قەسەس سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

« قەسەس »، « قىسسە » كەلىمىسىنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، مەزكۇر سۈرىنىڭ 25 – ئايىتىگە ئاساسەن بۇ سۈرىگە ئىسىم قىلىپ قويۇلغان.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەرتىپلەردە ئىسرا سۈرىسىنىڭ ئالدىغا تىزىلغان. مەزمۇن ئىتىبارى بىلەن سۈرە بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە. سۈرىنىڭ ئىچىدىكى بايانلاردا نازىل بولۇش تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچى بار. سۈرىنىڭ 20 – ئايىتىدە رەسۇلۇللاھقا قارشى تەييارلانغان سۈيقەستتىن ۋاستىلىق ھالدا خەۋەر بېرىلگەن. 24 – ئايەت رەسۇلۇللاھنىڭ تايىف سەپىرىنى ئەسلىتىدۇ.

بۇ ئىشارەتلەر ئاساسىدا سۈرىنى پەيغەمبەرلىكنىڭ 10 – يىلىدا نازىل بولغان دېيىشكە بولىدۇ.

سۈرىدە بايان قىلىنغان قارۇن قىسسەسى ( 76 – 82 ) ئارقىلىق مال – مۈلك ئەخلاقى تېما قىلىنغان. سۈرىدە ئاساسەن تەپسىلى بايان قىلىنغان پىرئەۋن – ھامان – قارۇن ئوبرازى، ئىجتىمائىي ھاياتتىكى سىياسەت – ھوقۇق – ئىقتىساد ئۈچبۇلۇڭىنى تەمسىل قىلماقتا. ئەگەر بۇ ئۈچ كۈچ زالىم بولسا، زۇلۇم ئۈستىگە بىنا قىلىنغان بىر پىرامىت شەكلىدىكى سىياسەت مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ ئۈچ كۈچنىڭ بىرلەشمىسى، كۈچنى ئىلاھلاشتۇرىدۇ. مانا بۇ مەزكۇر بۆلەكنىڭ ئانا تېمىسى.

قەسەس سۈرىسى مۇقاتتائا ھەرىپلىرى بىلەن باشلانغان سۈرىلەردىن بىرى. سۈرىدە مۇسا قىسسەسى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ ( 3 – 46 ). بۇ قىسسە ئارقىلىق « ئىمانلىق بىر توپلۇم شەكىللەندۈرۈش » مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ ، قىسسە باشلىنىشتىلا تەكىتلىنىدۇ ( 3 ).

قۇرئاننىڭ بىر قانچە سۈرىسىدە ھەزرىتى مۇسانىڭ قىسسەسى بايان قىلىنغان. لېكىن، ھەر قىسسەدە تەكىتلەنگەن مەقسەت ئوخشاشمايدۇ. قۇرئاندا بىر قىسسەنىڭ مەنا نوقتىسىدىن بىرمۇ – بىر تەكرارلانغان شەكلى يوق دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇ قىسسەدىكى ھەزرىتى مۇسا قىسسەسى، ۋەقەلەرنى ئەڭ باشتىن، يەنى پىرئەۋىننىڭ مىسىردا دۆلەت تېرورى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان تارىخىدىن باشلايدۇ:

إِنَّ فِرْعَوْنَ عَلَا فِي الْأَرْضِ وَجَعَلَ أَهْلَهَا شِيَعًا يَسْتَضْعِفُ طَائِفَةً مِنْهُمْ يُذَبِّحُ أَبْنَاءَهُمْ وَيَسْتَحْيِي نِسَاءَهُمْ إِنَّهُ كَانَ مِنَ الْمُفْسِدِينَ

« شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن ( مىسىر ) زېمىنىدا ( زومىگەرلىكتە ) ھەددىدىن ئاشتى، ئاھالىسىنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، ئۇلاردىن بىر تائىپەنى ئاجىز ۋە كۈچسىز قىلماقچى بولدى. ( بۇ سەۋەپتىن ) ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى ( خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن ) تىرىك قالدۇردى، پىرئەۋن ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى » ( 4 ).

قىسسەنىڭ كۆرۈنگەن باش قەھرىمانلىرى مۇسا ۋە پىرئەۋن بولۇپ، كۆرۈنمىگەن ۋە زامانلار ئۈستى قەھرىمانلىرى مەزلۇملار بىلەن زالىملاردۇر. ئاللاھ نىڭ ھەر چاغدىكى مۇرادى ناھايىتى ئېنىق: « مەزلۇملارنى مەزلۇم ھالىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش ».

وَنُرِيدُ أَنْ نَمُنَّ عَلَى الَّذِينَ اسْتُضْعِفُوا فِي الْأَرْضِ وَنَجْعَلَهُمْ أَئِمَّةً وَنَجْعَلَهُمُ الْوَارِثِينَ

« بىز ( مىسىر ) زېمىنىدا بوزەك قىلىنغان / زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارغا مەرھەمەت قىلىشنى ئىرادە قىلىمىز، ئۇلارنى يولباشچىلاردىن قىلىشنى، ئۇلارنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ( مۈلكىگە / دۆلىتىگە ) ۋارىس قىلىشنى ئىرادە قىلىمىز » ( 5 ).

قۇرئان قىسسەلىرى، « ۋەقەنامە » ياكى « تارىخ ئەينىكى » ئەمەس. بۇ سەۋەپتىن قۇرئان قىسسەلىرىدىن بەلگىلىك بىر تارىخى ۋەقەنى ئەكىس ئەتتۈرىشىنى خىيال قىلىش ھاماقەتلىك بولىدۇ. قۇرئاننىڭ كۆزى دائىما خىتاپ قىلىنغۇچىغا بېرىدىغان نەسىھەت، كۆرسىتىدىغان يول، يۈزلەندۈرىدىغان يۆنىلىشتە بولۇپ، قۇرئان بۇ نوقتىلارغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرىدۇ ۋە خىتاپ قىلىنغۇچىغا دېمەكچى بولغان ھەقىقەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ ھەقىقەتنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتىدۇ. قۇرئاننىڭ پەقەت بىرلا دەردى بار، يەنى ئىنسان ئۆز – ئۆزىگە زۇلۇم قىلمىسۇن، ئەبەدىي سائادىتىنى ئۆز قولى بىلەن يوق قىلمىسۇن، يارىتىلىش مەقسىتىگە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلسۇن. بۇ سۈرىدىمۇ بۇ پرىنسىپ ئۆزگەرمەيدۇ.

سۈرىدە مۇسانىڭ بوۋاقلىق دەۋرىدىن قىسقىچە بايانلار بېرىلىدۇ ( 7 – 13 ). بۇ بايانلار ئارقىلىق، ئاللاھ خالىسا مۇسانى پىرئەۋننىڭ قۇچىقىدا چوڭ قىلىدۇ، دېيىلمەكتە. دەرۋەقە شۇنداق بولغانىدى. مۇسا، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن بارلىق يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئۆلتۈرگىدەك دەرىجىدە كۆزى قان بىلەن تولغان پىرئەۋننىڭ قۇچىقىدا چوڭ بولغانىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ « ئاللاھ خالىسا، دىنىغا بىر كاپىرنىڭ قولى بىلەنمۇ ياردەم قىلىدۇ » دېگەن سۆزى، تارىخنىڭ بۇ تىلىمىدا پەرىقلىق شەكىلدە ۋۇجۇدقا چىققانىدى.

قىسسە مۇسانىڭ بوۋاقلىقى ھەققىدە توختۇلۇپ، بىردىنلا يىگىتلىك دەۋرىگە ئۆتىدۇ. بۇ ئارىلىقتا مۇسا سارايدا شاھزادە سۈپىتىدە چوڭ بولغان، ناھايىتى ياخشى تەھسىل كۆرگەن، ياخشى تەربىيچىلەر قولىدا چوڭ بولغان بولۇپ، سەرخىل ئۇستازلاردىن دەرس ئالغانىدى. نەتىجىدە پىرئەۋن قوشۇنىدا ھەر خىل ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، ھەبەشستان يۈرۈشىگە قۇماندانلىق قىلىپ زەپەر قازانغان. قۇرئان بۇ تارىخى مەلۇماتلار ئۈستىدە توختالمايدۇ. سۆزنى ئۇدۇل مۇسا سەۋەپچى بولغان بىر ۋەقەگە ئېلىپ كېلىدۇ:

مۇسا شەھەر ئاھالىسىدىن ھېچ كىشىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بىر ۋاقىتتا (يەنى چۈشلۈك ئۇيقىدىكى چاغدا) شەھەرگە كىردى، ئۇ شەھەردە ئىككى كىشىنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. (ئۇرۇشۇۋاتقانلاردىن) بىرى ئۆز قەۋمىدىن بولسا، يەنە بىرى ئۇنىڭ دۈشمىنى ئىدى. ئۆز قەۋمىدىن بولغان ئادەم دۈشمىنىگە قارشى ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىدى. مۇسا ئۇنى مۇشت بىلەن بىرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: « بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدۇر، شۈبھىسىزكى، شەيتان ئازدۇرغۇچى ئاشكارا دۈشمەندۇر » ( 15 ).

ھەزرىتى مۇسا ئىلاھىي نازارەت ئاستىدا بولۇپ، مەلۇم بولغان نەرسە شۇكى، ئۇ ۋەقە ئۆزى خالىماستىن بولغانىدى. چۈنكى، ئايەت مۇساغا : « بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدۇر » دېگۈزگەنىدى.

بۇ نوقتىدا بىر ئاز توختىلايلى. نېمە ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشى؟ ھالبۇكى، مۇشتنى شەيتان ئاتمىغانىدى. مىسىرلىق كىشىنى شەيتان ئۆلتۈرمىگەنىدى. ئايەتنىڭ داۋامىدا مۇسا مۇنداق دەيدۇ : « رەببىم! مەن ھەقىقەتەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلدىم! » دەپ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە « مېنى مەغپىرەت قىلغىن » دەپ تەۋبە قىلغانىدى. ئەگەر بۇ شەيتاننىڭ ئىشى بولغان بولسا، مۇسا نېمە ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەيدۇ؟ تەۋبە قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.

قۇرئان ۋەھىينىڭ ئىنساندا بەرپا قىلماقچى بولغان مىسلىسىز چۈشەنچە مانا بۇ نوقتىدا ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ. بۇ بايانلار ئارقىلىق گۇناھكارنىڭ، ئۆزىنى سادىر قىلغان گۇناھنىڭ بىر پارچىسى ھالىغا كەلتۈرۋالماسلىقى، گۇناھنى ئۆزىگە ئېلىۋالماسلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئەگەر گۇناھكار سادىر قىلغان گۇناھنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ، گۇناھنى ئۆزىنىڭ پارچىسى دەپ قارىۋالسا، قانداق قىلىپ تەۋبە قىلىدۇ؟ ئۇ گۇناھتىن قانداق قۇتۇلىدۇ؟ بۇ ئەھۋالدا گۇناھنى تاشلاش، ئىنسانغا خۇددى ئۆزىنىڭ جىسمىدىن بىر پارچىنى ئېلىپ تاشلىۋەتكەندەك تۇيغۇ شەكىللەندۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن، تەۋبە قىلىپ گۇناھتىن پاكلىنىشنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلايدۇ ۋە پاتقاققا تېخىمۇ پاتىدۇ. مانا بۇ، « بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدۇر » ئىپادىسى بىلەن ۋەھىي بەرپا قىلماقچى بولغان ئاڭدۇر. ۋەھىي گۇناھنى قۇتۇلۇش كېرەك بولغان بىر يۈك، يۇيۇپ تاشلىنىشى زۆرۈر بولغان بىر كىر دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق گۇناھكارلارغا ئەڭ چوڭ ھەدىيەنى بەرمەكتە.

« رەببىم! بۇنىڭدىن كېيىن گۇناھكارلارغا ۋە زۇلۇم قىلغۇچىلارغا ھەرگىزمۇ ياردەم قىلمايمەن » ( 17 ).

دېمەك، مۇسانىڭ ئەسلى گۇناھى، گۇناھكار ۋە ھەقسىزلىق قىلغان بىرسىگە ياردەم قىلىمەن دەپ بىگۇناھ بىرسىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇش ئىدى. تاسادبىي سادىر بولغان بۇ جىنايەت نەتىجە بولۇپ، سەۋەپ گۇناھكارغا ياردەم قىلىش ئىدى. نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى « بىزدىن ( بىزنىڭ قەۋمدىن ) »، يەنى ئەسەبىيەت ( تەرەپبازلىق ) ئىدى… بۇ ۋەقە ئارقىلىق بارلىق ئەسەبىيەت / تەرەپبازلىق ( خاتا بولغان تەقدىردىمۇ مىللىتى، يېقىنى تەرەپتە تۇرۇش )نىڭ جىنايەت بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكى ئىما قىلىنغان. تەبىئىيكى، بۇ ئارقىلىق تارىخىي يەھۇدىي قەۋمىيەتچىلىكىمۇ تىلغا ئېلىنغان. بەلكىم، بۇ ئارقىلىق مەككىدە بۇنىڭغا ئوخشاش بىر ۋەقەلەردە رەسۇلۇللاھنىڭ قانداق پوزىتسىيىدە بولىشى ھەققىدە تەلىمات بېرىلگەن بولىشىمۇ مۇمكىن.

ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلۈمدە پىرئەۋننىڭ قامچىسى مۇسانىڭ ھاسىسىغا يېڭىلگەنلىكى بايان قىلىنغان بولۇپ، تارىخ يەنە بىر قېتىم ھەر پىرئەۋننىڭ بىر مۇساسى بولىدىغانلىقىغا شاھىت بولغانىدى.

قىسسە بويىنچە ئىچكى دۇنيادىكى توقۇنۇشلار، ئەندىشە ۋە غەم – قايغۇلار، ھەيرانلىق تۇيغۇسى ۋە خاتالىقلىرى بىلەن ھەزرىتى مۇسانىڭ « بەشەرى » تەرىپى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. چۈنكى، بۇ قىسسەدىن كېيىن كەلگەن ۋە رەسۇلۇللاھقا خىتاپ قىلىنغان « شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ توغرا يولغا يېتەكلىنىشنى خالىغۇچىنى ھىدايەت قىلىشنى خالايدۇ » ( 56 ) ئايىتىمۇ، بۇ قىسسە ئارقىلىق دېمەكچى بولغان مەقسەتنى تاماملىغۇچى خاراكېتىرگە ئىگە. بۇ ئايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇزۇن بىر بۆلەك ( 47 – 75 ) پەيغەمبەرلەرنىڭ بەشەرى تەبىئىيتى ۋە ۋەھىينىڭ ئىلاھى مەنبەسىگە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرىدۇ. بۇ بۆلەكتە، ئىنكارچى توپلۇملارنىڭ ئاقىۋەتلىرى ئەسلىتىلىپ، بىر توپلۇمنى نېمىنىڭ ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېنىق بىر ئىپادە بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

وَمَا كُنَّا مُهْلِكِي الْقُرَى إِلَّا وَأَهْلُهَا ظَالِمُونَ

« بىز ھېچقانداق بىر مەملىكەتنى ئاھالىسى ( بىر – بىرىگە ) زالىم بولمىغىچە ھالاك قىلغۇچى بولمىدۇق » ( 59 ).

ئاندىن سۆز ھېساپ كۈنىدىكى مەھكىمىگە كەلتۈرۈلىدۇ. ھەر كىشىنىڭ ئاخىرەت ۋە ئاقىۋىتىنى، بۇ ھاياتتا قىلغان قىلمىشلىرى بىلەن شەكىللەندۈرىدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم تەكىتىلىنىدۇ. بۇ سۈرىدىكى مۇسا – پىرئەۋن قىسسەسىدە باشقا سۈرىلەردىكى مۇسا – پىرئەۋن قىسسەسىدىن پەرىقلىق ھالدا قارۇن ئوبرازى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، قارۇن ئىقتىسادىي كۈچنى، پىرئەۋن سىياسىي كۈچنى ۋە ھامان بيۇروكات كۈچنى تەمسىل قىلغان. پىرئەۋن تۈزۈمىنىڭ بىر پارچىسى بولغان قارۇن، قۇرئاننىڭ شاھىتلىقى بىلەن مەلۇم بولغىنىدەك پىرئەۋن قەمىدىن ئەمەس، مۇسا قەۋمىدىن ئىدى ( 76 ). ھەتتا بەنى ئىسرائىل مەنبەلىردىن مەلۇم بولىشىچە ھەزرىتى مۇسانىڭ تۇققىنى ئىدى. ئۇ شۇنداق بىر باي بولۇپ، ئۇنىڭ غەزىنىلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى كۆتۈرۈش بىر جامائەگىمۇ ھەقىقەتەن ئېغىرلىق قىلاتتى ( 76 ). ئۇنى قارۇن قىلغان مال – مۈلكى ئەمەس، مال – مۈلۈككە بولغان چۈشەنچىسى ئىدى. چۈنكى ئۇ ئۆزىگە ئېمتىھان قىلىپ بېرىلگەن مال – مۈلۈكنىڭ ئامانەت ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇغان ۋە ئۇنى ئۆزىگە تەئەللۇق مۈلكىيەت دەپ قارىغانىدى. قارۇن تۆۋەندىكى سۆزلىرى بىلەن دۇنياغا بېرىلىپ كەتكەنلەرنىڭ ۋەكىللىك ئوبرازى ئىدى:

قَالَ إِنَّمَا أُوتِيتُهُ عَلَى عِلْمٍ عِنْدِي أَوَلَمْ يَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ قَدْ أَهْلَكَ مِنْ قَبْلِهِ مِنَ الْقُرُونِ مَنْ هُوَ أَشَدُّ مِنْهُ قُوَّةً وَأَكْثَرُ جَمْعًا وَلَا يُسْأَلُ عَنْ ذُنُوبِهِمُ الْمُجْرِمُونَ

قارۇن: « شۇنى ئوبدان بىلىپ قېلىڭلاركى، بۇ مال – دۇنيانى مەن، ئۆزەمنىڭ بىلىمىم ۋە قابىلىيىتىم بىلەن قولغا كەلتۈردۈم » دېدى. قارۇن، ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن ئۇنىڭغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك، توپلىغان ( مېلى ) تېخىمۇ كۆپ بولغان كىشىلەرنى ئاللاھ نىڭ قانداق ھالاك قىلغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟ گۇناھنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ سورىلىشى ھاجەتسىزدۇر  ( 78 ).

مەن… مەن … مەن …

بۇ « مەن » چۈشەنچىسىدە « مەن » ئىدراكى يوق. ئۇنىڭدا « شەخسىيەتچىلىك » بار. ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، ئوتتۇرىدا ئاللاھ نى ئۇنتۇغان بىر « مەن » بار. ئاللاھ نى ئۇنتۇشنىڭ جازاسى، ئاللاھ تەرىپىدىن تەرك ئېتىلىش بولۇپ، ئاللاھ بىرسىنى تەرك ئەتسە، ئۇنى يەرگە يۇتقۇزىۋېتىشتىن ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ:

فَخَسَفْنَا بِهِ وَبِدَارِهِ الْأَرْضَ فَمَا كَانَ لَهُ مِنْ فِئَةٍ يَنْصُرُونَهُ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَمَا كَانَ مِنَ الْمُنْتَصِرِينَ

« قارۇننى ئۇنىڭ ئۆيى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇنىڭدىن ئاللاھ نىڭ ئازابىنى دەپئى قىلىدىغان بىر جامائە بولمىدى. قارۇن ئۆزىنى قوغدىيالمىدى، ئۇ ياردەمگە لايىق بولغۇچىلاردىن ئەمەس ئىدى » ( 81 ).

رەسۇلۇللاھ ئۆزىگە ۋەھىي كېلىشتىن بۇرۇن، ئۆزىگە ۋەھىي بېرىلگەن پەيغەمبەرلەردىن بىرى بولۇشنى دىلىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان ياكى ئۈمىد قىلىپ باققان بولغىيمىدى؟

بۇ سۇئالغا قۇرئان مۇنداق جاۋاپ بەرمەكتە:

وَمَا كُنْتَ تَرْجُو أَنْ يُلْقَى إِلَيْكَ الْكِتَابُ إِلَّا رَحْمَةً مِنْ رَبِّكَ فَلَا تَكُونَنَّ ظَهِيرًا لِلْكَافِرِينَ

« سەن ( ئى بۇ ۋەھىي خىتاپ قىلىنغۇچى )، سەن بۇ ئىلاھىي ۋەھىي ( قۇرئان )نىڭ ساڭا نازىل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلمىغانىدىڭ، پەقەت رەببىڭ ساڭا رەھمەت قىلىپ ( ساڭا ئۇنى نازىل قىلدى )، كاپىرلارغا ياردەمچى بولمىغىن » ( 86 ).

سۈرە بارلىق ۋەھىيلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ھەقىقىتى بولغان تەۋھىد ئەقىدىسىنى ئىما قىلغان ھالدا ئاخىرلىشىدۇ:

لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ كُلُّ شَيْءٍ هَالِكٌ إِلَّا وَجْهَهُ

« ئاللاھ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ نىڭ زاتىدىن باشقا بارلىق نەرسىلەر يوقىلىدۇ » ( 88 ).

قوشۇمچە:

ھەزرىتى مۇسانىڭ سەھۋەنلىك بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەپ بولغان قولى، ئاللاھ نىڭ نۇبۇۋۋەت ئالامىتى سۈپىتىدە بەخش ئەتكەن ئىككى مۆجىزىدىن بىرى بولغان يەدى بەيزانىڭ دەل ئۆزى ئىدى. بۇ ئارقىلىق قولىڭىز گۇناھ سەۋەپلىك كىرلىنىشى مۇمكىن، لېكىن چىن دىلىڭىزدىن تەۋبە قىلسىڭىز، كىرلەنگەن قولىڭىزنى يۇيغان بولىسىز. سىز قولىڭىزنى پاكلىسىڭىز، ئاللاھ بەخش ئەتكەن پاكلىق بىلەن نۇر ئۈستىگە نۇر بولىدۇ. مانا بۇ ۋاقىتتا ئۇ قولىڭىز « نۇرلۇق قول – يەدى بەيزا » بولىدۇ، دېمەكتە.

ھەزرىتى مۇسانىڭ سەھۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەن جىنايىتى، ئۆز ئالدىغا تۇرغاندا يامانلىق بولغان بولسا، بىر پۈتۈن گەۋدە ئىچىدە تۇرۇپ قارىغان ۋاقىتتا خەيىر ئىدى. يەنى:

  1. شاھزادە مۇسانىڭ ئاللاھ نىڭ ئەلچىسى مۇسا بولىشى ئۈچۈن پىرئەۋن سارىيىدىن قۇتۇلۇشى كېرەك ئىدى. خۇددى بىرسىنى زىنداندىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق زۆرۈر بولغاندەك، سارايدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈنمۇ بىر تىرىشچانلىق، سەۋەپ قىلىش لازىم. مانا بۇ ۋەقە مۇشۇنداق بىر خەيىرلىك ئىشقا ۋەسىلە بولدى.
  2. مۇسا ئاللاھ نىڭ ئېمىتىھانىدا ئۆزىنى دەڭسەپ باقتى. قولىنى بۇ ۋەقە بىلەن كىرلەتتى، لېكىن بۇ خاتالىق ئۇنى رەببىگە يۈزلەندۈردى. خاتاسى ئۈچۈن ئىستىغفار ئېيتىپ، رەببىگە يۈزلەندى، بويۇن ئېگىپ ئاللاھ قا سېغىندى. چۈنكى، ئۇنىڭغا ساراينىڭ ئىشكى ئاللىقاچان ئېتىلگەنىدى.
  3. مىسىر ھاكىمىيىتى ئالدىدا ئۇ بىر قاچقۇن جىنايەتچى ئىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ مىللىي كىملىكىمۇ ئاشكارىلىنىپ قالغان بولۇپ، مىسىردا تۇرالمايتتى، بۇ دىيارنى تەرك ئېتىشى كېرەك ئىدى. لېكىن بارىدىغان ھېچقانداق يېرى يوق ئىدى. ئۇ قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەستىن ئىلاھىي قۇدرەت ئۇنى مۇئەللىمىگە قاراپ ئېلىپ كېتىۋاتاتتى. بۇ ۋەقە ئۇنىڭ ھەزرىتى شۇئەيبنىڭ قولى ئاستىدا ئون يىل تەلىم ئېلىشىغا ۋەسىلە بولدى.

بۇ ھەزرىتى مۇسانىڭ « كۈچۈم قالمىدى » دېگەن ۋاقتى ئىدى. ھەر پەيغەمبەرنىڭ بىر « كۈچۈم قالمىدى! قۇربىتىم يەتمىدى! » دېگەن بىر ۋاقتى بار ئىدى. ھەر پەيغەمبەرگە ئۇلارنى تاللىغان رەببى « كۈچۈم قالمىدى! قۇربىتىم يەتمىدى! » دېگۈزۈگەنىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ « كۈچۈم قالمىدى » نوقتىسى تائىفتىن قايىتقان ۋاقتى ئىدى. ھەزرىتى مۇسانىڭ « كۈچۈم قالمىدى! قۇربىتىم يەتمىدى! » نوقتىسى مەدەيەن رايونى دائىرىسىگە كىرگەن كۈنى ئىدى. مانا ئۇ كۈن ئۇنىڭ ھېرىپ – ئېچىپ ماجالى قالمىغانىدى. بارىدىغان يېرى يوق، بېشىنى تىققىدەك كەپىسى يوق ئىدى. قىزلار قويلىرىنى سۇغرىدىغان بىر قۇدۇق بېشىدا ئۈمىدسىز، پەرىشان ھالدا سايىداپ غەمگە پېتىپ ئولتۇرۇپ مۇنداق دېگەنىدى : « رەببىم! ماڭا بەخش ئېتىدىغان خەيرىڭدىن نېمىنى بەرسەڭ، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا مۇھتاج » ( 24 ).