1. دوستلىرىڭىزنىڭ خاتالىقىنى مۇناسىپ بىر تىل بىلەن يۈز تۇرانە، ياخشىلىقلىرىنى ۋە ياخشى تەرەپلىرىنى يوق يەردە دېيىشكە ئادەتلىنىڭ. بۇنىڭ ئەكسىچە مۇئامىلە قىلغۇچى دوستىغا يامانلىق قىلغان بولىدۇ. تەشۋىق ۋە تەقدىرلەش مەقسىتىدە بولىدىغان بولسا، ئاللاھ تىن نەپسىنى كۆرەڭلىتىۋېتىشتىن ساقلاشنى تىلىگە ئاساستا، ياخشىلىقلىرىنى يۈز تۇرانە دېسىڭىز بولىدۇ.
  2. جەمىئىيەتتە بەلگىلىك ئىجتىمائى ئورۇنغا ئىگە كىشىلەرنى تەنقىت قىلغاندا ئادىل ۋە مۆتىدىل بولۇڭ. ئۇلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ. تەنقىتىڭىز كىشىنىڭ شەخسىيىتىگە ئەمەس، خاتالىقىغا قارىتىلغان بولسۇن. ئەگەر تەنقىت قىلغان كىشىدىن باشقىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىغا ئىشەنچىڭىز كامىل بولسا، ئىسمىنى تىلغا ئالسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى، مۇئمىننى ماددىي ۋە مەنىۋىي بىر زىيانغا ئۇچراشتىن ساقلاش سىزنىڭ قېرىنداشلىق بۇرچىڭىز.
  3. بىر قېرىندىشىڭىزنى يۈز تۇرانە تەنقىت قىلىشنىڭ ئەدەبى، ئۇنىڭ ھەققىدە دۇئا ۋە ئىستىغفار ئېيتىشتۇر. ئەگەر بۇنى قىلالىغان بولسىڭىز، ئۇنى تەنقىتلەش ھەققىگە ئىگە بولغان بولىسىز. بۇ سۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەسىرىنى كۈچەيتىدۇ. سۆزنى بىز قىلىمىز، تەسىرىنى ئاللاھ يارىتىدۇ.
  4. دىنىڭىزدىن باشقا دۇنيالىقىڭىز ۋە نەپسىڭىزگە قارىتا قىلىنغان سۆز – ھەرىكەتلەردە كەڭ قورساق بولۇڭ. سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ئېيتقاندەك « كەڭ قورساق بولغىنكى، ياخشى كۆرۈلگىن ». بىر خاتالىقى سەۋەبىدىن ئادەمنى دارغا ئاسقانلار قاتارىدىن بولماڭ. شۇنى ئۇنتۇماڭ، بىز ئىنسان ۋە ئىنسانلار خاتالىق سادىر قىلىدىغان مەخلۇقتۇرمىز.
  5. مۇئمىنگە، خۇددى ئاللاھ تىنمۇ بەكرەك مەرھەمەتلىك ( رەھىم ) تەك تۈسكە كىرىۋېلىش ياراشمىغاندەك، ئاللاھ تىنمۇ قەھىر قىلغۇچى ( قاھھار ) شەكلىگە كىرىۋېلىش ياراشمايدۇ. بەندە ئەپۇ قىلىشنى، رەسۇلۇللاھ ئېيتقاندەك ئاللاھ تىن ئۆگىنىشى كېرەك، يەنى « ئاللاھ نىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىشى كېرەك ».
  6. دىنىڭىزغا قىلىنغان ھاقارەت ۋە تاجاۋۇزغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش ھەققىڭىز يوق. ئىنسان پەقەت ئۆز نەپسىگە قارىتىلغان تاجاۋۇزغا قارىتا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلسا بولىدۇ. ئاللاھ نامىغا، ئاللاھ نىڭ دىنىغا قىلىنغان تاجاۋۇزغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ھەددىدىن ئاشقانلىق بولىدۇ.
  7. سىز ئېتىقاد قىلىۋاتقان قىممەت قاراش، ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزگەرمەس قىممەت قارىشىدۇر. ئۇلارغا ھاقارەت قىلىنغانلىقىنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا، كۈچىڭىز نېمىگە يەتسە، شۇ شەكىلدە نارازلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ. ئۆزى مۇقەددەس بىلگەن قىممەت – قاراشلارغا ھاقارەت قىلىنغاندا سۈكۈت قىلغان كىشى خىسلەت ۋە شەرەپتىن يوقسۇن كىشىدۇر.
  8. جاسارەتلىك بولۇڭ. ئەسرىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ كەمچىلىكى جاسارەت يوقسۇنلىقى. ئىلىمگە جاسارەت قوشۇلغاندا پەزىلەتلىك بولىدۇ. مۇقەددەس بىلگەن قىممەت – قاراشلار ئۈچۈن، ۋاقتى كەلگەندە سوقراتتەك بالدىران ( زەھەر سېلىنغان ) قەدەھىنى كۆتۈرەلمىگەنلەر، ئىلىملىرىنىڭ ۋە ئىمانلىرىنىڭ شان – شەرىپىنى يوقاتقان بولىدۇ.
  9. چىقىشقاق بولۇڭ، ئۇرۇشقاق بولماڭ. بىرگە ئۆتكەن كىشىلەر سىز بىلەن بىللە بولۇشنىڭ ھوزۇرىغا قانمايدىغان بولسۇن. ئۇلارنى « ئىللەللاھ » دېگۈزىۋەتمەڭ. سىز بىلەن بىر مۇددەت بىللە تۇرغان كىشى، ئۇ ۋاقىتلارنى خوشاللىق بىلەن ياد قىلسۇن. ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى رەنجىتىپ يۈرگەنلەر، ئۆمۈر بويى دوستسىز ئۆتۈشكە مەھكۇم بولىدۇ.