image

قۇرئان ئاياللارغا قول تەككۈزۈشكە بۇيرۇمدۇ؟

بۇ ئىسلام ھەققىدە ئومۇمىيلاشقان، لېكىن خاتا ۋە كەمتۈك بىر چۈشەنچە بولۇپ، قۇرئان بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر، بۇ اﷲ نىڭ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن (يەنى ئەرلەرنى كۈچ ـ قۇۋۋەت، غازاتقا چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللاردىن) ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل ـ ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر (يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكتىندۇر). ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردا اﷲ نىڭ پاناھىدا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر، سىلەر سەركەشلىك قىلىشلىرىدىن قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، (بۇ ئۈنۈم بەرمىسە) بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار، (بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە) ئۇلارنى ئەدەبلەش مەقسىتىدە ئاستىراق ئۇرۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن سىلەردىن ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر (اﷲ ئاياللارغا زۇلۇم قىلغاننى جازالايدۇ) ( 4:34 ). ئايەتتە ھەم « ئايرىڭ » ھەم « ئۇرۇڭلار » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان دارابە ( زەربە ) پېئىلى، قۇرئاندا « مىسال كەلتۈرۈش، كىزىش، ئۇرۇش ( تاشقا )، مۆھۈرلەش، ئىتتىرىش، مەھكۇم قىلىش » دېگەندەك ئالتە خىل مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. دارابە پېئىلى، دارابەد دەھرۇ بەينەنا مىسالىدىكىدەك، ئەرەپچىدە « ئىككى شەيئىنى بىر – بىرىدىن ئايرىش » مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ. قۇرئاندا جانلىقنى ئۇرۇشنىڭ بارلىق تۈرلىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا تىلغا ئېلىنغان. لېكىن بۇلارنىڭ ھېچبىرىدە ئىنسان دارابە پېئىلى ۋە ۋارىيانتلىرى ئىشلىتىلمەيدۇ. « تەستەك سېلىش » ساققەت ( 51:29 )؛ « مۇشت » ۋەكەزەھۇ ( 28:15 )؛ « قامچىلاش، سوقۇش » ئەھۇششۇ ( 20:18 )؛ « كاللىسىنى ئېلىش » قاتائە ( 69:46 ).  قۇرئاندا دارابە پېئىلى بۇيرۇق شەكلى ( ئىدرىب، ئۇر ) شەكلىدە ئۆتكەن ھەر يەردە، « نېمە بىلەن » ( 38:44 ) ۋەياكى « قەيەرگە » ( 8:12،50؛ 47:27 ) ياكى ئىككىسى بىرلىكتە ( 2:60،73؛ 7:160؛ 26:63 ) ئىشلىتىلىدۇ.  قۇرئاندا ئدرىب پېئىلى بۇ قائىدىدىن مۇستەسنا ھالدا ئىشلىتىلگەن بىردىنبىر شەكلى يۇقىرىدىكى ئايەتتە كۆرۈلىدۇ. بۇ مۇلاھىزىدىن كېيىن، نىسا سۈرىسى 34 – ئايەتتىكى ئىدرىبۇھۇننە ئىبارىسىنى، قائىدىدىن مۇستەسنا ھالدا ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، بۇ كەلىمىگە « ئۇلارنى ئۇرۇڭ » شەكلىدە مەنا بېرىش توغرا ئەمەس. ئاخىرىدا پەقەت بىرلا مەنىسى « ئۇلارنى ئايرىڭلار » قالىدۇ. ساداقەتسىزلىك قىلغان ھەمراھ / جۇپلار ئۈچۈن « ئۇلارنى ئۇرۇڭلار » ئەمەس، « ئۇلارنى ئايرىڭلار » مەنىسى، قۇرئاننىڭ گرامماتىكىسى جەھەتتىنمۇ توغرا كۆرۈلمەكتە.  بۇ ئايەت، ئىچكى ۋە تاشقى باغلىنىشلىرى نوقتىسىدىن ئىككى ئىنسان جىنسى ( ئەر – ئايال ) ئارىسىدا ئەمەس، بىر – بىرى بىلەن نىكاھ ئەھدىسى ئارقىلىق باغلانغان ئىككى تەرەپ ( ئەر – خوتۇن ) ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قارىتا بىر بەلگىلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.   مەشھۇر تەپسىرشۇناس تەبارىغا كۆرە بۇ ئايەت، ئېرى تەرىپىدىن تەستەك يىگەن ھەبىبە بىنت زەيدنىڭ رەسۇلۇللاھغا شىكايەت قىلىشى سەۋەبىدىن نازىل بولغان. رەسۇلۇللاھ ھەبىبەنى ئوخشاش دەرىجىدە ئېرىنى بىر تەستەك سېلىشقا بۇيرىغان. بۇ ئايەت نازىل بولىشى بىلەن « مەن بىر نەرسىنى خالىدىم، ئاللاھ باشقا بىر نەرسىنى خالىدى. شۈبھىسىز ئاللاھ نىڭ خالىغىنى ھەممىدىن خەيرىلىكتۇر » دېگەن. قۇرئان رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىنى تەستىقلىمىغان. بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نوقتا، رەسۇلۇللاھنىڭ ئېرىدىن يىگەن تەستىكىگە قارشى، بىر ئايالنى ئوخشاش دەرىجىدە ئېرىنى بىر تەستەك سېلىشقا بۇيرىشى ئىدى.  ئەگەر كۆپ مەنىلىك بۇ سۆزنىڭ « ئۇرۇڭلار » مەنىسىنى ئالدىغان بولساق، بۇ ھەقىقەتنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك: ئۇرۇش ئىشى ئەر ۋە ئايال كىشى ئارىسىدا ئەمەس، ئەر – خوتۇن ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئائىلىنىڭ ئىچكى ئىشى. بۇ يەردە مۇناسىۋەتلىك شەخىسلەرگە تېخىمۇ ياخشى ۋە تېخىمۇ ئىنسانىي بولغان ئۇسۇل تەۋسىيە قىلىنغان.  قۇرئاننىڭ ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان نىشانىنى سۆز لەبزى بىلەن چەكلەپ قويۇش، قۇرئاننى تارىخقا مەھكۇم قىلغانلىق بولىدۇ. نازىل بولۇش سەۋەبىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئايەت ئەر – خوتۇن ئارىسىدا مەسىلە چىققاندا ئەقلىگە ئەڭ باشتا تاياق كېلىدىغان ئەرلەرگە خىتاپ قىلماقتا ۋە ئۇلارغا تېخىمۇ ئىنسانى تەدبىرلەر بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تەۋسىيە قىلماقتا. بۇ تەدبىرلەردىن بىرى ئايال كىشى بىلەن تۆشەكنى ئايرىشتۇر. لېكىن بۇ تەدبىر، كۆپ خوتۇنلۇق ۋەزىيەتتە بىر جازالاش ئۇسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەكسىچە ھالەتتە ئەر كىشىنىڭ ئۆزىنى جازالاندۇرىشىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ سەۋەپتىن بۇ ئايەتتىكى تەۋسىينىڭ مەقسىتى، ئۆز ۋاقتىدىكى ئەرەپ جەمىئىيىتىدە ئايالىدىن خاتالىق ئۆتۈپ قالسا، بىرىنچى بولۇپ تاياق بىلەن ئايالىنى جازالايدىغان ئەرلەرنىڭ ئايالىغا قاراتقان زولۇق – زۇمبۇلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى.   رەسۇلۇللاھ ئايال كىشىنى ئۇرۇپ باقمىغان ۋە ئۇرۇشقىمۇ رۇخسەت قىلمىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: « سىلەر ئاياللىرىڭلارنى قۇلنى ئۇرغاندەك ئۇرۇشتىن خىجىل بولمامسىلەر؟ كۈندۈزى ئۇرۇپ، ئاندىن كېچىسى بىرلىكتە بولىسىلەر، شۇنداقمۇ؟ »( بۇخارى، نىكاھ،93 ). رەسۇلۇللاھ ئاياللارنى قاتتىق ئۇرۇشنى چەكلىگەن ( ئەبۇ داۋۇد، نەسائى، ئىبنى ماجە، ئەھمەد بىن ھەنبەل ). تارىختىن مەلۇمكى، رەسۇلۇللاھ ئاياللىرى بىلەن ئۈزلىشىپ كېتىشكە تاس قالغان. لېكىن، رەسۇلۇللاھ تالىقىنى بەرمەكچى بولغان ئاياللىرىنى ئۇرۇشنى ئويلاپ باقمىغان. قۇرئان بۇ ئەھۋالدا « ئۇرۇش / تاياق »نى ئەمەس، « تالاق قىلىش »نى، باشقىچە قىلىپ ئېيتساق « ئۈزلىشىپ كېتىش » نى تەۋسىيە قىلغان ( 33: 28، 32 ).   ئەگەر يۇقىرىدىكى ئايەتنى رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىغا تەدبىقلىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىدىغان بولساق، ئايەتتىكى كۆپ مەنىلىك سۆزنى « ئۇرۇڭلار » دېگەن مەنىدە ئەمەس، « ئايرىلىڭلار / ئۈزلىشىپ كېتىڭلار » دەپ چۈشىنىشىمىز كېرەك. بۇ ئەھۋالدا قۇرئاننىڭ ئائىلىدىكى چىقىشالماسلىق ھالىتىگە كېلىپ قالغان ياكى ئىناقسىزلىق پەيدا قىلغان ئايالغا قارىتا ئەرلەرنى « ئۇرۇڭلار » ئەمەس، « ئايرىلىڭلار / ئۈزلىشىپ كېتىڭلار » دېگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.