IMG_3224.PNG

كىرىش سۆز 

بارلىق مەدھىيەلەر ئاللاھقا، سالات ۋە سالام ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا، ئۇنىڭ كەرىم دوستلىرىغا، ئەھلى بەيتىگە ۋە ئىزىدىن ماڭغانلارغا بولسۇن.

پەيغەمبەرلەر تارىخى ھەققىدە ئىزدەنگەنلەر بىلىدۇكى، ئاللاھتىن ئالغان ۋەھينى ئىنسانلارغا يەتكۈزگەن بارلىق رەسۇللار ۋە ئۇلارنىڭ تەبلىغ قىلغان دىنى، ئىككى تۈرلۈك خەتەرگە، يەنى پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا دۇچ كەلگەن خەتەرلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن دۇچ كەلگەن خەتەرلەرگە دۇچ كەلگەن.

بىرىنچى تۈرلۈك رەددىيە ۋە خەتەرلەر، يەنى ئاساسەن دېگۈدەك پەيغەمبەرنىڭ شەخسىيىتىگە قارىتىلغان خەۋپنى تۆۋەندىكىدەك تۆت تۈرگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن:

  1. كۆرمەسكە سېلىش، ئۇنتۇلۇشقا مەھكۇم قىلىش.
  2. كەمسىتىش، ئىناۋىتىنى تۆكۈش، ئۇنى ۋە رىسالىسىغا ھاقارەت قىلىش.
  3. سۈرگۈن ۋە ئۆلۈم بىلەن تەھدىت قىلىش، كەيپىنى ئۇچۇرۇپ، ۋاز كەچكۈزۈش.
  4. ئەمەلىي ھۇجۇمغا ئۆتۈش، قىيناش، ھاياتىغا قەست قىلىش.

پەيغەمبەرلەر تەبلىغ قىلغان دىنىغا نىسبەتەن كېلىدىغان ئىككىنچى تۈرلۈك خەتەر –  ۋەھىينى  ئۆزگەرتىۋېتىش، ئۇنىڭدىن ئېلىۋېتىش ياكى قوشۇپ قويۇش، دىننى ھاياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇش، دۇنيا – ئاخىرەت، زاھىر (ئاشكارە )  –  باتىن ( يۇشۇرۇن )، تۇيغۇ – چۈشەنچە، ئىبادەت – سىياسەت، ئەقىل – نەقىلغا ئوخشاش بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغان ئۇنسۇرلارنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىغان ۋەھىي تەركىبلىرىنى بىر – بىرىدىن ئايرىپ تاشلاپ، دىننى پارچىلاش، دىننىڭ ئۆزگىرىشچان ۋە ئۆزگەرمەيدىغان يەرلىرىنى بىر – بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋېتىش بولۇپ، يىغىنچاقلىغاندا، ۋەھىينى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش ۋە بۇزۇپ تاشلاشتىن ئىبارەت.

پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن ئىلاھىي ۋەھىيگە قارىتىلغان ئىككىنچى تۈرلۈك خەتەر، پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغان بىرىنچى تۈرلۈك خەتەردىن تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ۋە تېخىمۇ خەتەرلىك ئىدى. بۇ ئىككى تۈر خەتەر ئارىسىدا سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن پەرق بار. بىرىنچى تۈرلۈك خەتەر تاشقىرىدىن كەلگەن بولسا، ئىككىنچى تۈرلۈك خەتەر ئىچكى تەرەپتىن كېلەتتى.  بىرىنچىسىنىڭ ئوبىيكتى ۋەھىي ئېلىپ كەلگۈچى؛ ئىككىنچىسىنىڭ بولسا، بىۋاسىتە ۋەھىي ئىدى. بىرىنچىسى ئوچوق  ۋە روشەن؛ ئىككىنچىسى، يوشۇرۇن ۋە ئوڭاي پەرق قىلغىلى بولمايدىغان شەكىلدە ئىدى. مانا بۇ سەۋبتىن، پەيغەمبىرىمىزمۇ باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش بىرىنچى تۈر خەتەردىن بەكراق ئۆزىدىن كېيىن، يەتكۈزگەن دىنىغا يېتىدىغان ئىككىنچى تۈرلۈك خەتەردىن قورققان ۋە ئۈممىتىنى بۇ خەتەردىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرغان ئىدى. ھىجرەت كېچىسى ھاياتى ئۈچۈن، بەدر كۈنى جامائىتى ئۈچۈن، خەندەك كۈنى دۆلىتى ئۈچۈن ھېس قىلمىغان ئەندىشىنى، ۋاپاتىدىن كېيىن تەبلىغ قىلغان دىنى ۋە قالدۇرۇپ كەتكەن ئۈممىتى ئۈچۈن ھېس قىلغان ئىدى. بۇ ئەندىشىسىنى ھەر قېتىم تىلغا ئالغىنىدا بەرگەن ئۆرنەكلىرى ئوخشاش ئىدى: ئىسرائىل ئوغۇللىرى…
ھەزرىتى پەيغەمبەر قۇرئاننىڭ 700 دىن كۆپرەك ئايەتتە، ھەم مەككە ھەم مەدىنىدە، ۋەھىي نازىل بولغان تۇنجى كۈندىن ئاخىرقى كۈنگىچە قەدەر تەكىتلەپ تۇرغان ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ يەھۇدىلىشىش قەدەم باسقۇچىنىڭ، ئۈممىتىنىڭمۇ بېشىغا كېلىش  ئېھتىمالى بولغان خەتەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدى. بۇنى، قۇرئاننىڭ «يەھۇدىيلىشىش خەتىرى» ھەققىدە ئۆزى ۋە ئۈممىتىنى ھەمىشە ئاگاھلاندۇرۇش ئېھتىياجى ھېس قىلىىشىدىن بىلىپ يەتكەن بولۇپ، مۇھەممەد ئۈممىتىنىڭمۇ ئىسرائىل ئوغۇللىرىغا ئوخشاش يەھۇدىيلىشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ھەر پۇرسەتتە بۇ مەسىلىنى تىلغا ئالغان. مەلۇم بولغىنىدەك، يەھۇدىيلىشىشتىن بۇرۇن، ئىسرائىل ئوغۇللىرىمۇ قۇرئان تەكىتلىگەندەك مۇسۇلمان ئۈممەت ئىدى.

يەھۇدىيلىشىش ھەققىدىكى قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ تەپسىلىي تەھلىللىرىنى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ مەسىلىگە ئائىت قايغۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەردە ئۇچرىتىسىز. بۇ مەسىلىنى نېمە ئۈچۈن «يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا قەلەمگە ئالغانلىقىمىزنى ئېيتىشقا توغرا كەلگەندە:

«يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى» نى تەھلىل قىلغان ۋاقتىمىزدا ئالدىمىزغا ئۈچ تۈرلۈك ئۇقۇم چىقىدۇ:

  1. يەھۇدىيلىك
  2. يەھۇدىيلىشىش
  3. يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى.

ھەممىگە مەلۇم بولغىىدەك، يەھۇدىيلىك قوش مەنىگە، يەنى ھەم مىللىي، ھەم دىنىي مەنىگە ئىگە ئۇقۇم. تەبىئىتى نۇقتىسىدىن، ھەم «ئىسرائىل ئوغۇللىرىغا مەنسۇپ بولۇش» مەنىسىدە مىللىي كىملىكنى ئىپادىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ دىنى بولغان «مۇسەۋىلىككە مەنسۇپ» بولۇش مەنىسىدە دىنىي كىملىكنى ئىپادىلەيدۇ.

يەھۇدىيلىشىش بولسا، مىللىي ۋە دىنىي تەۋەلىك ئىتىبارى بىلەن، گەرچە ئۆزى يەھۇدىيلىككە مەنسۇپ بولمىسىمۇ، ئۇلارغا ئوخشاش بولۇش، ئۇلارغا ئوخشىۋېلىش، ئۇلارنىڭ پوزىتسىيە ۋە مۇئامىلىسىنى ئۆزىگە سېڭدۈرۋېلىش مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، نېمە ئۈچۈن بۇ ئۇقۇمنى تاللىغانلىغانلىقىمىزنى، قۇرئان ۋە سۈننەتتىن دەلىل كەلتۈرگەن ھالدا مەركۇز كىتابتا بايان قىلدۇق.
يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى، جەمىئىيەت خاراكتېرلىق بولۇشتىن زىيادە، يەككە «يۈزلىنىش» بولۇپ، ھەر ئىنساندا يوشۇرۇن ھالەتتە تېپىلىشى مۇمكىن. بۇ خىل مايىللىق ھەر كىشىدە مەۋجۇت. ۋۇجۇت ئېمونت كۈچىنى يوقاتقاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان يۇقۇملۇق ۋىروسقا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇ مۇۋاپىق مۇھىتتا پوزىتسىيە ۋە مۇئامىلە ئايلىنىپ ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ، يۇقۇشچان خۇسۇسىيىتى بىلەن جەمىئىيەتتە ئاممىۋى پالاكەتكە ئايلىنىدۇ.

«يەھۇدىيلىشىش» بىلەن «يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى» ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئايرىۋېلىش ئۈچۈن، بىرىنچىسىنىڭ ئىجتىمائىي خاراكتېرلىق، ئىككىنچىسىنىڭ يەككە خاراكتېرلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك. يەھۇدىيلىشىش مايىللىقلىرى بىردىن بىردىن بىر يەرگە جەم بولغاندا يەھۇدىيلىشىش مەيدانغا كېلىدۇ. بۇنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى ئۆرنىكىنى، 2. دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىتالىيەدىكى فاشىزمنىڭ تەبىئىتنى تەتقىق قىلغان ئادورنونىڭ ئەسەرلىرىدىن تاپالايسىز. ئادورنو فاشىزمنىڭ بىر سېستىما بولۇپ پەيدا بولۇشىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، بەزى كىشىلەردە ئورتاق بولغان مايىللىقلارنى بايقايدۇ. بۇلار كەڭ تارقالغان، لېكىن يوشۇرۇن ئاڭ ھالىتىدە مەۋجۇت بولغان مايىللىقلار بولۇپ، تەتقىقاتچى بۇنى «فاشىزم مايىللىقى» دەپ ئاتىغان. ئادورنونىڭ قارىشىچە، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ بېسىمى، مەجبۇرىي تېڭىلغان مائارىپ، مۇستەبىت ئائىلە، ھۆكۈمران دادا دېگەندەك ھەرخىل سەۋەبلەر نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن بۇ ئېزىلگۈچى مايىللىقنىڭ، شەرت – شارائىتى پىشىپ يېتىلگەندە، ھەر بىر كىشىدە توساتتىن مەيدانغا كېلىشى، بىر سېستىما شەكلىدە «فاشىزم» نى مەيدانغا كەلتۈرگەن.

گەرچە ئىسمى قويۇلمىغان بولسىمۇ، يەھۇدىيلىشكەن جەمىئىيەتنى ياكى سستېمىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن نەرسە، ئوخشاشلا ئايرىم – ئايرىم شەخسىلەردىكى يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى بولسا كېرەك.
يەنە بىر باشقا مەسىلىمىز، يەھۇدىيلىشىش مايىللىقىغا ئۇچرىغان مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان بىر توپلۇم / جەمئىيەت، يەنى «ئاڭسىز يەھۇدىيلىك» ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇ يەردە، تارىختا تۇنجى قېتىم يەھۇدىيلەشكەن ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ، شۇ زامانلاردا بېشىغا كەلگەن سۈرگۈن، قىرغىنچىلىق ۋە خارلىنىشنى ئىچىگە سىڭدۈرۈپ، ئۇنىڭغا مايىل بولۇپ قالغانلىقى نەزەردە تۇتۇلماقتا. بۇ ئۆزلەشتۈرۈش، ئاڭلىق ھالدا يەھۇدىيلىشىشنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. خەلق دائىما دۇچ كەلگەن خورلۇق ۋە پەسكۆرۈلۈش نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن «نەپرەت» نى، «دىن» غا ئايلاندۇرغان. بۇ «نەپرەتكە تولغان دىن» ياكى «دىنغا ئايلانغان نەپرەت»، «مۇقەددەس قوۋم» مۇتەئەسسىپلىكىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ مۇتەئەسسىپ چۈشەنچىگە چىڭ يېپىشقان يەھۇدىيلار دىنىنى، كىتابلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ۋە ھەتتا ئىلاھلىرى (يەھوۋا) نى مىللىيلەشتۈرۈپ ئىچىكە بېكىنىشكە باشلاپ، يەھۇدىيلىك بىر يېپىق ھاۋازا دىنىغا، يەھۇدىيلەرمۇ بېكىنمە مىللەتكە ئايلانغان. بېكىمىچىلىك ئىچىدە ياشىغان خەلقلەر / جامائەتلەر ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدىيلەرمۇ ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولالمىدى. ئۇلار بۇنىڭ دەردىنى تارىخ بويىچە تارتىپ كەلدى.

ھالبۇكى، ئىسلامنىڭ ئالەمشۇمۇل قۇرۇلمىسى، قاتتىق مىللىيەتچىلىكىنى شەكىللەندۈرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخىدا «نەپرەت» قوزغايدىغان مىللىي سۈرگۈن ۋە ياكى قىرغىنچىلىق بولغان ئەمەس. بولۇپمۇ، قۇرئاننىڭ رەببى مەرھەمەتلىك ئاللاھتۇر؛ ئاللاھ، ئۆزگەرتىۋېتىلگەن تەۋراتنىڭ يەھوۋاسىغا ئوخشاش قىساسكار، پەقەت ياخشى كۆرمەيدىغان، ھەمىشە ئازارلايدىغان ئىلاھ ئەمەس، ئەكسىچە « مېھرى – شەپقەتلىك » ئىلاھ.

ئۆزلىكىدىن يەھۇدىيلەشكەن ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ بۈگۈنكى دۇنيامىزدا كەلگەن نۇقتىسى بىلەن، ئاڭسىز شەكىلدە يەھۇدىيلەشكەن مۇسۇلمانلار كەلگەن نۇقتا ئارىسدا چوڭ پەرق بار. ئاڭلىق يەھۇدىيلىك دۇنيانى قانچىلىك بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر سۈمۈرۈشنى، ھەم «ياتلار»، ھەم «كاپىر» مەنىسىدىكى «گوئىم» نى، يەنى ئۆزىدىن بولمىغان بارلىق قوۋم ياكى خەلقنى ئۆز ئەمەللىرىگە خىزمەت قىلدۇرۇشنى، ھەر تۈرلۈك ساختىپەزلىكنى مۇباھ كۆرۈپ، يەر يۈزىنىڭ تىزگىنىنى قولىغا كىرگۈزۈشنى غايە قىلغان بولسا؛ ئاڭسىز يەھۇدىيلەشكەن مۇسۇلمانلار، بۇ دۇنيانى ھەمدە ئۇ دۇنيانى قولدىن بېرىپ قويماقتا.

ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ قانداق قىلىپ يەھۇدىيلەشكەنلىكىنى بىلىش، ئۇلارنىڭ تارىخىنى پىششىق بىلىش بىلەنلا مۇمكىن بولىدۇ. شۇڭا، ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ يەھۇدىيلىشىش جەريانىنى قولىمىزدىن كېلىشىچە ئىخچام قىلىپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتۇق. بۇنىڭ بىلەنلا كۇپايىلەنمەستىن، بۇ نەسىلنىڭ ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىغا كېلىش ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىغىچە قەدەر بولغان تارىخىنىمۇ نەقىل قىلدۇق. ئەسرى سائادەتتىكى مۇسۇلمان – يەھۇدىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلاجى بار ئىشەنچلىك مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ بايان قىلىشقا تىرىشتۇق.

بارلىق تەتقىقاتىمىز نەتىجىسىدە شۇنى قورقماي ئېيتالايمىزكى: يەھۇدىيلىشىش بۇ ئۈممەتنىڭ قىيامىتىدۇر. بۇنى بىز ئەمەس، بەلكى پەيغەمبىرىمىز مۇشۇنداق تەرىپلىگەن بولۇپ، ساھابىلەرمۇ مۇشۇنداق چۈشەنگەن. ئۇنداقتا ئۈممەتى مۇھەممەدنىڭ قىيامىتى بولغان يەھۇدىيلىشىشنىڭ ئالامەتلىرى نېمە؟ دەل ئەشۇ نۇقتىلارنى ئايرىم – ئايرىم تېما ئاستىدا بىر – بىرلەپ تەتقىق قىلدۇق. كۈنىمزدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئەسرى سائادەت يەھۇدىيلىرى، ھەتتا قەدىمكى ئىسرائىل ئوغۇللىرى ئارىسىدىكى پوزىتسىيە ۋە مۇئامىلە پاراللېللىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە تىرىشتۇق.

بۇ تېمىنى تەتقىق قىلغاندا، ئەڭ باشتا قۇرئان، 9 مەشھۇر ھەدىس كىتابىنىڭ ھەممىسىنى، تەۋرات، ئىنجىللەرنى، ئىبنى ھىشامنىڭ «سىيرا» سى ۋە ئىبىن ھازمنىڭ «ئەلفاسىل» ىغا ئوخشاش، تېمىمىزغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئانا مەنبەلەرنىڭ ھەممىسىنى باشتىن – ئاخىر تەپسىلىي تەتقىق قىلدۇق. بۇ كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ئايەتلەرنىڭ مەنە تەرجىمىسىنىڭ كۆپىنچىسى بىزگە ئائىت. بۇ سەۋەبتىن، ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ، قوللىرىدىكى مەنە تەرجىمەلەر بىلەن ئوخشىمايدىغان تەرجىمىلەرنى ئۇچرىتىشى تولىمۇ تەبىئىي.

كىتابىمىزدا قوللانغان بارلىق ھەدىسلەرنىڭ مەنبەسى «ئەلمۇئجەمۇل مۇفەخرەس لى ئەلفازىل ھەدىس» دىن ئېلىنغان. ئەمما، 9 ھەدىس كىتابىنىڭ ئوخشىمىغان نۇسخىلىرىدىن ئالغان بەزى ھەدىسلەرنى، ئىزدەنگەن بولساقمۇ، مەزكۇر ئەسەردىن تاپالمىدۇق، بۇلارنىمۇ ئىزاھاتتا ئەسكەرتىپ ئۆتتۇق. بولۇپمۇ تەۋرات ئايەتلىرىنى، تۈركچە تەرجىمىسىنى ئەرەپچە تەرجىمىسىگە سېلىشتۇرۇپ تەمىنلىدۇق. تۈركچە تەرجىمىدىكى ئىپادە خاتالىقى بىزنى بۇنىڭغا مەجبۇر قىلىپ قويدى.

زۆرۈر دەپ قارىغان مۇھىم ۋە نازۇك نەقىللەرنىڭ پەقەت تەرجىمىلىرىنى بېرىش بىلەنلام چەكلىنىپ قالمىدۇق، ئەھلىنىڭ پايدىلىنىپ قېلىشى مەقسىتىدە تېكىستلىنىمۇ ئىزاھاتلاردا تەمىنلەشكە تىرىشتۇق.

ئوقۇرمەنلىرىمىزنى كىتاب بىلەن يەكمۇ يەك قويۇش بىلەن بىرگە، ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ ۋە ئۈممەتى مۇھەممەدنىڭ بىر – بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان يەھۇدىيلىشىش جەريانى، بۇ كىتابنىڭ يېزىلىش مەقسىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۇ قۇرئان ئايىتىنى قايتا ئەسلىتىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ: «بىر توپلۇق / قوۋم ئۆز نەپسىدە بولغاننى ئۆزگەرتمىگىچە، ئاللاھمۇ ئۇ توپلۇق / قوۋمنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ».

يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى، يەھۇدىيلەردىنمۇ بەكرەك خەتەرلىك. چۈنكى، بۇ ئۈممەت يەھۇدىيلىشىشتىن ئۆزىنى ساقلاپ قالسا، يەھۇدىيلەر ئۈستىدىن غالىپ كېلەلىشى مۇمكىن. 6 مىليون نوپۇس بىلەن 250 مىليۇن نوپۇسلۇق ئامېرىكىنى، شۇنداقلا دۇنيانى باشقۇرۇۋاتقان يەھۇدىيلەردىنمۇ بەكرەك خەتەرلىك بولغان نەرسە، بۇ ئۈممەتنىڭ يەھۇدىيلىشىپ كېتىشى. بۇ ئۈممەت، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلەر بىلەن ئەمەس، يەھۇدىيلىشىشكە قارشى كۈرەش قىلىشى كېرەك.

بۈگۈن، ئۆز نەپسىمىزدە بولغان «يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى» سەۋەبىدىن ئۈممەتچە كېلىپ قالغان قورقۇنچلۇق ھالىمىز ھەممىگە مەلۇم. ئۈممەتنىڭ قيامىتى، يەھۇدىيلىشىش نەتىجىسىدە قايىم بولدى. ئۈممەت جۇغراپىيەسىنىڭ ھەر رايونلىرىدىن كېلىۋاتقان ئاھۇ – پىغانلار بۇنىڭ ئاچچىق خەۋەرچىسى. ھەر قىيامەتكە بىر «بەئسۇل بەئدەل مەۋت / ئۆلۈمدىن كېيىنكى قايتا تېرىلىش» كېرەك. ئەگەر ئۆز نەپسىمىزدە بولغان «يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى» نى تورمۇزلاپ، ئۇنى «مۇسۇلمانلىشىش مايىللىقى» غا ئۆزگەرتەلىسەك، ئۇ ۋاقىتتا چۆلدە سەرەپقا ئالدىنىپ ئېزىپ يۈرگەن ئاۋارە ئىسرائىل ئوغۇللىرىدەك، نېمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەي قالغان شۇ زامان چۆلىدىن «چىقىش» قا قادىر بولۇپ، «ۋەدە قىلىنغان تۇپراقلار» غا ئەمەس، بەلكى قۇرئاندا «ۋەدە قىلىنغان نىجاتلىق» قا ئېرىشەلەيمىز.

يىللارچە ئېلىپ بېرىلغان تەييارلىق نەتىجىسىدە، بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرلىنىشىغا ئەجرى سىڭگەن ھۆرمەتلىك ئەلى قابانغا، ئىنگىلىزچە تېكىستلەرنىڭ تەرجىمىسىدە تۆھپىسى بولغان فاتىمە ئۆزتەن خانىم ئەپەندىمگە رەھمەت ئېيتىشنى ئۆز بۇرچۇم دەپ بىلىمەن.

غەيرەت بىزدىن، تەۋپىق ۋە ئىنايەت رەببىمىزدىن.

مۇستافا ئىسلامئوغلى

1995 – يىلى يانۋار، كۈچۈككۆي

ئۆزلەشتۈرگۈچى: ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق (alnoor024)
تەھرىر: باتۇر قاراخانلې