IMG_3246.PNG 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ھايات كىتابىم تورى ئوقۇرمەنلىرى! جۈمە بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
ھايات كىتابىم تورى تەۋسىيەلىرىدىن بىرى بولغان ئەۋلات تورى ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرىپ ئىشلەپ سۇنغان ۋە كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇرچە 30 قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى  ھەزرىتى ئۆمەر فىلمىنى قېرىنداشلارنىڭ قايتىمۇ قايتا كۆرۈپ چىقىشىنى ۋە فىلىمدا تىلغا ئېلىنغان كېيىنكى ئۈممەت ھەققىدىكى قايغۇلار ۋە قۇرئانغا ۋە رىۋايەتلەر قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەققىدىكى دېيالوگلارغا قاتتىق دىققەت قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.
  ئەگەر مۇمكىن بولسا ئەۋلات تورىنىڭ بۇ فىلىمنىڭ كىتابىنى ئېلكىتاپ ھالىتىدە ۋەيا ئۈنكىتاپ ۋەيا ئەپ كىتاپ ھالىتىدە خەلقىمىزگە سۇنۇشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز. چۈنكى 2015-يىلىدا ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ ئوقۇماقچى بولغان كىتاپلىرى ئارىسىغا « ھەزرىتى ئۆمەر » فىلمىنىڭ كىتابى تىزىلسا ئەجەپ ئەمەس.
  بىز ھايات كىتابىم تورىمۇ خەلقمىزنىڭ بۇ فىلىمنى قولاي چۈشۈرۈۋېلىشى ۋە ئاڭلىشى ئۈچۈن توربېتىمىزدە چۈشۈرۈش ئۇلانمىسى تەمىنلەيمىز. فىلىمنى بوشلۇققا يوللاپ بولغاندىن كېيىن خەبەر قىلىمىز.
  ھازىرچە ئۆتكەندە ئېلان قىلغان تېمىدىكى چۈشۈرۈش ئادرىسلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇشلىرىنى ئۆتۈنىمىز.
  ھەزرىتى ئۆمەر فىلمىنى OneDrive دىن چۈشۈرۈش: https://yuzlen.net/?p=669
  ھايات كىتابىم تورىنىڭ باشقا بىر ئاجىزانە تەۋسىيەسى:
  ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلىرىمىز، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھايات كىتابىم تور بېتىنى زىيارەت قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى ۋە بىزگە بەرگەن سەۋىيەلىك پىكىر – تەلەپلىرىدىن ئىلھام ئالغان تەرجىمە گۇرۇپپىمىزدىكى قېرىنداشلارنىڭ جاپالىق ئەمگىگى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوست – يارەنلىرىنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلشىشى، ھەمدە پەيدا قىلىۋاتقان ئىجابى كەيپىياتلارنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇدۇللۇق تەرجىمىلەر قاتارىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان «قەدەر رىسالىسى» ۋە «ئىماملار ۋە سۇلتانلار» غا ئوخشاش تەنقىدى ۋە شەرھى ئەسەرلەرنىڭ سىزلەردە قالدۇرغان ئىجابى تەسىرلىرىدىن قىلچىلىك گۇمانىمىز يوق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېلان قىلىنىۋاتقان قۇرئاننىڭ نازىل بۇلۇش تەرتىپىگە كۆرە « قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ كىملىكى » يەنى قىسقىچە مەزمۇنى دېگەن كىتاپمۇ ساھەسىدە ئۇيغۇرلار ئۇچقاتقان تۇنجى تەرجىمە ئەسەرلەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
  ئەگەر بىز « ھەزرىتى ئۆمەر » فىلىمىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، ئۇنىڭدىكى مەزمۇننى « قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ كىملىكى » « قەدەر رىسالىسى ۋە شەرھى » « ئىماملار ۋە سۇلتانلار » ناملىق ئەسەرلەردە تىلغا ئېلىنغان مەزمۇنلارنى باغلاپ چۈشۈنىدىغان بولساق، ئورتىغا ئاجايىپ بىر دۇنيا يەنى شۇ ئەسرى سائادەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان ۋە پەيغەمبىرىمىز، ھەمدە قۇرئاننىڭ ئۇنىڭ ۋە ساھابىلىرىنىڭ ھاياتىدا قانداق چۈشۈنۈلۈپ، قانداق ئىجرا قىلغانلىقى ۋە رىۋايەتلەرگە بولغان پوزىتسىيەسى ھەققىدە بەلگۈلۈك بىر بىلىمگە ئىگە بولىمىز دەپ ئويلايمىز.
  قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ توغرۇلۇق ئويلىنىپ بېقىشىنى ۋە ۋاقتىنى بوش ئۆتكۈزمەي، ئۆمرىنى قۇرئان ئىلمىگە بىرىشىنى ۋە ھاياتىنى قۇرئان بىلەن قانداق ئىنشا قىلىش توغرۇلۇق كۆپرەك ئىزدىنىشىنى تۈۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىت قىلىمىز.
  ھۆرمەت بىلەن
ھايات كىتابىم تورى
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:
ھەزرىتى ئۆمەر فىلمىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسلىرى:
https://yuzlen.net/?p=669
« قەدەر رىسالىسى ۋە ئۇنىڭ شەرھى » گە ئالاقىدار ئۇدۇللۇق تەرجىمىلەر:
https://yuzlen.net/?cat=53
« ئىماملار ۋە سۇلتانلار » غا ئائىت ئۇدۇللۇق تەرجىمىلەر:
https://yuzlen.net/?cat=63
« قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ كىملىكى » گە ئائىت ئۇدۇللۇق تەرجىمىلەر:
https://yuzlen.net/?cat=22

 

(null)

(null)