمۇ ئەمەس، ناسارامۇ ئەمەس ۋە لېكىن توغرا دىنغا يۈزلەنگەن مۇسۇلمانلاردىن ئىدى، ئاللاھ قا شېرىك قوشقۇچىلاردىنمۇ ئەمەس ئىدى » ( 67 ).
سۈرىدە يەنە پۈتۈن كىتاپ ئەھلىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان زېھنىيەتكە جاۋاپ بېرىلگەن. قۇرئان يەھۇدىيلىشىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان بەقەرە سۈرىسىدە، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ، يا بىراقلا قارا قويۇق قوبۇل قىلىدىغان ياكى قارا قويۇق رەت قىلىدىغان زېھنىيەتنىڭ ئورنىغا، توغرا – خاتاسىنى تاللاپ ئايرىيدىغان بىر ئەقىل بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغاندەك، خىرىستىيانلىشىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئالئىمران سۈرىسىدىمۇ، مۇھاتابىدا توغرا – خاتانى ئايرىيدىغان ساپ ئەقىل بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەت بۇنىڭ دەلىلى:
وَمِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ مَنْ إِنْ تَأْمَنْهُ بِقِنْطَارٍ يُؤَدِّهِ إِلَيْكَ وَمِنْهُمْ مَنْ إِنْ تَأْمَنْهُ بِدِينَارٍ لَا يُؤَدِّهِ إِلَيْكَ إِلَّا مَا دُمْتَ عَلَيْهِ قَائِمًا ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا لَيْسَ عَلَيْنَا فِي الْأُمِّيِّينَ سَبِيلٌ وَيَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
ئەھلى كىتابتىن ( ئىلگىرى ۋەھىي بېرىلگەنلەردىن ) بەزى كىشىلەر باركى، ئۇنىڭدا كۆپ مال ئامانەت قويساڭمۇ ساڭا ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛ ئۇلاردىن يەنە بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇنىڭدا بىر دىنار ئامانەت قويساڭمۇ ئۇنىڭ بېشىدا تۇرمىغىچە (يەنى قايتا ـ قايتا سۈيلىمىگىچە) ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار: « ئۈممىلەرنىڭ مېلىغا خىيانەت قىلساق بىزگە گۇناھ بولمايدۇ (يەنى بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغانلارنىڭ ماللىرى بىزگە ھارام ئەمەس) » دەيدۇ. ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ اﷲ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ ( 75 ).
بۇ ئايەتكىمۇ بىر قاراپ باقايلى:
لَيْسُوا سَوَاءً مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ أُمَّةٌ قَائِمَةٌ يَتْلُونَ آَيَاتِ اللَّهِ آَنَاءَ اللَّيْلِ وَهُمْ يَسْجُدُونَ
« ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل ئەمەس، ئەھلى كىتابتىن كېچىلىرى اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان ۋە سەجدە قىلىپ تۇرىدىغان بىر جامائە كىشىلەر بار » ( 113 ).
مەيلى يەھۇدىيلىشىش بولسۇن ياكى خىرىستىيانلىشىش بولسۇن، بۇلارغا قارشى ئەڭ كۈچلۈك ۋاكسىنا ئىنفاق قىلىشتۇر. بۇنى خۇددى بەقەرە سۈرىسىدە كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئالئىمران سۈرىسىدىمۇ كۆرۈپ ئۆتىمىز:
لَنْ تَنَالُوا الْبِرَّ حَتَّى تُنْفِقُوا مِمَّا تُحِبُّونَ وَمَا تُنْفِقُوا مِنْ شَيْءٍ فَإِنَّ اللَّهَ بِهِ عَلِيمٌ
« ياخشى كۆرىدىغان نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغۇچە (يەنى ماللىرىڭلارنىڭ ياخشىسىنى سەدىقە قىلمىغۇچە) ھەرگىز ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشەلمەيسىلەر، (اﷲ نىڭ يولىدا) نېمىنى سەرپ قىلماڭلار، اﷲ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر » ( 92 ).
خىرىستىيانلىشىشنىڭ تىپىك ئالامەتلىرىدىن بىرسى، دىندارلىق نامايەندىسى سۈپىتىدە ھالالنى ھارام قىلىشتۇر. بۇ ئېنىق ئازغۇنلۇقتۇر. قۇرئان ھاراملارنى ھالال قىلىش ھەققىدە بىر قېتىم توختالسا، بۇنىڭ ئەكسى بولغان ھالالنى ھارام قىلىش ھەققىدە ئون قېتىم توختىلىدۇ. بۇ بىر خىرىستىيانلىشىش ئالامىتىدۇر. چۈنكى خىرىستىيانلىشىشنىڭ تىپىك نايامەندىلىرىدىن بىرسى رىياخور دىندارلىقتۇر. روھبانلىق ( دىندارلار سىنىپى )نىڭ بۇ ئېتىقاد سىستېمىسىنىڭ ئىچىدە ئورۇن ئېلىشى ھەرگىزمۇ تاسادىبىيلىق ئەمەس. تۆۋەندىكى ئايەت ھەم يەھۇدىيلىشىشنىڭ ھەم خىرىستىيانلىشىشنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلماقتا:
كُلُّ الطَّعَامِ كَانَ حِلًّا لِبَنِي إِسْرَائِيلَ إِلَّا مَا حَرَّمَ إِسْرَائِيلُ عَلَى نَفْسِهِ مِنْ قَبْلِ أَنْ تُنَزَّلَ التَّوْرَاةُ قُلْ فَأْتُوا بِالتَّوْرَاةِ فَاتْلُوهَا إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
تەۋرات نازىل قىلىنىشتىن ئىلگىرى، بەنى ئىسرائىل ئۆزىگە ھارام قىلغان يېمەكلىكلەردىن باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھالال ئىدى. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، تەۋراتنى ئېلىپ كېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار » ( 93 ).
تىپىك بىر خىرىستىيانلىشىش مايىللىقى تەپرىقىچىلىقتۇر. خىرىستىيان مەزھەبلىرىنىڭ بىر – بىرىگە بولغان دۈشمەنلىكى بۇنىڭ تارىخىي دەلىلىدۇر. بۇ ئىبرەت ئارقىلىق قۇرئان بارلىق مۇھاتابلىرىغا مۇنداق دەيدۇ:
وَاعْتَصِمُوا بِحَبْلِ اللَّهِ جَمِيعًا وَلَا تَفَرَّقُوا وَاذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ كُنْتُمْ أَعْدَاءً فَأَلَّفَ بَيْنَ قُلُوبِكُمْ فَأَصْبَحْتُمْ بِنِعْمَتِهِ إِخْوَانًا وَكُنْتُمْ عَلَى شَفَا حُفْرَةٍ مِنَ النَّارِ فَأَنْقَذَكُمْ مِنْهَا كَذَلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ آَيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
« ھەممىڭلار اﷲ نىڭ ئاغامچىسىغا (يەنى اﷲ نىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار (يەنى سىلەردىن ئىلگىرى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار ئىختىلاپ قىلىشقاندەك، دىندا ئىختىلاپ قىلىشماڭلار). اﷲ نىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆزئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، اﷲ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، اﷲ نىڭ نېمىتى بىلەن ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار، سىلەر دوزاخ چۇقۇرىنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، اﷲ سىلەرنى (ئىسلام ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى. سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، اﷲ ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ » ( 103 ).
بۇ تەلىماتنىڭ مۇھاتابى بولغان مۇئمىنلەرنىڭ زىممىسىگە ئارتىلغان مەسئۇلىيەت ناھايىتى ئېغىر، بۇ ئېغىرلىقىغا ماس ھالدا مۇكاپاتىمۇ چوڭ:
كُنْتُمْ خَيْرَ أُمَّةٍ أُخْرِجَتْ لِلنَّاسِ تَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَتَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَتُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَلَوْ آَمَنَ أَهْلُ الْكِتَابِ لَكَانَ خَيْرًا لَهُمْ مِنْهُمُ الْمُؤْمِنُونَ وَأَكْثَرُهُمُ الْفَاسِقُونَ
« سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان، اﷲ قا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر. ئەگەر ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار) ئىمان ئېيتسا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئىشەنسە)، ئۇلار ئۈچۈن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇئمىنلەرمۇ بار، ئەمما ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىقلاردۇر » ( 110 ).
سۈرىدە ئاللاھ نىڭ بىر، تەڭدىشى يوق، ئىنساننىڭ ئۇنىڭغا مۇھتاج ئىكەنلىكى ئەسلىتىلگەندىن كېيىن، ئىمان ئاجىزلىقىنىڭ ئىنسانغا ئېلىپ كېلىدىغان دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك زىيانلىرى بايان قىلىنىدۇ. نازىل بولۇش جەريانىدا ئۆسۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ئايەت ئوھۇد ئۇرۇشى دائىرىسىدە بايان قىلىنىدۇ:
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لَا تَأْكُلُوا الرِّبَا أَضْعَافًا مُضَاعَفَةً وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
« ئى مۇئمىنلەر! جازانىنى قاتمۇقات ئاشۇرۇپ يېمەڭلار، بەخت – سائادەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن اﷲ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئەسلەڭلار » ( 130 ).
جازانە، ئۇھۇد ئۇرۇشىنىڭ مەغلۇبىيەت سەۋەپلىرىدىن بىرى.
« بۇ مۇسىبەت نېمە سەۋەپتىن بېشىمىزغا كەلدى؟ » دەپ سورىغان ھەر كىشى مۇنداق جاۋاپنى ئالىدۇ: « بۇ سىلەرنىڭ ئۆزەڭلاردىن كەلدى » دېگەن ئايەتنى ئوقۇيلى، شاھىتىمىز بولسۇن:
أَوَلَمَّا أَصَابَتْكُمْ مُصِيبَةٌ قَدْ أَصَبْتُمْ مِثْلَيْهَا قُلْتُمْ أَنَّى هَذَا قُلْ هُوَ مِنْ عِنْدِ أَنْفُسِكُمْ إِنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ئۇلارنى ئىككى ھەسسە مۇسىبەتكە دۇچار قىلغاندىن كېيىن، ئۇ مۇسىبەت سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا يەتكەندە: « بۇ مۇسىبەت قەيەردىن كەلدى؟ » دەپ سورايسىلەر، شۇنداقمۇ؟ ئېيتقىنكى، « ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزلىرىڭلاردىن (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭلار ۋە غەنمەتكە ھېرىس بولغانلىقىڭلاردىن) بولدى». اﷲ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر ( 165 ).
قۇرئاندا بايان قىلىنغان، يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن چىققان دۇئالاردىن بىرسى بۇ سۈرىنىڭ ئاخىرىدا يەر ئالغان:
وَلِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاللَّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ (189) إِنَّ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ لَآَيَاتٍ لِأُولِي الْأَلْبَابِ (190) الَّذِينَ يَذْكُرُونَ اللَّهَ قِيَامًا وَقُعُودًا وَعَلَى جُنُوبِهِمْ وَيَتَفَكَّرُونَ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ رَبَّنَا مَا خَلَقْتَ هَذَا بَاطِلًا سُبْحَانَكَ فَقِنَا عَذَابَ النَّارِ (191) رَبَّنَا إِنَّكَ مَنْ تُدْخِلِ النَّارَ فَقَدْ أَخْزَيْتَهُ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ أَنْصَارٍ (192) رَبَّنَا إِنَّنَا سَمِعْنَا مُنَادِيًا يُنَادِي لِلْإِيمَانِ أَنْ آَمِنُوا بِرَبِّكُمْ فَآَمَنَّا رَبَّنَا فَاغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا وَكَفِّرْ عَنَّا سَيِّئَاتِنَا وَتَوَفَّنَا مَعَ الْأَبْرَارِ (193) رَبَّنَا وَآَتِنَا مَا وَعَدْتَنَا عَلَى رُسُلِكَ وَلَا تُخْزِنَا يَوْمَ الْقِيَامَةِ إِنَّكَ لَا تُخْلِفُ الْمِيعَادَ (194) فَاسْتَجَابَ لَهُمْ رَبُّهُمْ أَنِّي لَا أُضِيعُ عَمَلَ عَامِلٍ مِنْكُمْ مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَى بَعْضُكُمْ مِنْ بَعْضٍ فَالَّذِينَ هَاجَرُوا وَأُخْرِجُوا مِنْ دِيَارِهِمْ وَأُوذُوا فِي سَبِيلِي وَقَاتَلُوا وَقُتِلُوا لَأُكَفِّرَنَّ عَنْهُمْ سَيِّئَاتِهِمْ وَلَأُدْخِلَنَّهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ثَوَابًا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ وَاللَّهُ عِنْدَهُ حُسْنُ الثَّوَابِ (195)
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر، اﷲ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر. شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، روشەن دەلىللەر بار. ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ اﷲ نى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ):
« رەببىمىز! بۇلارنى مەنا ۋە مەقسەتتىن يوقسۇن ھالدا بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن. رەببىمىز! سەن كىمنىكى دوزاخقا كىرگۈزىدىكەنسەن، ئۇنى ئەلۋەتتە خار قىلغان بولىسەن. زالىملارغا ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ!
رەببىمىز! بىز ھەقىقەتەن بىر چاقىرغۇچىنىڭ ›رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلار‹ دەپ ئىمانغا چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، ئىمان ئېيتتۇق.
رەببىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلىق ئۈستىدىكى ۋاقتىمىزدا قەبزى روھ قىلغىن.
رەببىمىز! بىزگە ئەلچىلىرىڭ ئارقىلىق ۋەدە قىلغان نەرسىنى (يەنى ئىتائەت قىلغانلارغا خاس بولغان جەننەتنى) بەرگىن، قىيامەت كۈنى بىزنى رەسۋا قىلمىغىن. سەن ھەقىقەتەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن».
ئۇلارنىڭ دۇئاسىغا رەببى مۇنداق جاۋاپ بەردى:
« مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەر قانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن، سىلەر بىر گەۋدىنىڭ بىر ـ بىرىنى تولۇقلايدىغان پارچىسى. يامانلىق ۋە يامانلىق دىياردىن ھىجرەت قىلغانلار، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلار، مېنىڭ يولۇمدا (يەنى اﷲ نىڭ دىنى ئۈچۈن) ئەزىيەت تارتقانلار، ئۇرۇشقا قاتناشقانلار (يەنى مېنىڭ يولۇمدا ئۇرۇشقانلار) ۋە مېنىڭ يولۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى (مەغپىرىتىم ۋە رەھمىتىم بىلەن) ياپىمەن، ئەلۋەتتە، ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن». بۇ (ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن) اﷲ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ياخشى مۇكاپات (يەنى جەننەت) بار » ( 189 – 195 ).
سۈرە ئىماندا مۇستەھكەم تۇرغانلارغا جەننەت ۋە ئەبەدىي سائادەت ۋەدىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.