wehy

سىياسەت ۋە ئىمامى ئەزەم

1. يېتەكچىلىك

دىن ۋە سىياسەت

 

« كۆرمەمسەنكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى، باشقۇرۇلىشى يالغۇز ئاللاھ قا ئائىتتۇر… »                                                                                     ( نۇر، 42 )

 

سىياسەتنى قىسقىچە قىلىپ « باشقۇرۇشقا تېگىشلىك ھەر شەيئى » دەپ ئېنىقلىما بەرسەك، ئىنساننى بۇ ئېنىقلىمىنىڭ سىرتىدا دەپ قاراش مۇمكىن ئەمەس. بىر ئىنسان يا باشقۇرىدۇ، ۋەياكى باشقۇرۇلىدۇ. ئەمما كۆپىنچە ئەھۋالدا ھەر ئىككىسىدۇر. يەنى ھەم باشقۇرماقتا، ھەمدە باشقۇرۇلماقتا. بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس باشقۇرۇش، يۈزلەندۈرۈش ۋە ئىدارە قىلىش ئۇسلۇبى بولىدۇ. مانا بۇ ئۇسلۇب، ئۇ كىشىنىڭ « سىياسەت »ى دەپ ئاتىلىدۇ. مەيلى باشقىلارنى باشقۇرسۇن ۋەياكى باشقۇرۇلسۇن بۇنىڭدىن چەتنەپ كېتەلمەيدۇ. ھەر قانداق سىياسەت بىر قاتار قائىدە – تۈزۈملەرگە تايىنىدۇ. بۇ قائىدە – قانۇنلار گەۋدىسى، ئۇ قانۇننى بەلگىلىگۈچى ياكى بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ شەرىئىتى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، نەمرۇتنىڭ شەرىئىتى، پىرئەۋننىڭ شەرىئىتى دېگەندەك.

بۇ شەرىئەتلەر، مەيلى قانۇن تۈزگۈچى بولسۇن ياكى قانۇنغا رىئايە قىلغۇچى نوقتىسىدىن بولسۇن كۆپ خىللىققا ئىگە. شەخسنىڭ شەخس ئۈچۈن، شەخسنىڭ ئاۋام ئۈچۈن، ئاۋامنىڭ بىر تەبىقىسىنىڭ باشقا بىر تەبىقە ئۈچۈن، ئاز سانلىقنىڭ كۆپ سانلىق ئۈچۈن بەلگىلىگەن شەرىئەتلىرىنى، يەنى بۇلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشنى « تەھەككۇم ( ھۆكۈم چىقىرىش ۋەياكى ھۆكۈمرانلىق قىلىش ) » دەپ ئاتايمىز.

پەرقلىق ماكان ۋە زامانلارغا ئاساسەن، پەرقلىق تەھەككۇم شەكىللىرىگە ھەر خىل  ئىسىملار قويۇلغان. مەسىلەن، ئولىگارخىيە ( جاھانگىرلار كاپىتالنى مونوپول قىلىۋالغان )، پادىشاھلىق، تېئوكراتىيە ( دىن بىلەن ھاكىمىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن )، دېموكراتىيە ( كۆپسانلىق ھاكىمىيىتى ) دېگەندەك… بۇ ئىسىملارنىڭ ھەر خىل بولىشى، كۆرۈنۈشىنىڭ ۋە باشقۇرۇش شەكىللىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قارىماستىن، ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر نوقتىسى بار، يەنى ئىنساننىڭ ئىنساننى باشقۇرۇش ئۈچۈن قانۇن بەلگىلىشى، بۇ قانۇن – تۈزۈملەر ئارقىلىق ئۆزى بىلەن ئوخشاش تۈردىكى مەۋجۇدىيەت ئۈستىدە ھۆكۈمرانلىق تىكلەپ، ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىدۇر…

ھۆكۈمرانلىق ۋە تەشرى ( قانۇن بەلگىلەش ) نوقتىسىدىن سىياسەت، ئاللاھ نىڭ سىياسىتى ۋە بەندىلەرنىڭ سىياسىتى دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ.

نېمە ئۈچۈن ئاللاھ نىڭ سىياسىتى؟

سىياسەت دېگەندە، ئەقىلگە تۇنجى بولۇپ كېلىدىغان نەرسە باشقۇرۇش، قانۇن چىقىرىش، ھۆكۈم قىلىشتۇر. بىر يەردە باشقۇرۇش، قانۇن تۈزۈش، ھۆكۈم چىقىرىش ھەققىدە توختالغان بولسا، ئۇ يەردە ئەقىلگە ئەڭ باشتا ئاللاھ كېلىدۇ. چۈنكى بۇ بارلىق سۈپەتلەر يارىتىلغانلاردىن زىيادە ياراتقۇچىغا لايىقتۇر. چۈنكى، كۈچ ۋە قۇدرەت جەھەتتىن يارىتىلغانلارنىڭ ھېچبىرى ئۇنىڭ بىلەن تەڭداش ۋەيا ئوخشاش بولالمايدۇ. مانا بۇ سەۋەپلەر تۈپەيلى، بىرەر يەردە « سىياسەت » دېيىلگەندە، ئۇ يەردە تۇنجى بولۇپ ئەقلىمىزگە ئاللاھ كېلىدۇ. رىئايە قىلىنىشى تەلەپ قىلىنغان قائىدە – قانۇنلار ( شەرىئەت )دىن سۆز قىلىنغاندىمۇ ئەقلىمىزگە تۇنجى بولۇپ ئاللاھ نىڭ شەرىئىتى كېلىدۇ.

شۇنداق ئەمەسمۇ؟! ياراتقان مەخلۇقلىرىنى باشقۇرۇش ھەققىگە ياراتقۇچىدىن باشقا كىم لايىق بولالايدۇ؟ بۇنچە كۆپ نەرسىلەرنى ئۇنىڭ ياراتقانلىقىغا ئىشىنىپ، بۇ مەخلۇقاتلىرىغا قانۇن – مىزانلار بەلگىلىمىگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئەقىلسىزلىقتۇر. « ئەلۋەتتە ئۇ، ئىنسانلارنى ۋە باشقا مەۋجۇدىيەتنى ئويناش ئۈچۈن ياراتمىدى » ( ئەنبىيا، 16 ).

كىتابىدا ئۆزىنى يىگانە قانۇن – مىزان بەلگىلىگۈچى دەپ ئېلان قىلغان ئاللاھ ( رۇم، 4؛ ئەنئام، 57؛ قەسەس، 70؛ فۇرقان، 2 )، باشقۇرۇشقا ئائىت بەزى ئۇقۇملارنى ئۆزى ئۈچۈن قوللىنىدۇ.

مەسىلەن، ئاللاھ نىڭ تەرەپتارلىرى باردۇر: « كىم ئاللاھ نى ۋە رەسۇلىنى ۋە ئىمان ئېيتقانلارنى ۋەلىي قىلسا / دوست تۇتىدىكەن، غالىپ كېلىدىغانلار يەنىلا ئاللاھ نىڭ جامىئەسىدۇر » ( مائىدە، 56 ). « ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغان؛ ئۇلارمۇ ئاللاھتىن رازى بولغان ئىدى. ئەنە شۇلار ئاللاھ نىڭ جامىئەسىدۇر » ( مۇجادىلە، 22 ). ئاللاھ نىڭ سىياسىتىنىڭ قارشى تەرىپىدە شەيتاننىڭ سىياسىتىگە ۋەكىللىك قىلغان « ھىزبۇششەيتان ( شەيتان پارتىيىسى ) » باردۇر. قۇرئانى كەرىمدە بۇلار ھەققىدىمۇ سۆز قىلىنغان: « …، ئۇلار شەيتاننىڭ قوشۇنىدۇر، بىلىڭلاركى، شەيتاننىڭ قوشۇنى زىيان تارتقۇچىلاردۇر » ( مۇجادىلە، 19 ).

ئاللاھ نىڭ قوشۇنى بار، جۇندۇللاھ – ئاللاھ نىڭ ئەسكەرلىرى… « ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرلەرنىڭ ئەسكەرلىرى ئاللاھ نىڭدۇر » ( فەتىھ، 4،7 ). « … ۋە بىزنىڭ قوشۇنىمىز ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ » ( ساففات، 173 ).

ئاللاھ نىڭ كۆزەتكۈچى مەمۇرلىرى ( كىرامەن كاتىبىين )، مۇكاپات، سەلتەنەت ( ئالئىمران، 26 )، قانۇنلىرى ( يۈسۈپ، 40 )، كۈچى ( مۈلۈك، 1 )، ھۆكۈم بېرىشى ( تىن، 8 ) ۋە ئۇنىڭدىن باشقا باشقۇرۇش ئىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ھەر نەرسە، ھەمدە ئەڭ كاتتىسى ئۇنىڭدا ( ئاللاھ تا ) مەۋجۇتتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆزىنى بىز مەخلۇقلىرىغا تونۇشتۇرغان ۋاقتىدا پادىشاھ ( مەلىك )، سودىيە ( ھاكىم )، ھاكىملارنىڭ ھاكىمى، باشقۇرغۇچى ( مۇدەببىر )، كۈچى بار ( قادىر )، ئۇلۇغ قىلىدىغان / ئەزىز قىلىدىغان ( مۇئىز )، خار قىلىدىغان ( مۇزىل )، كەچۈرگۈچى ( رەھىم )، ئىنسانلارنىڭ پادىشاسى ( مەلىكۇنناس ) دەپ تونۇشتۇرماقتا.

ئۇ بىلدۈرگەن بارلىق بۇ روشەن بايانلارغا قارىماستىن، تېخىچە ئاللاھ نىڭ سىياسىتى ( باشقۇرۇشقا ئائىت قائىدە – قانۇنلىرى ) يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتىش، ھەقىقەتتە ئۇنى ئىنكار قىلىشتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. ئۇنى بىۋاستە ئىنكار قىلالمىغانلار، مانا مۇشۇنداق ۋاستىلىق يولنى تاللاپ ئۇنىڭ سىياسىتىنى ئىنكار قىلىشقا جۈرئەت قىلماقتا.

ئاللاھ نىڭ سىياسىتىنى ئىنكار قىلىشنىڭ، ئۇنى ئىنكار قىلىش ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يېتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ كىتابىغا قىسقىچە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ:

« ئاسماندىن يەرگە ئىشنى ( ئەمر ) ئورۇنلاشتۇرىدۇ… » ( سەجدە، 5  ).

« كۆرمەمسەنكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى، باشقۇرۇلىشى يالغۇز ئاللاھ قا ئائىتتۇر » ( بەقەرە، 107 ).

« سەلتەنەتتە ( مۈلكتە) ئۇنىڭ بىر شېرىكى يوقتۇر » ( فۇرقان، 2  ).

« ئاسماندا ۋە يەريۈزىدە نېمە بولسا ھەممىسى ئۇنىڭغا ئائىتتۇر، ھەممىسى ئۇنىڭغا بويۇن ئىگىدۇ » ( رۇم، 26 ).

« ئاسماندا، يەر يۈزىدە، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ۋە تۇپراقنىڭ ئاستىدا بار – يوق ھەممىسى ئۇنىڭغا ئائىتتۇر » ( تاھا، 8  ).

« سىلەردىن ئېتىلىپ چىققان مەنىنى دەپ بېقىڭلارچۇ،

ئۇنى سىلەر ياراتتىڭلارمۇ؟ ياكى ئۇنى ياراتقان بىزمۇ؟

بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى تەقدىر قىلدۇق / بېكىتتۇق.

بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئۆتۈپ كېتەلمەيسىلەر…

( … ) تېرىغانلىرىڭلارنى كۆردۈڭلارمۇ؟

ئۇنى سىلەر ئۈندۈردىڭلارمۇ ياكى بىز ئۈندۈرۈپ بەردۇقمۇ؟

ئەگەر بىز خالىساق ئەلۋەتتە ئۇنى دانسىز قۇرۇپ چۆپكە ئايلاندۇراتتۇق…

سىلەر ئىچىۋاتقان سۇنى دەپ بېقىڭلارچۇ؟

ئۇنى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز چۈشۈردۇقمۇ؟

ئەگەر بىز خالىساق ئۇنى تۇزلۇق قىلىپ قوياتتۇق. شۈكۈر قىلىشىڭلار كېرەك ئەمەسمۇ؟

سىلەر ياندۇرۇۋاتقان ئوتنى دەپ بېقىڭلارچۇ؟

ئۇنىڭ دەرىخىنى سىلەر ئۆستۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۆستۈردۇقمۇ؟ » ( ۋاقىئە، 58 – 72 ).

« … دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھ قا مەنسۇپتۇر، ھۆكۈم چىقىرىش ئاللاھ قا مەنسۇپتۇر، سىلەر ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر » ( قەسەس، 70 ).

« … شەك سۈبھىسىزكى، بارچە ھۆكۈم ئاللاھ قا خاستۇر » ( ئەنئام، 57 ).

ئۇلار: « بىزگىمۇ ئەمىرلىكتىن ( ئىدارە قىلىشتىن ) بىر نېسىۋە بارمۇ؟ » دەيدۇ.

ئېيتقىنكى: « باشقۇرۇش ئەلۋەتتە ئاللاھ قا خاستۇر » ( ئالىئىمران، 154 ).

« ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ( مۈلك ) ئاللاھ قا خاستۇر، ھەممە ئىش ئۇنىڭغا قايتۇرۇلىدۇ » ( ھەدىد، 5 ).

« … ئىلگىرى ۋە كېيىن ھەممە ئىش ئاللاھ نىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا، بۇ كۈندە مۇئمىنلەر ئاللاھ نىڭ بەرگەن ياردىمى بىلەن خوشال بولىدۇ، … » ( رۇم، 4 ).

« ئاللاھ تىن باشقا ھېچ مەبۇد / ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ ( مۇتلەق ) پادىشاھتۇر ( يەنى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ مالىكىدۇر )، مۇقەددەستۇر، سالام ( خاتىرجەملىك بەرگۈچىدۇر، تىنچلىقپەرۋەردۇر )، مۇئمىن ( ئەمىن قىلغۇچى )دۇر، مۇھەيمىن ( شەپقەت بىلەن ھىمايە قىلغۇچى )دۇر، ئەزىز ( كۈچلۈك، غالىپ )تۇر، جەببار ( خالىغىنىنى مەجبۇرى قىلغۇزغۇچى )دۇر، مۇتەكەببىر ( بەكمۇ ئۇلۇغ )دۇر! ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن ئادا – جۇدادۇر » ( ھەشر، 23 ).

« ( پۈتۈن ئاسمان – زېمىننىڭ ) پادىشاھلىقى ( باشقۇرۇلىشى ) ئاللاھ نىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھ نىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر » ( مۈلك، 1 ).

« ھەر بىر نەرسىنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى ئۇنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر » ( ياسىن، 83 ).

ئېيتقىنكى: « ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ سىلەر ئاللاھ نى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان شۇ ئىلاھلىرىڭلار نېمىلەرنى يارىتىپتۇ؟ قېنى ماڭا كۆرسىتىپ بېرىڭلار؟ » ( فاتىر، 40 ).

« ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى ۋە يەرنى چۈشۈپ كېتىشتىن توختىتىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار چۈشۈپ كەتسە، ئۇلارنى ھېچ ئەھەدى توختىتىپ تۇرالمايدۇ. شۈبھىسىزكى ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەلىمدۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر » ( فاتىر، 41 ).

« ئۇلارغا ئاللاھ تىن بۆلەك ھېچقانداق ياردەمچى يوقتۇر. ئاللاھ ئۆز ھۆكمىدە ھېچ كىشىنى شېرىك قىلمايدۇ » ( كەھف، 26 ).

« ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەر ئىختىيارى ۋە ئىختىيارسىز رەۋىشتە ئاللاھ قا بويسۇنىدۇ » ( ئالىئىمران، 83  ).

ئېيتقىنكى: « ھەممە شەيئىنىڭ پادىشاھلىقى كىمنىڭ ئىلكىدە؟ ( ئىلتىجا قىلغانلارغا ) پاناھ بولالايدىغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى ھېچ نەرسە پاناھ بولالمايدىغان كىم؟  » ( غافىر، 88 ).

« ئاللاھ ( ھالال – ھارام توغرۇلۇق ) مانا مۇشۇنداق خالىغان نەرسىنى ھۆكۈم قىلىدۇ » ( مائىدە، 1 ).

« ئاللاھ ئەڭ ياخشى ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟ » ( تىن، 8 ).

ئېيتقىنكى: « پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاللاھ! خالىغان كىشىگە مۈلكنى بېرىسەن، خالىغان كىشىدىن مۈلكنى تارتىپ ئالىسەن؛ خالىغان كىشىنى ئەزىز قىلىسەن، خالىغان ئادەمنى خار قىلىسەن. ھەممە ياخشىلىق سېنىڭ ئىلكىڭدە؛ سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن » ( ئالىئىمران، 26 ).

« ئەلۋەتتە يەر يۈزى ئاللاھ نىڭ مۈلكىدۇر. ئۇنىڭغا ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ۋارس قىلىدۇ، ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر » ( ئەئراف، 128 ).

ئېيتقىنكى: « ئىنسانلارنىڭ رەببى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى ئاللاھ قا سېغىنىمەن » ( ناس 1 – 2 ).

« بىر نەرسە ھەققىدە ئۆزئارا ئىختىلاپلىشىپ قالساڭلار، ئۇنىڭ ھەققىدە ھۆكۈم بېرىش ئاللاھ قا ئائىتتۇر » ( شۇرا، 10 ).

« شۈبھىسىزكى، يارىتىش ۋە باشقۇرۇش ( ئەمر قىلىش ) راستىنلا ئاللاھ نىڭ ئىلكىدىدۇر » ( ئەئراف، 54 ).

« … بارچە ھۆكۈم پەقەت ئاللاھ قىلا مەنسۇپ،  ئۇ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرىدى، مانا بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇنى بىلمەيدۇ » ( يۈسۈپ،  40 ).

« … كىملەركى ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر! » ( مائىدە، 44 ).

« … كىملەركى ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر » ( مائىدە، 45 ).

« … كىملەركى ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار فاسىقلاردۇر » ( مائىدە، 47 ).

« ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ ( ئاللاھ قا ) چىنپۈتكەن قەۋم ئۈچۈن ئاللاھ تىنىمۇ توغرا ھۆكۈم چىقارغۇچى كىم بار؟ » ( مائىدە، 50  ).

مۇئمىنلەر ئارىلىرىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن ئاللاھ قا ۋە رەسۇلىغا چاقىرىلغان چاغدا ئۇلار پەقەت: « ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت ئەتتۇق » دەيدۇ. مانا شۇنداق كىشىلەر مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر » ( نۇر، 51 ).

مانا بۇ مەنىدىكى ئاللاھ نىڭ سىياسىتىگە ئىتائەت قىلغان ئىمامى ئەزەم، ئۆمرى بويىنچە بۇ سىياسەتنى ھاكىم قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ۋە بۇ يولدا جېنىنى پىدا قىلىشتىن ئۆزىنى تارتمىغان ئىدى.

ئىمامنىڭ سىياسىي ئىجتىھاتلىرىغا نەزەر تاشلىغان ۋاقتىمىزدا، ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتىكى ھالقىلىق تەلىماتلىرىنى بىلىشىمىز زۆرۈر بولۇپ، دائىرىسى ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بۇ سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلغۇچىسى رەسۇلۇللاھ ئىدى. خۇلافئى راشىدىندىن كېيىن ئىسلامىي سىياسەتتە كۆرۈلگەن ئېغىپ كېتىش، بىر توپ سوئاللارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولغان بولۇپ، قانلىق توقۇنۇشلارغا ئايلانغان ئىفرات ( ئاشقۇنلۇق ) ۋە تەفرىت ( بىپەرۋالىق ) كۆز قاراشلىرى ھەممە تەرەپنى قاپلىغان ئىدى. ئىمام، مۇرەسسەسىز ھاياتىنىڭ ياردىمى بىلەن يىللاردىن بۇيان داۋام قىلغان تالاش – تارتىشلارنىڭ ئۇلىنى تەشكىل قىلغان سىياسىي مەسىلىلەرگە ئادىل ۋە مۆتىدىل چارىلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئوتتۇراھال مۇئامىلىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى.