Kolkeghizi Satidighan Bala

قەغەز قولياغلىق ساتىدىغان بالا ( ئۇيغۇرچە خەتلىك )

ھايات كىتابىم تورىدىن كۆرۈش: http://bilimilim.org/kaznak/Keghez_Kol_Yaglik.mp4

فېيسبۇكتىن كۆرۈش:

www.facebook.com/video.php?v=10204700134275950

قولقەغىزى ئالامسىز ئاكا؟ دېدى، كىرلەشكەن ئەمما گۈزەل يۈزى بىلەن.
ياق، دېدىم، سالامەت بول، سالامەت بول، مەندە بار
شۇنداقتىمۇ ئەپ قويغىن كېيىن ئىشلىتەرسەن، دېدى تىترىگەن ئاۋازى بىلەن.
بوپتۇ، ئۇنداقتا بىر تال بەر، دېدىم.
پۇلىنى بەردىم، سۆيۈندى. قولقەغىزى قالسۇن، دېدىم، ئاچچىقلاندى.
ئۇنداق قىلساق بولمايدۇ، مەن تىلەمچى ئەمەس
بوپتۇ، ئاچچىقلانما، دېدىم


قولقەغىزىنى قولىدىن ئالغاچ سورۇدۇم: ئىسمىڭ نېمە سېنىڭ؟
مۇرات، دېدى. مۇرات، ئەمما دوستلىرىم « ئاۋاق» دېيىشىدۇ، مەن ئۇرۇق بولغاچقا.
ئاناڭ، داداڭ يوقمۇ سېنىڭ؟
بىلمەيمەن، بەلكىم باردۇ. ھېچ كۆرۈپ باقمىدىم
ئۇنداقتا، قەيەرلەردە ھايات كەچۈرىسەن؟ دېدىم.
ھەر يەردە، دېدى، ھەمدە كۈلۈۋەتتى…
بۇ قانداق گەپ ھەر يەردە دېگەن؟
ئۈزەمنى كۈشەپ قويمايمەن سىلەرگە ئوخشاش، دېدى ۋە قاھ – قاھلاپ كۈلۈپ كەتتى. دېمىسىمۇ تەس…
كىمدىن سېتىۋالىسەن بۇ قولقەغەزلەرنى سەن؟
ساقاللىق مەھمەت تاغامدىن
قانچە پۇلدىن بېرىدۇ ساڭا؟
« ئىككى … يۈز ئەللىكدىن
ئۇنداقتا سەن قانچە پۇل پايدا ئالىسەن ھەر بىر قولقەغەزدىن؟ دەپ سورۇدۇم ھەيرانلىق ئىچىدە.
بىراز خاپا بولغان ھالدا قارىدى ماڭغا: سىلەر دائىما مۇشۇنداق، تەمەسىز ياخشىلىق دېگەننى پەقەت چۈشەنمەيسىلەر
نىمىشقا؟ دېدىم، چۈشەندۈردى:
بىر قېتىم بىر يەڭگە يىغلاۋاتاتتى، يەڭگە قولقەغەز ئالامسەن؟ دەپ سورۇدۇم، « يوقال!… » دەپ ۋارقىرىدى ماڭا. ئەسلىدە، ئەسلىدە ھەرگىزمۇ ساتمايتتىم ئۇنىڭغا، كۆز ياشلىرىنى ئېيتسۇن دەپ ئۇزاتقان ئىدىم قولقەغەزنى. چۈشەنمىدى… ئەمما مەن يەنىلا چاندۇرماستىن سومكىسىغا سېلىپ قويدۇم.
ئۇنداقتا، دېدىم « ئۇنداق سەندىن بىر ئايلىق قولقەغەز ئېھتىياجىمنى سەندىن قامدىسام، بىر قېتىمدا، توپتىن ئالسام بولامدۇ؟
بولمايدۇ، دېدى بېشىنى چايقاپ.
بولمايدۇ!… ئۇنداق قىلساڭ مېنىڭ بارلىق كۈنلىرىمنى سېتىۋالغان بولسىەن. سېتىلىدىغىنى پەقەت قولقەغەز ئاكا. شۇ كۈنلىرىمنى قويۇپ قوي، ماڭا قالسۇن!…
ئاتالاي دەمىرجى / بالىنىڭ قولقەغىزى