ئەنفال سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە بىرىنچى ئايىتىگە ئاساسەن « مەغپىرەت قىلىنغان، زىيادە بەخش ئېتىلگەن » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ئەنفال » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان. گەرچە كەلىمىنىڭ لوغەت مەنىسى يۇقىرىدىكىدەك بولسىمۇ، بۇ يەردە « غەنىيمەت » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

سۈرە تۇنجى نەسىل تەرىپىدىن « ئەنفال » ئىسمى بىلەن ئاتالغان ( بۇخارى ۋە ۋاھىدى ).

فىرۇزئابادى سۈرىنىڭ « بەدر سۈرىسى » دەپمۇ ئاتالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئىككىنجى نەسىلنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن ۋە مۇتتەقى ئالىملىرىدىن سەئىد بىن جۇبەير بىر سوئالغا جاۋاپ بېرىپ بۇ سۈرىنى « بەدىر سۈرىسى » دەپ تەرىپلەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، سۈرىدە بەدىر ئۇرۇشى، بۇ ئۇرۇش جەريانىدا ۋە ئۇرۇشنىڭ ئەتىسىلا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تەپسىلى بايان قىلىنغان.

سۈرە ھىجرەتنىڭ 2 – يىلى رامىزان ئېيىدا، بەدىر ئۇرۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن نازىل بولغان. باشتىن – ئاياغ مەزمۇن پۈتۈنلىكىگە ئىگە. بۇ، سۈرىنى تەشكىل قىلغۇچى بۆلەكلەر ئارىسىدا بەك ئۇزۇن زامان ئارىلىقى يوقلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بىر رىۋايەتتە 30 – 36 – ئايەتلەرنىڭ مەككىدە نازىل بولغانلىقى قەيت قىلىنغان ( قۇرتۇبى ). لېكىن 36 – ئايەت بىلەن 37 – ئايەت ئارىسىدا ئايرىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زىچ مۇناسىۋەت بار. ئەنئام سۈرىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۆلچەملەر بۇ رىۋايەتلەرنى رەت قىلىدۇ.

دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەرتىپلەردە، سۈرە بەقەرە – ئالئىمران سۈرىسىنىڭ ئارىسىغا تىزىلغان. ھەزرىتى ئوسمان تەرتىۋىدە 88، ئىبن ئابباس تەرتىۋىدە 85، ئىمام جافەر تەرتىۋىدە 87 – ئورۇنغا تىزىلغان. بىزنىڭچە بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلغانلىقى مۇۋاپىق بولغان بولۇپ، تارىخىي ۋەقە بۇنى تەستىقلايدۇ. لېكىن سۈرىنىڭ ئارقىسىغا ئالئىمران سۈرىسىنىڭ قويۇلىشى توغرا ئەمەس. ئالئىمران سۈرىسى ھىجرەتنىڭ 3 – يىلى شەۋۋال ئېيىدا يۈز بەرگەن ئۇھۇد ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى بايان قىلىدۇ. ئەنفال سۈرىسى بىر بەدىر سۈرىسىدۇر. ئىككى سۈرە ئارىسىدا بىر يىلدەك ۋاقىت بار. ئەنفال سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلىشقا مۇناسىپ بولغان سۈرە، ھەدىد سۈرىسىدۇر. ھەدىد سۈرىسىمۇ ئەنفال سۈرىسىگە ئوخشاش بەدىر سۈرىسى بولۇپ، بەدىر ئۇرۇشىدىن كېيىن نازىل بولغان.

ئەنفال سۈرىسى غەنىيمەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى بەدىر ئۇرۇشى ئۈستىدىن بايان قىلىدۇ. سۈرىنىڭ مەركىزىدە يەر ئالغان بەدىر ئۇرۇشىنى مۇنداق ئىخچاملاشقا بولىدۇ:

مىلادى 622 – يىلى رەسۇلۇللاھ مەككىدىن يەسرىب ( بۈگۈنكى مەدىنە )كە ھىجرەت قىلغان. بۇ ھىجرەتنىڭ روياپقا چىقىشىدىكى سەۋەپ پەقەت مەككىدە ئىمكان قىلمىغانلىقتىنلا بولماستىن، كېيىنكى مەزگىلدە مەدىنەتۇن نەبى ( پەيغەمبەر شەھرى ) دەپ ئاتىلىدىغان يەسرىبتە شەكىللەنگەن ئىسلام جامائىتىنىڭ پارلاق ئىستىقبالدىن بىشارەت بېرىشى ئىدى. ئەگەر بۇنداق بولمىغان بولسا ۋە ھىجرەت پەقەت مەككىلىكلەرنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشلا بولغان بولسا ئىدى، رەسۇلۇللاھمۇ مۇئمىنلەر ئۈچۈن بىخەتەر ماكان بولغان ھەبەشىستانغا كېتەتتى.

ھىجرەتتىن كېيىن يەسرىب مەدىنە دەپ ئاتىلىشقا باشلىغانىدى. « پەيغەمبەر شەھرى » بولغان مەدىنىدە ئىسلام جامائىتى كۈندىن – كۈنگە چوڭىيىدۇ. رەسۇلۇللاھ ھىجرەتتىن كېيىنلا مەدىنە ۋە ئەتراپىدىكى قەبىلىلەر بىلەن تۈزگەن « مەدىنە كېلىشىمى » ئارقىلىق، بۇ رايۇندا ياشايدىغانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىدۇ. مەدىنىدە شۇنىڭدىن باشلاپ « چۆل قانۇنىنىڭ » ئورنىنى « شەھەر » قانۇنى ئىگىلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق مەدىنىدە نىسبەتەن مۇقىم بىر ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. رەسۇلۇللاھ مەدىنىدە ئىسلام جامائىتىنىڭ ئۆزىگە خاس بىر كىملىكىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ ۋە مۇسۇلمان كىملىكىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى بىر « سۈننەت » سۈپىتىدە ۋەز قىلىدۇ. مەدىنىدە مۇسۇلمانلارنىڭ جەمگاھى پەيغەمبەر مەسجىدى ئىدى. بۇ يەر شەھەرنىڭ مەركىزى، ئىسلام جامائىتىنىڭ قارارگاھى بولۇپ، قىبلىسى يوق قەلبلەرگە قىبلە تۇيغۇسى مانا بۇ ماكاندا بەخش ئېتىلگەن.

مەسجىدنىڭ يېنىغا سېلىنغان دارۇس سۇففا، ئىسلام جامائىتى ئىچىدىكى يوقسۇل ۋە ئىگە – چاقىسىز كىشىلەرنىڭ پاناگاھى ھەم مەكتىۋى ئىدى. سۇففا سايىسىدە رەسۇلۇللاھ جەمىئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن تەبىقىسىنى تەشكىل قىلغان ئىگە – چاقىسىز كىشىلەردىن، ئىسلام جامائىتىنىڭ ئەڭ ساپالىق شەخسىيەتلىرىنى تەربىيىلەپ چىققانىدى. سۇففا، ئەقىلنىڭ قىبلىسىنى تەيىن قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان.

رەسۇلۇللاھ مەدىنىدە بەرپا قىلغان ئۈچىنچى ماكان، ئىسلام جامائىتىگە ئائىت بىر بازار يېرى بولۇپ، بۈگۈنكى باقى مازارلىقى جايلاشقان ماكانغا قۇرۇلغان ئىسلام بازىرى ئۈچۈنمۇ بەلگىلىك پىرىنسىپلارنى بەلگىلىگەنىدى. بۇ بازارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى، بىر ئۇچىدا تۇرۇپ يەنە بىر ئۇچىنى كۆرەلىگۈدەك شەكىلدە تۈز بولىشى بولۇپ، بۇ ئادىل بىر بازارنىڭ تەقەززاسى ئىدى. بازارنىڭ قائىدىلىرىدىن بىرسى، ھېچكىمنىڭ مۇقىم بىر يەرنى ئىگەللىمەسلىكى ئىدى. بۇ ھەقسىز رىقابەتنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر تەدبىر ئىدى. يەنە بىرسى، مۇقىم باھانىڭ قويۇلماسلىقى بولۇپ، بۇ، تاۋارنىڭ ئەركىن بازار مۇھىتىدا ھېچقانداق بىر سۈنئىي تەسىرگە ئۇچرىماستىن، ئۆزىگە لايىق باھاسىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر ئىدى. بۇ سەۋەپتىن، رەسۇلۇللاھ تاۋارنىڭ بازارغا ئېلىپ كېلىنمەي تۇرۇپ، يولدا ئالدىنى توساپ بىرىنچى قولدىن سېتىۋېلشنى ( تەلاققىر رۇكبان ) مەنئى قىلدى. خۇلاسىلىگەندە، مەدىنە بازىرى تىجارەتنىڭ قىبلىسىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

رەسۇلۇللاھ مەدىنىدە ئىسلام جامائىتىنىڭ كىملىكىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتقاندا، رەسۇلۇللاھنى قولىدىن قاچۇرۇپ قويغان مەككە مۇشرىكلىرىمۇ جىم تۇرمايۋاتاتتى. ئۇلار بىر تەرەپتىن مەدىنىدىكى يەھۇدىيلار ۋە دىلىدا كېسەل بولغان بەزى كىشىلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن مەدىنە ئەتراپىدىكى قەبىلىلەرنى رەسۇلۇللاھقا قارشى كۈشكۈرتىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى بەزىدە ئۆزىنى كۆرسىتەتتى. مەسىلەن، مەدىنە كېلىشىمى ( ئەل – ۋەسىقە )گە ئەزا بولغان يەھۇدىي رەئىس كائاب بىن ئەشرەفنى بۇ كېلىشىمگە خىيانەت قىلشقا قايىل قىلغانىدى. ئۇمۇ بۇ كېلىشىمگە سادىق بەزى يەھۇدىي رەئىسلەرنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتاتتى، ھەتتا رەسۇلۇللاھنىڭ ھەرىمىگە تىل تەككۈزۈشتىن تارتىپ ھەر يولنى سىناۋاتاتتى.

مەككە مۇشرىكلىرى ئۆزلىرىنى رەسۇلۇللاھتىن ھىجرەت سەۋەپلىك قۇتۇلدۇق دەپ قارىمىدى. چۈنكى، مەدىنىدە بىر جامائەتنى بەرپا قىلغان رەسۇلۇللاھ، ئۇلار ئۈچۈن مەككىدە تۇرۇپ قېلىشىدىنمۇ خەتەرلىك ئىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىگە، باشتىن – ئاخىر مەنپەئەتلىرىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن قارشى چىققانىدى. مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۈچۈن خەۋپ تېخىمۇ چوڭايغانىدى. مەدىنە مەككىنىڭ جان تومۇرى بولغان ئىلاف تىجارەت يولى ئۈستىدىكى ئەڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى ئىدى. مەككە – سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت بۇ يول ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا بىر يول يوق ئىدى. مەككىلىكلەر قورققان ئىش ئاخىرى بېشىغا كەلدى. ئۇلار ئۈچۈن جان تومۇرى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان بۇ يولنىڭ تىزگىنى مەدىنە ئىسلام جامائىتىنىڭ ئىلكىگە ئۆتتى.

ھىجرەتنىڭ 2 – يىلى شابان ئېيىدا، ئەبۇ سۇفيان باشچىلىقىدىكى مەككە كارۋىنى ھەققىدە خەۋەر يېتىپ كەلدى. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىنمۇ مەلۇم بولغاندەك، رەسۇلۇللاھ بۇرۇندىنلا كارۋان ئۈچۈن ئەمەس، ئۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ئىسلام قوشۇنى ئىچىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇرۇش چۈشەنچىسى تېخى قۇرئانغا ئاساسەن شەكىللەنمىگەنىدى. تۆۋەندىكى ئايەتلەر، قۇرئاننىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا قانداق بىر ئەقىل شەكىللەندۈرگەنلىكىنىڭ شاھىتى:

وَإِذْ يَعِدُكُمُ اللَّهُ إِحْدَى الطَّائِفَتَيْنِ أَنَّهَا لَكُمْ وَتَوَدُّونَ أَنَّ غَيْرَ ذَاتِ الشَّوْكَةِ تَكُونُ لَكُمْ وَيُرِيدُ اللَّهُ أَنْ يُحِقَّ الْحَقَّ بِكَلِمَاتِهِ وَيَقْطَعَ دَابِرَ الْكَافِرِينَ (7) لِيُحِقَّ الْحَقَّ وَيُبْطِلَ الْبَاطِلَ وَلَوْ كَرِهَ الْمُجْرِمُونَ (8)

« ئۆز ۋاقتىدا اﷲ ئىككى گۇرۇھ (بىرى مۇشرىكلار كارۋىنى ، يەنى بىرى مۇشرىكلار قوشۇنى) دىن بىرىنىڭ قولۇڭلارغا كەلتۈرۈلۈشىنى ۋەدە قىلدى، سىلەر قورالسىز گۇرۇھنىڭ (يەنى كارۋاننىڭ) قولۇڭلارغا كەلتۈرۈلۈشىنى ياقتۇردۇڭلار. اﷲ ئۆز سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقنى ھەق قىلىشنى، كاپىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى خالايدۇ. اﷲ گۇناھكار ئادەملەرنىڭ ياقتۇرمىغىنىغا قارىماي، بۇ ئارقىلىق ھەقنىڭ ھەقىقەت، باتىل (يەنى كۇفرى) نى يالغاندىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ » ( 7 – 8 ).

مىڭ تۆگىگە ئارتىلغان يۈك بىلەن مەككىگە قايتىۋاتقان بۇ كارۋاننى قىرىق كىشى قوغداپ مېڭىۋاتقانىدى. مەدىنىدىكى تەييارلىق ھەققىدىكى خەۋەرنى سۈرىيەدىكى ۋاقتىدىلا ئالغان ئەبۇ سۇفيان، مەككىلىكلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. مەككە ئۇنىڭ بۇ تەلىپىگە تەخمىنەن مىڭ كىشىدىن تەشكىللەنگەن بىر قوشۇننى ئەۋەتىش بىلەن جاۋاپ بەردى.

ھىجرى 2 – يىلى رامىزاننىڭ 17 – كۈنى، دۇنيا تارىخىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن بىر ۋەقە يۈز بەردى. بۇ تارىخىي بىر زەپەر ئىدى. بىراق ۋەھىي بۇ زەپەر ئۈستىدىن بىر « زەپەر ئەخلاقى » بەرپا قىلدى. مانا بۇ ئەنفال سۈرىسىنىڭ زەپەر ئەخلاقىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئايەتلىرىدىن پەقەتلا بىرسى:

فَلَمْ تَقْتُلُوهُمْ وَلَكِنَّ اللَّهَ قَتَلَهُمْ وَمَا رَمَيْتَ إِذْ رَمَيْتَ وَلَكِنَّ اللَّهَ رَمَى وَلِيُبْلِيَ الْمُؤْمِنِينَ مِنْهُ بَلَاءً حَسَنًا إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ

« ئۇلارنى سىلەر (ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن) ئۆلتۈرگىنىڭلار يوق، بەلكى ئەمەلدە ئۇلارنى (سىلەرگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا قىلىش بىلەن) اﷲ ئۆلتۈردى، ئاتقىنىڭدا سەن ئاتمىدىڭ، بەلكى ئەمەلدە ئۇنى اﷲ ئاتتى. اﷲ مۇئمىنلەرنى ئىنايىتى بىلەن تەقدىر قىلغان بىر ئېمتىھان بىلەن سىنىدى. اﷲ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى، ئەھۋاللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر » ( 17 ).

سۈرىنىڭ ئاساسىي تېمىسى ئۇرۇش ۋە ئۇرۇش پرىنسىپى بولۇپ، باشقا بىر ئىپادە بىلەن ئېيتقاندا، ئىنسانلار ئېڭىدا « ئۇرۇش ئەخلاقى »نى بەرپا قىلىشتۇر. دېمىسىمۇ بۇ سۈرىنىڭ يەنە بىر ئىسمى « بەدىر سۈرىسى » بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك، سەئىد بىن جۇبەيردىن بۇ سۈرە ھەققىدە سوئال سورالغاندا، « ئۇ بەدىر سۈرىسىدۇر » دېگەن.

ئۇرۇش ھاياتتىكى نۇرمال بىر ۋەقەدۇر. ئۇرۇشقا پۈتۈنلەي قارشى چىقىش دەماللىققا قۇلاققا ياقىدىغان سۆز بولسىمۇ، سالماقلىق بىلەن ئويلانغاندا، بۇنىڭ « ئىجاۋەت بولمايدىغان دۇئاغا ئامىن » دېگەندەك بىر خىيالپەرەستلىك ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. ئەپسۇسكى، « ئۇرۇش بولمايدىغان بىر دۇنيا تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيادۇر » دېيەلمەيمىز. چۈنكى زۇلۇم ۋە زالىم دائىم بار ئىدى. زۇلۇم ۋە زالىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مۇددەتچە زۇلۇمغا قارشى ئۇرۇشمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەت ئىسلامدا ئۇرۇشنىڭ مەقسىتىنىڭ زۇلۇم ۋە بېسىمغا خاتىمە بېرىش ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق بايان قىلىدۇ:

وَقَاتِلُوهُمْ حَتَّى لَا تَكُونَ فِتْنَةٌ وَيَكُونَ الدِّينُ كُلُّهُ لِلَّهِ فَإِنِ انْتَهَوْا فَإِنَّ اللَّهَ بِمَا يَعْمَلُونَ بَصِيرٌ

« پىتنە ( زۇلۇم ۋە ئېتىقادقا بېسىم ) تۈگىگىچە، ھايات پۈتۈنلەي ئاللاھ قا بېغىشلانغىچە ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار بۇ قىلمىشىدىن يانسا، ئۇنتۇماڭلاركى اﷲ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ » ( 39 ).

بۇ سەۋەپتىن ئۇرۇش بولمىغان بىر دۇنياغا بولغان ئىنتىلىش، بىر جەھەتتىن زالىملارنىڭ مەنپەئەتىگە ماس كېلىدۇ. زالىملار ۋە ھەقسىزلىق ھاكىم بولغان بىر دۇنيادا ئۇرۇشقا قارشى چىقىش، ئوخشاشلا مۇشۇنداق بىر دۇنيادا « مۇقىملىق » يانتايىقى بولۇشقا ئوخشاپ قالىدۇ. بولۇپمۇ، يارىتىلىش قانۇنىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىدىن بىرى بولغان زىت قۇتۇپلىلىق، ئۇرۇشسىز بىر دۇنيا خىيالىنى باشتىنلا رەت قىلىدۇ.

ئەگەر ئۇرۇش بولمايدىغان بىر دۇنيا، ئىنسان تەبىئىتنىڭ تەقەززاسى، ھەمدە زالىملار ۋە زۇلۇمغا يانتاياق بولىدىغانلىقى ئۈچۈن مۇمكىن بولمىسا، ئۇنداقتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش « ئۇرۇش ئەخلاقى » بولىشى كېرەك. ۋەھىي مانا بۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. ۋەھىي نازىل بولغان ئۇ مەزگىلدە ئۇرۇشلار ئۇرۇش ئەخلاقىدىن مەھرۇم بولۇپ، ھېچقانداق بىر پىرىنسىپ يوق ئىدى دېيىش ئانچە توغرا ئەمەس. ئۆز دەۋرىدە قەۋملەر ئەنئەنىسى، قەبىلە مۇناسىۋەتلىرى ۋە مەزكۇر رايون قىممەت قاراشلىرىدىن شەكىللەنگەن بەلگىلىك پىرىنسىپلار بار ئىدى. لېكىن بۇ پىرىنسىپلارنىڭ ئارقىسىدا « ئۆزگەرمەس بىر قىممەت قاراش تىزگىنى » بولمىغانلىقتىن رىئال ھاياتتا ئىجرا قىلىنالمىغان ياكى بۇ پىرىنسىپلارنى كۈچلۈكلەر ۋە زالىملار بەلگىلەيدىغان بولغانلىقتىن، ئۆز مەنپەئەتلىرىگە مۇۋاپىق ھالغا كەلتۈرەتتى. قۇرئان ۋەز قىلغان بۇ ئۇرۇش ئەخلاقى، ئۆز ئىچىدە تولۇق بولغان بىر قىممەت قاراشقا ئىگە بولغان سىستېمىسىنىڭ بىر پارچىسى ئىدى. ئۇرۇش ئەخلاقى ھەققىدە توختالغان ئىلاھىي كۈچ ھەممىدىن ئۈستۈن بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئەخلاقى پىرىنسىپلار، بۇنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن تارتىپ ھەممە كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتى، قۇرئان ۋەز قىلغان ئۇرۇش ئەخلاقىغا ھەممىدىن بەك رىئايە قىلغۇچىلارنىڭ، ۋەھىينىڭ تۇنجى مۇھاتابى ۋە ساھابىلىرى ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر. ۋەھىي پەقەت ئۇرۇش ئەخلاقىنى شەكىللەندۈرۈش بىلەنلا قالماستىن، مۇھاتاپلىرىدا ئاكتىپ ۋە جانلىق بىر ۋىجدان بەرپا قىلغان ھەمدە ئۇ ۋىجدانغا ئادالەت ۋە مەرھەممەتنى دائىم تەۋسىيە قىلىپ تۇرغان. بىر تەرەپتىن ھەقلىق بولغۇچىنىڭ كۈچلۈك بولۇش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن كۈچ – قۇدرەت تاپقان ھەق ۋە ھەقلىق بولغۇچىنىڭ ئالدىغا « كۈچ ئەخلاقى »نىڭ پىرىنسىپلىرىنى قويغان ئىدى.

ئەنفال سۈرىسى ئىسمىدىن مەلۇم بولغاندەك « جەڭ غەنىيمەتلىرى » بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاپ بېرىش بىلەن باشلىنىدۇ:

يَسْأَلُونَكَ عَنِ الْأَنْفَالِ قُلِ الْأَنْفَالُ لِلَّهِ وَالرَّسُولِ فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَصْلِحُوا ذَاتَ بَيْنِكُمْ وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ

غەنىيمەتلەر (نى قانداق تەقسىم قىلىشىڭ) توغرۇلۇق سەندىن سورىشىدۇ، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، « غەنىيمەتلەر (توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش) اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە خاستۇر. اﷲ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئۇنتۇماڭلار، (ئىختىلاپ قىلىشماي ئىتتىپاق بولۇپ) ئاراڭلارنى تۈزەڭلار، ئەگەر سىلەر مۇئمىن بولساڭلار، اﷲ قا ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار » ( 1 ).

يۇقىرىدىكى ئايەتتىن كېيىنلا تۆۋەندىكى ئايەتلەرنىڭ كېلىشى، قۇرئان دېمەكچى بولغان « ئۇرۇش ئەخلاقى »نىڭ ئارقىسىدىكى چوڭقۇر قىممەت قاراشلار ئۈچۈن تىپىك بىر بىشارەتتۇر:

إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ اللَّهُ وَجِلَتْ قُلُوبُهُمْ وَإِذَا تُلِيَتْ عَلَيْهِمْ آَيَاتُهُ زَادَتْهُمْ إِيمَانًا وَعَلَى رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ (2) الَّذِينَ يُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ (3)

« پەقەت اﷲ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، اﷲ نىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەقەت رەببىگىلا ئىشەنچ قىلىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۇئمىنلەردۇر. ئۇلار (مۇكەممەل رەۋىشتە) ناماز ئوقۇيدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن پۇل ـ مالدىن ئاللاھ يولىدا سېخيلىق بىلەن سەرپ قىلىدۇ » ( 2 – 3 ).

ئەنفال سۈرىسى، ئۇرۇشنىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېنىق ۋە يېپىق ھالدا ئىپادىلىگەن ئايەتلەر بىلەن تولۇپ تاشقان. مانا ئۇلاردىن بىرى:

وَإِنْ جَنَحُوا لِلسَّلْمِ فَاجْنَحْ لَهَا وَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ (61) وَإِنْ يُرِيدُوا أَنْ يَخْدَعُوكَ فَإِنَّ حَسْبَكَ اللَّهُ هُوَ الَّذِي أَيَّدَكَ بِنَصْرِهِ وَبِالْمُؤْمِنِينَ (62)

« ئەگەر ئۇلار تىنچلىققا مايىل بولسا، سەنمۇ تىنچلىققا مايىل بولغىن، پەقەت اﷲ قىلا ئىشەنچ قىلغىن. شۇنى ئۇنۇتمىغىنكى، اﷲ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئەگەر ئۇلار (تەييارلىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن سۈلھى بىلەن) سېنى ئالدىماقچى بولسا، اﷲ (ئۇلارنىڭ شەررىدىن) شەكسىز ساڭا كۇپايە قىلغۇچىدۇر. اﷲ سېنى ئۆزنىڭ ياردىمى بىلەن ۋە مۇئمىنلەر بىلەن كۈچلەندۈرىدۇ » ( 61 – 62 ).

ئۇ دەۋردە ئۇرۇشلار بىر كىرىم مەنبەسى بولۇپ، ئۇرۇشلار جەڭخۇمارلار ئۈچۈن ئالتۇندەك تېپىلغۇسىز بىرەر پۇرسەت ئىدى. بۇ سەۋەپتىن تېخىمۇ كۆپ غەنىيمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئۆلتۈرۈشتىن يانمايتتى. بۇ پىرىنسىپسىز ئۇرۇشلاردا كىم نېمىنى ئولجا ئالسا، بۇ ئۇنىڭ بولاتتى. ئۇ دەۋردىكى ئۇرۇشلاردا بىر خىل « بۇلاڭ – تالاڭ » ئەنئەنىسى ھاكىم ئىدى. بۇ ئامىل ئۇرۇشخۇمارلارنى بىرەر ئۆلۈم ماشىنىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان بولۇپ، كۆزنى تېخىمۇ كۆپ غەنىيمەتكە تىككەنلەر، « ئۇرۇش » باھانىسى بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش يوللۇق بولغان بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلەتتى. يەنى، كۆزى ئۇرۇشتا ئالىدىغان غەنىيمەتتە بولغان بىر كىشى ئۈچۈن، ئۇرۇشنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ غەنىيمەت ئىدى. بۇ چۈشەنچە، كىشىدىكى ئۆلتۈرۈش خىرسىنى تېخىمۇ كۈچەيتەتتى ۋە بۇ ئارقىلىق يوق ھېسابتىكى ۋىجدانىنى بېسىپ تۇراتتى. بۇ چۈشەنچە كىشىدە، قارشى تەرەپتىكى كىشىنى ئۆزىگە ئوخشاش بىر جان ئىگىسى ئەمەس، ئەكسىچە قارشى تەرەپنى ئۆلتۈرسە ئۆزىگە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان بىر ۋاستە تۇيغۇسىنى پەيدا قىلاتتى. بۇ سەۋەپتىن، بىر جانغا سېلىشتۇرغاندا ئەرزىمەس نەرسە ھېسابلىنىدىغان ئولجا ئۈچۈن، قارشى تەرەپنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئۆلتۈرەتتى.

مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئۇرۇشنى « تالان – تاراج »، ئۇرۇشقا قاتناشقۇچىلارنى بىرەر ئۆلۈم ماشىنىسىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلاپ قېلىشنىڭ بىردىنبىر يولى، « جەڭ غەنىيمەتلىرىنى » قانۇنلۇق ( ئادىل ) تەقسىمات بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئىدى. قۇرئاندا بۇ سۈرە ۋە باشقا سۈرىلەردە ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان نەرسە مانا بۇ ئىدى. قۇرئان « تالان – تاراج » ئاساسىغا قۇرۇلغان « غەنىيمەت ئولجا ئالغۇچىغا ئائىت » چۈشەنچىسىنى مەنئى قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا جەڭ غەنىيمەتلىرىنى يوقسۇللار ۋە ئېزىلگەنلەرگە تارقىتىپ بېرىشنى دەسسىتىدۇ:

وَاعْلَمُوا أَنَّمَا غَنِمْتُمْ مِنْ شَيْءٍ فَأَنَّ لِلَّهِ خُمُسَهُ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِي الْقُرْبَى وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينِ وَابْنِ السَّبِيلِ إِنْ كُنْتُمْ آَمَنْتُمْ بِاللَّهِ وَمَا أَنْزَلْنَا عَلَى عَبْدِنَا يَوْمَ الْفُرْقَانِ يَوْمَ الْتَقَى الْجَمْعَانِ وَاللَّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ

« (ئى مۇئمىنلەر!) بىلىڭلاركى، سىلەر ئالغان غەنىيمەتنىڭ بەشتىن بىرى اﷲ قا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ خىش ـ ئەقرىبالىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە خاستۇر. ئەگەر سىلەر اﷲ قا، ئىككى گۇرۇھ (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن كاپىرلار) ئۇچرىشىپ ھەق بىلەن ناھەق ئايرىلغان كۈندە (يەنى بەدرى ئۇرۇشى بولغان كۈندە) بەندىمىزگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز نازىل قىلغان نەرسىلەر (يەنى ئايەتلەر ۋە پەرىشتىلەر) گە ئىشەنسەڭلار (اﷲ نىڭ غەنىيمەت توغرىسىدىكى ھۆكمىنىڭ ئەنە شۇ ئىكەنلىكىنى بىلىڭلار). اﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر » ( 41 ).

يۇقىرىدا ۋەھىينىڭ « ئەقىل بەرپا قىلىشى » ھەققىدە توختىلىشىمىز سەۋەپسىز ئەمەس. چۈنكى ئىنسانلىق تارىخىدا، ئىنسانغا بەخش ئېتىلگەن ئەڭ چوڭ ئىلاھىي نېئمەت بولغان ئەقىلگە قارىتىلغان ماختاش مانا بۇ سۈرىدە، ھەمدە تازا قىززىغان جەڭ سەھنىسى بايان قىلىنغان بۆلەكتىن كېيىنلا كەلمەكتە:

إِنَّ شَرَّ الدَّوَابِّ عِنْدَ اللَّهِ الصُّمُّ الْبُكْمُ الَّذِينَ لَا يَعْقِلُونَ

« شۈبھىسىزكى، اﷲ نىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى (ھەقنى ئاڭلىماي) گاس بولۇۋالغان، (ھەقنى سۆزلىمەي) گاچا بولۇۋالغان، ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان كىشىلەردۇر » ( 22 ).

ئەسلىدە بۇ بىر جەڭ ئەمەس. تاشقىي كۆرۈنۈش جەھەتتىن بىر ئۇرۇشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە « ئىنسان بىلەن ئىنساننىڭ سائادىتىنىڭ يەنە بىر ئىسمى بولغان ئىسلام » ئارىسىغا سېلىنغان بارلىق توساقلارنى چېقىپ تاشلاش تەشەببۇسىدۇر. تۆۋەندىكى ئايەتلەر پەقەت ئەنفال سۈرىسنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن قۇرئاننىڭ ئەڭ سەرخىل ئايەتلىرىدىن بىر ئۆرنەكتۇر:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اسْتَجِيبُوا لِلَّهِ وَلِلرَّسُولِ إِذَا دَعَاكُمْ لِمَا يُحْيِيكُمْ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يَحُولُ بَيْنَ الْمَرْءِ وَقَلْبِهِ وَأَنَّهُ إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ (24) وَاتَّقُوا فِتْنَةً لَا تُصِيبَنَّ الَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْكُمْ خَاصَّةً وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ (25)

« ئى مۇئمىنلەر! اﷲ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرگە ھايات بەخش ئېتىدىغان بىر ئىشقا (يەنى ئەبەدىي ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان) / ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، اﷲ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىغا كىرىدۇ. (قىيامەت كۈنى) سىلەر اﷲ نىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر. سىلەر ئېغىر بىر ئېمتىھان ئۈچۈن ھەر دائىم تەييار ھالەتتە تۇرۇڭلار، اﷲ پەقەت ئەقلى – ھۇشىنى يوقاتقانلارغىلا مۇسەللەت بولمايدۇ. بىلىڭلاركى، اﷲ نىڭ ئازابى قاتتىقتۇر » ( 24 – 25 ).

سۈرىگە ئىسىم قىلىپ قويۇلغان ئايەتلەرنىڭ، غەنىيمەتلەرنىڭ تەقسىماتىنى « ئۇرۇش ئەخلاقى » دائىرىسىدە يېڭىدىن بەلگىلىگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتكەنىدۇق. ئىنساننى مال – دۇنياغا بېرىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەر دائىم ھۇشيار تۇرۇشقا دەۋەت قىلغان تۆۋەندىكى ئايەتلەر، ئۇرۇش ئەخلاقىنىڭ ئەڭ چوڭ كاپالىتى بولغان ئاكتىپ بىر ۋىجدان بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلماقتا:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لَا تَخُونُوا اللَّهَ وَالرَّسُولَ وَتَخُونُوا أَمَانَاتِكُمْ وَأَنْتُمْ تَعْلَمُونَ (27) وَاعْلَمُوا أَنَّمَا أَمْوَالُكُمْ وَأَوْلَادُكُمْ فِتْنَةٌ وَأَنَّ اللَّهَ عِنْدَهُ أَجْرٌ عَظِيمٌ (28)

« ئى مۇئمىنلەر! اﷲ قا، پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، بولمىسا سىلەرگە ئامانەت قىلىنغان قىممەت قاراشلارغا بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلغان بولسىلەر. شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى، سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن بىر تۈرلۈك سىناقتۇر. بىلىڭلاركى، اﷲ نىڭ دەرگاھىدا چوڭ ساۋاب بار » ( 27 – 28 ).

بەدىردە، پەقەت ئىككى ئاتلىق، قالغانلىرى پىيادە بولغان 300 گە يېقىن مۇئمىن ئېرىشكەن زەپەر، ئۆزىدىن كېيىنكى مىڭ يىللار بويىنچە داۋاملاشقان فەتىھلەر دەۋرىنىڭ باشلانغۇچى بولدى. بۇ ۋەھىي ۋە ئىماننىڭ زەپىرى ئىدى. بۇ زەپەر بىلەن باشلانغان ئىمان داۋاسى، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئىنسانلار جەمىئىيىتى ۋە سىياسەت شەكلىنى روياپقا چىقاردى. قۇرئان زەپەر كۈنىگە ۋەھىيگە بەرگەن سۈپەتنى بەردى: « يەۋمۇل فۇرقان » ( 41 ). يەنى « ھەق بىلەن باتىل بىر – بىرىدىن ئېنىق ئايرىلغان كۈن ». بۇ زەپەر، ئۇ كۈنىگىچە شەخسى ئۇتۇقلار بىلەن داستانلار يازغان ئىسلام توپلۇمىغا « ئىسلام جامائىتى » كىملىكىنى بەردى. بۇ كۈندىن باشلاپ جېنىنى ھەقىقەتكە شاھىت قىلغان شەخسىلەر ئەمەس، بىر جامائەت ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ جامائەتنىڭ ھەقىقەت ۋە ئادالەتنى ھاكىم قىلىشى ئۈچۈن بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقىنى ھىمايە قىلىشى كېرەك ئىدى:

وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَلَا تَنَازَعُوا فَتَفْشَلُوا وَتَذْهَبَ رِيحُكُمْ وَاصْبِرُوا إِنَّ اللَّهَ مَعَ الصَّابِرِينَ

« (پۈتۈن سۆز ھەرىكەتلىرىڭلاردا) اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، بولمىسا شىجائىتىڭلارنى يوقۇتۇپ قويىسىلەر، كۈچ ـ قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ؛ چىدامچانلىق بىلەن بەرداشلىق بېرىڭلار ( قارشى تۇرۇڭلار )، اﷲ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر » ( 46 ).

مۇئمىنلەر ئارىسىدىكى مېھرى – مۇھەببەت، يەر يۈزىدىكى بارلىق بايلىقلاردىنمۇ ئۈستۈندۇر. مېھرى- مۇھەببەت دۇنيانى بەرسىمۇ قۇربان قىلىنمايدىغان بىباھا قىممەت قاراشتۇر:

وَأَلَّفَ بَيْنَ قُلُوبِهِمْ لَوْ أَنْفَقْتَ مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا مَا أَلَّفْتَ بَيْنَ قُلُوبِهِمْ وَلَكِنَّ اللَّهَ أَلَّفَ بَيْنَهُمْ إِنَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ

« سەن يەر يۈزىدىكى پۈتۈن بايلىقنى سەرپ قىلغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈرەلمەيتىڭ، لېكىن اﷲ ئۇلارنى ئىناق قىلدى. شۈبھىسىزكى، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر » ( 63 ).

ئەنفال سۈرىسىنى بىر جۈملىگە يىغىنچاقلايدىغان بولساق، « ئىمان ئەڭ چوڭ ئىمكاندۇر » دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى يارىتىلغان ھەر قانداق نەرسە كۈچىنى ئۆزىدىن ئالمايدۇ. ئاللاھ نىڭ ياردىمىغا ئاللاھ قا ياردەم قىلغانلار ئېرىشىدۇ. سۈرە، كىشىنىڭ دىققەت نەزرىنى سەۋەپكە ئەمەس، نەتىجىنى مەيدانغا كەلتۈرگۈچىگە ئاغدۇرىدۇ. پەقەت ئۇرۇش ئەخلاقىنىلا ئەمەس، ئەخلاق ئۇرۇشىنىمۇ ئۆگىتىدۇ. بۇ ئارقىلىق مۇھاتابىغا، ھەق – باتىل ئۇرۇشىنى، ھەرگىزمۇ سانغا، غەنىيمەتكە، زېمىن ئىشغال قىلىشقا ۋە ھەر قانداق دۇنياۋى مەنپەئەت ئۇرۇشىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، دەيدۇ.

***************

فىتنە ( پىتنە )

لوغەتتە « سىناش، ئىمتىھان قىلىش، زارلىنىش، بىر نەرسىنى ياقتۇرۇش، پىكىر ئوخشاشماسلىقى، قالايمىقانچىلىق، ساراڭلىق، زالالەت، ئازغۇنلۇق، ئالداش، زوراۋانلىق، قېيىن –قىستاق، ئادەم ئۆلتۈرۈش، بالا – قازا، مۇسىبەت، يامانلىق، مىننەت » دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. « فىتەن » بۇ كەلىمىنىڭ كۆپلىك شەكلى.

بۇ سۆز تۈركچىدە « ئازدۇرۇش، يولدىن چىقىرىۋېتىش، پاسات، ئارىسىنى بۇزۇش، ئىختىلاپ، ئاپەت، مۇسىبەت، قېيىنچىلىق، بالا – قازا، جازا، ساراڭلىق، دىنسىزلىق، ۋەھشىيلىك، قالايمىقانچىلىق » دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

بۇ كەلىمە قۇرئاندا 30 ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، كۆپ مەنىلىك ئۇقۇملاردىن بىرى. بۇ كەلىمە قۇرئاندا ئېمتىھان ( سىناق ) ( بەقەرە، 102 )؛ بالا ( مۇسىبەت ) ( ھەج، 11 )؛ ئازدۇرۇش ( مائىدە، 41 )؛ ئالداش ( ساففات، 162 )؛ قايمۇقتۇرۇش، ئېزىقتۇرۇش ( ئەئراف، 27 )؛ ساراڭ ( قەلەم، 6 )؛ ئازاپ ( ئوتقا تاشلىنىش ) ( ئەنفال، 25؛ زارىيات، 13 – 14 )؛ سەۋەپ ۋە چارە ( ئەنئام، 23 )؛ گۇناھ ( تەۋبە، 40 )؛ ئۇرۇش قىلىش ( ئۆلتۈرۈش ) ( نىسا، 91؛ ئەزاپ، 14 )؛ قالايمىقانچىلىق، بۇزغۇنچىلىق ( ئالئىمران، 7؛ تەۋبە، 47- 48 ) ۋە بېسىم ( زۇلۇم، ئەزىيەت، يامانلىق ) ( بەقەرە، 191،193، 217؛ نىسا، 101؛ ئەنفال، 39 ) مەنىلىرىدە ئىشلىتىلگەن.

مال – مۈلۈك ۋە بالىلارنىڭ ئىنسان ئۈچۈن بىر ئېمتىھان ئىكەنلىكى ( ئەنفال، 28 )؛ ئىنسانلارغا زۇلۇم، بېسىم، قېيىن – قىستاق، ئەزىيەت ۋە يامانلىق قىلىشنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ چوڭ ۋە ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكى ( بەقەرە، 191، 217 ) پىتنە ئاتالغۇسى بىلەن ئىپادىلەنگەن؛ ئېتىقادقا قارىتىلغان بېسىم ( پىتنە ) تۈگىتىلگىچە ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇغان ( بەقەرە، 293 ).