تارىق سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « كېچىدە كەلگەن مېھمان » مەنىسىدىكى « تارىق » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:

« ئاسمان ۋە كېچىدە كەلگەن مېھمان بىلەن قەسەم قىلىمەن » ( 1 ).

سەھەردىن خەۋەر بەرگەنلىكى ئۈچۈن سەھەر يۇلتۇزىمۇ « تارىق » دەپ ئاتالغان. ئەت – تارىق، « ئاڭلىتىش ئۈچۈن قاتتىق ئۇرۇش، كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « تارق » كەلىمىسىدىن تۈرلىنىپ چىققان. سۈرىنىڭ پۈتۈن مەزمۇنى نەزەردە تۇتۇلغاندا، تارىق ئارقىلىق « ۋەھىي » ئىما قىلىنغانلىقى مەلۇم. چۈنكى، ۋەھىي « كېچە كەلگەن مېھمان »دۇر. قەدىر كېچىسىدە نازىل بولۇشقا باشلىغان، نازىل بولغان كېچىنى مىڭ ئايدىن تېخىمۇ قىممەتلىك قىلغان. ئىنسانىيەت جاھالەتنىڭ زۇلمەت قاراڭغۇلۇقىغا چۈمگەن بىر كېچىدە، ئىنسانىيەتنىڭ قەلب ئىشكىنى قاققان بۇ مېھمان، ئىنسانىيەتكە ئەبەدىي سائادەتنىڭ تاڭ سەھىرىدىن خوشخەۋەر بەرگەنىدى.

ساھابىلەردىن كەلگەن بىر رىۋايەتتە ۋە بەزى دەسلەپكى مەزگىللەردىكى تەپسىرلەردە « ۋەسسامائى ۋەت تارىق » ئىسمى بىلەن ئاتالغان. باشقا تەپسىر، ھەدىس ۋە مۇسھابلاردا « تارىق سۈرىسى » دەپ ئاتالغان.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. سۈرىنىڭ نازىل بولغان ۋاقتىنى بەلگىلەش سەل قېيىن. دەسلەپكى مەزگىلدىكى قۇرئان نازىل بولۇش تەرتىۋىلىرىدە بەلەد ۋە قەمەر سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا سۈرە پەيغەمبەرلىكنىڭ 5 – يىلىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك.

سۈرە بۇرۇج، ئىنشىقاق ۋە ئىنفىتار سۈرىلىرىگە ئوخشاش ساماغا قەسەم قىلىش بىلەن باشلانغان سۈرىلەر قاتارىغا كىرىدۇ.

سۈرە باشتىن ئاخىرى ئىنسانىيەتنىڭ توغرا يولغا قايتىشى ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئاخىرقى ئىلاھىي ۋەھىي قۇرئان ھەققىدە بولۇپ، سۈرە ئوخشىتىش بىلەن باشلىنىپ قۇرئان بالاغىتىنى نامايەن قىلغان. ۋەھىي، سەھەردىن خەۋەر بېرىش ئۈچۈن كېچىدە چىققان چاقناپ تۇرغۇچى يۇلتۇزغا ئوخشىتىلغان. بۇ يېتىپ كېلىۋاتقان ئادىمىيلىك تاڭ سەھىرىنىڭ ئاياق تىۋىشىنىڭ شەپىسى ئىدى. ۋەھىي يۇلتۇزىنىڭ نۇرى كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، مۇئمىنلەرنىڭ قەلب كۆزىگە ئۇلاشقانىدى. چۈنكى، ئاللاھ ئىنساننى پاشپاناھسىز، ھىمايىسىز، يېتەكچىسىز ھالدا تاشلاپ قويمىغانىدى. تۆۋەندىكى ئايەتلەر مانا بۇ ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە:

« ئاسمان ۋە كېچىدە كەلگەن مېھمان بىلەن قەسەم قىلىمەن. كېچىدە كەلگەن مېھماننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى  بىلەمسەن؟ ئۇ ( ئىنكار قىلغۇچى ئەقىلنىڭ زۇلمەت قاراڭغۇلىقىنى ) تېشىپ ئۆتكەن يورۇق يۇلتۇزدۇر. ھەر ئىنسان ( ئىلاھىي ) نى كۆزىتىپ ۋە ئۇنى ساقلاپ تۇرغۇچى باردۇر » ( 1 – 4 ).

بۇ ئايەتلەردىن كېيىن ئىنسان ھەددىنى ۋە ئۆزىنى بىلىشكە دەۋەت قىلىنغان ( 5 – 7 ). ئەگەر بۇنىڭغا لايىقىدا ئەمەل قىلالىسا، رەببىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى، رەببىنىڭ بىھۇدە، ئەھمىيەتسىز ئىش قىلمايدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ ۋە ھېساپ كۈنىگە تەييارلىق قىلىدۇ ( 8 – 12 ). ئەبەدىي سائادەتنىڭ يول خەرىتىسى مانا بۇ ۋەھىيدۇر. بۇ ھەقىقەتكە ئىنسان شاھىت بولمىسا، ئاسمان ۋە يەر شاھىتتۇر، مانا بۇ كۇپايە:

« يامغۇرلۇق بۇلۇت بىلەن قەسەمكى ( ھاياتقا سەھنە بولغان ئاسمان گۇۋاھ بولسۇن )! يېرىلىپ ( گىياھلارنى ئۈندۈرۈپ بېرىدىغان ) زېمىن بىلەن قەسەمكى! ئەلۋەتتە بۇ ۋەھىي ھەقنى باتىلدىن ئايرىغۇچى بىر سۆزدۇر، ئۇ چاقچاق ئەمەستۇر » ( 11 – 14 ).

بۇ ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىپ، يامانلىقنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغانلار، ئۆتكۈنچىنى ئەبەدىيگە تېگىشكۈچىلەردۇر. ئاخىرقى ئايەت بۇ ئىنكارچى ئەقىلگە بىر ئۆلۈمسىز ھەقىقىنى ئەسلىتىدۇ. يەنى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئۇنىڭدىن بىخەۋەر ئەمەس، پەقەت ئۇلارغا بىر ئاز مۆھلەت بېرىدۇ.

« ئۇنداقتا كاپىرلارنىڭ ھالاك بولىشىغا ئالدىرىمىغىن، ئۇلارغا  بىر ئاز مۆھلەت بەرگىن » ( 17 ).

« قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى » ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى