ساندىن سۈپەت مۇھىم
شەرىئەتتە ساندىن سۈپەت مۇھىم، ھەجمىدىن مەزمۇنى مۇھىم. ساننىڭ كۆپلۈكى، ھەجىمنىڭ چوڭلۇقى ئاساسىي ئورۇندا تۇرمايدۇ. بەلكى سۈپەت ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.
قۇرئان كەرىمدە سانى كۆپ بولسىمۇ سۈپىتى ناچار بولغانلار يەنى «چۈشەنمەيدىغانلار»، «بىلمەيدىغانلار»، «ئىمان ئېيتمايدىغانلار»، «شۈكرى قىلمايدىغانلار» قامچىلانغان: ]بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ[ ]بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى چۈشەنمەيدۇ[ ؛ ]وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لاَ يَعْلَمُونَ[ ]لېكىن كىشلەرنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ[ ؛ ]وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لاَ يُؤْمِنُونَ[ ]لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئىشەنمەيدۇ[ ؛ ]وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لاَ يَشْكُرُونَ[ ]ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى (اﷲنىڭ نېئمىتىگە) شۈكرى قىلمايدۇ[ ؛ ]وَإِن تُطِعْ أَكْثَرَ مَن فِي الأَرْضِ يُضِلُّوكَ عَن سَبِيلِ اﷲ[ ]ئەگەر سەن يەر يۈزىدىكى كۆپچىلىك كىشلەرگە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى اﷲنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ[ . قۇرئاندا سانى ئاز بولسىمۇ، سۈپىتى ساز كىشىلەر ــ يەنى شۈكرى قىلغۇچىلار ماختالغان:
]إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَقَلِيلٌ مَّا هُمْ[ ]پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارلا (بىر ـ بىرىگە چېقىلمايدۇ) بۇلار ئازدۇر[ ؛ ]وَقَلِيلٌ مِّنْ عِبَادِيَ الشَّكُورُ[ ]مېنىڭ بەندىلىرىمدىن (اﷲنىڭ نېئمەتلىرىگە) شۈكرى قىلغۇچى بەك ئاز[ ؛ ]وَاذْكُرُواْ إِذْ أَنتُمْ قَلِيلٌ مُّسْتَضْعَفُونَ فِي الأَرْضِ[ ]ياد ئېتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر (مەككە) زىمىنىدا ئاز سانلىق بولۇپ، بوزەك قىلىنغانلار ئىدىڭلار[ ؛ ]فَلَوْلاَ كَانَ مِنَ الْقُرُونِ مِن قَبْلِكُمْ أُوْلُواْ بَقِيَّةٍ يَنْهَوْنَ عَنِ الْفَسَادِ فِي الأَرْضِ إِلاَّ قَلِيلاً مِّمَّنْ أَنجَيْنَا مِنْهُمْ[ ]سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ئارىسىدا نېمىشقا (يامانلارنى) يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىشتىن توسىدىغان ئەقىل ئىگىلىرى بولمىدى؟ ئۇلار ئارىسىدىن بۇزۇقچىلىقنى توسۇپ، بىزنىڭ نىجاتلىقىمىزغا ئېرىشكەن ئازغىنە كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا[ . ئادەم سانىنىڭ كۆپ بولۇشى مۇھىم ئەمەس، ئەمما ياخشى ئىش قىلىدىغان مۇئمىنلەر سانىنىڭ كۆپ بولۇشى مۇھىم. نۇرغۇن ئادەملەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ: «تناكحوا تناسلوا تكثروا فإني مكاثر بكم الأمم» «نىكاھلىنىڭلار، نەسىل قالدۇرۇپ كۆپىيىڭلار، چوقۇمكى مەن سىلەرنىڭ كۆپلىكىڭلار بىلەن باشقا ئۈممەتلەر ئالدىدا ئىپتىخارلىنىمەن» .
ناھايىتى ئېنىقكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا ئۈممەتلەر ئالدىدا نادان، پاسىق، زومىگەر ئادەملەر بىلەن ئىپتىخارلانمايدۇ، بەلكى ئاقكۆڭۈل، ئەمگەكچان، قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئۈممەتلىرى بىلەن ئىپتىخارلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «الناس كإبل مئة لاتجد فيها راحلة» «ئادەملەر كۆپ بولغان بىلەن، ياراملىقلىرى ئاز، بۇ خۇددى بىرەر يۈز تۆگىنىڭ ئىچىدىن ياراملىق تۆگىدىن بىرەرسى چىققاندەكلا ئىش» .
باشقا مەخلۇقلارغا قارىغاندا ئادىمىزاتنىڭ ئۆزئارا سۈپەت پەرقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق ھەدىس بار: «ليس شيء خيرا من الف مثله الا الإنسان» «بىرى مىڭىدىن ياخشى بولىدىغان ئىش پەقەت ئىنسانلاردىلا مەۋجۇد» .
بىز ھەرقانداق ئىشتا ساننىڭ كۆپ بولۇشىغا بېرىلىپ كېتىۋاتىمىز، كۆپ خانىلىق سانلارنى قوغلىشىۋاتىمىز، سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرەلمەيۋاتىمىز. جاھىلىيەت دەۋرىدىكى بىر ئەرەب شائىرى سۈپەتنىڭ ساندىن مۇھىملىقى ھەققىدە مۇنداق دېگەن ئىكەن:
ئى دىلبەر! سەن بىزنى ئاز كۆرۈپ مەنسىتمەيۋاتىسەن، ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئېسىلى ناھايىتى كەم تېىپىلىدىكەن، سانىمۇ ئاز بولىدىكەن، ھەقىقى ئازلىق دېگەن ساندا ئەمەس، بەلكى سۈپەتتە بولىدىغان نەرسە. بەزى (قەبىلە)لەر باركى، سانى ئىنتايىن كۆپ بولغىنى بىلەن ئۇلاردا سۈپەت يوق، خارلىق توپىلىرىغا مېلىنىپ يۈرگەن، ئەگەر ئازلىقتىن كۆزگە ئىلمايدىغان ئىش بولسا، ئەنە شۇنداقلارنى كۆزگە ئىلماسلىق كېرەك.
قۇرئاندا ئاز سانلىق تالۇت قوشۇنىنىڭ كۆپ سانلىق جالۇت قوشۇنىنى يەڭگەنلىكى بايان قىلىندى: ]فَلَمَّا فَصَلَ طَالُوتُ بِالْجُنُودِ قَالَ إِنَّ اﷲ مُبْتَلِيكُم بِنَهَرٍ فَمَن شَرِبَ مِنْهُ فَلَيْسَ مِنِّي وَمَن لَّمْ يَطْعَمْهُ فَإِنَّهُ مِنِّي إِلاَّ مَنِ اغْتَرَفَ غُرْفَةً بِيَدِهِ فَشَرِبُواْ مِنْهُ إِلاَّ قَلِيلاً مِّنْهُمْ فَلَمَّا جَاوَزَهُ هُوَ وَالَّذِينَ آمَنُواْ مَعَهُ قَالُواْ لاَ طَاقَةَ لَنَا الْيَوْمَ بِجَالُوتَ وَجُنودِهِ قَالَ الَّذِينَ يَظُنُّونَ أَنَّهُم مُّلاَقُو اﷲ كَم مِّن فِئَةٍ قَلِيلَةٍ غَلَبَتْ فِئَةً كَثِيرَةً بِإِذْنِ اﷲ وَاﷲ مَعَ الصَّابِرِينَ وَلَمَّا بَرَزُواْ لِجَالُوتَ وَجُنُودِهِ قَالُواْ رَبَّنَا أَفْرِغْ عَلَيْنَا صَبْرًا وَثَبِّتْ أَقْدَامَنَا وَانصُرْنَا عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ فَهَزَمُوهُم بِإِذْنِ اﷲ وَقَتَلَ دَاوُدُ جَالُوتَ وَآتَاهُ اﷲ الْمُلْكَ وَالْحِكْمَةَ وَعَلَّمَهُ مِمَّا يَشَاء وَلَوْلاَ دَفْعُ اﷲ النَّاسَ بَعْضَهُمْ بِبَعْضٍ لَّفَسَدَتِ الأَرْضُ وَلَكِنَّ اﷲ ذُو فَضْلٍ عَلَى الْعَالَمِينَ[ ]تالۇت ئەسكەرلىرى بىلەن (بەيتۇلمۇقەددەستىن) ئايرىلغان چاغدا: «اﷲ سىلەرنى بىر دەريا بىلەن سىنايدۇ، كىمكى ئۇنىڭدىن ئىچىدىكەن ئۇ ماڭا تەۋە ئەمەس، كىمكى دەريا سۈيىدىن تېتىمايدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن ماڭا تەۋەدۇر، ئۇنىڭدىن (ئۇسسۇزلۇقنى بىر ئاز بېسىش ئۈچۈن) ئىچكەن ئادەم (بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلغان بولمايدۇ)» دېدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئازغىنا كىشىدىن باشقا ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئىچتى. تالۇت ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان كىشىلەر دەريادىن ئۆتكەن چاغدا (دۈشمەننىڭ كۆپلىگىنى كۆرۈپ قورقۇنچقا چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى): «بۈگۈن بىز جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا تاقەت كەلتۈرەلمەيمىز» دېدى. (تالۇتنىڭ تەۋەلىرىدىن) اﷲقا مۇلاقات بولۇشقا ئېتىقاد قىلىدىغانلار: «اﷲنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاز جامائە كۆپ جامائەنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ» دېدى. اﷲ چىداملىق كۆرسەتكۈچىلەر بىلەن بىللىدۇر. ئۇلار جالۇت ۋە ئۇلارنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان چاغدا: «پەرۋەردىگارىمىز! قەلبىمىزنى چىداملىقلىق بىلەن تولدۇرغىن، قەدەملىرىمىزنى (ئۇرۇش مەيدانىدا) ساباتلىق قىلغىن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېدى. مۇئمىنلەر اﷲنىڭ ئىرادىسى بىلەن كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلدى، داۋۇت جالۇتنى ئۆلتۈردى. اﷲ داۋۇتقا سەلتەنەتنى، ھېكمەتنى (يەنى پەيغەمبەرلىكنى) بەردى. ئۇنىڭغا خالىغان نەرسىلىرىنى (يەنى پايدىلىق ئىلىملەرنى) بىلدۈردى. اﷲ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا (يەنى كۈچلۈك تاجاۋۇزچىغا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولغان بىرسىنى ئاپىرىدە قىلمىسا) ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە پاساتقا ئايلىناتتى (يەنى خاراپلىققا يۈزلىنەتتى)، لېكىن اﷲ (يامانلىقنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن) پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر[ .
قۇرئاندا يەنە بىزگە بەدرى غازىتىدا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ سانلىق بولغان مۇشرىكلارنى يېڭىۋالغانلىقى بايان قىلىندى: ]وَلَقَدْ نَصَرَكُمُ اﷲ بِبَدْرٍ وَأَنتُمْ أَذِلَّةٌ فَاتَّقُواْ اﷲ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ[ ]اﷲ سىلەرگە بەدرىدە نۇسرەت ئاتا قىلدى، ھالبۇكى، سىلەر كۈچسىز ئىدىڭلار (سانىڭلار ۋە قورالىڭلار ئاز ئىدى). اﷲنىڭ سىلەرگە بەرگەن نۇسرىتىگە شۈكرى قىلىش يۈزىسىدىن اﷲتىن قورقۇڭلار[ .
]وَاذْكُرُواْ إِذْ أَنتُمْ قَلِيلٌ مُّسْتَضْعَفُونَ فِي الأَرْضِ تَخَافُونَ أَن يَتَخَطَّفَكُمُ النَّاسُ فَآوَاكُمْ وَأَيَّدَكُم بِنَصْرِهِ وَرَزَقَكُم مِّنَ الطَّيِّبَاتِ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ[ ]ياد ئېتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر (مەككە) زېمىنىدا ئاز سانلىق بولۇپ، بوزەك قىلىنغانلار ئىدىڭلار، كىشىلەر (يەنى مۇشرىكلار)نىڭ تالان ـ تاراج قىلىشىدىن قورقاتتىڭلار، شۈكرى قىلىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ سىلەرنى (مەدىنىدە) يەرلەشتۈردى، (بەدرى ئۇرۇشىدا) ئۆز ياردىمى بىلەن سىلەرنى كۈچلەندۈردى. سىلەرگە ھالال نەرسىلەر (يەنى غەنىيمەتلەر)نى رىزىق قىلىپ بەردى[ .
مۇسۇلمانلار ھۇنەين غازىتىدا سانغا بېرىلىپ، سۈپەتكە سەل قارىغانلىقتىن، سانىنىڭ كۆپلۈكىدىن مەغرۇرلىنىپ، مەنىۋىي كۈچكە ۋە ئەسكىرىي ئىنتىزامغا سەل قارىغانلىقتىن پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولۇپ كەتكىلى تاس قالدى. ئۇلار غازاتنىڭ باشلىنىشىدا خاپىلىق تارتقاندىن كېيىن سەگەكلەشتى، تۆۋبە قىلدى، سۈپەتنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندى. شۇنىڭ بىلەن، اﷲ يەنە ئۇلارنى ئۇلار كۆرمەيدىغان قوشۇنلار بىلەن كۈچلەندۈرۈپ غەلىبىگە ئېرىشتۈردى. اﷲ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ]لَقَدْ نَصَرَكُمُ اﷲ فِي مَوَاطِنَ كَثِيرَةٍ وَيَوْمَ حُنَيْنٍ إِذْ أَعْجَبَتْكُمْ كَثْرَتُكُمْ فَلَمْ تُغْنِ عَنكُمْ شَيْئًا وَضَاقَتْ عَلَيْكُمُ الأَرْضُ بِمَا رَحُبَتْ ثُمَّ وَلَّيْتُم مُّدْبِرِين َثُمَّ أَنَزلَ اﷲ سَكِينَتَهُ عَلَى رَسُولِهِ وَعَلَى الْمُؤْمِنِينَ وَأَنزَلَ جُنُودًا لَّمْ تَرَوْهَا وَعذَّبَ الَّذِينَ كَفَرُواْ وَذَلِكَ جَزَاء الْكَافِرِينَ[ ]اﷲ سىلەرگە نۇرغۇن جەڭ مەيدانلىرىدا ۋە ھۇنەيىن كۈنىدە (يەنى جېڭىدە) ھەقىقەتەن ياردەم بەردى. ئەينى ۋاقىتتا سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكىدىن خۇشاللىنىپ كەتتىڭلار (يەنى بۈگۈن بىزنىڭ سانىمىز كۆپ، مەغلۇپ بولمايمىز دېدىڭلار) بۇ چاغدا سىلەرنىڭ سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمىدى. (قاتتىق قورققىنىڭلاردىن) كەڭ زېمىن سىلەرگە تار تۇيۇلدى. ئاندىن (مەغلۇپ بولۇپ، رەسۇلۇللاھنى ئازغىنە مۇئمىنلەر بىلەن تاشلاپ) ئارقاڭلارغا قاچتىڭلار. ئاندىن اﷲ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە (مەرھەمەت قىلىپ) خاتىرجەملىك بېغىشلىدى، سىلەرگە قوشۇنلارنى (يەنى سىلەرگە ياردەمگە پەرىشتىلەرنى) چۈشۈردى، ئۇلارنى سىلەر كۆرمىدىڭلار (شۇنىڭ بىلەن سىلەر غەلىبە قىلدىڭلار)، اﷲ كاپىرلارنى (ئۆلتۈرۈلۈش ۋە ئەسىر ئېلىنىش بىلەن) ئازابلىدى، كاپىرلارنىڭ جازاسى ئەنە شۇ[ .
قۇرئاندا شۇنىسى ناھايىتى ئېنىق بايان قىلىندىكى، مۇئمىن ئادەمدە ئىمان ۋە كۈچلۈك ئىرادە بولسا، ئۇنىڭ كۈچى ئىمانسىز ۋە ئىرادىسىز دۈشمەننىڭ كۈچىدىن ئون ھەسسە كۆپ بولىدۇ.
اﷲ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ]يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ حَرِّضِ الْمُؤْمِنِينَ عَلَى الْقِتَالِ إِن يَكُن مِّنكُمْ عِشْرُونَ صَابِرُونَ يَغْلِبُواْ مِئَتَيْنِ وَإِن يَكُن مِّنكُم مِّئَةٌ يَغْلِبُواْ أَلْفًا مِّنَ الَّذِينَ كَفَرُواْ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لاَّ يَفْقَهُونَ[ ]ئى پەيغەمبەر! مۇئمىنلەرنى (مۇشرىكلار بىلەن) ئۇرۇش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگىن، ئەگەر سىلەردە چىداملىق يىگىرمە ئادەم بولىدىغان بولسا، (دۈشمەندىن) ئىككى يۈزنى يېڭەلەيدۇ؛ ئەگەر سىلەردە (چىداملىق) يۈز ئادەم بولىدىغان بولسا كاپىرلاردىن مىڭنى يېڭەلەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار جاھىل قەۋم بولۇپ، (اﷲنىڭ ھېكمىتىنى) چۈشەنمەيدۇ[ .
مۇئمىن كۈچەيگەن ھالىتىدە مەزكۇر ئايەتتە دېيىلگەندەك بولىدۇ، ئەمما ئاجىزلاشقان ھالەتتىمۇ مۇئمىننىڭ كۈچى دۈشمىنىنىڭ كۈچىدىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ، يۇقىرىقى ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەت شۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ: ]الآنَ خَفَّفَ اﷲ عَنكُمْ وَعَلِمَ أَنَّ فِيكُمْ ضَعْفًا فَإِن يَكُن مِّنكُم مِّئَةٌ صَابِرَةٌ يَغْلِبُواْ مِئَتَيْنِ وَإِن يَكُن مِّنكُمْ أَلْفٌ يَغْلِبُواْ أَلْفَيْنِ بِإِذْنِ اﷲ وَاﷲ مَعَ الصَّابِرِينَ[ ]اﷲ ئەمدى سىلەرنىڭ (يۈكۈڭلارنى) يېنىكلەتتى، سىلەرنىڭ ئاجىزلىقىڭلارنى بىلدى، ئەگەر سىلەردە چىداملىق يۈز ئادەم بولىدىغان بولسا، ئىككى يۈز (دۈشمەن) نى يېڭەلەيدۇ، ئەگەر سىلەردە چىداملىق مىڭ ئادەم بولىدىغان بولسا، اﷲنىڭ ئىزنى بىلەن ئىككى مىڭ (دۈشمەن)نى يېڭەلەيدۇ. اﷲ چىداملىقلار بىلەن بىللىدۇر[ .
دېمەك، سان ۋە كۆپلۈك ئاساس ئەمەس، بەلكى ئىمان ۋە ئىرادىدىن ئىبارەت سۈپەت ئاساستۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالىنى ئوقۇغان كىشىگە ئايانكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساندىن سۈپەتكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرەتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ۋە خەلىپىلىرىنىڭ تارىخ ـ تەرجىمىھاللىرىنى ئوقۇغان كىشىلەر بۇ نۇقتىنى ناھايىتىمۇ ئېنىق كۆرۈۋالالايدۇ.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەمر ئىبنى ئاسنى تۆت مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن مىسىرنى فەتھى قىلىشقا ئەۋەتكەن. كېيىن ئەمر ئىبنى ئاس ئۆمەردىن ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۆمەر ئەمرىبنى ئاسقا يەنە تۆتمىڭ كىشىلىك قوشۇن ۋە ئالاھىدە ئىقتىدارلىق تۆت كىشىنى ئەۋەتكەن ۋە مۇنداق دېگەن:
بۇ تۆت ئادەم تۆت مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا تەڭ. شۇنىڭ بىلەن، ساڭا سەپلەپ بېرىلگەن ئەسكەر سانى 12 مىڭغا يەتتى، 12 مىڭ كىشىلىك قوشۇن ھەرگىزمۇ سانىنىڭ ئازلىقى تۈپەيلىدىن يېڭىلىپ قالمايدۇ.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئادەملەرنىڭ سۈپىتىگە، ئىقتىدارىغا ۋە ساپاسىغا ئىشىنەتتىكى، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ سانىغا ۋە تەن قۇرۇلىشىنىڭ چوڭلۇقىغا ئىشەنمەيتتى.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ توغرىسىدا مۇنداق بىر بايان بار: بىر كۈنى، ھەزرىتى ئۆمەر قىسمەن يارەنلىرى بىلەن بىر چوڭ ھويلىدا سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا:
– ئارزۇيۇڭلارنى دەپ بېقىڭلار، – دەپتۇ.
– مۇشۇ ھويلا توشقۇدەك كۈمۈش تەڭگىلىرىم بولسا، ئۇنى اﷲ يولىدا ئىشلىتىۋالسام دەيمەن، ـ دەپتۇ بىرسى.
– مۇشۇ ھويلا توشقۇدەك ئالتۇنۇم بولسا، ئۇنى اﷲ يولىدا ئىشلىتىۋالسام دەيمەن، ـ دەپتۇ يەنە بىرسىمۇ. بۇنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئۆمەر:
– لېكىن مەن ئەبۇ ئۇبەيد ئىبنى جەرراھقا، مۇئاز ئىبنى جەبەلگە، ئەبۇ ھۇزەيفەنىڭ ئازادگەردىسى سالىمغا ئوخشاش ساپالىق ئادەملىرىم مۇشۇ ھويلا توشقۇدەك كۆپ بولسا، ئۇلارنى اﷲ يولىدا خىزمەتكە قويسام دەيمەن، ـ دەپتۇ.
ھازىر دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى بىر مىليارد 250 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.
بىراق تولىمۇ ئەپسۇس، ئۇلار تۆۋەندىكى ھەدىستە بايان قىلىنغان كىشىلەردە ساپاسىز ھالەتتە تۇرماقتا: پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلىرىگە:
– ئۇزۇنغا قالماي يات ئۈممەتلەر سىلەرگە ھەر تەرەپتىن قۇرتلار يېمەكلىككە يوپۇرۇلۇپ كەلگەندەك يوپۇرۇلۇپ كېلىدۇ، ـ دېدى. ساھابىلەر دەرھال:
– ئى رەسۇلۇللاھ! سانىمىز ئازىيىپ كەتكەنلىكتىن شۇنداق بولامدۇ؟ – دەپ سوراشتى.
– ياق، سانىڭلار ئاز بولمايدۇ، لېكىن سىلەر سۇ يۈزىدىكى كۆپۈككە ئوخشاپ قالىسىلەر. اﷲ دۈشمىنىڭلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىن سىلەرنىڭ ھەيۋىتىڭلارنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ، قەلبىڭلەرگە بوشاڭلىقنى تاشلايدۇ.
– ئۇ قانداق بوشاڭلىق؟ ئى اﷲنىڭ ئەلچىسى!
– دۇنياپەرەسلىك ۋە ئۆلۈمنى ياقتۇرماسلىق، ـ دېدى رەسۇلۇللاھ.
بۇ ھەدىستە بايان قىلىنىدۇكى، تېشى پال ـ پال، ئىچى غال ـ غال كۆپلۈك ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. مانا ئىسلام ئۈممىتى سۇ يۈزىدىكى كۆپۈكتەك ۋەزنىسىز، چېچىلاڭغۇ، نىشانسىز يۈرگەن مەزگىللەردە ئەھۋال شۇنداق بولدى.
دېمەك، سانغىلا ئەمەس، سۈپەتكىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. سان دېگىنىمىزدە بىر نەرسىنىڭ ئاز ـ كۆپلۈكى، ئورنىنىڭ كەڭلىكى، ھەجمىنىڭ يوغانلىقى، ۋەزنىنىڭ ئېغىرلىقى، ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلىقى قاتارلىق ماددى مىقدارنى بىلدۈرىدىغان ئۆلچەملەرنى نەزەردە تۇتىمىز.
مەسىلەن، ئادەمنىڭ قىممىتى بوي ـ بەستىنىڭ ئېگىزلىكى ياكى مۇسكۇللىرىنىڭ چىڭلىقى ياكى تەن قۇرۇلىشىنىڭ چوڭلۇقى ۋە ياكى چىراي ـ شەكلىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. چۈنكى، بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسان ماھىيىتىنىڭ سىرتىدىكى نەرسىلەر. بەدەن ناھايىتى بەك بولسا، ئىنسان روھىنىڭ پوستىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئەمما ئىنساننىڭ ماھىيىتى پەقەت ئەقىل ـ پاراسەتتۇر. تەن قۇرۇلۇش دېگەن مۇناپىقتىمۇ، كاپىردىمۇ بار نەرسە: ]وَإِذَا رَأَيْتَهُمْ تُعْجِبُكَ أَجْسَامُهُمْ[ ]مۇناپىقلارغا قارايدىغان بولساڭ، بەدەن قۇرۇلۇشىنىڭ (سالاپەتلىكى) سېنى ھەيران قالدۇرىدۇ[ ؛ ]وَزَادَكُمْ فِي الْخَلْقِ بَسْطَةً[ ]… ۋۇجۇدىڭلارنى قامەتلىك، بەستىلىك قىلغانلىقىنى ياد ئېتىڭلار[ .
بۇ ئايەتتە دېيىلۋاتقىنى ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاد قەۋمىگە ئېيتقان سۆزىدۇر. ئاد قەۋمى ئۆزىنىڭ بەستلىك قامىتىدىن مەغرۇرلىنىپ، چوڭچىلىق قىلغان: ]فَأَمَّا عَادٌ فَاسْتَكْبَرُوا فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَقَالُوا مَنْ أَشَدُّ مِنَّا قُوَّةً[ ]ئاد بولسا زېمىندا (اﷲنىڭ بەندىلىرى ھۇد ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىمان ئېيتقانلارغا) ھەقسىز رەۋىشتە يوغانچىلىق قىلدى. ئۇلار: «كۈچ ـ قۇۋۋەتتە بىزدىن كىم ئارتۇق؟» دېدى[ .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مۇنداق بىر سەھىھ ھەدىس رىۋايەت قىلىنىغان: «قىيامەت كۈنى يوغان، سېمىز ئادەملەر اﷲنىڭ دەرگاھىدا پاشىنىڭ قانىتىچىلىك ئېتىبارغا ئىگە بولالمايدۇ. ]قىيامەت كۈنى ئۇلارنى قىلچە ئېتبارغا ئالمايمىز[ دېگەن ئايەت بۇنىڭ قۇرئاندىكى دەلىلى ھېسابلىنىدۇ» .
بىر كۈنى، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەرەخكە چىققان ئىدى، پاچىقى كۆرۈنۈپ قالدى. ئۇنىڭ پاچىقى ناھايىتى ئىنچىكە، ئورۇق ئىدى، شۇڭا بەزى ساھابىلەر كۈلۈشۇپ كەتتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭ پاچىقىنىڭ ئىنچىكىلىكىدىن كۈلۈۋاتامسىلەر؟ جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭ شۇ ئورۇق پاچىقى تارازا ـ مىزاندا ئۇھۇد تېغىدىنمۇ ئېغىرراق كېلىدۇ» دېدى .
دېمەك، ئەقىل ـ پاراسەتتىن، پاك قەلبتىن ئايرىلغان يوغان بەدەن ئەھمىيەتسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
كونىلاردا مۇنداق بىر گەپ بار:
يىگىتتە بولسىمۇ چىناردەك قامەت،
بىكاردۇر بولمىسا ئۇندا پەزىلەت.
ھەسسان ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر قەۋمنى ھەجۋىي قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئۇلار قارىماققا قامىتى قېچىردەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە تېرىقنىڭ دانىسىچىلىك ئەقىل ـ پاراسەت يوق´´.
بىز: «ئىسلام دىنى جىسمانىي ساغلاملىقنى ۋە جىسمانىي كۈچنى ئېتىبارغا ئالمايدۇ´´ دېمەكچى ئەمەسمىز، ھەرگىزمۇ ئۇنداق دېمەكچى ئەمەسمىز. ئىسلام دىنى جىسمانىيەتكىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. اﷲ تائالا تالۇتنى ماختاپ: ]وَزَادَهُ بَسْطَةً فِي الْعِلْمِ وَالْجِسْمِ[ ]اﷲ ئۇنىڭ ئىلمىنى زىيادە ۋە بەدىنىنى قابىل قىلدى[ دەيدۇ. سەھىھ ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «سەندە بەدىنىڭنىڭمۇ ھەققى بار» ؛ «كۈچلۈك مۇئمىن ئاجىز مۇئمىندىن ياخشىراق، اﷲقا تېخىمۇ سۆيۈملۈكرەكتۇر» . لېكىن ئىسلام دىنى پەزىلەتنى جىسمانىيەتكە قاراپ ئۆلچىمەيدۇ. تەن قۇرۇلۇشىنىڭ يوغانلىقى، كۈچتۈڭگۈرلۈك ئەركەكلىكنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى ئەمەس، پەزىلەتنىڭ بىردىنبىر مىزانىمۇ ئەمەس. چىراي گۈزەللىكىمۇ ھەم شۇنداق. سەھىھ ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «شۈبھىسىزكى، اﷲ سىلەرنىڭ تەن قۇرۇلۇشۇڭلارغا ۋە تاشقى قىياپىتىڭلارغا قارىمايدۇ، بەلكى قەلبلىرىڭلارغا قارايدۇ» .
بىر شائىر ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋاننى مۇنداق ماختاپتۇ:
يالتىرايدۇ تاجى بېشى ئۈستىدە،
ئالتۇندەك جىلۋىلىنىپ پېشانىسىدە.
ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان شائىرنىڭ ئۇنى نازىنىن خوتۇنلارنى ماختىغاندەك ماختىغىنىغا خاپا بولۇپ، شائىرغا:
– ماڭىمۇ قايسىبىر شائىر مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير ھەققىدە:
مۇسئەبدۇر اﷲنىڭ بالقىغان نۇرى،
ئۇنىڭدىن نۇر ئېلىپ زۇلمەت يورۇدى.
ھۆكۈمدار ئۇ قۇۋۋەتلىك ھەم زەبەردەست،
زوراۋان ئەمەس ئۇ ھەم ئەمەس چوڭچى.
دېگەندەك سۆزلەرنى قىلساڭ بولمامدۇ؟! – دەپ كايىپتۇ.
شۇنداق، ئادەملەر قورسىقىدىكى بىلىمى، قەلبىدىكى ئىمانى، ئىمان تۈرتكىسىدە قىلغان ئەمىلى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئىسلامنىڭ نەزىرىدە ئەمەل ھەجمىگە ۋە سانىغا قاراپ ئۆلچەنمەيدۇ. بەلكى، شۇ ئەمەلدىكى پۇختىلىققا ۋە ئۇ ئەمەلنىڭ ئەڭ ياخشى بولۇشىغا قاراپ ئۆلچىنىدۇ. ئىسلامدا ئەمەلنى «ئەڭ ياخشى قىلىش» نەپلە ئىش ئەمەس، بەلكى پەرزدۇر. اﷲ مۇئمىنلەرگە روزا ۋە باشقا ئەمەللەرنى پەرز قىلغاندەك «ئەڭ ياخشى قىلىش»نىمۇ پەرز قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «اﷲ ھەرقانداق ئىشتا ئەڭ ياخشى قىلىشنى پەرز قىلدى، ئۆلتۈرسەڭلارمۇ ئەڭ ياخشى ئۆلتۈرۈڭلار، مال بوغۇزلىساڭلارمۇ، ئەڭ ئەڭ ياخشى بوغۇزلاڭلار، يەنى پىچىقىڭلار ئىتتىك بولسۇن، بوغۇزلانغان مال قىينالمىسۇن» . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «اﷲ تائالا ھەر ئىشنى پۇختا قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ» .
قۇرئاندىمۇ ياخشى ئىشنى قىلىشقا تەكلىپ بېرىپلا بولدى قىلماستىن، بەلكى ئەڭ ياخشىنى قىلىشقا بۇيرۇلغان: ]وَاتَّبِعُوا أَحْسَنَ مَا أُنزِلَ إِلَيْكُم مِّن رَّبِّكُم[ ]سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئەڭ ياخشى قۇرئانغا ئەگىشىڭلار[ ؛ ]فَبَشِّرْ عِبَادِ الَّذِينَ يَسْتَمِعُونَ الْقَوْلَ فَيَتَّبِعُونَ أَحْسَنَهُ…[ ]سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن[ . قۇرئاندا قارشى مەيداندىكىلەر بىلەنمۇ ئەڭ ياخشى رەۋىشتە مۇنازىرە قىلىشقا بۇيرۇلغان: ]وَجَادِلْهُم بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ[ ]ئۇلار (يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن ئەڭ ياخشى رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن[ . قۇرئاندا يەنە ئەڭ ياخشى خىسلەت بىلەن يامان خىسلەتكە تاقابىل تۇرۇشقا بۇيرۇلغان: ]وَلَا تَسْتَوِي الْحَسَنَةُ وَلَا السَّيِّئَةُ ادْفَعْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ[ ]ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ئەڭ ياخشى خىسلەت ئارقىلىق (يامان خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن[ .
قۇرئاندا يەنە يېتىمنىڭ مېلىغا ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇل بىلەنلا يېقىنلىشىشقا بۇيرۇلغان: ]وَلاَ تَقْرَبُواْ مَالَ الْيَتِيمِ إِلاَّ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ حَتَّى يَبْلُغَ أَشُدَّهُ[ ]يېتىمنىڭ مېلىنى تاكى ئۇ بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر ئۇنىڭغا ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىڭلار[ ؛ ]الَّذِي خَلَقَ الْمَوْتَ وَالْحَيَاةَ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا وَهُوَ الْعَزِيزُ الْغَفُورُ[ ]سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، اﷲ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى، اﷲقالىبتۇر، (تۆۋبە قىلغۇچىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[ .
اﷲ بۇ ئايەتتە ۋە سۈرە ھۇدنىڭ، سۈرە كەھفىنىڭ 7 ـ ئايەتلىرىدە زېمىننىڭ ۋە زېمىن ئۈستىدىكى نەرسىلەرنىڭ يارىتىلىشى، ئۆلۈم ۋە ھاياتلىقنىڭ ئاپىرىدە قىلىنىشى، ئاسمان ـ زېمىن ۋە ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ يارىتىلىشىدىكى مەقسەتنى بايان قىلىپ: «قايسىڭلارنىڭ ئەلمىلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن» دەيدۇ.
دېمەك، بەندىلەر ئارىسىدىكى بەسلىشىش ياخشى بىلەن يامان ئوتتۇرىسىدا ئەمەس، بەلكى ياخشى بىلەن ئەڭ ياخشى ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. شۇڭا مۇئمىن ئادەم داۋاملىق ئەڭ ياخشىغا ۋە ئەڭ ئالىيغا كۆز تىكىشى كېرەك. ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «اﷲتىن جەننەت سورىغىنىڭلاردا فىردەۋس جەننىتىنى سوراڭلار، فىردەۋس جەننەتنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋە ئەڭ ئالىيسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە مېھرىبان اﷲنىڭ ئەرشى بار» .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېھسان (ئەڭ ياخشى) ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئېھسان دېگەن، اﷲنى كۆرۈپ تۇرغاندەك تۇيغۇدا ئىبادەت قىلىش بولۇپ، سەن اﷲنى كۆرەلمىسەڭمۇ، اﷲ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ».
مانا بۇ ھەدىستە ئىبادەتتىكى ئېھسان (ئەڭ ياخشى)نىڭ مەنىسى «اﷲنى كۆرۈپ تۇرغاندەك تۇيغۇدا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىش» دەپ ئىزاھلاندى.
اﷲ ئەمەللەرنى قوبۇل قىلىشتا ئەمەلنىڭ شەكلى ۋە مىقدارىغا قارىمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ساپاسىغا ۋە سۈپىتىگە قارايدۇ. شەكلى مۇكەممەل بولسىمۇ، روھى يوق ئەمەللەر دىندا ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، قوبۇل قىلىنمايدۇ. اﷲ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ]فَوَيْلٌ لِّلْمُصَلِّينَ الَّذِينَ هُمْ عَن صَلَاتِهِمْ سَاهُونَ الَّذِينَ هُمْ يُرَاؤُونَ[ ]شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازنى غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ، نامازنى رىيا بىلەن ئوقۇيدۇ[ ؛ ]وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا اﷲ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ حُنَفَاء[ ]ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى اﷲقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) اﷲقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى[ .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «روزىدار يالغانچىلىقنى ۋە ساختىلىقنى تەرك ئەتمىسە، ئۇنىڭ يېمەك ـ ئىچمەكنى تەرك ئېتىشىگە اﷲنىڭ ھاجىتى يوق» ؛ «بەزى روزىدارلارنىڭ روزا تۇتۇپ ئېرىشىدىغىنى ئاچ قېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، بەزى تەھەججۇد ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەھەججۇد نامىزى ئوقۇپ ئېرىشىدىغىنى ئۇيقۇسىز قېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» ؛ «ئەمەللەرنىڭ ساۋابى پەقەت نىيەتكە باغلىقتۇر، ھەرقانداق ئىنسان ئۆزى نىيەت قىلغان نەرسىگە ئېرىشىدۇ. مەسىلەن: اﷲنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ ھىجرەت قىلغان كىشى اﷲنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدۇ، مال ـ دۇنيا تېپىش ئۈچۈن ياكى خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان كىشى پەقەت شۇ نىيەت قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشىدۇ» .
ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشىدا نىيەت ئىنتايىن مۇھىم بولغانلىقتىن، ئىسلام ئۆلىمالىرى بۇ ھەدىسكە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن؛ ئۇلار: «كىمكى بىز بۇيرۇمىغان ئىشنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئەمىلى قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەن ھەدىسنى ئەمەلنىڭ زاھىرى ئۆلچىمى دەپ قارىغاندەك، مەزكۇر ھەدىسنى ئەمەلنىڭ باتىنى ئۆلچىمى دەپ قارىغان. بەزى ئىسلام ئۆلىمالىرى بۇ ھەدىستە ئىسلامنىڭ تۆتتىن بىرى بايان قىلىنغان دېسە، يەنە بەزىلىرى ئۈچتىن بىرى بايان قىلىنغان دەپ ھېسابلىغان. ئىمام بۇخارى ئۆزىنىڭ ھەدىس توپلىمىنى مەزكۇر ھەدىس بىلەن باشلىغان.
فۇزەيل ئىبنى ئىيازدىن:
– ]قايسىڭلارنىڭ ئەمىلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن[ دېگەن ئايەتتىكى: ئەڭ ياخشى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ – دەپ سورالغانىدى، ئۇ:
– ئەڭ ياخشى ئەمەل دېگەن ئەڭ خالىس، ئەڭ توغرا بولغان ئەمەلدۇر، – دەپ جاۋاب بەردى.
– ئەمەل قانداق بولغاندا ئەڭ خالىس، ئەڭ توغرا بولىدۇ؟ – دەپ سورىلىۋىدى، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
– اﷲ ھەم خالىس ھەم توغرا بولغان ئەمەلنىلا قوبۇل قىلىدۇ، توغرا بولسىمۇ خالىس بولمىسا، قوبۇل قىلمايدۇ، خالىس بولسىمۇ توغرا بولمىسا، يەنە قوبۇل قىلمايدۇ. ئەمەل پەقەت اﷲ رازىلىقى ئۈچۈن بولسا، خالىس بولغان بولىدۇ، سۈننەتكە ئۇيغۇن بولسا، توغرا بولغان بولىدۇ.
دىنىي ئىشلار ۋە ئىبادەت ئەمەللىرى ئەنە شۇنداق بولسا، «ئەڭ ياخشى» بولغان بولىدۇ. ئەمما دۇنيالىق ئىشلار باشقىلارنى بېسىپ چۈشكىدەك، باشقىلارنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگۈدەك پۇختا، مۇكەممەل ئىشلەنگەندىلا ئاندىن «ئەڭ ياخشى» بولغان بولىدۇ. بۇ پىكرىمىزگە مۇسلىم قاتارلىق مۇھەددىسلەر بايان قىلغان مۇنۇ ھەدىس دەلىلدۇر: «سالمىنى بىر ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن كىشىگە يۈز ساۋاب يېزىلىدۇ، ئىككى قېتىم ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن كىشىگە ئۇنىڭدىن ئازراق ساۋاب يېزىلىدۇ، ئۈچ قېتىم ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن كىشىگە ساۋاب تېخىمۇ ئاز يېزىلىدۇ». مانا بۇ ھەدىس ھەرقانداق ئىشنى كېلىشتۈرۈپ، ناھايىتى پۇختا قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. سالما ئۆلتۈرۈش گەرچە كىچىك ئىش بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى بىر ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش «ئۆلتۈرسەڭلارمۇ ئەڭ ياخشى ئۆلتۈرۈڭلار» دېگەن ھەدىسنىڭ روھىغا ئاساسەن ئەمەلنى ئەڭ ياخشى قىلىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تېز ئۆلتۈرگەندە، ئۆلتۈرۈلگەن نەرسە بەك قىينىلىپ كەتمەيدۇ.
ئەمەللەر مىقدارى ۋە ھەجمى بىلەن ئۆلچەنمىگەندەك، ئادەم ئۆمرىنىڭ بەرىكىتىمۇ ئۇزۇنلۇق بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. بەزى ئادەملەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆمرىدە بەرىكەت بولمايدۇ. بەزى ئادەملەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلمىسىمۇ، لېكىن ياخشى ئەمەللەرنى، ئەڭ ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىۋالالايدۇ. بۇ ھەقتە ئىبنى ئاتائۇللانىڭ مۇنداق ھېكمەتلىرى بار: بەزى ئۆمۈر بەكمۇ ئۇزۇن، بەرىكىتى تولىمۇ ئاز. بەزى ئۆمۈر بەكمۇ قىسقا، بەرىكىتى چەكسىز كۆپ. ئۆمرىگە بەرىكەت بېرىلگەن كىشىلەر ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدە اﷲ تائالانىڭ ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئېھسانلىرىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.
اﷲ تائالا پەيغەمبەر ئەيھىسسالامنىڭ ئۆمرىگە بەرىكەت بەرگەچكە، بار ـ يوقى يىگىرمە ئۈچ يىل ئىچىدە، ئەڭ چوڭ دىنغا ئۇل سالدى؛ ئەڭ پەزىلەتلىك بىر ئەۋلاد كىشىلەرنى يېتىشتۈردى؛ ئەڭ ياخشى ئۈممەتنى قۇرۇپ چىقتى؛ ئەڭ ئادىل دۆلەت بەرپا قىلدى؛ بۇتپەرەس كاپىرلارنى، ھىيلىگەر يەھۇدىيلارنى يەڭدى؛ ئۈممىتىگە توغرا يول كۆرسەتكۈچى سۈننەتنى، مول مەزمۇنلۇق سىيرەتنى قالدۇرۇپ كەتتى.
ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىككى يېرىم يىل ئىچىدىلا پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغان كاززابلارنى باستۇرالىدى، مۇرتەدلەرنى ئىسلام سېپىگە قايتۇرۇپ كېلەلىدى، پارس ۋە رىمنى فەتھى قىلىشقا قوشۇن تەشكىللىيەلىدى، زاكات بەرگىلى ئۇنىمىغانلارنى ئەدەپلىيەلىدى، كەمبەغەللەرگە (اﷲ ئۇلارغا بايلارنىڭ ماللىرىدا بېكىتىپ بەرگەن) ھەقلىرىنى تولۇق ئېلىپ بېرەلىدى، تارىخ بېتىگە: «ئىسلام دۆلىتى كەمبەغەللەرنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان تۇنجى دۆلەت» دېگەن خاتىرىنى يازدۇرالىدى.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئون يىل ئىچىدە تاشقى جەھەتتە نۇرغۇن ئەللەرنى فەتھى قىلدى، ئىچكى جەھەتتە دۆلەتنىڭ ۋە كېڭەش تۈزۈمىنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملىدى، كېيىنكىلەرگە: «تۇنجى بولۇپ ئۆمەر قىلغان ئىشلار» بىلەن ياخشى يول ئېچىپ بەردى، ئىجتىمائى ئىشلار فىقھىسىنىڭ ئۇللىرىنى مۇستەھكەملىدى. بولۇپمۇ، مەقسەتنى ئاساس قىلىش، مەنپەئەتلەرنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش، بوغۇنلار ئۆزئارا كېپىل بولۇشۇشنى ئاساس قىلغان دۆلەت قۇرۇش فىقھىسىنى مۇكەممەللەشتۈردى، كىشىلەرنى ھۆكۈمدارغا نەسىھەت قىلىشقا ۋە ئۇنى تەنقىد قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى: «نەسىھەت قىلمىساڭلار ئەيب سىلەردە، نەسىھەت ئاڭلىمىساق ئەيب بىزدە» دېدى. دۇنياغا بېرىلمىدى. ھەقتە چىڭ تۇردى، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ئەدلى ـ ئادالەتنى ۋە باراۋەرلىكنى شۇ دەرىجىدە ئىشقا ئاشۇردىكى، ۋالىيلاردىن، ۋالىي جەمەتىدىن ئادەتتىكى پۇقرانىڭ قىساسىنى ئېلىپ بەردى.
ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئۆزى خەلىپە بولغان ئوتتۇز ئاي ئىچىدە اﷲنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئادالەت ۋە ھىدايەت يوللىرىنى جانلاندۇردى، زوراۋانلىقلارنى، بىدئەت ۋە زالالەتلەرنى ئۇجۇقتۇردى، كىشىلەرنىڭ زايا بولغان ھەق ـ ھوقۇقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئىسلامغا بولغان ئىشەنچىسى قايتا ئەسلىگە كەلدى، تىنچ ـ ئامانلىق ھۆكۈم سۈردى، قورساق توق، كىيىم پۈتۈن بولدى، ھەتتا پۇلدارلار: «زاكاتنى نەگە بېرەرمەن´´ دەپ غەم قىلىدىغان بولۇپ قالدى. اﷲنىڭ پەزلى بىلەن كىشىلەر ئەنە شۇنداق باي بولدى.
ئىمام شافىئى ئاران 54 يىل (ھىجرى 150 ـ 204) ئۆمۈر كۆرگەن بولسىمۇ، شۇنچىۋالا بۈيۈك، ئىلمىي، ئىجادىي بايلىقلارنى قالدۇرۇپ كەتتى.
ئىمام غەزالىيمۇ 54 يىل (ھىجرى 450 ـ 505) ياشىدى، ئەمما ئۇ ئۈممەتكە شۇنچىۋالا كۆپ خىل، سەرخىل ئىلمىي بايلىقلارنى قالدۇرۇپ كەتتى.
ئىمام نەۋەۋى قىرىق بەش يىل (ھىجرى 631 ـ 676) ياشىدى. ئۇ بۇ مەزگىلدە مۇسۇلمانلارغا ئىنتايىن پايدىلىق بولغان مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ فىقھى، ھەدىس، ھەدىس شەرھىسى قاتارلىق تېمىلاردا يازغان ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ. ئۇنىڭ «قىرىق ھەدىس»، «سەھىھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسى»، «فىقھى مىتودلىرى»، «ياخشىلار باغچىسى»، «توپلام»… قاتارلىق كىتابلىرى ھەممىمىزگە تونۇش.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، ئىبنى ئەرەبى، سەرخەسى، ئىبنۇل جەۋزى، ئىبنۇ قۇددامە، قەرافى، ئىبنى تەيمىيە، ئبنى قەييىم، شاتىبى، ئىبنى خەلدۇن، ئىبنى ھەجەر، ئىبنۇل ۋەزىير، ئىبنۇل ھۇمام، سۇيۇتىي، دىھلەۋى، شەۋكانىي قاتارلىقلار جاھانغا ئىلمۇ ـ ھېكمەت، ئەخلاق ـ پەزىلەت تارىتىپ ئۆتكەن پېشىۋالار ساناقسىز.
دەرھەقىقەت، ئۆلمەي تۇرۇپ تىرىك مۇردا بولۇپ كەتكەنلەر بەك تولا. ئۆلۈپ كەتسىمۇ، ئۆلمىگەندەك ياشاۋاتقانلارمۇ ھەم تولا. ياخشىلىققا يول ئاچقانلار، بىلىم ئۇرۇقى چاچقانلار، ياراملىق پەرزەنت يېتىشتۈرگەنلەر ـ مانا بۇلار ئۆمۈرلىرىگە ئۆمۈر قوشقانلار بولۇپ، نام – شەرىپى ئۇزۇن زامانغىچە ئۆچمەي ياشايدىغانلاردۇر.