تارىخ ۋە ئەمەل

 

تارىخنىڭ ئەقىدىمىزگە تېما بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغانىدىم. بۇ، ئەقىدىنىڭ تارىخقا ئايلىنىشى ۋەياكى تارىخنىڭ ئەقىدە تۈسىنى ئېلىشىدىن پەرقلىق بىر ئىش. بۇ « ئەقىدىنىڭ تارىخىيلىققا ئىگە بولىشى »دۇر. زامان ئەقىدىمىزگە تېما بولىدۇ – يۇ، ئەمەللىرىمىزنىڭ تېمىسى بولماي قالارمۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى « شۇنداق » ۋە « نېمە ئۈچۈن؟ »نى مەزھەپ تېمىسىدا جاۋابىنى تاپىدۇ.

مەزھەپلەرنىڭ فىقھى ئېقىملىرى ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقان ۋاقتىمىزدا، بۇلارنى فىقىھتىن ئايرىپ تەھلىل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەزھەپلەر ئىسلام فىقھىنىڭ قۇرۇلمىسىدىن كېلىپ چىققان دىنامىزىمنىڭ تەبىئىي نەتىجىسىدۇر. بەك ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، كۈنىمىزدە ئىسلام فىقھىنىڭ دىنامىزىمىنى تەمسىل قىلغان مەزھەپلەر، مەنسۇپلىرىنىڭ نادانلىقى ۋە قارىغۇلارچە ئەگىشىشى نەتىجىسىدە، كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولغان ئىسلام فىقھىنىڭ جانلىقلىقىنى تەمسىل قىلىشتىن قەدەممۇ – قەدەم يىراقلاشتۇرۇلۇپ، ماھىيىتىدىن يىراق بىر ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇلدى. تېمىمىز مەزھەپلەر بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ تېمىدا توختالمايمىز.

فىقھنىڭ ئېنىقلىمىسىدىن بىرسى، كىشىنىڭ پايدىسىغا ۋەيا زىيىنىغا بولغانلارنى دەلىللىرى بىلەن بىلىشىدۇر. بۇ كىلاسىك ئىزاھاتتىن يولغا چىقىدىغان بولساق، فىقھنىڭ پەقەت ئىلمىي قائىدىلەردىن بىر قائىدە بولماستىن، بەلكى بىر ھايات، تېخىمۇ ئۇمۇملاشقان ئىسمى بىلەن ئېيتقاندا، بىر ھال ئىلمى ( ئىلمىي ھال ) ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.

بىر مۇئمىن ئۈچۈن « ئىلمى ھال »، ھايات بىلەن خۇددى گۆش ۋە تىرناققا ئوخشاش بىر – بىرىگە زىچ كىرىشپ كەتكەن ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ ھاياتنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ھالىتىمىز ( ئىش – ھەرىكىتىمىز )نىڭ ئىلمىدىن خەۋەردار بولۇش ھەر مۇئمىنگە پەرز ئەيندۇر. تارىخ بولسا، ھالىمىزنى تەرتىپكە سالغان ئاساسلار ۋە پىرىنسىپلار ئېقىپ ئۆتكەن بىردىنبىر مەنبەدۇر. مەزھەپ ئىماملىرى بۇ پىرىنسىپلارنى بىز ئۈچۈن تەرتىپكە سېلىپ چىققان ئەمگەكچان يېتەكچىلەردۇر. مەنسۇبى بولغىنىمىز مۇددەتچە ھاياتىمىز بىلەن زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ يېتەكچىلەرنى تونۇش ۋە تونۇشتۇرۇش بىزلەر ئۈچۈن باش تارتىپ بولغىلى بولمايدىغان ۋەزىپىدۇر.

مەزھەپ ھادىسىسى بىلەن گىرەلىشىپ بىرگە ياشاۋاتقانلىقىمىز بىر ھەقىقەت. بۇ ھادىسە ئىسلام جۇغراپىيىسىدە دۇنياۋى ئىسلام ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلدى. دىنىنى ئۇنتۇپ قالاي دەپ قالغان كىشىلەر، بۇ ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە « مەزھەب »لەرنىڭ مەۋجۇدلىقىنى قايتىدىن ئېسىگە ئالدى. بىر مەزھەب مەنسۇبى ئىكەنلىكىنى بۇنچە ئۇزۇن زاماندىن كېيىن ھېس قىلدۇرىدىغان ئەھۋاللار مەيدانغا كەلدى.

دەۋرىمىزدىكى مەزھەب تالاش – تارتىشلىرىنىڭ بىردىنبىر پايدىسى بۇ بولسا كېرەك. گەرچە دىنى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلەي دەپ قالغان بىر توپلۇمدىن، مەزھەپلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشنى كۈتكىلى بولمايدۇ. دىن بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق كىشىلەرنىڭ مەزھەپلەرگە قارىتا تۇتقان رىياكار ھۇشيارلىقلىرىنىڭ تېگىدە، ئۈزۈم يېيىش ئەمەس، باغۋەننى دۇمبالاشتىن ئىبارەت قارا نىيەت ياتماقتا.

نۇرغۇنلىغان تېمىلاردا بولغاندەك مۇۋازىنەتسىزلىكنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن مەسلىلەردىن يەنە بىرسى مەزھەپتۇر. بۇ، تارىختىكى باشقا قىڭغىر چۈشەنچىلەرگە ئوخشاش بۈگۈنكى كۈنىمىزدىمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر. مەقسىتىمىز 1300 يىلدىن بېرى ئېتىلىشكە باشلىغان يارىمىزنى قاشلاپ قانىتىش ئەمەس، بۇنداق بولماسلىقى كېرەك. شۇنداقتىمۇ توغرا بولمىغان قاراشلارغىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزرىنى ئاغدۇرۇش ۋەزىپىمىزدۇر. ئىمام ئەزەم ھەققىدىكى بىر تەتقىقاتتا، بۇ تېما ھەققىدە بىر قانچە جۈملە بىلەن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئەمىلىيەتچانلىق نوقتىسىدىن پايدىلىق دەپ قارايمىز.