ئۈچىنچى باب

 قەدەر رىسالىسى ۋە شەرھىسى

 خەلىپە ئابدۇلمەلىكنىڭ ھەسەن ئەلبەسرىگە يازغان مەكتۇبى

 1.1. ئابدۇلمەلىك بىننى مەرۋان ۋە ھاكىمىيىتى

 ئابدۇلمەلىك، ئەمەۋى خانىدانى ئىچىدە مۇھىم ئورۇننى تۇتىدىغان مەرۋانىلەرنىڭ 2 –خەلىپىسى بولۇپ، دادىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن چاڭگىلىغا كىرگۈزۋالغان خىلاپەتلىك ماقامىدا 20 يىلدىن كۆپرەك ھۆكۈم سۈرگەن ( 65 – 86 / 685 – 705 ) .

ئابدۇلمەلىك بىننى مەرۋان، دادىسى مەرۋان بىننى ھەكەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تەختكە چىققان. دادىسى مەرۋان ھەزرىتى ئوسماننىڭ باش مەسلەتچىسى ۋە كاتىپى ئىدى. ئۇ بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشتىن بۇرۇن تائىفقا پالانغان بولۇپ، مەرۋاننىڭ دادىسى ھەكەم بىننى ئەبىلئاس بىننى ئۇمەييەنى رەسۇلۇللاھ تائىپقا سۈرگۈن قىلغان ئىدى. ئۇ مەككىنىڭ فەتھىدىن بۇرۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۈيقەسىت قىلىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان بولۇپ، كېيىنچە ئۆزى خالىمىغان ھالدا مۇسۇلمان بولغان. پەيغەمبەرنىڭ خانى سائادىتىنى ( ئۆيىنى ) مارىغانلىقى ئۈچۈن تائىفقا سۈرگۈن قىلىنغان ئىدى ( ئىبنى ھاجەر، « ئەل – ئىسابە»، 2 – توم،  28 ). ھەكەم ھەزرىتى ئوسماننىڭ تاغىسى ئىدى. ھەزرىتى ئوسمان، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى ۋە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ خىلاپەت دەۋرلىرىدە، دادا ھەكەم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ سۈرگۈن قارارىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشىنى قايتا – قايتا ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، خەلىپىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ئىدى.

مەرۋان شامدا ھاكىميەتنى چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالغان ۋاقىتتا، ئىسلام جۇغراپىيسىنىڭ شامدىن باشقا جايلىرىنىڭ ھەممىسى ئابدۇللاھ بىننى زۇبەيىرنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئىدى. چۈنكى خەلق ئۇنىڭغا بەيئەت قىلغان بولۇپ، ئابدۇللاھ بىننى زۈبەيىر شامدىن باشقا پۈتكۈل ئىسلام رايونلىرىنى مەككىدىن باشقۇرىۋاتاتتى، بۇ ئەھۋال توققۇز يىل داۋاملاشتى.

ئىبنى ئەسىرنىڭ « ئەلكامىل » ناملىق كىتاۋىدا بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئابدۇلمەلىك ئىبن زۈبەيىردىن قۇتۇلغاندىن كېيىن ئاۋامنىڭ ئالدىغا چىقىپ: « بۇنىڭدىن كېيىن كىم ماڭا » ئاللاھ تىن قورق! » دېگۈچى بولىدىكەن، شۇ يەردىلا كاللىسىنى ئېلىپ تاشلايمەن » دېگەن.

يەنە، ئىبنۇل ئەسىرنىڭ نەقىل قىلىشىچە، ئابدۇلمەلىك بىننى مەرۋان، ئىبن زۈبەيىردىن قۇتۇلۇپ ئىككى يىلدىن كېيىن، 75 / 695 – يىلىدىكى ھەج قىلىش جەريانىدا مەدىنىدە قىلغان بىر ۋەزىدە مۇنداق دېگەن:

« مەن ( ئوسمانغا ئوخشاش ) بىچارە، ( مۇئاۋىيەگە ئوخشاش ) سىلىق – سىپايە، ( يەزىدتەك ) نەزەر دائىرىسى تار بىر خەلىپە ئەمەسمەن. مەن بۇ ئۈممەتنىڭ ماڭا بولغان ئۆچمەنلىكىنى پەقەت قىلىچ ئارقىلىقلا ئوڭشايمەن. سىلەر بىزگە تۇنجى مۇھاجىرلار ( ساھابە ) نىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئۆگىتىۋاتىسىلەر، بىراق ئۇلارغا ئوخشاش ئىش قىلمايۋاتىسىلەر. بىزنى تەقۋادار بولۇشقا ئۇندەۋاتىسلەر، ئۆزەڭلار ئېسىڭلاردىن چىقىرىپ قويىۋاتىسىلەر. ۋەللاھى بۇنىڭدىن كېيىن، بىرسى كېلىپ ئاللاھ ئالدىدا تەقۋادار بولۇشۇمنى تەكىتلىسە، كاللىسىنى ئالىمەن! » ( ئەل – كامىل، 4 – توم، 2، 391 ).

ئابدۇلمەلىك، مەككىدىكى خەلىپە ئىبنى زۈبەيىرگە قارشى ھاكىميەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىشلارنى قىلغان. بۇلاردىن بىرسى، ھاكىمىيىتى تەۋەلىكىدىكىلەرنىڭ ھەجگە بېرىشىنى چەكلەش بولۇپ، مۇسۇلمانلار ھەج ئۈچۈن مەككىنىڭ ئورنىغا « قۇددۇس »قا بېرىشقا دەۋەت قىلىندى. ئۇ بۇ مەقسەت بىلەن قۇددۇستا ھەشەمەتلىك بىر مەسجىد سالدۇردى. « مەرۋان مەسجىدى »  دەپ ئاتىلىپ كەلگەن  بۇ مەسجىد ھازىرمۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. يەنە قۇددۇستىكى ئەقسا جامەسى ( مەسجىدى ئەقسا ) ھويلىسىغا قۇببەتۇل سەھرا ( قۇرام تاش قۇببىسى )نى ياساتقۇزدى. قۇببەتۇس – سەھراغا ئىسىم قىلىپ قويۇلغان « قورام تاش ( ساھرا ) »، يەھۇدى ئېتىقادىدا، ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئىسھاقنى قۇربان قىلىش ئۈچۈن ئۈستىگە ياتقۇزغان قۇرام تاش ئىدى. ئاستى ئۆڭكۈر بولغان بۇ تاش، بىر پۈتۈن قورام تاش بولۇپ، ئاقسا ھويلىسىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولغان بولسىمۇ، ئەپسانىۋى بىر قىممەتكە ئىگە قىلىنغانىدى. ئابدۇلمەلىك تەرىپىدىن بۇ قۇرام تاشنىڭ يېنىغا ياساتقۇزۇلغان قۇببە، بۈگۈنكى كۈنىمىزدىمۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىۋاتىدۇ.

گەرچە مەككىنىڭ ئورنىغا قۇددۇس ۋە كەبىنىڭ ئورنىغا  قۇببەتۇس – سەھرا دەسسىتىلمەكچى بولغان بولسىمۇ، بۇنى مۇسۇلمانلارغا قوبۇل قىلدۇرۇش ئۇنچە ئاسان بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، رىۋايەت توقۇپ چىقىش مېخانىمىزىمى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈلدى. قۇرئاندىكى ئىسرا ھەقىقىتىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىشى ئۈچۈن توقۇپ چىقىلغان ئاجايىپ – غارايىپ مىراج ئەدەبىياتىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە، ئابدۇلمەلىك بىننى مەرۋان سىياسىتىنىڭ رولى مۆلچەردىكىدىنمۇ چوڭ.

ياقۇبىيغا كۆرە، ئابدۇلمەلىك كەبىگە بېرىپ ھەج قىلىشنى چەكلىگەن مۇسۇلمانلارغا مۇنداق دېگەنىدى: « مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئورنىغا مەسجىدى ئەقساغا بارساڭلار، نەبى ئۈستىگە دەسسەپ مىراجقا چىققان تاشنى كەبە سۈپىتىدە قوبۇل قىلساڭلارمۇ بولىدۇ » ( ياقۇبى، تارىخ، 2 – جىلد، 261 ). يەنە شۇ مەنبەدە، ئابدۇلمەلىك بۇ تاشنىڭ ئۈستىگە كەبىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئۈچۈن ياساتقۇزغان قۇببىنى تاۋاپ قىلىشقا بۇيرىغان.

مەرۋان، قۇددۇسنى مەككىنىڭ، سۇلايمان مابەدىنى مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئورنىدا قىلىپ كۆرسەتكەنىدى. دەسلەپتە كەبىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلمەكچى بولغان نەرسە توغرىسىدا بىر ئاز ئىككىلىنىپ قالغان بولۇپ، كېيىنچە بۇ مەسىلىمۇ ھەل بولغان. كەبىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىدىغان نەرسە، ئىسرائىلىياتتا ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن، ئوغلى ئىسھاقنى ئۈستىدە ياتقۇزغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن قورام تاش ئىدى. بۇ پىكىرنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىسرائىلىياتتىن ئېلىنغان رىۋايەتلەر بۇ دەۋردىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بازار تاپمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەمەۋىپەرەست ئۆلىمالاردىن ياردەم تەلەپ قىلىندى ۋە بەزى ئالىملار بۇ ھەقتە يانتاياق بولدى. تەپسىر ئەدەبىياتىدا ئورۇن ئالغان « زەبھى / قۇربان » قىلىنغان ئوغۇلنىڭ ئىسھاق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ ئارقا پىلانىدا بۇ سىياسى ئويۇنلار بار ئىدى. چۈنكى قۇرئان ئۈستى يېپىق شەكىلدە بولسىمۇ قۇربان قىلىنغان ئوغۇلنىڭ ئىسمائىل ئىكەنلىكىنى ئىما قىلاتتى ( سۈرە ساففات 102- ئايەتتە قۇربان قىلىنغان ئوغۇل سەبىر قىلغانلار قاتارىدىن دەپ تەسۋىرلەنگەن. سۈرە ئەنبىيا 85 – ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « سەبرى قىلغۇچىلار » سۈپىتى بىلەن ئاتالغان ئۈچ پەيغەمبەرنىڭ بىرى ھەزرىتى ئىسمائىلدۇر. يەنە، ساففات 111-101- ئايەتلەردە « قۇربان » مەسىلىسى بايان قىلىنغاندىن كېيىن، 112- ئايەتتە ھەزرىتى ئىبراھىمغا ئىساقتىن بىشارەت بېرىلگەنلىكىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى، قۇربان قىلىنماقچى بولغان ئوغۇلنىڭ ئىسمائىل ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ. ( مۇستاپا ئىسلامئوغلى، ھايات كىتابى قۇرئان، ساففات 101،  ئىزاھات 7 ) ). ھەتتا، زەبىھ نىڭ « تۇنجى ئوغۇل » ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن تەۋراتمۇ، بۇ ھەقىقەتنى تەستىقلايتتى. چۈنكى، تۇنجى ئوغۇلنىڭ ئىسمائىل ئىكەنلىكى خۇسۇسىدا، يەھۇدىيلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق ئىدى. رىۋايەتلەردىن مەلۇم بولغاندەك، رەسۇلۇللاھمۇ شۇنداق دېگەنىدى.

مەرۋانىلەرنىڭ كەبىنىڭ ئورنىغا « قورام تاش » دەسسىتىش مەقسىتىدە پايدىلانغان ئىسرائىلىياتتىكى دەلىل قوبۇل قىلىنمىغاندىن كېيىن، بۇ تاش ھەققىدە ئەپسانىلەر توقۇپ چىقىشقا باشلىدى. بەنى ئىسرائىل مۇقەددەس دەپ بىلگەن بۇ تاش، ئابدۇلمەلىكنىڭ سىياسىي پىلانى دائىرىسىدە، قۇرئاندىكى ئىسرا مۆجىزىسىگە يامالغان مىراج ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ مۆجىزىۋى پارچىسى ھالىغا كەلتۈرۈلدى.

بۇ شۇ ھالغا كەلدىكى، بۇ تاشنى ھەر قانداق كىشى كېلىپ كۆرەلەيدىغان ۋە ئۆز جايىدا قورام تاش ھالىتىدە تۇرغان بولسىمۇ، كېيىنكى دەۋرلەردە بۇ « قورام تاش »نىڭ ھاۋا بوشلىقىدا تۇرىغانلىقىغا ئىشىنىش، ئىسلام ئېتىقادىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى.

قوشۇمچە: بۇ ھەقىقەتلەرنى بىلىش، قۇددۇسنىڭ مۇسۇلمانلار نەزىرىدىكى قىممىتىنى ھەرگىزمۇ تۆۋەنلىتىۋەتمەيدۇ ۋە تۆۋەنلەتمەسلىكى كېرەك.

 چۈنكى قۇرئان جۇغراپىيىسىنىڭ يۇلتۇزلىرىدىن بىرى بولغان قۇددۇس، داۋۇت ۋە سۇلايمان ئەلەيھىسسالاملاردەك ئىككى ئىسلام پەيغەمبىرىنىڭ خاتىرىسىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ مەدىنە دەۋرىدىكى تۇنجى قىبلىسى بولۇپ، مۇئمىنلەر مەككە دەۋرىدە كەبىگە قاراپ ئىبادەت قىلاتتى. پەيغەمبىرىمىز مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، 16 ئاي قۇددۇسقا قاراپ ئىبادەت قىلدى. بۇ ئالاھىدىلىكلىرى، قۇددۇسنى مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە مۇقەددەس بىر ئامانەت قىلشقا يېتىپ ئاشىدۇ. ئىمانغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان، قۇددۇسنى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن سىياسى مەقسەتلەر ئۈچۈن توقۇپ چىقىرىلغان تارىخى يالغانلارغا ئېھتىياج تۇيمايدۇ.

ئابدۇلمەلىكنىڭ داھىيانە ئىجادىيەتلىرى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. تارىختا « زالىم » دەپ داڭقى چىققان ھەججاج ( ئۆلۈم، 95 / 714 ) مۇ ئۇنىڭ ئەڭ نادىر كەشپى ئىدى. بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان ھەججاج بىننى يۈسۈف ئەسسەقەنىدىن تارىختا « زالىم » دېگەن نامى بىلەن ئىز قالدۇرغان بىر ئۆلۈم ماشىنىسى پەيدا قىلىش، ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. ھەججاج ئۆزىدىكى زۇلۇم قابىليىتىنى بايقىغان قۇمانداننىڭ تەۋسسىيە قىلىشى بىلەن، ئۇنىڭدەك بىرسىنى ئىزدەۋاتقان ئابدۇلمەلىك تەرىپىدىن بىر كىچىدىلا ئاددى بىر پۇقرالىقتىن بىر قوشۇننىڭ سەركەردىلىكىگە تەيىنلەنگەن ئىدى.

ھەججاج بىننى يۈسۈف، رەسۇلۇللاھنى تاش يامغۇرغا تۇتقان تائىفتىن ئىدى. مەرۋانىلەرنىڭ ھاكىمىيەتنى ئىلكىگە ئېلىشى بىلەن تەڭ، تائىفلىقلارمۇ ھاكىم ئورۇنغا ئۆتكەن ئىدى. ئاللاھ رەسۇلى ھەكەم بىننى ئەبىل – ئاسنى تائىفقا سۈرگۈن قىلغان بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن ھەكەم ۋە ئوغلى مەرۋان بىلەن تائىفلىقلار ئارىسىدا بىر يېقىنلىق مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن، رەسۇلۇللاھقا تاش ئاتقانلار بىلەن رەسۇلۇللاھ سۈرگۈن قىلغانلار ئوتتۇرىسىدا مەنىۋى رەۋىشتە بىر ئىتىپاقداشلىق ھاسىل بولغان ئىدى. ئەمەۋىلەر سايىسىدا مەرۋانىلەرنىڭ ھاكىمىيەت تۇتىشى بىلەن تائىفلىقلارمۇ ھاكىم ئورۇنغا ئۆتتى.

ئابدۇلمەلىكنىڭ كەشپىياتى بولغان ھەججاج، بىر ئۆلۈم ماشىنىسى ئىدى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھاكىمىيەتكە مۇخالىپ بولۇش، ئۆلۈمگە تېگىشلىك بولغانلىق ئىدى. ئۇ: « سىلەرگە مەسجىدنىڭ بۇ ئىشكىدىن چىقىڭلار دېسەم، سىلەر قوپۇپ باشقا بىر ئىشكىدىن چىقساڭلار قېنىڭلار ماڭا ھالال بولىدۇ » دەيتتى. ئۇنىڭچە بولغاندا، بىر قەبىلىدىن بىرەر كىشى ئۇنىڭغا قارشى چىققان تەقدىردە، قەبىلىدىكى بارلىق كىشىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك ئىدى. ئابدۇلمەلىك تەرىپىدىن كۇفە ۋالىسى قىلىپ تەيىنلەنگەن ۋاقتىدا قىلغان سۆزىدە: « گەۋدىلەر ئۈستىدە ئۈزۈلۈش ۋاقتى كېلىپ قالغان، پىشىپ ۋايىغا يەتكەن باشلارنى كۆرۈۋاتىمەن » دېگەن ۋە قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئونمىڭلارچە كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى.

ھەججاج شۇنداق چەك – چېگرا تونۇمايدىغان بىر كىشىى بولۇپ، كەبىنى مەنچاناق بىلەن تاش يامغۇرىغا تۇتۇپ تۈپتۈز قىلىۋەتكەن ئىدى. يەنى ئەبرەھە قىلالمىغان ئىشنى، ماھىيەتتە ئادەتتىكى بىر قوماندان دەرىجىسىدىكى ھەججاج ئەمەس، ئۇنىڭ خوجايىنى ئابدۇلمەلىك قىلغانىدى. ئابدۇلمەلىك، ھەججاجنىڭ ھېچقانداق چەك – چىگرا تونۇمايدىغان ھۇجۇملىرى نەتىجىگە ئېرىشىپ، ئاقىۋەت كۆپچىلىكنىڭ بەيئىتىنى ئالغان ئىبنى زۈبەيىرنى كۆزدىن يوقاتقان ئىدى ( 73 / 692 ).

ئالدى بىلەن ئىبنى زۈبەيىرنىڭ كاللىسى ئېلىنىپ، كاللىسى ئابدۇلمەلىككە ئەۋەتىلدى. ئاندىن باشسىز قالغان بەدىنى ياشىنىپ قالغان ئانىسى _ ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزى ئەسمانىڭ كۆز ئالدىدىلا يالىڭاچلىنىپ دارغا ئېسىلدى. سۇيۇتىنىڭ « تارىھۇل خۇلەفا  ( خەلىپىلەر تارىخى ) » ناملىق ئەسىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئانىسىنىڭ يىغا – زارىغا قارىماي، ئۇنىڭ جەسىتى بۇ رەۋىشتە نەچچە كۈنلەپ دارغا ئېسىلىپ سازايى قىلىنغان.

ئابدۇلمەلىك، ھەججاجنىڭ بۇ ساداقىتىگە مۇكاپات سۈپىتىدە ئۇنى ئېراق ۋالىسى قىلىپ تەيىنلىگەن.

ئىبنى زۈبەيىرنىڭ قانخورلارچە قەتلى قىلىنىشى  بىلەن مەسىلە پۈتۈنلەي ھەل بولمىغانىدى. چۈنكى مۇسۇلمانلار ئابدۇلمەلىككە بەيئەت قىلىشنى خالىمايتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ نوقتىدا زۇلۇم، قېيىن – قىستاق ۋە جىنايەت كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتاتتى. رەي ئېقىمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەمدە ھەزرىتى ئۆمەر فىھقىسىنىڭ يەتكۈزگۈچىسى ئىمام ئەزەمنىڭ ئۇستازىنىڭ ئۇستازى سەئىد بىننى مۇسەييەپ، ئابدۇلمەلىك ئۈچۈن بەيئەت قىلىشقا چاقىرىلدى. مەدىنىنىڭ ئىمامى ھېساپلىنىدىغان بۇ ئالىمى « مەن بىر ئويلىنىپ كۆرەي » دېگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىپ قامچىلاندى، باش كۆزلىرى يېرىلغان ۋە زەنجىرگە باغلانغان ھالدا كوچىمۇ – كوچا ئايلاندۇرۇلۇپ سازايى قىلىندى. ھەججاج يەنە ھەزرىتى ئەلىگە ھاقارەت قىلىشنى رەت قىلغان مۇجتەھىد  ئالىم ئىبنى ئەبى لەيلانى مەسجىدنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا قامچىلاتتى. ئالىم سەئىد بىننى جۇبەيىرنى 12 يىل بۇرۇن قاتناشقان قوزغىلاڭنى باھانە قىلىپ ئۆلتۈردى. سەئىد بىننى ئەلمۇسەييەبنى ئۆلتۈرگۈزۈش ئۈچۈن پەرمان چىقاردى.

ئىبنى ھاجەر، ئاللاھ نىڭ پەرىز ۋە ھاراملىرىنى تونۇمايدىغان ھەججاجنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان:

أن طاعة االخليفة فرض على الناس في كل ما يرومه

« مۇھەققەقكى، خالىغان ھەر ئىشتا خەلىپىگە ئىتائەت قىلىش ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە پەرىزدۇر » ( تەزھىب، 2 – جىلد، 210 ).

بۇ ئىپادىدىن ھەججاج خوجايىنغا ئىتائەت قىلماسلىقنى ھارام دەپ قارايتتى ۋە بۇ پەتىۋاسىنى جىنايى قىلمىشلىرىغا دەستەك قىلاتتى.

ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ يۈز خاتىرىسىنى قىلمىغان ھەججاجنىڭ، ساھابىگە يۈز خاتىرە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىش ساددىلىقتۇر.

ئەمەۋى خانىدانلىقىغا قارشى ھەزرىتى ئەلىنىمۇ قوللىماي، بىتەرەپ يول تۇتقان ساھابە ئەنەس بىننى مالىككە قىلغان – ئەتكەنلىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ. ئۆزىنى ۋە خوجايىنى ئابدۇلمەلىكنى تەنقىت قىلغان ئەنەس بىننى مالىكنى بىر باھانە بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، خىلمۇ – خىل قىيىن – قىستاقلاردىن كېيىن بوينىغا تاسما تاقاپ، بەسىرە كوچىلىرىدا سازايى قىلغان ئىدى. شۇنداقلا ئېرىتىلگەن قوغۇشۇن بىلەن ھايۋانلارغا تامغا باسقاندەك، ئۇنىڭ بوينىغا تامغا باسقان ئىدى. ئۇستازى ھېساپلىنىدىغان ئەنەس ئىبنى مالىكقا قارىتا قىلغان بۇنچە قىيىن – قىستاق ۋە خورلاشلارنىڭ ھەسەن ئەلبەسرىدىمۇ چوڭقۇر ئىز قالدۇرغانلىقىنى مۆلچەرلەش قىيىن ئەمەس، ئەلۋەتتە!

ھەججاج يۇقىرقىدەك مۇئامىلىنى ساھابىلەردىن جابىر بىننى ئابدۇللاھ ۋە سەھىل بىننى سەئىدكىمۇ قىلدى. ئۇنىڭ ساھابىلارغا قارىتا قىلغان ئاخىرقى جىنايىتى، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھنى بىر سۈيقەسىت بىلەن ئۆلتۈرۈش بولدى. كۆزلىرى كۆرمەس بولۇپ قالغان ئىبنى ئۆمەرنى ھەج ئەسناسىدا بىر قۇلىغا تەلىمات بېرىپ، زەھەرلىك نەيزىنى ئۇنىڭ پۇتىغا سانجىتىپ ئۆلتۈرگۈزدى. ئۇ قاتىل قۇلنى ھېچكىم سوتلاشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئىدى. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغان ئابدۇلمەلىك بىننى مەرۋانمۇ مەزكۇر جىنايەتكە قۇلاق سالمىغان ئىدى.

ئابدۇلمەلىك، زۇلۇمنى خانىدانلىقنىڭ ئۆزىدىن كېيىنكى ئەزالىرىغا مىراس قويۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بىرى بولغان ھىشامنىڭ زۇلۇمىغا بىر مىسال كۆرسۈتۈپ ئۆتۈپ كېتەيلى. ئىبنى كەسىر « تارىخ » ناملىق ئەسىرىدە، « قۇرئان ئاللاھ نىڭ ئەمەلىي ئەسىرى سۈپىتىدە يارىتىلغان » دېگەنلىكى ئۈچۈن، جاد بىننى دىرھەمنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋەھشىيانە كۈلپەتنى مۇنداق نەقىل قىلغان:

« ھىشام بىننى ئابدۇلمەلىكنىڭ پەرمانى بىلەن كۇفە ۋالىسى خالىد بىننى ئابدۇللاھ ئەل قەسرى، قۇربان ھېيت نامىزىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن: » ھەممىڭلار قۇربانلىقىڭلارنىڭ يېنىغا بېرىڭلار! ئاللاھ سىلەرنىڭمۇ، مېنىڭمۇ قۇربانلىقىمنى قوبۇل قىلغاي! مەن بۈگۈن جاد بىننى دىرھەمنى قۇربانلىق قىلىمەن. جاد: مۇسا ئاللاھ بىلەن گەپلەشمىدى، ئاللاھ ئىبراھىمنى ئۆزىگە يېقىن دوست تۇتمىدى، دەۋاتىدۇ. ئاللاھ جاد نىڭ دېگەنلىرىدىن مۇنەززەھ ( پاك )تۇر! » دەپ مۇنبەردىن چۈشتى. شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا قولىدىكى پىچاق بىلەن جاد نىڭ كاللىسىنى ئالدى ».

زامانىمىزدىكى ھەدىس ئالىمىمىز مەھمەت سەئىد خاتىپ ئوغلىنىڭ بۇ ۋەھشىلىك توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ:

« ۋالى، ۋاسىت شەھرىدە قۇربانلىق ئورنىغا بىر ھايۋاننى بوغۇزلىغاندەك بىر ئالىمنى بۇغۇزلاۋاتسا، بۇنىڭغا قارشى ھېچبىر ئەھلى سۈننەت ئالىمى قارشى چىقمايدۇ! ». ئىبنى تەيمىيەنىڭ نەقىل قىلىشىچە، قارشىلىق كۆرسۈتۈشكە تېگىشلىك بولغان ئالىملار، بۇ قىلمىشى سەۋەپلىك قەسىرنى ئالقىشلىغان ۋە مىننەتدارلىغىنى بىلدۈرگەن:

ھامەدۇھۇ ئەلا ما فەئەلا ۋە شەكەرۇ زالىكە – قىلغان بۇ ئىشى ئۈچۈن، ئۇنى ئالقىشلىدى ۋە مىننەتدارلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى » ( ئىبنى تەيمىيە، م. فەتاۋا، 12 – جىلد، 350 ).

ئۇنىڭدىن بىر ئەسىر كېيىنكى دەۋرنىڭ ئەڭ چوڭ ھەنەفى فىقىھشۇناسلىرىدىن بىشىر ئىبنى قىياس ئەلمەرسى ( 218 / 833 ) ئوخشاش خاتالىقلارنى سادىر قىلغانلاردىن ( قۇرئان مەخلۇقتۇر دېگەنلەردىن ) ئىدى. بۇ ئەھلى تەقۋادىن بولغان ئالىم ۋاپات بولغاندا ھېچكىم جىنازىسىغا كەلمىگەن. چۈنكى سەلەفىلەر ( بۇرۇنقىلار )نىڭ زامانىسىدا مەۋجۇت بولمىغان كۆز قاراشلارنى ئۆزلەشتۈرگەنلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈلىدىغان تەدبىر، بەزى فىقىھ ئالىملىرى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ « ئاياللىرى تالاق، مىراستىن مەھرۇم، شاھىدلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ، نامىزى چۈشۈرۈلمەيدۇ » ( لالەقائى، شەرھۇ ئۇسۇلى – ئىتقادى ئەھلى سۇننە ۋەلجامائە، رىياد، 1997. 353- 356 بەت ).

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بىر مەسىلە، ئىسلامنىڭ ئىدارى ( دۆلەت باشقۇرۇش ) سىستېمىسىنى بۇزۇپ تاشلىغانلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلگەن ھېچقانداق جازانى بىلمەيمىز. بۇ قانۇن – تۈزۈم پەقەتلا قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقىمۇ بولمىغان مۇتەپەككۇرلارغىلا قارىتىلغانىدى. بۇلارنى ئىشقا سالغانلار  ئىچىدە نى – نى چوڭ فىھقىشۇناسلارمۇ بار ئىدى. مەسىلەن، ئېراق مۇجتەھىد مۇپتىسى ئەبۇ سەۋر ئىبراھىم بىننى خالىد ( 170 – 240 / 786 – 854 ). بۇ زات ئەھمەد بىننى ھەنبەلنىڭ يېرىم ئەسىرلىك دوستى بولۇپ، دەسلىۋىدە ھەنەفى بولغانمىش، شافى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ھەدىسچىلەرگە قۇشۇلغانمىش ( « تارىخى باغدات »، 6 – جىلد، 67 ). ئەمدى بىز بۇ مەشھۇر ئىسىم بىلەن  يېقىندىن تونۇشۇپ چىقايلى. لالەقائى ( ۋاپات، 418 / 1027 ) مۇنداق  نەقىل قىلىدۇ:

« ئەبۇ سەۋردىن » قەدەرىيە » كىمدۇر؟ دەپ سورالغاندا، مۇنداق جاۋاپ بەردى: » بۇلار بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى ئاللاھ ياراتمىغان، بەندىلىرىگە گۇناھلارنى تەقدىر قىلمىغان ۋە ياراتمىغان «دېگۈچىلەردۇر. بۇ كۆز قاراشتىكى قەدەرىيەلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇشقا، بىتاپ بولۇپ قالسا يوقلاپ بېرىشقا، جىنازە نامىزىغا قاتنىشىشقا بولمايدۇ، تەۋبىگە دەۋەت قىلىنىدۇ. تەۋبە قىلسا ياخشى، ئۇنداق قىلمىسا كاللىسى ئېلىنىدۇ » ( لالەقائى،ر، 319 ).  كاللىسى ئېلىنىدىغانلار، كەبىنى تاش ئېتىپ ئۆرۈۋەتكەنلەرنىڭ جىنايىتىنى، ئاللاھ قا ئەمەس ئىنسانغا ئارتقان، ئاللاھ نىڭ بۇنداق قىلمىشلاردىن مۇنەززەھ ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان قەدەرىيەلەر ئىدى. ئەپسۇسكى، ئۇلارغا قىلىچنى لايىق كۆرگەنلەر، زالىملارنىڭ قىلغان – ئەتكەنلىرىگە يانتاياق بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمايۋاتاتتى. سەلەفتە بۇنداق چۈشەنچە بولمىغانلىقتىن، بۇنداق سۆز قىلغۇچىلارنىڭ كاللىسى ئېلىنىشى كېرەك ئىدى ( م.سەئىد خاتىپئوغلى، « ئىسلامنىڭ رىئال قىممىتى توغرىسىدا »، 2 – باپ، 120- 123  بەتلەر ).

ئابدۇلمەلىك بىننى مەرۋان ھاكىميەت بېشىغا چىقىشتىن بۇرۇن، مەدىنىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ۋە باشقا  ئارتۇقچىلىقلىرى بارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر بار. لېكىن  تۆۋەندىكى رىئاللىقلار بۇ رىۋايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بىكار قىلىۋېتىشقا يېتىپ ئاشىدۇ:

ھەججاج مەنچاناق بىلەن ئۆرىۋەتكەن كەبىنى، ئابدۇللاھ بىننى زۇبەيىر ھەزرىتى ئىبراھىم زامانىسىدىكى ئۇل ئاساسىدا ياساتقان ئىدى. بۇ، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان، ئەمما ئەمەلگە ئاشۇرالماي قالغان بىر ئارزۇسى ئىدى. ئابدۇللاھ بىننى زۈبەيىر ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەججاج كەبىنى چىقىۋېتىپ مۇشرىك مەككە دەۋرىدىكى شەكلى بويىنچە يېڭىباشتىن ياساتقۇزدى. ئۇنىڭغا بۇ يوليۇرۇقنى بەرگۈچى دەل ئابدۇلمەلىك ئىدى. بۇ رىئاللىق ئۇنىڭ قانداق ئويلار بىلەن ئىش ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ بىر پاكىتى ئىدى.

**********

  ھاكىمىيەت شەكلى يۇقىرىدا مىساللار بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن ئابدۇلمەلىك بىننى مەرۋان، مۇئاۋىيە ۋە يەزىدىلەر دۆلەت ئىدىئولوگىيسى قىلىۋالغان قەدەر چۈشەنچىسىنى قوللاپ قۇۋەتلىدى. مەسىلەن، دادا مەرۋان بىننى ھەكەم، تاغىسىنىڭ ئوغلى ئامىر بىننى سائىد بىننى ئاسقا، ئابدۇلمەلىكتىن كېيىن خەلىپە بولۇش ۋەدىسىنى بەرگەن ئىدى. تارىخچىلار ئەمەۋىلەرنىڭ ئىززەت – ئېتىبارىنى چۈشۈرۈش ھىيلىسىگە ئالدىنىپ، ئۇنى « ئەلئەشداھ ( تاماق ھېسسى يوق ئادەم ) لەقىمى بىلەن ئاتىشىدۇ ». ئابدۇلمەلىك تاغىسىنىڭ ئوغلى ئامىرنى، دادىسىنىڭ بەرگەن ۋەدىسىگە قارىماي، باللىرىنىڭ تەخت ۋارىسلىق يولىنى ئېچىش ئۈچۈن ئۆلتۈرىدۇ ( ۋاپات، 70 / 687 ).

ئىبنى قۇتەيبەدىن بىلىشىمىزچە، كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغان نوقتا، بۇ جىنايەت ئەسناسىدا ئابدۇلمەلىكنىڭ ئەمەۋى قەدەرچىلىكىگە مەھكەم يېپىشقانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان شۇ سۆزىدۇر: « مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى، دوستۇڭلار ئامىر بىننى سائىدنى ئاللاھ نىڭ ئەزەلى قازاسى ۋە ئۆز رولىنى جارى قىلىۋاتقان قەدەرنىڭ تەقەززاسى بويىنچە ئۆلتۈرگۈزدى » ( « ئەل – ئىمامە »، 2 – جىلد، 35 ).

بۇنداق بولغاندا، ئابدۇلمەلىك ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى « ئاللاھ نىڭ تەقدىرى » سۈپىتىدە، زۇلۇم قىلىپ ناھەق ئۆلتۈرگەن كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى « ئاللاھ نىڭ قازاسى » دەپ قارىماقتا ئىدى. بۇ خىل تەقدىر  چۈشەنچىسىنى كىتابىمىزنىڭ ئىلگىرىكى مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرىدە ئۆرنەكلىرى بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، مۇئاۋىيە ۋە يەزىدقا ئوخشاش ئەمەۋى خانىدانى ئەزالىرىنىڭ چۈشەنچىسى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش ئىدى. قەدەر ھەققىدە ئەمەۋىلەرنىڭ رەسمى نەزىرىيىسىگە قارشى چىققان ھەسەن ئەلبەسرىگە  بىر مەكتۇپ يېزىپ، تېرە تاراقشىتىپ ھەيۋە قىلغان ئابدۇلمەلىكنىڭ ھەقىقىي يۈزى مانا مۇشۇنداق.

ھەسەن ئەلبەسرى، بۇ جاھىلىيەت تەقدىر چۈشەنچىسىنى قۇرئان ئارقىلىق بىتچىت قىلىشنى ئۆزىگە ئىمانى بىر ۋەزىپە دەپ بىلگەن ئىدى.