سۈرىدە مۇسۇلمان بەنى ئىسرائىلنىڭ قانداق قىلىپ يەھۇدىيلەشكەنلىكىنى تەپسىلاتى بىلەن ۋە تارىخى مىساللىرى بىلەن بايان قىلىنىۋېتىپ، بىردىنلا تېما باشقا بىر مەسىلىگە يۆتكىلىدۇ. 122 – ئايەتتىن باشلاپ ئەسلى تېمىغا قايتىدۇ. لېكىن، 108 – 121 – ئايەتلەر ئارىسىدىكى بۆلەك بىر تېمىدىن چەتنىگەن بىر پاراگراف بولۇپ، بۇ خۇددى يەھۇدىيلار ھەققىدىكى بارلىق بايانلار ئارقىلىق « قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم سەن ئاڭلا » دېگەنلىكتۇر. يەنى، ھەزرىتى مۇسانىڭ يەھۇدىيلەشكەن ئۈممىتى ھەققىدە توختالغاندا، ئەسلى مەقسەت ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتىگە « ئاگاھ بولۇڭلار، يەھۇدىيلەشمەڭلار! » دېيىش ئىدى. يەھۇدىيلار ھەققىدە توختالغان ئىككى بۆلەك ئارىسىغا قىستۇرۇلغان ۋە مۇھاتابى بىۋاستە ھالدا ئۈممەتى مۇھەممەد بولغان ئارا بۆلەكنىڭ تۇنجى ئايىتى تۆۋەندىكىچە:
أَمْ تُرِيدُونَ أَنْ تَسْأَلُوا رَسُولَكُمْ كَمَا سُئِلَ مُوسَى مِنْ قَبْلُ وَمَنْ يَتَبَدَّلِ الْكُفْرَ بِالْإِيمَانِ فَقَدْ ضَلَّ سَوَاءَ السَّبِيلِ
« ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) ئىلگىرى مۇسادىن تەلەپ قىلغان نەرسىلەرنى، سىلەرمۇ پەيغەمبىرىڭلاردىن تەلەپ قىلىۋاتامسىلەر؟ كىمكى ئىمانىنى كۇفرىغا تېگىشسە، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ » ( 108 ).
ئاندىن سۆز يەھۇدىيلار بىلەن خىرىستىيانلار ئارىسىدىكى مۇنازىرىغا كېلىدۇ ( 113 ۋە داۋامى ). بۇ دە – تالاشتا، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ « ھەقىقەت »نىڭ ئورنىغا جامائىتىنى قويغانلىقى ئىما قىلىنىدۇ. ھەقىقەتنى ئىسىملارغا، نەسەپلەرگە، دىن گۇرۇپپىلىرىغا خاس قىلىۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى تۆۋەندىكى ئايەت مۇنداق بايان قىلىدۇ:
وَلَنْ تَرْضَى عَنْكَ الْيَهُودُ وَلَا النَّصَارَى حَتَّى تَتَّبِعَ مِلَّتَهُمْ قُلْ إِنَّ هُدَى اللَّهِ هُوَ الْهُدَى وَلَئِنِ اتَّبَعْتَ أَهْوَاءَهُمْ بَعْدَ الَّذِي جَاءَكَ مِنَ الْعِلْمِ مَا لَكَ مِنَ اللَّهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
سەن يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ دىنىغا كىرمىگىچە ئۇلار سەندىن ھەرگىزمۇ رازى بولمايدۇ.
ئۇلارغا ئېيتقىنكى، « توغرا يول پەقەت اﷲ نىڭ يولىدۇر ».
ساڭا كەلگەن ( مۇتلەق ھەقىقەتنىڭ ) ئىلىمىدىن كېيىن، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، سېنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان ھېچقانداق دوستمۇ بولمايدۇ، مەدەتكارمۇ بولمايدۇ ( 120 ).
بۇ ئايەتتىن كېيىن كەلگەن ئايەت، بىر ئېتىقادقا مەنسۇپ بولغۇچىلار ئىچىدە ياخشىلارنىڭمۇ، ناچارلارنىڭمۇ بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى بايان قىلىدۇ. قۇرئان ھەممىنى قارا – قويۇق بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان ۋە ئومۇمىيلاشتۇرىۋالىدىغان بىر تىل ئۇسلۇبىنى رەت قىلىدۇ. قۇرئان ھەممىنى بىراقلا سۈپۈرۈپ تاشلىۋەتمەيدۇ ياكى ھەممىدىن بىراقلا سۈپۈرۈپ ئالمايدۇ. دائىم تاسقاپ تاللايدىغان ۋە ئاق – قارىنى پەرق ئېتىپ ئايرىيدىغان بىر ئەقىل بەرپا قىلىدۇ. بۇ ئايەتمۇ دەل بۇلاردىن بىرسى. 122 – ئايەت بىلەن سۆز ئەسلىدىكى تېمىغا، يەنى بەنى ئىسرائىل ھەققىدىكى بايانلارغا قايتىدۇ. لېكىن ئارقىدىنلا ھەزرىتى ئىبراھىم بىلەن داۋاملىشىدۇ. چۈنكى يەھۇدىيلارمۇ، مۇشرىكلارمۇ ھەزرىتى ئىبراھىمنى سۈيئىستىمال قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېتىقاد نوقتىسىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىپ، ئۆزىنى ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ دىنىغا نىسبەت قىلىۋاتقانىدى. قۇرئان دەل بۇ نوقتىدا يەھۇدىيلارنى جان يېرىدىن تۇتۇپ، قىبلىنىڭ قۇددۇستىن كەبىگە ئۆزگەرتىلىشىنى ئىما قىلىپ، كەبىنى ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ قايتىدىن بىنا قىلىشىنى بايان قىلىدۇ ( 125 – 129 ). ئاندىن ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ۋە ھەزرىتى ياقۇبنىڭ نەسلىدىن تەۋھىدكە سادىق بولىدىغانلىقلىرى ھەققىدە ۋەدە ئالغانلىقى بايان قىلىنىدۇ ( 132 – 133 ). ئەجدادى بىلەن ماختانغانلارغا سەمىمىي بىر ئەسكەرتىش سۈپىتىدە قۇرئان مۇنداق دەيدۇ:
تِلْكَ أُمَّةٌ قَدْ خَلَتْ لَهَا مَا كَسَبَتْ وَلَكُمْ مَا كَسَبْتُمْ وَلَا تُسْأَلُونَ عَمَّا كَانُوا يَعْمَلُونَ
« ئۇلار ئۆتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر. سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا سىلەر جاۋابكار ئەمەس » ( 134 ).
ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن بۆلەكلەردە، يەھۇدىيلارنىڭ بىھۇدە ۋە ھەقسىز تەكەببۇرلىقى ۋە كىبىرلىرى تىلغا ئېلىنىدۇ ( 135 – 141 ). ئاندىن قىبلىنىڭ قۇددۇستىن كەبىگە ئۆزگەرتىلىشى بايان قىلىنىپ ( 142 ۋە داۋامى )، ھەر ئۈممەتنىڭ بىر قىبلىسى بولغانلىقى ئەسكەرتىلىدۇ ( 148 ). بەدەننىڭ قايسى تەرەپكە يۈزلەنگەنلىكى مۇھىم ئەمەس ( 177 ). مۇھىم بولغان نەرسە، قەلبنىڭ ئاللاھ قا يۈزلىنىپ – يۈزلەنمىگەنلىكى ( 149 – 152 ) بولۇپ، بۇ بۆلەكتە ھەقىقى ياخشى ئەمەلنىڭ ئېنىقلىمىسى مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:
لَيْسَ الْبِرَّ أَنْ تُوَلُّوا وُجُوهَكُمْ قِبَلَ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ وَلَكِنَّ الْبِرَّ مَنْ آَمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآَخِرِ وَالْمَلَائِكَةِ وَالْكِتَابِ وَالنَّبِيِّينَ وَآَتَى الْمَالَ عَلَى حُبِّهِ ذَوِي الْقُرْبَى وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينَ وَابْنَ السَّبِيلِ وَالسَّائِلِينَ وَفِي الرِّقَابِ وَأَقَامَ الصَّلَاةَ وَآَتَى الزَّكَاةَ وَالْمُوفُونَ بِعَهْدِهِمْ إِذَا عَاهَدُوا وَالصَّابِرِينَ فِي الْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ وَحِينَ الْبَأْسِ أُولَئِكَ الَّذِينَ صَدَقُوا وَأُولَئِكَ هُمُ الْمُتَّقُونَ
« سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى اﷲ قا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى اﷲ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، اﷲ نى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش ـ ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە (يەنى پۇل ـ مېلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا)، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل ـ مال ياردەم بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە ھەر خىل قېيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) (ئىمانىدا) راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر » ( 177 ).
ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن ئاللاھ يولىدا جان بەرگۈچىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن، سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىش مەسىلىسىنىڭ ئۆزىدە ئىخلاس ۋە سەمىمىيەتنىڭ بولىشى كېرەكلىكى تەكىتلىنىدۇ ( 154 – 158 ). ئىخلاسنىڭ ئاساسىي پەقەت بىر بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ تەۋھىدتۇر ( 159 – 167 ). يېمەك – ئىچىمەكنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ھالالىقى ھەققىدە توختىلىپ، ئەسىلدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىنىڭ مۇباھلىق ئىكەنلىكىنى ئىما قىلىدۇ ( 168 – 173 ).
سۆز يەنە يەھۇدىيلەشكەن بەنى ئىسرائىلغا قايتىدۇ ( 174 ۋە داۋامى ). بۇ ئارقىلىق مۇھەممەد ئۈممىتى ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ ( 178 – 182 ). بۇ بۆلەكتە جىنايەتنىڭ جازاسى ۋە مىراس ھەققىدە توختىلىدۇ. قارىماققا بۇ تېمىنىڭ بەنى ئىسرائىل بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن بۇ مەسىلىنى بەنى ئىسرائىلنىڭ يەھۇدىيلىشىش مەسىلىسى ئىچىدە تىلغا ئالىدۇ. مەسىلەن، قەستەنلىك بىلەن سادىر قىلغان جىنايەتلەردە قىساس ئېلىشقا بۇيرىغان ئايەتلەر، مۇئمىنلەرنىڭ بەنى ئىسرائىلنىڭ يەھۇدىيلىشىش ئالامەتلىرىدىن بىرى بولغان « كىشىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىغا قاراپ جازا » بېرىشتىن ئىبارەت ئازغۇنلىقىغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن بايان قىلىنغان.
روزا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ يەھۇدىيلارنى بايان قىلغان بۆلەكلەر ئارىسىدا كېلىشى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ بۆلەك مۇنداق باشلىنىدۇ:
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
« ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى بىلگۈچىلەردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى » ( 183 ).
بۇ ئارقىلىق، ئى مۇھەممەد ئۈممىتى! يەھۇدىيلەشكەن بەنى ئىسرائىلنىڭ خاتالىقلىرىغا قارشى چىقىڭلار. بۇنى، ئىنسانىيەت بىلەن تەڭتۇش بولغان ئىسلامنىڭ ھەقىقەتلىرىگە ئىگە بولغان ھالدا ئادا قىلىڭلار. ئۇ ھەقىقەتلەردىن بىرسى روزىدۇر، دېمەكتە. روزا ئىنسانىيەت بىلەن تەڭ دىمەتلىك بولغان ئىسلامنىڭ بارلىق زامان ۋە ماكانلاردا ئادا قىلىنىپ كېلىنگەن ئىبادەتلىرىدىن بىرسى.
ئاندىن ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە دائىر ئايەتلەر بايان قىلىنىدۇ ( 190 ۋە داۋامى، 261 ۋە داۋامى ). ئۇرۇش بولمايدىغان بىر دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلىش ساددىلىق بولىدۇ. چۈنكى بۇنداق بىر دۇنيا جەننەت بولىدۇ. ھاياتنى كۈلپەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ يولىدىن بىرسى، جەننەتنى بۇ دۇنيادا بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنۇشتۇر. ئۇرۇش ھاياتنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، مۇۋاپىق بولغان نەرسە، ئۇرۇش ئەخلاقى ۋە بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشتۇر. قۇرئاندا مەزكۇر ئايەتلەر مۇھاتابىدا بۇ ئاڭنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
بەقەرە سۈرىسىدە تەپسىلى بايان قىلىنغان ئىبادەتلەردىن بىرسى ھەج ئىبادىتى بولۇپ، بۇ سۈرىدە ھەج ئۇرۇش دائىرىسى ئىچىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. چۈنكى ھەج ئايلىرى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار بولۇپ، بۇ بەلگىلىمىگە رىئايە قىلمىغاندا، ئىبادەت قىلىش ھەققىنى دەپسەندە قىلغانلىق بولىدۇ.
219 – 242 – ئايەتلەر ئارىسدىكى بۆلەكتە ھاراقنىڭ زىيىنى، ئىنفاقنىڭ پايدىسى، يېتىملارغا ئىگە چىقىش، ئاياللارنىڭ ھەيىز ھاللىرى، ئاللاھ نامىدىن قىلىنغان قەسەم ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان تالاققا مۇناسىۋەتلىك مەسلىلەر تىلغا ئېلىنىدۇ.
ئاللاھ نامىدىن قىلىنغان قەسەملەر مۇناسىۋەتلىك ئايەتتە، ۋەھىي ئىنساننى « ئاللاھ نى شاھىت قىلىپ قىلغان ھەر ئىشقا، ئاللاھ نىڭ ھەقىقەتەن شاھىت بولغانلىقىنى ئۇنتۇما! » دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ:
« مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن اﷲ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ، دىلىڭلارنىڭ تۇتقان مۇئامىلىسى ئۈچۈن اﷲ سىلەرنى جاۋاپكارلىققا تارتىدۇ. اﷲ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر ( يەنى بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ، بەندىسىگە پۇرسەت بەرگۈچىدۇر ) » ( 225 ).
243 – ئايەتتە سۆز يەنە بەنى ئىسرائىلغا قايتىدۇ. تالۇت ۋە جالۇت قىسسىسى ( 246 – 252 ) ئىبرەتلىك بىر قىسسەدۇر. بۇ قىسسە ئارقىلىق مۇئمىنلەرگە تەكرارلىنىدىغان تارىخنى قانداق مۇلاھىزە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ قوماندانلىقىدىكى مۇسۇلمانلار قوشۇنى تالۇتنىڭ قوشۇنىغا، مۇشرىكلارنىڭ قوشۇنى جالۇتنىڭ قوشۇنىغا ئوخشىتىلغان. مانا بۇ نوقتىدا سۈرىدە ئايىتەل كۇرسى كېلىدۇ. ئايىتەل كۇرسى ئاللاھ نى تونۇشتۇرغان ئايەتتۇر.
بەنى ئىسرائىلنىڭ يەھۇدىيلىشىش جەريانىنى بايان قىلغان بىر سۈرىنىڭ مەركىزىدە نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىر ئايەت كەلگەن؟
ئەلجاۋاپ: ھەر تۈرلۈك ئازغۇنلۇقنىڭ تەكتىدە، تەسەۋۋۇردىكى ئاللاھ چۈشەنچىسىنىڭ توغرا بولمىغانلىقى ياتىدۇ. بۇ ئايەت بايان قىلغان ھەقىقەت « ئۇخلاپ قالمايدىغان ۋە ئۇنتۇپ قالمايدىغان » بىر ئاللاھ ئېتىقادىغا ئىنساننى دەۋەت قىلىشتۇر. بۇ ئايەت ئالدى بىلەن ئاللاھ نى ئۇخلاتماقچى ۋە ئۇنتۇغۇزماقچى بولغان تەسەۋۋۇردىكىلەرنى ( ئاللاھ نى بۇ نوقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز )، توغرا بولغان ئاللاھ تەسەۋۋۇرىغا دەۋەت قىلىدۇ. مانا بۇ ئايەت تۆۋەندىكىچە:
اللَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ لَا تَأْخُذُهُ سِنَةٌ وَلَا نَوْمٌ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ مَنْ ذَا الَّذِي يَشْفَعُ عِنْدَهُ إِلَّا بِإِذْنِهِ يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلَا يُحِيطُونَ بِشَيْءٍ مِنْ عِلْمِهِ إِلَّا بِمَا شَاءَ وَسِعَ كُرْسِيُّهُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَلَا يَئُودُهُ حِفْظُهُمَا وَهُوَ الْعَلِيُّ الْعَظِيمُ
« بىر اﷲ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ اﷲ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ؛
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە اﷲ نىڭ (مۈلكى) دۇر؛ اﷲ نىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ اﷲ نىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؟
اﷲ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار اﷲ نىڭ مەلۇماتىدىن (اﷲ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، اﷲ نىڭ كۇرسى (مەلۇماتى) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان ـ زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر » ( 255 ).
ئايىتەل كۇرسىدىن كېيىنلا كەلگەن ئايەتمۇ، مەزكۇر ئايەتنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىنى تولۇقلىماقتا ۋە ئاللاھ نىڭ ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بولغان ھۆرمىتىنى بايان قىلماقتا. بۇ ئايەتنىڭ خۇلاسىسى « ئىمان ئىنساننىڭ ھۆر ئىرادىسىنى ئاساس قىلىدۇ »:
لَا إِكْرَاهَ فِي الدِّينِ قَدْ تَبَيَّنَ الرُّشْدُ مِنَ الْغَيِّ فَمَنْ يَكْفُرْ بِالطَّاغُوتِ وَيُؤْمِنْ بِاللَّهِ فَقَدِ اسْتَمْسَكَ بِالْعُرْوَةِ الْوُثْقَى لَا انْفِصَامَ لَهَا وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
« دىندا زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى، كىمكى تاغۇت (يەنى اﷲ تىن باشقا بارچە مەبۇد) نى ئىنكار قىلىپ، اﷲ قا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ، اﷲ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر » ( 256 ).
ئايىتەل كۇرسىدىن كېيىن بايان قىلىنغان تېمىلارنىڭ كۆرۈنگەن يۈزى نېمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ تېمىلار توغرا بولغان بىر ئەقىدىنىڭ تىكلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بولۇپمۇ ئىگە بولغان ھەر تۈرلۈك ئىقتىسادىي ئىمكانلارنى يوقسۇللار بىلەن بىرگە بەھرىمان بولۇش مەسىلىسى، 261 – ئايەتتىن تارتىپ 283 – ئايەتكىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ ئايەتلەردە ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تەكتىدە، ئىنساننىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياتماقتا. سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئۈچ ئايىتى، 283 ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ھەر نەرسىنىڭ مەقسىتىنىڭ، ئىنساننىڭ ئەبەدىي سائادىتى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. سۈرىنىڭ دۇئا بىلەن ئاخىرلىشىشى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بولۇپمۇ بۇ دۇئانىڭ ئىچىدە « بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش، بىزگە ئېغىر يۈك يۈكلىمىگىن » دۇئاسى، بىۋاستە بەنى ئىسرائىلغا قىلىنغان ئىما بولسا كېرەك.
لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَإِنْ تُبْدُوا مَا فِي أَنْفُسِكُمْ أَوْ تُخْفُوهُ يُحَاسِبْكُمْ بِهِ اللَّهُ فَيَغْفِرُ لِمَنْ يَشَاءُ وَيُعَذِّبُ مَنْ يَشَاءُ وَاللَّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ (284) آَمَنَ الرَّسُولُ بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْهِ مِنْ رَبِّهِ وَالْمُؤْمِنُونَ كُلٌّ آَمَنَ بِاللَّهِ وَمَلَائِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِنْ رُسُلِهِ وَقَالُوا سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا غُفْرَانَكَ رَبَّنَا وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ (285) لَا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا لَهَا مَا كَسَبَتْ وَعَلَيْهَا مَا اكْتَسَبَتْ رَبَّنَا لَا تُؤَاخِذْنَا إِنْ نَسِينَا أَوْ أَخْطَأْنَا رَبَّنَا وَلَا تَحْمِلْ عَلَيْنَا إِصْرًا كَمَا حَمَلْتَهُ عَلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِنَا رَبَّنَا وَلَا تُحَمِّلْنَا مَا لَا طَاقَةَ لَنَا بِهِ وَاعْفُ عَنَّا وَاغْفِرْ لَنَا وَارْحَمْنَا أَنْتَ مَوْلَانَا فَانْصُرْنَا عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ (286)
ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى شەيئىلەر ( ئىگىدارچىلىق قىلىش جەھەتتىن بولسۇن، تەسەررۇپ قىلىش جەھەتتىن بولسۇن ) اﷲ نىڭ ئىلكىدىدۇر. دىلىڭلاردىكى (يامانلىقنى) مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار، مەيلى يوشۇرۇڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن اﷲ سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ، اﷲ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. اﷲ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.
پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابغا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى اﷲ قا ۋە اﷲ نىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. (ئۇلار) « اﷲ نىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىگە ئىمان ئېيتماي قالمايمىز). بىز (دەۋىتىڭنى) ئاڭلىدۇق ۋە (ئەمرىڭگە) ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر يانىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر » دەيدۇ.
اﷲ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقى (نىڭ ساۋابى) ئۆزىگىدۇر، يامانلىقى (نىڭ جازاسى) مۇ ئۆزىگىدۇر.
(ئۇلار) «پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنتۇساق ياكى خاتالاشساق (يەنى بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىك سەۋەبىدىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش، بىزگە ئېغىر يۈك يۈكلىمىگىن (يەنى بىزنى قىيىن ئىشلارغا تەكلىپ قىلمىغىن)، پەرۋەردىگارىمىز! كۈچىمىز يەتمەيدىغان نەرسىنى بىزگە ئارتمىغىن، بىزنى كەچۈرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دەيدۇ ( 284 – 286 ).