ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئابدۇلمەلىككە يازغان رىسالىسى

 1 – تېكىست ۋە مەنىسى

Elbesriden cevap1

ھەسەن ئەلبەسرىدىن ئاللاھ نىڭ بەندىسى ئابدۇلمەلىككە…

ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! سالام ۋە ئاللاھ نىڭ رەھمىتى ئۈستىڭدە بولغاي!

مەنمۇ ساڭا بولغان لۇتفىدىن، ئۆزىدىن باشقا ئىلاھ بولمىغان ئاللاھ قا ھەمدۇسانالار ئېيتىمەن. سالامدىن سوڭرا:

ئاللاھ مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىنى ئىسلاھ قىلغاي! ئۇنى، ئۆزىگە ئىتائەت بىلەن ئەمەل قىلىدىغان، خۇشنۇتلۇقنى كۆزلىگەن، بۇيرىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايدىغان دوستلىرى قاتارىدىن قىلغاي! مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى – ئاللاھ ئۇنى ئىسلاھ قىلسۇن! مۇتلەق كۆپچىلىكى تۈگەپ، ئاز بىر قىسمى قالغان كىشىلەردىن بىرىدۇر. ئۇ ئازلار ئىچىدىن ئەڭ ئاخىرىدا قالغانلار، ھەممىنىڭ نەزرى ئۈستىدە بولغان، ئىشەنچ بىلەن قارالغان، شۇنداقلا ئىش – ھەرىكەتلىرى ئۆلگە قىلىنغان كىشىلەردۇر.

ئاللاھ سېنى ئىسلاھ قىلغاي ئى ئەمىرۇلمۇئمىنيىن! راستىنى ئېيتقاندا، بىز ئاللاھ نىڭ ئەمىرى بۇيىنچە ئىش قىلىدىغان، ھېكمىتىنى نەزەردە تۇتىدىغان، رەسۇلۇللاھنىڭ يولىنى تۇتقان سەلەف ( ئىزباسار )لەر بىلەن بىرگە ياشاشقا مۇيەسسەر بولدۇق. ئۇلار ھەقىقەتتىن تانمايتتى، باتىلنى ھەقلىق چىقارمايتتى. ئۇلار يەنە رەببىنىڭ ئۆز زاتىغا نىسبەت بەرگەن نەرسىلەردىن باشقا شەيئىنى رەببىگە نىسبەت قىلمايتتى. ئۇلار ئاللاھ نىڭ بەندىلىرىگە قارىتا، ئاللاھ  بەخش ئەتكەن كىتابىدا كەلتۈرگەن دەلىللەردىن باشقا دەلىللەرنى كەلتۈرمەيتتى. جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

« مەن كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ۋە كۆرگىلى بولمايدىغان ئىرادە بېرىلگەن بارلىق مەخلۇقلارنى پەقەت ماڭىلا ئىبادەت قىلسۇن دەپ ياراتتىم. ئۇلاردىن مەن رىزىق تىلىمەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ مېنى ئوزۇقلاندۇرشىنى تىلىمەيمەن » ( زارىيات 56-57 ).

مانا بۇ ئايەتتە، ئاللاھ ئۇلارغا يارىتىلىش مەقسىتى بولغان « ئاللاھ قىلا ئىبادەت قىلىش »نى ئەمىر قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنى بىر ئىش ئۈچۈن ياراتقاندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن ئۇ ئىشنىڭ ئارىسىغا كىرىپ توسالغۇ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى جانابى ئاللاھ:

« ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر » ( ئالىئىمران، 182 ).

سەلەفتىن ھېچكىم بۇ ھەقىقەتنى ئىنكار قىلمىغان ۋە ئۈستىدە مۇنازىرىمۇ قىلمىغان. چۈنكى ئۇلار بۇ ھەقتە ئوخشاش چۈشەنچىگە ئىگە ئىدىلەر.