زۇمەر سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە 71 – 73 – ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان زۇمەر ( زۇمرەلەر / گۇرۇپپىلار ) كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان.

ھەزرىتى ئائىشەدىن نەقىل قىلىنغان بىر رىۋايەتكە ئاساسەن، سۈرىنىڭ تۇنجى نەسىل دەۋرىدىلا بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغانلىقىنى ئېيتالايمىز ( تىرمىزى، تەپسىر، 3234 ).

فىرۇزئابادى، سۈرىنىڭ ئىككىنجى بىر ئىسمى بارلىقى ھەققىدە توختالغان. يەنى، غۇراف سۈرىسى. غۇراف، « ئۆي » مەنىسىدىكى « غۇرفە »نىڭ كۆپلىك شەكلى. بۇ ئىسىم سۈرىنىڭ 20 – ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان « ئاستىدىن دەريالار ئېقىپ تۇرغان، قەۋەت – قەۋەت ھالدا بىنا قىلىنغان جەننەت سارايلىرى ( غۇراف ) » ئىبارىسىدىن ئېلىنغان. تابىئىنلاردىن ۋەھب ب. مۇنەببىھ، « كىم ئاللاھ نىڭ مەخلۇقلىرى ھەققىدىكى ھۆكۈملىرىنى بىلمەكچى بولسا، غۇراف سۈرىسىنى ئوقۇسۇن » دېگەن ( بەسائىر ).

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى بەزى رىۋايەتلەرنىڭ دەلىلى يوق. بۇ رىۋايەتلەر ئەنئام سۈرىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۆلچەملەرگە ماس كەلمەيدۇ.

« ئاللاھ نىڭ يېرى كەڭرىدۇر » ( 10 ) ئىپادىسى، ئىجرەتنى ئىما قىلماقتا. سۈرىنىڭ ئۇزۇن ئايەتلەردىن تەشكىل قىلىنىش ئۇسلۇبى، ئۇنىڭ ھەبەش ھىجرىتىدىن زىيادە مەدىنە ھىجرىتىنى كۆرسەتمەكتە. تۇنجى تەرتىپلەرنىڭ ھەممىسىدە سەبەئ – مۇئمىن سۈرىلىرى ئارىسىغا تىزىلغان بولۇپ، بۇ سۈرىنىڭ قۇرەيش بويقۇتىدىن كېيىن نازىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سۈرىنى پەيغەمبەرلىكنىڭ 11 – يىلىدا نازىل بولغان سۈرىلەر قاتارىغا تىزىشقا بولىدۇ.

سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئاساسىي تۈرىكى بولغان تەۋھىد بولۇپ، تەۋھىد ۋە شېرىك ھەققىدە توختالغان.

سۈرە ۋەھىينىڭ مەنبەسى تەكىتلەنگەن ھالدا باشلانغان. ئاللاھ نىڭ، ئىمان بىلەن كۇپۇر، تەۋھىد بىلەن شېرىكنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولىشىغا يول قويىشىنىڭ ھېكمىتى نېمە؟ دېگەن سوئالغا بۇ سۈرە جاۋاپ بەرمەكتە. بۇ جاۋاپنى بەرگەندە، پەلسەپىنىڭ ئەڭ قەدىمقى تېمىلىرىدىن بىرى بولغان « ياخشى ۋە ياماننىڭ تەبىئىتى »گە قارىتا، « ھېكمەت » مەركەزلىك بىر مۇلاھىزە ئۇسلۇبىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. تۆۋەندىكى بالاغەت بىلەن تولغان ئايەت بۇ ھەقتە كەڭ دائىرىلىك مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان:

خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ يُكَوِّرُ اللَّيْلَ عَلَى النَّهَارِ وَيُكَوِّرُ النَّهَارَ عَلَى اللَّيْلِ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُسَمًّى أَلَا هُوَ الْعَزِيزُ الْغَفَّارُ (5) خَلَقَكُمْ مِنْ نَفْسٍ وَاحِدَةٍ ثُمَّ جَعَلَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَأَنْزَلَ لَكُمْ مِنَ الْأَنْعَامِ ثَمَانِيَةَ أَزْوَاجٍ يَخْلُقُكُمْ فِي بُطُونِ أُمَّهَاتِكُمْ خَلْقًا مِنْ بَعْدِ خَلْقٍ فِي ظُلُمَاتٍ ثَلَاثٍ ذَلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ لَهُ الْمُلْكُ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ فَأَنَّى تُصْرَفُونَ (6)

اﷲ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى بەلگىلىك بىر مەقسەت ئۈچۈن ياراتتى. اﷲ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، اﷲ كۈن بىلەن ئاينى ئۆز ئوقىدا مۇئەييەن ۋاقىتقىچە (يەنى قىيامەتكىچە) ئايلىنىپ تۇرىدىغان بەلگىلىك قانۇنىيەتكە بويسۇندۇردى، بىلىڭلاركى، ئۇ (يەنى اﷲ ئۆز ئىشىدا) غالىبتۇر. (بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر [5]. اﷲ سىلەرنى بىر ئادەمدىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتتى ۋە ھايۋانلاردىن سەككىزنى ( تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىدىن ئەركەك ـ چىشى بولۇپ جەمئى سەككىز ) سىلەر ئۈچۈن ياراتتى، اﷲ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدا بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تەرەققىي قىلدۇرۇپ (يەنى ئابىمەنىي، ئاندىن لەختە قان، ئاندىن پارچە گۆش باسقۇچلىرىغا بۆلۈپ)، ئۈچ قاراڭغۇلۇق (يەنى بالاھەمراھىنىڭ پەردىسى، بەچچىدان ۋە ئانىنىڭ قورسىقى) ئىچىدە يارىتىدۇ، ئەنە شۇ اﷲ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، پادىشاھلىق اﷲ قا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، قانداقمۇ (ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن ئۇنىڭدىن غەيرىيگە چوقۇنۇشقا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر [6].

بىر بالاغەت شاھ ئەسەرى بولغان بىر ئايەتتە، ھەم ئىنسانىيەتنىڭ ئېلېمېنىتلىق يارىتىلىش جەريانىنىڭ ئەڭ ئۇلىغا، ھەم بىئولوگىيلىك يارىتىلىشىنىڭ باشلانغۇچىغا، ھەم ئانا قوسقىدىكى تۆرەلمىلىك يارىتىلىش باسقۇچلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسىنى بايان قىلىنغان ( 6 ).

بىلىمنىڭ بىلىم ئەخلاقىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك گۈزەل بىر ئاگاھلاندۇرۇش بۇ سۈرىدە كەلگەن: « بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ » ( 9 ). ئۇنداقتا، نېمىنى بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر؟ ئايەتنىڭ ئالدىدا بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى بېرىلگەن: رەببىنى! بۇ مەنىدە « بىلىم » دېگەن نېمە سوئالغا، قۇرئان « ھاشىيەت » دېگەن جاۋاپنى بېرىدۇ. يەنى، ئاللاھ نىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلىش ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغلىقى ئالدىدا ئۆزىنىڭ ھەددىنى بىلىشتۇر.

بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاساسلىق شەرت بولغان نەرسە « ئىخلاس »تۇر ( 11 ). يەنى، ئەقىدىنى ئاللاھ قا خاس قىلغان ھالدا پەقەت ئاللاھ قىلا ئىبادەت قىلىشتۇر. مانا بۇ ئىخلاسنىڭ قۇرئاندىكى ئىزاھاتى. يەنى، ئىخلاس، قۇرئانغا كۆرە تەۋھىددە ئىخلاسنى كۆرسىتىدۇ.

تەۋھىد، « ئېتىقادنى ساپ، سەمىمىي ۋە خالىس ھالدا ئىبادەتنى ئاللاھ قا خاس قىلىش » شەكلىدە قايتا – قايتا تەكرارلانغان ( 2،3،11،14 ). « خۇدىنى يوقۇتۇپ قويۇش » ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ يوقۇتۇشىدۇر ( 15 ). سۈرىدە تەۋھىد بىناسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان شېرىك چۈشەنچىسى ئايرىم بىر تېما سۈپتىدە بايان قىلىنغان ( 33،38،43-46،62-67 ). ھەر تۈرلۈك شېرىك « ئاللاھ نى يېتەرلىك » دەپ بىلمىگەن چۈشەنچىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. « ئاللاھ بەندىسىگە يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ » دېگەن 36 – ئايەت مانا بۇ ئازغۇن چۈشەنچىنى رەت قىلىدۇ.

ھەقىقەتكە تالىپ بولغانلارنىڭ ئىنسانلىق تارىخى بويىنچە ئەڭ چوڭ سۈپىتى بولغان بىر ئەۋزەللىك بۇ سۈرىدە تىلغا ئېلىنغان. يەنى، سۆزنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى ئاڭلاش ۋە ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىش ( 18 ).

زۇمەر سۈرىسى، ۋەھىينىڭ ئىككى قۇتۇپلۇق بايان ئۇسلۇبى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سۈرىدۇر. شۇڭا قۇرئاننىڭ زىت قۇتۇپلۇق ئۇسلۇبىغا ئۆرنەك بولغان ئايەت بۇ سۈرىدە يەر ئالغان:

اللَّهُ نَزَّلَ أَحْسَنَ الْحَدِيثِ كِتَابًا مُتَشَابِهًا مَثَانِيَ تَقْشَعِرُّ مِنْهُ جُلُودُ الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ ثُمَّ تَلِينُ جُلُودُهُمْ

« اﷲ سۆزلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى بولغان قۇرئاننى، بىرسى يەنە بىرسىنى شىپى كەلتۈرۈپ تەكرارلانغان، ئىككى قۇتۇپلۇق بىر خىتاپ سۈپىتىدە نازىل قىلدى. ( بۇ شۇنداق بىر خىتاپتۇركى ) رەببىدىن ئەيمىنىدىغان كىشىلەرنىڭ بەدەنلىرى تىترەيدۇ، ئاندىن اﷲ نىڭ زىكرى ئۈچۈن ( يەنى اﷲ نىڭ رەھمىتى، مەغپىرىتىگە دائىر ئايەتلەر تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا )، ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى ۋە دىللىرى يۇمشاپ ( ئارام تاپىدۇ ) » ( 23  ).

« ئىلاھىي ۋەھىي نېمە ئۈچۈن سۆزنىڭ بارلىق ئىمكانلىرىنىڭ ھەممىسىنى پۈتۈنلەي كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىدۇ؟ » سوئالىنىڭ جاۋابىنى بۇ سۈرىدە يەر ئالغان بىر ئايەتتە بىلەلەيمىز:

وَلَقَدْ ضَرَبْنَا لِلنَّاسِ فِي هَذَا الْقُرْآَنِ مِنْ كُلِّ مَثَلٍ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ

« بىز كىشىلەرنى ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، بۇ قۇرئاندا ئۇلارغا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق » ( 27 ).

سۈرىدە رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆلۈملىك بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىلگەن « سەن ھەقىقەتەن ئۆلىسەن، ئۇلارمۇ ھەقىقەتەن ئۆلىدۇ » ( 30 ) ئايىتى، « بىر كۈنى كېلىدۇ پەيغەمبەرلەرنىمۇ ۋە ئىنكار قىلغانلارنىمۇ ھېسابقا تارتىمىز » ئىماسىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە.

قۇرئاننىڭ ھەم خوشخەۋەر بېرىدىغان ، ھەم ئاگاھلاندۇرىدىغان ئايەتلىرى بار. بۇ ھەر ئىككى ئايەت گۇرۇپپىسى ئىنسانغا بىر رەھمەتتۇر. چۈنكى ئۇنىڭ مەقسىتى ئىنساننى ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. قۇرئاندا يەر ئالغان خوشخەۋەر بەرگۈچى ئايەتلەرنىڭ بەلكىم بىرىنچىسى تۆۋەندىكى ئايەتتۇر:

لِيُكَفِّرَ اللَّهُ عَنْهُمْ أَسْوَأَ الَّذِي عَمِلُوا وَيَجْزِيَهُمْ أَجْرَهُمْ بِأَحْسَنِ الَّذِي كَانُوا يَعْمَلُونَ

« اﷲ ئۇلارنىڭ ئەڭ يامان ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇلارغا قىلغان ئەڭ ياخشى ئەمەللىرى بويىچە ساۋاب بېرىدۇ »  ( 35 ).

ئىنساننىڭ قىلغانلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بىلەن مۇكاپاتلىنىشى ھەققىدىكى بۇ خوشخەۋەر، تېخىمۇ ياخشىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىشغا يېتەرلىك سەۋەپتۇر. ئاللاھ نىڭ ئىنسان ئەمەللىرىنى ئەڭ ياخشىسى ئۈستىدىن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى، پەقەت « كەرىم بولىشى » بىلەن ئىزاھلىغىلى بولىدۇ.

ئىنسان يۈرىكىنى تىترىتىدىغان ئۇ سوئال بۇ سۈرىدە يەر ئالماقتا: « ئاللاھ بەندىسىگە يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ » يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئېيتىپ بېقىڭە، ئاللاھ بەندىسىگە يېتەرلىك بولمىسا، كىم يېتەرلىك بولىدۇ؟ نېمە يېتەرلىك بولىدۇ؟

ۋەھىينىڭ تۇنجى مۇھاتابىغا ئەدەبنى تەۋسىيە قىلغان ئۇسلۇبى، ھەممىمىزنىڭ قۇلىقىدا جاراڭلاپ تۇرىشى كېرەك:

قُلْ يَا قَوْمِ اعْمَلُوا عَلَى مَكَانَتِكُمْ إِنِّي عَامِلٌ فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ

ئېيتقىنكى، « ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆزەڭلارغا يارىشىدىغاننى قىلىڭلار، مەنمۇ ئۆزەمگە يارىشىدىغاننى قىلىمەن. سىلەر ئۇزۇنغا قالماي خارلىغۇچى ئازابنىڭ كىمگە كېلىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر» ( 39 ).

ئۆلۈمگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتىمىز ناھايىتى ئاز بولۇپ، بۇ شەكىلدە داۋاملىشىدۇ. چۈنكى ئۆلۈم ماددىي دۇنيا ئاخىرلىشىپ مەنىۋى دۇنيا باشلانغان بىر بوسۇغىدۇر. ئۇ بوسۇغا ھەققىدە پەقەت ۋەھىي ئارقىلىقلا بىر نەرسە بىلەلەيمىز. تۆۋەندىكى ئايەت بۇ ھەقتە توختالماقتا:

اللَّهُ يَتَوَفَّى الْأَنْفُسَ حِينَ مَوْتِهَا وَالَّتِي لَمْ تَمُتْ فِي مَنَامِهَا فَيُمْسِكُ الَّتِي قَضَى عَلَيْهَا الْمَوْتَ وَيُرْسِلُ الْأُخْرَى إِلَى أَجَلٍ مُسَمًّى إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآَيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ

« ئىنسانلار ئۆلىدىغان چاغلىرىدا، اﷲ ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئالىدۇ، ئۆلمىگەنلەرنىڭ جانلىرىنى ئۇخلىغان چاغلىرىدا ئالىدۇ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان (يەنى ئەجىلى يەتكەنلەر) نىڭ جانلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ، قالغانلارنىڭ جانلىرىنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە (يەنى ئەجىلى يەتكۈچە) قويۇپ بېرىدۇ، بۇنىڭدا پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار » ( 42 ).

ئۆلۈمگە مۇناسىۋەتلىك بۇ ئايەت ۋە بۇ يەرگىچە داۋام قىلغان ئايەتلەر، مۇشرىكلارنىڭ شاپائەت چۈشەنچىسىنى يېمىرىپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغان. قۇرئاندىكى پۈتۈن شاپائەت ئايەتلىرى، زۇمەر سۈرىسى 44 – ئايەت ئاساسىدا چۈشۈنۈلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاللاھ قا تەسلىم بولغانلىقىنى داۋا قىلغان مۇسۇلمانلارمۇ ئۆزىدىكى شاپائەت چۈشەنچىسىنى بۇ ئايەت ئاساسىدا شەكىللەندۈرۈشى لازىم:

قُلْ لِلَّهِ الشَّفَاعَةُ جَمِيعًا لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ثُمَّ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ

ئېيتقىنكى « شاپائەتنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر. ئاندىن سىلەر اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر»  ( 44 ).

سۈرىنىڭ 53 – ئايىتىمۇ قۇرئاننىڭ خوشخەۋەر بەرگۈچى ئايەتلىرىدىن بىرى:

قُلْ يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَى أَنْفُسِهِمْ لَا تَقْنَطُوا مِنْ رَحْمَةِ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ

« (ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، «(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئى ھاياتىنى ئىسراپ قىلغان بەندىلىرىم! اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر » ( 53 ).

سۈرىنىڭ ئاخىرىدىكى جەننەتكە لايىق بولغان مۇئمىنلەرنىڭ جەننەتكە كىرىشى ۋە جەننەتتە قىزغىن قارشى ئېلىنىشى تەسۋىرلەنگەن جەننەت پۇراقلىق ئايەتلەر، ئىنسان روھىغا ھوزۇر بېغىشلايدۇ:

وَسِيقَ الَّذِينَ اتَّقَوْا رَبَّهُمْ إِلَى الْجَنَّةِ زُمَرًا حَتَّى إِذَا جَاءُوهَا وَفُتِحَتْ أَبْوَابُهَا وَقَالَ لَهُمْ خَزَنَتُهَا سَلَامٌ عَلَيْكُمْ طِبْتُمْ فَادْخُلُوهَا خَالِدِينَ (73) وَقَالُوا الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي صَدَقَنَا وَعْدَهُ وَأَوْرَثَنَا الْأَرْضَ نَتَبَوَّأُ مِنَ الْجَنَّةِ حَيْثُ نَشَاءُ فَنِعْمَ أَجْرُ الْعَامِلِينَ (74)

رەببى ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تونۇپ يېتىپ ئادا قىلغانلار، جەننەتكە توپ ـ توپ بولغان ھالدا ماڭدۇرۇلىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار جەننەتكە يېتىپ كەلگەن چاغدا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ بولغان بولىدۇ، جەننەتكە مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا: « سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، سىلەر ( گۇناھلارنىڭ كىرلىرىدىن ) پاك بولدۇڭلار، جەننەتكە كىرىڭلار، ( ئۇنىڭدا ) مەڭگۈ قېلىڭلار » دەيدۇ ( 73 ). ئۇلار ( جەننەتكە كىرىپ ئورۇنلاشقان چاغدا ) ئېيتىدۇ: « جىمى ھەمدۇسانا اﷲ قا خاستۇركى، ئۇ بىزگە قىلغان ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، جەننەتنىڭ زېمىنىغا بىزنى ۋارىس قىلدى. جەننەتتە ئۆزىمىز خالىغان جايدا تۇرىمىز، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتى نېمىدېگەن ياخشى! » ( 74 ).