سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » داڭلىق نۇتۇقلار » تۈركچە » تەقدىرچىلىك -« يۈكسەلگەن سۆزلەر » پىروگراممىسىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن دەرس خاتىرىسى

تەقدىرچىلىك -« يۈكسەلگەن سۆزلەر » پىروگراممىسىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن دەرس خاتىرىسى

ئۇستاز مۇستافا ئىسلامئوغلى بەرىكەتلىك ئۆتكەن 2014 رامىزانىدىكى « يۈكسەلگەن سۆزلەر » پىروگراممسىدىكى
« قۇرئانغا كۆرە – قەدەر » يەنى تەقدىرچىلىك ھەققىدىكى سۆھبىتىنى سىزلەرنىڭ ھۇزۇرىڭىزغا سۇندۇق.
يۇۋكۇ تورىدىن مۇنۇ ئۇلانما ئارقىلىق كۆرۈڭ: http://v.youku.com/v_show/id_XNzM4NTcxMzM2

http://player.youku.com/player.php/sid/XNzM4NTcxMzM2/v.swf

يۇۋتىيۇبدىن مۇنۇ ئۇلانما ئارقىلىق كۆرۈڭ: http://www.youtube.com/watch?v=aprdxPEBbZo

باتۇر قاراخانلې قېرىندىشىمىزنىڭ قەلىمىدىن تۈركچىدىن بىرۋاستە ئۇيغۇرچە ئۆزلەشتۈرۈلگەن دەرس خاتېرىسى:

‏‏بىزدىكى ئىمان شەرتلىرى چۈشەنچىسى بىلەن قۇرئاندىكى ئىمان شەرتلىرىنى سېلىشتۇرۇش بىلەن باشلاپتۇ.
‏بەقەرە 177، 284ـ285، نىسا 136 ـ ئايەتكە بىلەن بىزگە ھەدىس يولى ئارقىلىق كەلگەن ئىمان شەرتىنى سېلىشتۇرۇپتۇ.
‏‏بۇخارىدا ئىمان شەرتلىرىنىڭ بەش ئىكەنلىكى ھەدىستە، بىر ـ بىرىگە يېقىن دەۋردە ياشىغان ئەھمەد بىن ھەنبەلنىڭ مۇسنەد ناملىق ھەدىس توپلىمىدا بەش ۋە ئالتە دىن تەشكىل قىلىنغان ئىككى خىل رىۋايەتنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپتۇ.
‏قۇرئانغا قارىسىڭىز قەدەرگە ئىمان دېگەن شەرت يوق.
‏قەدەرچىلىكتە ئادەم بىلەن ئىبلىسنى مىسالغا ئاپتۇ. ھەر ئىككىسى ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا ئاسىيلىق قىلدى. ۋەقەلىك پەرقلىق ئەمما ماھىيەت ئوخشاش، يەنى ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا ئىتائەت قىلماسلىق.
‏ئادەم خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىپ تەۋبە قىلدى ، رەببىم مەن ھەقىقەتەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلدىم  ئەئراف 23 ـ ئايەت
‏ئەمما ئىبلىس خاتالىقنى ئۆزىدە كۆرمىدى، سەجدە قىلىش قىلماسلىق ئەركىنلىكى ئۇنىڭدا بار ئىدى، تاللىشىنى خاتا قىلدى. بۇ خاتالىقىنى ئۆزىدە كۆرمەي، ئاللاھ قا ئارتتى. يەنى « سەن مېنى ئازدۇردۇڭ » دېدى.
‏يەنى ئىبلىسنىڭ ئېزىپ كېتىشى ئاللاھ نىڭ ئۇنىڭغا بەلگىلىگەن قەدەرى ئىدى ئىبلىسنىڭ چۈشەنچىسىدە ( ئەئراف 16 ). 
‏ئاللاھ نىڭ ئىسىملىرىدىن بىرسى تەۋۋاب. يەنى خاتالاشقاندا خاتالىقىنى تونۇپ، ئۇنىڭغا پۇشايمان قىلسا ئۇنى مەغپىرەت قىلغۇچى. 
‏ئەگەر قەدەر يېزىلىپ بولغان بولسا، ئىرادىنىڭ ( تاللاش ) ئەھمىيىتى بولمىسا، تەۋبەنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار. 
‏زۇلۇمغا دۇچ كەلگەندە ياكى باشقا بىر مۇسىبەت سەۋەبىدىن نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدۇ؟ تەقدىرىمىزدە مۇشۇنداق پۈتۈلگەنمۇ دەپ سوراشقا باشلىغاندا، رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاقتىدىمۇ ساھابىلەر سوراپتىكەن ، رەسۇلۇللاھ خاپا بولغان، تەقدىر ھەققىدە جىق مۇنازىرە قىلماڭلار، بولمىسا ئىزىپ كېتىسىلەر دېگەن، دېگەن مەزمۇندىكى رىۋايەتنى ئالدىغا قويۇپ كىشنى ئۆزىنى ئۆزگەرتىش، تەكشۈرۈش ھەققىدىكى ئىزدىنىشىنىڭ ئالدىنى توسقان. 
‏ ئەگەر تەقدىرىم پۈتۈلۈپ بولغان بولسا، يەنى مەن سەن يېزىپ قويغان سىنارىيدىكى بىر ئەرتىس بولغان بولسام، نېمە ئۈچۈن مۇكاپات ۋە جازا بار؟ نېمە ئۈچۈن ئاخىرەتتە مېنى تىرىلدۈرۈپ مەندىن ھېساپ ئالىدۇ؟ مەن ئاللاھ يازغان رولنى ئويناۋاتىمەن، مېنى مۇشۇنداق قىلىشقا تەقدىرىمنى بەلگۈلىگۈچى مەجبۇرلىغان، مەندە گۇناھ يوق. 
‏قەدەر يېزىلىپ بولدى، دېيىلگەندە مانا بۇ سۇئاللار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. قۇرئانغا قارىسىڭىز ئاللاھ سىزگە بېرىلگەن ئۆمۈردە ئالىدىغان رولىڭىزنى بەلگىلىمىگەن، سىزگە ئۆرنەك بولىدىغان روللارنى كۆرسىتىپ قويغان، تاللاش سىزنىڭ ئىلكىڭىزدە. 
‏ئىبراھىمنىڭ رولىنى تاللىساڭ نەتىجىسى نېمە بولىدۇ؟ 
‏نەمرۇتنىڭ رولىنى تاللىساڭ نەتىجىسى نېمە بولىدۇ؟ بۇنى تونۇشتۇرغان. ئىبلىسنى دورامسەن ياكى ئادەمنىمۇ؟ يۈسۈپ بولۇشنى خالامسەن زۇلەيخامۇ؟ بۇ ئەركىنلىك سىزگە بېرىلگەن.
‏پۈتۈن قەدەرچىلەرنىڭ چۈشەنچىسىدە بېشىغا بىر مۇسىبەت كەلسە ( ئۆزىنىڭ خاتالىقىدىن ) بۇنى ئاللاھ قا ئارتىدۇ. بىر ئۇتۇق كەلسە ئۇنى ئۆزىدىن كۆرىدۇ. 
‏قەدەر دەپ بىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلارنىڭ بىرەر يېقىنى مەلۇم سەۋەب بىلەن بىرەر مۇسىبەتكە يۇلۇقسۇن، قەدەر دەپ ئۆتەمدىكىن ياكى سوتنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا قاتراپ يۈرەمدىكىن؟ ئەگەر بۇ يەردە ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە قارشى چىققانلىق بولمامدۇ؟ 
‏ئىرادىسى بار مەخلۇقتىن ھېساپ سورىلىدۇ، ئىرادىسى يوق نەرسىدىن ھېساپ ئېلىنمايدۇ. 
‏قۇرئاندا ئاللاھ بەلگىلىگەن ، پۈتۈن قىلغان نەرسىگە بىر نەرسە قوشۇش، قۇرئان تەبىرى بىلەن ئاللاھقا دىن ئۆگىتىش بولمامدۇ؟ ( ھۇجرات 16 ). 
‏ھىجرى 2 ـ ئەسىردە يېزىلغان ئەسەرلەردە ئىمان ئاساسلىرى ھەممىسىدە بەش. 
‏رەسۇلۇللاھمۇ قۇرئان ۋە ئىماننى ئاللاھتىن ئۆگەنگەن ( شۇرا 52 ). 
‏قۇرئاندا قەدەر بىر قانچە يەردە تىلغا ئېلىنغان. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىر قەدەر بىلەن ياراتتى، يەنى بىر ئۆلچەم، مىزان، قانۇنىيەت بىلەن ياراتقان. ئاللاھ خىيالىغا كەلگەننى قىلىدىغان، پىلانسىز ئىش قىلىدىغان ئاللاھ ئەمەس. 
‏ئاللاھ تەقۋا ئەھلىدۇر.
‏ئاللاھ توغرا يول ئۈستىدە. 
‏ھەر نەرسنى بەلگىلىك ئۆلچەمدە ياراتقان بەلگىلىك پرىنسىپى بولغان ئاللاھتۇر. 
‏ئاللاھ قۇرئاندا ئۆزىنى مۇشۇنداق تونۇتماقتا. بۇ ئارقىلىق ھەممىگە قادىر، ھەر نەرسىگە كۈچى يېتىدىغان ئاللاھ پرىنسىپلىق ھالدا ئىش قىلىدىيۇ، سىلەر ئىنسانلار قانداق بولۇپ خىيالىڭلارغا كەلگەننى قىلىسىلەر، پرىنسىپسىز ياشايسىلەر، ئىش قىلىسىلەر؟ دېمەكتە. 
‏ئاللاھ كائىناتتا ئىنساندىن باشقا بارلىق مەخلۇققا بەلگىلىك بىر ۋەزىپىنى تەقدىر قىلدى ( قوياش شەرقتىن چىقىپ غەرپكە پاتىدۇ تا قىيامەتكىچە؛ ھەسەل ھەرىسى ئۆلگىچە ھەسەل ئىشلەپچىقىرىش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئۇنى قىلمايمەن دەيدىغان ئىختىيارى يوق. شۇڭا بۇلاردىن ھېساپ ئېلىنمايدۇ ). 
‏ئاللاھ بەلگىلىگەن قانۇنىيەتلەر قەدەردۇر، ئاللاھ بەلگىلىگەن ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتلەر قەدەردۇر ( ئىنساننىڭ تۇغۇلىشى ئۆلىشى بىر سۈننەتۇللاھتۇر ). ئاللاھ بەلگىلىگەن سۈننەتتۇر.
‏ قەدەر چۈشەنچىسى ئىنساننى مەسئۇلىيەتسىزلىككە ئېلىپ مېڭىۋاتقان بولسا، بۇ قەدەرگە ئىمان بولمايدۇ. ئىنساننى جاۋاپكارلىققا تۇتقىلى بولىدىغان ھەر ئىشتا ئۇ ئىش ـ ھەرىكەتنىڭ جاۋاپكار ئىنسان بولىدۇ. ھېچقانداق شەكىلدە ئىنساننى جاۋاپكارلىققا تارتقىلى بولمايدىغان ئىشلاردا ئۇنىڭ ئىگىسى ئاللاھتۇر ( يەنى ئىنساننىڭ ئوغۇل ياكى قىز تۇغۇلىشى… ). 
‏ئاللاھ ھەممە ئىشتا تەقدىرىمنى بەلگىلىگەن دېگەن كىشى نېمە ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ؟ بۇ ئۇنىڭ پىشانىسىگە يېزىلىپ كەتكەن تۇرسا دۇئانىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ؟ بۇ پۈتۈلۈپ بولغان نەرسىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىق ئەمەسمۇ. 
‏قەدەرچىلىك چۈشەنچىسىدە ئىنسانغا بېرىلگەن ھۆر ئىرادە، خاتالىقىنى تونۇپ، ئاجىزلىقىنى ئىتىراپ قىلىپ ئاللاھتىن ئەپۇ ۋە ياردەم تىلەش چەتكە قېقىلىپ، ھاياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرلماقچى بولدى ( كۆرنۈشتە بار، ئەمما ئىچى قۇرۇغدالدى ). يەنى ئىنسان بىر ماشىنا ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. يىغىنچاقلىغاندا، بۇ چۈشەنچە ئىنساننى پاسسىپ ھالغا كەلتۈرىدۇ، پادىغا ئايلاندۇرىدۇ. 
‏بۇنداق ئىرادىسىنى ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان، روھى ئۆلگەن، پادىغا ئايلانغان پاسسىپ ئىنسانلارنى كىم ياخشى كۆرىدۇ؟
‏ئىنساننى باشقا جانلىقلاردىن ئايرىپ تۇرغان ئەقىل، ئىرادە ۋە ۋىجداندۇر. بۇلار بولمىسا ئىنساننىڭ ھايۋاندىن بىر پەرقى قالمايدۇ. مۇشۇنداق ئىرادىسى يوق، پادىغا ئايلانغان ئىنسانلارنى كىم ياخشى كۆرىدۇ؟ تارىخقا بىر قاراپ بېقىڭ. 
‏تارىختا ئىنسانلارنى ساختا دىن بىلەن ئۇخلىتىپ، دىننى سۈيئىستمال قىلىپ ياشىغانلار كۆپ. بۇ بارلىق ئېتىقاد سىستېمىسىدا مەۋجۇت. ئۇلار ئىنسانلار نېمىدىن بەك قورقسا ئۇنى سۈيئىستمال قىلىدۇ. ئىرادىسى پاسسىپ ھالغا كەلتۈرۈلگەن ئىنسانلار جەمىئىيتىدە پارازىتلار ناھايىتى راھەت ياشايدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى شۈمۈرىدۇ. بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن بىر تەرەپ پاشا  قونسىمۇ ئۇنى ھېس قىلمىغۇدەك دەرىجىدە بىخۇد بولىشى كېرەك. يەنى مىيىت يۇيغۇچىنىڭ ئالدىدىكى مىيىتتەك بولىشى كېرەك. 
‏مۇشۇنداق بولغاندا يەنە بىر تەرەپ پادىشاھلاردەك باشات ياشىيالايدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئوينىنى ھېس قىلىپ يەتكەنلەرنى ھەر خىل يوللار بىلەن كۆزدىن يوقۇتۇشقا تىرىشىدۇ. ئۆز ئوينىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن دىندىن تارتىپ ھەر نەرسىنى بۇزۇشقا باشلايدۇ. 
‏بۇ خىل كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەقىل دېيىلگەندە قىزىل رەڭلىك لاتا كۆرگەن بۇغىدەك قۇدىرايدۇ؟ كىشىلەرنىڭ ئەقىلسىزلىرىنى بۇنچە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئەقىلنى دەپسەندە قىلىشقا ئامراقلىقىنى ئەمدى چۈشەنگەنسىز. 
‏نېمە ئۈچۈن قۇرئان ئىنسانلارنى ئەقىل ئىشلىتىشكە بۇيرىيدۇ؟ ئەقىل ئىشلەتمەيدىغانلارنى ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ خار بولغىنى دەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ئەقىل ئىشلەتمەيدىغانلارنىڭ ئۈستىگە مەينەتچىلىك ياغدۇرىدۇ ( ئۇلارنى گۇمراھلىق ئىچىدە قالدۇرىدۇ ) دەيدۇ؟
‏قۇرئان نېمە ئۈچۈن ئەقىل ئىشلىتىشكە، ئىرادىسىنى ئىشلىتىشكە چاقىرىدۇ؟ بۇلار ئەقىلسىزلىققا، ئىرادىسىزلىككە چاقىرىدۇ؟ قەدەرچىلىك مۇشرىكلارنىڭ چۈشەنچىسى ئىدى. قۇرئاندا مۇشرىكلارنىڭ ئەگەر ئاللاھ خالىمىغان بولسا بىز بۇتلارغا چوقۇنمايتتۇق دەيدۇ ( ئەنام، 148 ). 
‏قۇرئان بۇ چۈشەنچىنى رەت قىلىدۇ ۋە سىلەر ئەمەلىڭلاردىن جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىلەر دەيدۇ. 
‏« قەدەر رىسالەسى » نىڭ مۇئەللىپى ھەسەن ئەلبەسرى ھىجرى 110 دا ۋاپات بولغان. ئەسىرىنى ھىجرى 80 ـ يىلىدا يازغان. بۇ ئەسەردىن پەقەت بىر نۇسخا ساقلىنىپ قالغان. 
‏قۇرئان مۇشرىكلارنىڭ قەدەرچىلىك چۈشەنچىسىنى رەت قىلىپ « تەببەت يادا » دەيدۇ، يەنى شۇ ئىشنى قىلغان قولى قۇرۇپ كەتسۇن دەيدۇ. 
‏مۇسۇلمانلار ئوھۇدتا مەغلۇپ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ نېمە سەۋەپتىن بولدى دېيىشىدۇ. ئۇلاردىكى مۇشرىكلىك مەزگىلىدىن قالغان قەدەرچىلىك چۈشەنچىسىنىڭ ئىزناسى كۆزگە چىلىقىشقا باشلايدۇ، قۇرئان بۇ سۇئالغا ۋاقتىدە جاۋاپ بېرىدۇ ۋە بۇ مەغلۇبىيەت ئاللاھ سىلەرگە  تەقدىر قىلغانلىقتىن بولدى دېمەيدۇ، ئەكسىچە سىلەرنىڭ خاتالىقىڭلار سەۋەبىدىن كەلدى، دەيدۇ. « ئۆزەڭلار قىلغان خاتالىقتىن » دەپ قۇرئاندا بىر قانچە يەردە تەكرارلىنىدۇ. 
‏ئاللاھ توغرا بىلەن خاتانى، ھەق بىلەن باتىلنى ئىنسانغا كۆرسەتكەن. ئىنسان سۈرىسىدە، خالساڭ شۈكۈر قىلغۇچى بولىسەن، خالىساڭ ئىنكار قىلغۇچى بولىسەن. 
‏بىز يولنى كۆرسەتتۇق. خالىغان كىشى ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان كىشى كاپىر بولسۇن، دەيدۇ. مەن خالىغان كىشى ئىمان ئېيتىدۇ، خالىمىغان ئىمان ئېيتمايدۇ، دېمەيدۇ. ئاللاھ تاللاش ئىختىيارىنى ئىنسانغا بەرگەن. ئەگەر ئىمان بىر ئىختىيارلىق بولمىغان بولسا، مۇكاپاتنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ 
‏پەرىشتىلەرنىڭ تاللاش ئەركىنلىكى بولمىغانلىقتىن ئۇلارغا شۇ ياكى بۇ مۇكاپات ياكى جازا يوق. پەقەت ئىنسانغا تاللىشىغا قارىتا جەننەت ۋە جەھەننەمدىن ئىبارەت مۇكاپات ياكى جازا بار. تاللاش ئىختىيارى بولغانلىقتىن ئىنسان بار بولغان، ئاخىرەت بار بولغان. ئەگەر تاللاش ئىختىيارى بولمىغان بولسا ئىنسان ۋە ئاخىرەتمۇ بولمايدۇ. شۇڭا ھايۋانلارنىڭ جەننىتى ياكى دوزىخى يوق، ئۇلارنىڭ تاللاش ئەركىنلىكى بولمىغانلىقتىن  بۇنى تەقەززا قىلمايدۇ. 
‏قەدەر رىسالىسى ئىسلام تارىخىدە قۇرئاندىن باشقا ئەسلى ھالىتىدە بىزگە  يېتىپ كەلگەن بىردىنبىر ئەسەر. 
‏ھەر دەۋردە ھاكىم ئورۇندا تۇرغان ئېقىم ئۆزىگە ياقمايدىغان ئەسەرنى سىستېمىلىق شەكىلدە يوقاتقان، ئەپسۇس بۇ بىر رىئاللىق. 
‏ ھىجرى 3 ـ ئەسىرلەردە يېزىلغان ئەسەرلەردە بۇ ئەسەردىن سۆز قىلغان، نەقىل ئېلىنغان. 
‏5 ـ ئەسىرلەردە كۆپەيتىلگەن، كېينكى مەزگىلىدە يوقالغان. پەقەت بىر نۇسخىسى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، سۇلايمانىيە كۇتۇپخانىسىدا 800 يىلدىن بېرى توپا بېسىپ ياتقان.  بۇ ئەسەردە كېيىنكى مەزگىللەردە توغرا دەپ قارلغان چۈشەنچىگە زىت مەزمۇنلار بولغانلىقى ئۈچۈن سىستېمىلىق ھالدا يوقۇتۇلغان، شۇنداقتىمۇ بىر نۇسخىسى ساقلىنىپ قالغان. 
‏تۈركىيەدە بۇ ئەسەر ئۈستىدە دوكتۇرا، ماگىستىر ماقالىلىرى يېزىلسا، ئەسلىگە ئۇيغۇن شەكىلدە ئانا تىلىدا ۋە تەجىمە شەكلىدە نەشىر قىلىنسا بولاتتى، لېكىن بۇنى قىلىدىغانلار چىقمىدى. ئاخىرى بىز قىلدۇق. 
‏( رىياسەتچى ): ھەسەن بەسرى كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ بۇ جۈملە دىققىتىمنى تارتتى. يەنى « ئاللاھنىڭ  كىتابىدىن بىر دەلىللىگە ئاساسلانمىغان ھەر چۈشەنچە ئازغۇنلۇقتۇر ». شۇنداق، توغرا ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق شۈبھە بولمىغان بىردىنبىر مەنبە قۇرئاندۇر.
‏م: بۇ سۆزنى ھەسەن بەسرى ھىجرى 1 ـ ئەسىردە تەكىتلىگەن. بۇ سۆزنى ھەسەن بەسرى ھىجرى 1 ـ ئەسىردە تەكىتلىگەن. 
‏قۇرئان ئۆزىدىن بۇرۇنقى جاھالەت مەزگىلىدىكى قەدەر چۈشەنچىسىنى رەت قىلىدۇ ۋە يېڭى بىر بۇرلۇش ھاسىل قىلىدۇ. ئىنساننى مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا دەۋەت قىلدى. مۇتتەقى بولۇشقا چاقىردى.ئۈستۈنلۈك ئۆلچىمىنىڭ تەقۋالىق ( مەسئۇلىيەتچانلىق ) ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى ۋە ئىنساننى ئەقلىنى، ئىرادىسىنى ئىشلىتىشكە چاقىردى. 
‏ رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئەمەۋىلەرنىڭ ھاكىمىيەتنى چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋېلىشى بىلەن مۇشرىكلارنىڭ چۈشەنچىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقتى.  يەنى مۇشرىكلارنىڭ ئۆزى ئەمەس، ئەقىدىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقتى. 
‏ئەمەۋىيلەرنىڭ 1ـ سۇلتانى مۇئاۋىيە ب. ئەبۇ سۇفيان ئىدى. ئۇ بىرىنچى بولۇپ قىلغان ئىش: « مال ئاللاھنىڭدۇر » دېيىش بولدى. 
‏بۇنىڭغا ئەبۇ زەر باشچىلىقىدا باشقا ساھابىلەر ئىتىراز قىلغانىدى. ئۇلارنىڭ ئويۇننىڭ ئاخىرىنى كۆرۈپ يەتكەنىدى. 
‏مۇئاۋىيەنىڭ « مال ئاللاھنىڭ » دېيىشىنىڭ ئاستىدا، ئاللاھ بىزنى تاللاپ سىلەرگە ھۆكۈمران قىلدى، بىز سىلەرگە ئاللاھنىڭ پۈتكەن تەقدىرى دېگەن قەدەرچىلىك ئېتىقادى ياتماقتا ئىدى.
‏بىزگە قارشى چىقىش ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە قارشى چىققانلىق، مال ئاللاھنىڭ، ئۇنى ئاللاھ كىمگە بەرسە ئۇنىڭغا ھېچكىم ئىتىراز قىلماسلىقى كېرەك، دېمەكچى ئىدى. 
‏قۇرئاندا دۇنياغا بېرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىزچىل ئاخىرەت تەكىتلەنگەن. 
‏ئەمەۋىيلەر دۇنياۋىيلىشىشنىڭ پاتقىغىقا پاتتى، ئۇنىڭ بىلەنلا قالماي بۇ دىننى دۇنياۋىيلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى. دىننىڭ گىنى بىلەن ھەپىلىشىپ، گىنى ئۆزگەرتىلگەن بىر ئىسلامنى بارلىققا كەلتۈردى ( كۆرنۈشتە ئۆزگۈرۈش يوق ، ماھىيەتتە پەرق مەۋجۇت ). 
‏بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش  ئۈچۈن ئۆزلىرىگە مايىل ئۆلىمالارنى، پەتىۋا بەرگۈچىلەرنى يۆلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىگە ماس ئەسەرلەر يېزىلدى، تارقىتىلدى . نەتىجىدە مۇشرىكلارنىڭ، ئىبلىسنىڭ دىنى بولغان قەدەرچىلىك ئوتتۇرىغا چىقتى. 
‏ھەزرىتى ھۈسەيىن شېھىت قىلىنىپ، ۋۇجۇدىدىن ئايرىلغان كاللىسى يەزىدنىڭ ھوجرىسىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ، يەزىد قولىدىكى تاياقنى ھەزرىتى ھۈسەيىننىڭ بېشىغا، لەۋلىرىگە تەككۈزۈپ ئوينىغاچ دېگەن سۆزى مۇنداق، ھەزرىتى زەينەپكە ( ھۈسەيىننىڭ سېڭلىسى ) قاراپ مۇنداق دېگەن : « ئۇنى ئاللاھ ئۆلتۈردى ». 
‏يەنى، ئۇنى بىز ئۆلتۈرمىدۇق، شۇڭا بىزنى ئەيىبلىمەڭلار. يەنى ھۈسەيىننىڭ قاتىلى ئاللاھ ، نېمە ئۈچۈن بىزدىن ھېساپ سورايمىز دەيسىلەر، دېگەنىدى. 
‏يىغىنچاقلىغاندا، ئۇلارنى ھاكىمىيەت بېشىغا ئاللاھ كەلتۈردى، ھۈسەيىننى ئاللاھ ئۆلتۈردى. 
‏دىققەت بىلەن تارىخقا قارىساق، بەدىردە مۇئاۋىيەنىڭ چوڭ دادىسى، تاغىسى، قېرىندىشى  ئۆلتۈرۈلگەنىدى.  
‏ھەزرىتى ھۈسەيىن شېھىت قىلىنغاندا يەزىدى بىرى شېئىر ئوقۇغان: « مەن ئالىدىغان ئېنتىقامىمنى ئالدىم ». 
‏بۇنى ئالۇسى ۋە باشقا مەنبەلەر بايان قىلغان.
‏ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئاللاھ رەسۇلىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان ئۇمەييە ئوغۇللىرىنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۇلارنىڭ تەقدىرى بۇ ئىدى ( شۇنداق پۈتۈلگەن ).  ئۇلار ئۈچۈن نازىل بولغان ئايەتلەر بۇرۇنلا شۇنداق يېزىلغان. 
‏« قۇرئان مەخلۇقمۇ ئەمەسمۇ؟ » مۇنازىرىسىنىڭ بىر ئۇچى باشقا يەرگە بارىدۇ. 
‏ئۇلار ئاللاھنىڭ يېنىغا قۇرئاننى قويماقچى بولدى. مەۋجۇدىيەت ئالىمىدە ئىككى نەرسە مەۋجۇت، ياراتقۇچى ۋە يارالغۇچى، ياراتقۇچى بولمىغان مەۋجۇدىيەت يارىتىلغان بولىدۇ. 
‏قۇرئاننىڭ مەخلۇق ئەمەسلىكى مۇنازىرىسى نېمە ئۈچۈن ئەمەۋىيلەرنى، ئابباسىيلارنى بۇنچە ئالاقىدار قىلىدۇ؟
‏ئابباسىيلار نېمە ئۈچۈن قۇرئان « مەخلۇق ئەمەس » دېگۈزۈش ئۈچۈن ئىمام ئەزەمنى مەجبۇرلاپ ئۆلتۈرىدۇ؟
‏ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ يېنىغا ئىككىنچى بىر ئاللاھ ياراتماقچى بولدى.
‏ئىمان ئەزەم قۇرئاننى مەخلۇق ئەمەس دېمىگەنلىكى ئۈچۈن 200 يىل ئەيىبلەندى، ئاندىن كېيىن ئىشنىڭ ئەسلى باشقا ياققا بۇرۇلىپ، ئۈستىنى يېپىپ قويۇشتى. 
‏بۇ دەۋرلەردە بۇلار ئىسلامنىڭ ئىچىنى بوشالتىشقا، ماھىيەتتىن يىراقلاشتۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشتى. بۇنىڭغا قارشى ئىزچىل يالغۇز بولسىمۇ تىركەشكەنلەرمۇ چىقتى. ئامر بىن مەھسۇت ئۇلارنىڭ بۇ چۈشەنچىسىگە ( قەدەرچىلىك ) قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن تىرىك كۆمۈۋېتىلدى. ۋەجۇ بىن ئادىي ( ساھابە ) ئۇلارنىڭ دىنغا قارشى قىلغان زۇلۇمىغا قارشى چىقتى، ئۇنى ۋە ئەتراپىدىكى ئوندىن ئارتۇق ھەمراھىنى دارغا ئاستى. مەقبەت ئەل جۇھەنى ئۇلارنىڭ قەدەر چۈشەنچىسىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەزالىرىنى سۇندۇرۇپ ئۆلتۈرگەن، بۇنى قىلغاندا قارا ئاللاھنىڭ ساڭا نېمە قىلغانلىقىنى كۆردۈڭمۇ دېيىشكەن. ئۇ زەنجىرلەرنى بوشات ساڭا كىمنىڭ قىلغانلىقىنى دەپ بېرەي ۋە مېنى سەندىن باشقىسى باغلىمىدى، مېنى ئاللاھ باغلىمىدى، سەن باغلىدىڭ دېگەنىدى. 
‏ئۆز ۋاقتىدا ھەزرىتى ئوسمانغا تاش ئاتقانلار « بۇ تاشلارنى ساڭا ئاللاھ ئېتىۋاتىدۇ » دېگەندە، ئۇ « ئاللاھ قا تۆھمەت قىلىۋاتىسىلەر، ئەگەر ئاللاھ ئاتقان بولسا، دەل جايىغا تېگەتتى، ئاتقان تاشلىرىڭلار باشقا يەرگە كېتىۋاتىدۇ » دېگەنىدى. 
‏قولىغا ھاكىمىيەتنى كىرگۈزىۋالغان پۈتۈن قىلغىلىقنى قىلىۋېلىپ، ئاندىن مەن قىلمىدىم ئاللاھ مۇشۇنداق تەقدىر قىلغاچقا بولدى دەپ ئاللاھقا تۆھمەت قىلىپ كەلگەن. 
‏بۇ ئۇلاردىكى ئاللاھ تەسەۋۋۇر دىكى خاتالىقنىڭ ئەسەرى ئىدى. 
‏شۇڭا مەئبەد ئەل جۇھانى قولۇمنى يېشىۋەت ساڭا بۇنىڭ كىم قىلغانلىقنى كۆرسىتىپ قوياي، مېنىڭ ئاللاھىم زۇلۇم قىلمايدۇ، دېدى. ئۇنى قېيناپ ئۆلتۈردى. 
‏ئەمەۋىلەرنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغان دىنىغا قارشى، ئەرشتىن نازىل قىلىنغان دىننىڭ مەنسۇپلىرى كۆرەش قىلدى. 
‏ھەسەن ئەل بەسرى قىزنىڭ جىنازىسىگە قاتنىشالمىدى، ئەگەر ئۇنى تۇتىۋالسا ئۆلتۈرەتتى، 3 يىل يوشۇرنۇپ يۈردى. شۇڭا ھەسەن ئەل بەسرى قەدەر رىسالىسى ناملىق ئەسەرنى قەلەمگە ئېلىپ، قەدەرچىلىك قىلىۋاتقان ئەمەۋىي سۇلتانىغا ئەۋەتكەن. بۇ ئەسەردە يۈزدىن ئارتۇق ئايەت تىلغا ئېلىنغان. 
‏ئابباسىيلەردىمۇ قەدەرچىلىك چۈشەنچىسى داۋام قىلغان. ھاكىمىيەت ئالماشقان بىلەن ئۆزىنى بىلەلمەستىن كۆپەيتىش خىرسى ئۆزگەرمەيدۇ. 
‏ئابباسىيلار ئەبۇ جافەر مەنسۇر مەزگىلىدە پۈتۈن بىلىملەر يىغىپ توپلىنىپ، كىتاپ ھالىغا كەلتۈرۈلۈپ، دۆلەت ئىلگىكىدىن تاسقاپ ئۆتكۈزۈلۈپ، ئابباسىيلارغا خاس بىر ئىدىئولوگىيە شەكىللەندۈرمەكچى بولۇپ، بۇ خىزمەتنى باشلايدۇ. 
‏ئىمام ئەزەمنى بۇ خىزمەت ئىچىدە بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ، لېكىن ئىمام ئەزەم رەت قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قۇرئان مەخلۇقمۇ مۇنازىرىسى بىلەن يىغىشتۇرىدۇ. تۇنجى تەپسىرمۇ بۇ دەۋردە ھاكىمىيەت بۇيرىقى بىلەن ئىبنى جۇرەيجى تۇنجى بولۇپ قۇرئان تەپسىرى يېزىلىدۇ. ئىمام ئەزەم بۇ پىلانغا قارشى تۇرغانلىقى، قۇرئاننى ئىككىنجى ئاللاھ دېمىگەنلىكى ئۈچۈن خەلىپىنىڭ ئەمرى بىلەن زىندانغا تاشلىنىپ زىنداندا زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. 
‏بۇ قەدەرچىلىك چۈشەنچىسى تا بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلدى. 
‏ئىسا ئەلەيھىسسالام  ئېلىپ كەلگەن ئىسلامنى بۇزۈپ ئويدۇرما دىن پەيدا قىلغان پاۋلوس بىر قەدەرچى. 
‏خىرىستىيانلىقتىكى تۇنجى گۇناھ چۈشەنچىسى ( ئىنسان تۇغۇلۇشتىنلا گۇناھكار ) بىر قەدەرچىلىك. 
‏دېكتاتورلارمۇ قەدەرچى. 18 ـ ئەسىردە مىسىرغا كىرگەن ناپالىئونمۇ مىسىرلىقلارغا « مەن سىلەرگە ئاللاھ تەقدىر قىلغان ھۆكۈمران » دەيدۇ. نىكسۇنمۇ پرىزىدىنت بولغاندىن كېيىن دېگەن سۆزى « تەڭرى ئامېرىكىنىڭ دۇنيانى باشقۇرۇشىنى ئىستەۋاتىدۇ » بولدى. 
‏1990 ـ يىلى سەئۇدىي ئەرەبىستاندا ھەج مەۋسۈمىدە بىر پاجىئە يۈز بېرىپ مىڭلىغان ھاجى مىنادا ئۆلدى. رەسمى باياندا 1600، غەيرى رەسمى باياندا 6000 كىشى قازا قىلدى.
‏سەۋەب شۇ، بىر شاھزادە مىنادىن ئۆتىدۇ دەپ ھاجىلارنىڭ ئالدىنى توسايدۇ.ئۇلارنىڭ ئالدى تەرەپتىن توسالغانلىقىدىن بىخەۋەر ھاجىلار ئالدىغا قاراپ كېلىۋېرىدۇ ۋە كىشىلەر بۇ يەردە يىغىلىشقا باشلايدۇ. نەتىجىدە پاجىئە يۈز بېرىپ ھاجىلار ئۆلىدۇ. سەئۇدىي تەرەپ بۇنى « تەقدىرى ئىلاھىي » دەپ چۈشەندۈردى. 1999 ـيىلى تۈركىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىمۇ، دىن بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى بولمىغان باش مىنىستىر « تەقدىرى ئىلاھى » دېدى ۋە ئىشنى يۇغۇشتۇردى ( قۇرۇلۇشتىكى مەسئۇلىيەت سۈرۈشتە قىلىنمىدى ). 
‏يېقىندا تۈركىيە سومادىكى كان قازاسىدا 300 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى. بۇ ئىشتا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمىغانلار يەنە قەدەرچىلىك قىلىپ « تەقدىرى ئىلاھى » دېدى. 
‏يەنى شەيتاننىڭ ،مۇشرىكلارنىڭ دىنىغا يېپىشىدۇ. تەقدىرى ئىلاھى دېيىلىش بىلەن  تەڭ، بۇ مەسىلىدە بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز بارمۇ يوقمۇ؟ بىز نەزەردىن ساقىت قىلغان، سەل قارىغان، تۈزىتىشكە تېگىشلىك نوقتا بارمۇ يوقمۇ؟ دېگەن سۇئالنى ئۆزىڭىزدىن سورىيالمايسىز. ئۆزىڭىزنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن قاچىسىز، گۇناھنى ئاللاھقا ئارتىپ قويسىز. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتمەيسىز، ئىستىغپار ئېيتمايسىز. جاۋابكارلىق ئالمايسىز. 
‏ئەمما قۇرئان بۇنداق دېمەيدۇ ، بېشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەت ئۆزەڭلارنىڭ قىلغان خاتالىقىدىن، دەيدۇ. 
‏قەدەرچىلىك قىلغاندا، ئادەمگە، يۇنۇسقا ئوخشاش يۈرەكتىن ئىستىغپار ئېيتالمايسىز. چۈنكى، ئوتتۇرىدا ئۈستىگە ئالغۇدەك ھېچقانداق بىر مەسئۇلىيەت يوق، ھەممە نەرسە پىشانىگە پۈتۈلۈپ كەتكەن. 
‏ئەگەر بۇ ئىشتا مېنىڭ سەھۋەنلىكىم، مەسئۇلىيىتىم بارمۇ؟ دەپ سوراشقا باشلىغاندا، مۇسىبەت سىلەرنىڭ خاتالىقىڭلار سەۋەبىدىن بېشىڭلارغا كەلدى دەۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز قۇرئاننىڭ. ئادەمنىڭ، يۇنۇسنىڭ « مەن خاتالاشتىم » دېگەن دۇئاسىنى كۆرىسىز. 

يازغۇچى ھەققىدە

ھايات كىتابىم

ماقالە سانى : 553

ئىنكاس يوللاش

© 2011 Powered By Wordpress, Goodnews Theme By Momizat Team

ئۈستىگە قايتىش