تەغابۇن سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
سۈرىنىڭ 9 – ئايىتىگە ئاساسەن بۇ سۈرىگە ھەم « ئالدىنىش ۋە يۈتۈپ كېتىش »، ھەم « ئۇتۇق » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « تەغابۇن » ئىسمى بېرىلگەن:
« مەھشەر كۈنى يېتىپ كەلگەندە، ئاللاھ سىلەرنى قىيامەت ئۈچۈن توپلايدۇ. ئۇ كۈن ئۆز ئارا ئالدىنىش ( تەغابۇن ) كۈنىدۇر » ( 9 ).
مەزكۇر ئايەتتىكى « ئۆزئارا ئالدىنىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان تەغابۇن ئوخشاشلىق پېئىلى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ بىر – بىرىنى ئالدىشىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەرەپچىدە بۇ پېئىل شەكلى ھەرىكەرتنىڭ دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ مەنىسى نەزەردە تۇتۇلغاندا، بۇ ئايەتنى « ئالدانغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق ھېس قىلىدىغان كۈن » دەپ مەنا ئېيتىش كېرەك. ئەل – غابن بىر تاۋارغا ئەسلى قىممىتىدىن تۆۋەن باھا پىچىشنى بىلدۈرىدۇ. بىزنىڭچە بۇ پېئىل ئاخىرەتتىكى ئالدىنىشنىڭ قوش يۆنىلىشلىك تەبىئىتىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى ھەر ئالداش ئەسلىدە بىر ئالدىنىشتۇر، ئۆزىنى ئالداشتۇر. كەلىمە قۇرئاندا پەقەت بۇ ئايەتتىلا تىلغا ئېلىنىدۇ. سۈرە تۇنجى نەسىل تەرىپىدىن بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان.
قەدىم تەپسىر ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق شەخسلەر ئارىسىدا سۈرىنىڭ قەيەردە نازىل بولغانلىقى ھەققىدە ئىختىلاپلار بولغان. سۈرىنىڭ قاچان نازىل بولغانلىقى ھەققىدە، سۈرىنىڭ ئۆزىدە مەلۇم بولغان بەزى يېپىق ئىمالاردىن باشقا ئىشەنچلىك دەلىللەر يوق.
سۈرىنىڭ 14 – 15 – ئايەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۆلەكتە، بىر قىسىم مۇئمىنلەر تارتقان جاپا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭغا قارىغاندا ھىجرەت بىلەن بەدىر ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەزگىلدە نازىل بولغان بولسا كېرەك.
بەزىلەر 14 – 15 – ئايەتلەرنىڭ مەككىدە، قالغان ئايەتلەرنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھالبۇكى، 11 – ئايەتتىن باشلانغان تېما 14 – ۋە 15 – ئايەتلەر بىلەن داۋام قىلماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ بۆلەكتىكى تېما، ھىجرى 2 – يىلىدا نازىل بولغان ئەنفال سۈرىسى 24 – 28 – ئايەتلەر ئارىسىدا قايتا تىلغا ئېلىنغان. ئەنفال 28 – ئايەت بىلەن، بۇ سۈرىنىڭ 15 – ئايىتى ئوتتۇرىسىدىكى پەۋقۇلئاددە ئوخشاشلىق كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ ئامىللار نەزەردە تۇتۇلغاندا، سۈرىنىڭ مەدىنىدە، ھىجرەتتىن كېيىنلا نازىل بولغانلىقى مەلۇم بولماقتا. تۇنجى تەرتىپلەرنىڭ ھەممىسىدە پەرىقلىق جايلارغا يەرلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئاساسىي جەھەتتىن بىزنىڭ قارىشىمىزغا يېقىن كەلمەكتە. بىزنىڭچە بۇ سۈرىنىڭ ئورنى مۇھەممەد – بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئارىسىدۇر.
سۈرە باشلىنىش شەكلى جەھەتتىن ئوخشاشلىققا ئىگە بولغان سەپ، جۈمە، ھەشىردىن تەركىپ تاپقان تۆت سۈرىنىڭ تۇنجىسىدۇر.
سۈرىنىڭ ئاساسىي تېمىسى ئىسلام جامائىتىنى شەكىللەندۈرۈش بولۇپ، بۇنى ئاللاھ تەسەۋۋۇرىنى بەرپا قىلىش بىلەن باشلىغان ( 1 – 4 ).
ئاندىن سۆز ئىنكار ۋە ئىنكار قىلغۇچىلارغا كېلىدۇ. « سىلەرگە ئىلگىرى كاپىر بولۇپ ئەمەللىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىغانلارنىڭ خەۋىرى كەلمىدىمۇ؟ » ( 5 ) دەپ سورايدۇ. ئەلچىلەرنىڭ ئۇلارغا ھەقىقەتنىڭ روشەن دەلىللىرى بىلەن كەلگەنلىكىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەلچىلەر ئېلىپ كەلگەن ھەق خەۋەرگە قاراشنىڭ ئورنىغا، ئەلچىنىڭ پەرىشتە بولۇپ – بولمىغانلىقى بىلەن ئاۋارە بولۇپ يۈرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. تەسەۋۋۇرى قىڭغىر كەتكەن بۇ ئىنكارچىلار « بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسان بىزگە يېتەكچىلىك قىلامدۇ؟ » دەپ ئېتىراز قىلغانىدى ( 6 ). قايتىدىن تىرىلدۈرلمەيمىز دەپ گۇمان قىلغان بۇ كىشىلەرگە قۇرئاندا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن:
ئېيتقىنكى: « ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەمكى، سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرىسىلەر، ئاندىن سىلەرگە قىلمىشىڭلاردىن خەۋەر بېرىلىدۇ، بۇ ﷲ قا ئاساندۇر» ( 7 ).
بۇ ئايەتلەردىن كېيىن، سۆز ۋەھىينىڭ يورۇقلۇقىغا دەۋەت قىلىنىدۇ:
فَآَمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَالنُّورِ الَّذِي أَنْزَلْنَا وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
« ئۇنداقتا ( ئى ئىنسانلار! ) ﷲ قا، ﷲ نىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە بىز نازىل قىلغان نۇرغا (يەنى قۇرئانغا) ئىمان ئېيتىڭلار، ﷲ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر » ( 8 ).
ئىمان ئېيتىش ئىشەنچ قىلىشتۇر. مۇئمىن ئاللاھ قا ئىشەنچ قىلىشى كېرەك. « كىشىگە يەتكەن ھەر قانداق مۇسىبەت پەقەت ﷲ نىڭ ئىزنى بىلەنلا يېتىدۇ » ( 1 1 ). ئەگەر مۇسىبەت يەتسە، سەبىر، يەنى بەرداشلىق بېرىش كېرەك، بۇ مۇسىبەت بەزىدە مال – مۈلكىمىز ۋە يېقىنلىرىمىز بولىشى مۇمكىن: « سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار (سىلەرگە ﷲ تەرىپىدىن) بىر تۈرلۈك سىناقتۇر » ( 15 ).
سۈرە، ھەم « خەيىرلىك قەرز » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان قەرزىي ھەسەنگە، ھەمدە « ئاللاھ يولىدا بىر نەرسە تەمە قىلماستىن ئىقتىساد سەرپ » قىلىش مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئىنفاققا تەشۋىق قىلىش بىلەن ئاخىرلاشقان. بۇ بىر تەڭ بەھرىمان بولۇش چاقىرىق بولۇپ، ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلغانلار، مۇۋاپىق شەكىلدە بۇ دۇنيادىكى ئىمكانلىرىدىن باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇشنى بىلىشى كېرەك.
سۈرە مال – مۈلۈكنىڭ تارقىلىشىنىڭ سىناق ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلغان بىر ئىلاھىي سىرغا كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرۇش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ:
إِنْ تُقْرِضُوا اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا يُضَاعِفْهُ لَكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ وَاللَّهُ شَكُورٌ حَلِيمٌ (17) عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ (18)
« ﷲ قا قەرزىي ھەسەنە بەرسەڭلار (يەنى مەمنۇنىيەت بىلەن سەدىقە بەرسەڭلار) ﷲ سىلەرگە ئۇنىڭ (ساۋابىنى) ھەسسىلەپ بېرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ﷲ شۈكۈر ئېيتىشقا لايىق تەك زاتتۇر، ( ناشۈكۈرلىكنى ) جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ. (ﷲ) غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر » ( 17- 18 ).