كونا دەۋرنىڭ ئاخىرقى ئۇرۇشى

ئا ق ش بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا يەر شارى خاراكتېرلىق بىر كۈچ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ كۈچ تېخى بالىلىق مەزگىلىدە ئىدى. جۇغراپىيۋى سىياسەت جەھەتتىن، ياۋروپالىقلار ئۆز ئىچىدە باشقا بىر جىدەل بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتقان بولۇپ، رۇھى جەھەتتىن ئامېرىكا خەلقئارا سەھنىدە داۋاملىق بىر ئورۇن ئالالىغۇدەك سەۋىيەدە ئەمەس ئىدى. لېكىن ئىككى ئىش بولغانىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئا ق ش ئۆزنى پۈتۈن دۇنياغا ئىتىراپ قىلدۇرغانىدى. ئا ق ش كېيىن پارتىلايدىغان ئۇرۇش ئۈچۈن ياۋروپاغا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان سائەتلىك بومبىلار بەلگىلىنىپ بولغانىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن تۈزۈلگەن ۋېرسال شەرتنامىسى، ئىككىنجى بىر ئۇرۇشنىڭ خەۋەرچىسى ئىدى.
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلىشىپ يىگىرمە يىلدىن كېيىن، 1939 – يىلى يەنە گىرمانىيە باشتا ھۇجۇمغا ئۆتتى. بۇ قېتىم ئالتە ھەپتىدە فىرانسىيەنى ئىشغال قىلدى. ب د ت بىر مەزگىل ئۇرۇشقا قول تىقمىدى. لېكىن، ئۇرۇشنىڭ گىرمانىينىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشماسلىقى ئۈچۈن، ھەرىكەت قىلدى. لەند – لېسە رايونىغا ئەسكەر يىغدى. لەند رايونىدىن ئەنگىلىيىگە گىرمانىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشى ئۈچۈن ئۇرۇش كېمىسى ۋە باشقا ئۇرۇش ۋاستىلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى. ھەردائىم بۇ رايون تىلغا ئېلنىماقتا، لېسە رايونى ئۇنۇتۇلماقتا. لېسە رايونىدا غەربىي يېرىم شار ئۈچۈن دېڭىز ئارمىيە كۈچى تەييار ھالدا بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغانىدى. ئا ق ش دېڭىز ئارمىيسى ئاتلانتىك ئوكياندىكى كېمىلەرنى كونتىرول قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغانىدى. ئەنگىلىيە ئامېرىكىغا شىمالىي ئاتلانتىكنىڭ ئاچقۇچىنى بەرگەنىدى. چۈنكى بۇ يەر ياۋروپانىڭ دۇنياغا ئېچىلغان ئىشكى ئىدى.
ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دۇنياغا بەرگەن زىيىنى تەخمىنەن ئەللىك مىليون كىشىنىڭ ( ئەسكەر ۋە پۇقرالاردىن بولۇپ ) ئۆلۈمى بولدى. ياۋروپا پۈتۈنلەي پارچىلاندى. دۆلەتلەر ( خەلق ) قاتتىق ئازاپ – ئوقۇبەت چەكتى. ئا ق ش نىڭ يېرىم مىليون ئەسكىرى ئۆلدى. لېكىن، ھېچقانداق بىر پۇقراسى ئۆلمىدى. ئۇرۇشتىن كېيىن، ئامېرىكا سانائىتى ئۇرۇشتىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ھالغا كەلدى. ئا ق ش ئۇرۇشنىڭ ئىچىگە كىرمەي غەلبە بىلەن چىقتى. ھېچبىر ئامېرىكا شەھىرى بومباردىمان قىلىنمىدى ( پىيورىل خاربوردىن باشقا )، ھېچقانداق ئامېرىكا تۇپرىقى ئىشغالىيەتكە ئۇچرىمىدى ( ئالەئۇتىئاندىكى ئىككى كىچىك ئارال سىرتىدا) ۋە ئا ق ش پۈتۈن ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ بىر پرسەنتىدىن ئاز چىقىم بىلەن ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇردى.
ئا ق ش بەرگەن بۇ قۇربانى ئۈچۈن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ كونترولىنى قولىغا ئالدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىشغالىيەتكە ئۇچرىغان غەربىي ياۋروپا يېڭىدىن شەكىللەنگەندە، فىرانسىيە، گوللاندىيە، بىلگىيە، ئىتالىيە ۋە ئەنگىلىيىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشتە قارار بېرىش كۈچىگە ئىگە بولغانىدى. ئا ق ش پەقەت ياپۇنىيىگە ھۇجۇم قىلغان ۋە بۇ دۆلەتنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانىدى.
بۇ تارىختىن باشلاپ ياۋروپالىقلارنىڭ ئىمپېرىيىلىرى گۇمران بولدى، يەنى ئۇرۇشنىڭ تەسىرىدىن ماغدۇرىدىن كەتكەن ۋە بۇ ئىمپېرىيىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن بېرىشكە تېگىشلىك بەدەلنى تۆلەشكە ئاجىز كەلگەنلىكىدىن، ھەمدە ئا ق ش نىڭ بۇنى خالىمىغانلىقىدىن دۇنيا ئۈستىدىكى ھاكىمىيىتى گۇمران بولدى. ياۋروپا ئىمپېرىيۋى ھاكىمىيىتى كېيىنىكى يىگىرمە يىل ئىچىدە يازدا ئېرىگەن قاردەك ئېرىپ يوقالدى. جۇغراپىيۋى سىياسەت بۇ ھالاكەتكە باشلىغان خاتىمىدە مۇھىم رول ئوينىدى.
بۇ يەردە بىر سۇئال سورايلى: ئا ق ش نىڭ 1945 – يىلدا ناھايىتى پاراسەت بىلەن پىلانلىغان ستېراتىگىيىسى بىر ئويۇننىڭ پارچىسىمىتى؟ ئامېرىكىلىقلار 500 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلۈمى بەدىلىگە يەرشارى مىقياسىدا ھاكىمىيەتكە ئىگە بولغانىدى. بۇ مەزگىلدە باشقا دۆلەتلەردىنمۇ بولۇپ ئەللىك بەش مىليون ئادەم ئۆلگەن. فرانكلىن روزۋېلت ۋىجدانىغا قۇلاق سېلىپ ئۇرۇشتىن كېيىن بىر بۇلۇڭدا تۇرۇشى كېركمۇ ياكى بۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مېۋىسىنى ئېلىشى كېرەكمۇ؟ نەتىجدە قارارى نېمە بولىشىدىن قەتىئىينەزەر، جۇغراپىيۋى سىياسەت نوقتىسىدىن ئۇرۇشنىڭ يۈزلىنىشى ناھايىتى مۇھىم نەتىجىلەرنى بىرگە ئېلىپ كەلگەنىدى.
سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان ئا ق ش ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى سۈركىلىشى ھەقىقەتەن يەر شارى خاراكتېرلىق بىر توقۇنۇش بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستىدا پارچىلانغان ياۋروپا ئىمپېرىيىسىدىن قالغان مىراس ئۈستىدىكى رىقابەت ياتقانىدى. ئىككى تەرەپ ھەربىي كۈچ بولغان بولسىمۇ، ئا ق ش نىڭ تەبىئىيتىدىن كېلىپ چىققان بىر ئارتۇقچىلىق بار ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاق چوڭ بىر پارچە زېمىننى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، ئەتراپى قۇرۇقلۇق بىلەن قورشالغانىدى. ئامېرىكىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەڭلىشىپ قالغىدەك چوڭ بولۇپ، ئۇ دۇنيا ئوكيانلىرىغا ئاسانلا چىقالايدىغان ئەۋزەللىككە ئىگە ئىدى. شۇڭا سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكىنى مۇھاسىرگە ئالالمايتتى. ئەمما ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئاسانلا چەمبەر ئىچىگە ئالالايتتى. بۇ بىر ئامېرىكا ستىراتېگىيىسى بولۇپ، مۇھاسىرىگە ئېلىش ۋە بۇ ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئامبۇر شەكىلدە قورشاۋ ئىچىدە تۇتۇش. نورۋېگىيدە نورس كەپ ( يەر ئىسمى)تىن تۈركىيە ، ئالەئۇتېن ئاراللىرىغىچە ئا ق ش نىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىدىن شەكىللەنگەن بىر چوڭ كەمەر ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇلار پۈتۈنلەي سوۋېت ئىتتىپاقىنى قورشاۋدا تۇتۇش ئۈچۈن ئىدى. 1970 – يىلىدىن كېيىن جوڭگومۇ بىر كەمەر شەكىللەندۈردى. سوۋېت ئىتتىپاقى بىر پورتى بولغان ھەرقانداق جايدا جۇغراپىيۋى يەر شەكلى ۋە ئا ق ش دېڭىز ئارمىيسى تەرىپىدىن قورشالغانلىقىنى كۆردى.
جۇغراپىيەلىك سىياسەتتە جۇغراپىيە ۋە كۈچ ھەققىدە رىقابەت خاراكتېرلىك ئىككى خىل ئاساسىي كۆز قاراش – نەزەرىيە مەۋجۇت. بىرسى بىر ئىنگىلىز ھالفورد جوھن مەكىندەر ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ « كىم ئاسىيانى نوپۇز ئاستىغا ئالالىسا، دۇنيانى نوپۇزى ئاستىغا ئالالايدۇ » دەپ قارايدۇ. يەنى « شەرقىي ياۋروپاغا (روسىيە ياۋروپاسى) ھاكىم بولالىغان كۈچ ئەنقەرەگە ھاكىم بولالايدۇ. ئەنقەرەنى نوپۇزى ئاستىغا ئالغۇچى ياۋرو – ئاسياغا ھاكىم بولىدۇ. ياۋرو – ئاسيانى نوپۇز ئاستىغا ئالغۇچى دۇنياغا ھۆكۈمران بولالايدۇ ». بۇ نەزەرىيە ئىنگىلىز سىتىراتېگىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىرگە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئامېرىكا ستىراتېگىيىسىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرمەكتە. يەنە بىر نەزەرىيە ئەڭ مەشھۇر ئامېرىكا جۇغراپىيلىك سىياسەت مۇتەپەككۇرى دەپ تونۇلغان ئامېرال ئالفرەد سايەر ماھان تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. « تارىختا دېڭىز ئارمىيسىنىڭ رولى » ناملىق كىتابىدا ماھان مەكىندەرگە زىت بىر كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ « دېڭىزلارغا ھاكىم بولغان دۇنياغا ھۆكۈمران بولىدۇ » دەيدۇ.
تارىخ ئوخشاش بولمىغان نوقتىلاردىن بۇ ئىككى كۆز قاراشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا. مەكىندەر كۈچلۈك ۋە بىرلەشكەن روسىيەنىڭ موھىملىقىنى چۈشەندۈرگەندە خاتالاشمىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن ئا ق ش بىردىن بىر دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچكە ئايلاندى. ماھانمۇ ئىككى مۇھىم نوقتىنى بايان قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ئا ق ش دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ كۈچلىنىشىگە سەۋەبچى بولدى. ئا ق ش دېڭىز ئارمىيسىنىڭ دۇنياغا ھاكىم بولۇش يولىدا يېڭى بىر سەھىپە ئاچتى. بۇنىڭغا قوشۇمچە سۇپتىدە ماھان كېمە لازىمەتلىرىنىڭ باشقا ۋاستىلارغا قارىغاندا ئەرزانغا توختايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. مىلاددىن بۇرۇنقى بەشىنجى ئەسىرگە قايتساق، ئافىنالىقلار سىپارتالىقلارغا قارىغاندا باي ئىدى. چۈنكى، ئافىنا بىر پورتقا، بىر دېڭىز ئارمىيگە. يەنى ئۇلارنى قوغدايدىغان بىر كۈچكە ئىگە ئىدى. دېڭىز ئارمىيسى ھەر دائىم دېڭىز بىلەن چىگرالانمىغان قوشنىلارغا قارشى بىر ئارتۇقچىلىققا ئىگە ئىدى. باشقا جەھەتلەردە تەڭلىشىپ قالغاندا، دېڭىز بىلەن چىگرالانغان بىر يەر دېڭىز بىلەن چىگرالانمىغان بىر يەرگە قارىغاندا ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولىدۇ.
ئا ق ش نىڭ دېڭىزلارنى كونترول ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇشى ئا ق ش نىڭ خەلقئارالىق دېڭىز تىجارىتىنىمۇ قول ئاستىدا تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بەلگىلىمىلەرنى ھۆكۈمران دۆلەت قويماقتا ۋە دۇنيا تىجارەت يوللىرىنى بۇ شەكىلدە قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئا ق ش خەلقئارا تىجارەت سىستېمىنى شەكىللەندۈرمەكتە.
ئىككىنچىدىن، دېڭىزلارنى ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتۇش ئا ق ش غا چوڭ سىياسىي ئەۋزەللىك ئېلىپ كەلمەكتە. ئامېرىكىنى مۇھاسىرگە ئالغىلى بولمايدۇ، ئەمما ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرنى مۇھاسىرگە ئالالايدۇ. 1945 – يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە ئا ق ش ھېچ قورقماي ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتەلەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك ئىچىدە بولىشى. باشقا ھەرقانداق بىر دۆلەت ئامېرىكىغا دېڭىزدىن ھۇجۇم قىلالمايدۇ. ئىنگىلىزلار 1982 – يىلدا ئارگىنتىناغا فالكلەند ئارالى سەۋەبىدىن ئۇرۇش ئېلان قىلغان مەزگىلدە، ئا ق ش نىڭ بۇنى توسۇشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈنلا مۇمكىن بولغانىدى. ئىنگىلىزلار، فىرانسىزلار ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەر 1956 – يىلى ئا ق ش نىڭ توسۇشىغا قارىماي مىسىرنى ئىشغال قىلدى، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي چىكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغانىدى.
سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بويىچە ئا ق ش بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇش، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇشقا قارىغاندا ھەردائىم پايدىلىق بولغانىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى قورال – ياراق، سىياسىي ياردەم، بىر ئاز تېخنىكا ۋە باشقا نەرسىلەر ئۈچۈن ساھىبخان بولالىغانىدى. لېكىن، ئامېرىكىلىقلار ئۆزىنىڭ خەلقئارا تىجارەت سىستېمىسى ۋە ئامېرىكا ئىقتىسادىغا سېتىش ھوقۇقى بەرگەنىدى. بۇلار سېلىشتۇرۇلغاندا باشقا ھەممە نەرسە يوق ھېسابتا قالماقتا. سىستېمىنىڭ سىرتىدا بولۇش نامراتلىشىش، ئىچىدە بولۇش باي بولۇش دېمەكتى. مەسىلەن: شىمالىي ۋە جەنۇبىي چاۋشىيەننىڭ، غەربىي ۋە شەرقىي گىرمانىيەنىڭ بىر بىرىدىن پەرقلىق ئەھۋالىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ.