2.3.  مىلەل – نىھال ئەدەبىياتىنىڭ ئاجىزلىقى توغرىسىدا

 

( ئىزاھات: مىلەل – دىن مەنىسىدىكى مىللەت كەلىمىسىنىڭ كۆپلۈك شەكلى. نىھەل – مەزھەپ مەنىسىدىكى نىھلە كەلىمىسىنىڭ كۆپلىك شەكلى. ئادەتتە دىن ۋە مەزھەبلەر تارىخى ئەسەرلىرى مىلەل – نىھال ئاتالغۇسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. تەھرىردىن )

شۇنى كېسىپ ئېيتالايمىزكى، مۇخالىپ ئېقىمىدىكى بارلىق شەخىس، پىكىر ۋە ئەسەرلەرگە قارىتىلغان يوقۇتۇش مۇئامىلىسىنىڭ تەسىرىگە « قەدەر رىسالىسى »مۇ ئۇچرىغان بولۇپ، قەستەن ئېغىز ئاچتۇرماسىلىققا مەھكۇم قىلىنىپ، پىنھانغا تەرك ئېتىلگەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي بۇ ئۇرۇنۇشلار مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىگەن. ئۇتۇققا ئىگە بولالمىغاندىن كېيىن، رىسالە ھەققىدە شۈبھە پەيدا قىلىش مېتودىنى ئىشقا سېلىشقا باشلىغان.

رىسالىنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىگە دائىر ئېتىرازلارنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نوقتىغا يېقىنچاقلاشقا بولىدۇ:

1.« سەنەدى يوق ئېتىرازى». بۇ ئېتىرازنىڭ پۇت تېرەپ تۇرغۇچىلىكى يوق. ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەسنىڭ « ئىسناد ( كىمگە تەۋە ئىكەنلىكى ) زۇھرى بىلەن باشلىغان » دېگەن تارىخى ئىپادىسى، بۇ ئېتىرازنى بىكار قىلىۋېتىش كۇپايە قىلىدۇ ( ئىبنى ئەبى ھاتىم، ئەلجەرھە ۋەتتەئدىل 4، 74 ) ( ئىبنى شىرىن (ۋاپات، 110) مۇنداق دېگەن: « دەسلەپكى زامانلاردا ئىسناد سورايدىغانلار يوقتى. قاچانكى فىتنە چىقىشقا باشلىدى، بىزدىن » بىز رىۋايەت قىلغان كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بەرگىن » دەپ سوراشقا باشلىدى » ( ئىبنى ھەنبەل، ك،ئىلەل 114). شۇنىڭدەك سۇفىيان ئەسسەۋرى (ۋاپات،161) راۋىلەر يالغان ئېيتقان ۋاقىتتا بىز دەرھال ئۇلارغا تارىخنى ئەسلىتەتتۇق »دەيدۇ ( ئەلباغدادى ئەلكافىيە،119 ) ). رىسالىسىنىڭ قەلەمگە ئېلىنىش تارىخى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ھىجرى 80 – يىللىرىنىڭ بېشىغا توغرا كېلىدۇ. ئىبنى شىھاب ئەززۇھرى (50؟ – 124) دىن بۇرۇن سەنەد (ئىسناد) نىڭ تېخى ئوتتۇرغا چىقمىغانلىقى تارىخى بىر رىئاللىق. ئەنە شۇنداق تۇرۇغلۇق، رىسالىنى ھەدىس ئىلمى بۇيىچە سەنەد مىزانىغا سېلىش ئىنساپقا سىغمايدۇ. بۇ رىسالىنىڭ ھەدىسلەر توپلىنىشتىن تەخمىنەن ئىككى نەسىل بۇرۇن يېزىلغانلىقى ئەسكە ئېلىنسا، بۇنداق تەلەپتىكىلەرگە قارىتا « قايسى ھەدىس ئىلمى؟ قايسى ئۆلچەم؟ » دەپ سوراشقا توغرا كېلىدۇ.

  1.  مەزھەپ تەرەببازلىقى نوقتىسىدىن ئېتىرازلار. بۇلارنىڭ ئەڭ ئالدىدا شەھرىستانى ۋە باغدادى قاتارلىق « مىلەل – نىھەل » ۋە « فىراق » قەلەمكەشلىرى كەلمەكتە. يەنە كېلىپ شەھرىستانى رىسالىنىڭ ئىشەنچىلىكلىگىگە قارىتا بىرنەرسە دېگىنى يوق، پەقەت رىسالىنىڭ ھەسەن ئەلبەسرىگە ئائىت ئەمەس، بەلكى شاگرىتى ۋاسىل بىننى ئاتانىڭ ئەسىرى ئىكەنلىگىنى ئىلگىرى سۈرگەن، خالاس. بۇنىڭ مەزھەپ تەرەببازلىقى بىلەن مەيدانغا چىققان، ئىلمىيلىكتىن زىيادە ھېسسى ۋە بىر تەرەپلىمە ئېتىراز ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرۇپتۇ.

ئاللاھ تەقسىراتى ( گۇناھلىرى )نى ئەپۇ قىلغاي، شەھرىستانمۇ « ئەلمىلەل » ناملىق ئەسىرىدە، ماھىيەتتە ماتېرىيالىزىمچى بىر تەبىئەتشۇناس پەيلاسۇپ مىلەتلى دالەس ( Miletli  Thales  (نى « مۇۋەھھىت »(تەۋھىدچى) ۋە « نۇبۇۋۋەت مەيدانىدا تۇرغان » دەپ كۆككە كۆتۈرگەن (2.142vd). بىراق مۇخالىپى بولغان مۇتەزىلىنى تەكفىر ( « كافىر » دەپ ھۆكۈم قىلىشتىن ) تەپ تارتمىغان. م. ئۇمارامۇ تىلغا ئالغاندەك، شەھرىستاننىڭ مۇتەزىلىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا پايدىلانغان مەنبە، ئىسلامنىڭ بارلىق مۇقەددەسلىرىگە دۈشمەن بولغان ۋە رەددىيە بىلەن تولغان ئىبنى راۋەندىنىڭ « فازىلەتۇل مۇتەزىلە » ناملىق ئەسىرىدۇر.

ئىبنى راۋەندى ئىلگىرى مۇتەزىلە مەزھىبىدىكى بىر مۇسۇلمان بولۇپ، كېيىنچە ھەم مۇتەزىلىدىن، ھەمدە ئسلامدىن ئايرىلىپ مۇرتەد بولغاندىن كېيىن « مۇتەزىلە » ئېقىمىغا قارشى ئېغىر بوھتانلارنى توقۇپ رەددىيە يازغان. يەنە ئۇنىڭ ئىسلامغا قىلغان ئېغىر تۆھمەتلىرىگە قارشى « ئەل – ئىنتىسار » ناملىق ئەسەر بىلەن رەددىيە يازغان كىشى، بىر مۇتەزىلە بولغان ئەل ھاييات ئىدى ( « كىتابۇل ئىنتىسار ۋەر رەد ئەلە ئىبنىر راۋەندى ئەل مۇلھىد »، ئەبۇل ھۇسەيىن ئابدۇرراھمان ب. مۇھەممەد ب. ئوسمان، ئەل ھاييات ئەل مۇتەزىلى، دارۇل قابىس، بەيرۇت، 1986 ). بۇ نوقتىدا ھايياتنىڭ ئەڭ مەشھۇر كىتاپلىرىدىن بىرىنىڭ « مىڭ مەسىلىدە مانىھېزم ( مانى دىن )گە رەددىيە » ناملىق كىتابى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. ھاييات ئىسلامغا دۈشمەن بولغان ئىبن راۋەندىگە رەددىيە يازغان. ئەمما شەھرىستانىمىزنىڭ ئىبن راۋەندىنىڭ مۇتەزىلەگە قارشى ئېيتقانلىرىنى زوق بىلەن نەقىل قىلىپ ئىشلىتىشىگە نېمە دېسەك بولار؟ بۇ ئۆزىگە مۇخالىپ ئېقىمغا رەددىيە قايتۇرۇشتىكى بىر ئۇسلۇب، ئەمما ئۇنىڭ قانچىلىك دىققەتكە ئەرزىيدىغانلىقى ھەممىگە شايان.

شۈبھىسىزكى، مىلەل – نىھال ئەدەبىياتى، ئىسلام ۋەسىقە تارىخىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇردى. بۈگۈن بىز پايدىلىنىۋاتقان مەلۇماتلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى بۇ ئەدەبىياتتىن ئالىمىز، ئۇنىڭغا مىننەتتارمىز. بۇنى ئالقىشلاش بىلەن بىرگە، بۇ ئەدەبىياتنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشمۇ ئىلىمى بۇرچىمىز. بۇ نوقتىدا ئىسلام مەزھەبلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالىملىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىغاندا خاتالىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن، كلاسىك مىلەل – نىھال ئەدەبىياتى ھەققىدە شۇ ئىزاھاتلارنى بېرىپ ئۆتۈش زۆرۈر:

1) مىلەل – نىھال ئەدەبىياتىدا « تەرەپبازلىق مەسىلىسى »نىڭ ئۇمۇرتقىغا ئايلىنىپ كەتكەن بىر مەسىلە ئىكەنلىكى قوبۇل قىلىنىشى لازىم. تەرەپبازلىق « ئادالەت ۋە يانباسماسلىق » نوقتىسىدا مەسىىلە كەلتۈرۈپ چىقارغان.

2) بىر كىشىنى مۇخالىپىنىڭ تىلىدىن تونۇش، ئۇ كىشنى تونۇشقا تىرىشمىغانلىقتۇر. مۇخالىپ مەزھەپ ۋە سۈلۈك مەنسۇپلىرى توغرىسىدا ئېيتىلغانلارغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئاساسىي پىرىنسىپ بولۇشى كېرەك.

3) ئەنئەنىۋى مىلەل – نىھال ئەدەبىياتى، ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا « تونۇش » توغرىسىدا ئەمەس، « باھا بېرىش » چۈشەنچىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن. بۇ تونۇشتۇرۇلغان كىشى، گۇرۇپپا ۋە مەزھىپىنى رەقىبىنىڭ تىلىدىن ئاڭلىغانلىق بىلەن باراۋەر. « مىلەل – نىھال »دە كىشىلەرنىڭ كىمنىڭ تىلى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلگەنلىكى ئىنتايىن مۇھىم.

4) مىلەل – نىھەل ئەدەبىياتى كۆپىنچە ئەھۋالدا، رەقىپ دەپ قارىغان ۋە قارمۇ – قارشى قۇتۇپتىكى مەزھەپلەرنى ئۆز ئىسىملىرى بىلەن ئەمەس، ئۆز ئارا بىر – بىرىگە چاپىلغان لەقەم ۋە مەپكۇرىلار بىلەن ئاتاشنى ئادەت قىلىۋالغان، بۇ ئادىل ئىش ئەمەس.

5) مۇخالىپ كىشى ۋەياكى كىشىلەر، مىلەل – نىھەل قەلەمكەشلىرى كەيگۈزگەن قالپاقلار بىلەن تارىختىن سېقىپ چىقىرىلىپ « لەنەتتەككۈرلەر » گۇرۇپپىسىغا قېتىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ قالپاق ئۇنىڭغا چاپلىشىپ قالغان بولۇپ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ كىشى ياكى گۇرۇپپا تارىخ سەھىپىسىدىن مەزكۇر قالپاق بىلەن ئورۇن ئالغان. ئەگەر بۇ ئۇسۇل مۇۋەپىقيەتلىك بولماي قالغان، مەزكۇر كالام ئېقىمى ئۇنى بىر ئامال قىلىپ سېپىگە قېتىۋېلىشنى قارار قىلغان بولسا، بۇ چاغدا يا « بۇرۇنقى كۆز قارشى ئىدى » ياكى « كۆز قارشىدىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يېنىۋالغان » دېگەن تەشۋىق ئۇسلۇبىنى ئىشقا سالغان، ياكى بولمىسا پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىۋېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ « ئۇ ئەسلىدە ئۇنداق ئەمەس ئىدى، بۇرۇندىن تارتىپ مۇنداق ئىدى» دېگەن مېخانىزىملار ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈلگەن. ھەتتا بۇ سەۋەپتىن تېكىستلەر توقۇپ چىقىلىپ، سەھىھ تېكىستلەرنىڭ ئىچىگە ئۇستىلىق بىلەن ساختا تېكىستلەرنى قىستۇرۇش ئارقىلىق، ئاخىرىدا بىر « پولاتتەك ئىسپات »قا ئېرىشكەن. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئەسەرلىرىگە قىلىنغان قىلمىشلار بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

6) رەقىپلىرىنىڭ تارىخنى يېزىشقا ھەۋەسخور مىلەل- نىھەل قەلەمكەشلىرىنىڭ يەنە بىر ئۇسلۇبى، رەقىپ پىكىر ۋە مەزھەپلەر توغرىسىدا سۆز – چۆچەكلەر بىلەن شۈبھە پەيدا قىلىشتۇر. ھەتتا بەزى كىشىلەر ھەققىدە بىر –بىرىگە زىت بايانلارنى نەقىل قىلىدۇ. ئەنە ھەسەن ئەلبەسرىنى ئىبن قۇتەيبە، بىرئاز خىجالەت ئىچىدە قەدەرىيە مەزھىبىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى كىشى دەپ تەرىپلىگەن. بىراق شەھرىستانى ۋە باغدادىغا كەلگەندە بۇ قاراش تامامەن ئەكسىچە بولغان. تېخى تۈنۈگۈن بىر – بىرىنى يىگۇدەك بولغان كىشىلەر بۈگۈن ئاپاق – چاپاق دوسىت دەپ تەرىپلەنگەن. مەسىلەن، مۇقاتىل بىننى سۇلايمان، زاماندىشى بولغان بىر ئالىمنىڭ تىلىدا  « لەنەتتەككۈر »، شافىنىڭ بايانىدا « تەفسىر پىشىۋاسى »، كالامچى جۇرجانىنىڭ تىلىدا ( زەھەبى: مىزان ) « جەسۇر بىر دەججال » دەپ تەرىپلەنگەن.

7) خۇسۇسەن شەھرىستانى، مەزھىبىگە زىت دەپ قارىغان بىر ئالىمنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بىر قانداق قىلىپ ئىسلام سىرتىدىن دەلىل ئويدۇرۇپ چىقىرىش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىشكە ھېرىسمەن ئىدى. ئامىر بىننى ئۇبەيدۇللاھتىن تارتىپ ئەللافىغىچە، نەززامىدىن تارتىپ جۇببەيىگە قەدەر بىر تۈركۈم مۇخالىپ مەزھەپ مەنسۇبى ئالىملارغا قارىتا بۇ ئۇسلۇبنى ئىشلەتكەن. شەھرىستانى يەنە بەزىدە، زالىم ھۆكۈمران تەرىپىدىن ۋەھشىلەرچە قەتىل قىلىنغان جاد بىننى دىرھەمگە قىلىنغاننىڭ ئوخشىشىنى، يەنى رەقىبنىڭ « مەخپىي ھالدا باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى » ئىلگىرى سۈرەلىگۈدەك دەرىجىدە خۇسۇمەتكار ئىدى.

ئىمام ئەلبەسرىنىڭ، قەدەر رىسالىسىدە بەندىنىڭ ئەخلاقى ۋەزىپىسى ۋە ھۆر ئىرادىسنى تەكىتلىگەندە ئىشلەتكەن بىردىنبىر مەنبەسى ۋەھىيدۇر. ئۇنىڭ ئەقلىنىڭ ئارقا پىلانىدا ناس ( ئوچۇق ئايەت )كە دېگۈزمەكچى بولغان ئىدىئولوگىيلىك بىر تەرەپلىمە قاراشلىرى يوق ئىدى. بۇ سەۋەپتىن رىسالىدە، ھۆر ئىرادە بىلەن بىرگە، ئاللاھ نىڭ تەقدىرىنىمۇ تەكىتلەيدۇ. بۇ نوقتىدا بىرەر زىتلىق كۆرمەيدۇ. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۆلچەم ۋەھىي بولۇپ، قۇرئان نېمە دېگەن بولسا « ئامەننا ». ئۇنىڭ تەقدىر – پىشانىنى تەھلىل قىلىش ئۇسلۇبى، ئىنسان مەركەزلىك بولماستىن، ئاللاھ مەركەزلىكتۇر. ئۇ ئەخلاقى مەسئۇلىيەتنى تەكىتلەش ئارقىلىق، بەشەر ئىنساننى ئەمەس، بەندە ئىنساننى تەكىتلىگەن. ئۆزى ئىشەنگەن ھەققانىيەتنى تەكىتلىگەندە، قۇرۇپ چىققان ياكى قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىغان بىرەر مەزھەپكە ئورۇن ھازىرلاشتەك ئارزۇ – ئارماننىمۇ كۆڭلىگە پۈكمىگەن. سۆزلىرى ھاياتىنىڭ گۇۋاھچىسىدۇر.

يۇقىرىدىكىلەرنىمۇ بىر ياققا قويۇپ تۇرايلى، رىسالىنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ پاكىتى، ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ھاياتىدۇر. ياشىغان ھايات مۇساپىسى ئىنساننىڭ ئەينىكىدۇر. ھايات تەستىقلىغاننى، بەزىلەر قەلەم ئارقىلىق يالغانغا چىقىرىشقا تەمشەلگەن بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ ئەيپىدۇر.