بايراقتار بايراقلې 1947 – يىلى رىزە ۋىلايىتىنىڭ گۈنەيجە ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپنى ۋە قارىلىقنى يېزىسىدا تۈگەتكەن. 1968 – يىلى ئىستانبۇل ئىمام – خاتىپ مەكتىۋىنى، 1969 – يىلى ئىستانبۇل ئەيۇپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىۋىنى، 1972 – يىلى ئىستانبۇل ئالىي ئىسلام ئېنىستىتوتىنى، 1977 – يىلى ئىستانبۇل ئۈنىۋېرسىتىتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى جەمىئىيەتشۇناسلىق بۆلۈمىنى پۈتكۈزگەن.
1972 – 1977 – يىللىرى ئارىسىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1977 – يىلى ئىستانبۇل ئالىي ئىسلام ئېنىستىتوتىنى پىداگوگىكا دەرسلىرى ياردەمچىسى بولغان. 1980 – يىلى « ئىسلامدا تەلىم – تەربىيە » تېمىلىق دېسىرتاسىيىسى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان. 1982 – يىلى « فارابىدا دۆلەت پەلسەپىسى » ماۋزۇلۇق دېسىرتاسىيىسى بىلەن ئىستانبۇل ئۈنىۋېرسىتىتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى جەمىئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە دوكتۇرلىق ئۇنىۋانىنى ئالغان. 1983 – يىلى ياردەمچى دوتسىنت، 1986 – يىلى دوتسىنت، 1993 – يىلى پىروفېسسور بولغان.
جەمىئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە 1984 – 1985 – يىللىرىدا ئەنگىلىيىدە بىر مەزگىل تۇرغان. 1985 – يىلى « خەلقئارالىق زىيارەتچى » سۈپىتىدە ئامېرىكىدا بىر مەزگىل تۇرغان ۋە ئالىي مەكتەپلەردە لېكسىيەلەر سۆزلىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەنگىلىيە، گىرمانىيە، گوللاندىيە ۋە بىلگىيەدە ئولتۇراقلاشقان تۈرك ئىشچىلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان.
پروفېسسور بايراقتار بايراقلېنىڭ « ئىسلامدا تەلىم – تەربىيە » ناملىق ئەسەرى تۈركىيە مىللىي مەدەنىيەت ۋەقپى تەرىپىدىن مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن. 
پروفېسسور بايراقتار بايراقلېنىڭ 21 توملۇق « يېڭى بىر چۈشەنچە ئاساسىدا قۇرئان تەپسىرى »، « يېڭى بىر چۈشەنچە ئاساسىدا قۇرئان مەنا تەرجىمىسى »، « ئىسلامدا تەلىم – تەربىيە »، « فارابىدا دۆلەت پەلسەپىسى »، « ئېمتىھان پىداگوگىكىسى »، « ئايەتلەر ئاساسىدا ئىمان، ئىبادەت ۋە ئەخلاق ھەققىدە سۆھبەتلەر »، « ئايال، مۇھەببەت ۋە ئاساسىي ھەقلىرى »، « سېلىشتۇرما تەلىم – تەربىيە پەلسەپە سىستېمىسىى »، « قۇرئاندا ئۆزگۈرۈش، تەرەققىيات ۋە ساپا ئۇقۇملىرى »، « قۇرئاندا ھەزرىتى پەيغەمبەر »، « دىن ۋە ئالاقە »، « قۇرئاندا ئىچكى – ئىجتىمائىي – ماددىي مۇھىت ئۇقۇملىرى »، « قۇرئان ئەخلاقى »، « قۇرئاندا مۇسۇلمان شەخسىيىتى »، « قۇرئانغا كۆرە كۆڭۈلدىكىدەك جەمىئىيەت »، « قۇرئانسىز مۇسۇلمانلىق »، « ئىنسانىيەتنىڭ ۋاباسى شېرىك » ناملىق ئەسەرلىرى ۋە ئىنگىلىز تىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرى بار بولۇپ، 1994 – 2011 – يىللىرى ئارىسىدا 21 سانلىق « دىن تەلىم – تەربىيىسى تەتقىقاتى ژورنىلى » چىقارغان. « ئايال، مۇھەببەت ۋە ئاساسىي ھەق – ھوقوقلىرى » ناملىق ئەسىرى ئىنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان. 
پروفېسسور بايراقتار بايراقلې 2014 – يىلى مارمارا ئۇنىۋېرسىتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن پېنسىيىگە چىققان بولۇپ، ھازىرمۇ ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا. 
 ھايات كىتابىم تورى ئۇستاز پىروف. در. بايراقتار باياقلى ياغان« قۇرئانغا كۆرە ئايال، مۇھەببەت ۋە ئاساسى ھەق- ھوقۇقلىرى» ناملىق ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىنغان ۋە كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئۇشبۇ ئەسىرىنىڭ ۋورد نۇسقىسىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشنى شەرەپ دەپ بىلىدۇ. 
 ئەسەرنى مۇنۇ ئۇلانمىدىن چۈشۈرۈۋېلڭ: 

Woman Love and Basic Rights According to The Quran

https://yuzlen.net/wp-content/uploads/2015/06/Woman-Love-and-Basic-Rights.pdf

  ئۇستازنىڭ جەمىيەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن چىقىش قىلىپ يازغان تەفسىر ۋە دەرسلىرى بىلەن تونۇشۇشنى خالىسىڭىز ئۇستازنىڭ شەخسى توربېتى بايراقتار خوجا www.bayraktarhoca.com نى زىيارەت قىلىڭ!
 ئۇندىن باشقا چاي تېلىۋىزىيەسىدە ھەر پەيشەنبە چۈشتىن كېيىن نەقمەيداندىن تەفسىر قىلىۋاتقان« قۇرئاندىن كۆڭۈلگە ناملىق سۆھبىتىگە قۇلاق سېلىڭ!