ئوقۇش

By

دېكابىر 19, 2014

Tavsiyeler1ئوقۇش

 

  1. ئوقۇڭ. شۇنى ئۇنۇتماڭكى، « ئوقۇش » بۈگۈنمۇ بىلىمگە ئىگە بولۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسلۇبى. ئوقۇشنىڭ ئوبىيكتى پەقەتلا كىتاپ ئەمەس، بۇنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ. كىتاپ بەلكىم ئوقۇشتىكى ئەڭ ئاساسلىق شەيئىلەردىن بىرى پەقەت. كىتاپتىن باشقا، ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت بولغان ۋەقە، شەيئى، كائىنات ۋە ئىنساننىڭ ئۆزىمۇ ئوقۇشكا تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ئەڭ بېشىدا كېلىدۇ.
  2. پىكىرلىرىڭىزنى ئاچلىقتىن ئۆلتۈرمەڭ. بۇ نوقتىدا سىزگە ۋەھىي كەلمەيدىغانلىقى نەزەردە تۇتۇلغاندا، ئوقۇش زېھىن ئاچلىقىڭىزنى قاندۇرۇشنىڭ بىردىنبىر چارىسى. ئوقۇمايدىغان كىشى، سۇسىز قالغان ئۆسۈملۈككە ئوخشاش قۇرۇپ كېتىشكە مەھكۇم. بەلكىم، بىلىمگە پەقەت ئوقۇش يولى بىلەن ئېرىشكىلى بولماسلىقى مۇمكىن. لېكىن، بىلىمگە ئىگە بولۇشتا ئەڭ ياخشى ئۇسلۇپ يەنىلا ئوقۇش.
  3. توغرا نىيەت بىلەن ئوقۇڭ. ئوقۇشتىن مەقسىتىڭىز دۇنيالىق نەرسىلەرگە ئىگە بولۇش بولغان بولسا، دۇنيالىق نەرسىلەرنى ئوقۇماستىنمۇ ناھايىتى تېزلىكتە قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان ۋاستىلەر بار، ئۇلارنى چىڭ تۇتۇڭ. ئىلىمگە خالىس بىر نىيەت بىلەن تالىپ بولۇڭ. شۇنى ئۇنۇتماڭ، « ھەقىقەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىلىم ئاللاھ قېتىدا ». ئۇ بىلىمدىن نىسىپدار بولۇش – بولماسلىقىڭىز ئىخلاسىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىخلاستىن مەھرۇم ئىلىم، ئىگىسىگە يۈك بولىدۇ.
  4. توغرا شەكىلدە ئوقۇڭ. توغرا ئوقۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسلۇبى، توغرا بولغان دۇنيا قاراشتۇر. كىتاپ، ھەدىس، شەيئىلەر، كائىنات ۋە ئىنساننى خاتا ئوقۇغانلار، ئىلىمنىڭ سىرىغا ھېچقاچان ئىگە بولالمايدۇ. توغرا ئوقۇش بىر ئاز ئەقلى – ھۇشى جايىدا بولۇش بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. جايىدا بولمىغان بىر ئەقىل، ئوقۇغان توغرا نەرسىلەرنىمۇ خۇنۈكلەشتۈرىدۇ ۋە ھەقنى باتىل بىلەن ئارىلاشتۇرىۋېتىدۇ.
  5. كۆز ئوقۇيدىغان نەرسە پەقەتلا كىتاپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. شەيئىلەرگە ھەر قېتىم تەپەككۇر نەزىرى بىلەن قاراشنىڭ ئۆزى بىر ئوقۇشتۇر. توغرا ئوقۇش ئۈچۈن توغرا شەكىلدە نەزەر سېلىش لازىم. يانتۇ نەزەر تاشلىغانلار ھېچقاچان توغرا كۆرەلمەيدۇ.
  6. ئەگىرلىكنى نەزەر تاشلىغان نەرسىدىن ئىزدىمەي، قايسى نوقتىدا تۇرۇپ قارىغانلىقىڭىزدىن ئىزدەڭ. ئىنسانغا قىڭغىر قارىغان بىرسى، تۇنجى قاراشتا قارشى تەرەپنىڭ ئىمانى، قەلبى، جاسارىتى، پەزىلىتى، ياخشى تەرەپلىرىنى كۆرمەي، ئۈچەي باغرىنى كۆرگەن بولسا، « ئىنسان كىم؟ » دېگەن سۇئالغا « ئۈچەي – باغىر » دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. بۇ خۇددى تۇنجى نەزەردە ئىستاكاننىڭ تولدۇرۇلغان يېرىمىنى كۆرمەي، بوش قالغان يېرىنى كۆرگەن بىرسىنىڭ، زال، مېھمانخانا، ھۇجرىسى بولغان بىر ئۆينى « ئىچىدە ھاجەتخانىسى بولغان ماكان » دەپ تەرىپلىگىنىگە ئوخشايدۇ.