مەزكۇر سۈرىنىڭ ئىسمى 1 – ئايەت تىلغا ئېلىنغان « تۈرۈلدى، يىغىلۋېتىلدى، ئېلىپ تاشلاندى » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « كۇۋۋىرات » پېئىلىدىن كەلگەن.

مەزكۇر سۈرە نازىل بولۇش تەرتىۋىدە بىزنىڭچە 7 – ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى، بۇ سۈرىنىڭ 22 – ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان « مەجنۇن ئەمەستۇر » جاۋابى، دەل رەسۇلۇللاھنىڭ مەككىلىك مۇشرىكلار تەرىپىدىن « مەجنۇن، ساراڭ، جىن چاپلىشىپ قالغان » دەپ ئەيىپلىنىۋاتقان دەۋر ئارقا كۆرنۈشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرمەكتە. بۇ يىپ ئۇچى مەزكۇر سۈرىنىڭ رىسالەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە نازىل بولغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

سۈرە ئاساسلىق قىلىپ ئاخىرقى سائەت ۋە ھېساپ كۈنى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، يەر يۈزىنىڭ ئاخىرقى سائىتىدىكى ئۇ مەنزىرىلەر جانلىق شەكلىدە تەسۋىرلەنگەن ۋە بۇ ئارقىلىق باشلىنىشى بولغان نەرسىنىڭ ئاخىرىلىشىدىغانلىقى، يارىتىلىش ۋە يوقلۇشنىڭ ئاللاھ قويغان بىر قانۇنىيەت ئىكەنلىكى ئىما قىلىنغان.

بۇ سۈرە شۇ ئىككى ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە، باشلىنىشى بولغان نەرسە ھامان بىر كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. ئىنسان بۇ دۇنياغا پەقەت مېھمان، يەر يۈزى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆتەڭ بولۇپلا قالماستىن، ئۇمۇ ئىنسانغا ئوخشاش بىر مېھمان. يەر يۈزىنىڭ ئۆمرىگە قارىغاندا، يوق دېيەرلىك ئۆمۈرگە ئىگەن بولغان « ئەي ئىنسان! نېمەڭگە ئىشىنىپ تەكەببۇرلۇق قىلىسەن؟ ».

‏1 – 13 – ئايەتتە دەل 12 « ئىزا » ۋاقىت رەۋىشى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ ھەر جۈملىنىڭ مەنە جەھەتتىن مۇستەقىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، كۈچەيتىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭ ئالتىسى دۇنيا ئۈچۈن، ئالتىسى ئاخىرەت ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بولۇپ، « ئەي ئىنسان، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشتىن خېلى كۆپ زامان ئۆتتى دەپ ئاخىرەت رىئاللىقىنى ئۇنتۇپ قالما! » دېمەكتە.

14 – ئايەتتە ئىنسانغا بېرىلگەن ئۆمۈر ۋە بارلىق ئىمكانلارنىڭ ھېسابى ئېلىندىغانلىقى، ئۇنىڭغا قارىتا ئىنسانغا مۇكاپات – جازا بېرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، قازاندا نېمە بولسا، چۈمۈچكە شۇ چىقىدۇ دېمەكتە ۋە ئىنسانلارنى ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا ۋە ھەر ئىشنى قىلغاندا ئاخىرەتتىكى جاۋاپكارلىقنى ئۇنتۇماسلىققا دەۋەت قىلماقتا.

15 – 25 – ئايەتلەردە يۇلتۇز، كېچە ۋە سەھەر شاھىت قىلىنىپ، قۇرئان / ۋەھىينىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكى، ئۇنى رەسۇلۇللاھقا يەتكۈزگۈچىنىڭ جىبرىئىل ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ مەرتىۋىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنى ئەسلى ھالىتىدە كۆرگەنلىكى تەستىق قىلىنغان. قۇرئان ۋە رەسۇلۇللاھقا مۇشرىكلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا رەددىيە بېرىلىپ ۋەھىينىڭ ئاللاھ نىڭ سۆزى ئىكەنلىكى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھ نىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

26 – ئايەتتە پۈتۈن ئىنسانىيەت ئورتاق خىتاپ قىلىپ « قەيەرگە كېتىۋاتىسىلەر؟ » دەپ سۇئال قويغان ۋە ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىش مەقسىتى ۋە مەسئۇلىيىتى ھەققىدە ئويلىنىشقا چاقىرغان.

27 – 29 – ئايەتلەردە قۇرئاننىڭ ئەۋەتىلىش مەقسىتىنىڭ ئىلاھى يېتەكچى ۋە يول كۆرسەتكۈچى ئىكەنلىكى بايان قىلىنىپ، ئەگىشىش – ئەگەشمەسلىك ئىختىيارىنىڭ ئىنساندا ئىكەنلىكى ئىما قىلىنغان. ئاللاھ نىڭ ئىنسانلارنى توغرا يولغا مېڭىشى ئۈچۈن ئەقىل، ئىرادە ۋە يېتەكچى بەرگەنلىكى، ئەگەر بۇلارنى بەرمىگەن بولسا ئىنسانلارنىڭ ھېچنەرسىنى تاللىيالمايدىغانلىقى ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن.

« قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى » ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى.

IMG_2142.JPG