نۇر سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە قۇرئاندا سىمۋول نوقتىسىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن « نۇر » ئىسمى بىلەن ئاتالغان. بۇ ئىسىم سۈرىنىڭ 35 – ئايىتىگە ئاساسەن قويۇلغان. نۇر، « مەنبەسى كۆرۈنمەيدىغان، ئەمما ئوبىيكتىنى كۆرگىلى بولىدىغان ھالغا كەلتۈرگەن ئىلاھى يورۇقلۇق » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تۇنجى نەسىل بۇ سۈرىنى « نۇر » ئىسمى بىلەن ئاتىغان.

سۈرە مەدىنىدە نازىل بولغان بولۇپ، بىر قېتىمدىلا نازىل بولماي، پارچە – پارچە ھالدا نازىل بولغان. سۈرىدىكى تېمىلارنىڭ پەرقلىق بولىشى بۇنىڭ دەلىلى.

گەرچە سۈرە نازىل بولۇشقا باشلىغان يىلنى ئېنىق بىر شەكىلدە ئېيتىش قېيىن بولسىمۇ، يەنىلا تەخمىن قىلغىلى بولىدۇ. زىناغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ھىجرى 3 – يىلىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك. چۈنكى بۇ ئايەتلەرنىڭ نازىل بولىشىغا سەۋەپ بولغان ۋەقەنىڭ باش قەھرىمانى مەرسەد، ئۇشبۇ يىلدىكى رەجى پىستىرمىسىدا شېھىت بولغانىدى.

سۈرىنىڭ 11 – 26 – ئايەتلىرى ئارىسىدىكى بۆلەك، ھەزرىتى ئائىشەگە چاپلانغان تۆھمەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ ئايەتلەر ھىجرەتنىڭ 5 – يىلىدا نازىل بولغان. چۈنكى خۇزائانىڭ بىر ئايمىقى بولغان مۇستاللىق ئوغۇللىرىغا قارىتىلغان ھەربىي يۈرۈش، خەندەك ئۇرۇشىدىن كېيىنلا بولغانىدى. بۇ يۈرۈش، بىر رىۋايەتكە كۆرە خەندەكتىن بۇرۇن شابان ئېيىدا بولغان.

سۈرىنىڭ قاچان تاماملانغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېيىشمۇ قېيىن. سۈرىنىڭ تاماملىنىشى ھىجرەتنىڭ 9 – يىلىدىكى تەبۇك غازىتىغىچە سوزۇلغان.

يۇقىرىقى مەلۇماتلارغا ئاساسەن سۈرىنىڭ نازىل بولۇشقا باشلىغان ۋاقتىنى ھىجرەتنىڭ 3 – يىلى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ سۈرە ئۈچۈن « پالان تارىختا نازىل بولدى » دېگەنلىك، ئۇ سۈرىنىڭ ھەممىسى نازىل بولغان تارىخىنى ئەمەس، باشلىنىش تارىخىنى كۆرسىتىدۇ. بەلكىم بۇ نوقتىدا مۇنداق بىر سوئال تۇغۇلىشى مۇمكىن: بۇ سۈرە بىلەن ئوخشاش بىر مەزگىلدە نازىل بولۇشقا باشلىغان نىسا سۈرىسىدىكى زىنا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر، نېمە ئۈچۈن ئۇ سۈرىگە يەرلەشتۈرۈلگەن؟ نېمىشقا بۇ سۈرىدىكى زىنا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بۇ سۈرە ئىچىگە تىزىلغان؟ بۇ سوئالغا بەرگىلى بولىدىغان جاۋاپ مۇنداق بولىشى مۇمكىن: بۇ يەردىكى زىنا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر، مۇئمىنلەر بىلەن ئاللاھ رەسۇلىنىڭ يېقىنلىرىغا چاپلانغان تۆھمەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. نىسا سۈرىسىدىكى زىنا ھەققىدىكى ئايەتلەر توپلۇمنىڭ ھەممىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

سۈرە ھەزرىتى ئوسمان تەرتىۋىدە ھەشر – ھەج، ئىبن ئابباس تەرتىۋىدە ئەھزاپ – مۇمتەھىنە، جابىر بىن زەيد تەرتىۋىدە ناسر – ھەج سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. بىزنىڭچە بۇ سۈرە، مەزمۇن ئاساس قىلىنغان ھالدا تەييارلىغان تەرتىۋىمىزدە ھەدىد – ئالئىمران سۈرىسى ئارىسىغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ھەدىد سۈرىسى بەدىر يىلى بولغان ھىجرەتنىڭ 2 – يىلىغا توغرا كېلىدۇ. ئالئىمران سۈرىسى ئۇھۇد سۈرىسى بولۇپ، ھىجرەتنىڭ 3 – يىلىغا توغرا كەلمەكتە. نۇر سۈرىسىنىڭ رەجى ۋەقەسىدىن كېيىن نازىل بولۇشقا باشلىغانلىقى نەزەردە تۇتۇلغاندا، سۈرە ھىجرى 3 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا نازىل بولۇشقا باشلىغان دېسەك خاتالاشمايمىز.

نۇر سۈرىسى ئىسمىدىن مەلۇم بولغاندەك ئىنسان تەبىئىتىنى ۋە ئىنسان مۇناسىۋەتلىرىنى، بولۇپمۇ ئەر – ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى يورۇتۇپ بەرگەن سۈرىدۇر. بۇ سۈرە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ، ئىنسان كىملىكىنىڭ بىر پارچىسى بولغان جىنسىيەت سۈيئىستىمال قىلىنماستىن، قايسى شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىدۇ. بۇ دائىرىدە بەزى ئەخلاقى پىرىنسىپلارنى بەلگىلەيدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق يات جىنىسلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى پۇختا بىر ئاساسقا ئىگە قىلىدۇ. سۈرىدە ئەر – ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قارىتا بەلگىلىك دائىرىلەرنى بەلگىلەيدۇ ۋە بۇ چېگرادىن ھالقىغانلارغا قارىتا مۇئەييەن جازا بېكىتىدۇ. ئەر – ئايال مۇناسىۋىتىنىڭ نۇرمال بولىشى ۋە ئايالنىڭ يات جىنس تەرىپىدىن سۈيئىستىمال قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئايال كىشىنىڭ كىشىلىكى جىنسىيىتىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان. سۈرىدە ئايال كىشىنىڭ بەدىنىنى ئاۋامغا ئېچىشى مەنئى قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ھۆرمەت ۋە شەخسىيىتنى ھىمايە قىلىش مەقسەت قىلىنغان. سۈرە بۇ ئارقىلىق ساغلام ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ، ساغلام كىشىلىك مۇناسىۋەت ئارقىلىق بەرپا قىلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

سۈرە ۋەھىينىڭ ئىنسان ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈم قويغۇچى ۋە ئىنسان مۇناسىۋەتلىرىنى بەلگىلىگۈچى ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن باشلىنىدۇ. ئاندىن زىنا قىلغۇچى ئەر ۋە ئايالغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھەم ئىنساننىڭ شەخسى ھۆرمىتىنى، ھەم ئىجتىمائىي جەمىئىيەتنىڭ ئەخلاقىي تەرتىپىنى بۇزۇش مەقسەت قىلىنغان زىنا جىنايىتىگە، قۇرئان بەلگىلىگەن جازانىڭ ئەسلى مەقسىتى، كىشىلەرنى بۇ يامان قىلمىشتىن ۋازكەچكۈزۈش بولۇپ، بۇ جازانىڭ بىر پارچىسى ئايەتنىڭ ئاخىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئاۋامنى بۇنىڭغا شاھىت قىلىشتۇر:

الزَّانِيَةُ وَالزَّانِي فَاجْلِدُوا كُلَّ وَاحِدٍ مِنْهُمَا مِئَةَ جَلْدَةٍ وَلَا تَأْخُذْكُمْ بِهِمَا رَأْفَةٌ فِي دِينِ اللَّهِ إِنْ كُنْتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآَخِرِ وَلْيَشْهَدْ عَذَابَهُمَا طَائِفَةٌ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ

زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار، ئەگەر سىلەر اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىغان بولساڭلار، اﷲ نىڭ دىنىنىڭ (ئەھكامىنى ئىجرا قىلىشتا) ئۇلارغا رەھىم قىلماڭلار، ئۇلارنى جازالىغان چاغدا مۆمىنلەردىن بىر تۈركۈم كىشى ھازىر بولسۇن ( 2 ).

ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن ئايەت، زىنانىڭ ئىككى كىشى ئارىسىدا بولىدىغان بىر جىنايەت ۋە گۇناھ ئىكەنلىكىنى ئىشارەت قىلىدۇ. ئىككى كىشى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان بىر گۇناھ ۋە جىنايەت، شەخسى گۇناھ ۋە جىنايەت دەپ قارالمايدۇ. 3 – ئايەت، زىنانىڭ جىنسى خاھىشقا قۇل بولۇش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. بۇ زىنانىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى پىسخولوگىيلىك تەھلىل بولۇپ، بۇ ئايەت ئاۋام ئارىسىدا خۇددى « زىناخور ئەر كىشى ۋە زىناخور ئايال پەقەت زىناخور ئەر ۋە زىناخور ئايال ياكى مۇشرىك بىلەن توي قىلىدۇ » دېگەندەك خاتا چۈشۈنۈپ كېلىنگەن. بۇ چۈشەنچىنىڭ شەكىللىنىشى ئايەتنىڭ تەرجىمىدىكى كەمتۈكلۈكتىن كېلىپ چىقماقتا ( بەقەرە، 221؛ فۇرقان، 43 – ئايەتكە قاراڭ ).

زىنا ئىجتىمائىي جەمىئىيەتنى ئىچىدىن چىرىتىپ تاشلايدىغان بىر ئىجتىمائىي ۋابادۇر. بۇ ئىللەت، ئىجتىمائىي جەمىئىيەتلەرنىڭ ئۇلىنى تەشكىل قىلغۇچى ئەر – ئايال مۇناسىۋەتلىرىدىكى خاتالىقنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئەر – ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ساقلانغان ئىللەت ئىجتىمائىي ۋاباغا، ئىجتىمائىي ۋابا ئۇ مىللەتكە ئائىت مەدەنىيەتنىڭ بىتاپ بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. زىنا بىر جەمىئىيەتنىڭ ئۇل تاشلىرىنى بىر – بىرىدىن ئاجرىتىپ تاشلايدىغان سەلبىي تەسىرگە ئىگە. بىر كىشىنىڭ زىنا قىلىشى ئېغىر گۇناھ بولغاندەك، زىنا قىلمىغان بىرسىگە زىنا تۆھمىتى چاپلاشمۇ شۇنىڭدەك يامان ۋە قەبىھ ئىشتۇر. ئىپپەتكە قارىتىلغان تۆھمەتمۇ خۇددى زىناغا ئوخشاش ئىجتىمائىي جەمىئىيەتنى ئىچىدىن يەپ تۈگىتىدىغان پارازىتتۇر. سۈرىنىڭ 4 – ئايىتى ئىپپەتكە قارىتىلغان تۆھمەتنى 80 دەررە بىلەن جازالاندۇرىدۇ. بۇنداق بىر ئەيىبلەشنى كۆتۈرۈپ چىققۇچى تۆت شاھىت كەلتۈرۈشى كېرەك. 6 – 9 –ئايەتلەر، بېراۋنىڭ جۆرىسىنى زىنا بىلەن ئەيىپلىگەندە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك بولغان مەسئۇلىيەتنى بايان قىلىدۇ. بۇ بۆلەكنىڭ ئاخىرىدىكى ئايەتلەر تەۋبىنى ئىشارەت قىلىدۇ. ئاللاھ رەھمان ۋە رەھىمدۇر. مەرھىمىتى چەكسىز بولغان ئاللاھ نىڭ تەۋەبە ئىشكى ھەر دائىم ئوچۇق بولۇپ، گۇناھكار بەندىلىرىنى بۇ ئىشكىتىن كىرىشكە دەۋەت قىلىدۇ. مانا بۇ ئايەت ئىلاھىي دەۋەتنىڭ ئىپادىسى:

وَلَوْلَا فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُ وَأَنَّ اللَّهَ تَوَّابٌ حَكِيمٌ

« ئەگەر سىلەرگە اﷲ نىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى (چوقۇم رەسۋا بولاتتىڭلار)، اﷲ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر » ( 10 ).

ھەزرىتى ئائىشە ئاللاھ رەسۇلىنىڭ ئايالى. مۇۋاپىق بىر پۇرسەتنى كۈتۈپ تۇرغان مۇناپىقلار، ئىنسانى بىر بىخەستەلىك سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن نۇرمال بىر ئەھۋالنى باھانە قىلىپ، بىر غازاتتىن قايتىشتا مۇئمىنلەرنىڭ بۇ ئانىسىغا تۆھمەت چاپلايدۇ. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ، ھەزرىتى ئائىشەگە چاپلانغان بۇ تۆھمەت ئۈستىدىن بارلىق مۇئمىنلەرگە دەۋر ۋە ماكان چەكلىمىسىدىن خالىي بولغان ئەخلاقىي پىرىنسىپلارنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. پارچە ھالدا يامانلىقتەك كۆرۈنگەن بىر ئىش، بىر پۈتۈن گەۋدە ئىچىگە قويۇپ قارىغان ۋاقىتتا ياخشىلىققا ۋەسىلە بولغان ئىدى. تۆھمەت قۇربانى بولغۇچىلارنىڭ « بۈگۈنى ۋە بۇ ماكانى » نوقتىسىدىن قارىغان ۋاقتىمىزدا، « كاشكى بولمىغان بولسا ئىدى » دېگەن بۇ رەزىل قىلمىش، نەتىجىسى ۋە بۇ سەۋەپتىن نازىل بولغان ئايەتلەر نەزەرگە ئېلىنغاندا، ھېكمەتلىك بىر ئىش بولۇپ چىقماقتا. مانا بۇ سۈرىنىڭ 11 – 20 – ئايەتلىرى، بۇ رەزىل تۆھمەت ئۈستىدىن قىيامەتكىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان نەسىھەت ۋە ئىبرەتلەرنى ئالدىمىزغا قويىدۇ. بۇ بۆلەكتە شۇنداق بىر ئايەت باركى، بۇنىڭغا ئوخشاش تۆھمەت ۋەقەلىرىدە مۇئمىنلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتنى بايان قىلىدۇ:

لَوْلَا إِذْ سَمِعْتُمُوهُ ظَنَّ الْمُؤْمِنُونَ وَالْمُؤْمِنَاتُ بِأَنْفُسِهِمْ خَيْرًا وَقَالُوا هَذَا إِفْكٌ مُبِينٌ

بوھتاننى ئاڭلىغان چاغلىرىڭلاردا، ئەر ـ ئايال مۇئمىنلەر نېمىشقا ئۆزئارا ياخشى گۇماندا بولۇپ، « بۇ ئېنىق بوھتان » دېمىدى؟ ( 12 ).

وَلَوْلَا إِذْ سَمِعْتُمُوهُ قُلْتُمْ مَا يَكُونُ لَنَا أَنْ نَتَكَلَّمَ بِهَذَا سُبْحَانَكَ هَذَا بُهْتَانٌ عَظِيمٌ

ئۇنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، نېمىشقا « بۇ مەسىلىدە سۆز قىلىش بىزگە مۇناسىپ ئەمەس، (ئى اﷲ! مۇشۇنداق بىر تۆھمەتتىن ) سەن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز! بۇ ئېغىر بوھتاندۇر » دېيىشىڭلار كېرەك ئەمەسمىدى؟ ( 16 ).

بۇ ئايەتلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ، ئىنساننىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئىنسانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە يېقىن بىر نوقتىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى جاپاسىز، ئەجىرسىز قولغا كەلگەننى تاللايدۇ. تەپەككۇر سىزىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئەجىر تەلەپ قىلىدۇ، ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈرۈش ئەجىر تەلەپ قىلمايدۇ. ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىدىكى بىلىش، نەپسى – خاھىشنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ ۋە ئۇنىڭ يۈزلەندۈرۈشى بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. نەپسى – خاھىش ھاكىم بولغان ئورۇن، شەيتان ھاكىم بولغان ئورۇن دېگەنلىكتۇر. بۇ ساھەدە تارقالغان ھەر خىل خەۋەرلەرنى ئاڭلايدىغان قۇلاق ھۇسنى زان ( ياخشى گۇمان )غا ئەمەس، سۇئى زان ( يامان گۇمان )غا توغرىلانغان بولىدۇ. ھالبۇكى ياخشى گۇماندىن ھېساپ ئېلىنمايدۇ، ئەمما يامان گۇماندىن ھېساپ ئېلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ « مۇئمىننىڭ قېنى، مېلى، ئار – نۇمۇسى ۋە سۇئىزانى مۇئمىنگە ھارام » دېيىشىمۇ، مانا مۇشۇنداق بىر چۈشەنچىنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك.

خۇددى زىنا ھەققىدە توختالغان بۆلەكلەردىكىگە ئوخشاش، زىنا تۆھمىتى ھەققىدە توختالغان بۆلەكنىڭ ئاخىرىدىمۇ سۆز ئاللاھ نىڭ ئەپۇ ۋە مەغپىرىتىگە كېلىدۇ. تەۋبە ئىشىكى ھەر دائىم ئوچۇقتۇر، يېتەركى كىشى ئۇ ئىشىكتىن كىرىشنى ئارزۇ قىلسۇن:

وَلَوْلَا فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُ وَأَنَّ اللَّهَ رَءُوفٌ رَحِيمٌ

« اﷲ نىڭ سىلەرگە پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى (سىلەرنى قاتتىق جازالايتتى)، اﷲ شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر » ( 20 ).

سۈرىنىڭ 21 – 26 – ئايەتلىرى، ھەزرىتى ئائىشەگە چاپلانغان بۆھتاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىجتىمائىي ۋەزىيەت ئۈستىدىن ئومۇمىيۈزلىك نەسىھەت بېرىدۇ. بۇ نەسىھەتلەر ئىچىدە، نۇزۇل سەۋەبى ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر بولغان نەسىھەت كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. قىزى ئائىشەگە قىلىنغان بۆھتانلارنى تارقاتقۇچىلاردىن بىرسى، يوقسۇل بولغانلىقتىن يىللاردىن بۇيان ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرنىڭ ياردىمى بىلەن تۇرمۇشىنى قامداپ كېلىۋاتقان يېقىن تۇققىنى مىستاھ بىن ئۇساسە ئىدى. مىستاھنىڭ قىزى ئائىشەگە قىلىنغان بۆھتاننى تارقىتىشى ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرگە بەكمۇ ئېغىر كەلگەن بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن مىستاھقا ياردەم قىلمايدىغانلىقىغا دائىر قەسەم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۆۋەندىكى ئايەتنىڭ نازىل بولغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان:

وَلَا يَأْتَلِ أُولُو الْفَضْلِ مِنْكُمْ وَالسَّعَةِ أَنْ يُؤْتُوا أُولِي الْقُرْبَى وَالْمَسَاكِينَ وَالْمُهَاجِرِينَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلْيَعْفُوا وَلْيَصْفَحُوا أَلَا تُحِبُّونَ أَنْ يَغْفِرَ اللَّهُ لَكُمْ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ

« ئاراڭلاردا ئەھلى كەرەم ۋە دۆلەتمەن بولغانلار خىش ـ ئەقرىبالارغا، مىسكىنلەرگە ۋە دىن يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا (بىر نەرسە) بەرمەسلىككە قەسەم قىلمىسۇن، (ئۇلارنىڭ گۇناھىنى) ئەپۇ قىلسۇن، كەچۈرسۇن، اﷲ نىڭ سىلەرگە مەغپىرەت قىلىشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر » ( 22 ).

ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر ئايەتتىكى « اﷲ نىڭ سىلەرگە مەغپىرەت قىلىشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ » جۈملىسىنى ئوقۇپ، كۆز ياشلىرى ئىچىدە « ئەلۋەتتە ئاللاھىم، ئەلۋەتتە ياقتۇرىمەن » دېگەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىن مىستاھقا بۇرۇنقىدىن ئىككى مىسلى ياردەم قىلىش ھەققىدە قەسەم قىلغان.

مەھرەمىيەت ( كىشىنىڭ شەخسىي ھاياتى )كە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئىپپەتكە قارىتىلغان جىنايەتلەر بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. بۇ سەۋەپتىن كىشىنىڭ ئۆزىگە ئائىت بولمىغان ئۆيلەرگە كىرىشىنى بەلگىلىك قائىدىگە ئىگە قىلغان بۆلەك بۇ سۈرىدە يەر ئالغان ( 27 – 29 ). بۇ ئايەتلەر نازىل بولغان جەمىئىيەت كىشىلىرىنىڭ بەدەۋىيلىك ( چۆل ھاياتى )تىن شەھەر ھاياتىغا يېڭىدىن كۆچۈۋاتقانلىقىنى ۋە مەدەنىي مۇئامىلىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ بولالمىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك.

ئەر – ئايال مۇناسىۋەتلىرىنى ئىنسان فىتىرىنى نەزەرگە ئالغان ئاساستا ھەل قىلماي تۇرۇپ، ئىپپەتكە قارىتىلغان جىنايەتلەرنى جازالاش بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. قۇرئان بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

قُلْ لِلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ وَيَحْفَظُوا فُرُوجَهُمْ ذَلِكَ أَزْكَى لَهُمْ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا يَصْنَعُونَ

« مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (نامەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، اﷲ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردار » ( 30 ).

بۇ نوقتىدا ئەنئەنە نەزەردىن ساقىت قىلغان بىر مەسىلە بار. كىشىنىڭ شەھۋىتىنى كۈشكۈرتىدىغان شەھۋەتلىك قاراشنى، ئەر ۋە ئايالدىن توسىدىغان ئىككى ئايەتنىڭ تۇنجىسى ئەر كىشىگە خىتاپ قىلماقتا. چۈنكى بۇ نوقتىدا ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا ئاجىز كېلىدۇ. بۇ ئەمىرگە بويسۇنۇپ كۆزىنى تىزگىنلەشنى ئۆگىنىشى پەرز بولغان مۇئمىن ئەر كىشىنىڭ ئەنئەنىۋى پوزىتسىيىسى، پىتنىنى ئۆزىنىڭ كۆزىدىن ئىزدەشنىڭ ئورنىغا ئايال كىشىنىڭ چىرايىغا ئارتىپ قويۇش بولماقتا. بۇ نوقتىدا توختا قېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، پىتنىنى ئايالنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىغا ئارتىپ قويماقتا. كۈنىمىزدە مۇسۇلمان ئەر – ئايال مۇناسىۋەتلىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان ھەددىدىن ئېشىپ كېتىش ۋە بىپەرۋالىقنىڭ مەنبەسىنى مانا بۇ ئادالەتسىزلىكتىن ئىزدەش لازىم.

قۇرئانى تەسەتتۇر ( ھىجاپ )، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئارقا كۆرنۈش ئاساسىدا شەكللىنىدۇ. تەسەتتۇرنىڭ بىرىنچى مۇھاتابى شۈبھىسىز ئايال كىشىدۇر. جانابى ئاللاھ گۈزەللىك ۋە جەلىپكارلىقنىڭ كۆپرەكىنى ئايالغا بەرگەن. ئايال كىشى جەلىپ قىلغۇچى ۋە ئۆزىگە تارتقۇچىدۇر. ئەر كىشى جەلىپ قىلىنغۇچى ۋە رام قىلىنغۇچىدۇر. ئايال كىشىنىڭ جەلىپ قىلغۇچى تەرىپى كىشىنى ئۇنىڭغا رام قىلىدۇ. مانا بۇ مايىللىقنىڭ تەكتىدە كىشىنى ئازدۇرغۇچى خاھىش ۋە ھاۋايى – ھەۋەس ياتىدۇ. 31 – ئايەتتە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر نوقتا بار. يەنى ئەر كىشىگە ئايالنى يوشۇرۇش ئەمەس، ئايال كىشىگە ئۆزىنىڭ ۋۇجۇد گۈزەللىكىنى ئاۋامغا ئاچماسلىققا بۇيرىيدۇ. تەسەتتۇرنىڭ سەۋەبى مۇنداق، ئى مۇئمىن ئايال! يات جىنىس بىلەن جىنسىيەت نوقتىسىدىن ئەمەس، ئىنسانلىق نوقتىسىنى چىقىش قىلىپ مۇناسىۋەت قۇر. يات جىنىسنىڭ جىنسىيىتىڭنى سۈيئىستىمال قىلىشىغا يول قويما. بۇ ئارقىلىق، ئەگەر مەن بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتماقچى بولساڭ، جىنسىيىتىم ئۈستىدىن ئەمەس، كىشىلىكىم، شەخسىيىتىم ئۈستىدىن مۇناسىۋەت قۇر، دېمەكتە.

سۈرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى تەشكىل قىلغان ئايىتى، شۈبھىسىز سۈرىگە ئىسمى بېرىلگەن نۇر ئايىتىدۇر.

اللَّهُ نُورُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ مَثَلُ نُورِهِ كَمِشْكَاةٍ فِيهَا مِصْبَاحٌ الْمِصْبَاحُ فِي زُجَاجَةٍ الزُّجَاجَةُ كَأَنَّهَا كَوْكَبٌ دُرِّيٌّ يُوقَدُ مِنْ شَجَرَةٍ مُبَارَكَةٍ زَيْتُونَةٍ لَا شَرْقِيَّةٍ وَلَا غَرْبِيَّةٍ يَكَادُ زَيْتُهَا يُضِيءُ وَلَوْ لَمْ تَمْسَسْهُ نَارٌ نُورٌ عَلَى نُورٍ يَهْدِي اللَّهُ لِنُورِهِ مَنْ يَشَاءُ وَيَضْرِبُ اللَّهُ الْأَمْثَالَ لِلنَّاسِ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ

« اﷲ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر، اﷲ نىڭ (مۇئمىن بەندىسىنىڭ قەلبىدىكى)نۇرى خۇددى (چىراق قويىدىغان) تەكچىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا چىراق باردۇر، چىراق شىشىنىڭ ئىچىدىدۇر، شىشە گويا نۇرلۇق يۇلتۇزدۇر، چىراق مۇبارەك زەيتۇن دەرىخىنىڭ (يېغى) بىلەن يورۇتۇلغان، ئۇ (يەنى زەيتۇن دەرىخى) شەرق تەرەپتىمۇ ئەمەس، غەرب تەرەپتىمۇ ئەمەس. يېغى (ئەڭ سۈزۈك بولىدۇ، سۈزۈكلۈكىدىن) ئوت تەگمىسىمۇ يورۇپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ، (ئوت بىلەن يورۇتۇلسا) نۇر ئۈستىگە نۇر قوشۇلىدۇ. اﷲ، ئارزۇ قىلغان كىشىنى ئۇنىڭ نۇرىغا (يەنى قۇرئانغا) (ئەگىشىشكە) مۇۋەپپەق قىلىشنى خالايدۇ. اﷲ (ئىبرەت ئالسۇن دەپ) كىشىلەرگە مىساللارنى (ئۇلارنىڭ پەمىگە يېقىنلاشتۇرۇپ) بايان قىلىدۇ، اﷲ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر » ( 35 ).

ۋەھىي ئۇ ئالەملەرنىڭ نۇرىدىن كەلگەن بىر نۇردۇر. ئەقىل ئۇنىڭ كۆزىدۇر. ۋەھىي نۇرى تەگمىگەن ئەقىلنىڭ كۆزى كوردۇر. ئەقىل كۆزىنىڭ كۆرىشى ئۈچۈن ۋەھىي نۇرى تېگىشى شەرت. مەۋجۇدىيەتنىڭ ئۆزىدىكى ھەرىكەت بۇ نۇردىن كەلمەكتە. ئاتومدىن پىلانتلارغىچە، تامچىدىن دېڭىزغىچە ھەر نەرسە بۇ نۇرنىڭ سايىسىدە مەۋجۇدلىقىنى داۋام قىلدۇرماقتا، ھەرىكەت قىلماقتا. ھەتتا قۇشلارمۇ بۇ نۇر سايىسىدە تەسبىھ ئېيتماقتا ( 41 – 42 ). بۇلۇتلار بۇ نۇر سايىسىدە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماقتا ( 43 ).

تاكامۇل ئاللاھ جانلىقلاردىن تارتىپ بارلىق مەخلۇقلارغا بەلگىلىگەن ئۆزگەرمەس قانۇنىدۇر.  ئالەملەرنىڭ رەببى، ھەر مەخلۇقنى ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ تەرەققىي قىلىدىغان بىر فىترەت بىلەن ياراتقان. ئاللاھ ياراتقانلىرىغا يارىتىلىش مەقسىتىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ غايىگە يېتىش ئۈچۈن بەزىلىرىنى بەلگىلىك قانۇنلارغا تەۋە قىلغان، بەزىلىرىگە ئىشلەش پىرىنسىپىنى بەلگىلەپ بەرگەن، ئەقىل ۋە ئىرادە بېرىپ، ئۇلارنىڭ تاكامۇللىشىشىنى خالىغان. « ھەر جانلىقنى سۇدىن ياراتتۇق » ( 45 ) ئايىتى ئىما قىلغان بۇ ھەقىقەت، مەۋجۇدىيەت تەۋە بولغان تاكامۇللىشىش قانۇنىدۇر.

ئاللاھ نىڭ شەيئىلەرنىڭ تەبىئىتىگە قانۇنلار يەرلەشتۈرگەنلىكى ۋە ياراتقان ئىرادىسىز مەخلۇقلارنى بۇ قانۇنلارغا تەۋەپ قىلغانلىقى ھەقىقىتىنى « ھەر جانلىقنى سۇدىن يارىتىشى » ئۈستىدىن بايان قىلغان ئايەت، يەنە باشقا شەكىلدە بايان قىلىدۇ: ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنىڭ چەكىسىزلىكىنى، يەنى « ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر » دەپ ئىپادىلەيدۇ. بۇ بىر مۆجىزە بولغان قۇرئاننىڭ مەسانى / قوشماق / ئىككى قۇتۇپلىق ئالاھىدىلىكىدۇر. بۇنىڭ ئەھمىيىتى تۆۋەندىكى تەرەپتە گەۋدىلىنىدۇ: « بىر قىسم ئۆلىمالارغا كۆرە، ئاللاھ نىڭ شەيئىلەر ئۈچۈن قانۇنىيەت بەلگىلىگەنلىكىنى ئېيتىش، ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنى چەكلەپ قويغانلىق بولۇپ، بۇ زىنھار جائىز ئەمەس. بۇ ئاشقۇنلىقنىڭ زىت تەرىپىدە دېتېرمىنىزم يەر ئالىدۇ ۋە ھەر نەرسىنى سەۋەپ – نەتىجە مۇناسىۋىتىگە مەھكۇم قىلىپ قويىدۇ. قۇرئان بىر ئايەتنىڭ ئۆزىدىلا ھەم ئاللاھ نىڭ شەيئىلەر ئۈچۈن بەلگىلىگەن قانۇنىنى، ھەم ئۆزىنىڭ چەكسىز قۇدرىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ئىككى مۇۋازىنەتسىزلىكنى رەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ شەيئىلەر ئۈچۈن بەلگىلىگەن قانۇنلار بار، لېكىن ئاللاھ ئۆزى بەلگىلىگەن قانۇنلارغا مەھكۇم ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنىڭ ھاكىمىدۇر. بۇ ھەرگىزمۇ ئاللاھ نىڭ ئۆزى بەلگىلىگەن قانۇنلارنى ئۆزى رەت قىلغانلىقى ۋە يوق قاتارىدا كۆرگەنلىكىنى ئىپادىلىمەيدۇ. مەۋجۇدىيەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغۇچى، ھەرگىزمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. مەسىلەن: تۆۋەندىكى قانۇنلارنىڭ ھەممىسى قۇرئانغا ئائىت:

  • ئۇرۇق تېرىمىغان ھوسۇل ئالالمايدۇ.
  • تىرىشىپ ئەجىر قىلغۇچى غەلىبە قىلىدۇ، ئوڭدا ياتقان مەغلۇپ بولىدۇ.
  • ئۆزىنى ئۆزگەرتمىگەن قەۋمنىڭ ھالىنى ئاللاھ ئۆزگەرتمەيدۇ.
  • ئاللاھ ھەر ئىنساننىڭ تەقدىرىنى ئۆز تىرىشچانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك قىلغان.
  • ئاللاھ ئازغۇنلاردىن باشقىسىنى زالالالەتكە ھەيدىمەيدۇ.
  • ئاللاھ ھەقتىن يۈز ئۆرىگەن كىشىنىڭ قەلبىنى بۇرىۋېتىدۇ.

قۇرئان « ئورتاق ياخشىلىققا » چاقىرىدۇ ( 53 ). ئورتاق ياخشىلىق، پەقەت بەلگىلىك تائىپىلەردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان، پەقەت ئۇلار ئارىسىدىلا تىلسىمغا ئوخشاش ئايلىنىپ يۈرگەن ئالاھىدە بىر ئىلىم ئەمەس. ئۇنداق ئۇ نېمە؟ « ئىنسانىيەت ياخشىلىق دەپ بىلىدىغان » نەرسىلەردۇر. مانا بۇ مەئرۇپنىڭ ئېنىقلىمىسىدۇر. ئىنساننىڭ ياخشى ئىشنى قىلماسلىقى، ئۇنى بىلمىگەنلىكىدىن ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭ ۋىجدانىغا ياخشىلىق كەشتىلەنگەن. ئىنساننىڭ ياخشى ئىشنى قىلماسلىقى ۋە ئۇنىڭغا يۈزلەنمەسلىكى ۋىجدانىنىڭ ئۈستىنى يېپىپ قويغانلىقى ( كۇپۇر )، ئۇنىڭ قۇلىقىنى گاس قىلىپ قويغانلىقى ( سۇممۇن )، ئۇنىڭ چۇقانىنى باستۇرۇپ قويغانلىقى ( بۇكمۇن )، ئۇنىڭ كۆزىنى كور قىلغانلىقى ( ئۇميۇن )دىن كېلىپ چىقماقتا. ۋىجداننىڭ تىرىكلىكىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىپادىسى « تەقۋا ( مەسئۇلىيەتچان بولۇش ) » ۋە « ھاشيەت ( ئاللاھ نىڭ مۇھەببىتىدىن مەھرۇم بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەش ) »تۇر ( 52 ).

سۈرە، 58 – ئايەتتىن باشلانغان بۆلىكىدە، باشلىنىشتىكى مەھرەمىيەت تېمىسىغا قايتىدۇ. لېكىن بۇ يەردىكى مەھرەمىيەت نامەھرەملەر ئارىسىدىكى مەھرەمىيەت ئەمەس. مەھرەم بولغانلار ئارىسىدىكى ئەدەب تېمىسى بولغان مەھرەمىيەت ھەققىدە توختىلىدۇ. پەرزەنتلەرنىڭ ئانىسىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرگەندە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەدەپ – قائىدە تىلغا ئېلىنىدۇ ( 58 – 59 ). شەھۋەتنى قوزغايدىغان ياشتىن ئۆتۈپ كەتكەن مويسىپىت ئاياللار ئۈچۈن، 31 – ئايەتتە بەلگىلەنگەن تەسەتتۇر ئەمرى يەڭگىللىتىلگەن بولۇپ، 60 – ئايەت بۇنى تىلغا ئالىدۇ. لېكىن بۇ رۇخسەتتىن پايدىلانغاندا، بەك ئېچىلىپ كەتمەسلىكنىڭ ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىدۇ. 61 – ئايەت، مەھرەمىيەت ئۈچۈن بەلگىلەنگەن چېگرالارنىڭ ھاياتنى ياشىغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قويۇلمىغانلىقىنىڭ ئەڭ يارقىن دەلىلىدۇر. نادانلار دىننى كېمەيتىۋېتىدۇ، قىرقىيدۇ، نادان دىندارلار دىنغا بىر نەرسىلەرنى قوشۇپ قويىدۇ ( تەقۋالىق نامىدىن ). بۇ ئايەتلەر بۇ ئىككى سىنىپ ئۈچۈندۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، 61 – ئايەت ئائىلە دوستلىرىنىڭ بىر دوستىخاندا ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشىدە ھېچقانداق بىر مەسىلە يوقلىقىنى بايان قىلىدۇ.

بىر ئىسلام جامائىتىدە « مۇخالەپەت » قانداق شەكىللەندۈرۈلىدۇ؟ بىر ئىسلام جامائىتىدە يېتەكچىنىڭ كۆز قارىشىدىن باشقىچە قاراش قانداق ئۇسلۇب ۋە ئەدەپ بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ؟ 62 – ئايەت بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بېرىدۇ:

إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ آَمَنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَإِذَا كَانُوا مَعَهُ عَلَى أَمْرٍ جَامِعٍ لَمْ يَذْهَبُوا حَتَّى يَسْتَأْذِنُوهُ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَأْذِنُونَكَ أُولَئِكَ الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ فَإِذَا اسْتَأْذَنُوكَ لِبَعْضِ شَأْنِهِمْ فَأْذَنْ لِمَنْ شِئْتَ مِنْهُمْ وَاسْتَغْفِرْ لَهُمُ اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ

« ئاللاھ قا ۋە رەسۇلىغا ئىمان ئېيتقان كىشىلەر كامىل مۇئمىنلەردۇر. ئۇلار مۇسۇلمانلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغاندا، ئۇنىڭدىن ئىجازەت ئالماستىن كېتىپ قالمايدۇ. سەندىن ( باشقىچە قارىشىنى، پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن، چارە تېپىش ئۈچۈن ) ئىجازەت سورىغانلارمۇ ئاللاھ قا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا چىن يۈرەكتىن ئىمان ئېيتقان كىشىلەردۇر. بۇ سەۋەپتىن ئۇلار سەندىن بەزى ئىشلىرى ئۈچۈن ئىجازەت سورىسا، ئۇلار ئىچىدىن سەن خالىغان كىشىگە ئىجازەت بەرگىن، ئۇلارغا سەن ئاللاھ تىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر ».

سۈرە ئاللاھ نىڭ چەكسىز ئىلىمى تەكىتلەنگەن ھالدا ئاخىرلىشىدۇ. بۇنىڭ ھېكمىتى، بۇ سۈرىدە ئاللاھ نىڭ ھاياتقا ئاكتىپ مۇداخىلىسىنىڭ ئىپادىسى بولغان ئىلاھىي ھۆكۈملەر، ئۇنىڭ چەكسىز ئىلمىگە نىسبەت قىلىنىدۇ. ئەڭ ياخشى ھۆكۈم ھەممىنى بىلگۈچىنىڭ ھۆكۈمىدۇر. ئۇنداقتا ئەڭ ياخشى ھۆكۈم ئاللاھ بەرگەن ھۆكۈمدۇر.