قۇرئان ۋە سۈننەتتە بەشەرى ئىش – ھەرىكەتلەرنىڭ ئاللاھ قا قارىتىلىشى

قۇرئاندا بەشەرى ئىش – ھەرىكەتلەرنىڭ ئاللاھ قا قارىتىلىشى، نىسبەت ۋە ئىزفەت ( ئېنىقلىغۇچى ) قىلىنىشىنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ نوقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:

  1. پەقەت ئاللاھ قىلا قارىتىلغان، ئاللاھ تىن غەيرىگە خاس قىلغىلى بولمايدىغان ئىش – ھەرىكەتلەر: فىترەت، مەغپىرەت، تەقدىر قاتارلىق بۇ تۈرگە كىرىدۇ. بۇ تۈرگە كىرىدىغان بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ئىش – ھەرىكەتلەر قۇرئاندا پەقەت ئاللاھ قىلا قارىتىلىدۇ. بۇلارنى « ئەف ئالى ھۇسنائى خاسسا – ئاللاھ قا خاس چىرايلىق ئىش – ھەرىكەتلەر » دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.
  2. ئاللاھ قا قارىتىلماي، دائىم ئىنسانغا ۋە باشقا مەخلۇقلارغا قارىتىلغان ئىش – ھەرىكەتلەر: بۇلارنىڭ ئەڭ ئالدىدا زۇلۇم، پاسات – پىتنە، خاتالىق ۋە گۇناھ قىلمىشلىرى كەلمەكتە. بۇلارنىڭ ئاللاھ قا قارىتىلماسلىقىنى، بەزىلەر بۇ خىل ئىش – ھەرىكەتلەرنىڭ ئاللاھ نىڭ شەنىغا لايىق بولمايدىغانلىقى بىلەن ئىزاھلىغان. بۇ كەمتۈك ۋە خاتا بولغان ئىزاھاتتۇر. بۇ چۈشەنچىدىكىلەر، بەندىنى « گۇمراھلىققا چۈشۈرۈشنى / ئازدۇرۇشنى » ئاللاھ نىڭ شەنىگە لايىق دەپ قاراشتا ھېچقانداق غەلىتىلىك ھېس قىلمىغان. بۇ چۈشەنچىدىكى زىتلىقتۇر. ئۇلارنىڭ بۇ پوزىتسىيىسى خۇددى « ئەسلىدە زۇلۇم، پاسات، خاتالىق ۋە گۇناھ قىلمىشلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسىنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكى توغرىدۇر. ئەمما بۇنى بۇ شەكىلدە ئېيتىش توغرا بولمايدۇ » دېگەنلىكتۇر.

فەسۇبھاناللاھ! بۇ نېمە دېگەن زىددىيەتكە تولغان چۈشەنچە؟ ئۇلار قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىش، ئاللاھ نىڭ بارلىق يامانلىقلاردىن خالىي ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتكە ئىمان ئېيتىش، ئىنسان سادىر قىلغان يامان قىلمىشنىڭ ھەقىقىي ئىگىسىنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشتۇر. چۈنكى ئاللاھ پەقەت بەندىلىرىنىلا توغرا يولغا چاقىرىپ قالماستىن، ئۆزىنىڭمۇ توپتوغرا يولدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقتا:

« شۈبھىسىزكى، رەببىم توپتوغرا يول ئۈستىدە » ( ھۇد، 56 ).

  1. ھەم ئاللاھ قا ھەم بەندىگە نىسبەت قىلىنغان ئىش – ھەرىكەتلەر: بۇلارمۇ ئۆز ئىچىدىن ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ:
  2. A) ھەم ئاللاھ ئۈچۈن، ھەم بەندە ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن پېئىللار: بۇ پېئىللارمۇ يەنە ئۆز ئىچىدىن ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ: 1 ) ھەم ئاللاھ ئۈچۈن، ھەم بەندە ئۈچۈن پەرقلىق جۈملە ئىچىدە ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئىشلىتىلگەن پېئىللار. بۇنىڭ قۇرئاندا نۇرغۇن ئۆرنىكى بار. 2 ) ئوخشاش جۈملە ئىچىدە ئوخشاش لەبز ئىچىدە ئىشلىتىلگەن قوش ئىگىلىك پېئىللار. قۇرئاندا ھەر تىلغا ئېلىنغان جايدا ئەمەس، ئەمما بىر قانچە يەردە ئىشلىتىلگەن « يەھدى مەن يەشائ ( خالىغان / تىلىگەن كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ )، يۇدىللۇ مەن يەشائ ( خالىغان / تىلىگەن كىشىنى ئازدۇرىدۇ ) » دېگەندەك پېئىللار بۇ تۈرگە كىرىدۇ. مەيلى بۇ شەكىلدە كەلسۇن، ياكى بۇنىڭدىن پەرقلىق شەكىلدە كەلسۇن، مەسىلەن: يۇدىللۇ مەن يەشائ ئىبارىسى، تۈز مەنىسى « ئاللاھ خالىغاننى ئازدۇرىدۇ » شەكلىدە تەرجىمە قىلىنماسلىقى كېرەك. بۇنداق بولغاندا، يەشائ پېئىلىنىڭ ئىككى ئىگىنى بىرلىكتە كۆرسىتىدىغان ئىككى كۆزىدىن بىرنى قۇيىۋەتكەن، ئايەتنىڭ ئەسلى تېكسىتىدە مەۋجۇت بولغان بىر مەنانى زايا قىلىۋەتكە بولىمىز. بۇ ئىبارىنىڭ ئىككى ئىگىنى كۆرسىتىدىغان شەكىلدىكى تەرجىمىسى مۇنداق بولىدۇ:

« ئۇ ئېزىشنى خالىغۇچىنىڭ ئىزىشىنى خالايدۇ ». بۇنىڭ مەنىسى « ئاللاھ ئېزىشنى خالىغان كىشىنىڭ ئېزىپ كېتىشىگە يول قويىدۇ ». دېمىسىمۇ، « ئۇ پاسىقلاردىن باشقىسىنى ئازدۇرمايدۇ » ( بەقەرە، 26 )غا ئوخشاش ئايەتلەر، بۇ مەنىنى تەستىقلايدۇ. رىسالىنىڭ ئەسلى تېكىستىدە ئۆرنەك قىلىپ مىسال قىلىنغان « ئالەملەرنىڭ رەببى خالىمىسا، سىلەر ھېچنەرسىنى خالىيالمايسلەر » ( تەكۋىر، 28 – 29 ) ئايىتى بۇ تۈرگە كىرىدۇ. بۇ ئايەت، ئاللاھ سىلەرگە ئىرادە بەرمىگەن بولسا ئىدى، سىلەر خالىيالمايتتىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئىرادە بېرىش ئارقىلىق سىلەرنىڭ خالىشىڭلارنى خالىدى، سىلەر مانا بۇ سەۋەپتىن خالىيالايسىلەر، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

B ) ئەسلىدە بەندىگە ئائىت بولغان بولسىمۇ، ئاللاھ قا نىسبەت قىلىنغان ئىش – ھەرىكەت: بۇ تۈرگە كىرىدىغان پېئىللار ھەقىقەتەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بولۇپ، بەندىلەرگە ئاللاھ قا قارىتا ئەدەپ – ھايا ئۆگىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق: « ئى بەندە! ھەرگىزمۇ ئاللاھ يوقتەك گەپ قىلما! ئاللاھ يوقتەك ئويلىما! ئاللاھ يوقتەك مۇئامىلىدە بولما! » دېيىلمەكتە. رىسالىدە ئۆرنەك قىلىنغان ئايەت تۆۋەندىكىچە:

يرُ۪يدُ اللُّٰ ليُِبَيِّنَ لكَُمْ وَيهَْدِيكَُمْ سُنَنَ الّذَ۪ينَ مِنْ قَبْلِكُمْ وَيتَُوبَ عَليَْكُمْۜ وَاللُّٰ عَل۪يمٌ حَك۪يمٌ

يۇقىرىدىكى نىسا سۈرىسى 26 – ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « يۇبەيينۇن – ئۇ ئىزاھلايدۇ »، « يەھدى – ئۇ يول كۆرسىتىدۇ » ۋە « يەتۇبۇ – ئۇ يۈزلەندۈرىدۇ » پېئىللىرىنىڭ ئاللاھ قا نىسبەت قىلىنىشى بۇ سەۋەپتىن بولغان.

بۇ ئارقىلىق ئىنسانغا « ھەددىڭنى بىل، ئۆزەڭنى بىل! » دېيىلگەن. مەقسەت، ئىنسانغا ئىنساننىڭ مۇتلەق كۈچ ۋە قۇدرەت ئىگىسى ئەمەسلىكىنى ئەسلىتىش، ئاللاھ تىن بېغىنى ئۆزمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىشتۇر. بۇ ئارقىلىق قىلغانلىرىنىڭ ئارقا پەردىسىدە ئاللاھ ئۆزىگە ئامانەت قىلغان ئىرادە، ئەقىل، كۈچ – قۇدرەت، بەدەن ۋە ئىمكان بارلىقىنى ئۇنۇتتۇرماسلىق مەقسەت قىلىنماقتا.

دېمەكچى بولغانلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ چۈشۈنۈشلىك بولىشى ئۈچۈن بۇ تۈرگە كىرىدىغان ئايەتلەردىن بىر قانچىسىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

« ئۇ قەلەم بىلەن ( يېزىشنى ) ئۆگەتتى » ( ئەلەق، 5 ).

« ھەر قانداق كاتىپ ئاللاھ ئۆزىگە ئۈگەتكەن شەكىلدە يېزىشتىن قاچمىسۇن » ( بەقەرە، 282 ).

يۇقىرىدا قەلەم بىلەن يېزىشنى ئۆگىتىش ھەرىكىتى ئاللاھ قا قارىتىلغان. لېكىن يېزىشنى ئۈگەنگەن ھەر قانداق كىشىنىڭ، ئۇنى ئۆزىگە ئوخشاش ئىنساندىن ئۈگىنىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم بولغان ھەقىقەتتۇر.

سوئال: ئۇنداقتا، ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن بۇ ھەرىكەت ئاللاھ قا قارىتىلىدۇ؟

ئەلجاۋاپ: بۇ، ئاللاھ ئۇ بەندىگە خۇسۇسىي ھالدا يېزىشنى ئۈگەتكەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بەندىگە يېزىش قابىلىيىتىنى، ئۇنىڭ تەكتىدە ياتقان ئەقىل ۋە ئىرادىنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن مۇشۇنداق دېيىلگەن.

« ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال ۋە كۆز ئالدىدا تۇرىدىغان ئوغۇللار بەردىم » ( مۇددەسسىر، 12 – 13 ).

بۇ ئايەتتىكى مال ۋە ئوغۇل بېرىش ھەرىكىتى ئاللاھ قا نىسبەت قىلىنغان. ئايەتتىكى « بېرىش »، بۇ ئازغۇن مۇشرىككە خاس مۆجىزىۋى بىر ئىلاھىي ئىلتىپات مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئاللاھ باشقىلارغا قانداق يوللار بىلەن مال ۋە ئەۋلاد بەرگەن بولسا، بۇ ئازغۇن مۇشرىككىمۇ ئوخشاش يوللار بىلەن بەرگەنىدى.

« ئۇنى ئۆيىدىن ئېلىپ چىققان رەببىدۇر » ( ئەنفال، 5 ).

رەسۇلۇللاھنىڭ بەدىر ئۇرۇشى ئۈچۈن ئۆيدىن چىقىش ھەرىكىتى، ئاللاھ قا نىسبەت قىلىنماقتا. بۇ چوقۇم ئالاھىدە ھالدا ئۆيىدىن « ئېلىپ چىقىش » مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ. « ئادەتتىكى ئۆيىدىن چىقىشتا ئاللاھ نىڭ مۇداخىلىسى قانداق بولغان بولسا، بۇمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر » دەپ چۈشۈنۈش، قۇرئاننىڭ ئومۇمىي ئۇسلۇبىغا تېخىمۇ مۇۋاپىق.

« ئاللاھ خالىمىسا، سىلەر خالىيالمايسىلەر » ( نىسا، 78 ).

« ھالبۇكى، سىلەرنى ۋە ياسىغان نەرسەڭلارنى ئاللاھ ياراتقاندۇر » ( ساففات، 96 ).

بۇ ئايەتلەرمۇ يۇقىرىدىكىگە ئوخشايدۇ.

سۆيۈملۈك رەسۇلىمىزمۇ، قۇرئاننىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلانغان ۋە بۇ ئەدەبنى ئۆزىنىڭ ھاياتىغا مۇجەسسەملەشتۈرگەنىدى. بۇ نوقتىدا بىر ئۆرنەك بېرەيلى:

ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى، تەبۇك غازىتى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھتىن ئۇلاغ سورىغانىدى. نەبى، باشتا بەرگۈدەك ئۇلاغ يوقلىقىنى ئېيتقان، كېيىن ئۇنى ھەل قىلىپ ئۇنىڭغا ئۇلاغ بەرگەن ۋە مۇنداق دېگەن:

« ئىنتالىقۇ فە ئىننەما ھامەلەكۇمۇللاھ – بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئۇلاغ بەردى »، يەنە بىر رىۋايەتتە « لەستۇ ئەنە ھامەلتۇكۇم، ۋەلەكىننەللاھە ھامەلەكۇم – سىلەرگە ئۇلاغ بەرگۈچى مەن ئەمەس، سىلەرنى مېنگۈزگەن ئاللاھ تۇر » ( بۇخارى، 6721، 6649 ).

كائىناتتا يۈز بەرگەن ھەر قانداق ئىش ئاللاھ نىڭ تەسەررۇپى ئاستىدا بولىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتقان ھەر مۇئمىن، بۇ ئەدەبكە ئىگە بولىشى كېرەك. بۇ ئەدەبنى قۇرئان ئۈگەتكەن. نەبى ۋە ساھابىلەر ھاياتىغا تەدبىقلىغان بۇ ئەدەبنى ئۆز يولىدىن چىقىرىپ تاشلىغانلار، ئەمەۋى ھۆكۈمرانلىرى ۋە ئۇلار ئاچقان بۇ چىغىر يولدىن ماڭغانلار ئىدى. ئۇلار ئۆزىنىڭ جىنايىتى ۋە گۇناھىنى ئاللاھ قا نىسبەت قىلىشقا ئۇرۇنغانىدى. ھالبۇكى قۇرئان، خاتالىقىنى نەقىل قىلغان رەسۇللارنىڭ ھەممىسى، خاتالىقىنى رەببىگە ئەمەس، ئۆزىگە نىسبەت قىلغانلىقىنى بايان قىلماقتا.

خۇلاسەكالام، خەيىرنى، ياخشىلىقنى ۋە ساۋاپنى ئاللاھ قا نىسبەت قىلىش؛ شەرنى، يامانلىقنى ۋە گۇناھنى ئاللاھ قا نىسبەت قىلماسلىق قۇرئان ئەدەبى بىلەن ئەخلاقلىنىشتۇر.