ئادەم « بۇ ماڭا سەن پۈتۈۋەتكەن قەدەردۇر » دېمىدى، ئەكسىچە « مەن ئۆزەمگە ئۆزەم زۇلۇم قىلدىم » دېدى

 ھەزرىتى ئىنساننىڭ بوۋىسى ئادەم، نەپسى – خاھىشىغا ئەگىشىپ ئاللاھ قا ئاسىيلىق قىلغانىدى. ئادەم « بۇ ئاللاھ نىڭ قازايى قەدەرىدۇر » دېمىدى، « رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق » (ئەئراف، 23) دېدى. يەنى، گۇناھىنىڭ / ئاسىيلىق قىلغانلىقىنىڭ جاۋاپكارلىقىنى ئاللاھ قا ئارتىپ قويمىدى، ئۆز ئۈستىگە ئالدى. دېمىسىمۇ، تەۋبە – ئىستىغفارنىڭ بىرىنچى شەرتى، گۇناھىنىڭ جاۋاپكارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتۇر. بۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرۇپ، تەۋبە قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

ھەزرىتى ئادەم خاتالىقىنىڭ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش ئارقىلىق ئاللاھ نىڭ رەھمىتىگە نائىل بولدى. ئىبلىس خاتالىغىنىڭ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالماي ئاللاھ قا دۆڭگەپ شەيتان بولدى ( شەيتانلاشتى ). « رەببىم! سەن مېنى گۇمراھ قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، يەريۈزىدە ئادەم باللىرىغا (گۇناھلارنى) ئەلۋەتتە چىرايلىق كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەلۋەتتە ئازدۇرىمەن » دېدى (ھىجر، 39). ئۇ يەنە « سېنىڭ مېنى ئازدۇرغانلىقىڭدىن، ئۇلار ( يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىغا ۋەسۋەسە قىلىش ) ئۈچۈن چوقۇم سېنىڭ توغرا يولۇڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن » (ئەئراف، 26) دېدى.

ئىبلىس قىلمىشىنىڭ جاۋاپكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشتىن يالتىيىپ، ئۆزى تاللىغان قىلمىشنىڭ ئاقىۋېتىگە ئىگە بولماي، ئۇنى ئاللاھ قا دۆڭگەپ، « مېنى سەن گۇمراھ قىلدىڭ ( ئازدۇردۇڭ ) »  دېگەنىدى. بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۇنجى قەدەرچى ئىبلىس ئىدى. ئىبن قەييۇم ئەل -جەۋزىنىڭ ئېيتقىنىدەك « قەدەرچىلىك ئىبلىسنىڭ دىنىغا ئايلانغانىدى » ( ئىبن قەييۇم، « راۋداتۇل مۇھىببىن »، 62 – بەت ).

ھەزرىتى مۇسامۇ خاتالىقىنىڭ مەسئۇليىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ۋەقە سادىر قىلىپ بىر جانغا زامىن بولغىنىدا « بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن مېنىڭ پىشانەمگە پۈتۈۋېتىلگەن قازايى قەدەردۇر » دېمەستىن، ئەكسىچە « مەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلدىم » (قەسەس، 15) دېدى ۋە دەرھال تەۋبە قىلدى.

ھەزرىتى مۇسا جىنايەت سادىر قىلىپ « مەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلدىم » دېيشتىن بۇرۇن، باشقا بىر سۆزنى قىلغانىدى، يەنى « بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدۇر » (قەسەس، 15).

سوئال: ھەزرىتى مۇسانىڭ بۇ پوزىتسىيىسى مەسئۇليەتنى باشقىلارغا ئارتىپ قويغانلىق بولامدۇ؟

جاۋاپ: ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق ھېساپلانسا ئىدى، ئارقىسىدىنلا « رەببىم! مەن ھەقىقەتەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلدىم » دەپ ئاللاھ تىن ئەپۇ قىلىشىنى تىلىمىگەن بولاتتى. يامانلىق، گۇناھ، خاتالىقنى شەيتانغا نىسبەت قىلىشنىڭ ئىككى سەۋەبى بولىشى مۇمكىن:

  1. بۇلارنى ئاللاھ قا ئارتىپ قويغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ نىڭ بىر ئىسمى « خەير – ياخشى » ( يۇسۇف، 64؛ تاھا، 73) دۇر. ئەلخەير بولغان ئاللاھ يامانلىقنى ئىرادە قىلمايدۇ. ساۋاپقا بۇيرىغان ئاللاھ يامانلىقنى « قەدەر » قىلمايدۇ. يامانلىقنىڭ شەيتانغا ئارتىلىشى ئاللاھ نى بۇ خىل قىلمىشلاردىن « خالىي، پاك » دەپ بىلگەنلىكتىندۇر.
  2. قۇرئان، گۇناھكار ئىنسانغا كۆرسەتكەن بۇ ئۇسلۇب، بەكمۇ چوڭقۇر مەنانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈستى يېپىق ھالدا « ئى گۇناھكار ئىنسان! ئۆزەڭنى گۇناھىڭ بىلەن بىرلەشتۈرمىگىن. گۇناھ، سېنىڭ ئەسلى ئامىلىڭدىن بىرسى ئەمەس، ئۇ ساڭا كېيىن يۇققان كىردۇر، يۇيۇپ چىقىرىۋەت. ئۇ ساڭا ئەمەس، شەيتانغا يارىشىدۇ. گۇناھلىرىڭنى خۇددى شەيتانغا تاش ئاتقان ھاجىدەك شەيتانغا ئات ۋە، » ئال، بۇلار ماڭا لايىق ئەمەس، ساڭا يارىشىدۇ! » دېگىن » دەيدۇ. گۇناھى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىنسان گۇناھىنى قارىغا ئالالمايدۇ. گۇناھىنى شەيتانغا نىسبەت قىلىش ئارقىلىق، ئىنسان گۇناھى بىلەن ئۆزىنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرمىغان، ئۇنى ئۆزىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارىمىغان بولىدۇ ( ئۇنىڭ بويۇنتۇرىقىدىن قۇتۇلالايدۇ ).

يەنە بىر تەرەپتىن، شەيتاننىڭ ئىنساننى ئۆزىگە ئەگىشىشكە مەجبۇر قىلىدىغان بىر كۈچى يوق. شەيتانغا ئەگىشىش ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقىدىكى بىر ئىشتۇر. ئەئراف سۇرىسى 175 – ئايەتتە شەيتانغا ئەگەشكەن ئىنساننىڭ ھېچقانداق باناسىنىڭ بولمايدىغانلىقى ئەڭ يارقىن شەكىلدە بايان قىلىنغان. « ئۇنىڭغا ئايەتلىرىمىزنى بەردۇق » دەيدۇ. ئايەتلەرنى ئاللاھ ئاتا قىلىدۇ. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن نەرسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئايەتنىڭ ئاخىرىدا « ئىنسان ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتتى » دېيىلگەن. بۇ كېيىن ئېرىشكەن نەرسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىنسان ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىدۇ. ئايەتلەر ئىلاھى ئىرادىنىڭ؛ ئىنساننىڭ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىۋېلىشى، ئىنسانى ئىرادىنىڭ مەھسۇلىدۇر. شۇنداقلا « فَأَتْبَعَهُ الشَّيْطَانُ – فە ئەتبە ئەھۇش شەيتان » ئىبارىسىدىكى « شەيتانغا ئەگىشىش / بويسۇنۇش » ھەرىكىتى، ئىنسان ئىرادىسىنىڭ سىرتىدا روياپقا چىقمايدۇ. « فەتەبى ئەھۇ – ئەگەشتى » بولماستىن، « فە ئەتبە ئەھۇ – ئەگەشتۈردى » دېيىلگەنلىكىنىڭ سەۋەبى بۇدۇر. چۈنكى شەيتانغا ئەگەشكەن كىشى ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرى بىلەن بولغان « رىشتىسىنى ئۈزگەن » بولىدۇ. ئېزىشنى باشلاتقۇچى شەيتاندۇر.

ھەزرىتى داۋۇتمۇ قىلمىشىنىڭ مەسئۇليىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئۇ، ساد سۇرىسىنىڭ 24 – 25 – ئايەتلىرىدە تىلغا ئېلىنغاندەك، ئاللاھ تىن مەغپىرەت تىلەشكە تىگىشلىك بىر ئىشنى قىلىپ قويغان. بىراق ئۇ « بۇ ئاللاھ نىڭ قازايى قەدەرىدۇر » دېگەندەك بانا – سەۋەپكە ئېسىلماستىن، دەل ئەكسىچە تەۋبە قىلغان بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى مەغپىرەت قىلغانىدى.

ھەزرىتى يۇنۇسمۇ سادىر قىلغان خاتالىقىنىڭ مەسئۇليىتىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ قەۋمىگە قېيىداپ، ۋەزىپىسىنى رۇخسەتسىز تەرك ئەتكەن ئىدى. قۇرئان ھەزرىتى يۇنۇس ئۈچۈن قۇلنىڭ قېچىشىنى ئىپادىلەيدىغان ئىبارىنى ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى « قاچقۇن قۇل » نىڭ قىلمىشىغا ئوخشاتقان. كېيىن بېشىغا كەلگەن ئېغىر ئېمتىھانلار ئەسناسىدىمۇ، ھەرگىز « بۇ ئاللاھ نىڭ ماڭا پۈتۈۋەتكەن قازايى قەدىرىدۇر » دېمەستىن، ئەكسىچە قىلمىشىنىڭ جاۋاپكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ خاتالىقىنى قوبۇل قىلدى ۋە « مەن ھەقىقەتەن (ئۆز نەپسىمگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم » دەپ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلدى (ئەنبىيا، 87 ).